waskitbol يوللانغان ۋاقتى 2014-10-21 08:12:46

شىنجاڭ كوماندىسى جىلىن كوماندىسىنى يىڭىپ ئۇدا غەلبە قىلدى

  
   
    ئۇيغۇر ۋاسكېتبول تورى 20-ئۆكتەبىر خەۋىرى؛   20-ئۆكتەبىر،  2014- 2015-پەسىللىك CBAجۇڭگو ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى پەسىل ئالدىدىكى مۇسابىقىسى شىنېڭ مۇسابىقە رايۇنى مۇسابىقىسىنىڭ بىر مەيدان مۇسابىقىسى چىڭخەي تەنتەربىيە مەرگىزى ۋاسكىتبول سارىيىدا داۋاملىق ئىلىپ بىرىلدى.  شىنجاڭ گۇاڭخۇي تەڭرىتاغ يىزائىگىلىك سودا بانكىسى ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسى  86-70 نەتىجە بىلەن جىلىن كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، ئىككىنچى مەيدان غەلبىنى قولغا كەلتۇردى.
    بۇ مەيدان مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسى  چەتئەللىك ياردەمچى ئەزاسى  ئاندىرى بىراچ  تۇنجى قىتىم مەيدانغا چىقىپ 13 مىنۇت ئىچىدە 7 نۇمۇر ئالدى؛ سۈن مېڭياڭ 16 نۇمۇرئالدى؛ جۇچى 11 نۇمۇر ئالدى.
شىنجاڭ كوماندىسى  باش تىرېنېرى  خاۋ شۇمىن كوماندا ئەزالىرىنىڭ ئۆز-ئارا  ماسلىشىشىنى ئىلگىرى سۇرۇش ئۈچۈن كۆپ قىتىم پۈتۈنلەي ئوخشىممىغان سەپ شەكلىدە ئادەم ئالماشتۇرۇش ئىلىپ باردى.  شىنجاڭ كوماندىسى ئەڭ ئاخىرىقى چارەك مۇسابىقىنى پۈتۈنلەي دۆلەت ئىچى ماھىرلىرى سەپ شەكلى بىلەن ئويناپ ئاخىرلاشتۇردى.
جوردان كىراۋفورد ، شىرئەلىجان، يۇچاڭدۇڭ، سۇۋىي، لىيۇشۇنەن، قىرانبىك، يۈچاڭچۈن، ساۋفىي، سۈن مېڭياڭ قاتارلىقلار ئىلگىرى-كىيىن بۇلۇپ مەيدانغا چىقتى.

ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى؛ http://waskitbol.com/portal.php

muztag يوللانغان ۋاقتى 2014-10-21 11:27:04

يەڭدى ،يەڭدى ، يەڭدى . . . ئەڭ ئاخىرىدا يىڭىلدى، دىگەن خەۋەر بىلەن ئاخىرلىشىدىغان تىما .

ErkinQush يوللانغان ۋاقتى 2014-10-21 12:38:42

شىر ئەلىجان ھەر قېتىم توپ كىرگۈزىدىكەن ھە :)
بەت: [1]
: شىنجاڭ كوماندىسى جىلىن كوماندىسىنى يىڭىپ ئۇدا غەلبە قىلدى