dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-10-17 11:34:27

بىزمۇ بالىلاردىن ئۆگىنىپ باقايلى : غەمسىزلىكنىڭ 15خىل پىرىنسىپى

بىزمۇ بالىلاردىن ئۆگىنىپ باقايلى : غەمسىزلىكنىڭ 15خىل پىرىنسىپى


بىزبالىلارنى قانداق تەربىيىلەش ھەققىدە كۆپ باش قاتۇرۇپ كەتتۇق، ئەمما بالىلاردىنمۇ ئۆگىنىشكە تېگىشلىك خىلى كۆپ ئىشلار بارلىقىنى ئويلاپ باققان ياكى سىناپ باققانلار بەك ئاز بولۇشى مۇمكىن.
ئەتراپىمىزدا غەمسىز ئويناپ يۈرگەن ئەشۇ سەبىيلەرگە دىققەت قىلغىنىمىزدا، ئۆزىمىزنىڭمۇ شۇنداق دەۋرىنىڭ بولغانلىقىنى ئەسلەپ قالىمىز. ئەلۋەتتە، غەمسىزلىكنىڭ نېمە ئىكەنلىكى ھەممىمىز بىلىمىز، ئەمما ۋاقىت ۋە مۇھىتنىڭ تەسىرىدە بىز ئۇنى ئاساسەن يوقىتىپ بولدۇق.
بىز بالىلىقتا قالدۇرۇپ كەتكەن غەمسىزلىكنى ھازىرقى بالىلارنىڭ ھۇجۇدىدىن تاپالامدۇق؟ بۇ تامامەن مۇمكىن. مېنىڭچەئەنگىلىيىلىك بالىلار تەتقىقاتىچلىرى يەكۈنلەپ چىققان بالىلاردىن ئۆگىنىشىمىزگە تېگىشلىك 15 تۈرلۈك ئىشنى سىناپ بېقىشىمىزغا ئەرزىگۈدەك:



1.ھازىرنىڭ ئۆزىدە ياشاش (Be where you are)

بالىلار ھەقىقەتەنمۇ ھازىرنىڭ ئۆزىنى قەدىرلىگۈچىلەردۇر. لېكىن قورامىغا يەتكەن بىزلەر بولساق، شادلىق پەيتلىرىمىزنى ئەتىگە، ئۆگۈنىگە، كىلەر ھەپتىگە ئورۇنلاشتۇرۇشقا كۆنۈپ كەتكەن. ئەمەلىيەتتە ھازىر دەل بەھىرلىنىشنىڭ پەيتى، ئۇنى باشقىچە بىرتەرەپ قىلىشنىڭ ئورنى يوق.



2. ھەرۋاقىت يېڭى نەرسىلەرنى ئۆگىنىش (Learn something new)

بىزئۆزىمىزچە بالىلارغا دائىم ئۆگىنىش ناھايىتى قىزىقارلىق ئىش دەپ تەلىم بېرىمىز. ئەمەلىيەتتە بالىلار بىرتال خامخەتتىن تارتىپ يېڭىچە بىر چىراي ئىپادىسىگىچە قەدەر يېڭى ئېقتىدارلارنى يېتىشتۈرۈپ ماڭالايدۇ.ئۇلاردىكى ئۆگىنىشتىن ھۇزۇرلىنىش تۇيغۇسىنى ئۆزىمىزدە يېتىلدۈرەلىسەك كارامەت ئىش بولغان بولاتتى.



3.بىخەتەر رايوندىن چىقىپ كېتىش( Get out of your comfort zone)

يېڭى ئايىغى چىققان بالا پۈتۈن بىركۈن خەۋپ-خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىدۇ، ئەمما ئاللىقاچان پىشىپ-يېتىلگەن بىز بولساق ئۆزىمىزنىڭ بېخەتەررايۇنىغا مۆكۈنىۋىلىشقا ئامراق. ئەگەرھەركۈنى بىزدە كوچىغا كالتە ئىشتان كېيىپ چىققاندىكىچىلىك جۈرئەت بولىدىغان بولسا، تۇرمۇشىمىزدا بۇرۇقتۇرمىچىلىق ئازبولغان بولاتتى.


4.رىتىم ئىزدەش ( Find the beat)

قورامىغا يەتكەن كىشلەر ساقچى ماشىنىسىنىڭ سىگنالىدىن بەكمۇ بىزار، ئەمما بالىلارئۇنىڭ رىتىمىغا كەلتۈرۈپ ئۇسسۇل ئوينىيالايدۇ. بىزمۇ تۇرمۇش شاۋقۇنلىرى ئارىسىدىن ئۆزىمىزگە كېرەكلىك رېتىمىنى ئىزدەپ باقايلى.



5.كۈلۈمسىرىشى سىزنىڭكىدىن 27 ھەسسە كۆپ

تەتقىقاتلاردىن ستاتىكا ئېلىنشىچە بالىلار كۈندە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 400 قېتىم كۈلىدۇ، ھالبۇكى قورامىغا يەتكەنلەر بولسا ئاران 15 قېتىم كۈلىدۇ. كۈلكە – غەمسىزلىكنىڭ كاتالىزاتۇرى.



6.يامىشىش (Climb things)

بىركىچىك بالا ئۆزىنىڭ بىرجۈپ پۇتىنڭ كارامىتىنى بايقىغاندىن تارتىپلا، خىلمۇ-خىل نەرسىلەرگە يامىشىشنى باشلايدۇ. يەريۈزىدىن ھالقىپ چىققانلىكى نەرسىلەر ئۇلارنىڭ يامىشىش ئىلھامىنى قوزغىيالايدۇ. سىزبىرەر قورام تاش ياكى دەرەخكە يامىشىپ چىقىپ بېقىڭ، سىزچوقۇم ئۆزىڭىزنى ئالەمچە قۇدرەتلىك ھېس قىلىسىز.


7.تەبىئەتكە كۆڭۈل بۆلۈش (Notice nature)

ھەربىربالا چۈمۈلە، قۇش ۋە مامىكاپلارنى ھۆرمەتلەيدۇ. ئەممابىز قاچاندىن ئېتىبارەن بىتون ئورمانلىقتىكى مەخلۇققا ئايلىنىپ كەتتۇق؟ ئۆزىمىزنىڭ بالىلاردەك بۇ كەڭ-سىرلىق تەبىئەتنىڭ بىرئىلمىنتىغا ئايلاندۇرۇپ باقايلى.

8.قۇسۇرلىرىنى قۇبۇل قىلالايدۇ( Embrace flaws)

بالىلار ئۆزىنىڭ سەمىرىپ كەتكەنلىكىگە سىزگە قارىغاندا بەكەرەك دىققەت قىلىشىدۇ، ئەمما ئۇلار يەنىلا شۇنچە شاد-خورام ۋە خاتىرجەم.


9.تەسەۋۋۇرىنى جارى قىلىش (Use imagination)

بالىلار ئۆزىنىڭ تەسەۋۋۇر دۇنياسىدا سائەتلەپ ياشىيالايدۇ. ئۇلار خىيالىدا تايلاندقا بېرىپ پىل مىنىدۇ ياكى سەددىچىندە مارافونچە يۈگۈرەيدۇ…
بىزمۇ بالىلارچە تەسەۋۋۇر قىلىشنى ئۆگىنىپ باقايلى، بەلكىم بۇ تۇرمۇشىمىزنى رەڭدارلىققا تويۇندۇرغۇسى.

10.قائىدىلەردىن ھالقىش (Be unpredictable)

كىشىلەر دائىم كېچىك بالىلارنىڭ كېينكى قەدەمدە نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىنى پەرەز قىلالمايدۇ. بەزى قائىدىلەرنى بۇزۇپ باقسىڭىز ھەيرانلىق بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ شۇنچە ئەركىن ئىكەنلىكىڭىزنى بايقايسىز.

11.ئالقان ئۇرۇشۇپ تەبرىكلەش( Hand out high-fives)

بالىلاركىچىككىنە ئىشلاردىكى ئۇتۇقى ئۈچۈنمۇ، مۇسابىقىلەردە يەڭگەن سەبداشلاردەك ئۆزئارا ئالقان ئۇرۇشۇپ تەبرىكلىشىدۇ. كېلەر قېتىم خۇش خەۋەر ئاڭلىغىنىڭىزدا سىزمۇ باشقىلاربىلەن شۇنداق قىلىپ بېقىڭ. گەرچە بەك كېچىك ئىش ئۈچۈن بولسىمۇ، ئەمما بۇ ۋاقىتتىكى ھېسسىيات باك قالتىس بولىدۇ.

12.سۈرئەتنى ئاستىلىتىش (Slow down)

بالىلار شېرىن مىنۇتلارنى قانداق ئۆتكۈزۈشنى بىلىدۇ. ئۆزىڭىزگە يېتەرلىك ۋاقىت ئاجرىتىپ تۇرمۇشتىن بەھىرئېلىشنى سىناپ بېقىڭ، تۈگىمەس ئىشلار بىركۈن ئىچىدىكى بارلىق ئازادىلىكنى يۈتۈپ كەتمىسۇن.



13.ئىجادچانلىق (Create)

جىجاش، رەسىم سىزىش، قۇرۇلۇش قوراشتۇرۇش، يېزىقچىلىق قىلىش…كىچىك بالىلار بۇخىل پائالىيەتلەرنى ئىنتايىن ياقتۇرىدۇ. شۇنداق خۇشاللىق سىزئىجاد قىلغان ئىلمىنىتلارنىڭ ئارىسىدا بولىدۇ.

14.مەينەتلىشىش (Get dirty)
بالىلار ئۆزى قول سېلىش ئارقىلىق تۇرمۇشنى ھېس قىلىشتىن قورقمايدۇ.سىزمۇ ئۆزتۇرمۇشىڭىزدا لاي قەلئە، قۇم شەھەرلەرنى ياساپ بېقىڭ.

15.قائىدىسىزلىك (Break the rules)

خۇشاللىق دائىم قائىدە رامكىسىغا بېقىنمايدۇ. بالىلار ئۈچۈن كۈندە تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەش غەلىتىلىك ئەمەس. سىزمۇ خۇشاللىقىڭىز ئۈچۈن بايرام ئويدۇرۇپ چىقىڭ.

مەنبە : ئابرال مائارىپ بىلوگى

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-17 15:28:02

شۇنداقكەن ، توختىماستىن ئىزدىنىش ئادەمنى تەرەققى قىلدۇرىدۇ ، بالىلاردىكى تۇتامسىزلىقنى تۈگەتكىلى بولسا ئۇلارنى تۇلىمۇ ئاسان ئىقتىدارلىق قىلىپ يىتىشتۈرگىلى بۇلاتتى .....

birmoo يوللانغان ۋاقتى 2014-10-17 15:33:49

كۇلەي دەيمەن كۇلەلمەيمەن ،
يا ، ئېچىلىپ يۇرەلمەيمەن .
ئەسلىسەملام پۇلنىڭ يوقلىقىنى ،
كۇلۇپ يۇرەلمەيمەن {:90:}

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-10-17 19:05:08

birmoo يوللىغان ۋاقتى  2014-10-17 15:33 static/image/common/back.gif
كۇلەي دەيمەن كۇلەلمەيمەن ،
يا ، ئېچىلىپ يۇرەلمەيمەن .
...

دۇنياغا مەشھۇر تالانتى كۆمۈلۈپ قالغان شائىر

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-10-17 19:06:31

مەن  يۇقىردىكى 15 تۈرلۈك باياننىدىىن بىرىنى كەم قىلماي ياشاۋاتىمەن:lol

OCUZ يوللانغان ۋاقتى 2014-10-18 09:54:57

ئېغىزدا دېمەككە ھەرقانداق ئىش ئاسان،لېكىن ئەمەلدە كۆرسەتمەك بەسى مۈشكۈل،ماۋۇ ئەسەر تەرجىمە ئەسەركەن،لېكىن تەرجىمانى،ئەسەرنىڭ ئەسلى مەنبەسى ئەسكەرتىلمەپتۇ.

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-10-18 11:10:25

تەرجىمانى مەن، خىزمەتتىن سىرت خەنزوچە،ئېنگىلىزچە ئۆگەنگەچ، تەرجىمە قىلغان نەرسىلەرنى بىلوگىمغا ،ئىزدىنىشقا يوللاپ كېلىۋاتىمەن. ماۋۇنى سىنانىڭ ئېنگىلىزتىلى قانىلىدىكى بىر بىلوگدىن تەرجىمە قىلغان خىلى بۇرۇن، تەپسىلى مەنبىيى ئىسىمدە يوق.

imirghazi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-19 00:33:37

dadash يوللىغان ۋاقتى  2014-10-18 11:10 static/image/common/back.gif
تەرجىمانى مەن، خىزمەتتىن سىرت خەنزوچە،ئېنگىلىزچە ئۆگ ...

ياخشى يازمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن داداش
سىزگە ئېيتمىدىم مەن سىز بىلەن يوشۇرۇن ئاداش

2828288 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-19 11:50:42

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   2828288 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-19 12:03  

ۋاي شۇ بىغەملىكنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتىۋاتىمەن. بالام 14كىردى. ھارغۇچە تاپشۇرۇق بولسىمۇ سائەت 7يېرىمدا ئۇخلىغىلى ياتىدۇ بىر كۈنى. قوپە ۋاي گۇينىڭ بالىسى ، چاڭ چۇڭ {:99:}{:99:}نىمىشقا بالدۇر يىتىۋالىسەن دىسەم ئۇيقۇم كەلسە دەيدۇ، يازدا سائەت 10دا كوچىدا توپ ئوينايتىڭغۇ؟ ئۇ دىگەن ياز، ئايلىق ئىنتىھاندا ئىككى پەندىن قاپسەن ، ئىزا تارتمامسەن؟ ئىنتىھان نەتىجە ھەممىنى بەلگىلىيەلمايدۇ، ئەمىسە نىمە بەلگۈلەيدۇ، ......... جاۋاپ يوق. مانا مۇشۇنداق، نىمىشقا بۇنداق بولىدۇ ، ھازىرقى باللىلادا ئۈگىنىشكە قىزىقماسلىق ئەھۋالى بەك ئېغىرمۇ قانداق؟ نەدىن كەتكۈزۈپ قويغىنىمنى بىلمىدىم. كىچىك چىغىدا ئوبدان تەربىيەلىگەن بولمىسا، ھېلى تاققا، ھېلى باققا ئاپىرىپ ساياھەت قىلدۇرۇپ. لېكىن يەسلىدىن تارتىپ تاپشۇرۇق ئىشلەشكە ئۆچ ئىدى. مەنمۇ كىچىككىنە بالىغا نىمانداق جىق بىسىم بۇ دەپ يەسلى مۇئەللىمى بىلەن ئۇرۇشقان نەچچە قېتىم.باشلانغۇچتىغۇ چالا بۇلا تاپشۇرق ئىشلەپ نەتىجىسى 95تىن چۈشمەي كەلگەن ئىدى. ماۋۇ تولۇقسىزغا چىقىپ يەنە كونا خويىنى ئىشقا سالىمەن دىگەن ئىدى، قاملاشماي قېلىۋاتىدۇ. سىنىپ تەربىيەچىسىنىڭئاغزىىنگەپ تۆشۈك چىلەكتىن سۇ تۆكۈلگەندەك تۆكۈلۈپ تۇرىدۇ. پىلۇمۇتتەك سۆزلىگىنىدە ئاغزىغا مۇنداق قارىسام ئىككى كالپۇكى بەك نىپىز ھەم يىقىنكەن، شۇنىڭ بىلەن « ئىككى كالپۇكى نىپىز ئادەم گەپنى يامان جىق قىلىدۇ» دىگەن خۇلاسىگە كېلىپ قايتىپ كېلىمەن. بىز ئوقىغان چاغلاردىكى قاپىقى يامان، سۈرلۈك ، ئاز گەپ قىلىدىغان ئەر مۈئەللىملەر يوق چېغى، ساپلا ماڭا ئوخشاش گەپنى قۇمدەك قىلىدىغان، سەۋر- تاقات دىگەندىن 10گىرام يوق مۇئەللىملەر ، باللار ئىككى قولى بىلەن قۇلىقىنى ئىتىۋالىدۇ، گەپ جىق بولۇپ كەتسە،

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-10-19 14:13:15

2828288 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-19 11:50 static/image/common/back.gif
ۋاي شۇ بىغەملىكنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتىۋاتىمەن. بالا ...

ئۆگىنىش توسالغۇسى

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2014-10-19 21:49:12

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sahabe تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-19 21:58  

   ھەر قانداق بوۋاق مۇكەممەل ئىنسان تەبىئىتى(يەنى فىترەت) ئۈستىگە تۇغۇلىدىغان بولغاچقا، بىز بالىلارنىڭ ۋۇجۇدىدا ئىنسان تەبىئىتىنىڭ پەردازلىنىشتىن خالىي بىر قاتار كارتىنىلىرىنى كۆرەلەيمىز. شۇڭىمۇ بەزى ئىشلاردا(ھەممىدە ئەمەس!) بالىلارغا تەقلىد قىلساق، كۈتۈلمىگەن ياخشى نەتىجىلەرنىڭ بارلىققا كېلىشى- بىزنىڭ ئىنسان تەبىئىتىگە لايىق ئىش كۆرگەنلىكىمىزدىن بولغان. بىراق ئىنسان تەبىئىتىگە لايىقلىشىمەن دەپ بالىلارغا ئوخشاش يالىڭاچ يۈرسەك بولمايدۇ-دە!:lol:lol:lol (مەن بۇنى داداشقا تەنە قىلىپ دىمىدىم جۇمۇ، دوستانە چاقچاق! )
   بىراقزە... جەمىيىتىمىزدىكى بەزى ھەمشىرىللىرىمىز يالىڭاچلىنىشتا بالىلارغا ئوخشىيالماي ئاۋارە....:L
بەت: [1]
: بىزمۇ بالىلاردىن ئۆگىنىپ باقايلى : غەمسىزلىكنىڭ 15خىل پىرىنسىپى