ABC يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 10:16:23

بىلگەيتېس: يەرگە 100 دوللار چۈشۈپ قالسا ئەلۋەتتە تېرىۋالىمەن

80-يىللارنىڭ باللىرى ھەممىسى مۇنداق بىر گەپنى ئاڭلىغان بولۇشى مۇمكىن: ناۋادا يەرگە 1000 دوللار پۇل چۈشۈپ قالسا، ئەگەر بۇ پۇلنى تېرىشكە 4 سكونتتىن ئارتۇق ۋاقىت كەتسە بىلگەيتېس پۇلغا قارىماي كېتىۋېرىدىكەن. بۇ پاراڭ قارىماققا بىلگەيتېسنىڭ پۇلىنىڭ ناھايىتى كۆپلىگىنى، كىشىگە بىلگەيتېس 4 سكونت ئىچىدە 1000 دوللاردىن ئوشۇق پۇل تاپىدىغانلىقىنى، شۇڭا پۇلغا قاراپمۇ قويمايدىغانلىقىنى ئىشارە قىلىۋاتقاندەك بىلىنىدۇ.

يېقىندا بۇ تارقىلىپ يۈرگىلى ئۇزۇن بولغان پاراڭنىڭ ئۆلچەملىك جاۋابى چىقتى. بىلگەيتېس يېقىندا Reddit تور بېكىتىنىڭ «نېمىلا سورىسىڭىز بولىدۇ» دېگەن پائالىيىتىدە، «ئەلۋەتتە تېرىۋالىمەن!» دەپ جاۋاپ بەردى. بىلگەيتېستىن سوئال سوراش پۇرسىتى كەلگەندە، تورداشلارمۇ بوش كەلمەي ھەرخىل غەلىتە سوئاللارنى ياغدۇرىۋەتتى.
تورداشلار بۇ سوئالنى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن پەرقلىق قىلىپ، يەرگە 100 دوللار چۈشۈپ قالسا قانداق قىلىسىز دەپ سورىدى. بىلگەيتىس سوئاللارغا مەخسۇس بىر سىن ئىشلەپ ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئارىسىدا دەل شۇ سوئالنىڭ جاۋابىمۇ بار ئىدى. ئۇ جاۋابەن «100 دوللارنىڭ خېلى كۆپ پۇل ئىكەنلىگىنى ھېس قىلغان چېغىمدىلا، مەندە پۇلغا نىسبەتەن قانداق مۇئامىلە قىلىش ھەققىدە بىر قاراش شەكىللىنىپ بولغان» دېدى.
بىلگەيتېسمۇ قاچا يۇيۇپ تاماق ئېتىدۇ
بىلگەيتېس بۇ قېتىملىق پائالىيەتتە يەنە خېلى كۆپ شەخسى ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلىدى. مەسىلەن، ئۇنىڭ ھازىر ئىشلىتىۋاتقان تاختا كومپيۇتېرى Surface 2 Pro ئىكەن. ھەپتە ئاخىرى قىزىنىڭ ئات مىنگىنىنى كۆرۈشنى ياخشى كۆرىدىكەن، ياخشى كۆرىدىغان ئويۇنى Windows تىكى كونا تىپتىكى قارت ئويۇنلىرى بولۇپ، XBox تىكى ئويۇنلارنى ئوغلىغا ئويناشقا بېرىپتۇ.
بىراق تورداشلارنى ئەڭ ئەجەپلەندۈرگىنى بولسا، بىلگەيتېس يەنە ئۆزى تاماق ئېتىدىكەن، ھەر كۈنى ئاكتىپ ھالدا قاچىلارنى يۇيىدىكەن، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ قاچا يۇيۇش تېخنىكىسىنى قالتىس دەپ قارايدىكەن.
باشقىلارنىڭ ئۆزىنى خارۋاردىن چېكىنگەن دېيىشىنى ياقتۇرمايدۇ
نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە، بىلگەيتىسنىڭ بايلىققا تولغان تۇرمۇشى ئىنتايىن قالتىس بىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇنىڭ خارۋاردىن چېكىنىپ ئىگىلىك تىكلىگەن كەچۈرمىشلىرىمۇ كىشىلەرنىڭ ئېغىزىدىكى قىززىق نۇقتىلارنىڭ بىرى. ئەمما بىلگەيتىس قارىماققا بۇ پاراڭلارنى ئانچە ياقتۇرمايدىغاندەك قىلىدۇ.
تورداشلارنىڭ ئۇنىڭدىن سورىغان ئالىي مائارىپنىڭ ئۇنىڭ مۇۋاپىقىيىتىگە بولغان تەسىرى ھەققىدىكى سوئالىغا، بىلگەيتىس ئاتايىتەن چۈشەندۈرۈپ مۇنداق جاۋاپ بەردى: مەن ئۈچ يىل ئالىي مەكتەپ ئوقۇدۇم، قاتناشقان دەرسلىرىم ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈشكە تامامەن يېتىدۇ، شۇڭا مەن لاياقەتسىز مەكتەپتىن ھەيدەلگەن ئوقۇغۇچى ئەمەس، پەقەت دېپلوم ئالمىغان يېرىم بار.
مەنبە: تورخۇمار تورى

ATLAN111 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 15:49:39

ئاۋۇ گەپنى مەنمۇ ئاڭلىغان. لېكىن مېنىڭ ئاڭلىغىنىم ئۈچ سىكونت ئىدى.

ErkinQush يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 16:08:20

ATLAN111 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-20 15:49 static/image/common/back.gif
ئاۋۇ گەپنى مەنمۇ ئاڭلىغان. لېكىن مېنىڭ ئاڭلىغىنىم ئۈچ  ...

ئۇ چاندا بېل گەيتىس ياش ئىدى، ئۈچ سېكۇنىتتا تېرىپ بولاتتى ، ھازىر ياشمۇ بىر يەرگە باردى شۇڭا تۆت سېكۇنت كېتىشى نۇرمالغۇ ؟:victory:

uyghur7800 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-21 20:59:20

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-10-21 22:14:38

تېخى ئۆلمىدىما بۇ

albAX يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 14:29:26

kakkur يوللىغان ۋاقتى  2014-10-21 22:14 static/image/common/back.gif
تېخى ئۆلمىدىما بۇ

   ماۋۇ ئىنكاس ئالامەتكەنغۇ ؟ ;P ;P ;P
بەت: [1]
: بىلگەيتېس: يەرگە 100 دوللار چۈشۈپ قالسا ئەلۋەتتە تېرىۋالىمەن