شىنجاڭ كوماندىسى تۇنجى مەيدان غەلبىنى قولغا كەلتۇردى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا waskitbol تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-20 21:25ئۇيغۇر ۋاسكېتبول تورى 19-ئۆكتەبىر خەۋىرى؛ 19-ئۆكتەبىر، 2014- 2015-پەسىللىك CBA (جۇڭگو ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى ) پەسىل ئالدىدىكى مۇسابىقىسى شىنېڭ مۇسابىقە رايۇنى مۇسابىقىسى ئۇمۇميۇزلۇك باشلاندى. شىنجاڭ گۇاڭخۇي تەڭرىتاغ يىزائىگىلىك سودا بانكىسى ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسى بىلەن شاڭخەي كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا ئىلىپ بىرىلغان مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسى 83-73 نەتىجە بىلەن شاڭخەي كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، تۇنجى مەيدان غەلبىنى قولغا كەلتۇردى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە شاڭخەي كوماندىسى ئىككى نەپەر چەتئەللىك ياردەمچى ئەزاسىنى مەيدانغا چىقارمىغاچقا، شىنجاڭ كوماندىسىمۇ چەتئەللىك ياردەمچى ئەزاسىنى مەيدانغا چىقارماي ئىككى تەرەپ دۆلەت ئىچى ماھىرلىرى مۇسابىقىلەشتى.
بۇ مەيدان مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسىغا يىڭى قۇشۇلۇپ CBA مۇسابىقىسىگە تۇنجى قاتناشقان يىڭى يۇلتۇز جۇچى تۇنجى قىتىم مەيدانغا چىقىپ 5 نۇمۇر ئالدى؛ بىرىنچى قىتىم شىنجاڭ كوماندىسى ئۈچۈن مەيدانغا چىققان لىيۇۋىي 7 نۇمۇر ئالدى.
شىنجاڭ كوماندىسىدىن شىرئەلىجان، يۇچاڭدۇڭ، سۇۋىي، لىيۇشۇنەن، قىرانبىك، يۈچاڭچۈن، ساۋفىي، سۈن مېڭياڭ قاتارلىقلار ئىلگىرى-كىيىن بۇلۇپ مەيدانغا چىقتى.
ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى؛ http://waskitbol.com/portal.php
شىرئەلىنى بىر مەزگىل ئارام ئالىدۇ دەۋاتقان،ئىتتىكلا چۈشۈپتۇ دە! ماۋۇ كوماندىنىڭ ئىسمى تېخىمۇ ئۇزۇراپ كېتىپتۇغۇ...
بەت:
[1]