alnure يوللانغان ۋاقتى 2014-10-19 19:57:57

ئۆزىگە خىرىس

ئۆزىگە خىرىس
قەيسەر كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە تۇرمۇشقا يۈزلىنىش ئۇلۇغ ھەم شەرەپلىك خىرىسقا يۈزلىنىش دېمەكتۇر،خىرىس ھەممە يەردە مەۋجۇت.بىر كۈننىڭ ئىشى سەھەردىن باشلىنىدۇ،ئەگەر سەن سەھەردە تولۇپ تاشقان جۇشقۇن كەيپىيات بىلەن ئورنۇڭدىن تۇرۇپ،ھەر قايسى تەرەپلەردىن كېلىۋاتقان خىرىسىنى تولۇق ئىشەنچ بىلەن كۈتۈۋالساڭ،كېسىپ ئىيتالايمەنكى،سەن مۇۋەپپەقىيەت يولىغا قەدەم قويۇپ بولغان بولىسەن.قىيىنچىلىق ئالدىڭدا باش ئېگىپ ماڭىدۇ.سەن تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئىستىكىدە بولساڭ،تولۇپ تاشقان ئىرادە ۋە جاسارەتكە ئىگە بولساڭ غەلبىگە نىسبەتەن سەگەك تونۇشقا ئىگە بولساڭ ھەمدە غەلبە ئۈچۈن تەپسىلىي پىلان تۈزگەن بولساڭ،ئۇچاغدا ئىشلارنى تەۋرىتىشتىن غەم قىلمىساڭمۇ بولىدۇ.
گەپ بۇ يەرگە كەلگەندە، بەزىلەر شۇنداق دېيىشى مۇمكىن:مۇۋۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ يولىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ،لېكىن ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئاسان ئەمەس،خىرىسقا ھەممە ئادەم بىمالال يۈزلىنەلمەيدىكەنسەن؟ساڭا ئوچۇقنىلا ئېيتاي،سەن ئۆتۈپ كەتكەن توخۇ يۈرەك ئىكەنسەن!
مەن ساڭا خىرىس قىلىمەن،سېنىڭ بۇ خىل قارىشىڭغا خىرىس قىلىمەن! شەك-شۈبھىسىزكى،سېنىڭ ئالغا ئىلگىرلىشىڭنى توسۇپ كېلىۋاتقان ھەمدە مۇۋەپپەقىيەت ۋە غەلبە قازىنىشىڭغا توسالغۇ بولىۋاتقان ئەڭ چوڭ دۈشمەن دەل مۇشۇ قاراش،ئۇنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى سەن ئۈچۈن ئەڭ ئەجەللىك زەربە! لېكىن،سەن ھازىرغىچە بۇ نۇقتىنى تونۇپ يىتەلمىدىڭ.ئۇ سېنىڭ كاللاڭنى چىرمىۋالغاچقا،ھەر قانداق خىرىس ئالدىدا ئاجىز كېلىپ قېلىۋاتىسەن،باشقىلارنىڭ ئارقىسىدا سۆرۈلۈپ يۈرۋاتىسەن.
ھەر قانداق خىرىسقا بىمالال يۈزلەن،چېكىنىشكە ھىچقانداق باھانە ئىزدىمە،ئۇ ئۆزىنى ئالداشتىن باشقا نەرسە ئەمەس، ئۇ  ئۆزىنىڭ كەلگۈسىگە مەسئۇلىيەتچان بولماسلىقنىڭ بىر خىل ئىپادىسى.بارلىق باھانە-سەۋەپلەرنى چۆرۈۋەت،قەيسەر ھەركىتىڭ بىلەن ئاجىزلىقىڭنى داۋالا.راست،ھەر بىر ئادەمنىڭ ئاجىزلىق تەرەپلىرى بولىدۇ،لېكىن ئاجىزلىقنى يەڭسەڭ ،ساڭا بىر ئۈلۈش كۈچ قوشۇلىدۇ،غەلبىگە بولغان ئىشەنچىڭ بىر ئۈلۈش ئاشىدۇ.
ئۆزىگە خىرىس قىلىش خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىش دېمەكتۇر.

مەنبە: "دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ مال ساتقۇچى" دىگەن كىتاپتىن ئىلىندى.
تورداشلارنىڭ بۇ كىتابنى ئوقۇپ  بىقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن

454603066 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 00:35:42

ئوزىگە خىرىس قىلىش ئوزىنىڭ ئاجىزلىقىغا خىرىس قىلىش{:92:}
بەت: [1]
: ئۆزىگە خىرىس