passs يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 10:54:45

ياپۇنىيە شامچە سىزىقى

ياپۇنىيە شامچە سىزىقى (k سىزىق)

بىزگە مەلۇمكى ھەر قانداق بىر كەسىپتە شۇ كەسىپنىڭ نورمال ئېلىپ بىرلىشى ئۈچۈن شۇ كەسىپكە خاس ياكى ئونۋىرىسال ئىشلىتىشچانلىققا ئىگە بەزى بىر قوراللىرى بولىدۇ ، پۇل-مۇئامىلە بازىرىنىڭمۇ شۇنىڭغا يارىشا  ئۆزىگە خاس تەھلىل قوراللىرى بار، ئۇلار ئامېرىكا سىزىقى ، ياپۇنىيە شامچە سىزىقى ،ئەگرى سىزىق ۋە غەرىپنىڭ تېخنىك كۆرسەتكۈچىلىرى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. گەرچە ئامېرىكا سىزىقى بىلەن ياپۇنىيە شامچە سىزىقىنىڭ ھەر ئىككىلىسىنىڭ ئىشلىتىشچانلىقى ئوخشاش يەنى بازارنى ئوقۇش ياكى كۆرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلسىمۇ، ياپۇنىيە شامچە  سىزىقىنىڭ ئىشلىتىشچانلىقى يۇقىرى ، ئومۇملاشقان، ئىپادىلىگەن مەزمۇنى ئاددى،چۈشۈنىشلىك شۇنداقلا ئۇنىڭدىن بازارغا ئائىت نۇرغۇن ئۇچۇرلارنى تاپقىلى بولىدۇ. شۇڭا ياپۇنىيە شامچە سىزىقىنى ۋە ئۇنىڭدىن شەكىللەنگەن بەزى بىر شەكىللەرنى  ياخشى ئىگەللىۋالسىڭىز پايچىك، زايۇم، ئالتۇن كۈمۈش، قەرەللىك مال ، فونىد ۋە باشقا نەرسىلەرنى ئوقۇش، چۈشىنىش، تەھلىل قىلىش  قاتارلىق ئىقتىدارلارغا ئىگە بولىسىز ، ئەمدى مۇشۇلارنى قانچىلىك دەرىجىدە ئىشلىتىش ، توغرا يۆنىلىشتىكى تەھلىل قىلىش سىز بىزگە قويۇلغان سۇئال.

ياپۇنىيە شامچە سىزىقى( خەلقىئارادا K سىزىق دەپ قوللىنىدۇ)، بۇ سىزىقنى ئەڭ

دەسلەپتە ياپۇنيىلىكلەر گۈرۈچنىڭ باھا ئۆزگىرىشىنى خاتىرلەش ئۈچۈن ئىشلەتكەن ، كىيىن پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھا ئۆزگىرىشىنى خاتىرلەش ياكى كۆرۈش ئۈچۈن ياپۇنىيەدە ئومۇميۈزلىك قوللىنىلغان ، گەرچە بۇ خىل سىزىق بارلىققا كەلگىلى ئىككى يۈز  يىلدىن ئارتۇق بولغان  بولسىمۇ غەرىپتىكىلەر ئانچە ئىشلىتىپ  كەتمىگەن تاكى 1980 يىللاردىن كىيىن ئاندىن ئاستا ئاستا قۇبۇل قىلىپ ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلغان ، ياپۇنىيە شامچە سىزىقىنى ئوگىنىش بەك ئاددى ھەم ئاسان  ، بەلكىم يېرىم سائەت ياكى نەچچە سائەتتىلا سىز ئۇ سىزىقچە ئىپادىلىگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسىنى ئىگەللەپ بولىشىڭىز مۇمكىن .

   ھەر قانداق بىر شامچە سىزىق تۆت خىل ئامىلدىن تەركىپ تاپقان  بولىدۇ ، يەنى بازار ئېچىلىش  باھاسى ، بازار يېپىلىش باھاسى، شۇ شامچە سىزىقتىكى ئەڭ يۇقىرى باھا،شۇ شامچە سىزىقتىكى  ئەڭ تۆۋەن  باھا، ئەمدى بەزى شامچە  سىزىقتا ئەڭ يۇقىرى باھا ئەڭ تۈۋەن  باھا  بازار  ئېچىلىش باھاسى ۋە بازار يېپىلىش باھاسى تەڭ بولىدىغان ئىشلار بولىدۇ ، بەزىسدە بازار ئېچىلىش ياكى يېپىلىش باھاسى ئەڭ يۇقىرى باھا بىلەن  تەڭ بولىدىغان ئىشلار بولىدۇ ۋە ياكى باشقا دىگەندەك،  ياپۇنىيە شامچە سىزىقىنىڭ ئۆزگىرىشى ئاساسەن  سەككىز  خىللا شەكىلدە بولىدۇ، شامچە سىزىق گەۋدىسىلا بولغان شەكىل، شامچە سىزىق ئاستى ئۈستى ئىنچىكە سىزىقى بولغان شەكىل ، شامچە سىزىق ئۈستى ئىنچىكە سىزىقى بولغان شەكىل ، شامچە سىزىق ئاستى ئىنچىكە سىزىقى بولغان شەكىل، ئەمدى شامچە سىزىق بازار يۈزلىنىش يۆنىلىشىدىكى ئورنىغا قاراپ چۈشۈش شامچە سىزىقى بىلەن ئۆرلەش (ئۆسۈش) شامچە سىزىقىغا ئايرىلىدۇ، ھەر بىرسى تۆت خىل شەكىل بويىچە ئۆزگەرسە جەمى سەككىز خىل  شەكىل بولغان  بولىدۇ ،  (ئەمدى مۇشۇ سەككىز خىل شەكىل ئۆزگىرىشتىن ھاسىل بولغان بەزى ئۆزگىرىشلارمۇ بار)، ئەمدى ھەر ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق شامچە سىزىقنىڭ بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان  شەكىللەر بەك كۆپ ياكى شامچە سىزىقنىڭ بىر پۈتۈن يۈزلىنىشتىكى  ئورنىنىڭ قەيەردە بولىشىغا قاراپ بىلدۇرگەن مەنىسى ئوخشاش بولمايدۇ،شۇڭا  ئەمدىكى ئۆگەنمەك تەس بولغىنى شۇ سىزىقلاردىن ھاسىل بولغان ھەر خىل شەكىللەر .

سىز بىز دەسلەپتە ئۆگىنىدىغىنى بىر قەدەر مۇقىم بولغان شەكىللەرنى ئاساس قىلىمىز ، مەسىلەن ئادەم مۈرە باش شەكىل،بايراق شەكىل،ئۈچبۇلۇڭ شەكىل،پەلەيپىىسىمان ئۆرلەش چۈشۈش شەكىللىرى،پاراللىل شەكىل ، پاراللىلپىپىد شەكىل ،∨ خەتلىك،خەتلىك ،دىگەندەك تۈرلەر بار M ،  خەتلىك W ،يالغۇز تاياقچە ، قوش تاياقچە ،  باشقا شەكىللەرنى سىز چوقۇم تەجربىڭىز مول بولغاندا ئاندىن كۆزىتەلەيسىز ياكى بىۋاستە ھۆكۈم قىلالايدىغان بولىسىز . شۇنىسى ئېنىقكى بازار بارغانسىرى كۆپ خىللىشۋاتىدۇ، بازار ئۆزگىرىشى مۇقىم بولغان ، كۆپ قېتىم تەجىربىدىن ئۆتكەن شەكىللەرمۇ بەزى ۋاقىتلاردا  باشقىچە يۆنىلىش  بۇرۇلۇش ھاسىل قىلىۋاتىدۇ.

file:///C:/Users/ADMINI~1/AppData/Local/Temp/ksohtml/wps6ABF.tmp.png

                  ياپۇنىيە شامچە سىزىقىدىن شەكىللەنگەن رەسىم  

file:///C:/Users/ADMINI~1/AppData/Local/Temp/ksohtml/wps6AD0.tmp.png

                       ئامېرىكا سىزىقىدىن شەكىللەنگەن رەسىم

  ئەمدى سىز ئەمىلى ئەھۋالىڭىزغا ئاساسەن بۇنداق سىزىقلاردىن بىرسىنى تاللىسىڭىز بولىدۇ ، مىنىڭ تەۋسىيەرىم ياپۇن سىزىقىنى ئاساس قىلىپ باشقا سىزىقلارنى قوشۇمچە قىلىپ ئىشلىتىڭ ، چۈنكى بەزى شەكىللەرنى ياپۇن سىزىقىغا باققاندا ئامرىكا سىزىقى ياكى ئەگرى سىزىقتا كۆزەتسىڭىز تېخىمۇ ئېنىق ھەم ئۇچۇق بىلگىلى بولىدۇ . مەسىلەن قوش تاياقچە ياكى يالغۇز تاياقچە شەكىللىرىنى ئامرىكا سىزىقىدا كۈزەتكەندە تېخىمۇ ئۇچۇق،ئېنىق بولۇپ ، ھۆكۈم ئېلىپ بېرىشتا ياپۇنىيە سىزىقىغا باققاندا بىر قەدەر توغرا ھەم ئاسان.

پەلەمپەيسىمان چۈشۈش ياكى ئۆسۈشنى ئەگرى سىزىقتا كۈزەتسەك بىر قەدەر ئۇچۇق ، ئاددى ، بايقاش ئاسان بولىدۇ .

  سىز بۇ خىل سىزىقلاردىن شەكىللەنگەن رەسىملەرنى ئوقۇش ياكى چۈشىنىش ، ئۇنىڭ ئىپادىلىگەن مەنىسىنى بىلىش ئۈچۈن بىر بولسا كىتاپقا ياكى كەسىپ ۋاكالەتچىلىرىگە تەۋسىيە قىلسڭىز بولىدۇ .

ھەرقانداق بىر ئىنساننىڭ  ھەر خىل سىزىقلاردىن شەكىلەنگەن رەسىملەرنى ئوقۇش، چۈشىنىش ،تەھلىل قىلىش ئىقتىدارى بولىدۇ . پۇل-مۇئامىلە بازىرىدا شەكىللەنگەن بۇ رەسىملەر ئىقتىسادى ، سىياسى ئامىللارنىڭ تەسىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ ، مۇنداقچە ئېيىتقاندا شۇ ئامىللارنىڭ تەسىرىدىن شۇ  شەكىللەر شەكىللەنگەن بولىدۇ. دەل مۇشۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن سىز ھەم مەن پۇل مۇئامىلە بازارلىرىدىن تولىمۇ يىراقتا تۇرۇپ ، شۇنداقلا خەۋەر زەنجىرىنىڭ ئەڭ ئاجىز ، تۆۋەن ھالقىسىدا تۇرۇپمۇ بۇ بازارغا كىرىپ سودا قىلىۋاتىمىز .

بىزدە نۇرغۇن خەنزۇچە يېزىقنى تونىمايدىغان كىشىلەر بۇ سودىنى قىلىۋاتىدۇ ، شۇڭلاشقا ئۇلار سودا ۋاكالەتچىلىرىنى چىڭ تۇتىشى ، ئۇلاردىن ھەر خىل بىلىملەرنى ئۆزىگە ئۆگىتىشنى تەلەپ قىلىشى كېرەك، رەسىم تەھلىل قىلىش ئۇسۇلى بولسا سىز ئىقتىساد ، سىياسى بىلىملەرنى ئۈگەنمەي تۇرۇپ ياكى ئۇلارغا داھىم دىققەت قىلماي تۇرۇپ بازارغا توغرا باھا بىرىشتىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇل .

سىز شەكىللەرنى ئۆگىنىپ بولغاندىن كېيىن ئۇنى چوقۇم ھەر خىل تېخنىك كۆرسەتكۈچلەر بىلەن بىرگە ئىشلىتىسىڭىز زۆرۈر ، ئەڭ مۇھىمى سىزدىكى تەجىربىگە تايىنىپ ھۆكۈم چىقىرىشىڭىز لازىم .

ئوخشاش شەكىلنىڭ ئۆزگىرىشى بەلكىم تارىخى قانۇنىيەتكە بويسىنىشى ۋە ياكى يېڭىچە ئۆزگىرىشى مۇمكىن .

ئەگەردە رەسىم ئارقىلىق تەھلىل قىلىش تەس ياكى داھىم توغرا ئۇچۇرغا ئىرىشەلمىسىڭىز ، ئۇنداقتا سىز ئۆلچەملىك تەھلىل قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىڭ ، بۇ ئۇسۇل

بازار ئۆزگىرىش تەھلىلىنى سىز سىياسى بىلىم،ئىقتىسادى بىلىم،سىزنىڭ پىسخىك ھالىتىڭىز ھەم تېخنىك كۆرسەتكۈچلەرنىڭ ياردىمىدا ئېلىپ بارىدىغان ئۇسۇلدۇر .

ئەمدى نۇرغۇن كىشىلەر تېخنىك كۆرسەتكۈچىلىرىنىڭ رەلىنى بەك چوڭ بىلىدۇ ،داھىم كۆرسەتكۈچنىلا ئاساس قىلىۋالىدۇ ، بىلەمسىزمىكىن ھەر قانداق بىر  سودا دىتالىدا ئاپتۇماتىك مۇلازىمەت كەسپى بار ، سىز پەقەت بەزى بىر يەرلىرىنىلا تەڭشىسىڭىز كومپىيوتىر سىزگە ئاپتوماتىك بازار تەھلىل قىلىپ مال ئېلىپ سېتىپ قىلىپ بېرىدۇ ، بۇنىڭدا كومپىيوتىرنىڭ ئاساس قىلغىنى دەل تېخنىكىلىق كۆرسەتكۈچ ،ئەمما بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق پايدا ئالغانلار نىسبىتى ئادەم قىلغاننىڭكىدىن كۆپ تۆۋەن بولغان ،ئەمما بىز ھەر قانداق بىر ھۆكۈمدە (تېخنىكىلىق كۆرسەتكۈچ )ئۇنىڭدىن ئايرىلالمايمىز ،ئۇ ئارقىلىق ھۆكۈمىمىزنىڭ توغرىلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرەيمىز ،تېخنىكىلىق كۆرسەتكۈچ بولسا چەتئەلدىكى ئۇتۇق قازانغان كىشىلەرنىڭ ماتىماتىكىلىق،سىتاتىسكىلىق ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ ئۆز ئۇسۇلىنى قېلىپلاشتۇرغاننىڭ نەتىجىسى، مەسىلەن سىزما بىر خىل ئۇسۇل ئارقىلىق كۆپ پايدا ئالالىسىڭىز سىز ئاشۇ ئۇسۇلغا ماتىماتىكا،سىتاتىسكا قاتارلىق نەرسىلەرنى كۈرگۈزۇپ كۆرۈش ئاسان ، ئاددى بولغان بىر كۆرسەتكۈچ ياسىسىڭىز بولىدۇ، ھازىرقى دەۋىردە كومپىيوتىر بىزگە لازىملىق ھەممە سانلىق قىممەتنى تەييار قىلىپ بېرىدۇ.  مەن  رەسىم تەھلىل ئۇسۇلى بەك مۇھىم دەپ قارايمەن، باياتىن دىگەندەك ھەر خىل شەكىللەر بولسا دۇنيا ئىقتىساد ئۆزگىرىشىنىڭ ، سىياسەت ئۆزگىرىشىنىڭ ھەم سودىغا قاتناشقۇچىلارنىڭ پىسخىك ھالەت ئۆزگىرىشىنىڭ نەتىجىسىدۇر . شۇڭا شەكىل ئىچىدە ھەممە ئۇچۇر بار . دىمەك مۇرەككەپ ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئاساسى يەنىلام ئاددى بولغان ياپۇنىيە شامچە سىزىقى .

   ئۆرلەش شامچە سىزىقى :

     شامچە سىزىق  گەۋدىسىلا بولغان شەكىل-بازار ئېچىلىش باھاسىدىن كىيىن ئۈزلۈكسىز بازار يېپىلىش باھاسىغىچە ئۆسكەن شەكىل يەنى ئەڭ تۆۋەن باھا بىلەن بازار ئېچىلىش باھاسى تەڭ، ئەڭ يۇقىرى باھا بىلەن بازار يېپىلىش باھاسى تەڭ .

    شامچە سىزىق ئۈستى ئىنچىكە سىزىقى بولغان  شەكىل -بازار ئېچىلىش باھاسىدىن كىيىن ئۈزلۇكسىز ئۆسكەن ئەمما پەسكە تارتىش كۈچى (چۈشۈشكە مال ئالغانلار ھاسىل قىلغان كۈچ ) سەۋەپلىك شامچە سىزىق گەۋدىسى ئۈستىدە بىر ئىنچىكە سىزىق ھاسىل بولغان شەكىل يەنى بازار ئېچىلىش باھاسى بىلەن ئەڭ تۆۋەن باھا تەڭ ، ئەڭ يۇقىرى باھا بىلەن بازار يېپىلىش باھاسى ئايرىم-ئايرىم بولىدۇ ، شۇ كۈندىكى ئەڭ يۇقىرى باھا  بازار يېپىلىش باھاسىدىن چوڭ بولىدۇ .

    شامچە سىزىق ئاستى ئىنچىكە سىزىقى بولغان  شەكىل-بازار ئېچىلىش باھاسىدىن كىيىن ئۈزلۇكسىز چۈشكەن  ئەمما ئۈستىگە تارتىش كۈچى (ئۆسۈشكە مال ئالغانلار ھاسىل قىلغان كۈچ ) سەۋەپلىك شامچە سىزىق گەۋدىسى ئاستىدا بىر ئىنچىكە سىزىق ھاسىل بولغان شەكىل يەنى بازار يېپىلىش باھاسى بىلەن ئەڭ يۇقىرى باھا تەڭ ، ئەڭ تۆۋەن باھا بىلەن بازار ئېچىلىش باھاسى ئايرىم-ئايرىم بولىدۇ ، شۇ كۈندىكى ئەڭ تۆۋەن باھا  بازار ئېچىلىش باھاسىدىن كىچىك بولىدۇ .

    شامچە سىزىق ئۈستى ئاستى ئىنچىكە سىزىقى بولغان  شەكىل -بازار ئېچىلىش باھاسىدىن كىيىن ئۈزلۇكسىز ئۆسكەن ئەمما پەسكە تارتىش كۈچى (چۈشۈشكە مال ئالغانلار ھاسىل قىلغان كۈچ ) سەۋەپلىك شامچە سىزىق چۈشۈشكە ماڭغان ھەم بازار ئېچىلىش باھاسىدىن ئېشىپ چۈشۈپ كەتكەن  ئەمما ئۆسۈش تارتىش كۈچى(ئۆسۈشكە مال ئالغانلار ھاسىل  قىلغان كۈچ) سەۋەپلىك يەنە ئۆسۈشكە قاراپ ماڭغان ھەم بازار ئېچىلىش باھاسىنىڭ ئۈستىگە چىققان بەلكىم  ھازىرقى مۇشۇ ھالەت نەچچە نەچچە قېتىم شەكىللەنگەن بولىشىمۇ مۇمكىن، ئەمما شامچە سىزىق گەۋدىسى ئۈستى ئاستىدا بىر ئىنچىكە سىزىق ھاسىل بولغان شەكىل يەنى بازار ئېچىلىش باھاسى ، ئەڭ تۆۋەن باھا  ، ئەڭ يۇقىرى باھا بىلەن بازار يېپىلىش باھاسى ئايرىم-ئايرىم چىققان بولىدۇ  ياكى بازار ئېچىلىش باھاسىدىن كىيىن ئۈزلۇكسىز چۈشكەن  ئەمما ئۈستىگە تارتىش كۈچى (ئۆسۈشكە مال ئالغانلار ھاسىل قىلغان كۈچ ) سەۋەپلىك ئۆسۈشكە قاراپ ماڭغان شۇنداقلا بازار ئېچىلىش باھاسىنىڭ ئۈستىگە چىقىپ داۋاملىق ئۆسكەن ئەمما پەسكە تارتىش كۈچى (چۈشۈشكە مال ئالغانلار ھاسىل قىلغان كۈچ) سەۋەپلىك  ئەڭ يۇقىرى نوختا ھاسىل بولغان بولىدۇ ياكى مۇشۇ ھالەت قايتا قايتا تەكرالانغان  بولىشى مۇمكىن، يەنى شامچە سىزىق گەۋدىسى ئاستى ئۈستىدە بىر ئىنچىكە سىزىق ھاسىل بولغان شەكىل يەنى بازار يېپىلىش باھاسى ، ئەڭ يۇقىرى باھا  ، ئەڭ تۆۋەن باھا  بازار ئېچىلىش باھاسى ئايرىم-ئايرىم بولىدۇ .

چۈشۈش شامچە  سىزىقى : چۈشۈش شامچە سىزىقىنىڭما تۆت خىل ئۆزگىرىش شەكلى  بار ،  ئۆرلەش شامچە سىزىقى ئۆزگىرىش شەكلىنىڭ بازار ئېچىلىش باھاسى بىلەن بازار يېپىلىش باھاسىنىڭ ئورنىلا ئالماشتۇرۇپ ئوقۇساق بولدى .

   شامچە سىزىقنى  ئۆگىنىپ بولغاندىن كېيىن بىز ئاۋۋال يەككە شامچە سىزىقنىڭ ئورنىنى تەھلىل قىلىمىز . يەنى ھەر  بىر ئۆشۈش ياكى چۈشۈش دولقىنى بولسۇن بىز  شۇ دولقۇننىڭ باشلىنىش نوقتىسى ، ئوتتىرا نوقتىسى، ئاخىرقى نوقتىلىرىدىكى شامچە سىزىق  ھالىتىگە ئاساسەن دەسلەپكى ھۆكۈمنى چىقارساق بولىدۇ ،ئەمدى توغرىلىق دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن كىيىنكى بىر ياكى ئىككى بولسا ئۈچ تۆتكىچە شامچە سىزىقنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىغا قاراپ ئاندىن بازارغا كىرسەك  بولىدۇ ، يۇقارقى نوقتىلاردىكى تەھلىللەرنى چوقۇم بازار  مىقدار  پۈتۈشۈش ئۆزگىرىشى (بازارغا كىرىپ مال ئېلىپ ساتقاننىڭ سان ئۆزگىرىشى) بىلەن ئېلىپ بېرىشى كېرەك ، بۇنى سىز شامچە سىزىقنىڭ ھەر خىل ۋاقىت ئۆزگىرىشىدىكى ئەھۋالىغا قارىتا تەھلىل قىلسىڭىز بولىدۇ ، يەنى قىسقا مۇددەتلىك ، ئۇزۇن مۇددەتلىك ، ئوتتىرا مەزگىللىك سودىلارنى ئۆزىگىز كۆنگەن ئۇسۇل  بويىچە قىلسىڭىز بولىدۇ ،  ئەمدى بازارنىڭ باشلىنىش نوقتىسى ، ئوتتىرا نوقتىسى، ئاخىرقى نوقتىسىنى بايقاش  بولۇپمۇ  ھەر بىر دولقۇننىڭ باشلىنىش ، ئاخىرلىنىش نوختىلىرىنى تېپىش قىيىن ، بۇنى بايقاش سىزدىكى تەجىربىگە باغلىق .

   قوش شامچە سىزىق بۇ يالغۇز شامچە سىزىققا قارىغاندا تېخىمۇ ئىشەنچىلىك سىگنال بىلەن بىزنى تەمىن ئەتىدۇ ، شۇڭا مۇۋاپىق نوختىلاردىكى شەكىلللەنگەن ئىككى شامچە سىزىققا ئاساسەن بازارغا كىرىش  نىسبەتەن خەتىرى تۆۋەن بولىدۇ .


تەجىربە بۇ جان تۇمۇرغا ئوخشاش ھەر بىر قول سودىدا سىزنىڭ ئۇتۇق قازىنىشىڭىز تەجىربىڭىزگە باغلىق ، ياخشى بولغان  بازار پۇرسىتىنى سىز پەقەت ئۆزىڭىز ئۆزىڭىزگىلا يارىتىپ بېرەلەيسىز ، باشقىلار يارىتىپ بەرگەن پۇرسەتنى بايقاش  بولسۇن  ياكى ھەر قېتىملىق پۇرسەتنىڭ سىزگە ئېلىپ كېلىدىغان پايدىسىنى ئەڭ يۇقىرى قىممەتتە ئاشۇرۇشنىڭ ھەممىسى ئۆزىمىزدىكى تەجىربىگە باغلىق .  ئەگەر  سىزدە مول بولغان تەجىربە بىلەن چوڭقۇر رەسىم تەھلىل قىلىش ئىقتىدارى بولسا بەلكىم سىز دىيارىمىزدىكى كىيىنكى مىليادىر بوپ قېلىشىڭىز مۇمكىن .

  ئالاھىدە ئەسكەرتىش : مەيلى دۆلەت ئىچىدىكى ياكى  چەت ئەللەردىكى ئادەتتىكى بازارغا كىرگۈچىلار بولسۇن ئۇلار يۇقارقى دەسلەپكى چۈشەنچىلەرنى پىششىق بىلىپلا قالماي بەلكى تېخىمۇ كۆپ بىلىملەرنى  بىلىدۇ ، شۇڭا  سىز چوقۇم بازاردىكى ئورنىڭىز ياكى ئەھۋالىڭىزنى دەڭسەپ بازارغا كىرىڭ.

ئەسلى رەسىم قىستۇرۇپ چۈشەندۈرەي دىگەن ئۇنداقتا تېخىمۇ كۆپ مەزمۇن قوشۇپ سۆزلىسەم بولىدىكە ، ۋاقىت سەۋەبىدىن مۇشۇنچىلىكلا چۈشەندۈردۈم .

بۇ ماقالىنى خالىغانچە كۆچۈرسىڭىز بولىدۇ ، ئەمما ئەجرىم ئۈچۈن ئۈندىدار نۇمۇرىمنى بىللە كۆچۈرسىڭىز .

  ئۈندىدار نۇمۇرۇم : 728339627

تولۇقلىما مەزمۇن (2014-10-21 10:21):
رەسىم چىقماي قاپتۇ ، كەڭ تورداشلارنىڭ توغرا چۈشۈنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 12:58:31

دەۋاتقىنىڭىز مۇشۇ سىزىقمۇ ؟



案例:这是中国卫星2011年3月3日的K线图,当天的大阴线吃掉了前面5天k线,这是非常极端的杀跌信号,同时成交量放大,出货非常明显,有题材,有概念又怎么样,遇到大环境不好,技术面照样杀跌,该股在随后的2个月时间内暴跌30%,这是相当严峻的做空实战!

passs يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 14:28:04

uqkun1 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-20 12:58 static/image/common/back.gif
دەۋاتقىنىڭىز مۇشۇ سىزىقمۇ ؟




شۇنداق ، مۇشۇ ئاددى نەرسىلەردىن نى نى نەتىجىلەر بارلىققا كېلىدۇ ئەمەسمۇ ، قاراڭ سىز ئەۋەتكەن شەكىلدىما شۇنداق جىق ئۇچۇرلار تۇرمامدۇ .

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-21 17:02:19

مېھراي ئىلھامنىڭ پاي چىكى ماھارىتى ناملىق كىتاۋى بۇ جەھەتتە ئۇيغۇرچە ماتىرىياللار ئىچىدە ئەڭ چۈشىنىشلىك بىر ئوقۇشلۇق ...
بەت: [1]
: ياپۇنىيە شامچە سىزىقى