ABC يوللانغان ۋاقتى 2014-10-21 15:28:28

ئوغلۇم ،سەن نەدە؟

   ئوغلۇم ،سەن نەدە؟
      
                                                        خىلىل ھېبىبۇللا
   
                                                               (نەسىر)

                                                            ‹1›

    سەن بىزنىڭ تاتلىق خىياللىرىمىز ۋە ئارمانلىرىمىزنىڭ شاھىدى ئىدىڭ.

سېنى،سېنىڭ ئوغۇل بولۇپ تۇغۇلۇپ قالغانلىقىڭنى  كۆرۈپ  بېشىمىز كۆككە يەتكەن ئىدى.

  سېنى تالىشىپ كۆتۈرۈپ ،باغرىللىرىمىزغا بېسىپ دۇنيانى ئۇنتۇغان كەچمىشلىرىمىزگە دەستىلەپ ماڭاتتۇق.

بوينۇڭغا تۇمار ئېسىپ،ساڭا پەرۋانە بوپ ھاياتىمىزدىكى جېمى جەۋرىللىرىمىزنى سەندىن ئۇنتۇپ تالاي يىللارنى ئىگىپ ئۆتتۇق.

سېنى چوڭ بولغاندا ئاجايىپ ئوغلانلاردىن بولىدىغۇ دەپ ئۈمۈت ۋە پەرۋىشلىرىمىز نامىدا ساڭا غەمخان ئىدۇق - ئوغلۇم!

دەرۋەقە سەن  يۈركىمىزنى بار رېشىكلىرىڭ  بىرلە ئۆزۈڭگە ئەبدىلىك گۈل تاژ قىلىپ ،بىزنى بارغانچە سەن ئۈچۈن پەقەت سەن ئۈچۈنلا ياشاش  

يولىنى بەردىڭ.پەرزەنىت ۋە مەجبۇرىيەت نامىدا سەندىن كۈلۈپ ھەممە ۋە ھەممە قەدەملىرىمىزنى خوشاللىق بىلەن قوبۇل قىلغان بىز پۈتۈن

ھاياتىمىزنىڭ ھەر بىر قۇرلىرىنى سېنڭ كۆزۈڭ،سېنىڭ ھەر بىر  ئۆزگۈرۈشلۈرۈڭ ۋە ھەم سېنىڭ ھەر بىر نىشانلىرىڭ بەتلىرىدە

پۈتتۈق...ئاھ،ئوغلۇم ئەمما بىز سېنىڭ يولۇڭدا بېسىلىۋاتقان بار قەدەملىرىمىزگە خوشاللىق بىلەن رازى بولغان!
                                                                         ‹2›

  يەڭگىل تەۋرىنىۋاتقان بۆشىكىڭدە ماڭا ۋىلىقلاپ كۈلۈپ باققانلىرىڭدا ئۆزەمنى تۇتىۋالالماي سېنى بېسىپ قويغان.يۇمران مەڭزىللىرىڭ ،پىشانىللىرىڭگە سۆيۈۋىتىپ سۆيىشنىڭ نىمىلىكىنى ھېس قىلغان.سېرىتقا ماڭغانلىرىمدا بويۇنداپ،تىپىرلاپ يىغلىۋەتكەنلىرىڭنى كۆرۈپ،ئاڭلاپ يۈرۈكۈم پارە-پارە بولۇپ كەتكەن-ئوغلۇم!
  دۇنيارىمدىكى بار لەززەت ،بار سېغىنىش گۈلخانلىرى سېنىڭ ئاۋازىڭ ،سېنىڭ ئۆزگە قىلىقلىرىڭ بىلەن ماڭا ئۇنتۇلغۇسىز سەنەرقى كۈيلەرنى بېغىشلاپ سەن بىلەن قاناتلانغان ھاياتلىق پەرۋازلىرىم مىنى تەۋرەنمەس،ئېتىقادلىق بۇرچۇم نامىدا كۆككە كۆتۈرگەن ئىدى-ئوغلۇم!
  سېنى ئەركىلىتىپ ،سېنى ئاسمانغا ئېتىپ،سېنى غېدىقلاپ ،سېنى تويماي باغرىمغا بېسىپ... ئاھ، ھەممىنى ئۇنۇتقان چاغلىرىمدا كۆزۈمدىن كۆزۈڭنى ئۈزمەي نەچچە ئۆزگۈرۈپ مېنىڭ خاتىرجەملىرىمگە ھەمرا بولغان سەن ئىدىڭ.ماڭا تىنىچ تۇرمۇش،ماڭا ئارامنىڭ خاسىيىتىنى تونۇتقان ئوغلۇم،پەرزەنتىم،سەكبارەم سەن ئىدىڭ-ئوغلۇم!

                                                                       ‹3›

  سەن كۆزۈمنىڭ قارىسى ،سەن چامداملىرىمنىڭ يەكۈنى ،سەن بارلىقىمنىڭ بارلىغى،سەن كېتىۋاتقان ئۆمرۈمنىڭ ئاداققى مەنزىلى ئىدىڭ...
  سەن بالىلىق ئورنىڭنىڭ مۇقەددەسلىكى بىلەن ماڭا مادار-ماغدۇر ئېلىپ كىلىپ غەيرەت،تىرىشىشنىڭ ساھىللىرىدا تىرەك ئىدىڭ.سېنىڭ ۋۇجۇدۇمدا ئادىمىلىك،ئەقەللى پىكىر مەشئىلىنى يورۇتۇپ كائىناتقا قايسى خىل مەيداندا قارىشىم كىرەك ئىكەنلىكىگە يول ئېچىپ بېرىۋاتقانلىقىڭنى بىلەتتىم.
  ساڭا مەھكۇم ئاتىلىق مۇھەببىتىمنىڭ ھەققى-ھۆرمىتىنى سېنىڭ پاك جىسمنىڭنىڭ ئۇلۇغلىغى ۋە قوياشتەك جۇلالىنىپ تۇرغان مېھرىڭنىڭ شەرپى نامىدا ئادالەت،ھەققانىيەت ئۈچۈن ئاتايمەن دەپ بار ئاۋازىم بىلەن تەنتەنە قىلغۇم كىلەتتى-ئوغلۇم!
  ئاتىلىق ماھىيىتىمنىڭ نەقەدەدەر بۈيۈكلىكىنى ھېس قىلغىنىمدا دۇنيارىمدىكى ئىلاھى تەكتىڭنىڭ شەكسىزلىكىگە چىن پۈتۈپ تارتماقچى بولغان ھەممە ۋە ھەممە مۇشاقەت-جەۋرىللىۋىمنى ۋە ھەتتا تۆكمەكچى بولغان كۆز ياشلىرىمغا قەدەر پەخىرلىك بەدەل دەپ قارايتىم.

                                                             ‹4›

  ئەمدىلا يېتىلىۋاتقان يۇمران ،ئۆڭۈم كەبى قوللۇرۇڭ ،بارماقلىرىڭنى ئالقانلىرىم ئارىسىغا ئېلىپ سېنى يىتىلەپ ماڭا گۈزەللىك خاتىرلىرىنى بەخىش ئەتكەن  كەڭرى ۋادىلار ئېتىزلار ،باراقسان ئورمانلار ،گۈل-گىياھلارغا تولغان باغۇ -ۋارانلارغا قەدەم ئېلىپ جاھاننىڭ ئاتا-بالىلىق ئوتتۇرسىدىكى بارلىق ھوزۇر-ھالاۋەتلىرىدىن بىللە بەھرىمان بولغۇم كىلەتتى.
سېنى يىتىلەپ ،يۈگۈرشۈپ پادىلارنى قوغلاشقۇم،رەڭگارەڭ گۈل چىچەكلىرىنى ئۈزۈشۈپ ئوماق شىۋىرلاشلىرىڭدىن چىمەنلەرگە ئۆزۈمنى تاشلاپ سېنى قۇچاقلاپ يۇمۇلۇغۇم ،قۇشلارنىڭ سايراشلىرىغا ھەمدەم چۇقۇرشۇپ دالىلاردا مۆكۈشمەك ئوينۇغۇم بار ئىدى-ئوغلۇم!
  سېنى يىتىلەپ ئۆزۈم چوڭ بولغان مەھەللە،بازارلارنى ئايلانسام ،سېنى يىتىلەپ ساڭا ناتۇنۇش كوچا ،رەستىلەردە بىر بىرمىزگە مەنىلىك قارىشىپ تىلسىملارغا تەڭ ھەيران بولسام،سېنى يىتىلەپ رىئاللىغىمىزدا قول تۇتۇشۇپ مېڭىشقان ئاتا-بالىلارنىڭ ئالدىدىن ،يىنىدىن ئۆتىۋالسام جېنىم تىنىمدىن  ۋاقىتسىز چېقىپ كەتسىمۇ رازى ئىدىم،مىڭ مەرتىۋە رازى ئىدىم -ئوغلۇم!

                                                               ‹5›

  ئوغلۇم،ساڭا تۇنجى قېتىم ئويۇنچۇق ماشىنا ئېلىپ بەرگەن چېغىمدا ‹مەن ساقچى ›دەپ ۋۇقۇيۇتقۇنۇڭ ،تاپانچاڭنى ئۇيان-بۇيانغا تەڭلەپ ھەربىلەرچە ساليۇت بېرىپ دېھقەتتە تۇرغان تىك جەزبىڭدىن ئەركەكلىك شىجائىتىڭنى كۆرۈپ قانچىلىك ھاياجانلغانلىقىمنى بىلگەن بولغۇيمۇتۇڭ!؟
   يىقىملىق ناخشا -موزىكىللىرىغا جۈر بولۇپ تاتلىق تىللىرىڭ،ھەركەتلىرىڭ بىلەن ئەگىشىۋاتقانلىرىڭنى كۆرگەنلىرىمدە شوخ ئۇسۇل پەدىللىرىگە يۆتكەلگەنلەردىكى قوللۇرۇڭنى ئېگىز كۆتۈرۈپ مۆرە،قاش،كۆزلىرىڭنى ئوينۇتۇپ باغرىمنى كاۋاپ ئەيلىگىنىڭ ئۇنتۇلسۇنمۇ!؟
  ئېسىمدە ئوغلۇم،سەن بىلەن ئاخىرقى قېتىم خەلىق مەيدانىدا بىر قېتىملىق سەنئەت كىچىلىكىگە داخىل بولدۇق.سەن بەش ياشلىق بىر بالىنىڭ نەچچە مىتىر ئېگىزلىكتىكى دار ئارغامچىسىدا ‹پەلەك شاھى› دەك مەغرۇر كېتىۋاتقانلىقىنى ئىككى قولۇڭ بىلەن ئېڭىكىڭنى قاماللاپ ئولتۇرۇپ زېھنىڭ بىلەن كۆرگەن ئىدىڭ.ئويۇن ئاخىرلىشىپ ئۆيگە قايىتقاندا سەن ماڭا يىلىنىپ-يالۋۇرۇپ ‹جىنىم دادا ،مەنمۇ دارۋاز بولىمەن...ئۇ قىلغان ئىشنى مەنمۇ نىمىشكە قىلالمايمەن،مەنمۇ 7-8گە كىردىمغۇ؟ چوڭ بولدۇمغۇ؟...مىنىمۇ ئۇلارغا قېتىپ قوي...›دىگەنلىرىڭنى ئەسلىسەم ھازىرغىچە يېغا باسىدۇ.نەچچە كۈنلەر سېنىڭ شۇ ھەۋەسلەردە بۇقۇلداپ ئىسەدىگەنلىرىڭنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرسەم، سېنى تەبەسسۇم بىلەن سۆيۈپ بەزلىيەلمىگىنىمدىن ئىچ-ئىچىمدىن ئۆكۈنىمەن.قولۇمدىن كەلگىنى سەندەك بىر ئىرادىلىك،جەسۇر ئوغلۇمنىڭ بارلقىدىن پەخىرلىنىپ قالغىنىم بولغان ئىدى-ئوغلۇم!

  
                                                        ‹6›

  ۋادەرىخ!  يىنىمدا يېنىك نەپەس ئېلىپ ماڭا قارىشىپ قېيسىيىپ ‹يەنە بىرنى ئېيتىپ بىرە دادا...›دەپ ھېكايىللىرىمگە زوقلانغان ۋاقىتلىرىڭ چۈشتەك غايىپ بولدى.قىزقارلىق ئۇزۇندىن-ئۇزۇنغا سوزۇلغان چۆچەك رىۋايەتلەرنى سۆزلەپ بېرىۋىتىپ ھارغىن يۇمۇلغانلىرىمدا‹ئۇخلىۋالمىغىنە ،ئاخىرنى دىۋىتە...›دىگەن چىمداش،ئويغۇتۇشلۇرۇڭ ...ئاھ! نەدە قالدى -ئوغلۇم!
  ئۆزۈمگە قانچىكى يېقىنلاشقانسىرى تەغدىرىمنىڭ ھەقىقەتەنمۇ مۇرەككەپ،ئازارلىق،يەڭگىسىز... ئىكەنلىكىگە قول قويدۇم.مۇساپىللىرىمنىڭ رەڭدار،ئۆزگىچىلىكى مەن باسماقچى بولغان يوللۇرۇمنىڭ ئارمانلىرىمدىنمۇ بىھېساپ ،مۈشكۈل ئىكەنلىكىنى ،قىسقىغىنا باياۋانلىرىمدا قالدۇرغان ئىزلىرىمنىڭ پەقەت دەسلەپكى باسقۇچ بولۇپ قالدىغانلىقىنى ئازاپ بىلەن لەۋ چىشلەپ ئىتراپ قىلدىم.
  مەن كۈلكە بىلەن يېغىنىڭ ،ھايات بىلەن ماماتنىڭ ،ئېرىشىش بىلەن مەھرۇم بولۇشنىڭ ئارلىقلىرىدا ئېسەڭگىرەپ يۈرگەن چاغلىرىمدا تەڭرىم سېنى مۆجىزىدەك قۇچۇقۇمغا ياق يۈركۈمگە تاشلىغان ئىدى.ھېشقاچان شېرىكى بولمىغان مۇھەببىتىڭنىڭ ئەڭ نازۇك،ئەڭ باھادىر يۈكسەكلىكى بىلەن بىر بىرمىزگە تەئەللۇق ئىكەنلىكنى بىلدۈرگەن دۇنيارىمىزدا جۇدالقنىڭ ئاخىرلاشقانلىقنىڭ بەلگىسى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرغان ئېدىڭ...مىڭ ئەپسۇس،مىڭ ئەپسۇس -ئوغلۇم!

                                                     ‹7›

  مانا ئەندى،  ياشاش مۇشاقەتلىرىم ماڭا تەنھالىق،سېغىنىش شاۋقۇنلىرىنى يۈزلەندۈرۈپ سەندىن يىراقلاشتۇرۋىتىپارغاندا ساڭا تەسەددۇق شانىم ،شەۋكىتىم ئىززىتى بىلەن ئايرىلىش ئىسكەنجىگە ئالغان ھەر كۈن،ھەر سائەت،ھەر دەقىقىلىرمنى ساناپ ئۆتىۋاتىمەن ئوغلۇم!
  جىمجىت كىچىلەردە چاچراپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئاياغ تېۋىشلىرىڭ يېقىنلاپ كېلىۋاتقاندەك ئېشىكلەرگە تەلمۈردۇم.خىياللىرىمدا،چۈشلۈرۈمدە تىۋىشسىز،ئاۋازسىزلا يىنىمدا پەيدا بولۇپ يىتىرقاشسىز،تەبىلىك قاپلىغان مەسۇم سۇلغۇللۇرۇڭ قەھرىدە ‹دادا،دادا!  ماڭا نىمىشكە قاراپ قويمايسەن؟ ›دەۋاتقاندەك مىنى تىتما-كاتاڭ قىلىۋەتتى. مىنى لەختە-لەختە قىلىپ مۇھەببەت رەھىمسىزلىكى نەملەنگەن چاناقلىرىمدا داغ-دۇغا قىلدى-ئوغلۇم!
  يىللار ،ئايلار،كۈنلەر بىر بىرگە باقماي شۇنداق تىز ئۆتۈپ كېتىۋاتىدۇ.ھايات ئاستا-ئاستا سولۇشۇپ بارا بارا قۇرۇپ ئاز ئازدىن تۇگەپ كېتىۋاتىدۇ.بىراقكى،ئېتىقادىمغا ئىسمىڭلىرىڭدەك  <نۇر >ئىشقىڭلىرىڭدەك پاسىبان شان-شەرپى بەرگەن سېنى ۋە سېنىلا مەجبۇرىيەت ۋە مەسئۇلىيەت دائىرەمدىن چېقرىۋىتەلمىدىم ۋە بەلكى ئۈمۈتسىزسىزلىك ئىزنالىرى يەلكەمنى باسسىمۇ ‹ئوغلۇم،ئوغلۇم !›دەپ ئورنۇمدىن دەس تۇرۇپ كېتىۋاتىمەن-ئوغلۇم!

                                                        ‹8›

  دەرۋەقە،ئۈمۈتۋارلىق بىلەن ئۆزىمنى تۇتىۋىلىش ھەسرەت،نادامەت بويۇنتۇرۇقلىرىدا مەجبۇرى كۈلۈمسىرەش ئەمەس ،نەپەسلىرىمگە قېتىلغىنىڭدىن بۇيان پۈتكىل سەزگۈللىرىمدە سېنىڭ ۋە سېنىڭلا تىنىقلىرىڭ قاتمۇ-قات دەستىلەنگەن ئىدى-ئوغلۇم!
  سېنى يىڭى كەلگەن ئەگىز سۇلىرىنى قوغلۇشۇپ كېلىۋاتقان ئېرىق قېرىدىكى بالىلار توپىدىن ،ئىگىز تاغلارنى بېسىپ كېلىۋاتقان قېلىن ياز بۇلۇتلىرىدىن ،سەپ-سەپ بولۇپ جىمجىت كېتىۋاتقان تۇرنىلاردىن ،قارلىق يوللاردا قېلىن كېيىنىپ ،قوللىرىنى ھوداپ كېتىۋاتقان مەكتەپ باللىرىدىن سورۇغۇم كېلىدۇ....
  ئەمما سەن بىر كۈنلەردە ھېچنىمىدىن بىخەۋەر تاتلىق ئۇخلاۋاتقانلىرىڭدا ،مەھەللىدىكى دوسلۇرۇڭ بىلەن غەمسىز يۈگۈرۈپ ئويناۋاتقانلىرىڭدا ،ئۆزىڭگە پىچچىرلاپ ،بالىلىق خىياللىرىڭغا ئەمەك بوخچاڭنى پۇلاڭلىتىپ كېتىۋاتقانلىرىڭدا ئۇشتۇمتۇتلا ئارقىڭدىن كېلىپ سېنى قۇچاقلاپ،كۆزلىرىڭنى ‹مەن كىم؟›دەپ ئېتىۋالىمەن...سېنى ئىختىيارىم بىلەن قېنىپ پۇرىۋالىمەن،سېنى باغرىمغا،يۈركۈمگە مەھكەم تېڭىۋالىمەن-ئوغلۇم!

                                                               ‹9›

   مەيلى تاڭ يورىغانلاردا ۋە مەيلى كەشكى شەپەق يوقۇلۇپ قاراڭغۇلۇق مىنى ئۇيقىسىز ئۆرىگەنلەردە بولسۇن ئىستەكلىرىمگە بوي سۇنماس سۆرىتىڭنىڭ ئوبرازى ئېغىر-ئېغىر ئەسنەكلىرىمدە سەۋىر قاچامنى يەرگە ئۇرۇپ جۇل-جۇل قىلىۋەتتى-ئوغلۇم!
  بالىلىق قەدرىڭنىڭ ھېمايىسىدە ئاجىز،ئىختىدارسىز كېلىپ سېغىنىش ھارۋىسىغا يەنە قانداق ئولتۇرۇپ قالغىنىمنى بىلمىدىم.مەزگىللىك  ئۆزگىرىشلەرگە ئەسرا قىياپەتلىرىڭ ،مەنسىز ئۆتىۋاتقان خوشاللىق ۋە ئازاپ گىرەلىشىپ كەتكەن ئۆتكۈنلۈرۈڭ ماڭا ھەممىنى ئۇنتۇلدۇرۇپ مىنى يەنە ئېلىپ ماڭماقتا...
    كېتىۋاتىمەن،ساڭا يېقىنلاپ كېتىۋاتىمەن-ئوغلۇم!
  يوللۇرۇم قىسقارغانسىرى شۇنچىدىن بېرى كۈتىۋاتقان ئىلتىجا-تىلەكلىرىم ھاياجان بىلەن دۆپۈلدەۋاتقان ئالدىراڭغۇ يۈركۈمنىڭ ئېقىنلىرىغا قوشۇلۇپ ‹ئوغلۇم سەن نەدە،سەن نەدە؟›دەپ نەرە تارتماقتا!

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-21 17:03:15

ساقادا ئولتۇراي

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-10-21 18:18:24

يەنە بىرەر قېرىندىشىمىزنىڭ بالىسى يۈتۈپ كەتكەن ئوخشايدۇ دەپ ئەنسىرەپ كېرىپتىمەن. نەسىرمىتى:L

abduzaher يوللانغان ۋاقتى 2014-10-21 19:29:56

hiyalqi يوللىغان ۋاقتى  2014-10-21 17:03:15 static/image/common/back.gif
ساقادا ئولتۇراي
سافادا ئولتۇراسىز

jaggiwar يوللانغان ۋاقتى 2014-10-21 19:50:25

بىزگە قاچان ساقادا(سافادا )ئولتۇرۇپ خىيال سۈرۈشكە نىسىپ بۇلا:lol:lol

Qaf يوللانغان ۋاقتى 2014-10-21 21:48:17

ئېسىل نەسىر !

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 07:56:04

jaggiwar يوللىغان ۋاقتى  2014-10-21 19:50 static/image/common/back.gif
بىزگە قاچان ساقادا(سافادا )ئولتۇرۇپ خىيال سۈرۈشكە نىسى ...

جەڭگىۋارلار سافادا ئولتۇرمايدۇ

ErkinQush يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 11:46:28

قىزىم نەدە دېگەندەك ئېسىل كىنو ئەمەسكەن :lol

koygandengiz يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 14:26:06

   ئۇندىداردىن بالىسى يۈتكەنلەرنىڭ خەۋىرىنى كۆرىۋېرىپ يۈرەكئەلدى بوپ كېتىپتۇق جۇمۇ .....خۇداغا شۈكرى ، بار بالىنىڭ گېپىكەن .....
بەت: [1]
: ئوغلۇم ،سەن نەدە؟