karam يوللانغان ۋاقتى 2014-10-21 18:10:02

تور دۇنياسىدىكى 10 كىلاسسىك ئۇرۇش


TOP10  بەيدۇ دەسلەپتە ئادەمنى قانداق يىغقان؟

بەيدۇ ئۆز ۋاقتىدا بازارنى ئىزدەش ئىقتىدارى ئارقىلىق ئىگىلىگەنمۇ، ئىزدەش ئىقتىدارى ھەقىقەتەن گۇگىلدىن ياخشىمىدى؟ ياق. ئۇ ۋاقىتتا بەيدۇنىڭ MP3 ئىزدەش  ئىقتىدارى بار ئىدى. ئىشلەمچى بالىلار ھەرگىز مەن بەيدۇنىڭ ئىزدەش موتورى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئىزدەش موتور تېخنىكىسىدىن پايدىلاندىم دېمەي بەلكى ناخشىنى ھەقسىز ئاڭلىغىلى ۋە چۈشۈرگىلى بولىدىغان  بىر تور بېكەت بار ئىكەن، سەنمۇ سىناپ باق دېيىشەتتى. مۇشۇنداق بىر ئاددىي سەۋەب بارغانسېرى كۆپ بەيدۇ ئىشلەتكۈچىلىرىگە تەسىر كۆرسىتىپ، بۈگۈنكى بەيدۇنى بارلىققا كەلتۈردى.

QQ TOP9 قانداق قىلىپ ھەقسىز مۇلازىمەتتىن پۇل تاپالىدى؟

ھازىر جۇڭگولۇقلارنىڭ ئاساسەن QQ نومۇرى بار، بەزىلىرىنىڭ ھەتتا بىر قانچىسى بار.  كۆپ قىسىم كىشىلەر QQ دىن پايدىلىنىپ ھەقسىز پاراڭلىشىدۇ. لېكىن QQ نىڭ كۆك ياقۇت، يېشىل ياقۇت، ئويۇن ئويناش قاتارلىق كۆپ خىل قوشۇلما مۇلازىمىتى بار. ئىشلەتكۈچىلەرگە نىسبەتەن ئويۇن ئويناش QQ نىڭ ئاساسى مۇلازىمىتى بولۇپ ھەقسىز ئوينايدۇ. لېكىن پۇخادىن چىققۇچە ئويناش، ياكى باشقىلاردىن ئېشىپ كېتىش ئۈچۈن QQ جابدۇقلىرىنى سېتىۋېلىشى كېرەك.

TOP8 شىياۋمى قانداق قىلىپ ئەنئەنىۋى يان تېلېفون شىركەتلىرىنى مەغلۇپ قىلالىدى؟

شىياۋمى قانداق قىلىپ ئەنئەنىۋى يان تېلېفون شىركەتلىرىگە بۇنچە ئېغىر زەربە بېرەلىدى؟ ئەمەلىيەتتە شىياۋمىنىڭ ئەندىزىسى ئىنتايىن ئاددىي بولۇپ، ھەقسىز ئالاقە تور قاتتىق دېتال ئۇقۇمىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغان. شىياۋمىنىڭ تېلېفونلىرى ناھايىتى ئەرزان بولۇپ، بۇلار قاتتىق دېتال سودىسىنى مۇستەقىل بىر سودا دەپ قارىمىغان. ئىشلەتكۈچىلەر تېلېفوندا كىنو كۆرىدۇ، ئويۇن ئوينايدۇ. كىنودىن ئېلان كىرىمى كىرىدۇ، ئويۇن ئوينىغانلار ھەق تۆلەيدۇ. شۇڭلاشقا شىياۋمى تېلېفونىنىڭ پەيدا بولۇشى بىلەن، قاتتىق دېتال سېتىپ پۇل تاپىدىغان تىجارەت ئەندىزىسى قاتتىق زەربە يېدى.

TOP7  ئۈندىدار قانداق قىلىپ ئەنئەنىۋى شىركەتلەرنى مەغلۇپ قىلالىدى؟  

ئۈندىدار گەرچە ھەقسىز بولسىمۇ، لېكىن تېڭشۈن ئىنتايىن كۆپ مەبلەغ سالدى. چۈنكى ئۈندىدار تېڭشۈن ئۈچۈن نەچچە يۈز مىليون ئابونېنت يىغىپ بېرەلەيدۇ. مۇشۇنداق بىر غايەت زور ئىشلەتكۈچىلەر توپى بولغاچقا، تېڭشۈن ئۈندىدارغا O2O ياكى ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمىتى قېتىپ پۇل تاپالايدۇ.  توردا بىر ئويۇن (游戏) چىقىرىپلا، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى «ئايروپىلان سوقتۇرۇپ» پۇل تاپالايدۇ. شۇڭلاشقا تېڭشۈن كەلگۈسىدە ئۈندىدار ئابونېنتلىرىدىن يىلدا نەچچە 10 مىليارد يۈەن پۇل تاپالايدىغان بولۇپ، بۇ خەۋەرلىشىشكە تايىنىپ پۇل تېپىشتىن كۆپ ئاسانغا توختايدۇ.

TOP6 360  قوغدىغۇچىسى قانداق قىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازاندى؟

2006-يىلى 360 يېڭى پەيدا بولغاندا سودا قىلىش مۇددىئاسى يوق ئىدى. ئۇ دەۋردە ۋاڭيى (网易) دىن باشقا ئالاقە تور شىركەتلىرى يۇمشاق دېتاللىرىنى قىستۇرۇپ، ئابونېنتلارنىڭ كومپيۇتېرىغا مەجبۇرى قاچىلاپ، ئېقىم مىقدارىنى ئوغرىلايتتى ياكى قالايمىقان ئېلان چىقىراتتى. ئىشلەتكۈچىلەر بۇ خىل قىستۇرما دېتاللارنى «لۈكچەك دېتال» دەپ ئاتايتتى. 360 ھەر بىر كومپيۇتېر ئىشلەتكۈچىنى ھەقسىز قورال بىلەن تەمىنلەپ، «لۈكچەك دېتاللار» نى ئۇجۇقتۇردى. 360 نىڭ «يادىدا يوقلا» ئۇتۇق قازىنىپ قېلىشىنى ھازىرقى نۇقتىدا تۇرۇپ تەھلىل قىلغاندا، ئاساسلىق سەۋەب ئۆز ۋاقتىدا جۇڭگو ئالاقە تور ئىشلەتكۈچىلىرى «لۈكچەك دېتاللار» نىڭ ئېغىر زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان بولۇپ، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىدىغان ئادەم چىقمىغان ئىدى.

TOP5   تاۋباۋنىڭ ebay نى مەغلۇپ قىلىشى

ما يۈن ئېلېكتىرونلۇق سودىنى باشلاپ، تاۋباۋ (淘宝) دا ھەقسىز دۇكان ئېچىشنى يولغا قويغاندا، رىقابەتچىسى eBay دا دۇكان ئېچىش ھەقلىق ئىدى.eBay  ھەقلىق بولغاچقا، ئالغۇچى ۋە ساتقۇچىنىڭ بىرلىشىۋېلىشىدىن ئەندىشە قىلىپ، ساتقۇچىنىڭ تېلېفون نومۇرى ۋە خەت ساندۇق ئادرېسىنى ئاشكارىلاشقا يول قويمىغان. جۇڭگولۇقلار مال سېتىۋالغاندا ئۆز-ئارا بىۋاسىتە ئالاقىلاشمىسا بىخەتەر ھېس قىلمايدۇ، تاۋباۋدا  بىۋاسىتە ئالاقىلاشقىلى بولىدۇ ھەمدە سودا قىلسا ھەق تۆلىمەيدۇ. تاۋباۋ يەنە تاۋباۋ ۋاڭ ۋاڭ (淘宝旺旺) دەك پاراڭلىشىش قورالىدىن پايدىلىنىپ سودا قىلغۇچىلارنى تېپىشتۇرۇپ قويىدىغان مۇلازىمەتنى يولغا قويدى.

تاۋباۋ قولايلىق ھېسابات قىلىش ئۇسۇلىنى يولغا قويۇپ، ئۆز-ئارا ئىشەنچ مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. ئالىپاي سېتىۋالغۇچىلار مالنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن پۇل تاپشۇرۇشنى ئۇقتۇرىدىغان ئۇسۇلنى يولغا قويۇپ، تاۋباۋنىڭ سودىسىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاخىرى ebay نى مەغلۇپ قىلدى.

TOP4    شەخسىي كومپيۇتېر IBM نى قانداق مەغلۇپ قىلدى؟

شەخسىي كومپيۇتېر1975 -يىلى پەيدا بولغاندا ھېسابلاش ئىقتىدارى ئىنتايىن ئاجىز ھەتتا سىرتقى قېپىمۇ يوق بولۇپ، شۇ ۋاقىتتىكى بىر نەچچە چوڭ تىپلىق كومپيۇتېر ئىشلەش شىركىتى «شەخسىي كومپيۇتېر دېگەن بۇ نەرسە ئومۇملىشالمايدۇ» دەپ ھۆكۈم قىلغان. لېكىن شەخسىي كومپيۇتېر بازارغا چىقىپلا ئىستېمالچىلاردا چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى، چۈنكى پەقەت 1000 دوللار خەجلەپ قويسىلا ئۆيىدە ئۆزىنىڭ كومپيۇتېرى بولۇپ، قانداق قىلغۇسى كەلسە شۇنداق قىلالايتتى. ھەر قانداق بىر مەھسۇلاتنىڭ پەقەت بىرەر ئىقتىدارى ئىستېمالچىلارنىڭ كۆڭلىگە يېقىپ قالسىلا بازار تېپىپ كېتەلەيدۇ ھەمدە مەھسۇلاتنى توختىماي ياخشىلاش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدۇ. شەخسىي كومپيۇتېر دەل مۇشۇ نۇقتىنى چىڭ تۇتۇپ IBM نى مەغلۇپ قىلالىدى.

TOP3 ئامازون خېرىدارلاردا ياخشى تەسىرات قالدۇرۇش ئارقىلىق غەلىبە قىلدى.

1994-يىلى ئامازون توردا كىتاب سېتىشنى باشلىغاندا ئالاقە تورىنىڭ تېخنىكا ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ ھەر خىل يېڭىلىق يارىتىپ، خېرىدارلاردا ياخشى تەسىرات پەيدا قىلدى. مەسىلەن ئوقۇرمەنلەرنى كىتابقا باھا يېزىشقا ئۈندەش ياكى سېتىۋالغان كىتابىغا ئاساسەن، باشقا مۇناسىۋەتلىك مەھسۇلاتلارنى تونۇشتۇرۇش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى يولغا قويدى. بۇ يېڭىلىقلار باشقىلار تەرىپىدىن تېز سۈرئەتتە تەقلىد قىلىنغاندىن كېيىن، ئامازون ئەشيا ئوبوروت ساھەسىگە غايەت زور مەبلەغ سېلىپ، مال يەتكۈزۈش سۈرئىتىنى تېزلەشتۈردى. خېرىدارلار مېلىنى تېز تاپشۇرۇۋېلىپلا قالماي، زاكاز قىلغان مېلىنىڭ ئەھۋالىنى ھەر ۋاقىت توردا تەكشۈرۈپ تۇرالايدىغان بولدى. ئامازوننىڭ خېرىدارلار تەسىراتى جەھەتتە ياراتقان يېڭىلىقلىرى ئىزچىل تەقلىد قىلىنىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ھېچكىم بۇ جەھەتتە ئامازوندىن ئېشىپ كېتەلمىدى.

TOP2  ھەقسىز مۇلازىمەت ئارقىلىق 360 باشقا ۋىرۇس تازىلاش يۇمشاق دېتال شىركەتلىرىنى قانداق مەغلۇپ قىلدى؟

360 نىڭ ھەقسىزگە بولغان تونۇشى بەكلا ئاددىي، يەنى ھەممە ئادەم ئېھتىياجلىق بولسىلا ھەقسىز بولۇشى كېرەك. شۇڭا ھەقسىز  ئارقىلىق «لۈكچەك دېتال» لارنى يوقىتىپ، ياغاچ ئات خاككىرلىرىنى (木马黑客) يەر ئاستىغا تىقىۋەتتى. 360 ۋىرۇس تازىلاش يۇمشاق دېتالىنى ھەقىقىي تۈردە ئۆمۈرۋايەت ھەقسىز قىلالىدى. 3 ئاي ۋاقىت ئىچىدىلا 360 نىڭ ئىشلەتكۈچىلىرى 100 مىليوندىن ئېشىپ، ئەمەلىيەت ئىستېمالچىلار ئېھتىياجىنىڭ نەقەدەر كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. 360 نىڭ ھەقسىز سودا ئەندىزىسى رۈيشىڭ (瑞星)، جىنشەن (金山) قاتارلىقلارنىڭ ھەقلىق سودا ئەندىزىسىنى مەغلۇپ قىلدى.

TOP1  جوبىس 2-قېتىملىق ئىگىلىك تىكلەشتە ipod ئارقىلىق قانداق ئۇتۇق قازاندى؟

جوبىس ئىككىنچى قېتىملىق ئىگىلىك تىكلىگەندە، ئىشنى كىشىلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئېھتىياجىدىن باشلىغان بولۇپ، مانا مۇشۇ نۇقتا ئۇنىڭ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيىتىنىڭ ئاساسى. بەزىلەر جوبىسنى ئېھتىياج پەيدا قىلىشقا ماھىر دەيدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ بىر قۇرۇق گەپ بولۇپ، مۇزىكا ئاڭلاشقا بولغان ئېھتىياج ئىنسانلار تۇغۇلۇشىدىنلا بار، جوبىسنىڭ قىلغىنى پەقەتلا ipod ئارقىلىق مۇزىكا ئاڭلاشتىن ئېرىشكەن تۇيغۇنى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكۈزۈپ، كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇردى. ipod نىڭ مودا بولۇپ كېتىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب، ئۇنىڭ لايىھەلىنىشى ئىنتايىن نەپىس، يەنە بىرى ipod قا 10000 ناخشا ساقلىغىلى بولىدىغان توشىبا (东芝) نىڭ كىچىك قاتتىق دىسكىسى ئورنىتىلغان بولۇپ، ipod تىن باشلاپ يارىتىلغان ھەربىر كىچىك يېڭىلىق داۋاملىق ئۆزگەرتىلىپ، «ئۇلۇغ» بىر مەھسۇلاتنى روياپقا چىقاردى.
مەنبە:ئەرقال تاراتقۇسى.

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-21 19:48:29

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   talmas1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-21 19:50  

جۇڭگۇنىڭ تۇر دۇنياسىدا 360 ھەقىقەتەن بىر ئىنقىلاپ قىلغان،دەسلەپ چىققان ۋاقتلاردا ،ئۇ ھەقىقەتەن ئابۇتلارنىڭ مەتپەتىنى قۇغدايدىغان.يېقىنقى تۇڭشۈن بىلەن بولغان جەڭلەردە 360 مەيلى ئىناۋات ،ياكى ئىقسادى جەھەتلەردە بولسۇن خېلى ئېغىر زەربىلەرگە ئۈچرىدى.ھازىر بەيدۇ ،تۇڭشۈن ھەم چوڭ كىچىك ياساۋۇل ،مەشقاۋۇللار بىرلىشىىپ360 تىن ئىبارەت ،جۇڭگۇدىكى تور زومىگەرلىرىنىڭ كۈزىگە قادالغان بۇ مىغنى يۇلۋىتىشقا قاتتىق ئۇرۇنۋاتىدۇ،بەيدۇنىڭ ۋىرۇسخۇرى ،ھەم قاراۋۇلى نىمە سەۋەپتىن چىقىپ قالدى؟!رەقىپلىرىنىڭ نامۇۋاپىق رىقابەت ۋاستىسى ئارقىسىدا ،ھازىر 360 جان ساقلاپ قىلىشنىڭ كۇيىغا چۈشۈپ قالغاندەك.

ئەخلەت تازلايدىغان يۇمشاق دىتال بولسا بىرەرنى تەۋسىيە قىلىڭلار!

boran120 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-21 20:14:31

    بۇ ماقالە سەل بىر تەرەپلىمە چىقىپ قالغاندەك ھىس قىلدىم. باشقىنى قويۇپ بەيدۇنى دىسەم بۇرۇن قانداق بولسۇن ئۇنىڭ ئاخىرقى مەنزىلى يەنىلا ئىزدەش بولدى. ئەگەر ھازىرمۇ گوگول قاتارلىق ئىزدەش تورلىرىنى نورمال ئىشلەتكىلى بولسا بەيدۇغا نۆۋەت كىلەرمۇ؟ 360 قوغدۇغىچىسى ھەقىقەتەن ھەقسىز، شۇنداقتىمۇ توردىن بىر نەرسە چۈشۈرسە ئەگىشىپ چۈشىۋىلىش ، كومپىيوتېردىن ئۆچۈرۈش قىيىن بولۇش ، ئۆزىنىڭ بەزى قىستۇرمىلىرىنى مەجبۇرى قاچىلاتقۇزۇش، باشقا چۈشۈرگەنلەرنى ۋىروس دەپ قاچىلاتقۇزماسلىقتەك ئىشلار كۆپ بولغاچ ئىشلەتمىگەن .ئەمدى تاغدا يولۋاس يوق بولسا مايمۇن پادىشا دىگەندەك گەپلەر بولۇنسا

alpbeg يوللانغان ۋاقتى 2014-10-21 20:20:51

talmas1 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-21 19:48 static/image/common/back.gif
جۇڭگۇنىڭ تۇر دۇنياسىدا 360 ھەقىقەتەن بىر ئىنقىلاپ قىلغا ...

ئەخلەت تازىلايدىغان ھەقسىز يۇمشاق دېتال يەنىلا ۋىندوۋس مەشغۇلات سىستېمىسىدىكى Windows Defender دۇر. مەن ئىزچىل مۇشۇنى ئىشلىتىمەن. ئۇنداق ياساۋۇل يەنە بىرنېمە قاۋۇل دېگەندەكلەرنى ئىشلەتمەيمەن.
  كومپيۇتېرنى تېخىمۇ ئۇزاق ئىشلەتمەكچى بولغانلار  ۋىندوۋسنىڭ ياماقلىرىنى ۋاقتى-ۋاقتىدا يامىغاچ، Windows Defender نىڭ ۋىرۇس ئامبىرىنىمۇ ۋاقتى ۋاقتىدا يېڭىلاپ تۇرۇشقا ئادەتلىنىڭ. ناۋادا سىستېمىڭىزدا ھەقىقەتەن ۋىرۇسلار ئەجەپ كەتكەن بولسا ئاۋۇل بىرنېمە قاراۋۇللارنى قاچىلاپ، ۋىرۇسلارنى بىر تەرەپ قىلىۋېتىپ، ۋىندوۋسنىڭكىنىلا ئىشلىتىۋېرىڭ.

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-21 20:35:56

4-5 يىلدىن بىرى 360 ئىزچىل ئىشلىتىپ كىلۋاتقان ،يېقىنقى بۇيانقى 360 بەزى مەجبۇرلاش خارەكتىرلىك ھەركەتلىرى مىنى قاتتىقلا نارازى قىلىپ قۇيدى . شۇڭا تەلتۈكۈس ۋاز كەچىكىلى بىر ئايدەك بولدى . مىكروسوۋىتنىڭ Microsoft Security Essentials ئىشلىتىۋاتىمەن.Windows Defenderنىڭ ئەخلەت تازلاش ئىقتىدارى بارلىقىنى بىلمەيدىكەنمەن. Microsoft Security Essentialsقاچىلغاندىن كىيىن بۇ ئېچىلمايدىكەن.كومپىيۇتىرنى  كۈندە سىجىل ئېغىر ئىشلەرتكەچكىمۇ بىرەر ھەپتىدىلا بىرلا بىرەر گ ب غا يېقىن ئەخلەت يېغىلۋالىدۇ.قۇلدا تازلاپ سەل ھىرىپ قالدىم.

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-10-21 21:45:56

ئۇيغۇر تور دۇنياسىدىكى 10 چوڭ كىلاسسك ئۇرۇشچۇ؟:lol

aplapsaplap يوللانغان ۋاقتى 2014-10-21 21:51:03

شىاۋمى غا قىلىنغان ئانالىيز ماس كەممىگەندەكلا بىلىندى ماڭا

karam يوللانغان ۋاقتى 2014-10-21 21:57:04

dadash يوللىغان ۋاقتى  2014-10-21 21:45 static/image/common/back.gif
ئۇيغۇر تور دۇنياسىدىكى 10 چوڭ كىلاسسك ئۇرۇشچۇ؟

سىز بىلەمسىز ؟

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-10-21 22:04:16

ھېلىقى رۈيشىڭ دىگەن بىر نىمىنى ياسىغان گۇينى تېپىۋالىدىغان بولسام  پۈتۈن بەدەنلىرىنى تىلىپ لازا سۈيىدە قايناتمىسام:@

yulghun1 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-21 22:08:57

dadash يوللىغان ۋاقتى  2014-10-21 21:45 static/image/common/back.gif
ئۇيغۇر تور دۇنياسىدىكى 10 چوڭ كىلاسسك ئۇرۇشچۇ؟

مېنىڭچە بىرىنجىسى « ئۇيغۇرمۇ ياكى مۇسۇلمانمۇ؟» مىكىن. قالغانلىرىنى بىلمىدىم.

karam يوللانغان ۋاقتى 2014-10-21 22:10:36

kakkur يوللىغان ۋاقتى  2014-10-21 22:04 static/image/common/back.gif
ھېلىقى رۈيشىڭ دىگەن بىر نىمىنى ياسىغان گۇينى تېپىۋالى ...

لازا سۈيىگە چىلاپ قايناتقۇدەك نېمە ئىش بولدى ؟{:92:}

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-10-21 22:16:02

karam يوللىغان ۋاقتى  2014-10-21 22:10 static/image/common/back.gif
لازا سۈيىگە چىلاپ قايناتقۇدەك نېمە ئىش بولدى ؟

كومپىيوتېرلىرىغا بىر قاچىلاپ باقسىلا ئۇقىلا

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2014-10-21 22:45:26

ھۆكۈمەت سىرتقى تورنى چەكلەپ بەرمىسە بەيدۇ، 360 ۋە تېڭشۈننىڭ بۇنچىلا بولۇپ كېتىشى ناتايىن.

UyghurWeb يوللانغان ۋاقتى 2014-10-21 22:50:29

جوڭگودا تېخى ۋىرۇسخور بارلىققا كەلگىنى يوق،  13 يىلدىن بىرى نورتون بىلەن كاسپرىسكىي نى ئىشلىتىپ كىلىۋاتىمەن. كومپيۇتېرىم ۋىرۇس سەۋەبىدىن پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالغان ۋاقىت ئاساسەن بولمىدى. 360، جىنشەن، بەيدۇ قاتارلىقلار كومپيۇتېرغا نىسبەتەن بىر يۈك. ئۇلار ئارقىلىق كومپيۇتېرنى ئۇندا قىيناپ كەتمەڭلا.

MSM يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 05:39:39

UyghurWeb يوللىغان ۋاقتى  2014-10-21 22:50 static/image/common/back.gif
جوڭگودا تېخى ۋىرۇسخور بارلىققا كەلگىنى يوق،  13 يىلدىن  ...

سىز دېگەن ۋىروسخورلار ھەقسىزما؟

EVIR يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 09:19:12

yolyar يوللىغان ۋاقتى  2014-10-21 22:45 static/image/common/back.gif
ھۆكۈمەت سىرتقى تورنى چەكلەپ بەرمىسە بەيدۇ، 360 ۋە تېڭشۈ ...

دۇرۇس.....
گەپنىڭ پوسكاللىسى مۇشۇ يەردە......

foormat يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 10:30:36

بىر قارىساملا جوۋخۇڭۋېي يازغان ماقالىكەن ، 360نى بەك ماختىۋېتىپتۇ {:92:}

foormat يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 10:37:21

شىياۋمىنىڭ 800 يۈەنلىك خوڭمىي تېلفۇنىدىن بىرنى ساتسا 24 يۈەن پايدا قالىدىكەنمىش ، ئەمما ئۆتكەن يىلى 15 مىليۇن تال سېتىلغان بولۇپ مۇشۇنىڭدىنلا 300 مىليۇندىن كۆپ پايدا چىقتى دىگەن گەپ . ئادەتتە باشقا يانفۇن شىركەتلىرى بىر تېلفۇندىن 200-200 يۈەنگىچە پايدا ئالىدۇ ، ئۇيغۇرچە ماركىدىكى تېلفۇنلارغا ساتقان باھانىڭ يېرىمى ساپ پايدا قالىدۇ
بەت: [1]
: تور دۇنياسىدىكى 10 كىلاسسىك ئۇرۇش