mihman123 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-18 13:21:30

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسقىچە تەرجىمالى

پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد(اللە ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن)ئەلەيھىسسلام مىلادى571-يىلى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى رەبىئۇل ئەۋۋەل ئېيىنىڭ دۇشەنبە كۈنى تاڭ سۈزۈلگەندە مەككە شەھرىدە دۇنياغا كەلگەن. ئاپىسى:ئامىنە ، دادىسى:ئابدۇللاھ ،چوڭ دادىسى:ئابدۇلمۇتەللىپ ئىدى.
پەيغەمبىرىمىزتۇغۇلۇشتىن ئىككى ئاي بۇرۇن دادىسى ۋاپات بولغان،مەككىدىكى ئەنئەنىۋى قائىدىگە كۆرە بالىلار سۈت ئانىسىغا بېرىلەتتى. پەيغەمبىرىمىزمۇ 4 يېشىغا قەدەر سۈت ئانىسى ھەزرىتى ھەلىمەنىڭ يېنىدا قالدى.6 ياشقا كىرگەندە ئاپىسىمۇ ۋاپات بولدى. 8 يېشىغا قەدەر چوڭ دادىسى ئابدۇلمۇتەللىپنىڭ يېنىدا ،چوڭ دادىسىنىڭ ۋاپاتىدىن كىيىن تاغىسى ئەبۇتالىپنىڭ ھىمايىسىدە چوڭ بولغان.
پەيغەمبىرىمىز(سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسساللام) ياش ۋاقتىدا يۈزى نۇرلۇق،بىرسىگە گەپ قىلغاندا ياكى جاۋاپ بەرگەندە ، پىشقان،ئەقىل ۋە پىكىردە تەڭدىشى بولمىغان بىر تۇرقى بارئىدى.ھەر سۆزىدە توغرا،يۇمشاق مىجەزلىك ۋە ئىنسانلىقتا ھەممىدىن ئۈستۈن ئىدى.بۇنىڭ ئۈچۈن قۇرەيىشلەر ئۇنىڭغا مۇھەممەدۇل-ئەمىن(ئىشەنچىلىك)تەخەللۇسىنى بەرگەن.

رەسۇلۇللاھنىڭ پەيغەمبەر بۇلۇشتىن بۇرۇنقى تىرىكچىلىكى
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دادىسىدىن بىرەر نەرسە قالمىدى، ئۇ تۇغۇلغاندا يىتىم ۋە كەمبەغەل ئىدى؛ بەنى سەئىد قەبىلىسىدە ئېمىتىلدى؛ ئىشقا يارىغۇدەك بولغان چاغدا، ئېمىلدەش قىرىنداشلىرى بىلەن بىرلىكتە پادا باقتى. مەككىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئازغىنا ئىش ھەققى ئېلىپ مەككە خەلقىنىڭ قويىنى باققان ئىدى. ئىمام بۇخارى«سەھىھۇل بۇخارى» كىتاۋىدا يۇقىرىقىدەك زىكرى قىلغان.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام چوڭ بولغاندا، سەئىب ئىبنى ئەبۇ سائىب بىلەن شىرىك تىجارەت قىلدى. خەدىچە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن ئىش ھەققى ئېلىپ، ئۇنىڭ تىجارىتى بىلەن شامغا باردى.
پەيغەمبىرىمىز 25 يېشىدا ھەزرىتى خەدىچە بىلەن قىلغان.ھەزرىتى خەدىچە پەيغەمبىرىمىز(سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسساللام)نىڭ تۇنجى ئايالى ھەم پەيغەمبىرىمىزگە تۇنجى ئىمان ئېيتقۇچىدۇر.پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئوغلى ئىبراھىمدىن باشقا پۈتۈن بالىلىرىنىڭ ئانىسى .پەيغەمبىرىمىزنىڭ 7 بالىسى بۇلۇپ ئۈچ ئۇغۇل(ئۈچىلا ئۇغلى كىچىك ۋاقتىدىلا ۋاپات بولغان) ، تۆت قىزى بار ئىدى . بالىلىرىنىڭ ئىسىملىرى قاسىم،ئابدۇللاھ،ئىبراھىم. ئۇممۈگۈلسۈم،رۇقىيە،زەينەپ ۋە پاتىمە ئىدى .
خەدىچە پەيغەمبىرىمگە ياتلىق بۇلۇپ شەرەپكە ئىگە بولغاندىن كېيىن، ئۇ باي خەدىچىنىڭ ئىلكىدە ئىشلىدى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۆز ئەمگىگى بىلەن ياشايتتى. ئۇلۇغ ئاللاھ ئۇنىڭغا قۇرئاندا مۇنۇ ئايەتلەردە ساناپ ئۆتكەن نىمەتلىرىنى بەردى:« (رەببىڭ) سېنى يىتىم دەپ ساڭا پاناھ بەرمىدىمۇ؟ سېنى قاتمۇققان دەپ، سېنى توغرا يولغا سالمىدىمۇ؟ سېنى پېقىر دەپ، باي قىلمىدىمۇ؟ (سۈرە زۇھا، 6-، 7-، 8- ئايەت)»

مىلادى610-يىلى 40 يېشىدا ،تۇر تېغىنىڭ ھىرا ئۆڭكۈرىدە پەيغەمبەرلىك كەلگەن.
ئاللاھ تائالا قۇرئاندا مۇنداق دېگەن:« باشقا پەيغەمبەرلەرگە ۋەھيى قىلغاندەك، ئەمرىم بۇيىچە ساڭا جىبرىئىلنى ئەۋەتتۇق. ئەسلىدە قۇرئاننىڭ ۋە ئىماننىڭ نىمە ئىكەنلىكىگىنى ئۇقمايتتىڭ. لېكىن قۇرئاننى نۇر قىلدىمكى، شۇ ئارقىلىق مەن خالىغان بەندىلىرىمنى ھىدايەت قىلىمەن.» (سۈرە شۇرا، 54 - ئايەتنىڭ بىر قىسمى)

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن نەقىل قىلىنىدۇ: رەسۇلۇللاھ  سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم  40 ياشقا كىرگەندە پەيغەمبەر قىلىنىپ ئەۋەتىلدى، ۋەھيى نازىل قىلىنغان ھالدا مەككىدە 13 يىل تۇردى، ئاندىن ھىجرەت قىلىشقا بۇيرۇلۇپ،مەدىينىگە ھىجرەت(كۈچۈش) قىلىپ، ئۇ جايدا 10 يىل تۇردى، 63 يېشىدا ۋاپات بولدى.(بۇخارى، مۇسلىم دا خاتىرلەنگەن، بىرلىككە كەلگەن ھەدىس)

ۋەھيىنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا چۈشىشى 23 يىل داۋاملاشقان. ئىشەنچىلىك تارىخى مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا تۇنجى ۋەھيى مىلادىيە 610-يىلى رامىزان ئېيىنىڭ 21-كۈنى، يەنى دۈشەنبە كۈنىدىن تارتىپ كېلىشكە باشلىغان. بۇ دەل پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەقىل-پاراسەت، چۈشەنچە جەھەتتە ئەڭ يېتىلگەن، قىرانلىق دەۋرى بولغان 40 ياشقا توشقان مەزگىلى ئىدى. ۋەھيى دەسلەپتە راسىت چۈشلەردىن باشلانغان.

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە كېلىدىغان ۋەھيى دەسلەپتە راست چۈشلەردىن باشلانغان، ئۇنىڭ كۆرگەن چۈشلىرى تاڭ نۇرىدەك روشەن ئىدى. كېيىن ئۇ يالغۇزلۇقنى ياقتۇرۇپ قالدى، ئۇ ھىرا غارىدا  ئۆيىگە قايتماي قانچىلىغان كېچىلەردە يالغۇز ئىستىقامەت قىلاتتى، ئىستىقامەتكە چىققاندا ئوزۇقلۇق ئېلىۋالاتتى، ئىستىقامەتتىن بوشىغاندا ئايالى خەدىچە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىپ، ئىككىنچى قېتىم چىقىش ئۈچۈن تەييارلىق كۆرەتتى.، بۇ ئىش ھىرا غارىدا ئۇنىڭغا پەيغەمبەرلىككە ۋەھيى كەلگەنگە قەدەر داۋام قىلدى.  رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئالدىغا پەرىشتە كېلىپ  ‹‹ئوقۇغىن!››دېدى،  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ‹‹ ئوقۇشنى بىلمەيمەن!›› دېدى.  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداى دېگەن:‹‹پەرىشتە مېنى قاتتىق سىقىپ قويىۋېتىپ ‹ئوقۇ!› دېدى، مەن ‹ئوقۇشنى بىلمەيمەن!› دېدىم، پەرىشتە مېنى ئىككىنچى قېتىم تۇتۇپ، قاتتىق سىقىپ قويىۋېتىپ ‹ئوقۇ!› دېدى، مەن ‹ئوقۇشنى بىلمەيمەن!› دېدىم،پەرىشتە مېنى ئۈچىنچى قېتىم يەنە تۇتۇپ قاتتىق سىقىپ قويىۋەتكەندىن كېيىن:‹‹ ياراتقان پەردىگارىڭنىڭ ئىمسى بىلەن ئوقۇغىن. ئۇ ئنساننى لەختە قاندىن ياراتتى. ئوقۇغىن، پەرۋەردىگارىڭ ئەڭ كەرەملىكتۇر. ئۇ قەلەم بىلەن خەت يېزىشنى ئۆگەتتى. ئىنسانغا بىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلدۈردى.›› (سۈرە ئەلەق 1-2-3-4-5-ئايەتلەر) دېدى.  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پەرىشتە بىلەن تۇنجى ئۇچراشقاندا پەيدا بولغان قورقۇنچ بىلەن ئايالى خەدىيچە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ قېشىغا قايتىپ كېلىپ ، قورقۇنچىسىنى بېسىش ئۈچۈن: ‹مېنى يۆگەپ قويۇڭلار، يۆگەپ قويۇڭلار›دېدى، ئۇنىڭ قورقۇنچىسى تۈگىگىچە ئۇلار ئۇنى يۆگەپ قويدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئايالى خەدىيچەگە ئەھۋالىنى مەلۇم قىلىپ: ئۆزۈم توغرىسىدا قورقۇپ قالدىم› دېدى. خەدىيچە : ‹ ئۇنداق ئەمەس، اللە بىلەن قەسەمكى، اللە سىلىنى ھەرگىز رەسۋا قىلمايدۇ، چۈنكى سىلى ئاجز-بىچارىلەرگە ياردەم قىلىلا، خش-ئەقرىبالارغا رھىم-شەپقەت قىلىلا، يوقسۇللارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىلا، مېھمانلارنى ياخشى كۈتىۋالىدىلا،  بېشىغا كۈن چۈشكەنلەرگە ياردەم قىلىدىلا.› دېدى. شۇنىڭ بىلەن خەدىيچە رەزىيەللاھۇ ئەنھا  ئۇنى تاغىسىنىڭ ئوغلى ۋەرەقە ئىبنى نەۋفەلنىڭ قېشىغا ئاپىرىپ:‹ ئى تاغامنىڭ ئوغلى! قېرىندىشىڭنىڭ ئوغلىنىڭ سۆزىگە قۇلاق سال!› دېدى. ۋەرەقە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن:‹ ئى قېرىندشىمنىڭ ئوغلى! نىمە بولدۇڭ؟ نېمىنى كۆردۈڭ؟› دەپ سورىدى، رەسۇلۇللاھ كۆرگەنلىرىنى ئۇنىڭغا ئېيتىپ بەردى. ۋەرەقە ئۇنىڭغا :‹ اللە تەئەلا مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرگەن شەرىئەت مۇشۇ شۇدۇر، ئېسىت! مەن سېنىڭ دىنغا دەۋەت قىلغان ۋاقىتلىرىڭدا ياش يىگىت بولغان بولسامچۇ؟ ئېسىت! مەن خەلقىڭنىڭ سېنى يۇرتۇڭدىن ھەيدەپ چىقارغان ۋاقتىدا ھايات بولغان بولسامچۇ؟› دېدى. رەسۇلۇللاھ  ئەجەپلىنىپ سورىدى:‹ ئۇلار تېخى مېنى يۇرتۇمدىن ھەيدەپ چىقىرارمۇ؟›،  ۋەرەقە:‹ ھەئە، ھەيدەپ چىقىرىدۇ، پەيغەمبەر بولغان ئادەم دۈشمەنلىك بولىدۇ.  سېنىڭ دىنغا دەۋەت قىلغان چاغلىرىڭدا ھايات بولغان بولسام، ساڭا يېقىندىن ياردەمدە بولغان بولاتتىم.› دېدى. ئۇزۇن ئۆتمەي ۋەرەقە ۋاپات بولۇپ كەتتى، ۋەھيى ئۈزۈلۈپ قالدى.(بۇخارى، مۇسلىم توپلىغان. بىرلىككە كەلگەن ھەدىس)

جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن نەقىل قىلىنىدۇ،  رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم - ۋەھيىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشى توغرىسىدا  سۆزلەپ  مۇنداق دېگەن: ۋەھيى مەندىن بىر مەزگىل ئۈزۈلۈپ قالدى،  بىر چاغدا  مەن كېتىۋېتىپ ئاسمان تەرەپتىن بىر ئاۋازنى  ئاڭلىدىم، بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئاسمانغا قارىسام  ناگاھان  ھىرا غارىدا ماڭا  كەلگەن پەرىشتە ئاسمان بىلەن زېمىن  ئوتتۇرىسىدا كۇرسى، تەختىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرىدۇ، مەن ئۇنىڭدىن قورقۇپ قاچتىم، قاچىمەن دەپ  زېمىنغا يىقىلىپ چۈشتۈم. مەن ئايالىم خەدىيچەنىڭ يېنىغا  كېلىپ ،‹ مېنى يۆگەپ قويۇڭلار، مېنى يۆگەپ  قويۇڭلار!› دېدىم. ئاندىن جىبرىئىل كېلىپ مۇنداق دېدى:‹‹ئى ۋەھيى نازىل بولۇۋاتقان چاغدا كىيىمگە يۆگىنىۋالغۇچى  پەيغەمبەر! تۇر، ئىنسانلارنى اللەنىڭ ئازابىدىن ئاگاھلاندۇر. پەرۋەردىگارىڭنى ئۇلۇغلا،  كىيىمىڭنى پاك تۇت. ئازاپتىن يەنى ئازاپقا قالدۇرىدىغان ئىشلاردىن يىراق بول. كۆپ ئېلىش نىيىتىدە بەرمە››. (سۈرە مۇددەسىر1-2-3-4-5-6-ئايەتلەر)  ئاندىن ۋەھيى كەينى-كەينىدىن نازىل بولۇشقا باشلىدى. (بۇخارى، مۇسلىم،ئەھمەد، توپلىغان، بىرلىككە كەلگەن ھەدىس)

پەيغەمبىرمىز مەكىكىدە دەسلىۋىدە مەخپى كىيىن ئاشكارە دەۋەت ئىلىپ باردى . يىگانە اللەنىڭ بىرلىك بارلىقىغا ، ئىسلام دىنغا  ئىشەنگۈچىلەرنىڭ ئەخىرەتتە جەننەتكە كىرىپ مەڭگۈ ياشايدىغانلىقىغا ، ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ دۇزاقتا مەڭگۈ قالدىغانلىقىنى  كىشلەرگە يەتكۈزدى . مەككىدىكى بىر بۇلۈك كىشلەر ئۇنىڭ ئىيتقانلىرىنى تەستىقلاپ مۇسۇلمان بولدى- شۇنداقلا بىر بۇلىكى ئۇنىڭ ئىيتقانلىرىنى يالغانغا چىقىرىپ ئۇنىڭغا دۈشمەن بولدى .

تۇنجى مۇسۇلمانلارخانىملاردىن پەيغەمبىرمىزنىڭ ئايالى ھەزرىتى خەدىچە ، چوڭلاردىن ھەزرىتى ئەبۇبەكرى. بالىلاردىن ھەزرىتى ئەلى.قۇللاردىن ھەزرىتى زەيد بىن ھارىسە ئىدى .
.........................
ئىسلام دىنغا چاقىرىلىپ 13 يىل ئۆتكەن بولسىمۇ مەككىنىڭ ئۈستۈن كەلگەن مۈشرىكلىرى پەيغەمبىرىمىزگە ۋە ئۇنىڭغا ئىشەنگەن تۇنجى مۇسۇلمانلارغا بەك كۆپ زۇلۇم ۋە ئازاپ قىلغان ئىدى .مەككىدە ئىسلامنى ياشاتماق ۋە تارقاتماق ئىمكانىيىتى قالمىغانلىقتىن مەدىنىلىك مۇسۇلمانلارنىڭ تەكلىپى ۋە ئاللاھ`نىڭ رۇخسەت بېرىشى بىلەن مەككىدىكى مۇسۇلمانلار ۋە پەيغەمبىرىمىز مەدىنىگە كۆچۈشكە مەجبۇر بولدى.

پەيغەمبىرىمىزمەككىدىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلىۋاتقان جۈمە كۈنى رانۇنا ئۆتەڭىگە كەلگەندە چۈش ۋاقتىدا جۈمە نامىزى پەرز قىلىندى.رەسۇل-ئۈ ئەكرەم بۇيەردە ساھابىلەر بىلەن بىرگە تۇنجى جۈمە نامىزىنى ئۇقۇدى

پەيغەمبىرىمىز مەدىنە شەھرىگە كىلىپ مەدىنىيلىك ئەبۇئەييۇپ ئەل-ئەنسارىنىڭ ئۆيىدە ئۇرۇنلاشتى .ئۇنىڭ بىلەن بىللە كەلگەن تۇنجى تۈركۈمدىكى مۇسۇلمانلار مەدىنىيلىك مۇسۇلمانلارنىڭ ئۈيىلىرگە ئۇرۇنلاشتى .

پەيغەمبىرىمىزۋە مۇسۇلمانلار مەدىنىگە كۆچكەندىن كىيىن مۇشرىكلار ئۇلارنى يەنە خاتىرجەم قىلمىدى.بۇ سەۋەپتىن پەيغەمبىرىمىز ئۇلار بىلەن ئۇرۇشۇشقا مەجبۇر قالدى.ئەڭ مۇھىم بولغانلىرى:

بەدىر ئۇرۇشى(624-يىلى بولغان)

ئۇھۇد ئۇرۇشى(625-يىلى بولغان)

خەندەك ئۇرۇشى(626-يىلى بولغان)

مىلادى 630-يىلىدا پەيغەمبىرمىز قۇشۇن باشلاپ مەككە شەھرىنى ئىشغال قىلدى.ئىشغالدىن كىيىن پەيغەمبىرىمىز كەئبىدىكى بۇتلارنى چىقىپ كەئىبىنى تازلىدى.مەكىكىدە تەسلىم بولغان مۈشرىكلارغا قارشى بۈگۈن سىلەرنى ئەيىبلەش يوق،ھەممىڭلار ھۆرسىلەردىدى ۋە ھەممىسىنى كەچۈردى.

پەيغەمبىرىمىزمىلادىنىڭ 632-يىلىدا ۋىدالىشش ھەجى قىلدى .ئۇ چاغدا پەيغەمبىرىمىز يۈزمىڭدىن كۆپ مۇسۇلمانغا مەشھۇر ۋىدالىشىشى خۇتبىسىنى ئوقۇغان.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مىلادىنىڭ 632-يىلىدا زۇلھەججە ئېيىنىڭ 9-كۈنى ئەرەپاتقا چىقتى ۋە بۇيەردە ئىسلام دىنىنىڭ تۈپ يىلتىزى ۋە شاخچىلىرى بايان قىلىنغان ئۇلۇغ نۇتقىنى سۆزلىدى.-

ھەممە مەدھىيە ئاللاغا خاس، ئاللانى مەدھىيلەيمىز، ئاللادىن كەچۈرۈم سۇرايمىز، ئاللاغا تەۋبە قىلىمىز. ئاللاغا سېغىنىپ نەپسىمىزنىڭ يامانلىقىدىن ۋە يامان ئىشلاردىن پانا تىلەيمىز.

ئاللا ھىدايەت قىلغان ئادەمنى ھېچكىم ئازدۇرالمايدۇ. ئاللا ئازدۇرغان ئادەمنى ھېچكىم ھىدايەت قىلالمايدۇ.

شۇنىڭغا گۇۋاھلىق بىرىمەنكى يالغۇز بىر ئاللادىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق،ئاللانىڭ شىرىكى يوق.

شۇنىڭغا گۇۋاھلىق بىرىمەنكى مۇھەممەد ئاللانىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسىدۇر.

سىلەر ئاللانىڭ بەندىلىرى ،سىلەرنى ئاللاغا تەقۋادارلىق قىلىشقا تەۋسىيە قىلىمەن. سۆزۈمنى خەيرىلىك ئىشلاردىن باشلايمەن. ئى خالايىق سۆزۈمگە قۇلاق سېلىڭلار! بۇ يىلدىن كىيىن مۇشۇ جايىمدا سىلەر بىلەن ئۇچراشماسلىقىم مۇمكىن دەپ ئويلايمەن. ئى خالايىق! تاكى رەببىڭلارنىڭ دەرگاھىغا بارغىنىڭلارغا قەدەر، بىر- بىرىڭلارنىڭ جېنىغا، مېلىغا چېقىلىش خۇددى مۇشۇ ئاينىڭ، مۇشۇ كۈننىڭ، مۇشۇ جاينىڭ ھۆرمىتىنى ساقلىماسلىققا ئوخشاشلا ھارامدۇر.

سىلەرگە شۇنى يەتكۈزىمەنكى، ئى ئاللاھ گۇۋاھ بولغىن، قولىدا كىشلەرنىڭ ئامانەتلىرى بار ئادەملەر ئامانەتنى ئۆز ئىگىلىرىگە قايتۇرسۇن................

قەستەن ئادەم ئۆلتۈرگەن قاتىل ئۆلتۈرلىدۇ. ئەگەر ئۇبىر كىشىنى تاياق بىلەن ياكى تاش بىلەن ئۇرۇپ ئۆلتۈرسە، قىسمەن سەۋەنلىك ھىسابلىنىپ قىساسىغا يۈز تۈگە تۆلىتىۋېلىنىدۇ. بۇنىڭدىن ئارتۇق تۆلىتىش جاھىلىيەت كىشلىرىنىڭ ئىشى.

ئى ئاللا گۇۋاھ بولغىن، ئى خالايىق! زىممىڭلاردا ئاياللىرىڭلارنىڭ سىلەر رىئايە قىلىشقا تىگىشلىك ھەققى بار. ئاياللىرىڭلارنىڭ زىممىسىدىمۇ ئۇلار رىئايە قىلىشقا تىگىشلىك سىلەرنىڭ ھەققىڭلار بار. سىلەرنىڭ ھەققىڭلار شۇكى، ئاياللىرىڭلار تۆشەكلىرىگە سىلەردىن غەيرى ئادەملەرنى يولاتماسلىقى، سىلەر خوپ كۆرمەيدىغان ئادەملەرنى سىلەردىن رۇخسەتسىز ئۆيگە كىرگۈزمەسلىكى ۋە پاھىشە قىلماسلىقى لازىم. ئەگەر ئۇلار شۇنداق قىلسا، ئاللا سىلەرنىڭ ئۇلارنى چىڭ تۇتۇشۇڭلارغا، ئۇلارنى ئۆيدىن چىقارماسلىقىڭلارغا، ئۇلار بىلەن بىر تۆشەكتە ياتماسلىقىڭلارغا، ئۇلارنى ئاستىراق ئۇرۇشۇڭلارغا رۇخسەت بىرىدۇ. ئەگەر ئۇلار چەكلىنىپ سىلەرگە ئىتائەت قىلسا، ئۇلارنى چىرايلىقچە ئاش- نان، كىيىم كىچەك بىلەن تەمىنلەڭلار.

سىلەرنىڭ ئەمرىڭلاردىكى ئاياللار ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى ئىگە ئەمەس. ئۇلارنى ئاللانىڭ ئامانىتى قىلىپ ئالدىڭلار. ئۇلارنى نىكاھ ئارقىلىق ئۆزەڭلەرگە ھالال قىلدىڭلار، ئاياللار توغرىسىدا ئاللادىن قورقۇڭلار، ئاياللارغا ياخشى مۇئامىلىدە بۇلۇش توغرىسىدىكى ۋەسىيەتنى قۇبۇل قىلىڭلار.

سىلەرگە تەبلىغ(يەتكۈزدىممۇ) قىلدىممۇ؟ ئى ئاللا گۇۋاھ بولغىن. ئى خالايىق! مۆمىنلەر بىر بىرىگە قېرىنداش، قېرىندىشىنىڭ ئۆز ئىختىيارى بىلەن بەرمىگەن مېلى ھېچكىمگە ھالال ئەمەس.

سىلەرگە تەبلىغ(يەتكۈزدىممۇ) قىلدىممۇ؟ ئى ئاللا گۇۋاھ بولغىن. مەندىن كىين مۇرتەد بۇلۇپ بىر بىرىڭلارنى قىرىدىغان ***** بولماڭلار! سىلەر گە مەن ئاللانىڭ كىتاۋى بولغان قۇرئاننى قۇيۇپ كەتتىم. قۇر ئاننى مەھكەم تۇتساڭلار ئازمايسىلەر. تەبلىغ(يەتكۈزدىممۇ) قىلدىممۇ؟ ئى ئاللا گۇۋاھ بولغىن. ئى خالايىق! سىلەرنىڭ رەببىڭلار بىر، ئاتاڭلار بىر ھەممىڭلار ئادەم ئاتىدىن بولغان، ئادەم ئاتا تۇپراقتىن يارىتىلغان.

كىم ئەڭ مۇتتەقى ( ئاللانىڭ بۇيرىغانلىرىنى قىلىپ، ئۇنىڭ توسقان ئىشلىرىدىن چەكلەنگەن ئادەم ) بولسا، شۇئادەم ئاللانىڭ نەزەرىدە ئەڭ ھۆرمەتلىكتۇر. ئەرەپ بولغان ئادەم بىلەن غەيرى ئەرەپ بولغان ئادەمنىڭ قايسىسى تەقۋاداربولسا شۇ ئەۋزەل. تەبلىغ قىلدىممۇ؟ ئى ئاللا گۇۋاھ بولغىن. سۆزۈمنى بۇيەرگە ھازىر بولغانلار ھازىر بولمىغانلارغا يەتكۈزسۇن.
سىلەرگە ئامانلىق ۋە ئاللانىڭ رەھمىتى بولسۇن!

پەيغەمبىرىمىز مىلادى:632-يىلى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى دۇشەنبە كۈنى مەدىنىدە 61 يىشىدا ۋاپات بولدى.


مەنبە مىللەتلەر نەشرىياتى نەشىر قىلغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمالى دىگەن كىتاپ .

bahadirlarbiz يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 08:27:30

پەيغەمبىرىمىز 25 يېشىدا ھەزرىتى خەدىچە بىلەن قىلغان
توي سۆزى چۈشۈپ قاپتۇ، ئۇندىن باشقا كۆپ جايلىرىدا ئىملادا خاتالىق بار ئىكەن.

mihin يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 09:54:57

بىلشىمچە  ئنىسان كامالەتكە يەتكەندە ئۇ ئارىف بولامىش     ۋەھىي ئارىفتىن ئۈستۈن تۇردىكەن  ئادەتتكى ئادەملەرگە  كەلمەيدىكەن.    لىكىن ئادەتتكى ئادەملەرگە نىمىشقا كەلمەيدىغانلىقنىڭ سەۋەبىنى كۆرۈپ باقمىدىم.

aLKaMaL1 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 10:10:30

نادىر تىما!!!

mihman123 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 12:13:36

mihin يوللىغان ۋاقتى  2014-10-20 09:54 static/image/common/back.gif
بىلشىمچە  ئنىسان كامالەتكە يەتكەندە ئۇ ئارىف بولامىش    ...

ئارىف دىگەن نىمدىگەن گەپ ؟

mihman123 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 12:15:33

ئۈلۈشكۈن يوللىغان تىمنى بۇگۈن تەستىقلاپتۇ . ............120 قىتىم كۈرۇلۇپتۇ . بۇپتۇ زىيان يوق .

welld يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 13:17:30

بېشىدا 63 يېشىدا ۋاپات بولغان دىيىلىپتۇ، ئاخرىدا بولسا 61 يېشىدا ۋاپات بولغان دىيىلىپتۇ.
زادى قايسىسى راست؟

mihman123 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 13:45:25

welld يوللىغان ۋاقتى  2014-10-20 13:17 static/image/common/back.gif
بېشىدا 63 يېشىدا ۋاپات بولغان دىيىلىپتۇ، ئاخرىدا بولسا  ...

63 ياش دىيىلگىنى توغرا .    ........باشقۇرغۇچىلار تۇزۇتۇپ قۇيساڭلار

mihin يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 15:11:50

mihman123 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-20 12:13 static/image/common/back.gif
ئارىف دىگەن نىمدىگەن گەپ ؟

ئارىف دېگەن سىز يىتىلدۈرگەن تەپەككۇر ،دۇنيا قاراش پۈتۈنلەي  ئۆزگىرىپ دۇنياغا يىڭى قىياپەت بىلەن كەلگەندك تۇيغۇنى كۆرسىتىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن  توختىماي ئۆگنىش،ئىزدىنىش پائالىيتى بىلەن شۇغۇللىنشىڭز دۇنيا قاراشلىرىڭزنىڭ تۇراقلىىشىپ   قىلشنىڭ ئالدىنى ئىلشىڭز كىرەك.  ئەگەر ئارىف بولۇش نىسىپ بولغان بولسا بولالشىڭز مۇمكىن   ئۇيغۇرلاردىن ئابدۈشكۈر مۇھەممەتئىمنىڭ ئارىف بولغانلىقىنى ئەسەرلىرىدە تىلغا ئىلنغان .  ئادەتتە ئارىف 60 ياشتىن ھالقىغاندا بولدۇ دەپ قارىلىدىكەن   ئەمما ئۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ ئارىف بولىدۇ.    شۇڭا ئارىفلىق يىشنىڭ 60 ياشتىن ھالقىغاندا بولشى ناتايىن.
يەنە كىچىككنە ئەسكەرتىش  :  بەزى دوسلار ئارىفنى خاتا چۈشنىۋىلىپ سىرتقا تەسىر تۈپەيلىدىن بولغان دۇنيا قاراشتىكى ئۆزگىرىش دەپ قارۋالدىكەن   بىلشىمچە بۇ يالقۇن روزىنىڭ ئارىفقا بەرگەن چۈشەنچىسكەن  .   
ئەمەلىيەتتە ئۇنداق دەپ قارۋالساق توغرا بولمايدۇ .   ئارىف ئۇ   سىرتتىن كىلدىغان ئۆزگىرىش ئەمەس  بەلكى  ئىچكى   ئۆزگىرىش .

AAA يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 16:41:18

mihin يوللىغان ۋاقتى  2014-10-20 09:54 static/image/common/back.gif
بىلشىمچە  ئنىسان كامالەتكە يەتكەندە ئۇ ئارىف بولامىش    ...

ئادەملەرگە كەلگەن ۋەھىنى سىزنىمىشقىمۇ كۆرمىگەنسىز.

qin_dos يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 17:48:09

mihman123 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-20 12:13 static/image/common/back.gif
ئارىف دىگەن نىمدىگەن گەپ ؟

ئارىف، مائارىپ،مەرىپەت دىگەن سۆزلەرنىڭ يىلتىزى بىر. ئارىف دىگەن سۆزنى مەرىفەتنى چۇشەنگەن كىشى دەپ چۇشەنسىڭىز بولىدۇ.

qin_dos يوللانغان ۋاقتى 2014-10-20 17:50:10

welld يوللىغان ۋاقتى  2014-10-20 13:17 static/image/common/back.gif
بېشىدا 63 يېشىدا ۋاپات بولغان دىيىلىپتۇ، ئاخرىدا بولسا  ...

مىلادىيە يىلنامىسى بويىچە61  ياش، ھىجىرىيە يىل نامىسى بويىچە 63 ياش.

welld يوللانغان ۋاقتى 2014-10-21 08:17:37

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   welld تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-21 10:36  

qin_dos يوللىغان ۋاقتى  2014-10-20 19:50 static/image/common/back.gif
مىلادىيە يىلنامىسى بويىچە61  ياش، ھىجىرىيە يىل نامىسى  ...

مىلادىيە بىلەن ھىجىرىيەنىڭ بۇنداق پەرقى يوق قېرىنداش.
تىما ئىگىسىمۇ 63 نىڭ توغرىلىقىنى، 61 نىڭ خاتا بولوپ قالغانلىقىنى دەپتۇ.
ھىجرىيە كالىندارىغا قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى خەنزوچە چۈشەندۈرۈشنى كۆرۈڭ.
ھىجىرىيە مىلادىيە 622 -يىلدىن باشلانغان، ئۇنداق بولسا مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام
634-يىلى 63 يېشىدا ،ھىجىرىيە 2-يىلى ۋاپات بولغان بولدۇ.

伊斯兰教历阿拉伯语读作/hidЭri:je/,汉语称为回历、伊历或希吉来历(音译),属于太阴历,以12个朔望月为一年,平年354天,闰年于第十二月加1日,为355日。以新月为每月之首。伊历单月大,30日;双月小,29日,其元年为公元622年,以纪念穆罕默德率领众信徒从麦加出走麦地纳的事件。
    公历和伊历的换算公式为:
    公历纪年=伊历×32/33+622年
如:公元2000年,伊历1420~1421年。
   公元2007年,伊历1427~1428年。
   在伊斯兰国家通用的历法有四种:伊斯兰历、公历(英语译音或阿拉伯称谓)、(埃及)科普特历、古叙利亚历。

mihman123 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-21 08:21:59

مۇششۇ تىما توغرىسىدا سورايدىغان سۇئالىم بار ئىدى . ۋاقتىدا تەستىقلانماي كەينى بەتكە ئۈتەي دەپقالغاندا بەزىلەر ئىنكاس يىزىشقا قىزىققماسلىقى مۇمكىن . - سۇرايدىغان سۇئالىمنى سۇراپ قۇياي ، يا كىينىچە ئايرىم تىما قىلىپ يوللارمەن .....................

پەيغەمبىرىمىزتۇغۇلۇشتىن ئىككى ئاي بۇرۇن دادىسى ۋاپات بولغان،مەككىدىكى ئەنئەنىۋى قائىدىگە كۆرە بالىلار سۈت ئانىسىغا بېرىلەتتى. پەيغەمبىرىمىزمۇ 4 يېشىغا قەدەر سۈت ئانىسى ھەزرىتى ھەلىمەنىڭ يېنىدا قالدى.6 ياشقا كىرگەندە ئاپىسىمۇ ۋاپات بولدى. 8 يېشىغا قەدەر چوڭ دادىسى ئابدۇلمۇتەللىپنىڭ يېنىدا ،چوڭ دادىسىنىڭ ۋاپاتىدىن كىيىن تاغىسى ئەبۇتالىپنىڭ ھىمايىسىدە چوڭ بولغان.

پەيغەمبىرىمىزتۇغۇلۇشتىن ئىككى ئاي بۇرۇن دادىسى ۋاپات بوپتۇ .،6 ياشقا كىرگەندە ئاپىسىمۇ ۋاپات بوپتۇ. 8 يېشىدا چوڭ دادىسى ۋاپات بوپتۇ . پەيغەمبىرمىز 40 يىشىدا پەيغەمبەر بوپتۇ .
ئۇنداقتا پەيغەمبىرمىزنىڭ دادىسى ئانىسى چوڭ دادىسى قىيامەت كۈنى قانداق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ ؟ ..........................................

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-10-21 08:27:45


پەيغەمبىرىمىزمەككىدىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلىۋاتقان جۈمە كۈنى رانۇنا ئۆتەڭىگە كەلگەندە چۈش ۋاقتىدا جۈمە نامىزى پەرز قىلىندى.رەسۇل-ئۈ ئەكرەم بۇيەردە ساھابىلەر بىلەن بىرگە تۇنجى جۈمە نامىزىنى ئۇقۇدى

ماۋۇ گەپ خاتا بولۇپ قالمىغاندۇ ھە ؟ پەيغەمبىرىمىز ھىجرەتنى پەقەتلا ئەبۇبەكرى سىددىق(ر ئە) بىلەن بىرگە قىلغانغۇ دەيمەن .

mihman123 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-21 08:37:30

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mihman123 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-21 08:38  

pis-pas يوللىغان ۋاقتى  2014-10-21 08:27 static/image/common/back.gif
ماۋۇ گەپ خاتا بولۇپ قالمىغاندۇ ھە ؟ پەيغەمبىرىمىز ھىج ...

ئىككى ئادەملا ئايرىم جۇمە نامىزى ئۇقۇمىغاندۇ .    بۇ يەردە ساھابىلەر ۋە پەيغەمبىرمىزنىڭ مەدىنىگە كۈچىشى توغرىسىدا  ئىلىگىرى كىيىنلىك ۋاقىت پەرىقى بار .تىمىنى تەپسلى يىزىپ كەتمەي ئاساسى مەزمۇننى چۈشەندۇرگەندەك قىسقارتىپلا يىزىپ قۇيدۇم . قىززىققۇچىلار كىتاپخانلارغا بىرىپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمالى دىگەن كىتاپنى تەپسىلى كۈرۋالسا بۇلىدۇ .

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-10-21 09:04:27

mihman123 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-21 08:37 static/image/common/back.gif
ئىككى ئادەملا ئايرىم جۇمە نامىزى ئۇقۇمىغاندۇ .    بۇ يە ...

ھىم، بىلدىم.
ئەسلى پەيغەمبىرىمىز(س ئە ۋ )  بىلەن ئەبۇبەكرى سىددىق(ر ئە ) قۇبا دىگەن يەرگە كېلىپ ئۇ يەردە 14 كۈن تۇرۇپ(ھەزرىتى ئەلىنى ساقلىغاچ) ئاندىن يەسرىب ( كېيىن مەدىنە دەپ ئاتالغان ) كە ئاتلانغان ۋە  نۇرغۇن مۇھاجىرلار ۋە ئەنسارىلار بۇ يەرگە كېلىپ كۈتۈۋالغان ئىكەن، قۇبا بىلەن يەسرىب ئارىسىدىكى يولدا جۈمە نامىزى پەرز قىلىنىپ ئاندىن تۈنجى جۈمە نامىزى ئوقۇلغان ئىكەن .

muztag يوللانغان ۋاقتى 2014-10-21 11:31:15

مۇھەممەت سەللەللاھۇ ئەلەيھسسالامنىڭ ئاياللىرىنىڭ رەت تەرتىۋى ۋە ئىسمىنى بىلىدىغانلار بارمۇ ؟

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-10-21 14:56:37

muztag يوللىغان ۋاقتى  2014-10-21 11:31 static/image/common/back.gif
مۇھەممەت سەللەللاھۇ ئەلەيھسسالامنىڭ ئاياللىرىنىڭ رەت ...

muztag يوللانغان ۋاقتى 2014-10-21 15:00:59

pis-pas يوللىغان ۋاقتى  2014-10-21 14:56 static/image/common/back.gif


رەخمەت .
بەت: [1]
: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسقىچە تەرجىمالى