Typography يوللانغان ۋاقتى 2014-10-19 13:47:34

ئالما يېڭى سېستىمىسىغا يېڭى قوشۇمچە دىتاللار

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Typography تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-19 13:50  

17-چىسىلا ئالما تەرەپ يېڭى سېستىمىسى بولغان  OS Yosemite  نى ئەپ دۇكىنىغا رەسمى چىقاردى. بۇ سېستىمىنىڭ سىناق نۇسقىسىنى ئىزچىل ئىشلىتىۋاتقان بولغاچقا شۇنداق ياققان ئىدى.كۆرۈنمە يۈزى سۈزۈك پاكىز يىنىك ھەم جىق تەرەپتىن قوللايلىقلاشتۇرۇلغان.
ئۇيغۇرچىگە بولغان قوشۇلۇشمۇ بار بولۇپ ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرەش بولمىسىمۇ ھىچ بولمىغاندا يەر ناملىرى پۇل نامى سائەت ۋاقىت ھەپتە يىللار ئۇيغۇرچە تاللىغىلى بولدىغان بولدى.بۇنى ئالدىنقى تېمىدىمۇ دىگەن ئىدىم.

ئەمدى بۇ سېستىمغا كۆچىۋالغانلار ئۈچۈن ئەڭ يېڭىلق بولسا كۆزنەك ئوڭ تەرەپ ئۈستىدىكى بۇ تاياقچە بولۇشى مۇمكىن.

بۇنىڭدا جىق ئىقتىدارلار مۇجەسسەملەشكەن بولۇپ ئۆز تەمىنلىگەن ئىقتىداردىن ھاۋارايى ئالدىن مەلۇمات.دۆلەتلەر ئارا ۋاقىت پەرقى.پايچەك ...دىگەندەك.
بۇنى ئۆزىمىز تاللاپ قوشۇۋالساق ياكى ئارتۇقىنى چىقىرۋەتسەك بولىدۇ.
يەنە ئەڭ مۇھىمى دۇنيادىكى كۆپ قوللىندىغان ئاساسلىق ئىجتىمائى پاراڭ تور بىكەتلىرى قوشۇلغان بولۇپ ئالمىنىڭ ئۇچۇر يوللاش ئەپىمۇ تىز ئەۋەتىش ئىقتىدارى قوشۇلغان.

بۇنىڭغا ئۆزىڭزنىڭ ئاكونتىنى قوشۇۋەتسىڭز ئۇچۇرلارنى بىۋاستە يېزىپلا يوللىۋەتكىلى بولىدۇ.
يەنە ئالما كۆچمە مەھسۇلاتى ئىشلىتىۋاتقانلار ئالما كومپيۇتىرلىرىغا تېلفۇن كېلىش ۋە ئۇچۇر يوللاشنى ماس قەدەم قىلۋەتكەن بولۇپ(بۇرۇن facetime facetime audio نى ئۇلىۋەتكىلى بۇلاتتى)ھازىر بىۋاستە نومۇرىغا ئۇلىۋەتكىلى بولىدۇ.
ئەمدى بۇ يەرگە قوشقىلى بولدىغان بىر نەچچە ئەپنى تونۇشتۇراي .
1. كومپيۇتىرنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى.
   بۇ ئەپتە كومپيۇتىرىڭزنىڭ توك قاچىلاش ئەھۋالى.قانچىلىك ئىشلىتەلەيسىز ۋە يەنە باتارىيەنىڭ تېمپىراتۇرا ئەھۋالىنى سىزگە بىلدۈرۈپ تۇرىدۇ.

چۈشۈرۈش ئادىرىسى : https://itunes.apple.com/kr/app/battery-diag/id836505650?mt=12
ياكى مەك ئەپ دۇكىنىدىن Battery Diag دەپ ئىزدىسىڭز بولىدۇ.

2. تەتۇر ساناش .
چۈشۈرۈش ئادرىسى : https://itunes.apple.com/jp/app/countdowns-widget-for-counting/id926707738?mt=12
بۇ سىز قىلماقچى بولغان ئىشنى سەمىڭزگە سالىدۇ.ياكى قىلۋاتقان ئىشىڭزغا قانچە كۈن بولغانلىقىنى سىزگە بىلدۈرۈپ تۇرىدىغان ئەپ


3. پۇل بىرلىكى ئەپى.
چۈشۈرۈش ئادرىسى : http://daftlogicstudio.com/Coinverter%20beta.app.zip
بۇ ئەپ رەسمى ئەپ دۇكىنىغا چىقمىغان بولۇپ سىناش نۇسقىسى بار ئىكەن.  
بۇ ئەپنى ئىشلىتىش ئۇسۇلى :  
  سىز بىلمەكچى بولغان پۇلنىڭ بىرلىكىنى ئۆز ئارا تاللاپ بىر:بىر تاللاپ قويسىڭز بولىدۇ. ھەمدە دۆلەت نامىنىڭ قىسقارتىلمىسىنى ۋە ياكى پۇل بىرلىكىنى يېزىپ قويسىڭز چىقىدۇ.


قالغان ئىقتىدارىنى تېما تەستىقلانغاندىن كېيىن داۋاملىق يوللاي.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-19 15:49:58

ياخشى تېمىكەن ،كۆپ ئەجىر قىپسىز

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-19 17:16:57

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   udun007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-19 19:19  

ئالما تىلىفۇندا ئادەمنىڭ رەسىمىگە ئوق ئىتىپ ئوينايدىغان ئويون ئەپنىڭ ئىسمىنى كىم بىلىدۇ?
راس ئوق تەگگەندەك رەسىم يىرتىلىپ، قانلار چاچرايدىغان ئويون شۇ.


كىم ماڭا شۇ ئويوننىڭ ئىنگىلىزچە  ياكى خەنزۇچە يىزىلىشىنى ياكى ئالما ئەپ تورىدىكى  چۈشۈرۈش ئادرىسى بىلەن تەمىنلىسە، 100 مۇنبە پۇلى بىلەن مىھمان قىلىۋىتىمەن.:lol:lol


ئىزدىنىشتىكى دوسلار ئىشەنچىلىك دەيمەن.:lol:lol

ismail يوللانغان ۋاقتى 2014-10-19 18:04:44

بۇنىڭغا ئۆزىڭزنىڭ ئاكونتىنى قوشۇۋەتسىڭز ئۇچۇرلارنى بىۋاستە يېزىپلا يوللىۋەتكىلى بولىدۇ.
يەنە ئالما كۆچمە مەھسۇلاتى ئىشلىتىۋاتقانلار ئالما كومپيۇتىرلىرىغا تېلفۇن كېلىش ۋە ئۇچۇر يوللاشنى ماس قەدەم قىلۋەتكەن بولۇپ(بۇرۇن facetime facetime audio نى ئۇلىۋەتكىلى بۇلاتتى)ھازىر بىۋاستە نومۇرىغا ئۇلىۋەتكىلى بولىدۇ.
爱爱上云端 دەكما;P

pervaz يوللانغان ۋاقتى 2014-10-19 19:21:44

مەنمۇ تېخى ئىككى كۈن بولدى macbook air نى يېڭى سېستىمىغا ئالماشتۇرغىلى ،، ماڭىمۇ خېلىلا ياقتى ، رەڭلىرى شۇنداق سۈزۈك ، پاكىز :lol:lol

Typography يوللانغان ۋاقتى 2014-10-19 19:30:32

ismail يوللىغان ۋاقتى  2014-10-19 18:04 static/image/common/back.gif
爱爱上云端 دەكما

گېپىڭزنى چۈشەنمىدىم.ئۇيغۇرچە يازسىڭز ياكى ئىزاھاتىنى بىرۋەتسىڭز.

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-10-19 19:44:13

udun007 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-19 17:16 static/image/common/back.gif
ئالما تىلىفۇندا ئادەمنىڭ رەسىمىگە ئوق ئىتىپ ئوينايدىغ ...

بۇخىل ئويۇندىن بىرقانچىسى بار، سىز دېگەننىڭ نامى نېمە مەن ئىزدەپ باقاي:lol

Musab يوللانغان ۋاقتى 2014-10-19 20:21:01

ھەقىقەتەن چىرايلىق ئىكەن . كىچىلەپ بولسىمۇ يېڭىلىۋالدىم

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-19 20:49:28

dadash يوللىغان ۋاقتى  2014-10-19 21:44 static/image/common/back.gif
بۇخىل ئويۇندىن بىرقانچىسى بار، سىز دېگەننىڭ نامى نېم ...

قولىمىزدىلا رەسىمنىڭ قەيىرىگە ئوق ئاتقۇمىز كەلسە، شۇ يەرگە تەككۈزۈپ قويساق، ھىلىقى مۇردا ئادەملەرگە ئوق تەگكەندەك، رەسمى تىرىك كىشىگە ئوق تەگكندەك بىر رەسىم ھاسىل بولىدۇ. تىلىفۇننى سىلكىپ قويساق رەسىم ئەسلىگە كىلىدۇ.

مۇشۇ ئەپنىڭ ئىسمىنى ئۇنتۇپ قاپتىكەنمەن. تاپالمىدىمغۇ؟

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-19 20:50:15

dadash يوللىغان ۋاقتى  2014-10-19 21:44 static/image/common/back.gif
بۇخىل ئويۇندىن بىرقانچىسى بار، سىز دېگەننىڭ نامى نېم ...

ئاندىروئىدتىمۇ ئوينىغىلى بولامدۇ؟

خاپا بولماي بىر ئىزدەپ باقسىڭىز؟

jangal يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 10:27:27

mac كومپىيوتىردا ئشلىتىدىغان ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ بارمۇ؟ بولسا بىلىدىغانلار يوللاپ  قويساڭلار، رەھمەت  .

Typography يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 10:28:00

jangal يوللىغان ۋاقتى  2014-10-20 10:27 static/image/common/back.gif
mac كومپىيوتىردا ئشلىتىدىغان ئۇيغۇرچە بارمۇ؟ بولسا بىل ...

سىزنىڭ دىگىنىڭز كىرگۈزگۈچمۇ ياكى ؟

jangal يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 10:30:02

Typography يوللىغان ۋاقتى  2014-10-20 10:28 static/image/common/back.gif
سىزنىڭ دىگىنىڭز كىرگۈزگۈچمۇ ياكى ؟

شۇ كىرگۈزگۈچ، بايا كەم يوللاپتىمەن، ئۆزرە. ئەمدى تەھرىرلەپ قويدۇم.

Typography يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 10:43:42

jangal يوللىغان ۋاقتى  2014-10-20 10:30 static/image/common/back.gif
شۇ كىرگۈزگۈچ، بايا كەم يوللاپتىمەن، ئۆزرە. ئەمدى تەھر ...

تىل تاللايدىغان يېرىدە بارغۇ ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ.

ismail يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 12:05:27

Typography يوللىغان ۋاقتى  2014-10-19 19:30 static/image/common/back.gif
گېپىڭزنى چۈشەنمىدىم.ئۇيغۇرچە يازسىڭز ياكى ئىزاھاتىن ...

ئۇ بىر كىنونىڭ ئىسمى؛ ئايپەدنىڭ سىن سۈپىتىگە قايىل بولغان ئەر- ئاياللار سىناپ باقىمىز دەپ خۇسۇسى ئىشلىرىنى سىنلاپ  ساقلىسا بۇلۇت سۇپىسىغا چىقىپ كېتىپ ۋەسۋەدىگە چۈشۈپ بىرمۇنچە كومىدىيەلىك ئىش بولۇدىكەن، ئاخىرى بۇلۇت ھېساۋىدىن ئۆچۈرسىلا بولىدىغىنىنى بىلىپ  شۇنداق قىلىپ ئارام تاپىدىكەن.
شۇنى يادىمغا سالدى يوللىغان بىلىملىرىڭىز. :handshake

Dawut51 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 12:17:53

Typography يوللىغان ۋاقتى  2014-10-20 10:43 static/image/common/back.gif
تىل تاللايدىغان يېرىدە بارغۇ ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ.

ئالما كومپۇتىرىمدا ئۇيغۇرچە كىرگۈچ بار،  ئەمما مىكروسوفىت ۋورد تا ئۇيغۇرچە نورمال يازالمايۋاتىمەن، ھەر قېتىم ئى ھەرپىنى باسساملا سۆزلەر قوش چىقىۋىلىپ  بارىدۇ، ياكى خەت نۇسخىسى ئۆزگىىرەپ كىتىدۇ. قانداق قىلىشىم كىرەك؟ ياردەم قىلغان بولسىڭىز. رەھمەت!

Typography يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 13:07:15

Dawut51 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-20 12:17 static/image/common/back.gif
ئالما كومپۇتىرىمدا ئۇيغۇرچە كىرگۈچ بار،  ئەمما مىكرو ...

مىكروسوفىتنىڭ ئالما نۇسقىسىغا تەييارلىغان يېزىق بىر تەرەپ قىلدىغان دىتالى ئۇيغۇرچىنى قوللىمايدۇ . سىزگە ئالما ئۆزىنىڭ يېزىق بىر تەرەپ قىلدىغان دىتالىنى تەۋسىيە قىلاي. ئۇنىڭدا نورمال بولىدۇ خاتالىق چىقمايدۇ.pages نى چۈشۈرۈپ ئىشلەتسىڭز بولىدۇ. بۇنىڭدا يازغان يازمىلىرىڭزنى كېيىن ۋوردتا ئاچماقچى بولسىڭز ساقلايدىغان يېرىدە تەڭشىۋەتسىڭز بولىدۇ. ۋورد شەكلىدە ساقلاپ.
فونتلار ئەلكاتىپنىڭ بولىدۇ مەن شۇنى ئىشلىتمەن ئادەتتە. ئالىم ئەھەت مۇئەللىمنىڭ بلوگىدا بارغۇ دەيمەن.

Dawut51 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 22:42:10

كۆپ رەھمەت، ئالدىراشلىقتا ۋاقتىدا  ئۇچۇر يازالمىدىم،
دېگىنىڭىز بويىچە قىلدىم ھەم ناھايتى ياقتۇرۇپ قالدىم. شۇ چاغدىن باشلاپ ئىشلىتىپ كىلىۋاتىمەن.
بەت: [1]
: ئالما يېڭى سېستىمىسىغا يېڭى قوشۇمچە دىتاللار