kowruk_cn يوللانغان ۋاقتى 2014-10-17 17:03:16

[خەتلىك فىلىم] مۇردا كېلىن



فىلىم نامى: مۇردا كېلىن
ئېنگىلىزچە نامى: Corpse Bride
ئىشلەنگەن ۋاقتى: 2005-يىلى
دۆلىتى: ئامېرىكا
تۈرى: كارتون/ ۋەقەلىك
تىلى: ئېنگىلىزچە
يېزىقى: ئۇيغۇرچە
IMDB نومۇر: 7.4
رازمىرى: 1280x720
چوڭلىقى: 1.36GB
فىلىم ئۇزۇنلىقى: 01:17:11
رېژىسسور: Tim Burton
باش روللاردا:  Johnny Depp, Helena Bonham Carter, Emily Watson

فىلىم ھەققىدە:
ۋىكتورنىڭ ئاتا-ئانىسى ئوغلى ئۈچۈن بىر توي مۇراسىمى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، بولغۇسى ئايالى بولسا ۋەيران بولاي دەپ قالغان ئاقسۆڭەك ئائىلىسىنىڭ قىزى ۋىكتورىيە ئىدى. ئۇلار ھەر ئىككىلىسى توي قىلىشنى خالىمايتتى، ئەمما ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىرادىسىگە قارشى تۇرالماي، ئۇلار بۇ تويغا مەجبۇرى ماقۇل بولغان ئىدى، ئەمما توي رېپېتىتسىيە كۈنى ئۇلار بىر-بىرىنى كۆرۈپ ياقتۇرۇپ قېلىشىدۇ، ۋېكتور بۇ كۈنى بەك جىددىيلىشىپ تولا سەۋەنلىك ئۆتكۈزىدۇ. ئۇ ئورمانلىققا بېرىپ قەسەم سۆزلىرىنى يادلاۋاتقاندا، كۈتۈلمىگەن بىر ئىش يۈز بېرىدۇ، ئۇ ياغاچ دەپ سېلىپ ئۈزۈك سېلىپ قويغان "شاخ" بىر چىرىپ كەتكەن قولغا ئايلىنىپ قالىدۇ، بۇ چىرىپ كەتكەن قول بولسا ئىلگىرى قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن بىر مۇردا كېلىننىڭ قولى ئىدى...

http://download.kowruk.cn/image/corpsebride/01.jpg

http://download.kowruk.cn/image/corpsebride/02.jpg

http://download.kowruk.cn/image/corpsebride/03.jpg

http://download.kowruk.cn/image/corpsebride/04.jpg

http://download.kowruk.cn/image/corpsebride/05.jpg

http://download.kowruk.cn/image/corpsebride/06.jpg

بۇ بەتكە كىرىپ، چۈشۈرىمەن دېگەن كونۇپكىنى بېسىپ، شۈنلېيدىن چۈشۈرۈۋېلىڭ.
باشقا مۇنبەرگە كۆچۈرۈپ يوللىغۇچىلار سەمىگە: چۈشۈرۈش ئادرېسى ئۈچۈن مەزكۇر فىلىمنىڭ تور بېكىتىمىزدىكى ئادرېسىنى قالدۇرۇپ قويغايسىزلەر، فىلىمگە مۇناسىۋەتلىك ئۆزگەرتىشلەر بولسا، فىلىمنى شۈنلېيدىن ئۆچۈرۈپ يېڭىسىنى چىقىرىمىز، بۇ سەۋەبتىن بىۋاستە يېزىپ قويۇلغان شۈنلېينىڭ چۈشۈرۈش ئادرېسىدىن چۈشۈرەلمسلىك ئەھۋالى كېلىپ چىقىشى مۇمكىن.

Captain يوللانغان ۋاقتى 2014-10-17 18:23:36

ئېسىل كارتوندە ئەمما {:90:}{:90:} رەھمەت !!

razzak0903 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-17 18:36:20

قايسى كۈنى ئۇرۇمچى تىلۋىزىيە ئىستانسىنىڭ قانىلىدا بىرۋاتقان ئىدى.
ئەسلى يىڭى فىلىم ئىكەندە بۇ ، كىنو دىگەننىڭغۇ  خەتلىكىنى كۆرمىسە بىكا:lol

tamqa1 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-17 18:37:19

بۇرۇن بىرقىتىم كۆرگەندىم ، ھەقىقەتەن ئىسىل كارتون

asalam يوللانغان ۋاقتى 2014-10-17 18:41:36

مۇشۇ كارتوننى بىر كۆرۈش ئىستېكىم بار ئىدى ، بىراق قەتتى پۇرسەت بولمىغان ، ئەمدى ئۇيغۇرچە خەتلىكىنى كۆرىدىكەنمەن.

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2014-10-17 19:12:46

رەھمەت كۆۋرۈك.
ھازىر چۈشۈرىۋاتىمەن. تور بېتىڭلار بەك كۆركەم، سۈپەتلىك لايىھەلىنىپتۇ. ماڭا يارىدى. توربەت ئادرىسىنى ساقلىغۇچقا قىستۇرۇپ قويدۇم.

uyghur7800 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-17 19:17:22

uyghur7800 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-17 19:19:20

chataxchi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-17 20:06:46

ئاندىروئىد تېرمىنالى يوقكەنغۇ؟

sarwan يوللانغان ۋاقتى 2014-10-18 00:44:39

uyghur7800 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-17 19:17 static/image/common/back.gif
مۇشۇ فىلىم قويۇلغان يىلى مەن ئەمدىلا تولۇقسىز ئوتتۇرغ ...

مۇشۇ فىلىم قويۇلغان يىلى مەن ئەمدىلا تولۇقسىز ئوتتۇرغا چىققان يىلىم ئىدى خەنلەر بىلەن ئوقۇغاشقامىكىن بىر چوڭ ئاپام ئىز رومانىنى كۆتۈرۈپ كەپتىكەن مۇشۇنى ئوقى دەپ مەن قارسام كۆزۈم يەتمىدى ، ئۇيغۇرچە يىزىش سەۋيەم بەك تۆۋەن بولغاچ ئۇ كىتاپنى تولۇقسىزنى پۈتتۈرگىچە ئوقىيالمىغان ئىدىم. مۇنۇ فىلىم شۇ ۋاقىتلارنى ئەسلەتتى ، 9 يىل بولۇپ قالدى مۇنۇ فىلىم قويۇلغىلىمۇ.

توققۇز يىل بوپتۇ. ئۇ كىتابنى ئوقۇپ بولالىدىڭىزمۇ؟

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2014-10-18 07:59:24

تاللا تېلېۋىزىيىدە ئۇيغۇر تىلىدىكىسى باركەن، ياقتۇرۇپ كۆردۈم.

asalam يوللانغان ۋاقتى 2014-10-18 08:56:34

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   asalam تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-18 10:34  


ئاۋۇ كۆپقىسىملىق تۈركىيەنىڭ فىلىملىرىمۇ خەتلىكما ؟

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2014-10-18 11:57:12

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. كۆۋرۈك تورىدىكى كارتون فىلىملارنى چۈشۈرۈگىلى بولىدىغان ئادرىسنى تەمىنلىگىلى بولماسمۇ؟ ئاۋۇ ‹‹ئەقىللىق يېشىيۇ››، ‹‹خىمەن›› دېگەن كارتونلارنى چۈشۈرۈپ ئۆيدە باللىرىمغا قويۇپ بىرەي دېگەنتىم. رەھمەت!

Typography يوللانغان ۋاقتى 2014-10-18 19:25:07

نەچچە قېتىم كۆرىمەن دەپ كۆرۈپ بولالمىغان ئەمدى ئۇيغۇرچىسى چىقىپتۇ دەپ خۇشال شۈنلىيغا ئەكىرسەم باشتا خېلى يامان ئەمەس مېڭىۋاتقان ئەمدى توختاپلىۋالدى .

چۈشۈرۋالسام بۇلاتتى مۇشۇ كارتوننى.

Typography يوللانغان ۋاقتى 2014-10-18 19:26:16

ps:ئەمما ئاۋۇ مۇقاۋىدىكى خەت بەك پەچەت يېزىلىپتۇ. ئەسلى مۇقاۋىغا بەك يېقىن كەپتۇ.

uyghur7800 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-18 20:36:07

kowruk_cn يوللانغان ۋاقتى 2014-10-18 22:01:02

chataxchi يوللىغان ۋاقتى  2014-10-17 20:06 static/image/common/back.gif
ئاندىروئىد تېرمىنالى يوقكەنغۇ؟

Android ئىشلىنىۋاتىدۇ، iOS تەستىقلىنىۋاتىدۇ...

kowruk_cn يوللانغان ۋاقتى 2014-10-18 22:03:01

asalam يوللىغان ۋاقتى  2014-10-18 08:56 static/image/common/back.gif
ئاۋۇ كۆپقىسىملىق تۈركىيەنىڭ فىلىملىرىمۇ خەتلىكما ؟

ئۇلار خەتلىك ئەمەس.

kowruk_cn يوللانغان ۋاقتى 2014-10-18 22:08:04

Birzat يوللىغان ۋاقتى  2014-10-18 11:57 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. كۆۋرۈك تورىدىكى كارتون فىلىملارنى ...

بۇلارنى بىز توردا كۆرۈش ئۈچۈنلا youku غا چىقارغان ئېدۇق، بۇلار سۈزۈك ئەمەس ھەم قىسىملىرى كۆپ بولغاچقا توردېسكىلىرىغا چىقارمىغان.

kowruk_cn يوللانغان ۋاقتى 2014-10-18 22:14:17

Typography يوللىغان ۋاقتى  2014-10-18 19:25 static/image/common/back.gif
نەچچە قېتىم كۆرىمەن دەپ كۆرۈپ بولالمىغان ئەمدى ئۇيغۇر ...

نورمال چۈشۈۋاتىدۇ، ئەگەر بەك چۈشمىسە تاۋباۋدىن شۈنلېينىڭ بىر كۈنلۈك VIP ئاكونتىدىن بىرنى سېتىۋېلىپ چۈشۈرۋالسىڭىز بولامدىكىن، بىر كۈنلىكى بىر مو، ئاۋۇ 高速通道 بىلەن 离线下载 ئېچىلسا ئىتتىك چۈشەتتى.
بەت: [1] 2
: [خەتلىك فىلىم] مۇردا كېلىن