iltebir0997 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-18 00:10:02

ئابرال خاتىرلىرى-ئىلىخوغا سەپەر

1- قەشقەر-ئۈرۈمچى -يېلىنجىغان ئارمانلار   

ئىلىخو - غۇلجا توغرىسىدىكى خىياللىرىمنىڭ قاچان باشلانغانلىقىنى بىلمەيمەن. بەلكىم باشلانغۇچ مەكتەپتە سادىر پالۋاننىڭ قوشاقلىرىنى يادلاپ يۈرگەن كۈنلەردە باشلانغان بولسا كېرەك؟ ئۇ چاغدا سادىر پالۋاندەك بولۇشنى ئارمان قىلغان ئىدىم. ھېلىمۇ ئېسىمدە، باشلانغۇچنىڭ 3-سىنىپىدا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا خالىدە ئىسىملىك چىرايلىق بىر ئوقۇتقۇچۇم بولىدىغان، شۇ ئوقۇتقۇچىمىز بىزگە ئەدەبىيات دەرسكە كىرەتتى.شۇ چاغدىكى ئەدەبىيات دەرسلىگمىزدە ئەخمەتچان قاسىمىنىڭ ئىش ئىزلىرى تونۇشتۇرۇلغان بىر دەرس بار بولۇپ ئۇ دەرسنىڭ ماۋزوسى «ھارۋىكەشكە ياردەم» ئىدى. سىنىپتىكى 29 ئوقۇغۇچىدىن ئەخمەتجان قاسىمى كىم دېگەن سۇئالغا جاۋاپ بېرىدىغان بىرمۇ ئوقۇغۇچى چىقمىغانلىقى ئۈچۈن ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ دەرسلىك كىتابتىكى سۈرىتىنى دوسكىغا چاپلاپ قويۇپ: مۇشۇنداق ئۇلۇغ بىر كىشىنى بىلمىگەندىكىن مانا تويىشە دەپ ھەممىزنى ھارغىچە ئۇرپ ۋە شۇ رەسمىگە قاراپ تەزىيە بىلدۈرۈشكە تۇرغۇزۇپ قويغان ئىدى. بىز ھەممىمىز تەر پۇراپ كەتكەن قۇلاقچىمىزنى قولىمىزغا ئېلىپ، ئورنىمىزدىن تۇرۇپ دوسكىغا كىتاب بىلەن چاپلانغان سۈرەتكە قاراپ يېرىم سائەت تۇرغان ئىدۇق. سەل كەپسىزلىگم سەۋەبلىك تاياقنى ھەممىدىن كۆپ يىگەنلىكىم سەۋەبىدىنمىكىن :خەپ چوڭ بولسام ئەخمەتجان قاسىمىدەك بىر ئادەم بولمايدىغان بولسام دەپ ئۆزۈمگە ۋەدە بەرگەن  ئىدىم. گۈدەكلىكىمدىكى بۇ  خىيالىمنى ھېلىمۇ ئۇنۇتمايمەن. قىززىق يېرى مەن ئۇ چاغدا ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ كىم ئىكەنلىگىنى، قانداق ئادەم، نېمە ئىش قىلغان دېگەن نەرسىلەرنى بىلمىسەممۇ ئەمما ئوقۇتقۇچۇمنىڭ قەھىرلىك چىرايىدىن بۇ كىشىنىڭ ئۇلۇغ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان ئىكەنمەن. گۈدەكلىكىمدە بۇ كىشىنى دورايمەن دەپ قەلەم ياسايدىغان پىچاق قولۇمنى كېسىۋەتسىمۇ يىغلىماي يۈرگەن ۋاقىتلىرىم بولغان. شۇ ۋاقىتتا قولۇمدىن قان كۆپ چىقىپ كەتكەن بولسا كېرەك ئالدىمدا ئولتۇرىدىغان قىز ساۋاقدىشىم خانىمنى چاقىرىپ كىرگەن ئىكەن. كىيىن بىلسەم ھەربىيلىكتىن كەسىپ ئالماشتۇرۇپ بىزگە ئوقۇتقۇچى بولغان ئەدەبىيات خانىمىز بىزگە ئەخمەتجان قاسىمى توغرۇلۇق ھېچنەرسە دېمىگەن ئىكەن. پەقەت بىزگە غەلىتە بىر شەكىلدە شۇ كىشىگە تەزىيە بىلدۈرگۈزگەن ئىكەن. بەلكىم ئوقۇتقۇچۇمنىڭ ئەخمەت ئەپەندىگە بولغان ھۆرمىتى شۇنچە چوڭقۇردۇر ياكى باشقا بىر ئىش كەيپىنى بۇزغان بولسا بىزنى ئۇرغاندۇر. ئۇ ۋاقىتتا كىتاپتا ئەخمەت ئەپەندىنىڭ يۇرتىنى نىلقا ناھىيسىدە دەپ ئاڭلىغان ئىدىم...بالىلىقىمدىكى تالاي ئىشلار ئىچىدە نىمىشقىكىن مۇشۇ قېتىمقى «تەزىيە مۇراسسىم»نى خېلى ۋاقىتقىچە ئۇنتىيالمىغان ئىدىم. كېيىن ياشقا چوڭ بولغانسىرى ئەخمەتجان قاسىمىدەك بولىمەن دېگەن خىياللىرىممۇ نەلەرگىدۇر غايىپ بوپتۇ. ئەمما ئەخمەتجان قاسىمى دېگەن بىر ئىسىم ئىسىمدە ساقلىنىپ قاپتۇ. بىر چاغلاردا «ئەخمەتجان قاسىمى» دېگەن بىر ناخشا پەيدا بولغان ئىدى. بۇ ناخشىنىڭ قاچان، كىم تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنغان ۋە ئېيتىلغانلىقىنى ئېنىق بىلمىسەممۇ :ئەخمەتجان قاسىمى ئەلنىڭ پەرزەنتى،.....ئىشقىدا ئىلى دېگەندەك مىسرالىرى غۇۋا ئېسىمدە تۇرۇپتۇ. شۇ ناخشا ئەخمەتجان قاسىمىنى يەنە بىر نۆۋەت ئېسىمگە سالغان ئىدى. كېيىن ئۇ ناخشا ئۇنتۇلغاندىن كېيىن ئەخمەتجان قاسىممۇ خىيالىمدىن ئاستا-ئاستا ئۆچكەن ئىدى. بىزگە كۈندە قىلمىسا بولمايدىغان ئەمەللەر، ئىشلار يۈكلەنگەن. چۈنكى ئىنسان ئىنسانغا خاس ئاجىزلىقى بىلەن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۇنتۇپ كېتىدۇ. گەرچە تىببىي ئىلىم ئىنسان مىڭىسىنىڭ نۇرغۇن نەرسىلەرنى ساقلىيالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان بولسىمۇ تۇرمۇشنىڭ قاتلاڭلىرىدا ھەممىنى ئېسىدە ساقلاش مۈشكۈل بىر ئىش. شۇڭا ئىنسانغا مۇھىم بولغان نەرسلەر چوقۇم ھەر كۈنى يادلىنىپ تۇرۇشى كېرەك. چۈنكى جەمئىيەتتىكى تۈرلۈك غەشلىكلەر بىزنىڭ ھاياتىمىزدىكى قىممەتلىك نەرسىلەرنىڭ شۆھرىتنى بىمەھەل سۇسلاشتۇرۇپ، شۇ نەرسىلەرگە بولغان سۆيگۈمىزنى ئۇنتۇلدۇرۇشى مۇمكىن...(بىر كۈنى شۇ ناخشنىڭ ئاھاڭىغا غىڭشىۋىدىم ئاپام رەھمەتلىك: داداڭنىڭ ئىسمىنى نېمىشقا ئەخمەتجان قويغىنىنى بىلەمسەن دەپ سوراپ قالدى. مېنىڭ بىلمەيدىغىنىم ئاپامغا ئېنىق. ئەمما ئاپامنىڭ ماڭا ئېيتقۇسى كەلدى بولغاي) ئاپامنىڭ دېيىشىچە، چوڭ ئاپام رەھمەتلىك ئەخمەتجان قاسىمى كۈيلەنگەن شۇ ناخشىنى تولىمۇ ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىكەن ۋە ئەخمەتجان دېگەن بۇ ئىسىم ئانامغا تولىمۇ يېقىملىق ئاڭلىنىدىكەن. شۇڭا دادم تۇغۇلغاندا «ئەخمەتجان»دېگەن ئىسىمنى دادامغا قويغان ئىكەن. تولىمۇ ئەپسۇس، دادام ئىنسانغا خاس ئەقىدىسى بىلەن ياشاۋاتقان بولسىمۇ «ئەخمەتجان»دەك بولالمىدى. بەلكىم ئانام رەھمىتى شۇ ناخشىدىن ئىلھام ئېلىپ دادمغا شۇ ئىسىمنى قويغاندا دادامدىن تالاي ئۈمۈدلەرنى كۈتكەن بولغىيدى. بىراق بەختى قارا دادام يوقسۇزلۇق ۋە يىتىملىك ئىچىدە، زاماننىڭ زۇلۇمى ۋە تىركچىلىك قۇرساقتىن باشقىنى ئويلاشقا ھالى يوق ئەھۋالغا كەلتۈرۈپ قويغان بىر دەۋردە چوڭ بولغاچقىمىكىن ئۆزى دېمەتلىك تالاي كىشىلەرگە ئوخشاش ئۆزىنىڭ ئىسمىدىن باشقا بىرەر خەت تونۇماي بىزنى قاتارغا قوشتى...كىينكى كۈنلەردە لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ شېئىرلىرىنى يادلاشقا چۈشتۇق. بۇنىڭدا مېنىڭ بەكرەك ئىسىمدە قالغىنى يەنىلا لۇتپۇللا مۇتەلىپنىڭ يۇرتى ئىدى. سادىر پالۋان قوشاقلىرىنى يادلىغاندىن تارتىپ ئەخمەتجان قاسىمىغا تەزىيە بىلدۈرگەن، لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ شېرلىرنى بىرىلىپ ئوقۇپ، زونۇن قادىرىنىڭ ھېكايلىرىدىن زوقلانغان، «ئانا يۇرت» رومانىنى ئوقۇپ تەسىرلەنگەنگە قەدەر  خىيالىم ھامان غۇلجا تامان بەرق ئۇراتتى. بولۇپمۇ «ئانا يۇرت» روماننى ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلرىم غۇلجا توغرىسىدىكى خىياللىرىم ئەۋجىگە چىققان يىللار بولسا كېرەك. موللا بىلال، زونۇن قادىرى، زوردۇن سابىر، لۇتپۇلادەك قەلەمدارلارنى، ئەلاخان پالۋان، ئابدۇرۇسۇل شاغىبەك، سادىر پالۋان، غېنى باتۇردەك ئەلەمدارلارنى يىتىشتۈرۈپ چوڭ قىلغان شۇ يۇرت، شۇ تۇپراققا بولغان ھۆرمىتىم ھەرقاچان مەۋج ئۇرۇپ تۇراتتى. شۇندىن بىرى غۇلجا گويا قەلبىمدىكى باشئەگىم گۈزىلى ئىدى... يۇرداشلىرىمنىڭ، ئائىلەمدىكىلەرنىڭ ئايىغى شۇ مۇبارەك زىمىنغا ئالدى ئۈچ قېتىم، كەينى بىر قېتىم تەگكەن ۋاقتلاردا مەن تېخى شۇ ئىنتىلىش، شۇ ئارزۇلىرىمنى قىيامىغا يەتكۈزۈپ ئاشۇلارغا ھەۋەس بىلەن قاراپ ئاچچىق بىر ئىزتىراپتا تولغۇناتتىم...شۇ تۇپراققا بولغان تەشنالىق ۋە قەلبىمدە توختىماي كۆيەتتى. بىر ئىنسانغا  نىسپەتەن مەنىۋى قىممىتى بولغان بىر يەرگە ئىنتىلىشنىڭ تەئەججۈپلەنگۈدەك يېرى يوق. چۈنكى بىزنىڭ نۇرغۇن گۈزەل تەسەۋۋۇرلىرىمىز شۇ جايلاردىكى مەنىۋى قىممەت بىلەن بىرلەشكەن چاغدا كىشىدە ئاشۇنداق ئىنتىلىش تۇيغۇسىنى پەيدا بولىدۇ. مەككە مۇكەررمگە بېرىشقا كۆزى يەتمىگەن بوۋام: قەشقەرگە بېرىپ ھېيتگاھ جامەسىدە بىر قېتىم جۈمە نامىزنى ئوقۇۋېلىپ ئۈلۈپ كەتسەم ئارمىنىم يوق ئىدى دەپ پىغان چېكىدىغان. شۈكرىكىم، ياراتقۇچى بوۋامغا شۇ پۇرسەتنى بەردى. ئەسلى بوۋام ئۈچۈن يۇرتتا ئوقۇغان جۈمە نامىزى بىلەن قەشقەر ھېيتگاھدا ئوقۇغان نامازنىڭ ھىچبىر پەرقى يوق. بىراق 93 ياشلىق بوۋام ھاياتىدا قەشقەرنىڭ مەنىۋى قىممىتىنى تونۇپ يەتكەن بۈيۈك كىشى ئىدى. غۇلجا ماڭا نىسپەتەن ئەنە شۇنداق مۇقەددەس زىمىن. بۇ زېمىننى مۇقەددەسلىككە ئىگە قىلغان نەرسە غۇلجىنىڭ گۈزەل يايلاقلىرى ، ئۇنڭ شوخ دەرياسى ۋە ياكى بۈك قارىغايلىق چوققىلىرى بىلەن شۇ زىمىندا تاۋلىنىپ چىققان ئەزىمەتلەرنىڭ ئوتلۇق يۈرىكى ۋە روھى ئىدى.
  مېنىڭ غۇلجا ھەققىدىكى تەسىراتلىرىم غۇلجا خەلقى بىلەن سىردىشىپ ئەمەس قەلەم ئەھلىلىرنىڭ قەلەملىرى ئاستىدىكى بىغۇبار كىشىلەرنىڭ سەرگۈزەشتلىرى بىلەن بېزەلگەن. بۇ بېزەكلەرنىڭ ھەربىر ھالقىسدا مەن ئېچىنغان «باقى»، ھېسداشلىق قىلغان «باھارخان» زوقلانغان «مەتنىياز» ھەۋەس قىلغان «مۇختەر باي» ، قايىل بولغان «غېنى باتۇر»، جاپاكەش «زىياۋدۇن» چەيلەنگەن «سەبىخە» رەسسام بولۇپ سىزشنى ئارزۇ قىلغان غۇلجا گۈزىلى «زەيتۇنە»لەرنىڭ زونۇن قادىرى ۋە زوردۇن سابىر قەلىمى ئاستىدىكى قىسمەتلىرى جۇلالىنىپ تۇرۇپتۇ. بۇ بېزەكلەر مېنىڭ مېڭەمگە ئەمس يۈرۈكىمگە تاقالغان...تالاي كىشىلەرنىڭ غۇلجا ھەققىدىكى تەسراتلىرىنىڭ تاغدىكى گىياھتىن، ئۇپۇققا بوي تارتقان بەھەيۋەت تاغ چوققىسىدىكى قارغايلاردىن، قازاق مالچىلارنىڭ ئۇچقۇر ئاتلرىدىن ئاشمىغانلىقىنى ئىشىتكىنىمدە ئەپسۇسلاندىم. ئەجەپلەنگۈلۈك ئەمەس. غۇلجىنىڭ باشقا يۇرتلارغا ئوخشىمايدىغان گۈزەللىكىنى كۆرۈشكە كۆز ئاجىزلىق قىلىدۇ. خۇددى رۇمى: كۆزۈڭنى يۇم، كۆزگە ئايلانسۇن كۆڭۈل.دەپ ئېيتقاندەك...
  غۇلجىنىڭ مەنىۋى گۈزەللىكى مىنىڭ تەسەۋۋۇرۇمدىكى تەڭداشسىز قىممىتىدە ئۆز گۈزەللىكىنى يايىدۇ. بۇ گۈزەللىك يىللارنىڭ ئۇپقۇنلىرىدا  ئۆزگەرمەيدىغان گۈزەللىك. بۇ گۈزەللىك تالاي يىللار ئۆتسىمۇ تۇنجى مۇھاببەت ئۆركىشىدەك دلقۇلاپ تۇرىدىغان ساپ ھېسسىياتتىن پۈتكەن گۈزەللىك. بۇ گۈزەللىك مەن غايىبانە ئاشنا بولغان يۇرتقا بولغان ھۆرمەتنىڭ بەرق ئۇرغاندىكى چېچەكلىرىدىن پۈتكەن گۈزەللىك. بۇ گۈزەللىك ئىچىدە نۇزۇگۇمدەك گۈزەللەرنىڭ، گۈلەمخاندەك غەزەلخانلارنىڭ، رىزۋانگۈلدەك ساداقەت قۇربانلىرىنىڭ گۈزەل،گۈزەل، تولىمۇ گۈزەل ھېكايەتلىرى بار. بۇ گۈزەللىك نىمىشقىكىن نۇزۇگۇمنىڭ ۋۇجۇدىدىكى پاكلق ۋە ھايا،  رىزۋانگۈلنىڭ ۋۇجۇدىدىكى قەيسەرلىك، گۈلەمخاننىڭ ۋۇجۇدىدىكى ساداقەت بىلەن بىرلىشىپ ئىپپەتسىز ئىنساننىڭ قىممىتىنىڭ پۇچەك تەڭگىلەردەك قىممەتسىز نەرسە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرىدۇ دە، بۇ گۈزەللىك ساھىبلىرىغا ھەم بۇلارنىڭ قىسمەتداشلىرىدىن بولغان مايسىخان باشلىق يىگانە گۈزەللەرگە مەمنۇنىيەت بىلەن باش ئېگىمەن. مەن گۈزەللىكنىڭ شەيداسىمەن، شۇ سەۋەبلىك گۈزەللىك ساھىبلىرنىڭ شەجەرىسى ۋە ھاياتى مېنىڭ نەزىرىمىدىكى دىلبەردەك مۇقەددەس ۋە ئۇلۇغ. ئۆز گۈزەللىكنىڭ تەمەنناچىسى بولماي پۈتۈن ئايال زاتىغا گۈزەللىكنىڭ ھەقىيقى شەجەرىسىنى تۈزۈپ بەرگەن بۇ رەنالارغا ھەۋەس قىلىمەن. ئۇلار ئۆزىنىڭ پاكلىقىنى تاۋار-دۇردۇن ئۈستىدىكى بەخىتتىن ئەلا بىلىپ، ئۆز ئەقىدىسى ئۈچۈن جانلىرىنى پىدا قىلغان گۈزل ئۇيغۇر روخسانىلىرى ئىدى! ئۇلار نومۇستىن ئۈلۈمنى ئەلا بىلىدىغان قەھرىمانلىق ئۈلگىلىرى ھەم ئىدى. مانا مۇشۇنداق رەنالارنىڭ مۇبارەك قەبرىسىنى قۇچۇپ ياتقان يۇرتقا بېرىش مەن ئۈچۈن ھەم بەخىت ئىدى، شۈكرىكىم، نىيەتكە يارىشا بۇ پۇرسەتلەرمۇ ئاخىرى يىتىپ كەلدى. بۇرادەرلىرىمنىڭ خەيرخاھلىقدا  بىسمىلا دەپ يولغا چىقتىم دە-خىيال قۇشلىرىمىنى ئەركىن قۇيۇۋەتتىم...ئۇشبۇ گۈزەللەر دىيارى مەندەك ناتىۋان ئوغىلىنى قانداقراق كۈتۈۋالاركىن؟ ئاچچىق ھەسرىتى بىلەنمۇ ياكى تاتلىق كۈلكىلىرى بىلەنمۇ...داۋامى بار

                                                      2-ئۈرۈمچى-غۇلجا-كارۋان ئۆكسىمەس يوللار

yexilbulut يوللانغان ۋاقتى 2014-10-18 09:02:03

مەنمۇ كىچىكىمدىن  ئىلى-غۇلجا تەرەپلەرگە بەكلا بېرىپ باققۇم كېلەتتى ئەمما باشقا خېلى شەھەرلەرگە بېرىش نېسىپ بولغان بولسىمۇ غۇلجا تەرەپكە بېرىپ باقماپتىمەن بارارمەن خۇدايىم بۇيرىسا ...قىزىقىپ ئوقۇۋاتسام تۈگەپ قالدى    ..:o

yuwax0999 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-18 09:20:47

غۇلجا سىزگە قانداق تەسىر بەردىكىن بەكمۇ قىزىقىۋاتىمەن .بەزىدە كىشى بەكمۇ يۇقۇرى تەلەپتە تەسەۋۋور قىلىۋالىدۇ كورمىگەن نەرسىلەرنى..:)

OCUZ يوللانغان ۋاقتى 2014-10-18 09:52:05

تىما ئىگىسىگە رەھمەت!ئەسىرىڭىزنىڭ داۋامىنى ئوقۇشقا ئالدىراۋاتىمەن!

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-10-18 11:59:59

غۇلجىنى بالىلىق چاغلىرىمدىكى غۇلجىغا ئوخشىتالمىساممۇ، ئەمما بۇ ھېلىھەم قوينى كەڭرى بىر تۇپراق...
غۇلجىغا كېلىدىغانلار كەتكەندىن كېيىن تەسىرات يازىۋەرمەي، كېلىشتىن ئاۋال ئۇچۇرمۇ بېرىۋىتىڭلار، ئەتكەن چاي بىلەن بولسىمۇ كۈتىۋالىمىز.

xaqan يوللانغان ۋاقتى 2014-10-18 14:27:52

بۇدا چوقۇم  مېڭىشتىن بۇرۇن بىر ئۇچۇر قىلاي. ئەتكەن چاي ئىچىشكەچ گۇڭۇر-مۇڭۇر بولىشارمىز.

zemindar يوللانغان ۋاقتى 2014-10-18 14:40:48

xaqan يوللىغان ۋاقتى  2014-10-18 14:27 static/image/common/back.gif
بۇدا چوقۇم  مېڭىشتىن بۇرۇن بىر ئۇچۇر قىلاي. ئەتكەن چاي  ...
ئايلاپ، ھەپتىلەپ بىرەر تال ئىنكاسىنى كۆرگىلى بولمايدىغان ماۋۇ ئاداشمۇ غۇلجىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ پەيدا بوپتۇ، قارىغاندا بۇ ژىتىمنىڭمۇ غۇلجىغا مۇھەببىتى كۈچلۈك ئوخشايدۇ... :lol

xaqan يوللانغان ۋاقتى 2014-10-18 15:39:09

zemindar يوللىغان ۋاقتى  2014-10-18 14:40 static/image/common/back.gif
ئايلاپ، ھەپتىلەپ بىرەر تال ئىنكاسىنى كۆرگىلى بولمايد ...

غۇلجىغا بولغان مۇھەببىتىم يۇقىرى. بۇنى دېمىسەممۇ بىلىلا ھەقاچان. :lol

zemindar يوللانغان ۋاقتى 2014-10-18 15:41:55

شۇ مۇھەببەتلىرى تېخىمۇ كۈچىيىپ كەتسۇن، لېكىن مۇھەببەتلىرىنىڭ نوپۇسى تاغ ئاتلاپ ئەتكەنچاي ئىچكىلى كېتىپ قالمىسۇن! ;P

2828288 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-18 18:10:14

نىمە دىگەن جىق گەپ بۇ؟ غۇلجىغا كەلسەڭلار بىنانىڭ قەۋىتىنى سانىغىلى قويىمىز ھازىر.ھەممە يەر كايفا، كوچىدا لۈم لۈم ئەدەم، تۇرۇپ باياندايغىچە تۇرۇپ كەتكەن ماشىنا، پىچەتلىرى ئاكاملارنىڭ، ئەرشولىرى ئۇيغىرەكنىڭ  مانا مۇشۇنداق :lol

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-18 18:25:36

مەن بىرىپ باقمىغان ئاقسۇ بىلەن غۇلجا قاپتۇ. خەپ بارامەن بىر كۇنى

alip يوللانغان ۋاقتى 2014-10-18 19:39:36

مەن ئۆتكەن يىل بىر قېتىم باردىم، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى خاتىرە سارىيىدا بوغۇزۇم ئاچچىق بولۇپ، كۆزىمدىن ياش چىقىپ كېتىپتۇ. ئۇ يەردىن يېنىپ ئۈرۈمچىگە بېرىپ بولغۇچە مەست بولۇپ قالغاندەكلا يۈردۈم.

uyghur7800 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-18 21:05:30

qoldikibulah يوللانغان ۋاقتى 2014-10-18 22:27:40

2013-يىلى ئاۋغۇست ئېيىدا بارغان ئىدىم،ھەقىقەتەن گۈزەل يۇرتكەن. ئەزەلدىن كۆرۈشۈپ باقمىغان،تونۇشمايدىغان بىرسى بىلەن يېقىن دوست بولۇپ قېلىشىمنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم... مېھماننىڭ بەك ھۆرمىتىنى قىلىدىكەن...

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-19 12:22:40

ياخشى يېزىلىپتۇ ،غۇلجىدا ئۆيلەر بەك پاكىز ، ئەمما تىجارەت ئاشخانىلىرى پاكىز ئەمەستەك تۇيغۇ بەرگەنتى ماڭا ...

غۇلجا سان -ساناقسىز ئەسلىمىلەرنىڭ ، يادىكارلىقلارنىڭ ماكانى ، ئۇنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ ، بوۋىلار دەسسەپ ئۆتكەن ھەربىر تاش ، ياتقان ئۆڭكۈرلەر ، تىككەن دەرەخلەر ....

iltebir107 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-23 19:36:37

بۇ يازمىنىڭ ئۆزىدە تەسۋلەنگەن غولجىنىڭ مەنزىرىسى بۇلۇپ قالماستىن ئاشۇ جايدىكى ئەستىن چىقماس تارىخىي ۋەقەلەر ۋە داڭلىق شەخىسلەر دەپ قارايمەن.

pari87 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-23 20:01:26

گۈزەل غۇلجامغا قىلغان سەپىرىڭىزنىڭ خەيرىلىك بولىشىغا تىلەكداشمەن ..ساياھەت خاتىرىڭىزنىڭ  داۋامىغا تەشنامەن .
بەت: [1]
: ئابرال خاتىرلىرى-ئىلىخوغا سەپەر