يەلتاپان ئۇيغۇرچە كىرگۈچى يېڭىلاندى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئالما ئۈسكۈنىسى بار تورداشلار، (ئالمىسى يوقلارغىمۇ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم)
مەقسەتكە كەلسەك؛
يەلتاپان ئۇيغۇرچە كىرگىزگۈچ ئېلان قىلىنىغان نەچچە ئاي ۋاقىت ئىچىدە چۈشۈرۈش قېتىم سانى 3000 دىن ئېشىپ كەتتى، نۇرغۇنلىغان تورداشلىرىمىز رەھمەت ئېيىتتى ۋە بەزى بىر تەكلىپلەرنى بەردى، شۇنىڭ بىلەن بىر-قانچە كۈن ۋاقىت چىقىرىش نەتىجىسىدە يەلتاپان ئۇيغۇرچە كىرگىزگۈچنىڭ يېڭى نۇسخسى ئېلان قىلىندى؛
يېڭى نۇسخىسىغا قوشۇلغان ئىقتىدارلار تۆۋەندىكىچە؛
1-كۇنۇپكا تاختىسىنىڭ تەگلىك رەڭ ئۇسلۇبىنى تاللاپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ، (6 خىل ئۇسلۇپ بار).
2-كۇنۇپكا تاختىسىدىكى ھەربلەرنى چايلىغ كۆرسىتىش ئۈچۈن «بودەك» بىلەن «ئورۇق» نى تاللاپ ئىشلىتىش.
3- دائىملىق ئىشلىتىلدىغان بىرقانچە سۆز-جۈملىلەر تەييارلاپ قويۇلدى، (كۇنۇپكا تاختىسى ئۈستىدىكى كۆرسەتكۈچ بارماقنىڭ رەسىمنى چەكسىڭىز چىقىدۇ)
4-ئېلگىركى نۇسخسىدىكى بەزى بىر مەسىللەر ھەل قىلىندى.
تۆۋەندە ئەپنىڭ ئىشلىتىش كۆرۈنمە يۈزلىرى بېرىلدى؛
كەڭ ئىشلەتكۈچىلەرگە دەپ قويىدىغان مۇھىم گەپلەر؛
1-بۇ كىرگىزگۈچ شىركىتىمىز ياساپ چىققان، شۇنداقلا ھەقسىز تارقاتقان كىرگىزگۈچ بولۇپ، بەيدۇ ياكى باشقا شىركەتلەرنىڭ كىرگىزگۈچىسىگە چاپان كەيدۈرلۈپلا تەييار قىلىنمىغان، ھەرقانداق بىر ئورۇننىڭ ھەقلىق يۇسۇندا قىلۋالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز.
2- بۇ كىرگىزگۈچ ئالما تېلېفون، ۋە ئايپەدلەرنىڭ 7.0 دىن يۇقىرى سىستېمىلىرىدا ئىشلەيدۇ، ئۇنىڭدىن تۆۋەنلىىرىدە ئىشلىمەيدۇ، گەپنى يىغىپ ئېيىتقاندا ios8 گە قاچىلىسىڭىز ھەقىيقى يۇسۇندا پايدىسىنى كۆرەلەيسىز... (ئەندىروئىدقا ئىشلىمەيدۇ).
3- ئالما 5 ۋە ئالما 6 تېلېفونلىرىڭىز تۈرمىدىن قاچمىسىمۇ سىستېمىنىڭ ھەرقانداق يېرىگە ئۇيغۇرچە خەت يازالايسىز...
4- چۈشۈرۈش؛
چۈشۈرۈش ئۈچۈن ئەپ بازىردىن چۈشۈرسىڭىزمۇ بولىدۇ، ياكى ئۈستىدىكى ئىككىلك كودنى رەسىمگە تارتىپ چۈشۈرسىڭىزمۇ بولىدۇ...
مەزكۇر كىرگىزگۈچكە مۇناسىۋەتلىك ئېلگىرى يازغان يازمىلىرىم؛
http://bbs.izdinix.com/thread-60033-1-1.html
http://bbs.izdinix.com/thread-60025-1-1.html
كىرگىزگۈچنىڭ تەپسىلى چۈشەندۈرۈش ئادرىسى ۋە چۈشۈرۈش ئادرىسى؛
http://ime.yeltapan.com/
ئەگەر ئەڭ ئۈستىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرسىڭىز ئەڭ قولاي بولىدۇ ئاندىروئىدنىڭ قاچان تارقىتىلىدۇ ، ياكى تېخى ئىشلەشكە كىرىشمىدىڭلارمۇ ، مەنچە بولغاندا دىيارىمىزدىكى ھەرقانداق ئەپ ئېچىش شىركىتى ئالدى بىلەن دېتال ئىشلىگەندە ئاندىروئىدنى بىرىنجى بوپ ئويلىشى كېرەك ، ھېلىمۇ ئۇزۇن بوپ كەتتى باشقىلارنىڭكىنى ئىشلەتكىلى ، ئۆزىمىزنىڭكىنى ئىشلىتىلى دىسەك بىر يىرىمەس بىر يىرىدە خاتالىق كۆرىلىۋالدى ، سىلەر مۇنتىزىملاشقان شىركەت بولغاندىكىن ئاندىروئىدچىلىنىڭ مۇشۇ تەرىپىنى ئويلىشىشىڭلار كېرەك . patih007 يوللىغان ۋاقتى 2014-10-19 17:32:07 static/image/common/back.gif
ئاندىروئىدنىڭ قاچان تارقىتىلىدۇ ، ياكى تېخى ئىشلەشكە
ئوخشاش پىكىر patih007 يوللىغان ۋاقتى 2014-10-19 17:32 static/image/common/back.gif
ئاندىروئىدنىڭ قاچان تارقىتىلىدۇ ، ياكى تېخى ئىشلەشكە ...
دىيارىمىزدا ئاندىروئىد ساھەسىدە بىلكان شىركىتى باشلامچى بولغان ئىدى، شۇلارنىڭ ياساپ قويغان كىرگىزگۈچىسى تەييار بار تۇرسا... ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەقسىز، يەنە كىلىپ نۇرغۇن ئەسلى كودلارنىمۇ ھەقسىز تارقاتتى....
شۇڭا بۇ ئىشنى ھەل بولۇپ بولغان دەپ كىسىپ ئېيتىشقا تامامەن بولىدۇ دەپ قارايمەن....
ئەمەلگە ئىشىپ بۈلغان ئىشقا يەنە كىرشىۋالسا تەكرار ئەمگەك بولۇپ قالغۇدەك abdrtt يوللىغان ۋاقتى 2014-10-19 18:24:39 static/image/common/back.gif
دىيارىمىزدا ئاندىروئىد ساھەسىدە بىلكان شىركىتى باشل
بىلكاننىڭ كىرگۈزگىچىسقۇ ماڭىمۇ بەك يارايدۇ ، سىغىمى كىچىك لايىھلىنىشى كۆركەم ، لېكىن ئىقتىدارىنى سەل ئاشۇرغان بولسا ياخشى بولغان بۇلاتتى ، مەسىلەن خەنزۇچە ، پىنيىنچە ، بىخۇاچە ، قولدا يېزىش دېگەندىكىدەي ، abdrtt يوللىغان ۋاقتى 2014-10-19 18:24 static/image/common/back.gif
دىيارىمىزدا ئاندىروئىد ساھەسىدە بىلكان شىركىتى باشل ...
ئوغابالىدەك گەپ {:112:} تۈنۈگۈن چۈشۈرگەن، پىچەت پىچەت ! ئايفۇن - ئايپەدلىرىمگە قاچىلىۋالدىم تەشەككۈر.
تەكلىپ : ھەرىپلەرنىڭ تىزىلىشى سەل ئىگىز - پەس كىيىنكى نەشرىدە بۇنى تۈزىتىپ تېخىمۇ سىپتا ھەرىپلەرنىڭ تىزىلىشى تەكشى قىلىۋەتسەڭلەر.
ئىشلىتىش جەريانىدا يەنە پىكىر-تەكلىپ بولسا ئىنكاس يازىمەن. ئالدىنقى تېمىدىمۇ ئىزچىل كىرگىزگۈچ دەپ ئېلىپتىكەنسىلەر بۇ قېتىملىق تېمىدىمۇ شۇنداق ئېلىپسىلەر.
كىرگۈزۈش-كىرگۈزمەك-كىرگۈز-كىرگۈزگۈچ.
تېما ئىسمىدىمۇ كىرگۈچى بولۇپ قاپتۇ. بولسا مۇشۇ تەرەپكە دىققەت قىلغان بولساڭلار. رەھمەت كىرگۈزگۈچنى يېڭلىۋالدىم .
patih007 يوللىغان ۋاقتى 2014-10-19 18:33 static/image/common/back.gif
بىلكاننىڭ كىرگۈزگىچىسقۇ ماڭىمۇ بەك يارايدۇ ، سىغىمى ك ...
بۇ ئىقتىدارلار باشقا كىرگۈزگۈچتە بارغۇ( يەنى خەنزۇچە كىرگۈزگۈچنىڭ ئۆزىدە)؟ سېغىمى كىچىك بولغانلىق شۇ ئاز ساز بولغىنىدا يەنە بىخۇا يەنە خەنچە كىرگۈزۋەتسە سېغىمى ئېشىپ تېلفۇنىڭز ساز ماڭماي قالىدۇ. Typography يوللىغان ۋاقتى 2014-10-19 19:30:05 static/image/common/back.gif
بۇ ئىقتىدارلار باشقا كىرگۈزگۈچتە بارغۇ( يەنى خەنزۇچە
ئاندىرويىد تېلىفوندا كىرگۈزگۈچلەرنى ئۆز_ئارا ئالماشتۇرىدىغان قانداق قولايلىق ئۇسۇللار بار؟ ھېلىقى چۇباۋ دېگىنىمۇ بولىدىكەن. بىراق پىنيىنچە كىرگۈزۈش ئۇسۇلى ھىلى ئىشلەپ، ھېلى ئىشلىمەي بەك بىزار قىلىۋەتتى. بەيدۇنىڭ ئۇيغۇرچە تاختىسىنىڭ ئالدىرىغاندا دەرھال تاپقىلى بولمايدىغان يىرىنى ياقتۇرمىدىم. بىلكاننىڭ ھەقىقەتەن يەڭگىل ھەم چوڭ سۈپەت، بىراق ، خەنزۇچە كىرگۈزۈشكە توغرا كەلگەندە، ھەر قېتىم يانفۇننىڭ كىرگۈزگۈچ تاللايدىغان يېرىگە كىرگىلى سالىدىكەن.... سىلەر زادى مۇشۇ مەسلىنى قانداق ھەل قىلىۋاتىسىلەر؟ مەن تىخى 10 كۈننىڭ ئالدىدا چۈشۈرۈپ ئىشلىتىۋاتقان ئىدىم...ئەمدى بۇ نەشرىنى قاچىلىۋالاي.سىلەرگە كۆپ رەخمەت !
بۇرۇنقىسىدا بەزى سۆزلەرنى يازغاندا م ھەرپى تولۇق چىقمايتتى،مەسلەن ئالما دىگەندەك.....بۇ نۇسقىسىدا ئوڭشالغاندۇ ھە.....؟
بۇرۇنقىسىنى يۇيىۋىتىپ قاچىلايمىزمۇ ياكى ئۈستىگە باسۇرۇپلام قاچىلامدۇق ؟ مىنىڭچە ئاندىرويدقا ياساپ باقساڭلار بۇلىتى، تەكرار ئەمگەكنىڭ ئالدىنى ئېلىڭلار، ئەمەلىيەتتە ئالما شىركىتى بۇنى ios8تە يادروسىغا يېزىۋەتكەن بولغاندىنكىن باشقا سېستىمىلاردا بىر ئېچىپ بېقىشنى ئويلىشىپ باقساڭلار.
لىكىن ئەجىرىڭلارغا تەشەككۈر.. cooloff يوللىغان ۋاقتى 2014-10-19 20:08 static/image/common/back.gif
مىنىڭچە ئاندىرويدقا ياساپ باقساڭلار بۇلىتى، تەكرار ئە ...
ما گەپ ئەجەپ بىر چۈشىنىكسىز بولۇپتا. ئالما تەرەپ تېخى يادروسىغا قوشقۇدەك بولمىدى. ئاندرويدنىڭ بار دەپ ئۈستىدىكى توردىشىمىز دەپتۇ ھەم بىلكاننىڭ كىرگۈزگۈچىنى تەشۋىق قىلىپتۇ. ئالمىغا ئەپ ئاچقۇچىلار جاپاكەشلەر ياساپ چىقىرىۋاتىدۇ. پەقەت كىرگۈزگۈچ قوشۇش يوچۇقىنى ئېچىپ بەرگەن.بۇ تەرىپىنى بىلمىگەندەك قىلىسىز. Typography يوللىغان ۋاقتى 2014-10-19 19:30:05 static/image/common/back.gif
بۇ ئىقتىدارلار باشقا كىرگۈزگۈچتە بارغۇ( يەنى خەنزۇچە
مەنمۇ ھازىر بەيدۇنىڭكىنى ئىشلىتىۋاتىمەن ، مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم ئۆز ئانا تىلىمىزدا ئىقتىدارى ياخشى لايىھلىنىشى بىرقەدەر كۆركەم بولغان كىرگۈزگۈچ ، ئۆز ئانا تىلدىكى ھەرقانداق نەرسە ئادەمگە بىلەكچە ياقىدۇ . مەن 触宝输入法国际版(带维吾尔语) مۇشۇ كىرەۈزەۈچنى ئىشلىتىۋاتىمەن. بۇمۇ خېلى بۇلىدىكەن
.
维吾尔文字体 دەپ يازسا ئەسلىھە كەسمە خەت نۇسخىسىمۇ چىقىدىكەن .مەن قاچىلاپ شۇنداق نورمال ئىشلىتىۋاتىمەن.
ئەگەر تاپالمىسىڭىز ئەۋەتىپ بەرسەممۇ بۇلىدۇ.
قاچىلاشتىن بۇرۇن چۇقۇم root ئېلىشىڭىز كېرەك. Typography يوللىغان ۋاقتى 2014-10-19 19:27 static/image/common/back.gif
ئالدىنقى تېمىدىمۇ ئىزچىل كىرگىزگۈچ دەپ ئېلىپتىكەنسىل ...
كەمىنە ئىملاغا تازا پىششىق ئەمەسمەن، كۆرسىتىپ بەرسىڭىز خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىمەن....(بۇ جەھەتتە ئۆزۈممۈ دىققەت قىلاي)،
ئەمما سۆز ئىشلىتىش مەسىلىسدە «كىرگۈز، ئوقۇ، ياز، ئاچ، تاقا، ئۆچۈر، كۆچۈر...» دىگەندەك، مۇنداقچە قىلىپ ئېيىتقاندا دۆڭكۆۋرۈك بىلەن بۇلاق بېشى بازىردا خەقنىڭ ئىشتان-چاپانلىرىنى تارىتىۋالىدىغان 城管 نىڭ ئادەملىرىدەك قوپال سۆز ئىشلىتىش تازا ياخشى ئەمەس... مۇمكىن بولسا قەشقەر ياكى كۇچانىڭ شىۋىسىنى ئىشلەتسە چىرايلىق چىقامىكى....:lol بۇ يازمىنى ئاخىرىدا abdrtt تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-20 08:57
cooloff يوللىغان ۋاقتى 2014-10-19 20:08 static/image/common/back.gif
مىنىڭچە ئاندىرويدقا ياساپ باقساڭلار بۇلىتى، تەكرار ئە ...
ئالما شىركىتى يادرونى ئىچىۋەتتى دەيسىز، ئىچىۋەتكىنى راس، ئۇنداق بولسا سىز مەيلى بەيدۇ، مەيلى يەلتاپان، مەيلى باشقا كىرگىزگۈچكە تايانماي ئالمىنىڭ شۇ «يادرو» ئىغىزىغا تايىنىپ ئۇيغۇرچە كىرگۈزەلەمسىز؟ ئا ب د ر ت ت ئەپەندىم گەپ بولسا ئوچۇق بۇ يەرگە يېزىڭ . مەن باشقا گەپمۇ قىلمىدىم. پەقەت ئىملانى ئوڭشاڭ دىسەم نىمە قاقشاپ شەخسى ئۇچۇر يوللايسىز؟
يادروسىغا قوشمىغان بىلەن ئۈچىنچى تەرەپ كىرگۈزگۈچ قوشۇشنى قوشىۋەتتى دەپ چۈشەندۈرۈپ قويسام ئۇنىڭغا قاقشاپ كېتىپسىز. گەپ چۈشەنمەي تۇرۇپ جاۋاب قايتۇرغۇچە سەل تېخنىكىلىق بالىدىن بىرنى تەكلىپ قىلىپ جاۋاب قايتۇرسىڭىز بولمامدۇ سەتلەشكىچە؟
شۇ سىلەرنىڭ سايەڭلەردە ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى ئىشلىتىۋاتىمىز دىسەم نىمە قاقشاپ ئۇچۇر يوللاپ كەتتىڭىز؟ تىنىچلىقتۇ ھە؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Typography تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-20 09:18
سىلەرنىڭ ئەپ ياساش ئەھۋالىڭلار 5قولدەك ئايان ماڭا. تولا شەخسى ئۇچۇر يوللاپ تاكىراڭشىپ كەتمەڭ. مەنمۇ سىلەردەك ئۇلۇغۋار ئەپلەرنى ياساپ تورداشلارغا سۇنالمىغان بولساممۇ ئىككى ئەپىم ئەپ دۇكىنىغا يوللاغلىق. ھەم تەكلىپ پىكىر بەرسە ھەقسىز قىلغىنىمغا نىمە قاقشايسەن دەپ سۆزلەپ باقمىدىم.
بۇ رىقابەت دەۋرى قاراڭ ئا ب د ر ت ت ئەپەندىم. سىلەر ياسىمىساڭلار بۇ توختاپ قالدىغان ئىش يوق . سىلەر شۇ باشلامچى بولۇپ ياسىدىڭلار ھەم كىشلەرگە قولاي ئېلىپ كەلدىڭلار. بۇنىڭدىن بىز مەمنۇن ئەمما ئۇنداق مەمەدانلىق قىلىپ كەتمەيلى. ھازىر ئەپ سىتورىدا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ پەقەت يەلتاپانلا ئەمەس. تۆت بەشى بار. ئاللاھ خالىسا يەنە جىقىيىدۇ شۇڭا ئىنكاسلارغا قاقشاپ كەتمەڭ.
بىلەلمەي قالسىڭز ئەپ سىتورىدىكى ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچلەرنى مەن سىزگە دەپ بىرەي . ھەقلىق ھەقسىزلىرى بار.
ھەقلىق تارقاتقانغا سەن نىمىشقا ھەقلىق تارقاتتىڭ ئۇيغۇرچە بىزگە تەۋە تۇرسا دەپ قاقشىمىدۇق. ھەقسىز تارقاتقانغا كاللاڭ ئىششىپ قالدىمۇ ھەقسىز تارقاتساڭ قانداق كىرىم قىلىسەن دەپ تىللاپ كەتمىدۇق. شۇڭا ھاياجانلانمايلى.
ئۇيغۇرچە ئەقلى كىرگۈزگۈچ
https://itunes.apple.com/kr/app/uyhurqa-kirgvzvx-wei-yu-shu/id923961560?l=en&mt=8
ئە نى باسسا ئەسسالام چىقىدىغان . ھەقسىز
يەنە بىر كىرگۈزگۈچ
https://itunes.apple.com/kr/app/y-ygh-rch-kyrg-zg-ch/id916539927?l=en&mt=8
بىر دوللار ئىكەن .
black-keys ماۋۇنى چەتئەللىك ياسىغان ئىكەن . باھاسى بىر دوللار
https://itunes.apple.com/kr/app/black-keys/id899894778?l=en&mt=8
يەنە سىز مىسالغا ئالغان بەيدۇ كىرگۈزگۈچ
https://itunes.apple.com/kr/app/bai-du-shu-ru-fa-zui-kuai/id916139408?l=en&mt=8
يەنە بىلسەم بىر نەچچە شىركەتلەرمۇ مۇشۇ كىرگۈزگۈچ پىلانىدا بار. شۇڭا بىز ھەقسىز قىلۋەتتۇق دەپ قاقشاپ كەتمەڭ. ئەجرىنى ئاللاھ بىرەر. بىزمۇ بەك رازى ئىدۇق يەلتاپاننىڭ تۇنجى بولۇپ يولىمىزنى ئوچۇق قىلىپ بەرگەنگە.