karam يوللانغان ۋاقتى 2014-10-21 18:24:14

ئالتۇنغا تېگىشكۈسىز 8 ھېكمەت


1. بىر كۈنى ئىت بۆرىدىن « ئۆيۈڭ بارمۇ؟» دەپ سوراپتۇ. بۆرە «ياق» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. ئىت يەنە، «كۈندە ئۈچ ۋاق تامىقىڭ تەييارمۇ؟» دەپ سوراپتۇ. بۆرە يەنە «ياق» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. ئىت يەنە «ئىگەڭ سېنى ئوينىتىپ، بازار ئايلاندۇرامدۇ؟» دەپ سوراپتىكەن، بۆرە يەنە «ياق» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. ئىت مەنسىتمەسلىك نەزىرى بىلەن قاراپ، «سېنىڭ ھېچنېمەڭ يوق ئىكەن، ھەقىقەتەن ئىقتىدارسىزكەنسەن» دەپتۇ. بۆرە كۈلۈپ كېتىپ، «قارا ئۇكام، مېنىڭ پوق يەيدىغان ئادىتىم يوق. مېنىڭ يېتىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان نىشانىم بار، سەندە يوق ئەركىنلىكىم بار. مەن بىر تەنھا بۆرە، سەن بولساڭ ئۆزەڭنى بەختلىك دەپ ھېس قىلىدىغان بىر ئىت خالاس» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.

2. بىر تامچە سىياھ بىر ئىستاكان سۇغا تېمىپ كەتسە، سۇنىڭ رەڭگى شۇ ھامان ئۆزگىرىپ، ئۇ سۇنى ئىچكىلى بولمايدۇ. شۇ بىر تامچە سىياھ دېڭىزغا تامسا دېڭىزدا قىلچە ئۆزگىرىش بولمايدۇ. نېمىشقا، چۈنكى ئىككىسىنىڭ كۆكسى-قارنى ئوخشىمايدۇ. باشقىلارنى كەچۈرۈش شۇ كىشىنىڭ كۆكسى قارنىنىڭ كەڭلىكىنى، كەمتەرلىك بولسا پەزىلىتىنى بىلدۈرىدۇ. ئىككىسى بىرلىشىپ شۇ كىشىنىڭ ساپاسىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.

3. توخۇ تۇخۇم تۇغىدۇ ھەم چىچىدۇ. لېكىن بىز تۇخۇمىنى يەيمىز. مايىقىنى يېمەيمىز. ئادەممۇ شۇ. ھەرقانداق بىر ئىقتىدارلىق ئادەمنىڭمۇ ئارتۇقچىلىقى ۋە كەمچىلىكى بولىدۇ. مەسىلەن ئۇ كارخانا باشقۇرۇش جەھەتتە ئالاھىدە ئىقتىدارى بولسىمۇ لېكىن بەزىدە تۇتامى يوق گەپ قىلىپ قويۇشى مۇمكىن. ئۇنداقتا بىز ئۇنىڭ كارخانىسىنىڭ پاي چېكىنى سېتىۋېلىپ پۇل تېپىپ، تاققا-تۇققا پاراڭلىرى بىلەن كارىمىز بولمىسا بولىدۇ. لېكىن نۇرغۇن ئادەم ئۇنداق قىلالمايدۇ.

4. ئۇستازى سوراپتۇ: ئەگەر سىلەر سۇ قاينىتىۋېتىپ، قايناشقا ئاز قالغاندا ئوتۇن تۈگەپ كەتسە قانداق قىلىسىلەر؟

شاگىرتلارنىڭ بەزىلىرى «ئوتۇن تېپىپ كېلىمىز» دېسە، بەزىلىرى ئارىيەت ئالىمىز، يەنە بەزىلىرى «سېتىۋالىمىز» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. ئۇستازى «نېمىشقا سۇدىن ئازراق تۆكىۋەتمەيسىلەر» دەپ قايتۇرۇپ سوراپتۇ.

ھاياتلىقتا ھەممە ئىش ئوڭۇشلۇق بولۇۋەرمەيدۇ. بەزى نەرسىلەردىن ۋاز كەچكەندىلا ئاندىن يەنە بەزى نەرسىلەرگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

5. خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، كىشىلىك تۇرمۇشتا ھەر بىر ئادەمگە 25 يېشىدىن باشلاپ 75 يېشىغىچە، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر يەتتە يىلدا ياشاش يۆنىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان يەتتە  قېتىملىق پۇرسەت كېلىدىكەن.  يەنى 50 يىل ئىچىدە كېلىدىغان بۇ پۇرسەتلەرنىڭ بىرىنچى قېتىملىقىنى ياشلىق قىلىپ ئۆتكۈزۈپ قويىدىكەن. ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىقىنىمۇ ياشىنىپ قالغانلىقى تۈپەيلىدىن تۇتالمايدىكەن. قالغان بەش قېتىملىق پۇرسەتنىڭ ئىككى قېتىملىقىنى دىققەت قىلماي ئۆتكۈزۈپ قويىدىكەن. شۇنداق قىلىپ تۇتقىلى بولىدىغاندىن پەقەت ئۈچ قېتىملىق پۇرسەت قالىدىكەن.

6. بىر مويسىپىت كىشى بالىسىغا «مۇشتۇمۇڭنى چىڭ تۈگۈپ باق، قانداق بولىدىكەن؟» دەپتۇ. بالا چىڭ تۈگۈپ «ھېرىپ كېتىدىكەن» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. مويسىپىت يەنە «تېخىمۇ چىڭ تۈگۈپ باق» دەپتۇ، بالا سىناپ بېقىپ «تېخىمۇ ھېرىپ كېتىدىكەنمەن» دەپتۇ.  مويسىپىت «ئۇنداق بولسا قويۇۋەت» دەپتۇ، بالا قويۇۋېتىپ «قولۇم ئەمدى يېنىكلەپ قالدى» دەپتۇ. مويسىپىت «تۇرمۇشتا ھارغىنلىق ھېس قىلغان ۋاقتىڭدا، قانچە چىڭ تۇرۇۋالساڭ شۇنچە ھېرىپ كېتىسەن. شۇنداق ۋاقتىڭدا قويۇۋەتكۈدەك نەرسىلەرنى قويۇۋەت، يېنىكلەپ قالىسەن» دەپتۇ.

ئاددىي قائىدە—قولنى قويۇۋەتسەك يېنىكلەپ قالىمىز.

7. ئەگەر دىققەت قىلماي مەلۇم بىر جايدا 100 يۈەن پۇلنى يىتتۈرۈپ قويسىڭىز، 200 يۈەن پۇلغا تاكسىغا ئولتۇرۇپ، پۇلنى ئىزدىگىلى بارامسىز؟ بۇ قاملاشمىغان بىر سوئال، شۇنداقمۇ؟ لېكىن مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلار بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدا توختىماي يۈز بېرىدۇ. بىرەرى تىللاپ قويسا، خېلى ئۇزاق ۋاقىت بىئارام بولىمىز. بىرەر ئەرزىمەس ئىش ئۈچۈن ئاچچىقلىنىپ، بىر مۇنچە ئاۋارىچىلىككە ئۇچرايمىز. ياخشى كۆرىدىغان ئادىمىمىزنى يوقىتىپ قويساق، ئورنىغا كەلتۈرگىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، ناھايىتى ئۇزاق  ۋاقىت ئازابلىنىمىز.

8. شاگىرت ئۇستازىدىن سوراپتۇ: «ئىنسانلارنىڭ غەلىتە ئىشلىرى توغرىلىق سۆزلەپ بېرەمسىز؟». ئۇستاز دەپتۇ: «ئۇلار چوڭ بولۇشقا ئالدىرايدۇ يۇ، چوڭ بولۇپ، ئارقىدىن بالىلىق ۋاقتىنى يوقىتىپ قويغانلىقىدىن ھەسرەتلىنىدۇ. ساغلاملىقىنىڭ بەدىلىگە پۇل تاپىدۇ يۇ، ئۇزۇن ئۆتمەي پۇل خەجلەپ ساغلاملىقىنى سېتىۋالماقچى بولىدۇ. ئۇلار كەلگۈسىدىن ئەندىشە قىلىدۇ يۇ، كۆز ئالدىدىكى بەختنى ھېس قىلمايدۇ. شۇڭلاشقا ئۇلار يا بۈگۈندە ياشىمايدۇ، يا كەلگۈسىدە ياشىمايدۇ. ئۇلار خۇددى مەڭگۈ ئۆلمەيدىغاندەك ياشايدۇ، لېكىن ئۆلىدىغان ۋاقىتتا خۇددى ئەزەلدىن ياشاپ باقمىغاندەك ھېس قىلىدۇ».

elipbe يوللانغان ۋاقتى 2014-10-21 20:25:33

كۆچۈرۈپ چاپلىغان قوللىرىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن، يانپىچىڭىزغا پەرت ......

ErkinQush يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 11:42:42

ساقلىۋالدىم  رەھمەت :lol

mihin يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 16:16:44

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mihin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-22 16:21  

راستننى دىسەم  ئالتۇنغا تىگۈشكىسىز دىسە كۈلگۈم كىلىپ  قالدۇ ، ھەممىزگە ئىقتىساد كۈچنى كۆرسىتىۋاتقان جەمىيتىمىزدە , بۇ گەپنى ئالماشتۇرۇپ ئەگەر كۆپ ئادەملەردىن سەندە سەككىز ھىېكىمەت باركەن ئالتۇن  بىرەي دىسە
ئاشۇ ھىكمەتنى قانچىلىك ئادەمنىڭ ساقلاپ قالدىغانلىقى كۆڭلىمىزگە  ئايان .  

قانچە گىرام ئالتۇنغا تىگەشكۇسىز گەپ  ئۇمۇ ئېنىق ئەمەسكەن تىخى:P     

tamqi1 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-21 06:44:59

ناھايىتى بەلەن ھېكمەتلەركەن بو  ساقلىۋىلىشقا ئەرزىيدىكەن.  رەھمەت سىزگە
بەت: [1]
: ئالتۇنغا تېگىشكۈسىز 8 ھېكمەت