Muyunchur يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 14:25:09

2014 - يىللىق نـوبـېـل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ساھىبى پاترىك مودىيانو

2014 - يىللىق نـوبـېـل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ساھىبى پاترىك مودىيانو

         
   
            غېنى سەمەت

  مۇيۇنچۇردىن تەۋسىيە: دىيارىمىزدىكى ئەڭ چوڭ تور مۇنبىرىدە بۇ يىللىق نوبېل مۇكاپاتى ھەققىدە  ئەستايىدىل يازمىلارنىڭ، قىزغىن مۇنازىرىلەرنىڭ بولماي قالغانلىقى كۆڭلۈمنى غەش قىلدى، قايسى نۇقتىدىن ئېيتمايلى، بۇ مەنپەئەتلىك ئىش ئىدى. شۇ غەشلىك تۇيغۇسىدا بۇ ماقالىنى تەييارلاپ چىقتىم. نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ھەققىدە باشقا يازمىلارنىڭ، شۇنداقلا نوبېل مۇكاپاتىنىڭ باشقا تۈرلىرىدىكى ساھىبلىرى ھەققىدە ئەستايىدىل ماقالىلارنىڭ يوللىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

   نـوبـېـل ئەدەبىيات مۇكاپاتى زامانىمىز جاھان ئەدەبىياتىدىكى ئەڭ يۇقىرى شان - شۆھرەتنىڭ بەلگىسى بولغاچكىمىكىن، ھەر يىلى كىمنىڭ ئېرىشىدىغانلىقى توغرىسىدىكى قىياسلار، بەس - مۇنازىرىلەر قىزىپ كېتىدۇ، دىيارىمىز ئەدەبىيات ساھەسىمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس، ئەلۋەتتە. بۇ يىل نامزاتلىققا كىرگەنلەر ئىچىدە بىزگە نىسپەتەن تونۇشلۇق بولغانلاردىن خارۇكى مۇراكامى، مىلان كوندېرا، ئەدۇنىس، ئاموس ئوز، ئىسمائىل قادىرى، فىلىپ روس، جون بانۋېل ھەتتا، بېيداۋلارمۇ قىزىق نۇقتا ئىدى. ھەققانىيلىق، تەلەي ۋە تاساددىپىيلىققا تولغان بۇ مۇكاپات 2014 - يىلى فىرانسىيە يازغۇچىسى پاترىك مودىيانوغا نېسىپ بولدى. پاترىك مودىيانونىڭ بۇ مۇكاپاتقا نائىل بولىشى مو يەننىڭ ئېرىشكىنىدەك ھەيران قالغۇدەك ئىشمۇ ئەمەس، ھېمىڭۋاينىڭ ئېرىشكىنىدەك قايىل بولغۇدەك ئىشمۇ ئەمەس ئىدى. لېكىن، بۇ زاتنىڭ بىر قاتار ئەسەرلىرى فىرانسىيە، ھەتتا جاھان ئەدەبىيات مۇنبىرىدە تېگىشلىك ئورۇن تۇتىدىغانلىقى ھەقىقەت.    شۇنداق، فىرانسىيە يازغۇچىسى پاترىك مودىيانو « ئەقىل يەتمەيدىغان ئىنسانىيەت تەقدىرى ھەققىدىكى ئەسلىرىمىزنى ئويغاتقان » ( نـوبـېـل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ھەيئىتىنىڭ باھا سۆزى ) لىقى ئۈچۈن 2014 - يىللىق نـوبـېـل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

   فىرانسىيە يازغۇچىسى پاترىك مودىيانو  1945 - يىلى فىرانسىيە پارىژنىڭ غەربىي جەنۇبى شەھەر ئەتراپىدىكى بۇلوگنې - بىللانكۇرتتا تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ئاتىسى يەھۇدىي بۇلۇپ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئەتكەسچىلىك بىلەن شۇغۇللانغان، ئۇرۇشتىن كېيىن پۇل-مۇئامىلە ساھەسىدە خىزمەت قىلغان، ئانىسى بېلگىيەلىك ئارتىس ئىدى، ئۇنىڭ يەنە بىر ئاكىسى بار بۇلۇپ، بەخىتكە قارشى بالدۇرلا ئۆلۈپ كەتكەن.
        مودىيانو كىچىكىدىن باشلاپلا ئەدەبىياتقا قىزىقىدىغان بولۇپ، 10 يېشىدا شېئىر يېزىشقا كىرىشكەن، 14، 15 ياش چاغلىرىدا ھېكايە ئىجادىيىتى جەھەتتە كۆزگە كۆرۈنۈشكە باشلىغان. 1965-يىلى ئۇ پارىژ ھېنرى 4 - ئوتتۇرا مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن، كېيىن ئۇ پارىژ سوپ پوڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا كىرىپ ئۇقۇغان، بىر يىلدىن كېيىن ئۇقۇشتىن چېكىنگەن ھەمدە مەخسۇس ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان.  
         ئۇ تۇنجى رومانى « يۇلتۇزسىمان مەيدان » ئېلان قىلىنىشى بىلەنلا نامى چىقىشقا باشلىغان. 1968  -يىلى ئېلان قىلىنغان بۇ ئەسەر يەھۇدىي قان سېستىمىسىدىكى فىرانسىيەلىك ياش رافائېل شىلمىروۋىچنىڭ تۇرۇپ قېلىش مەقسىتىدە، ھەممە يەرگە بېرىپ تۇرىدىغان ماكان ئىزدىگەنلىكى، ئەڭ ئاخىردا ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتكە قالغانلىقى ئارقىلىق، گېرمانىيە ئىشغال قىلىۋالغان مەزگىلىدىكى فىرانسىيە جەمىيىتىدىكىلەرنىڭ تۆۋەن قاتلام تۇرمۇشى بىلەن يەھۇدىيلارنىڭ جاپالىق تۇمۇشىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەرگەن. شۇ يىلى ئۇ يەنە «كېچىلىك چارلاش» ناملىق رومانىنى نەشىر قىلدۇرغان. 1972 - يىلى «شەھەرنى ئايلىنىش يولى»، 1975 - يىلى «چۆلدەرەپ قالغان داچا»، 1976 - يىلى «نۇپۇس دەپتىرى»، 1978 - يىلى « قاراڭغۇ رەستە » ناملىق ئەسەرلىرىنى نەشردىن چىققان. بۇلارنىڭ ئىچىدە «يۇلتۇزسىمان مەيدان» رومانى نىمىئېي مۇكاپاتى بىلەن  فېنېئوم مۇكاپاتىغا، «كېچىلىك چارلاش» رومانى ئالماس قەلەم مۇكاپاتىغا، «شەھەرنى ئايلىنىش يولى» رومانى فىرانسىيە ئىنىستىتوتى « مۇنەۋۋەر رومان » مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. « قاراڭغۇ رەستە » رومانى بىلەنلا  بىراقلا داڭ قازىنىپ، 1978-يىلى گومگۇل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇ يەنە كىنو سىنارىيەسى يېزىش بىلەنمۇ شۇغۇللانغان(  پاترىك موردىيانو  1973-يىلى فىرانسىيەدىكى داڭلىق رېژىسسور لۇئىس مۇللېر بىلەن ھەمكارلىشىپ « راككۇنبوۋ لۇسىئان » دېگەن كىنونى ئىشلىگەن، كىنودا فىرانسىيەلىك ئوغۇل بالىنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، فىرانسىيە قارشلىق كۆرسىتىش تەشكىلاتىغا قاتنىشىشى رەت قىلىنغاندىن كېيىن، فىرانسىيە «گېستاپو» غا كىرگەنلىكى بايان قىلىنغان ) .     بالدۇرلا نام قازانغان  پاترىك مودىيانو يەنە 1972  -يىلى فىرانسىيە ئىنىستىتوتىنىڭ رومان مۇكاپاتىغا سازاۋەر بولغان، 1978-يىلى « قاراڭغۇ رەستە » رومانى بىلەن  گومگۇل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا مۇيەسسەر بولغان ( بۇ روماننى ئاتىسى بىلەن بالدۇر ئۆلۈپ كەتكەن قېرىندىشى رۇدىغا بېغىشلىغان) .   2010 - يىل فىرانسىيەنىڭ ئۆمۈرلۈك مۇۋەپپەقىيەت مۇكاپاتى - چىنوئۇر-دېلدۇكا دۇنيا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
   ئوبزۇرچىلار تەرىپىدىن « فىرانسىيەدىكى ئەڭ ئىستېدادلىق يازغۇچىلارنىڭ بىرى » دەپ تەرىپلىنىپ كەلگەن پاترىك مودىيانو دۇنيا ئەدەبىيات مۇنبىرىدە « يېڭى تەمسىل پروزىچىلىقى » نىڭ ۋەكىلى، دەپ قارىلىدۇ. ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن « قاراڭغۇ رەستە »، « ئاۋغۇستتىكى يەكشەنبە » قاتارلىقلار بار. ئۇ تىپىك ئەسەرلىرىدە فىرانسىيە جەمئىيىتىدىكى ئاددىي ئادەملەرنىڭ، جۈملىدىن مېھنەتكەش يەھۇدىيلارنىڭ تۇرمۇشىنى ئەكس ئەتتۇرگەن بولۇپ، سىرلىق ئاتا بىلەن 2 - دۇنيا ئۇرۇشى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان. ئۇ يەنە « ئەنئەنىۋى پروزىچىلىققا قارشى ئىسيانكارلىق روھى بىلەن سۇغۇرۇلغان ئەسەرلىرىدە زامانىمىز كىشىلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇق ھالىتى، ئولارنى ئوراپ تۇرغان مۇھىت ۋە ئۇنىڭ رېئاللىق بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەققىدە ئىزدەنگەن، ئەسلىمە، خىيال، تەسەۋۋۇر قاتارلىقلارنى كەڭرى قوللىنىپ، رېئاللىق بىلەن توقۇلمىنى تەبىئىي بىرىكتۈرگەن، بېشىدىن كەچۈرۈپ باقمىغان ھېكايىلەرنى ئۇستىلىق بىلەن يېزىپ چىققان » دەپ باھالانغان.
    نـوبـېـل مۇكاپاتى ھەيئىتىنىڭ تۆۋەندىكى سۆزى ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ئۇقۇشلۇق تەسۋىرلەپ بەرسە كېرەك : پاترىك مودىيانونىڭ ئەسەرلىرىدە ھالقىلىق ئۈچ سۆز بار: ئەسلىمە، كىملىك ۋە تارىخ.  ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ كۆپ قىسمى ئەسلىمە بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئوقۇرمەننى ۋاقىت ۋە ئۆز تەقدىرىدىن ھالقىتالايدۇ. ئۇنىڭ كۆپ ئەسەرلىرى 30 - 50 بەت ئەتراپىدا، تىلى بەكمۇ ئاممىباب، چۈشتىن كېيىن بىرنى، كەچتە بىرنى ئوقۇسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ. بۇنى  بىز تەۋسىيە قىلغان« دېرەكسىز ئادەم » ناملىق ئەسىرىدىنلا بىلىۋالايسىز....

      
   

samawar يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 16:22:53

تىما ئىگىسى رەھمەت .قاچان ئوقۇش نىسىپ بولار  بۇ ئەدەمنىڭ رومانلىرى ؟

BlackHand يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 17:06:09

سوپ پوڭ ئ‍ۇنۋىرسىتى ئ‍ەمەس، سوغبۇن ئ‍ۇنۋىرسىتى.
ھە راس، ئ‍ىسمايل قادىرى دېگەن كىم بوپ كەتتى؟

windows100 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 19:38:36

بۇ مۇكاپات ھازىرغىچە مىلان كوندىراغا بېرىلمىدى،خۇددى تۇنجى قېتىملىقى تولىستويغا بېرىلمەي سۇللى پىرودومغا بېرىلگەندەك.ئەگەردە سۇللى پرودۇمغا نوبىل مۇكاپاتى بېرىلمىگەن بولسا نۇرغۇن ئەدىبىيات ھەۋەسكارلىرى مۇشۇنداق بىر شائىرنىڭ بارلىقىنى بىلمەسلىكى مومكىن ئىدى، نوبىل مۇكاپاتى بېرىلمىگەن بولسىمۇ لېكىن تولىستوينى ئەدىبىياتنى ياخشى كۆرىدىغان ھەممە ئادەم دىگۈدەك بىلىدۇ مىللەت ،دىن ئايرىماي.نوبىل ئەدىبىيات مۇكاپاتى بەزىدە مۇشۇنداقراق بىر ئىشكەن .

YELKEN يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 19:56:06

بۇ خۇددى لېئوناردو دىكاپپىرونىڭ ئوسكارغا ئېرىشەلمىگىنىدەك بىر ئىش.

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 20:12:44

مەن ياپونلۇق نامزاتنى ئالارمىكىن دېگەن.

windows100 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 20:29:36

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   windows100 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-20 20:32  

بۇ ئادەمگە بېرىلگەن باھالارنى ئۇقۇپ باقسام ئەسەرلىرىنىڭ مەزمۇنى 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىكى يەھۇدى چوڭ قىرغىنچىلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىككەن،يەھۇدى چوڭ قىرغىنچىلىقى غەرپ ئەدىبىياتىدىكى  بىر ئۆلمەس تېما بولسا كېرەك دەپ ئويلاپ قالدىم خۇددى خوڭۋىيبىڭلارنىڭ كۆۋرۇكتىن ئۆتكەنلەرگە ئۈزۈندە يادلاتقىنىدەك.يېڭىراق مەزمۇندا بىر نەرسە يازىدىغان بىرسىگە بەرسىمۇ بولاتى تېخى ئۈچ توت يىل بۇرۇنلا قىرغىنچىلىقنىڭ دۇمبىقىنى بەك چېلىۋەتكەن گونتىر گىراسقا بەرگەندىكىن.
ئەسەرلىرنىڭ مەزمۇنى ئۇنداق بولمىسا ،خاتالاشقان بولسام ئۆزرە.

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 20:32:53

windows100 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-20 20:29 static/image/common/back.gif
بۇ ئادەمگە بېرىلگەن باھالارنى ئۇقۇپ باقسام ئەسەرلىرىن ...

ئاۋال بۇ كىشىنىڭ ئەسەرلىرىدىن بىرەنى ئوقۇپ بېقىپ بىر نىمە دىسەكمۇ كېچىكمەسمىز، ياكى ھازىرلا داۋالمىساق ۋاق قالارمىزمۇ؟

Yatwash يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 20:35:15

windows100 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-20 19:38 static/image/common/back.gif
بۇ مۇكاپات ھازىرغىچە مىلان كوندىراغا بېرىلمىدى،خۇددى  ...

مىلان كۇندىرانىڭ دەۋرى ئۆتۈپ كەتكەن بولۇشى، شۇنداقلا، ئۇ بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشەلمەسلىكى مۇمكىن. چۈنكى، ئۇ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى دەۋرىدە كۆتۈرۈلگەن يازغۇچى، گەرچە ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە بىۋاسىتە سىياسىي مەۋقەسى ئىپادىلەنمىگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئەينى چاغدىكى چىخۇسلىۋاكىيەدىن فىرانسىيەگە مۇساپىر بولۇپ كېتىشىنى (مىلان كۇندىرا بىر قېتىملىق سۆھبەتتە بۇ مۇساپىرلىق مىتافىزىكىلىق مەنىدىكى مۇساپىرلىق ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان) ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان سالاھىيىتى ئۇنىڭغا بەلگىلىك دەرىجىدە سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىكى ئىككى لاگىرنىڭ تامغىسىنى بېسىۋەتكەچكە،  سىياسىي نۇقتىدىن چىقىپ ئۇنىڭغا بۇ مۇكاپات بېرىلمەسلىكى مۇمكىن. سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئەۋجىگە چىققاندا، سوتسىيالىزم لاگىرى كۆككە كۆتۈرگەن چىڭگىز ئايىتماتوۋمۇ قىزغىن نامزات بولغان، ئەمما سوۋېت ئىتىتپاقى پارچىلانغاندىن كېيىنكى، ئەڭ بۈيۈك ئون يازغۇچىنى تاللاش راي سىناش پائالىيىتىدە ئارقىدىن سانىغاندا بىرىنچى بولغان ئىدى. ئەمما، مەن شەخسەن ئۇنىڭ بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشىشىنى ئىزچىل ئارزۇ قىلىپ كەلدىم. «مەۋجۇتلۇقتىكى چىدىغۇسىز يەڭگىللىك» دېگەن رومانىنى قانچە قېتىم ئوقۇۋەتكەنلىكىمنى بىلمەيمەن. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇش مەن ئۈچۈن ھۇزۇر. ھالبۇكى، ئەدەبىيات دېگەن ئەدەبىيات، بىزنىڭ ئارزۇ ۋە ھېسسىياتىمىز ئارزۇ ۋە ھېسىسيات، خالاس.  تولىستوي، جامىس جويىس، بورخىستەك بۈيۈك يازغۇچىلارنى سىرتتا قالدۇرغان بۇ مۇكاپات مىلان كۇندىرانىمۇ سىرتتا قالدۇرۇشى مۇمكىن. نەچچە يىل ئىلگىرىكى راي سىناشتا، مىلان كۇندىرا دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ ھايات يازغۇچىلارنىڭ تىزىملىكىدە گارسىيە ماركىستىن كىينلا تۇرۇپ، ئىككىنچى بولۇپ باھالانغانىدى........

windows100 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 20:35:21

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   windows100 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-20 21:06  

ھەممە يەردە دىگۈدەك شۇنداق دەپتۇيا،شۇڭا مەنمۇ شۇنداق دەپ قويدۇم.
ھەممە ئەسەرلىرى دىگۈدەك 50-60 بەتتىن ئاشماسمىش،چۈشتىن بۇرۇن بىرنى ،كەچتە بىرنى ئوقۇۋالسىڭىزمۇ بولاۋرىدۇ دەپتۇ،بىر نەچچىنى تەرجىمە قىلمامسىز سوۋۇپ قالماستا.:lol

AAA يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 20:35:27

بىچچارە نوبىل بۇيىل گۆرىدە ئۆرە ئولتۇرغاندۇ........!;P;P

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 20:38:54

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xahla91 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-20 20:40  

windows100 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-20 20:35 static/image/common/back.gif
ھەممە يەردە دىگۈدەك شۇنداق دەپتۇيا،شۇڭا مەنمۇ شۇنداق  ...

تەرجىمە قىلساققۇ بولىدۇ، بەرىبىر قازان بېشىدىن چۈشسەك باكا بولغانكىن، لېكىن ئۇچراتقانلىرىمىز ھەممىسىلا 5-600 بەتلىك رومان تۇرىدۇ، قانداق قىلدىغان گەپكىن تاڭ!؟

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 20:42:09

كۈندە ئون بەتتىن قىلسىڭىز ئىككى ئايدا تۈگەيدىكەن.

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 20:44:43

afiyfiy يوللىغان ۋاقتى  2014-10-20 20:42 static/image/common/back.gif
كۈندە ئون بەتتىن قىلسىڭىز ئىككى ئايدا تۈگەيدىكەن.

ئاللاھ خالىسا ئۇمۇ بولۇپ قالار، ھەجەپمۇ بىر بىكاچىنىڭ ۋاقتى يوق كۈنلەر بوپ كېتىۋاتىدۇ. ھەممىنى يېرىمىدا تاشلاپ ئۇخلىساملا دەيدىغان بولۇپ قالدىم.{:92:}

windows100 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 20:46:50

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   windows100 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-20 20:48  

Yatwash يوللىغان ۋاقتى  2014-10-20 20:35 static/image/common/back.gif
مىلان كۇندىرانىڭ دەۋرى ئۆتۈپ كەتكەن بولۇشى، شۇنداقلا ...

بىر نەچچە يىل بۇرۇن پويىزدا بىر چەتئەللىك بالا ئۇچراپ قالدى،ئۆزى خەنسۇچىنى مەن سىفەننى پۈتتۈرگەن چاغدىكىدەك موچەنگە سەككىزدىن سۆزلەيدىكەن،نەلىك سەن دىسەم مەن چېخلىق دەيدۇ،مىلان كوندىرانى بىلەمسەن دىسەم بىلمەيدىكەن،نەچچىگە كىردىڭ دىسەم 23 كە،شەندۇڭدا بىر داشۆنىڭ خەنسۇتىلى كەسپىدە ئوقۇيمەن دەيدۇ،ئۇنى - بۇنى دىيشىپ بىردەم ئولتۇردۇق،كىيىن ئۇ-بۇ قاراۋىرىپ بۇ ئىشنىڭ تاماكا چەككەنگە ئوخشاش سالامەتلىككە زىيانلىق بىر ئىش ئىكەنلىكىنى سېزىپ قېلىپ كارۋىتىمغا كېتىپ ئۇخلىغانتىم،چەتئەللىكمۇ تاينىلىقكەن،مەندىن بەش ياشلا كىچىك تۇرۇپ تېخى ‹‹چەتئەل››دە ئوقۇۋاتقان تۇرۇپ ئۆز دۆلىتىدىكى ئەڭ مەشھۇر يازغۇچىنىمۇ بىلمەيدىكەن دەپ قالغانتىم.;P
ئەمەلىيەتتە مەنمۇ مىلان كوندىرانى بەك بىلىپ كەتمەيمەن،پەقەت ئۇنىڭ بىر قانچە ھىكايىسىنى ئوقۇغانلا يېرىم بار،بىزنىڭ ئىزلەنمە ھىكايە يازىدىغانلار بىر مەزگىل مۇشۇ ئادەمنى دورىغاندەك تۇيۇلىدۇ ماڭا.

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 20:47:11

تەرجىمانلارنى يۇقۇرى سوممىلىق تەرجىمىگە ئۇيۇشتۇرۇپ، پۈتكۈل نادىر ئەسەرلەرنى تولۇق تەرجىمە قىلىۋەتسىكەن دەپ ئويلايمەن. لېكىن بۇ پەقەتلا ئۈمىدتە.

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 20:49:16

afiyfiy يوللىغان ۋاقتى  2014-10-20 20:47 static/image/common/back.gif
تەرجىمانلارنى يۇقۇرى سوممىلىق تەرجىمىگە ئۇيۇشتۇرۇپ،  ...

بەك گۈزەل ئارزۇكەن، قاچان ئەمەلگە ئاشار.{:120:}

windows100 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 20:52:52

afiyfiy يوللىغان ۋاقتى  2014-10-20 20:47 static/image/common/back.gif
تەرجىمانلارنى يۇقۇرى سوممىلىق تەرجىمىگە ئۇيۇشتۇرۇپ،  ...

بەزىدە قوش رەڭلىك توپتىن 100 ھەسسە مۇڭاپات چىقسا ،چەتئەلىنىڭ ئەڭ ۋەھشى كىتاپلرىدىن 1000 پارچىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىشقا ئۇيۇشتۇرسام دەپ بەكمۇ شىرىن خىياللانى سۈرىمەن.كىيىن ئۇقسام بۇنداق خىياللارنى پەقەت نەشىكەشلەرلا قىلارمىش.;P ;P ;P ;P ;P

windows100 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 21:00:44

xahla91 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-20 20:49 static/image/common/back.gif
بەك گۈزەل ئارزۇكەن، قاچان ئەمەلگە ئاشار.

مەن بىر زامانلاردا خەنسۇچە دۇنيا ئەدىبىياتى ژورنىلىنىڭ بورخسقا ئاتالغان مەخسۇس سانىنى كۆرگەن،400-500 بەتلىك پۈتۈن ژورنالدا پۈتۈن مۇشۇ ئادەمنىڭ شىئىرى ،كىيىن بىلسەم خەنسۇچە دۇنيا ئەدىبىياتى ژورنىلىنىڭ مەخسۇس بىر يازغۇچىغا ئاتالغان سانلىرى خېلى باركەن،موندىيانو ئەپەندىم ۋە باشقىلارغا مۇشۇنداق بىر ئىش قىپ باقسا بولاتتى چوڭاملىرىم.

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 21:02:42

windows100 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-20 21:00 static/image/common/back.gif
مەن بىر زامانلاردا خەنسۇچە دۇنيا ئەدىبىياتى ژورنىلىن ...

ماقۇل كىلەر سان دۇنيا ئەدەبىياتىنى مۇشۇ كىشىگە ئاتاپ قوينى.{:92:}
بەت: [1] 2
: 2014 - يىللىق نـوبـېـل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ساھىبى پاترىك مودىيانو