imirghazi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-17 16:40:52

كىم ئارتۇق قىلىپ چىلان سودىسى قىلىشامدۇق

ئەسسالامۇئەلەيكۇم دوستلار خۇدايىم بەندىسىنىڭ رىسقىنى ھەرخىل يوللار بىلەن بېرىدىكەن ، مانا بۈگۈن بولۇنماقچى بولغان سودىمۇ خۇدايىمنىڭ بىزلەرگە بەرگەن بىر پۇرسىتى . دوستلارنىڭ مۇشۇنداق بىر سودا پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپقويماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز

ئالدى بىلەن تۆۋەندىكى سانلىق مەلۇماتلارنى تەپسىلىي كۆرۈپ چىقىڭ

چىلان ئىسمى :قاپاق چىلان( جېڭزور 骏枣)
چىلانلىق كۆلىمى : 45 مو
چىلاننىڭ يېشى: 2010-يىلى تېرىغان 2011- ئۇلىتىلغان
چىلاننىڭ ئومۇمىي تۈپ سانى: ئون مىڭ تۈپ ئەتراپىدا( 10000+/- تۈپ )

قوشۇمچە :(1)بۇلتۇرقى1000تۈپ ياڭاق كۆچىتى بار ( 500 تۈپى ئۇلىتىلغان )
               (2)25 يىللىق يەر توختامى بار

چىلاننىڭ يىللىق مەھسۇلات مىقدارى ۋە كىرىم ئەھۋالى :
1-يىلى (ئېنىق ئەمەس) توننا (   ئون مىڭ   ) يۈئەن
2-يىلى (   ئىككى يېرىم توننا ئەتراپىدا   ) / ( ئاتمىش مىڭ) يۈئەن   
3-يىلى ( يەتتەتوننا ) / (توقسان ئالتە مىڭ   ) يۈئەن   
4-يىلى ( ئون ئىككىدىن ئون تۆت توننا ئەتراپىدا) توننا (                  ) يۈئەن

چىلانلىقنىڭ ئورنى : خوتەن ۋىلايىتى چىرا ناھىيە چىرا يېزامازار كۆل كەنتى ( 15 -مەھەللە )
يۇقاردىكى 45 مو چىلانلىق يەر بىلەن كۆتۈرە كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىلماقچى


ئۈستىدىكى ئەسلى رەسىم بەك چوڭ بولۇپ تورغا يوللىغىلى بولمىغاچقا %15 كە كىچىكلىتىلگەن
ئەلۋەتتە ئەتە نېمىش بولىدىغانلىقىنى پەقەت ئاللاھلا بىلىدۇ ، بىز پەقەت پەرەز ۋە مۆلچەر قىلالايمىز
سودا قىلغان ئادەم پايدىنى كۆزلەپ سودا قىلىدۇ شۇنداق بولغاندىكىن بىز ئالدى بىلەن بۇ چىلانلىقنىڭ كەلگۈسىدىكى پايدىسى قانچىلىك بىر مۆلچەرلەپ باقايلى:
ئەڭ ئالدى بىلەن بىزنىڭ ئويلىشىدىغىنىمىز سۇغىرىش مەسىلىسى
بۇ يەرگە ئاسانلىقچە ئۆستەڭ سۈيى كەلمەيدۇ ، لېكىن يەر ئاستى سۈيى خۇدايىم بۇيرىسا ناھايىتى ياخشى ، چىرىنىڭ يەر ئاستى سۈيىنى بىۋاستە بوتۇلكىغا قاچىلاپ ساتسىمۇ كاڭ ئۇستامنىڭ تازىلانغان سۈيىدىن قېلىشمايدۇ. گۇلاخما يېزا ئاھالىسىنىڭ ئىچىملىك سۈيى چىرىنىڭ يەر ئاستى سۈيىدىن كەلگەن .
تۇپرىقى : قۇمساڭ بوز تۇپراق ، شال ئۆستۈرۈشكە ماس كەلمەيدۇ ، بۇ يەر پەقەت مېۋە-چېۋە ئۆستۈرۈشكە ماس كېلىدۇ . چىرىنىڭ ’ ئاچچىق گۇل رىۋايىتى ‘ بىكارغا كەپ قالغان ئەمەس ، كونىلاردا ’ ئۆچكىدە مال ئەتمەڭ ، شاپتۇلدا باغ ‘ دەيدىغان ماقال-تەمسىل بار چۈنكى شاپتۇل تۇپراق ئازراقلا ناچار بوپ قالسا قۇرۇپ قالىدۇ . مانا بۇ يەرگە شاپتۇل تېرىسىڭىزمۇ سۇغارماي ياكى ئوت قالاپ قۇرىتىۋەتمىسىڭىز قۇرۇپ كەتمەيدۇ . مېۋە شىنجاڭنىڭ ھەممە جايىدا ئاساسەن بولىدۇ ،لېكىنچىرىنىڭ ئانىرىنى ، ئۆرۈكىنى ، چىلىنىنى ، ياڭىقىنى يەپ باققانلار چىرىنىڭ ئوق ئۆسەڭنى بويلاڭ مېڭىپ باققانلار چىرىنىڭ مېۋىسىنىڭ تەمىنىڭ قانداقلىقىنى ۋە قانداق بولىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ .
خوش ئەمدى بىز مېۋىدىن قانچىلىك كىرىم بولىدىغانلىقىنى تۆۋەن بولغاندىمۇ ئەڭ تۆۋەن كىرىم بىلەن مۆلچەرلەپ باقايلى
بىر تۈپ چىلاندىن ئون يۈئەندىن ھوسۇل ئالساق ئون مىڭ تۈپ چىلاندىن يۈز مىڭ يۈئەن كىرىم بولىدۇ
ئەلۋەتتە چىلاننىڭ بولىقىغا كىرىدىغان ۋاقتى ئەمدى كەلدى. بىر تۈپ چىلانغا بىر يۈئەن قېتىلسا ئون مىڭ تۈپ چىلانغا ئون مىڭ يۈئەن قېتىلىدۇ دېگەن گەپ . ساننى ھەرگىز كىچىك چاغلاشقا بولمايدۇ.
گەرچە ياڭاق بۇ يىل مېۋىگە كىرمىگەن بولسىمۇ خۇدايىم بۇيرىسا ئۈچ-تۆت يىلدا بولمىدى دېگەندىمۇ بىر تۈپ ياڭاقتىن يۈز يۈئەنلىك ياڭاق ئالغىلى بولىدۇ مۇشۇ بويىچە ھېسابلىساق مىڭ تۈپ ياڭاقتىن يۈز مىڭ يۈئەن كىرىم بولىدۇ.
ئەمدى قېنى سىز بۇ سودىغا قىزىقسىڭىز بۇ يەرنىڭ يىللىق ئەڭ تۆۋەن كىرىمىنى ئۆزىڭىز ھېسابلاپ كۆرۈڭ .

يەر ئىگىسى مەتۇرسۇن ئاخۇن ئاكىمىزنىڭ ئائىلىسى چىرىدا بولمىغاچقا ۋە ئۆزى يالغۇز بۇ يەرنى باشقۇرۇپ بولالمىغاچقا چىلانلىقنى يەر بىلەن كۆتۈرە كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىۋەتمەكچى بولۇپ مېنى ياردەمگە چاقىرتىپتىكەن مەن ھازىر ئۇ يەردە بولمىغاچقا ئالدى بىلەن چىلانلىقنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرۈپ باقايلى دەپ ئۆز ئاكامنى مەخسۇس ئەۋەتىپ بۇ يەرنىكۆزدىن كەچۈرۈپ تەكشۈرتكۈزدۈم .ئاندىن بۇ كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش سودىسىنى توردا ئوچۇق -ئاشكارە بازارغا سالدىم . ئەگەر چىرىنىڭ يەر ئەھۋالىنى ئۇقمىسىڭىز تورداشلار ئېيتىپ بەرسىمۇ بولىدۇ ياكى ئۆزىڭىز بېرىپ تەكشۈرۈپ كەلسىڭىزمۇ بولىدۇ .

ئارىمىزدا مېۋە-چېۋە ، يەر-زېمىن سودىسى ، باغۋەنچىلىك ، مەبلەغ سېلىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان دوستلارنىڭ سودىگەرلەرنىڭ بۇ پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز .
يەر -ئالتۇن قوزۇق ، يەر -ۋەتەن دېمەكتۇر . ۋەتەنسىز ئەر -ئىپپەتسىز ئەردۇر . ئەلدىن ئەلگە نەپ . قوينۇمدىن چۈشسە قونجۇمغا. ئەمما لېكىن بىراق شۇنىمۇ ئۇنۇتماسلىق كېرەككى قىزىل قەغەز ئىناق ئائىلىنىڭ سىمۋولى ، ئۇنى كىم
شاراقشىتسا بەلكىم ئۆي ئايرىپ ئولتۇرماسلىقىمىز مۇمكىن .

مەن ئىمىرغازى بۇ سودىنىڭ بېدىكى بولىمەن ، ئاللاھ خالىسا سودىنىڭ ئادىل بولۇشى ئۈچۈن چانىلىپ كەتسەممۇ مەيلى چۈنكى مەن ساتقۇچى ۋە ئالغۇچى ئىككى تەرەپتىنىڭ ھەر بىرىدىن بىر پېرسەنتتىنشېرىنكانە ئالىمەن .

بىز سودىنى ئادىل ۋە ھالال قىلىش ئۈچۈن ھەممىنى توردا ئوچۇق – ئاشكارە ئېلان قىلدۇق ، تور مەۋھۇم بولسىمۇ كومپيۇتېرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغان ھەر بىر جان رېئال ، كومپيۇتېرنىڭ ئالدىدا نېمىش قىلىۋاتقىنىمىزنى ھېچكىم بىلمىسە خۇدايىم كۆرىدۇ ۋە دولىمىزدىكى ئىككى پەرىشتە خاتىرلەپ ماڭىدۇ . خۇدايىم بۇيرىسابۇ بەلكىم بىزنىڭ ئارىمىزدىكى ’ توردا كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش سودىسى‘ نىڭ باشلانمىسى بوپ قالغۇسى . شۇڭا دوستلارنىڭ بۇ ’ توردا كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش سودىسى‘غا پائال كۆڭۈل بۆلۈپ ئىشتىراك قىلىپ ، ئەستايىدىل پوزىتسىيە تۇتۇپ سەمىمىي ۋە ئاكتىپ بولغان تەكلىپ- پىكىرلەرنى بېرىشىنى ، ئۆز -ئارا خەۋەرلەندۈرۈپ ئەلدىن ئەلگە نەپ يەتكۈزىشىنى چىن دىلىمىزدىن سەمىمىي ئۈمىد قىلىمىز .
ساتقۇچى تەرەپ: مەتۇرسۇن ئاخۇن   15999374041 ؛ 18016991619
خەنزۇچە ئالاقىلىشىشكە توغرا كەلسە : مەتغازى13649948312
چۈشەنمىگەن باشقا ئىشلار بولسا مېنى ئىزدەڭ ، ئىمىرغازى 18993033160
                        
ئەمىسە سودا باشلاندى
ساتقۇچى تەرەپنىڭ قويغان باھاسى:
                                                    يەتتە يۈز مىڭ يۈئەن







ArslanTekin يوللانغان ۋاقتى 2014-10-18 07:03:45

گۇلاخما يېزا ئاھالىسىنىڭ ئىچىملىك سۈيى چىرىنىڭ يەر ئاستى سۈيىدىن كەلگەن .
ئاتە پونى ...
بۇ يىللىق چىلاننىڭ بازار مۆلچەرىدىنمۇ خەۋەر بىرىۋىتىڭلار .

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-18 07:08:20

( جېڭزور 骏枣       جۈنزاۋ ( بۇنى ناھىيىمىزدە ئارغىماق چىلان دەپ ئاتايدۇ )

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-18 07:09:14

تېرىلغۇ يەرنى ئېلىپ سېتىش قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەت ئىكەنلىگىدىن خەۋىرىڭىز يوقما ؟

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-18 07:09:45

سىز بىر ۋاستىچى بولغاندىكىن بۇنداق ئىشلاردىن خەۋىرىڭىز بار چۇقۇم ...

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-10-18 08:52:09

hiyalqi يوللىغان ۋاقتى2014-10-18 07:09 static/image/common/back.gif
تېرىلغۇ يەرنى ئېلىپ سېتىش قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەت ئىكەن ...

كىم دەيدۇ تېرىلغۇ يەرنى ئېلىپ سېتىشنى قانۇنسىز دەپ.
农村土地流转 دىگەن گەپنى ئاڭلىمىغانما ؟
http://www.pxny.cn/html/4122/4122.html

xaqanjan يوللانغان ۋاقتى 2014-10-18 09:13:53

بۇ يىل چىلان ئاقسۇدا 3 يۈەندىن باشلاپ 5 يۈەنگىچە بولىۋاتىدۇ ،ئۆتكەن يىلقى 9~20 كويغىچە بولغان بازار يوق.

bagzad12 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-18 10:34:55

خۇتەندە ئەڭ يۇقىرىسىنى6يۇەندىن ئالغىنىنى ئاڭلىدىم .(قوشنىمىز شۇندا ساتتى)لىكىن تۇۋەن سېتىلغىنى 1يۇەن

tuz يوللانغان ۋاقتى 2014-10-18 10:56:04

ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم
500مىڭغا ساتامسىز ؟ بەش يىلدا ، ھەر يىلى 100مىڭ يۈئەندىن بىرىمەن . قانداق كەلدۇقمۇ ؟

abdrtt يوللانغان ۋاقتى 2014-10-18 11:25:02

500 مىڭ يۈەن بىر قېتىم {:92:}

imirghazi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-18 11:27:19

tuz يوللىغان ۋاقتى2014-10-18 10:56 static/image/common/back.gif
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم
500مىڭغا ساتامسىز ؟ بەش يىلدا ، ھەر...

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ، يەنە بىر ئەستايىدىل ئويلىشىپ كۆرۈڭ :)

oylan يوللانغان ۋاقتى 2014-10-18 11:48:40

500 مىڭ يۈەن ئىككى قېتىم :victory:
يەنە ئۆرلەيدىغانلار چىقمىسا مۇشۇ باھاغا سېتىلىدۇ.:D

tuz يوللانغان ۋاقتى 2014-10-18 12:28:47

imirghazi يوللىغان ۋاقتى2014-10-18 11:27 static/image/common/back.gif
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ، يەنە بىر ئەستايىدىل ئويلىشىپ ك ...

ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم

ئەستايىدىل ئويلاندىم ، بىرى سۈيىنى ھەل قىلىپ بىرىسىز ؟ ئىككىنجى يولى بارمۇ- يوق؟ يول بولمىسا بولمايدۇ . ئۈچۈنچى توختامنى مېنىڭ نامىمغا ئۆزگەرتىپ بىرىسىز . بۇ يىل 100 مىڭنى ئالدىن بىرىمەن ، قالغان 400مىڭنى 4 يىلدا ھەر يىلى 100مىڭدىن بىرىمەن . قانداق توختام يازىمەن دىسىڭز ئالدىمىزدىكى ھەپتە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغىلى بارىمەن . لېكىن ئاۋارە قىلسىڭىز بولمايدۇ .

imirghazi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-18 12:43:18

tuz يوللىغان ۋاقتى2014-10-18 12:28 static/image/common/back.gif
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم

ئەستايىدىل ئويلاندىم ، بىرى سۈيى ...

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام
مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم سىزنىڭ دېگەن باھايىڭىز كام بوپ قالدى دېمەكچى ،
ئاق يەرنى مىڭ بىر جاپادا باغ قىلىپ ئەمدى بولىقىغا كىرىۋاتىدۇ، بۇندىن كېيىنكى جاپا ھەرگىزمۇ جاپا ئەمەس .
ئەلۋەتتە بۇنچىلىك سودىنى توردا ئوچۇق ئاشكارە قىلغان ئادەم باشقا جەھەتتىكى ئىشلارنىمۇ ئويلىشىدۇ . بۇنىڭدىن خاتىرجەم بولۇڭ . خۇدايىم بۇيرىسا سودىنى ئادىل قىلىمىز . چىلانلىققىچە يول بار ، ئۇنىڭ ئاستىغا يول يوق ، چىلانلىقنىڭ ئاستى جاڭگاللىق( قۇملۇق ) .
بىز بۇ يەرنى كىم ئارتۇق قىلىپ ساتايلى دەپ شۇڭا ئەڭ تۆۋەن باھانى ئوتتۇرىغا قويدۇق . پايدىنى ياخشى مۆلچەرلىيەلىسە يۇقىرىسى قانچىلىك ئۆرلىسە قانچىلىك ئالالىسا بولىدۇ .

ErkinQush يوللانغان ۋاقتى 2014-10-18 12:55:07

ئاقسۇغا يۆتكەپ بېرەلىسىڭز600 مىڭ
:lol

imirghazi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-18 13:11:29

ErkinQush يوللىغان ۋاقتى2014-10-18 12:55 static/image/common/back.gif
ئاقسۇغا يۆتكەپ بېرەلىسىڭز600 مىڭ

ھە بوپتۇ بۇ يىللىق چىلاننى يۆتكەپ بېرەي بەش يۈز مىڭ :lol

imirghazi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-18 13:13:22

ErkinQush يوللىغان ۋاقتى2014-10-18 12:55 static/image/common/back.gif
ئاقسۇغا يۆتكەپ بېرەلىسىڭز600 مىڭ

ئاقسۇنى يۆتكەپ ئەكىلەلىسىڭىز تۆت يۈزمىڭ :lol

Uyghuri يوللانغان ۋاقتى 2014-10-18 13:20:41

bagzad12 يوللىغان ۋاقتى2014-10-18 10:34 static/image/common/back.gif
خۇتەندە ئەڭ يۇقىرىسىنى6يۇەندىن ئالغىنىنى ئاڭلىدىم .(ق ...

قاپاق چىلاننىپەقەتلا پۇلغا ئالمىدى بۇ يىل

imirghazi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-18 14:05:09

Uyghuri يوللىغان ۋاقتى2014-10-18 13:20 static/image/common/back.gif
قاپاق چىلاننىپەقەتلا پۇلغا ئالمىدى بۇ يىل

بۇ يىلقى پايدىنى كۆزلىسە كۆپ پايدا چىقماسلىقى مۇمكىن ، لېكىن بۇ يىگىرمە بەش يىللىق يەر ، يىللىقى يىگىرمە سەككىز مىڭ يۈئەن توختايدۇ، چىلاننىڭ باھاسى چۈشۈپ كېتىپ قالسا دەپ ئالدىن مىڭ تۈپ ياڭاق سېلىنغان . ياڭاق بولىقىغا كىرسە بىر تۈپ ياڭاقتىن ئەڭ تۆۋەن بولغاندىمۇ يۈز يۈئەن كىرىم بولىدۇ .
ئەگەر سىز كونا زەرگەرنىڭ قېشىغا بارسىڭىز مۇنداق ئىشقا يولىقىسىز ، يەنى ئۇلار ئالتۇن باھاسى قانچىلىك ئۆرلەپ كەتسۇن ياكى قانچىلىك چۈشۈپ كەتسۇن ئۇلار ھەر ۋاقىت سەرراپتىن ئالتۇن ئالىدۇ . چۈنكى ئۇلاردەيدۇكى « بىز ئەزەلدىن ئالتۇن ساقلاپ جان بېېقىۋاتقان ، چۈشۈپ ئۆسۈپ تۇرىدىغان بولغاچقا سودا ياخشى بولىدۇ ، چۈشۈپ كېتىشتىن قورقساق سودا قىلماي نەخ پۇلنى خەجلەپ دەسمىينى يوق قىلساق بولىدۇ ، بىز نەخ پۇل ساقلىمايمىز ئالتۇن ساقلايمىز » .
سەرراپلارچۇ ؟ ئۇلارنىڭ ئالتۇنى بىر گىرامدا بىر يۈئەن ئاستىن - ئۈستۈن بولسانەچچە كىلو ئالتۇندا نەچچە يۈزمىڭ پايدا -زىيان مەسىلىسى كېلىپ چىقىدۇ . بىر كۈننىڭ ئىچىدىلا نەچچە قېتىم ئۆسۈپ نەچچە قېتىم چۈشۈپ تۇرىدۇ . ئەگەر ئۇلار باھانىڭ چۈشۈپ كېتىشىدىن قورقسا سەرراپ زەردار بولالمايدۇ . چوڭ سودىنى چوڭ پايدىنى كۆزلىگەن ئادەم باھانىڭ ئۆسۈپ چۈشۈشىدىن قورقمايدۇ ، ھاياتلىقتا ئېگىز -پەسلىكنىڭ بولۇپ تۇرغىنى ياخشى ، بولمىسا ئۇ ئۆلۈمدىن دېرەك بېرىدۇ .
ئەتە قانداق بولىدىغانلىقىنى ، كېلەر يىلى قانداق بولىدىغانلىقىنى ھېچقايسىمىز بىلمەيمىز ، ئاللاھ تەۋەككۈل قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ .

imirghazi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-18 14:31:52

مۇنداق بىر ھېكايە بولىدىغان ، بىر ئاتا-بالا بولۇپ ئىقتىسادى ناچار كۈنلىرىنىڭ بىرىدە بالىسى ئاتىسىنىڭ قېشىغا كېلىپ دەپتۇ « ئاتا بازاردا ئاتنىڭ باھاسى بەك ئەرزانكەن بىر ئات بىر تەڭگە بىرەنى ئېلىپ قويغان بولساق » ئاتىسى :« ئوغلۇم بۇ ئاتلار بەك قىممەتكەن بىز ئالماي تۇرايلى » . بىر مەزگىل ئۆتۈپ ئۇلارنىڭ ئىقتىسادى ياخشىلىنىپتۇ ، بىر كۈنى يەنە ئوغلى ئاتىسىنىڭ قېشىغا كېلىپ دەپتۇ :« ئاتا سىزگە بىر ۋاقىتتا ئات ئەرزانكەن بىر ئات بىر تەڭگە بىرنى ئېپ قويايلى دېسەم ئۇنىمىغانتىڭىز مانا ئەمدى بازاردىكى ئاتنىڭ باھاسى ئۆسۈپ بىر ئات يۈز تەڭگىگە چىقىپتۇ » ئاتىسى كۈلۈپ تۇرۇپ دەپتۇ :« ئوغلۇم ئۇ ۋاقىتتا ئات ھەقىقەتەن قىممەت ئىكەنتۇق ، ھازىر بەك ئەرزان بوپ كېتىپتۇ ، يۈر بازارغا بېرىپ نەچچە ئات ئېلىپ قويايلى.»
ئەمەلىيەتتە پۇل يوق ئىقتىسات ناچار ۋاقىتتا ھەر قانچە ئەرزان نەرسىمۇ قىممەت كۆرىنىدۇ . پۇل بار ئىقتىساد ياخشى ۋاقىتتا قىممەت بولسىمۇ سودا ياخشى بولىدۇ ، مانا بۇ ئاتالمىش « سۇ سايغا ئاقىدۇ پۇل بايغا » دېگەن گەپنىڭ چۈشەندۈرىلىشى.
نامرات ئادەم نېمىشقا نامرات بولىدۇ ؟ چۈنكى ئۇ ئادەتتە ئەرزانراق بولسىكەن مەن پايدىنى جىق ئالسام دەپ ئىزدەپ ئاخىرى زىيان تارتىدۇ. مەسىلەن باي كىشى بازاردىن ئالما ئالماقچى بولسا ئالمىنىڭ ئەڭ نوچىسىنى قىممەت بولسىمۇ ئالىدۇ ، ئالما نوچى بولغاچقا ھۇزۇرلىنىپ ئولتۇرۇپ يەيدۇ ، نامرات كىشى بازاردىن بەك ئەرزان پۇلغا بەك جىق ئالما ئالدىم دەپ ئويلايدۇ ئۆيىگە ئاپارغاندا ئالمىنىڭ سۈپىتى ياخشى بولمىغاچقا يېرىمىنى ئاقلاپ تاشلايدۇ يېرىمىنى يەپ بولغۇچە ئېشىپ قالغىنى بۇزۇلۇپ تۈگەيدۇ ، ئاقىۋەتتە ھەم زىيان تارتىدۇ ھەم ھۇزۇر ئالالمايدۇ . ئىقتىسادنى قانداق ئىسراپ قىلىۋەتكىنىنى بىلەلمەيدۇ ، نامرات پېتى قېلىۋىرىدۇ .
دوستلارغا « باي دادام ، نامرات دادام » دېگەن كىتابنى ئوقۇپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن .
بەت: [1] 2 3
: كىم ئارتۇق قىلىپ چىلان سودىسى قىلىشامدۇق