GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-10-19 10:03:07

windows8 دە سامسۇڭ تېلېفوننى تونۇتقىلى بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش

سىستېما نەشىرىنى ۋىندوۋس8 گە كۆتۈرگەندىن باشلاپ تېلېفوننى چاتسام USB ھالەتتە تونىماي جىلە قىلدى، توردىن سامسۇڭنىڭ USB قوزغاتقۇچىلىرىنى چۈشۈرۈپ قاچىلىساممۇ ھىچ بوممايدۇ، تور ئاختۇرۇپ تۆۋەندىكى ئۈچ خىل ئۇسۇلنى تاپتىم.
1. USB قوزغاتقۇچنى قاچىلاشتىن بۇرۇن ئوڭ چېكىپ 兼容性疑难解答 نى بېسىپ كۆرسەتمىگەن ئاساسەن مەشغۇلاتنى تاماملىغاندىن كېيىن، قاچىلىۋەتسەك بولىدۇ.
مېنىڭ مەسىلەم مۇشۇ ئامال بىلەن ھەل بولدى. تۆۋەندىكى ئىككى خىل ئامالنى ئىشلىتىپ باقمىدىم، شۇنداقتىمۇ قالدۇرۇپ قوياي دېدىم.

2. ئىجرا كۆزنىكىگە msconfig نى يېزىپ 系统配置 غا كىرگەندىن كېين 服务 غا كىرىپ، Device Install Sevice نى قوزغىتىۋىتىپ ئاندىن سىستېمىنى قايتا قوزغىتىپ USB قوزغاتقۇچنى قاچىلىساق تامام.

3. سامسۇڭنىڭ ئورگان تور بېكىتىگە چىقىپ Kies يۇمشاق دېتالىنى چۈشۈرۈپ قاچىلىساق بولىدۇ، Kies سامسۇڭ تەمىنلىگەن يۇمشاق دېتال بولۇپ، تېلېفوننى باشۇرۇشقا ئىشلىتىلىدۇ، ئادەتتە سامسۇڭنىڭ تېلېفونلىرىنىڭ USB قوزغاتقۇچلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ.

PS:  مەن ئەسلى دەسلەپتە ئىككىنچى ئامالنى ئىشلەتمەكچى بولغان، بىراق Device Install Sevice نى ئوڭ چەكسەم قوزغىتىش بۇيرۇقى ئېچىلغىلى ئۇنىماي، بىرىنچى ئامالنى ئىشلىتىپ باقسام مەسىلە ھەل بولۇپ قالدى، ئاندىن قارىسام Device Install Sevice قوزغىتىغلىق ھالەتتە تۇرىدۇ. نىگىزىدىن ئېيتقاندا بىرىنچى بىلەن ئىككىنچى ئامال ئىككىسى بىر گەپ بولسا كېرەك.

@tadubeg ھەزىرتىم سىلىنىڭ مەسىلىمۇ مۇشۇنىڭ بىلەن ھەل بولسا كېرەك، قايتىپ كەلگەنلىرىدە ئامالىنى قىلايلۇق.  

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-19 12:14:14

ياخشى ئامالكەن

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-10-19 20:26:48

مەن ئەزەلدىن بۇنداق ئىشقا يولۇپ باقماپتىمەن. 8-8.1-10 ھەممىسىدە نورمال.

jaggiwar يوللانغان ۋاقتى 2014-10-19 22:42:20

Kulke يوللىغان ۋاقتى  2014-10-19 20:26 static/image/common/back.gif
مەن ئەزەلدىن بۇنداق ئىشقا يولۇپ باقماپتىمەن. 8-8.1-10 ھەمم ...

ۋاھ مىكروسوفىت بىلەن تەڭ سەكرەپ مېڭۋېتىپلىدە:lol

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 01:23:43

jaggiwar يوللىغان ۋاقتى  2014-10-19 22:42 static/image/common/back.gif
ۋاھ مىكروسوفىت بىلەن تەڭ سەكرەپ مېڭۋېتىپلىدە

يېڭىلىققا ئىنتىلىدىغان يېڭى نەشردىكى سىستېما چىقسا زادى يېڭىلىۋالمىسام ئۇيقۇم كەلمەيدىغان كېسىلىم بار دەڭە. شۇڭا تەڭ مېڭىپ قالدۇق ئەمدى.

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 06:51:41

@kulke
مەنمۇ بىلمىدىم، بەلكىم قوزغاتقۇچنى باشقۇرغۇچى ھالىتىدە قاچىلىمىغاننىڭ ئىشى بولسا كېرەك دەپ ئويلاپ قالدىم، باشقۇرغۇچى ھالىتىدە قاچىلىمىغاندا بەزى سىستېما مۇندەرىجىلىرىنى ئوقۇش ياكى يېزىش ھوقوقىغا ئېرىشەلمەي يۇمشاق دېتال نورمال ئىشلىمەيدىغان ئەھۋال بولىدىكەن.
مەن ئىككى تال ۋىندوۋس8 سىستېمىسىدا تېلېفوننى نورمال تونىتالماي(ھەر ئىككىلىسى ھەقىقى نەشى سىستېما ئېدى) ئومومى مەسىلە ئوخشايدۇ دەپ قاپتىمەن.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-10-23 11:15:16

مەن  كەلدىم خەلپىتىم،دۇكانغا بىر ئۆتسىلە {:112:}
بەت: [1]
: windows8 دە سامسۇڭ تېلېفوننى تونۇتقىلى بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش