mevlana يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 08:53:43

(مەۋلانا) ئەمەل كىرزىسىدىكى سىرلار

ئەمەل كىرزىسىدىكى سىرلار

ئاپتور: شەيخ مۇھەممەد غەززالىي
مەۋلانا تەرجىمىسى

1-
ئاللاھنى تونۇش، ئۇنىڭغا بوي ئېگىش، ئۇنىڭ بىلەن مۇلاقەت بولۇش ئۈچۈن ھازىرلىق كۆرۈش ۋە ئۇنىڭ جازاسىدىن قورقۇش دىننىڭ جەۋھىرى ۋە شەرىئەت روھىدۇر.
شۇنداق، ئىسلام تەلىماتلىرىدا ئەخلاقى ۋە ئىجتىمائى تۈزۈم-قائىدىلەر بىسىياردۇر. ئۇ، ھەر بىر شەخس ھاياتىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قېتىدىن ئەڭ يۈكسەك چوقىسىغا قەدەر بارلىق تەرەپلىرىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ. تەلىماتلارنىڭ ھەممىسىنى بىر بىناغا قىياسلىغىنىمىزدا، بىنانى تۇتۇپ تۇرغۇچى تۈرۈك دىنى ئەقىدىلەر ۋە ئاللاھ رازىلىقى كۆزلەنگەن ئەمەللەردۇر. ناۋادا بۇ تۈرۈك يېمىرىلغۇدەك بولسا، ياكى نىشاندا ئادىشىش كېلىپ چىقسا خاسلىققا ئىگە ئەخلاقى تۈزۈملەرمۇ، مەنىۋى قىممەتكە ئىگە ئىجتىمائى قانۇن-نىزاملارمۇ بەربات بولىدۇ. ھەمدە خۇددى قەغەز پۇلنىڭ قىممىتىنى تۇتۇپ تۇرغۇچى ئالتۇن ئۆز قىممىتىنى يوقاتقىنىدا، قەغەز پۇلمۇ  تەڭلا قىممەت يوقاتقىنىغا ئوخشاش؛  ئەسلى قىممەت ئورنىنى باشقا بىر نەرسە ئىگەللەيدۇ.
دىن ھەر نەرسىدىن ئاۋۋال ئاللاھنىڭ بارلىقىنى تۇيۇش، ئاللاھنىڭ ئىبادەت ھەققىدە بۇيرىغان ھۆكۈملىرىدە، بېكىتكەن پىرىنسىپلىرىدە ۋە بەلگىلىگەن قانۇنلىرىدا بەرھەق زات ئىكەنلىكىنى ئىتىراپ قىلىشتۇر. مانا بۇخىل ئېچكى سېزىم ۋە ئاشكارا ئىتىراپنىڭ تەقەززاسى بولسا، ئاللاھنىڭ بىزگە تەۋسىيە قىلغانلىرىنى پەقەت ياخشى ئىش نۇقتىسىدىنلا قاراپ  ئورۇندىماستىن، بەلكى، ئۇ بۇيرىغان ئىشنى ئەسلىدىن ياخشى ئىش دەپ تونۇش بىلەن بىرگە ئۇنىڭغا بويسۇنغانلىق ۋە ئۈستمىزدىكى ھەقنى ئورۇندىغانلىق يۈزىسىدىن بەجا كەلتۈرۈشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ.
بىر ۋۇجۇدىيەت ئېقىمدىكى كىشىنى ئىلىپ ئىيتساق، بەلكىم، ئۇ راست سۆزلەشنى تىجارەت ۋە باشقا مۇئامىلىلەردە رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك بىر پەزىلەت دەپ قارىشى مۇمكىن. ئەمما بىر مۇئمىن كىشى ئۈچۈن ئىلىپ ئىيتقاندا، راستچىللىق ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ سۆزى ئۈچۈن ئىتائەت كۆرسەتكەنلىكتۇر: «ئى مۆمىنلەر! ئاللاھتىن قورقۇڭلار، راستچىللار بىلەن بىللە بۇلۇڭلار!»
دېمەك، مۆئمىن كىشى ئالدى بىلەن ئاللاھقا ئىمان ئىيتقانلىق نۇقتىسىدىن راست سۆزلەيدۇ، ئاندىن ئۇشبۇ ئەمەلنى ئىمان تۈرتكىسىدە بىر گۈزەل ئەخلاق دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ مۇئامىلە قىلىدۇ.
مەيلى روھى ئەمەللەر بولسۇن ۋەياكى ئىجتىمائى ئەمەللەر بولسۇن؛ ياخشى ئەمەللەرنىڭ ھەممىسىى دىن تەلىملىرىنىڭ بىرجۈزئىسىگە، ياكى مۇئمىننىڭ ئىش-ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغان ۋاقتىدا ئەمەللەرنىڭ تەرزى ساماۋىي روھ بىلەن بىزىلىشكە ۋەياكى ئۇشبۇ ئىلاھى بوياق بىلەن بويىلىشقا باشلايدۇ. ئەنە شۇندىلا  ئاللاھقا بولغان ئىمان ئەمەل ئۈچۈن ھەيدەكچى بولالايدۇ. ھەمدە ئاللاھقا بولغان تەقۋالىق دائىما مۆئمىنگە ھېس قىلىنىپ ۋە ھەمراھ بولۇپ ئۆتىدۇ.
بىز بۇ گەپلەر ئارقىلىق كىشىلەرنى ئۆرۈپ-ئادەت ۋە ئەنئەنىلەرگە ، مەيلى ئۇنىڭ ياخشى بولىشى ياكى بولماسلىقىدىن قەتئىينەزەر؛ تېز چۆكتۈرىۋاتقان، ئۇلارنى ئەنە شۇنداق ئۆرۈپ-ئادەت ۋە ئەنئەنىلەرگە ۋاپادارلىق كۆرسىتىشنى ياخشىلىق ۋە پەزىلەت دەپ قارايدىغان ئايرىم كىشىلەرنىڭ مەسلەكلىرىدە ساقلىنىپ كېلىۋاتقان بىر قاتار ئىشلارنىڭ خەتەرلىك ئاقىۋەتلىرىگە دېققەت ئاغدۇرماقچىمىز. بۇنىڭدا گەرچە ئاشۇ ئەنئەنىلەرنىڭ ئىمان بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋىتى بولسىمۇ، ئېھتىمال بۇنىڭ ئەھلى ئاللاھ ھەققىدە ئازىراقمۇ ئويلىنىش قىلمىغان بولىشى مۇمكىن.
بۇخىل پىرقىغا تەۋە كىشىلەر دىننى ئىككى بۆلەككە ئايرىۋالىدۇ. ئاندىن دىننىڭ ئەقىدە ۋە ئىبادەت قىسىملىرىدا كەلگەن بايانلارنى بىر چەتكە قايرىپ قويىشىدۇ ۋە بۇنىڭدىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىشىدۇ. ئەمما مۇئامىلە ۋە ئىجتىمائى تۈزۈملەرگە دائىر بەلگىلىمىلەر قىسمىغا نىسبەتەن چىڭ ئېسىلىپلا قالماي، ئۇنى راۋاجلاندۇرماقچى بولىشىدۇ ۋە ھارماي بۇلارنىڭ قىممىتى ھەققىدە سۆزلەيدۇ. مەلۇم بولغىنىدەك ئاللاھ بۇيرىغان ھەر قانداق بىر ئەمەلنى قىلغانلىق ئالدى بىلەن ئاللاھقا ئىتائەت قىلغانلىق ۋە ئۇنىڭ ھەققىنى بەجا كەلتۈرگەنلىك ئىدى.
ئاللاھ رىزاسىنى كۆزلىمەي قىلىنغان ئەمەل گەرچە دۇنيا ئىشلىرىدا ئەسقاتارلىق كۆرۈنگىنى بىلەن ئەمەلىيەتتە ھېچبىر قىممىتى يوقتۇر. چۈنكى، ئاللاھقا ئىمان ئىيتىش دېگەنلىك بىر مۇئمىن جەمىيەت ئۈچۈن ئەسلا قوشۇمچە ئىش ئەمەس. بەلكى، ئاللاھنى زىكىر قىلىپ تۇرۇش ۋە ئۇنى مەدھىيەلەش كىشىلەرنى چوقۇم مەشغۇل قىلىپ تۇرۇشى، ھەمدە ئۇلارنىڭ ئەتىگەنلىك ۋە كەچلىك تۇرمۇشىنىڭ ئىزنالىرىغا ئايلىنىشى لازىم. بەزىلەر ئاخىرەت، جەننەت، دوۋزاخ ھەققىدە گەپلەر بولۇنسا، بۇلارنى ۋاختى ئۆتكەن گەپلەر ياكى بىر قىسىم ۋەزخانلارنىڭ ئۆلۈكلەر توپى ھەققىدىكى ئويدۇرمىلىرى دەپ قاراپ كۈلۈپ قويىشىدۇ.
ھەق گەپنى قىلغىنىمىزدا، ئاخىرەت ھەققىدىكى سۆزلەر ھەزىلگە ۋە بىھۇدە سۆزلەرگە ئايلىنىپ قېلىۋاتقان بۇ كۈنلەردە، دىن بارغانچە سۈسلىشىپ ئاجىزلىشىشقا قاراپ مېڭىۋاتىدۇ. ھاياتلىق كارۋىنىنىڭ يولۇچىلىرى شۇنى ياخشىلاپ ئاڭقىرىشى زۆرۈركى، ئاخىرەت ۋە جازا-مۇكاپات ھەققىدىكى گەپلەر ھەرگىزمۇ چاقچاق ئەمەس. ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىشتىن ھاياتنى ئۇزاقلاشتۇرىمەن دېگەنلىك، ئەمەلىيەتتە توغرا يولدىن ئۇزاقلاشقانلىق ۋە ئالدامچى سەراپ ئارقىسىدىن يۈرگەنلىكتۇر.
بىز مۇسۇلمانلار چوقۇم بارلىق ھەرىكەتلىرىمىزنى ئۇشبۇ ھەقىقى ئىمان ئىزنالىرى بىلەن گىرەلەشتۈرۈشىمىز، ھەمدە غەرب ۋە شەرقنى سۆرەپ كېتىۋاتقان ماددى ھازارەت ئېقىملىرىغا ئۆزىمىزنى غەرق قىلماسلىقىمىز لازىم. بۇ شۇنداق ھازارەتكى،  خۇدانى ئۆز خاتىرسىدىن چىقىرىپ تاشلاپلا قالماي ئۇنىڭ ۋەھىيسىگە بىپەرۋا قارايدۇ. ئاللاھنىڭ ۋەھىيسى بويىچە ياشىغاندىن كۆرە ئۆزلىرىنىڭ ھاۋايى-ھەۋىسى بويىچە ياشاشنى ئەلا بىلىدۇ. ئاللاھنىڭ دىنىدىن ھاۋايى-ھەۋەسلىرىگە ماس كەلگەننى تۇتۇپ، ئىماننىڭ ئەڭ مۇھىم شاخچىلىرىنى بىرچەتكە قايرىپ مۇئامىلە قىلىدۇ.
ھەممىگە مەلۇمكى، بىزنىڭ نەزىرىيۋىي تەتقىقاتلىرىمىزدا دىن:  ئەقىدە، ئىبادەت ۋە ئەخلاقتىن ئىبارەت.  ئاللاھقا باغلىنىش بولسا، شەرىئەت قىلىنغان جىمى ئەمەللەر ئۈچۈن يول باشلىغۇچى رەھبەردۇر. بۇخىل باغنىڭ ساغلام بولىشى بولسا، ناۋادا كىشىنىڭ شەرىئەت تەكلىپلىرىنى بەجا كەلتۈرۈشتىكى نىسىۋېسى ئاز بولۇپ قالغان تەقدىردىمۇ؛ ئۇنىڭ نىجاتلىققا ئىرىشىشى ئۈچۈن كاپالەت بولالايدۇ.
نۆۋەتتە، ئىماننىڭ ئەسل خاسلىقىغا زۇلۇم قىلىپ قويماسلىقىمىز، شۇنداقلا ئىمان بىلەن باغلانغان ۋە ئىمان تۈرتكىسىدە بارلىققا كەلگەن بارلىق ئەمەللەرگە ئۇۋال قىلىپ قويماسلىقىمىز ئۈچۈن يۇقىرىقى پىكرىمىز توغرىسىدا بىر ئاز توختىلايلى!
ئەسلىدە قەدىمقى ئالىملار كاپىر ئىشلىگەن بارلىق ياخشىلىقلارنى بىر ياققا قويۇپ تۇرۇپ تەۋھىد كەلىمىسىنىڭ سالىھ ئەمەللەر مىزانىدىكى ئېغىرلىقىغا ئالاھىدىرەك مۇئامىلە قىلغان بولسا ئىدى، بۇ ئۇلار ئۈچۈن ھەق ئىش بولار ئىدى. ئەمما ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى پىكىر قىلىش تەرزى ناھايىتىمۇ روشەن بولۇپ، دەۋرىمىزنى ئىلىپ ئىيتساقمۇ ئەڭ چوڭ خىيانەت قىلىش جىنايىتى ئۆتكۈزگەن كىشىنىڭ جىنايىتى ئۇنىڭ ئىلگىرى قىلغان بارلىق ياخشىلىقلىرىنى يوق قىلىۋېتىشكە يارايدۇ. شۇڭىلاشقىمۇ بۇ كۈنلەردە: «پالانى ۋتىنىگە خائىنلىق قىپتۇ،» «پالانچى دۈشمەنگە سېتىلىپتۇ،» دېگەنلەرنى ئاڭلاپ تۇرىمىز. كۆرىدىغىنىمىزمۇ پەقەتلا قاتتىق بىر تەرەپ قىلىپ ئۆلۈم جازاسى بىرىش ۋە بۇخىل جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەرنىڭ ئەڭ ئېغىر جازاغا لايىق ئېكەنلىكىگە ھەممىنىڭ بىرلىككە كېلىشى بولىدۇ.
ناۋادا بىرى كېلىپ: « بۇ بىچارە ئانىسىغا بەك ياخشىلىق قىلاتتى. ياكى «ئۇ خىزمەتچىسىگە بەك كەڭ قورساق ئىدى.» ياكى «ئۇ دوسلىرىغا بەك كۆيۈنەتتى» دېسىمۇ، ئۇنىڭ بۇ خىل خىسلەتلىرى جىممىدە قاتلىنىپ ئېغىزغا چىقىپمۇ سالمايدۇ ۋە بۇ خائىن تېگىشلىك بولغان ماددى ۋە ئەدەب جازاسى بولغان ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنماي قالمايدۇ.
ئەمەلىيەتتە قەدىمقى ئالىملىرىمىز كاپىرغا نىسبەتەنمۇ بۈگۈنكى كۈنلۈكتە خائىنغا قارىغان نەزەردە قارىغان بولۇپ، ئۇلار كاپىر قىلغان ھەرقانداق ياخشىلىقنى ئىتىراپ قىلىشنى ۋە ياكى شۇ كاپىرنىڭ ھەرقانداق بىر ئارتۇقچىلىقىغا قايىل بولۇشنى رەت قىلىشقان ئىدى.
ئەمەلىيەتتىمۇ كاپىر بىزنىڭ نەزىرىمىزدە مۇشۇخىل مۇئامىلىگە ئەرزىيدۇ. چۈنكى، ئاللاھنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئىنكار قىلدى دېگەنلىك ئۇنىڭ بەرگەن نېمىتىگە خىيانەت قىلدى، ئۇنىڭ بىلەن مۇلاقەت بولۇشنى ئىنكار قىلدى، دېگەنلىكتۇر. بۇخىل قىلمىشلار ماھىيەتتە ئەڭ چوڭ خىيانەت قىلىش جىنايىتىدىنمۇ ئۆتە قەبىھ جىنايەت بولۇپ، بۇنداق خىيانەتكار ھەرقانچە قىلىپمۇ ئۆزىنى ئاقلىيالمايدۇ: « ئاللاھنىڭ خارلىشىغا ئۇچرىغان ئادەمگە ھۆرمەتلىگۈچى چىقمايدۇ.»  
گەرچە شۇنداق بولىشى ھەقىقەت بولسىمۇ، ئەمما بۇ ھەقىقەتتىن ئىمان ۋە ئۇنىڭ ئەھلىگە زور زىيان ئېلىپ كېلىدىغان بەزى خاتالار ئوتتۇرغا چىقتى.  چۈنكى، كۆپچىلىك ئۆز چۈشەنچىلىرىدە ئاللاھ بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشى داۋاملاشتۇرۇپ مېڭىش پەرز قىلىپ بېكىتىلگەن ۋاجىبلاردىكى كەملىكنى تولۇقلايدۇ، دەپ قارايدىغان بولۇپ، بۇخىل چۈشۈنۈش تەدرىجى ھالدا پەرز قىلىپ بېكىتىلگەن مەجبۇرىيەتلەرگە سۇس قاراشنىڭ ۋە ئىماننى ئەمەلدىن ئايرىشنىڭ مۇمكىنچىلىكىنى خىيال قىلىشقا ئىلىپ باردى. بۇخىل ۋەزىيەتكە قوشۇلۇپ، ئاللاھنى ئۇنۇتۇپ ئىماندىن يۈز ئۆرىگەن كىشىلەر بىر قاتار ئىنسانى ئەمگەك ۋە جانلىق سەنئەتكە دائىر ئىشلاردا ئالاھىدە ئۈنۈم ياراتتى ۋە بۇ ئالاھىدىلىكلىرى سايىسىدە ئۆزگىلەردىن خىلىلا ئىلگىرلىدى. دۇنيادا مانا مۇشۇنداق بىر زىتلىق قەد كۆتۈرگەندىن كىين دىن مەسىلىلىرى تەۋرىنىشكە، مۇسۇلمانلار سىپى بۆلۈنۈشكە ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى بۇرجەكلىرىدە پىتنىلەر چاقماق تېزلىكىدە يامراشقا باشلىدى. ھالبۇكى، بۇ ئىش مەسىلىنى ئەتراپلىق ئانالىز قىلىش ۋە مۇۋاپىق ھەل قىلىش يوللىرىنى بىلىدىغان بىر تۈركۈم ئەقىل ئىگىلىرىنىڭ چارە كۆرۈشىگە مۇھتاج ئىدى.
دەرۋەقە، بىز مۇسۇلمانلار جامائەسى باشقىلاردىن ئۆزى ۋە ئىدىيسىنى ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلىشتىن ئاۋۋال ئالدى بىلەن ئۆز ئەھۋالىمىزنى ئىسلاھ قىلىشىمىز لازىم. چۈنكى، ئىمان مەۋجۇتلۇقتىكى پەزىلەتلەرنىڭ ئەڭ بۈيۈكىدۇر. ئۇ شۇقەدەر بۈيۈك ئېلمىنىتكى، نېمىكى ئۇنىڭغا قوشۇلسا مەرتىۋە قازىنىدۇ. نېمىكى ئۇنىڭدىن ئايرىلسا خار بولىدۇ.
شۇنىسى، بۇخىل بۈيۈك سۈپەتلەرگە تېگىشلىك ئىماننىڭ بىر قانچە ئالاھىدىلىكلىرى بار بولۇپ، بۇخىل ئىمان ئاللاھ بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە خۇشۇئ ۋە تەۋازۇئنى،  نەپس بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە تەربىيەلەش ۋە كونترولنى، جەمىيەت بولغان مۇناسىۋەتتە ئادالەت ۋە مېھر-شەپقەتنى، كائىنات بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە رەھبەرلىك ۋە ماسلىشىشنى ئاساس قىلىدۇ.
مانا بۇ، ئۇلۇغلۇق ۋە ياخشى ئاقىۋەتكە ئەڭ لايىق ئىمان. مانا بۇ، دىنسىزلار ئۇنىڭ ئالدىدا قىمىر قىلالمايدىغان، پەزىلەتتە تەڭداشسىز ۋە نۇسرەت قازانغۇچى غالىب ئىمان.
شۈبھىسىزكى،  ئىمان ئەھلىنىڭ ئالەملەرنىڭ رەببى بىلەن سەمىمىيەتسىز ئالاقە قۇرۇشى ئۇنى دەزكەتتۇرىدۇ. ھەمدە مۇكەممەللىك تاپماقتا يوق، ئەكسىچە نۇقسانلىقتىن خالى بولالمايدۇ. بۇخىل ئالاقىنىڭ سەمىمىيەتسىزلىك ئۈستىگە قۇرۇلغانلىقىنى ئاشۇ ئىمان ئىگىسىنىڭ بۇيرۇلغان ئىبادەتلەرنى ئادا قىلىش شەكلىدىنلا بىلىۋالغىلى بولىدۇ.  بۇخىل كىشىدە ئىمان ھەقىقى ئورنىمايلا قالماي، يەنە بۇنداق كىشىدە يۈكسەك ئەخلاقمۇ، تۈزۈكرەك يۈرۈش-تۇرۇشمۇ ئەمىللەشمەيدۇ. بۇنداق شەكلى ئىمان ئەھلى بولسا، نە باش كۆتۈرەلەيدۇ، نە غەلبە قازىنالايدۇ. شەكلى ئىمان كىشىلەر ئارىسىدا نەقەدەر ئومۇملاشقان ھە؟!
دىنسىزلىق مانا مۇشۇنداق ساختا ئىمان بىلەن بىر مەيداندا تۇرسا، قانداقمۇ كېرىلمەي، ۋەسۋەسىلىرىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرمەي تۇرالىسۇن؟ دىنسىزلىق بۇنداق چاغدا، بولۇپمۇ مۇشۇ خىل سەۋىيدىكى ئىككى مۆئمىن ئارىسىدا تۇرغىنىدا ئىزنەكلىرىنى تاقىماي، بايراقلىرىنى ئېگىز چىقارماي تۇرسۇنمۇ؟
بىز كىشىلىرىمىزنىڭ ئەقىلنى ئىسلاھ قىلىدىغان ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ياخشىلايدىغان دىندىن ئۆزگە دىندا ياشىشىنى قەتئى راۋا كۆرمەيمىز. خۇددى شۇنىڭدەك، كىشىلىرىمىزنىڭ خوراپات قاپلىغان، ئىنسانىي بۈيۈك خىسلەتلەرنى بەربات قىلىدىغان، سايىسىدە ھاياتلىقنى ئارقىغا چىكىندۈرۈپ، كىشىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، كەشىپ قىلىش ۋە گۈزەللىك بەرپا قىلىش ئىقتىدارلىرىنى نابۇت قىلىدىغان  بىر دىن بىلەن ياشىشىنىمۇ ئەسلا راۋا كۆرمەيمىز.
بىز ئىسلام دىنىغا ئادىل بولىشىمىز لازىم.  بىلىشىمىز كېرەككى، ئىسلام دىنى خۇددى بىر تۈركۈم نادانلارنىڭ قىلىۋاتقىنىدەك يالغۇز ئىبادەتكىلا بىرىلىش ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى ئىنسانغا ئۇنىڭ ھاياتتىكى رولىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ۋە ئۇنىڭ ھاياتتىن قانداق ياخشى پايدىلىنىشىنى  بېكىتىپ بىرىش ئارقىلىق ئىنسانى قەدىر-قىممەتنى ئەڭ ئالىي ئورۇنغا قويغان، ھاياتنىڭ شەنىنى يۈكسەكلەرگە كۆتۈرگەن بىر دىندۇر.
2
ئىنسان ئىسلام تەسەۋۋۇرىدا يېگانە ئاللاھنىڭ بەندىسى. بەندە ئەنە شۇ يېگانە خۇداسىنى تونۇيدۇ ۋە ئۇنىڭ ھەققىدە تەقۋالىققا يۈزلىنىدۇ. ئاللاھ ئۇ مەنپەئەتلىنىۋاتقان، خىزمىتىگە سېلىۋاتقان ۋە كۈچىدىن پايدىلىنىۋاتقان ئۇشبۇ كائىناتنىڭ خوجايىنىدۇر. ئۇ تەڭتۈشلىرىگە ياخشىلىق ئۈستىدە ھەمدەم بولۇشۇپ بىرىدىغان، ئۇلار بىلەن ئادالەت ۋە مىھر-شەپقەت قانۇنى بويىچە مۇئامىلە قىلىدىغان قېرىنداش كەبىدۇر.
ئۇستاز ئىسھاق ھۇسەينىينىڭ ئىسلام ھەققىدىكى مۇنۇ بايانلىرى ماڭا تولىمۇ ياقىدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بىز قەدىمقى ۋە ساماۋىي دىنلار تارىخى ھەققىدىكى يورۇتمىلار ئاساسىدا ئىسلام دىنىنى كۈزەتكىنىمىزدە، ئۇنىڭدا مۇنداق ئىككى تۈرلۈك ئالاھىدىلىك مەۋجۇت:  بىرىنجىسى: ئىسلام دىنى ھاياتلىققا ئۆز ئارا گىرەلەشكەن ئېلىمىنىتلاردىن تۈزۈلگەن بىرلىك ئىتىبارى بىلەن بىر پۈتۈن قارايدۇ. مەسىلەن، ئىسلامدا روھى تەرەپكە بولغان ئەھمىيەت زۆرۈرلۈك جەھەتتە ماددى تەرەپكە بولغان ئەھمىيەتتىن قېلىشمايدۇ. شەخسنى تەربىيەلەش موھىملىقتا كوللىكتىپنى تەربىيەلەشتىن قىلىشمايدۇ. مۇئامىلىلەردە ئەخلاقى پىرىنسىپلار ئاساس قىلىنسا، ئىبادەتلەردە مەنىۋى پىرىنسىپلار ئاساس قىلىنىدۇ. كوللىكتىپنىڭ قانداق ھەق-ھوقۇقلىرى بولسا، شەخىسنىڭمۇ كوللىكتىپقا ئوخشاش ھەق-ھوقۇقى بولىدۇ. ئەگىشىش نۇقتىسىدىن پەزىلەتلىك ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئورتاق باراۋەرلىككە ئىگە بولۇپ، بىرى يەنە بىرىدىن ئايرىپ مۇئامىلە قىلىنمايدۇ.
مۇنداقچە ئىيتساق، ئىسلام دىنى ھەر ئىككى ئالەمدە مۇكەممەل بەخت-سائادەتنى قولغا كەلتۈرۈشكە، ياخشىلىق ۋە تەقۋادارلىق ئۈستىدە ئۆز ئارا ھەمكارلىق ئورنۇتۇشقا، ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسۇشقا،  شۇنداقلا، ياخشى ۋە يامان كۈنلەردە بىر-بىرىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەيدىغان بىر پەزىلەتلىك جەمىيەت قۇرۇپ چىقىشقا چاقىرىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «مۆمىن ئەرلەر، مۆمىن ئاياللار بىر ـ بىرى بىلەن دوستتۇر، ئۇلار (كىشىلەرنى) ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، يامان ئىشلاردىن توسىدۇ.»
ئىككىنچى ئالاھىدىلىك بولسا، ئىسلام دىنى ئىنسانىيەتكە ئۆز ئارا تونۇشىدىغان ۋە ھەمكارلىشىدىغان بىر ئائىلىگە قارىغان نەزەردە قارايدۇ. ئۇلار ئارىسىدىكى دەرېجىنى پەقەت تەقۋالىق بىلەنلا ئۆلچەيدۇ. ئۇ يەنە بارلىق ساماۋىي دىنلارنىڭ ئەسلى ئۇلىنى بىردەپ قاراش بىلەن بىرگە، پەيغەمبەرلەرنىڭ ھېچبىرىگە ئايرىم نەزەردە قارىماستىن ھەممە پەيغەمبەرنىڭ بىر-بىرى بىلەن قېرىنداش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
  ئىسلام دىنى يۇقىرىقىلاردىن سىرت يەنە، مۇئامىلەدە كەڭ قول بولۇشنى، ئادالەتپەرۋەرلىكنى، خەير-ئېھسان ئەھلى بولۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. شۇنداقلا، ھېكمەت قەيەردە بولسا ئېلىشنى، پايدىلىق نەرسە قەيەردە تېپىلسا قوبۇل قىلىشنى، دىننى زىمىنغا كەڭ تارقىتىشنى ۋە ئىنسانىيەتتىكى ئەڭ ياخشى بايلىق سانىلىدىغان ئىسلام ھازىرىتىنى ئەتراپقا كەڭ ئومۇملاشتۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.
قۇرئان كەرىمدە گۈزەل ئەخلاققا ۋە ئىجتىمائىيلىققا ئىگە پەزىلەتلىك ئىش-ئەمەللەرگە، ھەمدە ئۆز ئارا مۇئامىلىدە ھەققانىيەت ۋە ئادىللىقنى ئاساس قىلىشقا چاقىرىق قىلىدىغان ئايەتلەر نۇرغۇن بولۇپ، مەسىلەن: ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىش، يېقىن ئۇرۇق-تۇققانلارغا، يېتىم-يېسىر ۋە پىقىر-مىسكىنلەرگە خەير-ئېھسان قىلىش، كەمبەغەل يوقسۇللارنى يۆلەش، ئاجىزلارغا، كىسەللەرگە كۆيۈنۈش، ئەپۇچان بولۇش، ئارىنى ئىسلاھ قىلىش، سەۋىر-تاقەتلىك بولۇش، راستچىل ۋە ۋاپادار بولۇش، سەدىقە قىلىش، ياخشىلىق ۋە تەقۋالىق ئۈستىدە ھەمكارلىق ئورنۇتۇش، ئاللاھنىڭ پەزلىنى تەلەپ قىلغان ھالدا دۇنياۋى مەشغۇلاتلارنى داۋاملاشتۇرۇش... ھەققىدىكى بايانلار بۇنىڭ مىسالىدۇر.
شۇنىڭدەك، يەنە نۇرغۇنلىغان ئايەتلەردە يامان خۇلق ۋە ناچار ئەخلاقلار چەكلەنگەن بولۇپ، بىراۋلارغا ئوچۇق-ئاشكارا يامان گەپ ياكى يامان گۇمان قىلىماسلىق، يالغانچىلىقتىن ساقلىنىش، زۇلۇم قىلماسلىق، بۇلاڭ-تالاڭ قىلماسلىق، ئۆز-ئارا دۈشمەنلەشمەسلىك، قەبىھ ئىشلاردىن يېراق تۇرۇش، بىراۋنىڭ مال-مۈلۈكىنى بېھۇدە يەۋالماسلىق، يېتىمنىڭ ھەققىنى يېمەسلىك، ئۇلارغا زۇلۇم قىلماسلىق، تارازا-مىزاندا ئادىل بولۇش، ئىسراپخورلۇق قىلماسلىق... قاتارلىق ھەققىدىكى بايانلار بۇنىڭ مىسالىدۇر.
شۇنداقلا، پەيغەمبەر ھەدىسلىرىدىمۇ، خەلىپىلەر ۋە ساھابىلەرنىڭ خەۋەرلىرىدىمۇ يۇقىرىقىلار ناھايىتى كۆپ تەكىتلەنگەن بولۇپ، ھەممىسى قۇرئان كەرىم پىرىنسىپلىرىنى ئاساس قىلىپ، ياكى قۇرئانىي پىرىنسىپلارنى ئىزاھلاپ ۋەياكى تەكىتلەپ كەلگەندۇر.»
  ئىسلام توغرىسىدىكى ئۇشبۇ ئىنچىكە ۋەسپلەردىن شۇنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىنكى، ئىسلام دىنىدا ئەمەل گويا پۇختا توقۇلغان تور مىسالىدۇر. ئۇنىڭدىن دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ ياخشىلىقلىرىدىن ھېچبىرى قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.  ئەمما دىن ئىلىملىرى ۋە تەلىم-تەربىيە ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان قىسمەن كىشىلەر بولسا، دىننى چۈشۈنۈش جەھەتتە بولسۇن ياكى جەمىيەت مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش جەھەتتە بولسۇن؛ بىر قەدەر تۆۋەن سەۋىيەدە تۇرماقتا.
شۇنداق، ھەقىقەتەنمۇ دىنىي تەلىم-تەربىيەگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلار بەزىدە ئىماننى گويا خاتالىق ئۆتكۈزگۈچىنىڭ ئۆز ئەيىب-نۇقسانلىرىنى ئادالاشقا ئىشلىتىدىغان ماتاسى ئورنىدا كۆرۈۋېلىپ ئىماننىڭ ئوبرازىغا تەسىر يەتكۈزۈپ قويىدۇ. ئۇلارچە بولغاندا، قىلغۇلۇقنى ئۇلار قىلىدۇ، ئىمان كەچۈرىدۇ. ئۇلار چاقىدۇ، ئىمان تۆلەيدۇ...
ھالبۇكى، نۇرغۇنلىغان ساماۋىي دىن ئەگەشكۈچىلىرى مەيلى ئۇلار نېمە قىلمىش سادىر قىلىشىدىن قەتئىينەزەر؛ دىننىڭ ئىتىقادى قىسمىنىلا چىڭ تۇتۇپ ماڭسا بۇ ئۇلارنى نىجات تاپقۇزۇشقا كۇپايە قىلىدۇ- دەپ قارىغان بولۇپ، ئۇلار شۇنداق دېيىشكەن ئىدى: «يەھۇدىي ياكى ناسارا بولمىغان ئادەم (يەنى يەھۇدىيلار يەھۇدىي بولمىغان ئادەم، ناسارالار ناسارا بولمىغان ئادەم) ھەرگىزمۇ جەننەتكە كىرمەيدۇ.»
ئەمما قۇرئان كەرىم بۇخىل سەپسەتىلەرنى رەت قىلىپلا قالماي، يەنە ھەقىقى نىجاتلىق يولىنىڭ خەرىتىسىنىمۇ سىزىپ بەردى. ئۇ بولسىمۇ، ئەمەلدە ئەستايىدىل بولۇش بىلەن بىرگە ئاللاھقا بولغان ئىخلاستا سەمىمى بولۇشنى ھەقىقى ئىمان بىلەن بىر گەۋدە قىلىشتىن ئىبارەت بولۇپ، ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن ئىدى: « بۇ، ئۇلارنىڭ قۇرۇق ئارزۇسىدۇر. سەن ئۇلارغا: ئەگەر (سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولساڭلار، دەلىلىڭلارنى كەلتۈرۈڭلار» دېگىن. ئۇنداق ئەمەس، كىمكى ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان ھالدا ئۆزىنى ئاللاھقا تاپشۇرىدىكەن (يەنى ئاللاھنىڭ ئەمرىگە بويسۇنۇپ، ئەمەلىنى خالىس ئاللاھ ئۈچۈن قىلىدىكەن)، ئۇ پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ساۋابتىن بەھرىمەن بولىدۇ. ئۇلارغا (ئاخىرەتتە) ھېچ قورقۇنچ ۋە غەم-قايغۇ بولمايدۇ.»
يەنە تېخى بەزى نەزەر دائىرسى تار ۋەزخانلارمۇ مەنا ۋە ساھە جەھەتتىن چەكلىك بولغان دىنى ئاسارەتلەر تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن دىننى سەلبى چۈشۈنۈۋالغاندىن سىرت يەنە ئۇنى سەلبى تەتبىقلىماقچى بولىشىدۇ. ھالبۇكى، ئۇلار قۇرئان ۋە سۈننەتنى بىر پۈتۈن ھالەتتە بىلمەيلا قالماي، بەلكى ئىمان تەبىتىدىنمۇ بىخەۋەر بولۇپ، ئەمەلىيەتتە ئىمان ئۈلۈمدىن ھاياتلىقنى، ئۆز-ئۆزىدىن قائىدە-تۈزۈمنى بەرپا قىلالايدىغان تەبىئەتكە ئىگە ئىدى. مەسىلەن ئىمام تىرمىزى ئابدۇللاھ ئىبن ئەمر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان كارتا توغرسىدىكى ھەدىسنى ئىلىپ ئىيتساق، ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ھەقىقەتەن ئاللاھ، قىيامەت كۈنى ئۈممىتىمدىن بىر كىشىنى خالايىقلار ئالدىغا ئېلىپ چىقىدۇ، ئاندىن ئۇنىڭ ئالدىغا گۇناھ – مەئسىيەتلىرى خاتىرلەنگەن 99 خاتىرە دەپتەرنى يېيىپ قويىدۇ، ھەربىر خاتىرە كۆز يەتكۈدەك مىقداردا شۇنداق چوڭ، ئۇزۇن، كەڭرىدۇر. ئاندىن ئاللاھ ئۇ بەندىگە:
- سەن بۇلاردىن بىرەر نەرسىنى ئىنكار قىلامسەن؟ ساڭا مۇھاپىزەتچى كاتىپلىرىم زۇلۇم قىلىپتىمۇ؟ دەيدۇ.
- ئۇ ياق، ئى رەببىم!  ئىنكار قىلمايمەن، زۇلۇممۇ يوقكەن دەيدۇ.
- ئاللاھ: بىرەر ئۆزىرەڭ بارمۇ؟ دەيدۇ.
-  ئۇ: ياق، ئۆزىرەممۇ يوق دەيدۇ.
- ئاللاھ: ئۇنداق ئەمەس، ساڭا بىر ئۆزرە بار. ھەقىقەتەن سەن ئۈچۈن بىزنىڭ دەرگاھىمىزدا ياخشىلىق بار. بۇ كۈندە ساڭا زۇلۇم قىلىنمايدۇ، دەيدۇ.
  ئارقىدىنلا ئۇنىڭغا ئىچىدە شاھادەت كەلىمىسى يېزىلغان بىر كارتا چىقىرىپ بىرىلىدۇ. كارتىغا: «گۇۋاھلىق بېرىمەنكى، جەزمەن ئاللاھدىن باشقا ھەق ئىلاھ يوق، ھەقىقەتەن مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسىدۇر» دېگەن كەلىمىلەر پۈتۈلگەن بولۇپ، ئارقىدىن ئاللاھ ئۇ كىشىگە:
- تارازا-مىيزان ئۈچۈن ھازىر بول- دەيدۇ.
- ئۇ كىشى: بۇنچىۋالا دەپتەر، خاتىرىلەر ئالدىدا بۇ قەغەز قانچىلىك بولا؟ دەيدۇ.
- ئۇنىڭغا: كەل دىگەندىكىن كەل، ساڭا ھەرگىز زۇلۇم قىلىنمايدۇ دىيىلىدۇ.
  ئاندىن گۇناھ – مەئسىيەت يېزىلغان خاتىرىلەر تارازىنىڭ بىر ئالقىنىغا، شاھادەت كەلىمىسى يېزىلغان كارتا يەنە بىر ئالقىنىغا قويۇلىدۇ. خاتىرە دەپتەرلەر يەڭگىل كېلىپ قالىدۇ، ھېلىقى كارتا بولسا، ئېغىر كېلىدۇ.  ئەلۋەتتە، ھېچنەرسە ئاللاھنىڭ ئۇلۇغ ئىسمى بىلەن مىيزاندا ئېغىرلىقتا تەڭ بولالمايدۇ.»
ئەمەلىيەتتە، ئۇشبۇ قاراتمىلىق جەھەتتىن كۈچلۈك دېققەت قوزغايدىغان ھەدىس ناۋادا يۈزەكى مەنىسى بويىچە ھەزىم قىلىنغىنىدا، كىشىلەرنىڭ تۈرلۈك ئىلاھى مەسئۇلىيەتلەردىن باش تارتىشىغا سەۋەب بولۇپلا قالماي، يەنە ئاللاھ تائالانىڭ تۆۋەندىكى سۆزىنىمۇ بىكارغا چىقىرىىشى ئېنىق: «شەكسىزكى، ئاللاھ بۇزغۇنچىلارنىڭ ئەمىلىنى تۈزىمەيدۇ. گۇناھكارلار ياقتۇرمىغان تەقدىردىمۇ، ئاللاھ پاكىتلىرى ئارقىلىق ھەقىقەتنى ئىسپاتلايدۇ.»
ئەمما كەمىنىنىڭ قارىشىچە، ناۋادا بۇ ھەدىس سەنەد جەھەتتىن پۇتتىرەپ تۇرالىغىنىدا، ئۇشبۇ ھەدىس ھاياتىنى پاساتچىلىق ئېچىدە ئۆتكۈزگەن، ئەمما ئەجەل كېلىشتىن بىر مۇددەت ئاۋۋال ئىماننى تونۇپ يېتىپ مۇسۇلمان بولغان ۋە مۇسۇلمان بولغىنىدىن كىين ئۆتكۈزگەن خاتالىرىنى ئىسلاھ قىلىشقا ئۈلگۈرمىگەن كىشىگە قارىتا تەتبىقلانسا توغرا بولىدۇ. ھەمدە بۇ ئارقىلىق ئۇشبۇ ھەدىس ئىمان بىلەن كىتىشنىڭ يۈكسەك قىممىتىنى ۋە تەۋھىد ئەقىدىسىنىڭ ئالاھىدە مەرتىۋىسىنى كۈيلىگەن بولىدۇ.
بىراق، بۇ ۋە بۇنىڭغا ئوخشىغان ھەدىسلەرنى ئاۋام ئارىسىدا، ياكى يېڭىدىن تەربىيە كۆرۈۋاتقانلار ئارىسىدا ئاڭسىز ھالەتتە تەتبىقلاش بولسا، دىننى پۈتۈنلەي بەربات قىلغانلىقتۇر. چۈنكى، بۇخىل قىلمىش ئىماننىڭ قەدىر-قىممىتىنى ۋە ئۇنىڭ ئىجابى تەسىرلىرىنى تۆۋەن چاغلايدىغان بىر تۈركۈم دىندارلار تائىپىسىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئاساس بولۇپ بىرىدۇ.
شۇنىسى ئېنىقكى، بۈگۈنكى دۇنيا  كىشىلىرى ئۆزلىرى بىلەن رەببى ئارىسىنى سەمىمىيەت ۋە خەيرىلىك ئاساسىدا تۇتاشتۇرىدىغان، ئۆزلىرى بىلەن ھاياتلىق ئارىسىنى توغرا شەكىلدە چەمبەرچەس باغلايدىغان ئىمانغا مۇھتاج. ئۇنداق بولمىغىنىدا،  كېلەچەك تالاي بەدەللەر بىلەن تولغۇسىدۇر.
...................................................................................................................
تەۋبە سۈرىسى 119-ئايەت.
ھەج سۈرىسى 18-ئايەت.
تەۋبە سۈرىسى 71-ئايەت.
بەقەرە سۈرىسى 111-ئايەت.
بەقەرە سۈرىسى 111-112-ئايەتلەر.
يۇنۇس سۈرىسى 81-82- ئايەتلەر.
بۇ ھەدىسنى ھاكىممۇ رىۋايەت قىلغان بولۇپ، ئىمام زەھەبى بۇ ھەدىسنى سەھىھ دەپ بېكىتكەن. بۇ ھەدىسنى يەنە شەيخ ئەلبانىي "سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى" دا كەلتۈرگەن.

asalam يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 09:01:01

ئۇججۇن ما ئەدەم باكەن .

Destur يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 09:52:02

شۇنداق، ئىسلام تەلىماتلىرىدا ئەخلاقى ۋە ئىجتىمائى تۈزۈم-قائىدىلەر بىسىياردۇر
ھەزرىتى مەۋلانا ئەپەندى ، «بىسىيار »نىڭ مەنىسى نىمە؟

Destur يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 09:56:21

يېڭى تەرجىمە قىلىنغان قورئاندىكى «رەب،ئاللا،ياراتقۇچى»دېگەن ئىبارىلەرنى «تەڭرى،پەرۋىشكار»دەپ ئالماي،مەۋلانا ئەپەندىگە ئوخشاش ئالسىچۇ...!

SYAWUSH يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 10:21:53

بېسىيار دېگەن نۇرغۇن، تولا دېگەن مەنىدە بولۇپ، كونا ئۇيغۇر تىلىغا تەئەللۇق سۆزدۇر.

HEZINE يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 11:07:07

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز، ھەجەپمۇ يوقاپ كەتتىلە. يازمىلىرىنى سېغىنىپ قالغان ئىدۇق.
بۇ ماقالە قايسى بىر ئۆلىمانىڭ «ھازىرقى مۇسۇلمانلاردىكى ئەڭ چوڭ كىرزىس-ئىبادەتكە ئەھمىيەت بېرىدىغان مۇسۇلمانلارنىڭ ئەخلاققا ئەھمىيەت بەرمەسلىكى ۋە ئەخلاققا ئەھمىيەت بېرىدىغانلارنىڭ ئىبادەتكە سەل قارىشىدۇر» دېگەن سۆزىنى ئەسلەتتى.

terjiman يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 12:27:53

ھەق گەپنى قىلغىنىمىزدا، ئاخىرەت ھەققىدىكى سۆزلەر ھەزىلگە ۋە بىھۇدە سۆزلەرگە ئايلىنىپ قېلىۋاتقان بۇ كۈنلەردە، دىن بارغانچە سۈسلىشىپ ئاجىزلىشىشقا قاراپ مېڭىۋاتىدۇ.

پەيغەمبىرىمىز شۇنداق دېگەنىكەن:«ئەگەر سىلەر مەن بىلگەننى بىلىدىغان بولساڭلار، چوقۇم ئاز كۈلۈپ كۆپ يىغلايتتىڭلار!» (سەھىھ بۇخارىيدا بارغۇ دەيمەن). ھاياتلىق شوئارى «ئوينايلى، كۈلەيلى، ياشايلى دوسلار» بولۇپ قالغان بۇ دەۋردە، پىكىردىكى سوغۇققانلىق ۋە تەمكىنلىك تولىمۇ كەمچىل بولۇۋاتىدۇ، كىشىلەر ھەر خىل ئىجتىمائىي ھادىسىلەرگە مەنپەئەتپەرەسلىك نۇقتىسىدىن مۇئامىلە قىلىدۇ، «ئەسەبىيلىك» غەلبە، «مۆتىدىللىك» زاۋاللىق بولۇپ تۇيۇلىدۇ، پاراغەت تۇيغۇلىرى ئىنساننى ھېساب-كىتاب دېگەنلەرنى ئويلىغۇسى كەلمەيدىغان قىپ قويىدۇ. ئېتىقادى ساپ بىر مۇئمىن بۇ دەۋردە كۆز يېشىنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلىدۇ...:'(:'(

iqbal يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 21:26:47

مەۋلانا قېرىندىشىمىزغا كۆپ رەھمەت،ئۇزۇن بوپتىكەن بۇنداق تېتىملىق،تەربىيەلىك ئەسەر ئوقۇمىغىلى.بەزى يەرلىرىنى ئوقۇپ تەۋبە ئىستىغفار ئېيتىپ كەتتىم.ھەممىمىزنىڭ بىلىپ-بىلمەي قىلغانلىرىمىزغا مەغفىرەت تىلەيمەن.مۇشۇنداق مەنپەئەتلىك تېمىلار بىلەن بىزنى پات-پات ياد ئېتىپ،قەلبىمىزنى سۇغىرىپ تۇرغايسىز.

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 22:46:23

مەرھابا مەۋلانە ئەپەندىم.

ersoy يوللانغان ۋاقتى 2014-10-21 11:56:29

مەرھابا ئۇستاز ئاللاھ تەنلېرىنى سالامەت قىلسۇن

mevlana يوللانغان ۋاقتى 2014-10-21 13:29:00

Destur يوللىغان ۋاقتى  2014-10-20 09:52 static/image/common/back.gif
شۇنداق، ئىسلام تەلىماتلىرىدا ئەخلاقى ۋە ئىجتىمائى تۈز ...

ھەزرىتى مەۋلانا ئەپەندى ، «بىسىيار »نىڭ مەنىسى نىمە؟

تورداشلار جاۋاب بىرىپ بوپتۇ.

mevlana يوللانغان ۋاقتى 2014-10-21 14:02:03

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mevlana تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-21 14:04  

HEZINE يوللىغان ۋاقتى  2014-10-20 11:07 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز، ھەجەپمۇ يوقاپ كەتتىلە. يازم ...

ۋەئەلەيكۇم ئەسسەلام، رەھمەت خەزىنە. بىر مەزگىل ئىستىقامەتتە بولۇپ قالدىم. يېقىندىن بىراز ئارسالچىلىق بولۇۋېدى، مۇنبەرگىمۇ ئازدۇر-كۆپتۇر قاراپ قويۇۋاتىمەن.

MOHADDIS يوللانغان ۋاقتى 2014-10-27 13:11:20

سالامۇن ئەلەيكۇم ھەزرىتى مەۋلانا ئۇستاز. ئۇچراشقىنىمدىن خۇشالمەن.

Derwish4 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-27 14:12:46

بۇ يەردىكى شەيخ غەززالى ، ھوججەتۇلئسلام دەپ ئاتالغان غەززالىمۇ ياكى يېقىنقى دەۋرىدىكى شەيخ غەززالىمۇ؟
بەت: [1]
: (مەۋلانا) ئەمەل كىرزىسىدىكى سىرلار