ilim@nur يوللانغان ۋاقتى 2014-10-19 00:46:04

قان تومۇر ئېچىش شەربىتى تارقىتىش جەريانىدىكى قىينچلىق ۋە خوشاللىق


رەسمى گەپكە كەلسەك بۇ ئىشنى قىلىۋاتقىلى ئالاھىزەل تۆت ئاي بوپتۇ .ئۇچۇغىنى دىسەك بۇ شەربەتنى بىمارلار ئىستىمال قىلىۋاتقىلى تۆت ئاي بولدى .ئەڭ مۇھىمى ھازىرغىچە بىرمۇ بىمار بۇ شەربەتنى پايدا قىلمىدى دەپ نارازىلىق بىلدۈرمىدى .بىز ئىزقوغلاپ تەكشۈرۈشنى ھازىرغىچە ئاساسەن توختاتمىدۇق .كۆپىنچە بىمارلار مەيدە سىقىلىش،باش ئارىش،تۈرەك سېلىش،قاندا ماي ئۆرلەش ،شىلىملىشىق ئۆرلەش،ئەھۋاللىرىنىڭ ياخشىلانغانلىقىنى يۈرىكى توسالغانلارنىڭ ئېچىلىپ كەتكەنلىكىنى ئىنكاس قىلدى .ئەگەر بۇ شەربەتتىن بىخاتىرجەم بولسىڭىز ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق شەھەردىكى تۆت بەش خېرىدارلىرىمىزنىڭ تېلىفۇن نومىرىنى دەپ بەرسەكمۇ بولىدۇ .بۇنداق بولغاندا تېخىمۇ ئىشەنچ بىلەن ئىچىسىز ۋە ئاللاھ خالىسا دۇئايىڭىز ئىجابەد بولىشى مۇمكىن .كۇچادىن ۋە قومۇلدىن بەزىلەر ئىنكاس قىلدى روشەن ئورۇقلىدۇق دەپ .شۇڭا ئاشقازان ياخشى بولسا بىر ياكى ئىككى باسقۇچ ئىچسە قان تومۇرغا مەنپەئەت قىلىپلا قالماي بەلكى ئورۇقلاش مەقسىتىگىمۇ يەتكىلى بولىدىكەن .بىز ئەسلى كىلاپان خارەكتىرلىك كىسەللەرگە پايدا قىلماس دەپ ئويلاپتۇق .كۇچالىق بىر ئانىمىزغا پايدا قىلىپ ئوبدانلا تۇزۈلۈپ قاپتۇ .ئەسلى بۇ ئانىمىزنى تىببى ئونۋىرسىتىتىدىن داۋالاپ ئۈمۈد ئانچە يوق دەپ قايتۇرۋېتىپتىكەن .مانا بۇ توت ئاي جەريانىدا مەندەك بىر سېتىشقا مەسئول تىبابەتتىن ئانچە خەۋىرى يوق  ئادەمگە رەخمەت تېلىفۇنلار كەلسە بىر ئاز ھاياجانلىنىپ كويىدىكەنسىز.ھەتتا بەزىلەر تېلىفۇن قىلىپ سىز يۈرەك كىسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسى پالانى دوختۇرما دەپسالىدۇ .بۇنداق چاغدا بەك ئوڭايسىزلىنىپ قالىمەن .ھەم ئەمەسلىكىمنى دەپ تىۋىپكە تېلىفۇننى بىرىمەن .بولۇپمۇ تىۋىپلىكتىن خەۋىرى يوق ئادەمنىڭ كىسەلگە مەسلىھەت بىرىشىنىڭ ئانچە توغرا ئەمەسلىكىنى ھەتتا بەزىدە ھارام ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن قاتتىق دىققەت قىلىدىغان بولدۇم .راس گەپ قىىلسام ھازىرغىچە ھاياجانلىنىپ يوقنى با قىلىپ ،ئېلان سۆزى ئاۋۇتۇپ باقماپتىمەن .مەنمۇ م دوختۇرنىڭ  رادىيو دورا ئېلانلىرىغا ھۆ بولۇپ كەتكەنلەردىن بولغاچقا بەزىدە بۇ رېتسىپنى چۈشەندۈرۈش جەيانىدا خۇددى ئېلان بىرىۋاتقاندەك ھىس تۇيغۇغا كېلىپ قېلىپ توخو ئەت بولۇپ قالىمەن .راس گەپنى قىلسام مانداق جان بىلەن ئوينىشىدىغان ئىشنى قىلماق ئىنتايىن تەسكەن .ماشىنىغا ھەددىن زىيادە تايىنىۋالىدىغان دوختۇرلار كۆپىيىپ كەتكەن  مۇشۇ كۈنلەردە پۇلنى ئويلىماي كىسەلنى ئويلايدىغان ھەقىقى تىۋىپ ،دوختۇر بولماق ھەقىقەتەن تەسكەن .ئەگەر يۇرتىمىزدا كىسەل ساقايتىدىغان قىممەت قىۋالمايدىغان دوختۇرلار بولسا بېشىڭلارغا كۆتەرسەڭلەرمۇ ئازلىق قىلىدۇ جۇمۇ .يۇرتىڭىلاردىن ئىزدەپ بېقىڭلار ئۆزىگە ئىشىنىدىغان دوختۇردىن قانچىسى باركىن .مەن بۇ ھەقتە قومۇلدا ئىزدىنىپ باقسام ئىشقىلىپ جىق سانىيالمىدىم .ئاساسەن پۇل ئازگاللىرىدا تىنەپ يۈرەيدىغان دوختۇرلار قاپلاپ كېتىپتۇ .بۇ بىر يۇرتقا نىسبەتەن بىر شۇم خەۋەر .نۇرغۇن كىسەللەر ساقايماي ئەكسىنچە داۋالىغانچە تەرسىگە تارتىۋاتىدۇ .بۇ نىمە ئۈچۈن؟
گەپ ئۇزاپ كەتتى شەربەتكە كىلەيلى .ئۆتكەندە بىر قېرىندىشىمىز ئىزدىنىش تورىدا سەن بۇ رېتسىپنى بەك ماختاپ كەتتىڭ .بۇ ساقلىقنى ساقلايدىغان ئىچىملىك .ھەرگىز دارا بولالمايدۇ .دىگەن .مۇشۇنداق گۇمانغا كېلىشنىڭمۇ داۋلىسى بار چۈنكى ئۇ تەكشۇرۇپ تەتقىق قىلمىدى .ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاشقازان تال جىگەر كىسەل بەزى بىمارلارغا بۇ رېتسىپ ماس كېلىشى ناتايىن .لېكىن تىۋىپلاردىن سۈرۈشتۇرسەم بۇ رېتىسىپنى تىبابەت قائىدىسىگە سالسا ئالاھىدە ئۈنۈملۇق دورىلار ئىچىگە كېلىدىكەن .چۈنكى ئون بىماردىن ئەلتە يەتتىسىگە ماس كەلسىلا ئالاھىدە ئۇنۇملۇك دارا سانىلىدىكەن .ئىزدىنىشتىكى تىۋىپلار بۇ ئاڭلىغىنىم خاتا ئەمەستۇ ھە؟
ئاخىرىدا قوشۇمچە قىلىدىغىنىم بىر داۋالاش ياكى ئىككى داۋالاشتا مەسىلىسى ھەل بولغانلار توختاپ قالماي يەنە بىر داۋالاش ئېلىپ ھەر كۈنى ئەتتىگەندە بىر ۋاق ئىچىپ ئۈچ ئاي داۋاملاشتۇرۇشىنى تەۋسىيە قىلىمىز .شۇنداق بولغاندا دەمالىقتا ئۆزگەرتەلمىگەن يامان ئىستىمال ئادىتى سەۋەپلىك كىسەلنىڭ قايتا قوزغىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى مۇمكىن .شۇم خەۋەر قومۇل تەۋەسىدە لىمون تاپماق تەسلىشىپ كەتتى .بار بولسىمۇ باھاسى ھەددىدىن زىيادە قىممەت.بولۇپمۇ بىز ئىشلىتىۋاتقان ئالاھىدە لىموننى تاپماق تېخىمۇ تەسكەن .بۇ سەۋەپلىك شەربەتنى ئۆستۈرۈشنى ئويلاشقانمۇ بولدۇق لېكىن تۆۋەن ئوتتۇرا قاتلامدىكى قېرىنداشلارنى كۆزلەپ بۇ خىيالىمىزدىن ۋاقتىنچە ۋاز كەچتۇق .لېكىن كىلەركى قېتىم ياساشتا ياخشى لىمون مەسىلىسىنى قانداق ھەل قىلىش بېشىمىزنى قاتتىرۇدى .ئەگەر ئۆيىدە ياساپ كۆرىدىغان قېرىنداشلار بولسا تېلىفۇن قىلسىڭىز داۋاملىك يىتەكچىلىك قىلىمىز .
ھەممىڭلەرنىڭ تىنىڭلەر سالامەت بولغاي .
ئېلان :23-قېتىملىق ئىشلەنگەن قان تومۇر ئېچىش شەربىتى قازاندىن چىقتى .بۇ نۆۋەت ئىھتىياجنىڭ ئالاھىدە ئېشىشى تۈپەيلى تەخمىنەن 300 شىشە ئەتراپىدا ياسىدۇق .100 شىشىنى غۇلجىدىكى ساقلاۋاتقان قېرىنداشلارغا ئەۋەتتۇق .قالغىنى ھازىر ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن كۈنىگە تۆت بەش يۈرۈشتىن تۈگەۋاتىدۇ .
مۇناسىۋەتلىك يوللانمىلار

        18-تۈركۈم ئالما ئاچچىقسۇ قان تومۇر ئېچىش شەربىتى چىقتى
http://bbs.izdinix.com/thread-59751-1-1.html
        14-تۈركۈمدىكى ئالما ئاچچىقسۇ قان تومۇر ئېچىش شەربىتى چىقتى
http://bbs.izdinix.com/thread-59171-1-1.html
        گۆش،ياغ سەۋەبىدىن ئىچىڭىز لېيىسا(يېڭى 21-قېتىملىق شەربەت چىقتى)
http://bbs.izdinix.com/thread-59983-1-1.html
        قان تومۇر ئىچىش شەربىتى چىقتى،بۇ ھەقتە ئازراق كۆڭۉل سۆزلەر
http://bbs.izdinix.com/thread-58867-1-1.html

http://bbs.izdinix.com/thread-57753-1-1.html
يۈرەككە كۆۋرۇك سالماسلىقىنىڭ ئاددىي رېتسىپى
http://bbs.izdinix.com/thread-57934-1-1.html
ئالما ئاچچىقسۇلۇق قان تومۇر ئېچىش شەربىتى ياسالدى
http://bbs.izdinix.com/thread-58496-1-1.html
8-تۈركۈمدىكى ئالما سىركىلىك قان تومۇر ئېچىش شەربىتى پىشتى
http://bbs.izdinix.com/thread-58680-1-1.html
ئالما ئاچچىقسۇلۇق قان تومۇر تازلاش شەربىتىنى تەييارلاشتا دىققەت
ئالاقىلىشىش تېلىفۇنى ۋە ئۈندىدار :18999036938 كىيۇ كىيۇ 328451737

kirindax يوللانغان ۋاقتى 2014-10-19 08:37:02

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kirindax تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-19 09:14  

ئالما ئاچچىقسۈيىنىڭ قان تومۇرنى ئىچىش رولى بارما ؟ ئىخلاستا گىرمانىيەنىڭ ئالما ئاچچىقسۈيىنى سىتىۋاتىدۇ ، بۇ ئاچچىقسۇمۇ قان تومۇرنى ئاچارمۇ ؟  دوختۇرلۇق ، تىبابەت ئەھلىلىرى سۆزلەپ باققان بولساڭلار .

oyuncu يوللانغان ۋاقتى 2014-10-19 09:43:16

ئىزدىنىشتىكى تىۋىپلار گەپ قىلىڭلار.  بۇ ئىشنىڭ تىبابەتتە زادى ئاساسى بارمۇ يوق؟
birzat@

oyuncu يوللانغان ۋاقتى 2014-10-19 09:44:43

@Birzat @tadubeg  

2828288 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-19 11:37:14

ئەمىلىيەتتە قان تومۇر ئاچىدىغان نەرسىلەر خېلى كۆپ. قۇربان ھېيت ئايەمدە كىچىك دادامنىڭ ئۆيىگە قوي كۆرگىلى بارسام، قوراسىدا رەيھان تۇرۇپتىكەن. ئالتۇن تېپىۋالغاندەك خوش بولۇپ كەتتىم. چاي ئىچىڭ دىگەن گەپلەرمۇ قۇلۇقىمغا كىرمەي بىر تاۋاقنى ئىلىپ رەيھان ئۈزدۈم. كىچىك ئاپىمىز سەل يۇۋاشراق ئايال ئىدى. شىكەر بارمۇ دىسەم ئىتى، مىتى دەيدۇ، ئۆدۇل ئۆيگە ئاپىرىپ چاناپ يىتەرلىك شىكەر بىلەن ئارلاشتۇرۇپ رەيھان مۇرابباسى ياساپ كىچىك دادامغا ئاپىرىپ بەردىم. كىچىك دادامنىڭ يۇقۇرى قانبىسىم، قاندا ماي ماددىسى يۇقۇرى بولۇش قاتارلىق كېسىلى بار ئىدى.

2828288 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-19 11:39:47

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   2828288 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-19 11:44  

كاۋىمۇ بەدەندىكى ياغنى پارچىلايدۇ. ئادەم 40تىن ئاشقاندا ئاسانلا سەمرىپ كېتىدىكەن. مەن ھەپتىدە بىر كاۋا مانتىسى، كاۋا خوشاڭ ئىتىمەن. ئەلۋەتتە بۇنىڭ جاپاسىمۇ جىق. تولا ئاياللار جاپادىن قورقۇپ ئەتمەيدۇ. كاۋا يىسەم بىرىنچى كۈنىسى خېلى ئورۇقلىغاندەك ھىس قىلىمەن. لېكىن ئەتىسى سەل توڭلايدىغان بولۇپ قالىمەن. بۇ بەدەندىكى ئارتۇقچە ياغنى تىز سۈرئەتتە پارچىلاپ ئىسسىقلىقنى يەتكۈزۈپ بولالمىغىنىنىڭ سەۋەبى بولسا كېرەك. خۇيزۇلارنىڭ پىچىنە دۇكىنىدا  ساتىدىغان 南瓜饼بىر توقاچنى خەنزۇلارمۇ دۈم چۈشۈپ ئالىدۇ. دىئابىت كېسىلىگە پايدا قىلارمىش.بۇ توقاچنىڭ خېمىرىغا كاۋىنى ئىزىپ ئارلاشتۇرۇپ ياسايدىكەن.

oyuncu يوللانغان ۋاقتى 2014-10-19 13:11:49

بايام بىر يەشىككە پۇل سىلۋەتتىم.  3 كۈندە تاپشۇرۇپ ئالغۇدەكمەن.
تىۋىپلار بىرنەسە دىسە ياخشى بولاتتى.   

ftp يوللانغان ۋاقتى 2014-10-19 15:46:04

قاندىكى ماي ماددىسى ئىشىپ كىتىش دىگەندەك ئەھۋاللارغا كاۋىدا قىلىنىدىغان تاماقلار ھەقىقەتەن پايدا قىلىدۇ.

ismail يوللانغان ۋاقتى 2014-10-19 17:58:55

2828288 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-19 11:37 static/image/common/back.gif
ئەمىلىيەتتە قان تومۇر ئاچىدىغان نەرسىلەر خېلى كۆپ. قۇر ...

كىچىك دادامنىڭ ;P
قانداق گەپ بۇ؟
بەت: [1]
: قان تومۇر ئېچىش شەربىتى تارقىتىش جەريانىدىكى قىينچلىق ۋە خوشاللىق