asalam يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 10:22:51

tohotur نىڭ ئويلىغانلىرىغا جاۋاب ( ئەلى قۇربان )

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئىزدىنىشداشلار .
تۈنۈگۈن tohotur نىڭ ئەلى قۇرباننىڭ لىكسىيەسى توغۇرسىدىكى تېمىسىنى ئوقۇدۇم ھەم بۇ تېمىنى چوقۇم ئەلى قۇربان ئۆزى كۆرمىسە نۇرغۇن مەسىلىلەر يەنە ئوخشاش ( نىمىشقا ؟ )پېتى قېلىۋېرىدۇ دەپ ئويلاپ ئۇ تېمىنى ئۇنىڭ ئۆزىگە كۆرسەتتىم ، ھەم ئىزدىنىشتىكى ئەزالارنىڭ ئۇنى ئىزدىنىشقا تەكلىپ قىلىدىغانلىقىنى ، پىسخولوگىيە كەسپى تەرەپتىن مۇنبەرداشلارنىڭ نۇرغۇن تېما ئۈستىدە مۇنازىرلەشكىسى بارلىقىنى يەتكۈزدۈم ، ئەلى قۇربان مۇئەللىممۇ بۇنىڭدىن خۇرسەن بولدى ، ھەم ئۆزىنىڭ سەل ئالدىراش ئىكەنلىكىنى ئېيتقان بولسىمۇ مۇنبەردىكى نۇرغۇن خەلقئارالىق شەخىسلەرنىڭ شۇنچە ئالدىراش ۋاقتىنى قانداق ئاجىرتىپ بىز ئۈچۈن ياخشى مەزمۇنلارنى يەتكۈزىدىغانلىقى ئېيتىپ ئۇنى خىجىل قىلىپ تۇرىۋالدىم . شۇنىڭ بىلەن ئۇمۇشۇنداق قىلىشقا تىرىشىدىغانلىقىنى ، ئالدى بىلەن tohotur نىڭ يازمىسىغا جاۋابىنى يەتكۈزۈپ قويۇشۇمنى تاپىلىدى .
ئادەتتە ئەلى مۇئەللىمنىڭپىكىر قىلىشى بەكلا غەلىتە ، ماڭا نۇرغۇن ئۇچۇرنى ئەۋەتتى ، مەن مەزمۇنىنى بىرەقۇر ئوقۇپ نۇرغۇن پىكىرلىرىنى شەخسەن قۇبۇل قىلالمىدىم ، ئەسلى شۇ تېمىغا ئىنكاس شەكىلدە يېزىشنى كۆزلەپ ئۇنىڭغا مەزمۇننى قىسقىچە قىلىپ مۇنبەرداشلارغا يەتكۈزىدىغانلىقىمنى ئېيتسام ئۇ مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشىمنى ، ھەمدە مەيلى قوبۇل قىلسۇن قىلمىسۇن دىگەن گېپىنى تولۇق يەتكۈزىشىمنى ، بەلكىم سۆزلىرىنىڭ پايدىسى بوپقالىدىغانلىقىنى ئېيتتى . شۇڭا ئايرىم چۈشەندۈرۈش بېرىش بىلەن بىرگە مەنمۇ مەزمۇننى تولۇق يەتكۈزمەكچى .

~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~
   ئەلى قۇربان : بۇ كىشى زىيالىكەن ، ئايەت - ھەدىسلەرنى خېلى پىششىق بىلىدىكەن ، ئۆزىنى باشقىلار چۈشەنمىگەننى چۈشىنىمەن دەپ بىلىدىكەن ، بىراق ئۇ ھېچنەرسىنى بىلمەيدۇ . ئۇنىڭ كاللىسىدا مېنىڭ ئۇ سۆزلەرنى دىيىشىم خاتا ، ئۇ سۆزلەرنى چوقۇم ئۇنىڭ نەزىرىدىكى ئادەملەرلا دىسە بولىدۇ ...
بەزى ئادەملەر خۇدانى قانداق تەسەۋۋۇر قىلسا ئۆزى شۇنداق بولىۋالىدۇ . دىن دىگەن بىر ئىلاھى قانۇن ، ئۇنىڭدىنمۇ چوڭى ئىلاھى قانۇنىيەت . قانۇنىيەتنى بىلمەي قانۇنغا ئېسىلىۋالغان ئادەملەر پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى تەرەققىياتتىن توسىدۇ . ئۇلار پەقەت ( مۇنداق دىگەن ئۇنداق ) دىگەننىلا بىلىدۇ ، ( نېمىشقا ئۇنداق ؟ ) دىگەننى بىلمەيدۇ . ئۇلار پەقەت تىرىشىپ - تىرمىشىپ مۇسۇلمان بولىۋالىدۇ يۇ ئۆزىنىڭ ئەسلى بىر مۇسۇلمان ئىكەنلىگىگە ئىشىنەلمەيۋاتىدۇ . ئۇلار توغرىنى چۈشەنمەيلا توغرا دەپ قالغانلىقى ئۈچۈنلا ئېزىپ كېتىپبارىدۇ .
مېنى ئۇ پىسخولوگنىڭ بۇنداق كۆپ نەرسىلەرنى بىلىشى مۇمكىنمۇ ؟ دەپ قارايدۇ ، ئەمما ئۆزىنىڭ ساۋاتسىزلىقىنى ئاقلاش ئۈچۈن پەيغەمبىرىمىز ساۋاتسىز دىيىشى مۇمكىن . ئىنجىلنىڭ ئۆزگەرتىلگىنى راس ، شۇڭا ئۇنى ئوقۇشنىڭ، ئىشىنىشنىڭ ھاجىتى يوق . بىراق قۇرئاننىڭ ھەقلىقىدە شەك يوق . بىراق ، يەنە بىر قېتىم بىراق بۇ ھەقنى چۈشەنمەسلىك ئوخشاشلا ئۆزگەرتىپ ئوقۇغانلىققا باراۋەر .
ئىلىم - پەننى بىلمەي تۇرۇپ ، بىلىم چېكىگە يەتمەي تۇرۇپ ، ئىلاھى قانۇنىيەتنى چۈشەنمەي تۇرۇپ سېنىڭ ئۇ گۆش يۈرۈكۈڭ قانداقمۇ ئازادە بولىدۇ ؟ ئادەم ئۆزى چۈشەنگەننى توغرا دەيدۇ ، ئۆزى چۈشەنمىگەننى بولسا خاتا دەيدۇ . ئەمەلىيەتتە سەن خاتا دىگەننىمۇ خۇدا ياراتقان ، ئاشۇنىڭدىمۇ بىر ھېكمەت بار ، سەن ھېكمەت بار دىيىشنى بىلىسەن يۇ ئىشەنمەيسەن . سەن بۇ تاۋۇز بەك تەملىككەن دىيىشنى بىلىسەن ، باشقىلارغا شۇنداق دەيسەن ، ھەممە يەردە بۇ تاۋۇز تاتلىق دەپ داۋراڭ سالىسەن، ئەمما سەن تاۋۇزنىڭ زادى قانچىلىك تاتلىقلىقىنى بىلمەيسەن. قىسقىسى سەن خەلقپەرۋەر بولىۋالما، مىللەتپەرۋەر بولىۋالما، يا تاۋۇزنى يا ئۆزۈڭنى قۇتۇلدۇر .
ساڭا مەن قەلەم قۇۋۋىتى ئەمەس تەپەككۈر قۇۋۋىتى تىلەيمەن . سېنىڭ يېشىڭ قانچە ياش بولىشىدىن قەتتىنەزەر سەن مەندىن يەنە 300 يىل كىچىك . مېنى چۈشەندۈرمە ، باشقىلارنىڭ چۈشىنىشىگە قويۇپبەر . سەن پەقەت مەن ئەمەس قىسمىمنىلا بىلىسەن . سەن مېنى چۈشەندۈرۈپبېرەلمىسەڭ ئۆزۈڭ ئېتقاد قىلغان خۇدا نى قانداقمۇ چۈشەندۈرىسەن ؟ سەن يېزىشنى تاشلا ئاڭلاشنى باشلا ، كۆپ ئاڭلا ، بىر كۈنلەردە قولۇڭ ئۆزلىكىدىن يازىدۇ ، ئويلانمايلا يازىدۇ . ئەگەر سېنىڭ يازغانلىرىڭ بەش سېكونتلۇق ئويدىن كېيىن كەلگەن بولسا سېنىڭ يازمىلىرڭغا مەقسەت ئارلاشتى دەيمىز . سەن مېنىڭ خاتا بولىشىمنى ئۈمىد قىلىسەن ، ئەتراپتىن خاتالارنى ئىزدەيسەن ، ئاڭسىز ھالدا شۇنداق قىلىسەن .ياق ، ئېزىپ كەتتىڭ . ئازماسلىقىڭ ئۈچۈن ھۆكۈم قىلما ، پەقەت كۈزەت . مېنىڭ گەپلىرىمنى سەن ئەڭ ھۆرمەت قىلىدىغان ، ھازىرچە قايىل بولىدىغان ئۇستازلىرىڭغا ئاپار ، ئۇلار ئويلاشسۇن ، ھەم ساڭا جاۋاب بەرسۇن .
   سەن ئەدەبىيات بىلەن شۇغۇللان ، كىشىلەرگە ھوزۇر بەرگىن ، لېكىن خاتا - توغرا بىلەن ھەپىلەشمە ، سەن ئايرىپ بېرەلمەيسەن .
ئامىن \
~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~
   گەپ تۈگىدى ، ئەلچىگە ئۆلۈم يوق .يۇقارقى مەزمۇن توغۇرلۇق گەپ - سۆزلەر بولسا ئىنكاس شەكىلدە قالدۇرساڭلار بولىدۇ ، مەن ۋاقتىمنىڭ يار بەرگىنىچە يەتكۈزىمەن .
      ئەسكەرتىش : مەزمۇندىكى ھەر - بىر ( سەن ) سۆزى ئۇنىڭ مۇلاھىزە ئادىتى بولۇپ ، ھېچقانداق شەخس بىلەن مۇناسىۋەتسىز . ئوقۇشماسلىق بولمىغاي

gldingwash يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 12:45:06

:lol:lol:lol
تېكىست ئىككى خىل بولىدىغان ئوخشايدۇ. بىرى يازمىچە تېكىست، يەنە بىرى ئاڭلايدىغان تېكىست. ئېلى قۇرباننىڭ تېكىستلىرىنى چوقۇم ئاڭلاش كېرەككەن. ئەمما يېزىققا ئالسا، قالايمىقانچىلىققا سەۋەب بولۇپ قالغۇدەك.

anur77 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 12:49:24

ئەلى مۇئەللىمنىڭ مۇنبەرگە ئەزا بولۇپ،ئانچە مۇنچە ھەمسۆھبەت بولىشىنى ئۆمۈد قىلىمەن.

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 12:52:52

1.ئەلى قۇربانمۇ بولۇشى كېرەك، توخوتۇرمۇ بولۇشى كېرەك.
2. توخوتۇرنىڭ تەسىراتىنى ئېلان قىلىشىمۇ توغرا، ئەلى قۇرباننىڭ ئۆز ئۇسلۇبىدا جاۋاب بېرىشىمۇ توغرا.
3. شۇنداق، ھەممە ئادەم ئۆز قارىشىنى سۆزلىيەلىگەندە،ئۇيغۇرمۇبىركۈنى چوڭ بولىدۇ.
4.شۇنىڭ ئۈچۈن يەنە نۇرغۇن ئەلى قۇربانلار، يەنە نۇرغۇن توخوتۇرلار يېتىلىشى كېرەك.

qin_dos يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 13:02:49

«ساڭا مەن قەلەم قۇۋۋىتى ئەمەس تەپەككۈر قۇۋۋىتى تىلەيمەن . سېنىڭ يېشىڭ قانچە ياش بولىشىدىن قەتتىنەزەر سەن مەندىن يەنە 300 يىل كىچىك» .

ئۆزىنى تەپەككۇرى پىشىپ يىتىلگەن، ئەقىللىق چاغلايدىغان بۇ سۆزى يارىمىدى ماڭا.

asalam يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 13:06:47

qin_dos يوللىغان ۋاقتى2014-10-20 13:02 static/image/common/back.gif
«ساڭا مەن قەلەم قۇۋۋىتى ئەمەس تەپەككۈر قۇۋۋىتى تىلەيم ...

شۇ ئەمەسمۇ ....
كىبىرلىك پۇراپتۇرىدىغان سۆزلىرىنى ئىشلەتكۈم يوقتى ، ئۆزىنىڭ تەلىپى بىلەن شۇنداق يوللىدىم ، بوپتۇ ئۆزىنىڭ ئويلىغىنى باردۇ دەپ .
{:181:}

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 13:09:11

ھەر بىر ئابزاستىكى مەزمۇننىئىلمى نۇقتىدىن مۇنازىرە قىلىشقىلى تۇرسا كۆپ ئەھمىيەتلىك گەپلەر چىقىدىغاندەك.
ئەلى مالىم ئىزدىنىشقا كىرسە :)ئىزدىنىشتىكى روھى كېسەللەرنى ئازلىتىۋىتەمۇياكى كۆپەيتىۋىتەمۇ تەسەۋۋۇر قىلالمايۋاتىمەن . :lol

Comeon يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 13:09:27

توخوتۇرنىڭ تېمىسى ئەمەلىيەتتە ئەلى قۇرباننىڭ زىتىغا تەگكۈدەك ئەمەس ئىدى . ئەلى قۇرباننىڭ ھەم بۇنچە ئارتۇقچە ئويلاپ كېتىشىنىڭ ياكى ئىنكاس قايتۇرشىنىڭ ھاجىتى يوقتى .

ئەلى قۇربان پىسخولوگ، پىسخىكىنى ياخشى ئۆگەنگەن.كىتابنى كۆپ ئوقۇغان ، بىلىمگە ئىنتىلگەن. مۇشۇ جەھەتلەردىن ئۇ بەزىلەردىن 300 ياش چوڭ بولۇشى مۇمكىن . لېكىن مېنىڭ بايقىغىنىم ، ئەلى قۇربان كىشىلىك مۇناسىۋەتتە ۋە جەمئىيەتنى چۈشىنىشتە مەندىن 600 ياش كىچىك بولۇشى مۇمكىن . ئۇنىڭ جەمئىيەت ۋە ئادەملەر ھەققىدە تەپەككۇرى ئۆزى ئوقۇغان ، باشقا زامان ۋە باشقا ماكاندا يېزىلغان كىتابتىن كېلىدۇ ياكى شۇنىڭ تەسىرىگە كۆپرەك ئۇچرايدۇ . شۇڭا ئۇنىڭ لىكسىيەلىرىدە بىزگە يوچۇن ئاڭلىنىدىغان ياكى بىزگە ماس كەلمەيدىغان مەزمۇنلار بولىشى ئېنىق . مەن ئەلى قۇرباننىڭ ئىددىيەسىگە ھۆكۈم قىلالمايمەن.لېكىن ئۇنىڭ كىشىلىك ئالاقە ۋە جەمئىيەتكە چۆكۈش جەھەتتە كۆپ قىسىم كىشىلەردىن تۆۋەن تۇرىدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلالايمەن . چۈنكى ئۇنىڭ بىزدەك ئويناپ يۈرۈيدىغان ۋاقتى يوق ، ئۆز قىزىقىشى بويىچە كۆپرەك ئۆگىنىش قىلىدۇ ياكى ئۆزى ياقتۇرغان ئۇسۇلدا مەدەنى كۆڭۈل ئاچىدۇ .لېكىن بۇ ئۇنىڭ بۇ جەمئىيەتنى،ئادەملەرنى يېتەرلىك چۈشىنىشىگە تۈرتكە بولالمايدۇ . بىر ئادەم ھاراقكەشنىڭ قۇسۇققا مىلىنىپ ياتقان ھالىتىنى كۆرۈپ ، ئۇنى تەسۋىرلىيەلەيدۇ ،شۇ ھالىتىنى باشقىلارغا ئىبرەت قىلىپ سۆزلىيەلەيدۇ . لېكىن بۇ ئۇنىڭ ھاراقكەشنى چۈشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. ھاراقكەشنى چۈشىنىش ئۈچۈن ھاراقكەش بولۇپ بېقىش كېرەك . يانچۇقچىنى چۈشىنىش ئۈچۈن يانچۇقچى بولۇپ بېقىش كېرەك . ئىشقىلىپ بىر ئادەم جەمئىيەتنى،ئادەملەرنىچۈشىنىش ئۈچۈن ھەر قازاندا قايناپ بېقىشى كېرەك . مېنىڭچە ئەلى قۇرباندا كەمچىل نەرسە مانا مۇشۇ...مايلامچىلىق قىلىش تېخى يېتەرلىك ئەمەس...ئوتنىڭ تېشىدا تۇرۇپ كۆزىتىۋاتقان ئادەم ھەرقانچە پەيلاسوپ ياكى پىسخولوگ بولسىمۇ ، ئوتنىڭ ئىچىدە كۆيۋاتقان ئادەمنىڭ قانداق بولىۋاتقىنىنى ھەقىقى ماھىيتى بىلەن چۈشەنمەيدۇ.
توخوتۇر تېمىسىدا ئەلى قۇرباننىڭ بىرەر گېپىنى ‹خاتا› دېمىگەن ، ياكى توغرا خاتالىقىغا ھۆكۈم قىلمىغان .پەقەت ئۆز كۆزقارشىنى ۋە تەسىراتىنى ئوتتۇرغا قويغان . ئەلى قۇرباننى ماختىسا ماختىدىكى ئۇنىڭ ئىناۋىتىگە تەسىر يېتىدىغان گەپلەرنى قىلمىغان . لېكىن ئەلى قۇربان بۇنىڭغا كەسكىن ھەم چۇۋالچاق ئىنكاس قايتۇرۇپتۇ . بۇنىڭدىن مەن ئەلى قۇرباننىڭ ‹مەن كىشىلەرنىڭ ماختاش،تىللاشلىرىدىن ئىممۇنىت ھالەتتە تۇرىمەن›دېگەن سۆزلىرىدىن گۇمانلاندىم . ئەمەلىيەتتە ئەلى قۇربان دىققەت قىلىدۇ، ئۇمۇ بارلىق نورمال ئىنسانلارغا ئوخشاشلا ،ئۆزىنىڭ ماختىلىش ، كۆتۈرۈلىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئۆزىنىڭ ئىناۋىتىنى چۈشۈرۈش ئېھتىماللىقى بولغان ئىش-ھەركەتلەرگە سەزگۈر تۇرىدۇ .مەن ئەلى قۇرباننىڭ مۇشۇ كىچچىككىنە جەھەتتىن كەتكۈزۈپ قويماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن . ئۇنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقىلەردە ئاكتىپراق بولۇپ ، جەمئىيەتنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىپ بېقىشىنى ، ئوتنىڭ تېشىدا تۇرۇپ كۆزىتىشىنى ئەمەس ، ئىچىدە تۇرۇپ كۆيۈپ بېقىشىنى ئۈمىت قىلىمەن. بۇنداق بولغاندا ئاندىن ئۇنىڭدىن تېخىمۇ ھەقىقى لىكسىيەلەرنى ئاڭلىيالىشىمىز مۇمكىن ، دەپ ئويلايمەن...

sherqi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 13:11:17

تەكەببۇرلۇق ياخشى ئىش ئەمەس .

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 13:12:16

سېنىڭ يېشىڭ قانچە ياش بولىشىدىن قەتتىنەزەر سەن مەندىن يەنە 300 يىل كىچىك.
---
بۇ جۈملىدە نېمىلا بولمىسۇن ، كىبىر ۋە مەنمەنلىك بار دېمەسلىككە ئامال قىلالمىدىم. كىچىك پېئىل بىلەن ئىنسان گۈزەل ،چۈنكى كىچىك پېئللىق ئىنسانغا يارىشىدىغان خۇسۇسىيەت،كىبىر ۋە مەنمەنلىك پەقەت ياراتقۇچىغىلا يارىشىدۇ.

ئەلى مۇئەللىمنىڭ ئىنكاسلىرىدىن ئۇنى ئاخىرى يوق زىددىيەتنىڭ ئىچىگە كىرىپ قالغاندەك ھېس قىلدىم.

qin_dos يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 13:34:56

ئەلى مۇئەللىمدىن ئۇگىنىدىغان، مەن قايىل بولدىغان تەرەپلەرمۇ خىلى كۆپ، لىكىن ئۆز ئىدىيىسىدىكى بەزى قاراشلىرىنى قايتىدىن تەكشۇرۇپ كۆرىشى كىرەك دەپ ئويلايدىغان تەرەپلەرمۇ ئاز ئەمەس. مۇمكىن بولسا ئۆزى بىلەن بۇ ھەقتە پىكىر ئالماشتۇرغىنى بولارمۇ؟

esir يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 13:36:41

ئالدىراپلا ئىنكاس قايتۇرۇپتۇ، توخۇتۇرنىڭ دېمەكچى بولغىنىنى چۈشىنىش خۇشياقمىغاندەك.
مېنىڭچە ئۇ ئىزدىنىشقا كىرسە ئىزدىنىشقىمۇ، ئەلى مۇئەللىمگىمۇ ياخشى بولاتتى.

Uyghuri يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 13:37:58

ھەممىڭلار بىلەن پىكىرداش ئىكەنمەن

qin_dos يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 13:43:43

ئەلى مۇئەللىمنىڭ لىكسىيەلىرى بار بولغان سىن كۆرنىش ياكى يازما ماتىرياللىرىنى بۇ تىما ئاستىغا توپلىغان بولساق، تەسىرات ۋە پىكىرلىرىمىزنى يىزىپ ئەلى مۇئەللىم بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ باققان بولساق دەپ ئويلايمەن.

qin_dos يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 13:50:29

http://player.youku.com/player.php/sid/XNzkxODUxNzY4/v.swf

qin_dos يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 13:54:48

http://player.youku.com/player.php/sid/XNjk3MjYxNDc2/v.swf

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 13:58:53

ئاۋارە بولماڭلار دەيمە. ئەلى قۇربان ئىزدىنىشقا كىرىشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ.

qin_dos يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 14:03:58

ئەلى مۇئەللىم بىلەن سۆھبەت

http://player.youku.com/player.php/sid/XNjkwOTc2Nzk2/v.swf

qin_dos يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 14:07:09

مەخپىيەتلىك

http://player.youku.com/player.php/sid/XNTI3NjUzOTI4/v.swf

مىنىڭ بۇ فىلىم توغۇرلۇق ئەلى قۇربان مۇئەللىم ۋە باشقا تورداشلار بىلەن پىكىرلەشكۇم بار.

imirghazi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 14:10:07

ئۆزلىرى ھەممىگە قادىر يا ئاللاھ
ئى ئاللاھ بىزلەردىن دىندىمۇ پەندىمۇ تەڭ يېتىشىپ چىققان ئالىملارنى يېتىشتۈرۈپ بەرگەيلا
ئامىين يا رەببىل ئالەمىين
ئامىين يا رەببىل ئالەمىين
ئامىين يا رەببىل ئالەمىين
ئامىين يا رەببىل ئالەمىين
ئامىين يا رەببىل ئالەمىين
ئامىين يا رەببىل ئالەمىين
ئامىين يا رەببىل ئالەمىين
:'(:'(:'(:'(:'(:'(:'(
بەت: [1] 2 3 4 5 6 7 8 9 10
: tohotur نىڭ ئويلىغانلىرىغا جاۋاب ( ئەلى قۇربان )