muhakima يوللانغان ۋاقتى 2014-10-19 21:19:02

‹‹2126-يىلى : يەرشارىدىكى ئىشلار›› رومانىنى يىزىش تەسىراتلىرى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   muhakima تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-19 22:54  

   ۋاڭيى تورى ئۇقۇش بوشلۇقىغا يوللىنىۋاتقان خەنزۇ تىلىدىكى ‹‹2126-يىلى:يەرشارىدىكى ئىشلار›› ناملىق ئىلمى فانتازىيىلىك تور رومانىنى سىناق تەرىقىسىدە يىزىۋاتقىنىمغا بىر ئايچە ۋاقىت بۇلۇپ قالدى ، يېقىنقى بىر نەچچە كۇندە ۋەقەلىك ئۇرۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىپادىلەشتىكى قىيىنچىلىق تۇپەيلىدىن يىزىش سۇرئېتىم بارغانسىرى ئاستىلاپ كەتتى ، نىمىنى يىزىش ، قانداق يىزىش مەسلىسى مىنى قىيناشقا باشلىدى . ئۇنىڭ ئۇستىگە خەنزۇ تىل-ئەدەبىياتى بىلەن ئانچە تۇنۇش بولمىغانلىغىم ، خەنزۇ تىلىغا پىشمىغانلىغىم ۋە يېزىقچىلىقتىن خەۋىرىم بولمىغانلىغى ئۇچۇن ، كەلگۇسىدە يۇز بەرگۇسى مەۋھۇم نەرسىلەر ۋە ۋەقەلەرنى تەسۋىرلەش قىيىنغا چۇشىۋاتىدۇ ، شۇڭا كەڭ تورداشلاردىن تەلىم ئېلىش مەقسىتىدە مەزكۇر روماننى يىزىش تەسىراتىمنى كوپچىلىك بىلەن مۇشۇ تىمىدا داۋاملىق ئورتاقلاشماقچى ، كوپچىلىكنىڭ تەلىم بىرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن .
  روماننىڭ 1-قىسىمى يەنى ‹‹ئالەم بوشلۇغىدا ئۇچىرىشىش››دا  2025 -يىلىدىكى سالى بىلەن رەنادىن ئىبارەت ئىككى باش پىرسوناژنىڭ ئەگىرى توقايلىقلارنى باشتىن كەچۇرۇپ ئالەم بوشلۇغىدا خوشلىشىشى ۋە 2126-يىلى قايتا ئۇچىرىشىشى تەسۋىرلەنمەكچى بۇلۇپ ھازىرغىچە ئالدىنقى 16 بابى تۇلۇق يىزىلىپ بولدى ، ئۇمۇمى خەت سانى 44 مىڭدىن ئاشتى .
  بۇگۇن ۋە ئەتە پىلانىمدا 17-بابىنى تاماملاپ 18-بابىنى يازماقچى.
17-بابىدا ئاساسلىق ئەكىس ئەتتۇرۇلىدىغىنى كەلگۇسىدە بارلىققا كىلىدۇ دەپ قارالغان ‹‹مىڭە تورى›› نىڭ ئاساسلىق پىرىنسىپلىرى ئىدى .
   مىڭە تورى دىگىنىمىز - ئىنسانلارنىڭ مىڭىسىنى ئاخىرقى ئۇچ يەنى ئۇزەكلەرنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق سىمسىز ھالدا ئوزئارا  تۇتاشتۇرۇش ئارقىلىق مىڭىلەر ئارا ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ، مىڭىگە ئۇچۇر يەنى بىلىم قاچىلاش ، بىر ئادەمنىڭ مىڭىسىدىكى ئۇچۇرلار بىلەن باشقا ئادەملەر ئورتاقلىشىش....نى  ئىشقا ئاشۇرىدىغان ، ھازىرقى ئىنتىرنىت تورى ئاساسىدىكى توردۇر .شۇڭا ، بۇ خىل شارائىتتا مىڭە تورىنىڭ پىرىنسىپلىرىنى بەلگىلەش ئەھمىيىتى تۇغۇلىدۇ .
   نوۋەتتىكى بىر قىسىم خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا ئۇزەك ئارقىلىق مىڭىگە بىر قىسىم ئۇچۇرلارنى كىرگۇزۇش ئەمەلگە ئاشتى .
  بىئۇلۇگىيە ئىلىمى ۋە ھاياتلىق پەنلىرى تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتى جۇملىدىن ئېلىكتىرۇن تېخنىكىسى ، ماتىرىيال تېخنىكىسى ......قاتارلىق تېخنىكىلارنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ   ، يىراق بولمىغان كەلگۇسىدە مىڭىلەرنى ئوزئارا تۇتاشتۇرۇشمۇ ئەمەلگە ئاشقۇسى .
   ئەمدى مىنىڭ نۇۋەتتە يۇلۇققان مەسىلەم بولسا ،مىڭە تورى پىرىنسىپلىرىنى شەرھىلەش بىلەن بىرگە  ئالەم بوشلۇغى دوختۇرخانىسىدا ئادەمنى قانداق توڭلىتىش ، قايسى ئۇسۇلدا توڭلىتىش .....قاتارلىقلاردۇر . مەن گەرچە ئالى مەكتەپتە بىئولۇگىيە ئۇقۇغان بولساممۇ ئۇقۇش پۇتتۇرگىلى 15 يىلدىن ئاشقانلىقى ، ئىزچىل تۇردە مەمۇرى خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىپ مەكتەپنى پۇتتۇرگەندىن كىيىن بىئولۇگىيە كىتاپلىرىنى تاشلاپ قويغانلىغىم ۋە ئىشتىن سىرتقى كوپ قىسىم ۋاقىتلىرىمنى فىزىكا بىلەن ھەپىلىشىش بىلەن ئوتكۇزگەنلىكىم ئۇچۇن  باش پىرسوناژنى ‹‹توڭلىتىش›› ‹‹تېخنىكىسى›› جەھەتتە بۇلۇپ بۇ جەھەتتە بىلىدىغانلارنىڭ ياردىمىنى ئايىماسلىقىنى ئۇمۇت قىلىمەن.
   ئەلۋەتتە كوپچىلىكىنىڭ ئەسلى ئەسەرنى كۇرۇپ ھەرۋاقىت تەكلىپ پىكىر بىرىشى ،نوقسان- خاتالىقلارنى كورسىتىپ بىرىشى ، ياقتۇرغانلارنىڭ ساقلاپ ئۇقۇشى ۋە تەۋسىيە قىلىشىنى چىن كوڭلۇمدىن تىلەيمەن ، رەھمەت.
ئەسەرنىڭ ئادىرىسى:http://yuedu.163.com/book_reader/36dc2835600241e3ac5aac15802e8353_4

454603066 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 00:31:13

چۇشەنچەمنىڭ سىز گە پايدىسى تەگسە ئەجەپ ئەمەس ھە{:92:}

مېڭە تورى پىرىنسىپلىرنى شەرىلەش بولسا ھە ،،. قەلىپتىن  چىققان تۇيغۇنى مېڭىغا يەتكۇزۇپ مېڭە ئارقىلىق سىز ئۇچۇر بەرمەكچى بولغان كىشىگە تۇنۇش ھاسىل قىلىپ ھەركەتكە ئۇتىدۇ ، ئاندىن قەلىپ بىلەن قەلىپ تۇتۇشۇپ  روھ ئۇلارغا بىز نىڭ سوزىمىزنى يەتكۇزدۇ ،، ،بۇلار ھېسسى بىلىش بۇلۇپ قارش تەرەپ بىز نىڭ  سوزىمىنى قەلبىدە ئاڭلايدۇ ياكى ئېڭىدا  پەيدا بولدۇ  . ‹‹ بۇلارمۇ بولمىسا  火影忍者نىڭ 602چى قىسمىنى كورۇپ پېقىڭ .
‹‹توڭلىتىش ›› بولسا ئادەم سوغوقتا بەك توڭلاپ كەتسە ئۇيقۇسى بەك كىلدۇ ئەمەسمۇ {:92:}  بولسا يۇرەكتىن
باشلاپ توڭلۇتۇپ ئاندىن مېڭىنى كېيىن پۇتۇن بەدەننى توڭلۇتۇپ يېزىڭ،،،،{:92:}

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 00:34:50

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Baqka تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-20 00:42  

ئالەم بوشلۇقى دوختۇرخانىسىدا ئادەمنى توڭلاتماقچى بولسا، ئاۋال ئادەمنىڭ پۈتۈن بەدىنىگە زەيتۇن مېيى سۈرتۈپ، ئاندىن چاپلىشىپ تۇرىدىغان ھىم كېيىم كەيدۈرۈپ، سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز بىلەن پۈركۈپ توڭلاتسا بولىدۇ. كېمىنىڭ نۇر چۈشمەيدىغان تەرىپىدىكى بوشلۇققا توڭلىتىش ساندۇقىنى چىقىرىپ قويۇپ قويسا، ئەتراپتىكى ئىسسىقلىق نۇرى (ئىنفىرا قىزىل) نۇر ھەددىدىن تاشقىرى تۈۋەن بولغانلىقتىن، سۇغۇق ساقلاشقا بەك مۇۋاپىق.
توڭلىتىش ئاستا بولۇپ قالسا، ھۈجەيرىلەر يېرىپ ئادەم ئۆلۈپ كېتىدۇ، ئېرىتكىلى بولمايدۇ. ئادەمنى تىرىك ئېرىتمەكچى بولسا، يەنىلا سىرتتىن توڭلىتىشتىن باشقا ئامال يوق.

muhakima يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 01:06:33

454603066 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-20 00:31 static/image/common/back.gif
چۇشەنچەمنىڭ سىز گە پايدىسى تەگسە ئەجەپ ئەمەس ھە

مې ...

رەھمەت ، كوپ جاپا تارتتىڭىز ، مىڭىلەرنى  كومپىيۇرلارنى چېتىش ئارقىلىق تور ھاسىل قىلغاندەك نېرۋا دولقۇنىنى تور سىگىنالىغا ئايلاندۇرىدىغان ۋە ئەكىسىگە ئايلاندۇرىدىغان ئۇزەك ئارقىلىق چېتىپ تور ھاسىل قىلىشنى كورسىتىدۇ.

muhakima يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 01:08:15

Baqka يوللىغان ۋاقتى  2014-10-20 00:34 static/image/common/back.gif
ئالەم بوشلۇقى دوختۇرخانىسىدا ئادەمنى توڭلاتماقچى بول ...

ئىككىمىزنىڭ ئويلىغانلىرىنىڭ بىر قىسمى ئوخشايدىكەن ، بۇلۇپمۇ ساقلاشتىكى ئويلىغانلىرىمىز ، رەھمەت.

454603066 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 01:20:16

muhakima يوللىغان ۋاقتى  2014-10-20 01:06 static/image/common/back.gif
رەھمەت ، كوپ جاپا تارتتىڭىز ، مىڭىلەرنى  كومپىيۇرلارن ...

ياق ، جاپا تاتمىدۇققۇ :P   

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 11:12:47

قاچان كۆرگەن بولغىيتىم بىر ماتىرىيالدا ئادەمنى توڭلىتىپ ساقلىغاندا بەدەندىكى قاننى ئالاھىدە ئۇسۇل بىلەن تولۇق تارتىۋىتىپ ئورنىغا سۇيۇق ئازوتمۇ ياكى باشقىسىمۇ شۇنداق بىر سۇيۇقلۇقنى ماڭدۇرۇۋەتسە پۈتۈن بەدەن ناھايىتى تىز توڭلاپ ھۈجەيرىلەرنىڭ ئۆلۈش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ دەپ يېزىلغانلىقى ئېسىمدە قاپتۇ .

muhakima يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 14:31:21

uqkun1 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-20 11:12 static/image/common/back.gif
قاچان كۆرگەن بولغىيتىم بىر ماتىرىيالدا ئادەمنى توڭلىت ...

مەنمۇ شۇنىڭغا ئوخشاشراق  ئۇسۇلنى ‹‹ئىشلەتمەكچى›› ، رەھمەت.

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 18:51:35

نۆلدىن تۆۋەن 196 گىرادۇستىكى سۇيۇقلاندۇرۇلغان ئازوتقا سېلىپ توڭلىتىدۇ،تېز بولۇشى كېرەك.
لېكىن قاننى تارتىۋەتمەيدىغۇ دەيمەن

jaggiwar يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 23:30:26

454603066 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-20 01:20 static/image/common/back.gif
ياق ، جاپا تاتمىدۇققۇ

ئازادلىقتىن كىيىن شىمالدىن جەنۇپقا ياردەمگە كەلگەن  بىر ياش ئىشەك بىلەن ئۈزى ئىشلەيدىغان يېزىغا كەلگەندە يېزا رەھپەرلىرى ئالدىغا چىقىپ ھارمىسىلا ئۇكام دىسە تەكەللۇپ قىلىپ ئا بالا تەكەللۇپنى چۈشەنمەي ھارمىدىم ئىشەكتە كەلدىم دەپتىمىشكەن ...............
ئۆزلەنىڭ ما گىپى شۇنى ئەسلەتتى:lol

muhakima يوللانغان ۋاقتى 2014-11-25 07:41:46

ھەجەپ چارچىدىم ئاشىق -مەشۇقلارنى ئالەم بوشلۇغىدا كۇرۇشتۇرۇپ بولغىچە ، قېنى كۇرۇپ باقارسىلەر ئەزىز تورداشلىرىم.رەھمەت.http://yuedu.163.com/source/36dc2835600241e3ac5aac15802e8353_4
بەت: [1]
: ‹‹2126-يىلى : يەرشارىدىكى ئىشلار›› رومانىنى يىزىش تەسىراتلىرى