sardar يوللانغان ۋاقتى 2014-10-21 20:12:35

ئۈندىدار دوستلۇق چەمبىرىكىدە رىئايە قىلىشقا تىگىشلىك قائىدىلەر

ئۈندىدار دوستلۇق چەمبىرىكىدە چۇقۇم رىئايە قىلىشقا تىگىشلىك قائىدىلەر:
1.يالغان ياۋىداق ئۇچۇرلارنى تارقاتماسلىق
مەنبەسى ۋە ئىشەنچىلىك ئىكەنلىگى ئېنىق بولمىغان شۇنداقلا قانۇن-تۈزۈملەرگە خىلاپ بولغان ئۇچۇرلارنى تارقاتماسلىق كېرەك .
2.چاكىنا مەزمۇنلارنى تارقاتماسلىق
بەك چاكىنا مەزمۇن ۋە سۈرەتلەرنى تارقاتماسلىق كېرەك . سىز يوللىغان مەزمۇن مەلۇم جەھەتتىن سىزنىڭ ساپارىڭىزنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ ، شۇڭا باشقىلارغا يامان تەسىر قالدۇرماي دېسىڭىز چاكىنا مەزمۇنلارنى دوستلۇق چەمبىرىكىگە يوللىماڭ . مەزمۇن يوللاشتىن بۇرۇن سىز يوللىغان مەزمۇن ئاتا-ئانىڭىز ۋە ئائىلىڭىزدىكىلەرنىڭ كۆرۈشىگە ماس كېلەمدۇ يوق دېگەننى ئويلاڭ . ئەگەر ماس كەلمىسە يوللىمايلا قويۇڭ .
3.باشقىلارنى قارغىماڭ
باشقىلارنى ئۆزىڭىز يوللىغان مەزمۇنلارنى تارقىتشقا زورلىماڭ . مەسىلەن يوللسىڭىز كاتتا ساۋاپ بار ، يوللىمىسڭىز ئېغىر گۇناھ بولىدۇ ۋەھاكازالار . سالون قۇرغۇچىلارمۇ بۇنداق ئۇسۇل ئارقىلىق باشقىلارنى ئۆز سالونىنى قوشۇۋېلىشقا زورلىماسلىقى كېرەك .بۇنداق مەزمۇنلارغا يولۇقسىڭىز قەتئىي باشقىلارغا يوللىماڭ.
4. باشقىلارنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلىماڭ
شۇ شەخىسنىڭ رازىلىقىدىن ئۆتمىگەن شەخسىي مەخپىيەتلىككە تەۋە سۈرەت ۋە مەزمۇنلارنى قالايمىغان يوللىماڭ ، باشقىلارنىڭ ئىززەت ئابرويىغا ھۆرمەت قىلىڭ .
5.ئۇچۇر قىلىۋېتىپ يوللاش
سىز ياقتۇرغان مەزمۇنلارنى دوستلۇق چەمبىرىكىڭىزگە چىقارماقچى بولسىڭىز، ئەسلى يوللىغۇچغا ئۇچۇر بېرىۋىتىپ(چىرايلىق مىمىكا سۈرەتتىن بىرنى يوللىۋەتسىڭىزمۇ بولىدۇ) ئاندىن يوللاڭ .چۈنكى بۇ ئەدەپ جۈملىسىدىندۇر.
6.دوستلار بىلەن ئۇچۇر ئالماشتۇرۇپ تۇرۇڭ
دوستلىرىڭىز يوللىغان مەزمۇنلارنى كۆرۈپلا بولدى قىلماي ئانچە-مۇنچە سۆز قالدۇرۇپ قويۇڭ ياكى دوستلۇق  چەمبىرىكىڭىزگە ھەمبەھرلەنسىڭىزمۇ بولىدۇ . باشقىلار قالدۇرغان ئۇچۇرغا چۇقۇم ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرۇڭ . بولمىسا دوستلىرىڭىز تەرىپىدىن ئۇنتۇلۇپ كېتىشىڭىز مۈمكىن . ئەلبەتتە ئۇچرىغانلا مەزمۇننى يوللاپ باشقىلارنى زىرىكتۈرىۋەتمەڭ .مەنبەسى :ئۈندىدار تورى
7. ئىچ پۇشۇقىڭىزنى يوللىماڭ
شەخسىي تۇرمۇشىڭىزدىكى ئۇششاق چۈششەك ئاۋارىچىلىقلارنى يوللاپ دوستلىرىڭىزنىڭ كەيپىياتىنى بۇزماڭ ھەم ۋاقتىنى ئىسراپ قىلماڭ . شۇنداقلا شەخسىي مەخپىيەتلكىىڭزنىڭ ئاشكارلىنىپ سۆز -چۆچەككە قېلىشتىن ساقلىنالايسىز .  ھەمدە ئۆزىڭىز توقۇۋالغان ئەقىليە سۆزلەرنىمۇ ئازراق يوللاڭ .
8.مەخپىيەتلىك ئاشكارىلىماڭ
خىزمىتىڭىز ۋە ئىگىلىكىڭىز ۋە باشقا مەخپىيەتلىككە تەۋە ئۇچۇلارنى يوللىماڭ . تورلاشقان بۇ دەۋىردە مەخپىيەتلىكنىڭ ئاشكارلىنىپ كېتىش خەۋىپى بار ۋە بۇ سەۋەپتىن ئويلىمىغان ئاۋارچىلىققا يولۇقۇپ قېلىشىڭىز مۈمكىن .
9.ساقلىۋېلىشنى ئۆگۈنىۋېلىڭ
ئېسىل مەزمۇنلار ئۇچرىغاندا ساقلىۋېلىڭ ۋە دائىم ئوقۇپ تۇرۇڭ . ئۈندىدار بولسا ناھايتى ياخشى بولغان ئۆگىنىش سۇپىسى ،ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىڭ . .ئەھمىيەتسىز مەزمۇنلارغا ۋاقتىڭىزنى كۆپ ئىسراپ قىلماڭ .مەنبەسى :ئۈندىدار تورى
10. ئۈندىدارنىڭ تۇرمۇشىڭىزنى گۆرۈگە ئېلىۋېلىشىدىن ساقلىنىڭ
ھەرقانداق ياخشى نەرسىنىڭمۇ چۇقۇم ياخشى يامان ئىككى تەرىپى بولىدۇ . ئۈندىداردىن مۇۋاپىق پايدىلىنىشنى ئۆگۈنىۋالسىڭىز ،ئۇ سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىزغا كۆپ خۇشالللىق ۋە قولايلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ . لېكىن ھەرگىز يانفونغىلا قاراپ ئولتۇرىدىغان ئۈندىدار قۇرۇتى بولۇپ قالماڭ . دىدار غەنىمەت دەپ بىكارغا ئېيتىلمىغان ، دوستلار بىلەن يەنىلا دەرقەمدە تۇرۇپ پاراڭلاشقانغا يەتمەيدۇ.

ئۈندىدار تورىدىن sardar ئۆزلەشتۈرۈپ تەرجىمە قىلغان .

ئۈندىدار تورى تورداشلارغا ئۇيغۇر ئۈندىدار سۇپىلىرنى تۇنۇشتۇرىدۇ شۇنداقلا سەرخىل مەزمۇنلارنى ھوزۇرىڭىزغا سۇنىدۇ . ئۆزىڭىز قۇرغان ياكى ياقتۇرغان ئۈندىدار سالونلىرىنى ئۈندىدار تورى ئارقىلىق تورداشلارغا تەۋسىيە قىلىڭ.

ئۈندىدار تورى : http://www.undidar.com
ئۈندىدار تورى سالونى ئىزدەش نامى : undidar
ئۈندىدار نومۇرى: torlax

atella يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 11:08:36

چەمبىرەككە ئۈچتالدىن ئارتۇق لاۋزا  تېما يوللىغان چەمبەرداشلىرىمنى قارا تېزىملىكككە قوشىۋىتىش ئەڭ ئاقلانە چارە

yawuzbag يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 11:17:07

خۇتەندە قاچانمۇ ئېچىلار بۇ ئۈندىدار.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 12:54:18

ما مىنى قۇشۇۋېلىڭلار ، نۇمۇرۇم 13309979798،،،،پارولنىڭ يۇمۇرلىرىنى جىق يوللايمەن ، قوشقان چاغدا ئىزدىنىش پالانى دەپ ئەسكەرتمە بەرسەڭلار قۇشۇۋالىمەن

Ahlak321 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 13:22:11

ئۇندىدار ھازىرمۇ نورمال ئىشلەمدۇ؟خوتەندە 5-ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ئىشلىمەيدۇ.

begtash يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 14:21:40

خوتەندە يانفۇن ۋەكالەتچى مۇلازىمېتىر(Vpn) ئارقىلىق ئۈندىدار چ چ، ھەتتا Facebook، YouTube لارنى ئاچقىلى بولىدىكەن.
ھازىرچە لازىم بولغاندا چ چ ۋە ئۈندىدارلارنى ئاچتىم بولمىسا قوڭنى قىسىپ ئولتۇردۇم.

UyghurBalisi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 14:28:17

ھەي مۇشۇ نەرسەزە......تۇرمۇشنى ئۆزگەرتىپلىۋەتتى دېسە

sardar يوللانغان ۋاقتى 2014-10-24 21:27:31

ئۈندىدار سالونى قۇرغانلار بولسا ئىككىلىك كود رەسىمىنى چىقىرىپ قويساڭلار ، مەن ئۈندىدار تورىغا يوللاپ تەۋسىيەلەپ قويىمەن.
بەت: [1]
: ئۈندىدار دوستلۇق چەمبىرىكىدە رىئايە قىلىشقا تىگىشلىك قائىدىلەر