MSM يوللانغان ۋاقتى 2014-10-19 08:54:40

مەۋھۇم دىسكا قوزغاتقۇچ DVDFab Virtual Drive ئۇيغۇرچىلاشتى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار، ئەسلى بىرەر دېتالنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ قۇربان ھېيتقا ئاتاپ يوللارمەن دېگەن، لېكىن ئالدىراشچىلىقتا ھازىرغا قالدىم، ئەيىبكە بۇيرىمىغايسىلەر.
دېتال ئىسمى: مەۋھۇم دىسكا قوزغاتقۇچ DVDFab Virtual Drive
چۈشەندۈرۈش: بەزىدە iso فورماتىدىكى ھۆججەتلەرنىڭ ئىچىدىكى مەزمۇنلارنى كۆرۈشكە ئېھتىياجلىق بولۇپ قالىمىز ياكى iso فورماتىدىكى ھۆججەتنى مەۋھۇم دىسكا قىلىپ ئىشلىتىدىغان بولۇپ قالىمىز. بۇ دېتالدا iso فورماتىدىكى ھۆججەتلەرنى يۈكلەپ مەۋھۇم دىسكا ئورنىدا ئىشلەتكىلى، iso ھۆججىتى ئىچىدىكى ماتېرىياللارنى كۆچۈرۈۋالغىلى، يەنە كۆكنۇر دىسكىلىرىنىمۇ يۈكلەپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
تىلى: كۆپ تىللىق، ئۇيغۇر تىلىمۇ بار
نەشرى: 1.5.1.1
ئىجرا مۇھىتى: ئىگە تەرەپ تورىدا (Windows 8/7/Vista/XP(86&64bit دەپتۇ. مەن windows7 64 ۋە windows8 32 تا سىناپ باقتىم.
ھالىتى: 32&64 بىت
ئىقتىدارى: بۇ دېتالدا iso فورماتىدىكى ھۆججەتلەرنى يۈكلەپ مەۋھۇم دىسكا ئورنىدا ئىشلەتكىلى، iso ھۆججىتى ئىچىدىكى ماتېرىياللارنى كۆچۈرۈۋالغىلى، كۆكنۇر دىسكىلىرىنى يۈكلەپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ، ئەڭ كۆپ بولغاندا 18 دانە تەسۋىرنى يۈكلىيەلەيدۇ. ئۆزى كىچىك، ئەپچىل دېتال.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى ۋە كەسمە يۈزى: ئاۋۋال دېتالنى چۈشۈرۈپ قاچىلايمىز، ئاندىن مەن تەمىنلىگەن تىل ھۆججىتىنى دېتال قاچىلانغان مۇندەرىجىدىكى Language ناملىق قىسقۇچ ئىچىگە كۆچۈرىمىز، بۇ چاغدا «بۇ ھۆججەت بار، ئالماشتۇرامسىز؟» دەپ ئەسكەرتىدۇ، ھەئە دەپ ئالماشتۇرۇۋېتىڭ. ئاندىن ئېكران بۇلۇڭىدىكى مەزكۇر دېتالنىڭ ئۈستىگە مائۇسنىڭ ئوڭ كۇنۇپكىسىنى چېكىپ تەڭشەك(设置) دېگەننى تاللاپ، ئادەتتىكى(常规) دىن تىل(语言) دېگەن تىزىملىكتىن ئۇيغۇر تىلىنى تاللايسىز.
  
كۆرۈنمە يۈزىنى ئۇيغۇرچە قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئارتۇق چۈشەندۈرمىسەممۇ بولار.

تەڭشەكتىن دېتال كۆرۈنمە يۈز تىلىنى تاللىغىلى، سىستېما بىلەن قوزغىلىشىنى تەڭشىگىلى، تەسۋىر تەڭشىكىنى ئۆزگەرتكىلى، مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر بىلەن باغلىنىشىنى ئۆزگەرتكىلى، تېز كۇنۇپكا بەلگىلىگىلى، يېڭى نەشرىنى تەكشۈرگىلى ۋە يېڭىلىغىلى بولىدۇ.

دېتال سىنبەلگىسى ئۈستىگە ئوڭ كۇنۇپكىنى چېكىپ چىققان تىزىملىكتىن يەنە مەۋھۇم ئوپتىك دىسكا سانىنى بەلگىلىگىلى، قوزغاتقۇچ يۈكلىگىلى، مەۋھۇم دىسكا بەلگىسىنى ئۆزگەرتكىلى، دېتال تارقاتقان تەرەپنىڭ تور بېكىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى كۆرگىلى ۋە دېتال ھەققىدىكى چۈشەندۈرۈشلەرنى كۆرگىلى بولىدۇ.


سىغىمى: دېتال ۋە تىل ھۆججىتى بىلەن 788kb
قوشۇمچە: كومپيۇتېرىڭىزغا ئۇيغۇرچە يۇنىكودلۇق خەت نۇسخىسى قاچىلانغان بولسۇن
چۈشۈرۈش ئادرېسى: 链接: http://pan.baidu.com/s/1mgFU28o 密码: m5dz
http://vdisk.weibo.com/s/t7S2hBsZssB8G
http://kanboxshare.com/link/4Rbc5ZV1pz5C2CjANNxyUuiXQr4jJ4aw7OgU6IJ5cqjBqPCRRbb1yyfAnipX0VdEqNSA5UUQj
http://d.119g.com/f/01355927EEF3B4E5.html
قايسى ئادرېستىن نورمال چۈشسە شۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر دېتال پەقەت شەخىسنىڭ قىزىقىشىغا ئاساسەن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلدى ۋە ھەقسىز تارقىتىلدى، مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا تارقاتسىڭىز بولىدۇ، لېكىن ھەقلىق تارقىتىدىغان، مۇنبەر تەڭگىسىگە ساتىدىغان، ئىنكاسقا ساتىدىغان ئىشنى قىلماڭ.
تەشەككۈر: مەزكۇر دېتالنىڭ تەرجىمىسىگە پىكىر-تەكلىپ بەرگەن كۈلكە(يۈسۈپجان تۇرسۇن) ئەپەندىگە رەھمەت ئېيتىمەن.
بەت: [1]
: مەۋھۇم دىسكا قوزغاتقۇچ DVDFab Virtual Drive ئۇيغۇرچىلاشتى