karam يوللانغان ۋاقتى 2014-10-21 18:03:33

شىنجاڭدىكى چىگىتلىك پاختىنىڭ ھەر كىلوگرامى 6 يۈەندىن ئاشتى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   karam تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-21 18:05  

10-ئاينىڭ ئوتتۇرىدا، پاختا سېتىۋېلىش تەدرىجىي يۇقىرى پەللىگە چىققان بولۇپ، شىنجاڭدىكى پاختىچىلىق كارخانىلىرىنىڭ كۆپىيىشى، پاختا بازىرىنىڭ تەدرىجىي ئەسلىگە كېلىشى سەۋەبلىك، ھەر كىلوگرام پاختا باھاسى 9-ئاينىڭ ئاخىرىدىكى 5 يۈەندىن ئۆسۈپ 6 يۈەندىن ئېشىپ كەتتى.

10-ئاينىڭ 18-كۈنى مۇخبىرنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى كۆپلىگەن جايلاردىكى دېھقانلارنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى چىگىتلىك پاختىنىڭ ھەر كىلوگرامى 6.4 يۈەن، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى چىگىتلىك پاختىنىڭ ھەر كىلوگرامى 6.2 يۈەن، كورلىدىكى چىگىتلىك پاختىنىڭ ھەر كىلوگرامى 6.4 يۈەن بولغان بولۇپ، 10-ئاينىڭ 9-كۈنىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا ھەر كىلوگرامىنىڭ باھاسى 0.4 يۈەندىن 0.6 يۈەنگىچە ئۆسكەن. شىمالىي شىنجاڭدا، بورتالا ئوبلاستى جىڭخې ناھىيەسىدىكى دېھقان لى يۇڭخېنىڭ ئېيتىشىچە، 9-ئاينىڭ ئاخىرىدا پاختا باھاسى ئىزچىل چۈشۈپ ھەر كىلوگرامى 5 يۈەن ئەتراپىدا بولغان. كېيىن داۋاملىق ئۆسۈپ، ھازىر ھەر كىلوگرامى 6.2 يۈەن ئەتراپىدا بولغان.
مەنبە:ئەرقال تاراتقۇسى

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-21 19:15:53

10-ئاينىڭ 19-كۈنى ئاۋات ناھىيەسىدە بىرقىسىم زاۋۇتلاردا ئۇزۇن تالالىق پاختىنى 9.4يۇەن ، قىسقا تالالىق پاختىنى 7.1 يۈەندىن ئالغانمىش .....

بۇ بەلكىم بۇ يىلقى ئەڭ يۇقىرى يۇقىرى رىكورت بۇلۇپ قېلىشى مۇمكىنكەن ،،،،

مەنبە :
http://bbs.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=59961&page=7#lastpost

Dihkanbay يوللانغان ۋاقتى 2014-10-21 22:25:14

پېقىرنىڭ يۇرتىدىمۇ بىر ئاز ئۆستى……

imirghazi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-21 22:33:14

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   imirghazi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-21 22:39  

http://www.iqiyi.com/common/flashplayer/20141016/SharePlayer_4_1_8_1_c3_2_1_6_ad222.swf?vid=2d2acb706a7d64f868addbddcff0c8bb&pageURL=v_19rrn52wdw.swf&albumId=320472600&tvId=320472600&isPurchase=0&cnId=24&share_sTime=0&share_eTime=173&source=

imirghazi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-21 22:42:36

17-چىسلا ئېلان قىلغان خەۋەركەنتۇق

atella يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 11:16:50

Dihkanbay يوللىغان ۋاقتى  2014-10-21 22:25 static/image/common/back.gif
پېقىرنىڭ يۇرتىدىمۇ بىر ئاز ئۆستى……

نەچچە ئاقچدىن ساتتىلا ئاغا...

Ahlak321 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 11:48:47

CCTV2دە بىرىلگەن خەۋەردە دىيىلىشىچە  پاختىنىڭ باھاسى 8.8يۈەندىن تۈۋەن بولسا مەركەزنىڭ تۇلۇقلىمىسىغا ئىرىشىدۇ ،8.8يۈەندىن يۇقىرى بولسا مەركەزنىڭ تۇلۇقلىمىسى يوق ،،،،،  مەن مۇشۇنداقراق چۈشەندىم  

turan83 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 13:36:14

ھازىر پاختا تەرگۈچى ئىشچىلار ھەر كىلوسىنى 2.5دىن ترىۋاتىدۇ، سوغاق چۈشسە 3كويدىن تىرىدىغان ئىشچىلارنىمۇ تېپىش تەسكە چۈشىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇغۇت ، سۇلىياۋ يۇپۇق، يەرنى ئاغدۇرۇش ،ئۇرۇق سېلىش ھەققىي ، سۇ پۇلى دىگەندەكلەرنى چىقرىۋەتكەندە دىېھقانلارنىڭ قۇلىغا نەچچە پۇل ئاشار. :(ھەرقانچە 6.4غا چىققان تەغدىردىمۇ ، بۇ يىل دىھېقانلارنىڭ زىيان تارىتقىنى تارىتقان. نۇرغۇن دىېھقانلار بانكىنىڭ قەرىزىنمۇ تۆلىيەلمەسلىكى مۇمكىن.

karam يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 13:52:17

turan83 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-22 13:36 static/image/common/back.gif
ھازىر پاختا تەرگۈچى ئىشچىلار ھەر كىلوسىنى 2.5دىن ترىۋات ...

مەن ھېيىتتا قەشقەرگە بارغان ئىدىم ، ھېيىت پەتىسى ئۈچۈن بىر چەت يېزىغا باغان ئىدۇق ، ئۇ يەردە پاختا تەرگۈچىلەرنىڭ ئىش ھەققى ھەر كىلوگىرام پاختىغا ( بىريۈەن ئىككى مو ) ئىكەن .  سىز بار يەردە 2.5يۈەن بولسا  بەك يۇقىرى ئىكەن

koygandengiz يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 14:22:46

   ئىشقىلىپ دېھقان  ، دىگەننىڭ كۈنى تەسكەنغۇ .....مۇشۇ كۈنلەردىمۇ تاۋۇزنىڭ كېلوسى ئاران 2 - 3 سوم بولىۋاتسا .....تېرىش ھەققىنى ، ۋە يەر تېرىش ئۈچۈن سەرپ قىلغان باشقا چىقىملارنى چىقىرىۋەتسە ، پاختا تەرگەن دېھقانمۇ قىش چىققۇچە قورسىقىغا يەيدىغاننىلا يا تاپالايدۇ ، يا تاپالمايدۇ .

Dihkanbay يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 22:07:03

atella يوللىغان ۋاقتى  2014-10-22 11:16:50 static/image/common/back.gif


نەچچە ئاقچدىن ساتتىلا ئاغا...
ئەللىك سەككىز يۈەندىن ……
بەت: [1]
: شىنجاڭدىكى چىگىتلىك پاختىنىڭ ھەر كىلوگرامى 6 يۈەندىن ئاشتى