bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2014-10-17 09:33:46

بىلىمخۇمار: چۈش ۋە چۈش ئۆرۈش ھەققىدە

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   UyghurBaligh تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-20 12:18  

چۈش ۋە چۈش ئۆرۈش ھەققىدە

بىلىمخۇمار
2014-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى

نۇرغۇن كىشىلەر چۈش ۋە ئۇنىڭ يېشىمىگە ناھايىتى قىزىدۇ.  مەن يېقىندا ياسىر قازىنىڭ لېكسىيىلىرىنى ئىزدەش جەريانىدا، ئۇنىڭ 2014-يىلى 3-ئاپرىل كۈنى تورغا چىقارغان، چۈش ۋە ئۇنىڭ يېشىمى ھەققىدىكى بىر لېكسىيىسىنى ئۇچۇرتۇپ قالدىم .  ھەمدە ئۇنىڭ مەزمۇنىنى ئىنتايىن ياخشى كۆردۈم.  باشقا قېرىنداشلارنىڭمۇ پايدىلىنىشى ئۈچۈن، مەن مەزكۇر ماقالىدا ئاشۇ لېكسىيىنىڭ مەزمۇنىنى تونۇشتۇرىمەن.  ياسىر قازى بۇ لېكسىيىنى ئۆزى پروفېسسورلۇق قىلىۋاتقان ئامېرىكىدىكى ئالىي مەكتەپ «ئەلمەغرىپ ئىنستىتۇتى» دا دەرس قىلىپ سۆزلىگەن ئىكەن.  مەن بۇ قېتىم پايدىلانغان سىن ھۆججىتى جەمئى 25 مىنۇتلۇق بولۇپ، ئۇ بىر قېتىملىق دەرسنىڭ باشلىنىش قىسمى ئىكەن.

مېنىڭ تۆۋەندە تونۇشتۇرىدىغىنىم ياسىر قازىنىڭ لېكسىيىسىنىڭ مەزمۇنى بولۇپ، ئەگەر ئۇنىڭغا ئۆزەمنىڭ  كۆز-قارىشىنى قوشماقچى بولسام، ئۇنى بىر «ئىلاۋە» شەكلىدە قوشۇپ قويىمەن. ماقالە مەزمۇنىنىڭ سىستېمىلىق بولۇشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، مەن بەزى جايلاردا ياسىر قازى لېكسىيىسى مەزمۇنىنىڭ تەرتىپىنى ئازراق ئۆزگەرتتىم.  

چۈش ئىنتايىن مۇھىم.  بىز قۇرئان ۋە سۈننەتتىكى مەزمۇنلاردىن چۈشنىڭ تۆۋەندىكىدەك 3 مەنبەدىن كېلىدىغانلىقىنى بىلىۋالالايمىز: ئاللاھ، شەيتان، ۋە ئۆزىمىزنىڭ تەسەۋۋۇرى.  شۇڭا چۈشنىڭ 3 خىل كاتېگورىيىسى بار.  


1.        ئاللاھدىن كېلىدىغان چۈش

ئۇنىڭ بىرى ئاللاھدىن كېلىدىغان چۈش بولۇپ، پەيغەمبەرلەر كۆرىدىغان چۈشلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھدىن كەلگەن بولىدۇ.  ياكى باشقىچە قىلىپ ئېيتساق، پەيغەمبەرلەر كۆرىدىغان چۈشلەر پەقەت ئاللاھدىن كەلگەن چۈشلەردىنلا ئىبارەت بولۇپ، ئۇلار قالغان ئىككى خىلدىكى چۈشلەرنى كۆرمەيدۇ.  يەنى ئاللاھ پەيغەمبەرلەرنى قالغان ئىككى خىل چۈشلەردىن ساقلايدۇ.  شۇڭلاشقا پەيغەمبەرلەر كۆرگەن ھەر بىر چۈش ئاللاھدىن كەلگەن ۋەھىي بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.  مەسىلەن، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ بىر قېتىملىق چۈشىدە ئۆزىنىڭ ئوغلى ئىسمائىلنى قۇربان قىلغانلىقىنى كۆرىدۇ. بۇنداق چۈشلەر پەقەت پەيغەمبەرلەرگىلا تەۋە ئەمەس بولۇپ، بۇ خىلدىكى چۈشلەرنى پەيغەمبەر ئەمەس كىشىلەرمۇ كۆرىدۇ.  

ئاللاھ ئاتا قىلغان چۈش ھەر ۋاقىت چوقۇم ئىجابىي چۈش بولىدۇ.  ئۇنداق چۈشلەر چوقۇم بىر خىل ياخشى خەۋەرنى مەزمۇن قىلغان بولىدۇ.   شۇڭلاشقا سىز ئۇنداق چۈشلەرنى كۆرگەندە، چۈشىڭىزدىن قورقۇپ ئويغىنىپ كەتمەيسىز.  بۇنداق چۈشلەر خوش-خەۋەر، كىشىنى ئۈمىدلەندۈرىدىغان ئۇچۇر، ياكى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىشلاردىن تەركىپ تاپقان بولىدۇ.  

بۇنداق چۈشلەرنىڭ بىر ئالامىتى شۇكى، سىز ئاشۇنداق چۈشتىن بىرنى كۆرۈپ بولۇپ ئويغانغاندا، ئۇ چۈش سىزگە خۇددى ھازىرلا يۈز بەرگەن ئەھۋالدەك تۇيۇلىدۇ.  سىز بۇنداق چۈشتىن قورقۇپ كەتمەيسىز.  ئەگەر سىز كۆرگەن بىر چۈش قورقۇنۇچلۇق بولىدىكەن، ئۇ ئاللاھدىن كەلگەن چۈش بولماستىن، شەيتاندىن كەلگەن چۈش بولىدۇ.  

ئاللاھدىن كېلىدىغان چۈشلەرنىڭ ئىككى خىلى بار.  ئۇنىڭ بىرى مۇنداق:  ئۇ چۈشنىڭ ئىچىدە سىز ئۆزىڭىز بار بولىسىز، ھەمدە ئۇ چۈشتە بولغان ئىشلار رېئاللىققا ئۇيغۇن ئىشلار بولۇپ، ئۇنىڭدا ھېچ قانداق سىمۋولىزم بار بولمايدۇ.  سىز ئۇنداق چۈشلەردە كەلگۈسىدە يۈز بېرىدىغان بىر ئىشنى كۆرىسىز.  مەسىلەن، مۇھەممەد ساللا ئاللاھ ئالايھى ۋا ساللام ھىجىرىيە كالېندارىنىڭ 6-يىلى مەدىنىدە تۇرۇپ، كەبىنىڭ ئەتىراپىدا تاۋاب قىلغان چۈشتىن بىرىنى كۆرىدۇ.  بۇ چۈش سىمۋوللۇق چۈش ئەمەس بولۇپ، ئاللاھ قۇرئاندا پەيغەمبىرىمىزگە «سەن كۆرگەن بۇ چۈش راست چۈش  بولۇپ، سەن چوقۇم مەككىگە بارىسەن»، دەيدۇ.  بۇنداق چۈش ئادەتتىكى كىشىلەرگە ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغان بولۇپ، پەيغەمبەرلەرگە بولسا كۆپ ئۇچرايدۇ.

ئائىشە ئانىمىزنىڭ رىۋايەت قىلىشىچە، ئاللاھ قۇرئاننى ۋەھىي قىلىپ چۈشۈرۈشكە ساق 6 ئاي قالغان كۈندىن باشلاپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەر كۈنى ئاخشىمى مۇشۇ خىلدىكى چۈشلەرنى كۆرىدۇ.  بۇنداق چۈشنى كۆرۈش بىرەر كۈنمۇ توختاپ قالمايدۇ.  ھەر كۈنى ئاخشىمى ئەتىسى يۈز بېرىدىغان ئىشلارنى چۈشىدە كۆرىدۇ.  چۈشىدە بىر ئادەم بىلەن كۆرۈشكەن بولسا، ئەتىسى ھەقىقەتەنمۇ ئاشۇ ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن كۆرۈشكىلى كېلىدۇ.  بۇ ئاللاھنىڭ بىر مۇھىم ئىشنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئالدىن بىشارەت بەرگىنىدۇر.  ئاللاھنىڭ بىر ئۇلۇغ ئىشنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىدىن، سۈرىلەرنىڭ ۋەھىي قىلىنىدىغانلىقىدىن ئالدىن خەۋەر بەرگىنىدۇر.  

ئاللاھدىن كېلىدىغان 2-خىلدىكى چۈشتە سىمۋولىزم بار بولىدۇ.  بۇ خىلدىكى چۈشلەر كۆپرەك ئۇچرايدۇ.  بۇنداق چۈشلەرنى پەيغەمبەرلەر ۋە ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭ ھەر ئىككىسى كۆرىدۇ.  سىز بۇنداق چۈشتە كۆرگەن ھەر بىر نەرسە باشقا بىر نەرسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.  مەسىلەن، يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ رىۋايىتىدە، بىر سېمىز كالا بىر مول-ھۇسۇللۇق يىلغا ۋەكىللىك قىلىپ، بىر ئۇرۇق كالا بولسا بىر قۇرغاقچىلىق يىلىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.  بۇ خىل چۈشتە كۆرگەن بىر نەرسە باشقا بىر نەرسىنىڭ سىمۋولىدۇر.  بۇ خىلدىكى چۈشلەردە كۆرگەن ھەر بىر نەرسە، ھەر بىر رەڭ، ھەر بىر ھايۋان، ھەر بىر كۆرۈنۈش، ھەر بىر ئۆسۈملۈك، ۋە ھەر بىر جانسىز نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى باشقا مەلۇم بىر نەرسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.  


2.        ئوزىمىزنىڭ تەسەۋۋۇرىدىن كېلىپ چىقىدىغان چۈش

ئىككىنچى خىلدىكى چۈش ئۆزىمىزنىڭ تەسەۋۋۇرىدىن كېلىدۇ.  مەسىلەن، ئەگەر سىز مەلۇم بىر تىپتىكى ئېسىل ماشىنىدىن بىرنى ئېلىشنى پىلانلاپ، كۈندۈزى ئاشۇ ئىشنى ناھايىتى كۆپ خىيال قىلسىڭىز، ئۇخلىغاندا ئاشۇ ماشىنىدىن بىرىنى ھەيدەپ چۈش كۆرۈشىڭىز مۇمكىن.  چۈشنى تەتقىق قىلىدىغان ئالىملار بار.  ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، ئۆزىمىزنىڭ تەسەۋۋۇرى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مۇشۇ 2-خىلدىكى چۈش ھەر كۈنى ئاخشىمى يۈز بېرىدىكەن.  بىز ئاخشىمى ئۇخلىغاندا بىر قانچە باسقۇچلارنى بېسىپ ئۆتىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ بىرىدە ھەممە ئادەملەر چۈش كۆرىدۇ.  2-خىلدىكى چۈشنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، سىز ئەمدىلا ئويغانغاندا كۆرگەن چۈشىڭىز سىزگە خۇددى ھازىرلا يۈز بەرگەن ئىشتەك تۇيۇلىدۇ.  ئەمما، بۇنداق تۇيغۇ 5 مىنۇتتىن كېيىنلا پۈتۈنلەي يوقاپ كېتىدۇ.  

ئىككىنچى خىلدىكى چۈشلەرنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى، ئۇنداق چۈشلەرگە تاشقىي ئىمپۇلىسلار تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ.  مەسىلەن، سىز ئۇخلاۋاتقاندا بىرسى سىزنىڭ يۈزىڭىزگە سۇ قۇيسا، سىز چۈشىڭىزدە بىر دەريا ياكى كۆلنىڭ سۈيىدە غەرق بولۇپ كېتىشىڭىز مۇمكىن.  سىز ئۇخلاۋاتقاندا بىرسى سىزنى ئويغىتىش ئۈچۈن ئىسمىڭىزنى چاقىرسا، ئۇمۇ سىزنىڭ چۈشىڭىزگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.  

بۇنداق چۈشلەرنىڭ ياخشىلىق ياكى يامانلىق بىلەن ھېچ قانداق مۇناسىۋىتى يوق بولۇپ، ئۇلارنى پۈتۈنلەي سىزنىڭ ئۆز تەسەۋۋۇرىڭىز كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.  بۇنداق چۈشنىڭ ئالاھىدىلىكى، سىز ئۇنى ئويغۇنۇپ 5 مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن پۈتۈنلەي ئۇنتۇلۇپ كېتىسىز.  


3.        يامان چۈش ياكى قارا بېسىش

ئۈچىنچى خىلدىكى چۈش يامان چۈش ياكى قارا بېسىش بولۇپ، ئۇنداق چۈشلەرنى شەيتان كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.  ئۇنداق چۈشلەرنىڭ بىر ئالامىتى شۇكى، ئۇلار سىزنى قورقۇتىدۇ.  سىز بۇنداق چۈشتە رەزىل ئىشلارنى كۆرىسىز.  ئادەمنى سەسكەندۈرىدىغان ئىشلارنى كۆرىسىز.  بىرەر يېقىن قېرىندىشىڭىزنىڭ ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈلگىنىنى كۆرىسىز.  بىرەر ماشىنا ۋەقەسىگە ئۇچرايسىز.  سىزنى بىرەر يىرتقۇچ ھايۋان قوغلايدۇ.  بۇ خىلدىكى چۈشلەرنى شەيتان سىزنىڭ ئاچچىقىڭىزنى كەلتۈرۈش ياكى سىزنىڭ چىشىڭىزغا تېگىش ئۈچۈن ۋۇجۇتقا كەلتۈرىدۇ.  بۇ خىلدىكى چۈشلەردە كۆرۈلگەن ئىشلار ئەمەلىيەتتە زادىلا يۈز بەرمەيدۇ.  شۇڭا بۇنداق چۈشلەرگە ھەرگىزمۇ ئىشەنمەسلىك كېرەك.  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يامان چۈش كۆرگەندە ياكى قارا باسقاندا ئۇنى باشقىلارغا سۆزلەپ بەرمەسلىكنى ئېيتقان.  بۇنىڭ سەۋەبى، شەيتاننىڭ بۇنداق چۈشلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىكى سەۋەب سىزنى ئەخمەق قىلىپ ئويناشتىنلا ئىبارەتتۇر.  

بىر قېتىم بىر ساھابە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا كېلىپ، «مەن ئاخشام مۇنداق بىر چۈش كۆردۇم:  بىر ئادەم مېنىڭ كاللامنى كېسىۋەتكۈدەك.  يەرگە چۈشكەن كاللام مېنىڭ ئالدىمدا دومىلاپ قاچقۇدەك، مەن بولسام ئۆزەمنىڭ كاللىسىنى ئارقىسىدىن قۆغلىغۇدەكمەن.»  شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «ئاخشام شەيتاننىڭ سەن بىلەن قانداق ئوينىغانلىقىنى باشقىلارغا دەپ يۈرمە.»  بۇنداق چۈشلەرنىڭ بىر ئالامىتى، سىز چۈش كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن، ناھايىتى قورقۇپ ئويغۇنۇپ كېتىسىز.  تەرلەپ كېتىسىز.  

شەيتان بۇنىڭدىن كېيىن يۈز بېرىدىغان ئىشلارنى بىلمەيدۇ.  شۇڭا شەيتان سىزنى قارا باستۇرغاندا سىز چۈشىڭىزدە كۆرگەن ئىشلار ھەرگىزمۇ ئەتىسى ياكى ئۇنىڭدىن كېيىن ئەمەلىيەتتە يۈز بەرمەيدۇ.  ئەگەر سىز چۈشىڭىزدە بىر ماشىنا ۋەقەسىگە ئۇچراپ، ئەتىسى راس شۇنداق بولارمىكىن، دەپ ئىشقا بارمىسىڭىز، سىز دەل شەيتاننىڭ دامىغا چۈشكەن بولىسىز.  بۇنداق ئەھۋالدا سىز شەيتانغا ئىشەنگەن بولغاچقا، ئۇ سىزنى زاڭلىق قىلىدۇ.  بىز بۇنداق چۈشلەرگە ھەرگىزمۇ پىسەنت قىلماسلىقىمىز كېرەك.  بۇنىڭ سەۋەبى سىزنى قارا بېسىپ، چۈشىڭىزدە كۆرگەن ئىشلارنىڭ ھەممىسى يالغان.  ئۇنداق چۈشلەرنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كېلىش ئېھتىماللىقى نۆلگە تەڭ.  ئەگەر سىز ئاشۇنداق چۈشلەرگە ئىشەنسىڭىز، شەيتان غەلىبە قىلغان بولىدۇ.  

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:  ئەگەر سىزنى قارا بېسىپ، شۇنىڭ بىلەن ئويغۇنۇپ كېتىدىكەنسىز، ئاللاھدىن پانا تىلىشىڭىز كېرەك.  سىز بېشىڭىزنى سولغا بۇراپ، «تۈف» قىلىپ بىرنى تۈكۈرىۋەتسىڭىز بولىدۇ.  بۇ خىل تۈكۈرۈشتە سىزنىڭ ئاغزىڭىزدىن تۈكۈرۈك چىقمايدۇ.  سىز پەقەت راست تۈكۈرگەندىكى قىلىقنىلا قىلىسىز.  يەنى ئاغزىڭىزدىن ئاۋاز چىقىدۇ، ئەمما تۈكۈرۈك چىقمايدۇ.  بۇنداق قىلىشتىن مەقسەت، شەيتاننى قوغلىۋېتىشتىن ئىبارەتتۇر.  شۇنداقلا، ئەگەر سىز سول تەرىپىڭىزنى كۆرپىگە قويۇپ ئۇخلىغان بولسىڭىز، قارا باسقانلىقتىن ئويغۇنۇپ كېتىپ، قايتا ئۇخلىغان ۋاقىتتا سىز بىر قېتىم ئۆرۈلۈپ، ئوڭ تەرىپىڭىزنى كۆرپىگە قويۇپ ئۇخلاڭ.  بۇنىڭ سەۋەبى، شەيتان سىزنى قارا باستۇرغاندا، ئۇ سىزنىڭ ئۈستىڭىزگە چىقىپ ئولتۇرۇۋالغان بولۇشى مۇمكىن.  سىز «ئەيزۇبىنلا» دەپ ئۆرۈلسىڭىز، شەيتان قېچىپ كېتىدۇ.  ئەگەر ئەھۋال بەك ئېغىر بولىدىكەن، سىز ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ، ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇۋېتىڭ.  شۇنداقلا، كۆرگەن چۈشىڭىزنى ھېچ كىمگە دېمەڭ.  ئايالىڭىز، ئېرىڭىز، يېقىن دوستىڭىز ياكى تۇغقانلىرىڭىزنىڭ ھېچ قايسىسىغا دېمەڭ.  بۇنداق چۈشلەرنى باشقىلارغا دېيىشكە زادىلا بولمايدۇ.

بىرسى بىلەن جىنسى مۇناسىۋەت قىلىپ چۈش كۆرگەن بولسىڭىز، بۇنداق چۈشنىمۇ شەيتان كەلتۈرۈپ چىقارغان بولىدۇ.  بۇنداق چۈشلەرنى كۆرۈش گۇناھ ئەمەس.  ئەمما، ئىسلام قانۇنىنىڭ تەلىپى شۇكى، ئەگەر سىز ئاشۇنداق چۈشتىن بىرنى كۆرگەن بولسىڭىز، ئويغانغاندا سىز چوقۇم بىر قېتىم تەرەت ئېلىۋېتىشىڭىز كېرەك.  قانداق چۈشلەرنى كۆرۈشنى سىز ئۆزىڭىز كونترول قىلالمايسىز. شۇڭا مۇشۇنداق چۈشلەرنى كۆرۈش گۇناھ ئەمەس.  شۇنداقلا، بۇنداق چۈشلەرنى شەيتان كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولغاچقا، پەيغەمبەرلەر بۇنداق چۈشلەرنى كۆرمەيدۇ.  ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ بۇنداق چۈشلەرنى كۆرۈشى بىر خىل تەبىئىي ھادىسە بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىنى گۇناھكار ھېسابلاشنىڭ ھاجىتى يوق.  بۇنداق چۈشلەرنىمۇ شەيتان كەلتۈرۈپ چىقارغان بولغاچقا، بىز ئۇلارنى باشقىلارغا دەپ يۈرسەك بولمايدۇ.  


4.        چۈشنى ئۆرۈش مەسىلىسى

يۇقىرىدا دېيىلگىنىدەك، ئاللاھدىن كېلىدىغان 2-خىلدىكى چۈشتە سىمۋولىزم بار بولىدۇ.  چۈشتە كۆرگەن بىر نەرسە باشقا بىر نەرسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.  بۇنداق چۈشلەرنى ئۆرۈش ھەممە ئادەمنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ.  بۇنداق چۈشلەرنى ھەممە ئادەم چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ.  مانا بۇ چۈشنى توغرا ئۆرۈپ بېرىش مەسىلىسىدۇر.  

نۇرغۇن كىشىلەر چۈش ئۆرۈشنى بىرەر كىتابقا قاراپ ئۆگىنىۋالغىلى بولىدۇ، دەپ ئويلايدۇ.  ئەمەلىيەت بولسا ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئەمەس.  سىز ھەرگىز چۈش ئۆرۈش ھەققىدىكى بىرەر كىتابنى ئوقۇپ قويۇپلا، چۈشنى توغرا ئۆرۈپ بېرەلمەيسىز.  نۇرغۇن ئىسلامغا ئائىت كىتابلار قويۇلغان كىتابخانىلاردا «چۈش ئۆرۈش لۇغىتى» ياكى «چۈش ئۆرۈش قامۇسى» دېگەنگە ئوخشاش ئىسلام دىنى كىتابلىرى بار.  مەسىلەن، ئىبىن سىرىننىڭ نامىدا نەشىر قىلىنغان مۇشۇنداق كىتابتىن بىرسى بار.  ئەمما، ئىبىن سىرىن ئۇنداق كىتابتىن بىرەرنى يېزىپ باققان ئەمەس.  ئىبىن سىرىن ۋاپات بولۇپ، 700 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، باشقا كىشىلەر ئۇنىڭ نامىدا ئاشۇنداق كىتابتىن بىرنى تەييارلاپ باستۇرغان.  سىز ھەرقانداق بىر ئىسلام كىتابخانىلىرىغا بارسىڭىز، چۈش ئۆرۈش ھەققىدىكى كىتابلاردىن بىرەرنى چوقۇم تاپالايسىز.  

مۇنداق بىر ئىشنى  ناھايىتى ئوچۇق جاكارلاشقا بولىدۇ: چۈش ئۆرۈش بىر باشقىلارغا ئۆگەتكىلى بولىدىغان ئىلىم ئەمەس.  ئۇنى بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمگە ئۆگىتەلمەيدۇ.  پەقەت ئاللاھ تاللىغان كىشىلەرلا ئۆگىنەلەيدىغان بىر قانچە ئىلىم بار بولۇپ، چۈش ئۆرۈش بولسا شۇلارنىڭ بىرىدۇر.  مەن مەدىنىدە 10 يىلدىن ئارتۇق ئوقۇدۇم.  ئالىي مەكتەپتە ئۆتۈلگەن دەرسلەر ئىچىدە فىق (ئىسلام قانۇنلىرى)، ھەدىس ۋە ئەقىدە قاتارلىق پەنلەر ھەققىدىكى دەرسلەر بار.  ئەمما چۈش ئۆرۈشنى ئۆگىتىدىغان دەرسلەردىن بىرەرسىمۇ يوق.  چۈش ئۆرۈش ھەققىدە كىشىلەر ئۆز ئالدىغا ئېلىپ بارىدىغان، ئۆزىنىڭ ئۆيىدە ئۆتىدىغان دەرسلەرمۇ يوق.   بۇنداق بولۇشتىكى سەۋەب، چۈش ئۆرۈش كىتاب قىلىپ يازغىلى بولىدىغان ئىلىم ئەمەس.  پەقەت ئاللاھ تاللىغان ئاز ساندىكى كىشىلەرلا بۇ ئىشنى قىلالايدۇ.  بۇ ھەقتە ئاللاھ بىر ئايەتتە ئېنىق قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «چۈش ئۆرۈشنى ساڭا مەن ئۆگىتىمەن.»  شۇڭلاشقا، بەزى كىشىلەر چۈشلەرنى ئۆرىيەلەيدۇ، بەزى كىشىلەر بولسا ئۇنداق قىلالمايدۇ.  سىز ئاللاھغا دۇئا قىلىپ، ئاشۇنداق بىر قابىلىيەتنى ئاللاھدىن تىلىسىڭىز بولىدۇ.  ئەمما سىز ئۇنى بىرەر كىتابنى ئوقۇش ئارقىلىق ئۆگىنەلمەيسىز.  چۈش ئۆرۈش فىق، ھەدىس ۋە دورىگەرلىك قاتارلىق پەنلەرگە ئوخشىمايدۇ.  

چۈش ئۆرۈش بىر خىل رېئال نەرسە بولۇپ، پەيغەمبەرلەر، بولۇپمۇ يۈسۈپ ئەلەيھىسسالام بۇ خىل قابىلىيەتكە تولۇق ئىگە بولغان.  مۇھەممەد پەيغەمبىرىمىزمۇ بۇ ئىلىمگە تولۇق ئىگە بولغان.  

بىر ئادەم چۈشلەرنى توغرا ئۆرۈپ بېرەلەمدۇ-يوق، بۇنى قانداق بىلەلەيمىز؟  بۇنى بىز بۇرۇنقى ئەمەلىيەتكە ئاساسەن بىلەلەيمىز.  

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىزدىن ئاللاھدىن كەلگەن ياخشى چۈشلەرنى كۆرگەندە، ئۇنى پەقەت ئۆزىمىز ئىشىنىدىغان يېقىن كىشىلىرىمىزگىلا ئېيتىشنى تەلەپ قىلغان.  بۇنىڭ سەۋەبى، ياخشى چۈشنى باشقىلار ئاڭلىسا، ئۇلارنىڭ ھەسەتخورلۇقى ياكى كۆرەلمەسلىكى قۆزغۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن.  يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ رىۋايەتلىرىدە ئەنە شۇنداق ئەھۋاللار بار.  

سىز ياخشى چۈشلىرىڭىزنى يېقىنلىرىڭىزغا دېگەندە، ئەگەر سىز ئۇلارنى قانداق ئۆرۈشنى بىلمىسىڭىز، ھەرگىزمۇ يېقىنلىرىڭىزغا ئۆزىڭىزنىڭ چۈشىنى ئۆرۈپ بەرمەڭ.  سەۋەبى، بۇنداق ئەھۋالدا چۈشنى خاتا ئۆرۈپ قويۇش خەۋپى بار.  بىر ھەدىستە رىۋايەت قىلىنىشىچە، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:  ئۆرۈپ بەرمىگەن چۈش بىر دانە ئۇچۇپ يۈرگەن قۇشقا ئوخشايدۇ،  ئۆرۈپ بەرگەن چۈش بولسا، يەرگە چۈشۈپ كەتكەن قۇشقا ئوخشايدۇ.  چۈشلەرنى چوقۇم چۈش ئۆرۈشكە سالاھىيىتى توشىدىغان كىشىلەرلا ئۆرۈپ بېرىشى كېرەك.  سىز چۈشىڭىزنى يېقىنلىرىڭىزغا دېسىڭىز بولىدۇ.   ئەمما سىزنىڭ يېقىنلىرىڭىزنىڭ چۈش ئۆرۈشكە سالاھىيىتى توشمايدىكەن، ئۇلار چۈشىڭىزنى ئاڭلاپلا قويۇشى، ھەرگىزمۇ ئۇنى ئۆرۈپ بەرمەسلىكى كېرەك.  

يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغىنىدەك، بۇرۇنقى ئەمەلىيەتكە ئاساسەن، كىمنىڭ چۈش ئۆرۈشكە شەرتى توشىدىغانلىقىنى بىلەلەيمىز.  سىز ئاللاھغا قانچە يېقىن بولسىڭىز، سىزنىڭ چۈشنى توغرا ئۆرۈپ بېرىش قابىلىيىتىڭىزمۇ شۇنچە ياخشى بولىدۇ.  ئەمما، پەيغەمبەرلەردىن باشقا كىشىلەر چۈشلەرنى يۈزدە-يۈز توغرا ئۆرۈپ بېرەلمەيدۇ.  پەقەت پەيغەمبەرلەرلا چۈشلەرنى يۈزدە-يۈز توغرا ئۆرۈپ بېرەلەيدۇ.  سەرئى بۇھارىدىكى بىر ھەدىستە مۇشۇنىڭغا ئائىت بىر مەزمۇن بار.  يەنى، بىر ھەدىستە رىۋايەت قىلىنىشىچە، بىر قېتىم مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ساھابەلەرگە ئۆزىنىڭ بىر چۈشىنى سۆزلەپ بېرىدۇ.  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزى ئاخىرلاشقان ھامان، ھەزرىتى ئابۇ بەكر ھېلىقى چۈشنى ئۆزىنىڭ ئۆرۈپ بېقىشىنى تەلەپ قىلىدۇ.  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماقۇل بولغاندىن كېيىن، ھەزرىتى ئابۇ بەكر «ماۋۇ نەرسە ماۋۇ نەرسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.  ئاۋۇ نەرسە ئاۋۇ نەرسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ» دەپ ھېلىقى چۈشنى ئۆرۈپ چىقىدۇ.  ئاخىرىدا ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن «مېنىڭ ئۆرىگىنىم توغرا بولدىمۇ؟» دەپ سورايدۇ.  مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بولسا «بەزى جايلىرى توغرا بولدى، يەنە بەزى جايلىرى بولسا توغرا بولمىدى»، دەپ جاۋاب بېرىدۇ.  دېمەك، ھەزرىتى ئابۇ بەكردەك ئۇلۇغ كىشىلەرمۇ بىر چۈشنى توغرا ئۆرۈپ بېرەلمىگەن تۇرسا، بىز باشقا ئىنسانلاردىن بىر چۈشنى يۈزدە-يۈز توغرا ئۆرۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلالمايمىز.

چۈش ئۆرۈشنى كىتابتىن ئۆگەنگىلى بولماسلىقنىڭ بىر سەۋەبى، ئوخشاش بىر سىمۋول ئوخشىمىغان جەمئىيەت، ئوخشىمىغان مىللەت، ۋە ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەردە ئۆز-ئارا ئوخشاشمايدىغان نەرسىلەرگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.  شۇڭلاشقا سىز بىر كىتابنى ئېچىپ، مەلۇم بىر سىمۋولنىڭ نېمىگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقى ھەققىدە توغرا ھۆكۈم چىقىرالمايسىز.  مەسىلەن، بىر جاڭگالدا تۇرىۋاتقان ئادەمنىڭ چۈشىدىكى بىر دانە تاۋۇز سۇ ۋە ھاياتلىق  قاتارلىقلارغا ۋەكىللىك قىلىشى مۇمكىن.  ئەمما شەھەردە ياشاۋاتقان بىر ئادەم چۈشىدە كۆرگەن بىر تاۋۇز بولسا ئۇنداق نەرسىلەرگە ۋەكىللىك قىلماسلىقى مۇمكىن. قىسقىسى، سىمۋول مەدەنىيەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك.  شۇڭلاشقا بىرەر ئۇنىۋېرسال «چۈش ئۆرۈش قامۇسى» نىڭ مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن ئەمەس.  چۈش ئۆزىڭىزگە تەۋە نەرسە بولۇپ، ئۇنى ئۆزىڭىز ياشاۋاتقان جايدىكى چۈش ئۆرۈشكە سالاھىيىتى توشىدىغان بىر كىشىگە دەپ، ئۇنىڭدىن چۈشىڭىزنى ئۆرۈپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسىڭىز بولىدۇ.  ئەمما باشقا بىر جاي ياكى باشقا بىر جەمئىيەتتىكى كىشىدىن ئۇنداق قىلىشنى تەلەپ قىلسىڭىز، سىز توغرا جاۋابقا ئېرىشەلمەيسىز.

بىر ھەدىستە رىۋايەت قىلىنىشىچە، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:  «ئاللاھدىن كېلىدىغان چۈشتىن باشقا ئىشلار پەيغەمبەرلىكنىڭ سىرتىغا تەۋە ئەمەس بولۇپ، ئۇنداق چۈشلەر پەيغەمبەرلىكنىڭ 46 دەن بىر قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ. »  بۇ سۆزنىڭ مەنىسى، بىر پەيغەمبەر بولۇش ئۈچۈن، سىز جەمئى 46 ئىشنى قىلىسىز.  ئۇلارنىڭ بىرى ھەقىقىي چۈشلەرنى كۆرۈشتىن ئىبارەت.  قالغان 45 ئىش پەيغەمبەر ئەمەس كىشىلەر ياكى ئىنسانلار قىلىدىغان ئىشلار ئەمەس بولۇپ، پەيغەمبەرلەرلا قىلىدىغان ئىشتۇر.  ئۇلارنىڭ بىرى جىبرېلنىڭ چۈشىشى، يەنە بىرى بولسا پەرىشتىلەر بىلەن كۆرۈشۈش قاتارلىقلار بولۇشى مۇمكىن.  ئۇ ئىشلارنى بىز بىلمەيمىز.  ئەمما پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسى ئاشۇ 46 ئىشنى قىلىدۇ.  قالغان 45 ئىشنىڭ ئىشىكى ئىنسانلار ئۈچۈن قىيامەت كۈنىگىچە پۈتۈنلەي تاقىۋېتىلگەن بولۇپ، پەقەت بىر ئىشنىڭ ئىشىكىلا ئىنسانلار ئۈچۈن ئوچۇق.  ئۇ ئىش بولسا ياخشى چۈشلەرنى كۆرۈشتىن ئىبارەتتۇر.   

بۇنداق نىسبەت نەدىن كەلگەن؟  ئۆلىمالارنىڭ دېيىشىچە، بۇ ئىشنى چۈشىنىش ئۈچۈن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتىغا قاراپ باقساق بولىدۇ.   ئاللاھ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا قۇرئاننى جەمئى 23 يىل ئىچىدە ۋەھىي قىلىپ چۈشۈرۈپ بولغان.  يەنى، مەدىنىدە 10 يىل، مەككىدە 13 يىل شۇنداق قىلغان.  ھەمدە ۋەھىينىڭ چۈشۈشىگە دەل 6 ئاي ۋاقىت قالغان كۈندىن باشلاپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھەر كۈنى ئاخشىمى راست چۈشلەرنى كۆرگەن.  ئالتە ئاي دېگىنىمىز يېرىم يىلغا ياكى 0.5 يىلغا تەڭ بولۇپ، 23 يىلنى 0.5 يىلغا بۆلسەك، دەل 46 گە تەڭ بولىدۇ.  يەنى، 0.5/23 = 1/46.  بۇ يەردىكى «/» بۆلۈش بەلگىسىدىن ئىبارەت.  

ياسىر قازى لېكسىيىسىنىڭ مەزكۇر سىن ھۆججىتى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى.  ياسىر قازى بۇ مەزمۇننى يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ چۈشى ھەققىدىكى بىر لېكسىيىنىڭ باش قىسمىدا سۆزلىگەن ئىكەن.


قوشۇمچە 1: مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ كىيىم كۆرگەزمىسى

بىرلەشمە خەۋەر ئاگېنتلىقى (Associate Press) نىڭ 2014-يىلى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا ئەرەب بىرلەشمە خەلىپلىكىنىڭ دۇبەي شەھىرىدە بىر مۇسۇلمان ئاياللىرى ئۈچۈن لاھىيلەنگەن كىيىملەرنىڭ كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلگەن .  بۇ كۆرگەزمىگە ئامېرىكىدىن مالايسىياغىچە بولغان نۇرغۇن دۆلەتلەردىن كەلگەن مېھمانلار قاتناشقان.  بۇ قېتىمقى پائالىيەت مۇسۇلمان ئاياللىرىنىڭ زامانىۋىلىققا ماسلىشىش يولىدا ئالغان بىر يېڭى قەدىمى بولۇپ، مەزكۇر خەۋەردە دېيىلىشىچە ھازىر پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمان ئاياللىرىنىڭ بۇنداق كىيىملەرگە بولغان قىزىقىشى زور دەرىجىدە كۈچىيىۋېتىپتۇ.  ئامېرىكا كالىفورنىيە شتاتىنىڭ لوس ئەنگېلېس شەھىرىنىڭ ئۆزىدىلا ئالدىنقى 3 ئاي ئىچىدە مۇشۇنداق كىيىمدىن 4000 قۇر كىيىم سېتىلىپتۇ.  مەن ماقالىنىڭ ئاخىرىغا ئاشۇ كۆرگەزمىنىڭ بىر قىسىم كۆرۈنۈشلىرى كۆرسىتىلگەن رەسىملەردىن بىر قانچە پارچە قوشۇپ قويدۇم.


قوشۇمچە 2: ياسىر قازىنىڭ سوئالى

ياسىر قازى 10-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۆزىنىڭ فەيىسبۇك ئۇچۇر سەھىيپىسىگە بىر ئۇچۇر يوللاپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلاردىن ياردەم سوراپتۇ.  يەنى ئۇ ھازىر مۇسۇلمانلار دۇچ كېلىۋاتقان زامانىۋى ئەقىدەشۇناسلىق مەسىلىلىرى ھەققىدە بىر قاتار لېكسىيىلەرنى سۆزلىمەكچى بولۇپتۇ.  مەسىلەن، ئەنئەنىۋى ئەقىدەشۇناسلىق ئەسەرلىرىدە، كىشىلەر ئاللاھ، تەقدىرشۇناسلىق ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش مەسىلىلەر ئۈستىدە توختالغان.  بۈگۈن مۇسۇلمانلار دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر بولسا «ئىسلامنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى بىز قانداق بىلىمىز؟»، «ئادەم ئەلەيھىسسالام ۋە ھاۋا ئانىمىزنىڭ رىۋايەتلىرىگە ئىشەنگىلى بولامدۇ؟» ، «ئاللاھ شۇنچە مېھرىبان بولسا، يەنە نېمە ئۈچۈن دېڭىز قۇيۇنلىرى، سۇنامىلار ۋە يۇقۇملۇق كېسەللەر يۈز بېرىدۇ؟» دېگەندەك سوئاللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.  شۇڭا ياسىر قازى تۆۋەندىكى سوئالنىڭ جاۋابىنى بىلىپ باقماقچى ئىكەن:  «ھازىر مۇسۇلمانلار ئەڭ كۆپ سورايدىغان زامانىۋى ئەقىدەشۇناسلىققا ئائىت سوئاللار قايسىلا؟»  مەن ئەسلىدە بۇ ئىشنى تورداشلارغا مۇشۇ يازما ئارقىلىق خەۋەر قىلىپ، ئاندىن چۈشكەن جاۋابلارنى خۇلاسىلاپ، ياسىر قازىنىڭ فەيىسبۇك سەھىيپىسىگە يېزىپ قوياي، دەپ ئويلىغان ئىدىم.  ئەمما، دۇنيادىكى مۇسۇلمانلار بۇ چاقىرىققا ناھايىتى كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرغان بولۇپ، ياسىر قازى جاۋاب يىغىشنى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى ئاخىرلاشتۇرۇپتۇ.  گەرچە بۇ ئىشنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، مەن تورداشلارنى مۇشۇنداق بىر ئىشنىڭ بولغانلىقىدىن خەۋەرلەندۈرۈپ قويۇش مەقسىتىدە بۇ مەزمۇننى قوشۇپ قويدۇم.


مۇراجىئەت:

دىندىن ياخشى خەۋىرى بار، ھەمدە ئىمكانىيىتى يار بېرىدىغان تورداشلاردىن مەزكۇر ماقالىدا تىلغا ئېلىنغان ئايەت ۋە ھەدىسلەرنى ماقالىنىڭ ئاخىرىغا ئىنكاس شەكلىدە يېزىپ قويۇشىنى ئۆتۈنىمەن.  يەنە بىر ئىش، مەن بۇ قېتىم مەزكۇر ماقالىنى دىندىن ياخشى خەۋىرى بار بىرەر يېقىنىمغا كۆرسىتىشكە ئۈلگۈرەلمەي قالدىم.  شۇڭلاشقا تورداشلارنىڭ ماقالىدا كۆرۈلگەن خاتالىقلار ئۈچۈن مېنى ئەپۇ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. رەھمەت!

بۇ ماقالىنى ھېچكىمدىن سورىماي، مەنبەسىنى بەرگەن ئاساستا باشقا ھەر قانداق تورغا چىقارسىڭىز، ياكى ئېلكىتابقا ئوخشاش باشقا ھەر قانداق شەكىلدە ئىشلەتسىڭىز بولۇۋېرىدۇ. بۇ ماقالە بارلىق ئۇيغۇرلارغا مەنسۇپ.


پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:

what are Dreams and their interpretations by Yasir Qadhi
https://www.youtube.com/watch?v=EADC4rzHPYc
Almaghrib Institute

       
Make Way For The Muslim 'Hijabi Hipsters'
http://www.huffingtonpost.com/2014/10/09/hijabi-hipsters_n_5961154.html

terjiman يوللانغان ۋاقتى 2014-10-17 10:17:37

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   terjiman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-17 10:19  

بىزنىڭ يۇرتتا بىر ئادەم كۆرگەن چۈشىنى سۆزلەپ بەرسە، سۆزلىگۈچى يامان چۈش كۆرگەن بولسىمۇ، ئاڭلىغۇچىنىڭ چوقۇم «ياخشى چۈش كۆرۈپسىز» دەپ قويۇشىنى شەرت قىلىدىغان بىر ئادەت بار. مەيلى قانداق چۈش كۆرگەن بولسۇن، ئاڭلىغۇچى چوقۇم «ياخشى چۈش كۆرۈپسىز» دەيدۇ، بۇنداق دېمىسە يامان چۈش راستقا، ياخشى چۈش يامانلىققا ئايلىنىپ قالىدۇ دەپ قارامدىكىن قانداق، بۇنى بۇ يېشىمغىچە سوراشقا پېتىنالمىدىم، بەلكىم باشقا سەۋەبى بولۇشىمۇ مۇمكىن. ناۋا چاقچاق ئارىلاش گەپ قايتۇرۇپ قالسا، چۈشكە بىپەرۋا مۇئامىلە قىلدى دەپ قارىلىدۇ، خالىغان ئادەمگە چۈش ئۆرۈپ بېرىشمۇ ئانچە ياخشى كۆرۈلمەيدۇ.
چۈش ئۆرۈپ بولغاندىن كېيىن ياخشى تىلەك تېلەيدىغان مۇشۇ ئادەتنىڭ ھەدىس-شەرىفتىن بىرەر ئاساسى بارمىدۇ؟

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-17 10:40:24

شەيتان مېنى ئەخمەق قېلىپ ئويناۋىتىپتۇ.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-17 10:46:37

   ياخشى چۈشنى ياخشى كۆرگەن ئادىمىگىلا دىيىش ، يامان چۈشنى ھىچكىمگە دىمەسلىك ، سول تەرەپكە ئۈچ قېتىم تۈكۈرىۋېتىش كېرەك ...
   چۈشىدە جىنىسى مۇناسىۋەت قىلىپ قالسا تەرەت ئېلىۋېتىش دەپتۇ تېمىدا ، بۇنىڭغا قۇشۇمچە : ناۋادا مەنىي كەلسە غۇسلى قىلىۋېىتىش كېرەك ...

birmoo يوللانغان ۋاقتى 2014-10-17 10:53:04

ئاخشام ، شۇنداق سۇزۇك سۇ ئېقىۋاتقىدەك چەت تەرىپىدىن سەكرەپ ئۆزۇپ بىردەمدە قارسام سۇ يوساقنى بۆسۇپ ئېتىلىپ چىقتى . بايا قارسام سۇزۇك سۇ توختىماستىن ئاقسا چوڭ ئامەت دەپ تۇردۇ {:92:}

begmurad يوللانغان ۋاقتى 2014-10-17 13:13:40

مەن بىرىنىچى خىل چۈشنى كۆرۈپ  باقمىدىم، ئىككىنچى خىل ۋە ئۈچىنچى خىل چۈشنى كۆرۈپ باقتىم . لىكىن مەن بۇلانى شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسى سەپ قارىمايمەن. مىنىڭ چۈش كۆرۈشۈم ئىنتايىن تەبئىي دەپ قارايمەن. مەن يامان چۈش كۈرۈپ باقتىم. لىكىن ئىككى راكەت ناماز ئۇقۇپ باقمامتىمەن لىكىن ئىمكان بولسا شۇنداق قىلسام دەيمەن.  ئەمدى يامان چۈشنى كۆرگەندىن كىيىن باشقىلىارغا دىيشكە كەلسەك مىنىڭچە باشقىلارغا تۇغرا كەلسە ىديىش كېرەك. ياكى بولمىسا ھىچ بولمىغاندا بىرەر ۋاراققا خاتىرلەپ قويسىمۇ بۇلىدۇ. يەنى ئادەم ئازاپلانغاندا ئۇنى باشقىلارغا دىيىش ئارقىلىق ئازابىنى مەلوم دەرىجدە يەڭگىللىتەلەيدۇ.
ئاندىن يەنە ئىمكان بولسا زۆرۆر دەپ قارىسا ئادەم ئۆزى كۆرگەن چۈشلەرنى خاتىرلەپ قويسا بۇلىدۇ. چۈشمۇ مەلوم دەرىجدىكى مىڭە خىزمىتىنىڭ مەھسۇلى شۇڭا ئۇنى ئىماكن بولسا ئەتىۋارلاش كېرەك. يەنى ئۇمۇ ئىنسانىيەت ئەقلىي قۇۋۋىتىنىڭ مەھسۇلى . بەزى چۈشلەرنى ھازىرقى زامان ئىلغار تىىخنىكىسدىن پايدىلىنىپ ئىسىل كىنو قىلىپ چىقىش مۇمكىن. يەنى چۈشنى پۇلغا ئايلاندۇرغىلى ۋە ئۇنىڭدىن باشقىلار بىلەن تەڭ ھۇزورلانغىلى بۇلىدۇ.

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-10-17 13:37:25

ئەسكەرتىش: بۇ تېمىدىكى كىيىم-كېچەك كۆرگەزمىسى ھەققىدىكى ھەر قانداق ئىنكاس ئۆچۈرىلىدۇ.

86 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-17 14:33:37

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   86 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-17 14:55  

سول تەرەپنى بېسىپ ئۇخلىغاندا(يۈرەك شۇ تەرەپتە بولغاچقىمىكىن، قان ئايلىنىشىغا تەسىرى بولامدىكەن) ئاسان قارا بېسىشى مۇمكىن؛
ئۇخلىغاندا قول مەيدىنى بېسىپ ياتسا، ئاسان قارا بېسىشى مۇمكىن؛ شۇنىڭدەك مەيدە تەرەپنى ئېغىرراق نەرسە بېسىۋاپسا قارا بېسىشى مۇمكىن؛
باشنى يۇتقانغا پۈركەپ ياتسىمۇ، نەپەستىن چىقىرۋەتكەن كېرەكسىز گازلار ، يەنە باشقا يەردىن چىقىپ كەتكەن گازلار يۇتقاننىڭ ئىچىنى توشقۇزۋېتىپ ، ئوكسىگىن يېتىشمەي  نەپەس ئالغاندا قانغا ئوكسىگىن تەمىنلەشكە قىيىنچىلىق تۇغدۇرۇپ، قارا بېسىشى مۇمكىن؛
كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن قۇساققا سەل كۆپ نەرسە يەۋېلىپ ئۇخلىسىمۇ ئاسان قارا بېسىشى مۇمكىن.
مەن قارا باسقان ۋاقىتلاردىكى ئەھۋالىمنى يىغىنچاقلىسام ، يۇقۇرقىدەك ئەھۋاللاردىن بىر خىل ئەھۋالىنى بايقايمەن. بولۇپمۇ كەچلىك تاماقنى سەل كۆپ يەۋالسام شۇ كېچىسى قارا باسىدىغان ئەھۋال كۆپ ئۇچرايدۇ. ئۇيغانسام تىنىم شۈركۈنۈپ كېتىدۇ. چۈچۈپ ئويغۇنۇپ كېتىمەن.  بۇ خىل قارا باسقاندا ئاساسەن جىندىن قورقۇپ كېتىپ چۈش كۆرىمەن، ئاندىن قورقۇنۇچتا ۋاقىرىسىام ئاۋازىم ئۈنۈمگە چىقىپ كېتىپ ئاڭلاپ ئويغۇنۇپ كېتىمەن، يېنىمدىكىلەرنى ئويغۇتىمۋېتىمەن، بەزىدە تېخى شۇ ۋاقىرغىنىمچە ئويغۇنۇپ ئاۋازىمنىڭ داۋامىنى ئۆزەممۇ ئاڭلاپ قالىمەن تېخى!;P

ئۇخلاپ ياتقاندا سۈيدۈك قىستاپ ئوپۇرنى ئىزدەپ قەيەرگىلا بارسام ئادەم بار.(ئادەملەر كۆرۈپ قالىدىغان يەردە قانداق تەرەت سۇندۇرىمەن؟ ئىزا تاتماي!) شۇنىڭ بىلەن ئامال يوق، شۇنداق خالىي جاي ئىزدەپ يۈرىمەن كېچىچە. بىر چاغدا ئويغانسام، سۈيدۇك قىستاپ ئارانلا قالغانلىقىنى سېزىمەن. ھېلىمۇ ياخشى چۈشۈمدە ئادەم يوق بىر خالىي جاينى تېپىۋالماپتىمەن دەپ خۇداغا شۈكرى ئېيتىپ دەرھال تۇرىمەن.
كىچىك چاغلاردا چۈشۈمدە قۇناقلىقلارنى تېپىۋالاتتىمدە، چاتاق بۇلااتتى.
كىچىك چاغلاردا ، تولا سۇغا چومۈلۈپ بەدەن سوغۇقى ئېشىپ كېتىپ، چۈشۈمدە ھە دىسە خالىي جاي ئىزدەپ ئاسانلا تېپىۋالاتتتىم:lol
كېچىسى كۆرپە سۇغۇرىدىغانلار بۇ ئىشلارغا دىققەت قىلسۇن.

شەيتان ئاتلاش ئىشىغا كەلسەك، ئوغۇل بالىنىڭ چىقىپ كېتىشكە تېگىشلىك نەرسىسىنىڭ تەسىرىدىنمۇ شەيتان ئاتلىشى مۇمكىن.  بالاغەتكە يەتكەن بالىلار قارشى جىنسنى ئويلىشى تەبىي ئەھۋال. ئۇخلىغاندا، ئۇ يەر قىسىىلىپ، بېسىلىپ دىگەندەك ئىشلار بولۇپ قالسا شەيتان ئاتلىشى مۇمكىن. ئۇخلىغاندا ئۆزىنى باشقۇرالمايدۇدە؟!:P ئويغانغاندا ، چىقىپ كەتكەنلىكىنى بايقىسا غۇسلى قىلىش لازىم بولىدۇ. توي قىلغاندىن كېيىن ، ئۇنداق شەيتان ئاتلىتىمەن دەپمۇ پۇرسەت تاپالماي يۈرىدۇ.

بىزنىڭ بىر مىنكاۋخەن خىزمەتدىشىمىز بولىدىغان، ئۇيغۇرچە گەپلەرنى ئۇدۇل خەزۇچىغا، خەنزۇچە گەپلەرنى ئۇدۇل ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ قىزىقچىلىق قىلىدىغان.
شەيتان ئاتلىدى دىگەننى «魔鬼跳过去了» دەيتتىo

bayram يوللانغان ۋاقتى 2014-10-17 15:26:37

مەن ھەر كۈنى دىگۈدەك چۈش كۆرىمەن. چۈش كۆرمىسەم ئۇخلىغاندەك بولمايمەن. ئەمما ئويغىنىپلا كۆپىنچە چۈشنىڭ تەپسىلاتىنى ئۇنتۇپ قالىمەن.

Muzepper يوللانغان ۋاقتى 2014-10-17 15:27:35

مېنى بۇرۇن ئۇخلىغاندا يېرىم كىچىدە بىر نېمە تۇتىۋالغاندەك، ئۆزۈم ئويغانساممۇ كۆزۈمنى ئاچالماي، ئاۋازىمنى چىقىرالماي، بەدىنىمنى مىدىرلىتالماي قالاتتىم. ئۆزۈم ئويغۇنۇپ بولغان، ئەمما كۆزۈمنى ئاچالمايتتىم.  چىڭ ۋاقىراشقا، شۇ بەدىنىمنى تۇتىۋالغان نەرسىدىن قۇتۇلۇپ بەدىنىمنى مىدىرلىتىشقا تېرىشىپ، بەك تەستە كۆزۈمنى ئاچاتتىم. بۇ خىل ئەھۋال دائىم يۈز بېرەتتى.  كېيىن بەش ۋاخ نامازنى باشلىغاندىن بىرى بۇ خىل ئەھۋال يوقىدى. مەن بۇنىڭ سەۋەبىنى ئۆزۈمنىڭ نامازنى باشلاپ، دائىم تاھارەت بىلەن پاكىز يۈرگىنىمدىن كۆرگەنتىم.

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-10-17 15:28:42

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! ماقالىنىڭ تۆۋەندىكى جايلىرىغا قايتا قاراپ باقسىڭىز:
1.
------
ئائىشە ئانىمىزنىڭ رىۋايەت قىلىشىچە، ئاللاھ قۇرئاننى ۋەھىي قىلىپ چۈشۈرۈشكە ساق 6 ئاي قالغان كۈندىن باشلاپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەر كۈنى ئاخشىمى مۇشۇ خىلدىكى چۈشلەرنى كۆرىدۇ.  بۇنداق چۈشنى كۆرۈش بىرەر كۈنمۇ توختاپ قالمايدۇ.  ھەر كۈنى ئاخشىمى ئەتىسى يۈز بېرىدىغان ئىشلارنى چۈشىدە كۆرىدۇ.
------
پەيغەمبىرىمىز ئائىشە ئانىمىزنى ۋەھىي چۈشۈشتىن بۇرۇن يەنى پەيغەمبەرلىك كېلىشتىن بۇرۇن ئالغان ئەمەس. پەيغەمبەرلىك كېلىشتىن بۇرۇن ئۆيلەنگىنى خەدىچە ئانىمىز!( تاكى خەدىچە ئانىمىز ۋاپات تاپقۇچە پەيغەمبىرىمىز ئىككىنجى بىر ئايالنى ئالغان ئەمەس.)


2.
--
بۇنىڭ سەۋەبى، شەيتان سىزنى قارا باستۇرغاندا، ئۇ سىزنىڭ ئۈستىڭىزگە چىقىپ ئولتۇرۇۋالغان بولۇشى مۇمكىن.  سىز «ئەيزۇبىنلا» دەپ ئۆرۈلسىڭىز، شەيتان قېچىپ كېتىدۇ.
--
ئەرەبچىدىكى ئەين ھەرىپىنى گەرچە ئۇيغۇرچىدا ئىپادە قىلغىلى بولمىسىمۇ ،ئەممە يەنىلا بۇ سۆزنى «ئەئۇزىبىللاھى مىنەششەيتانىر راجىيم» دەپ يازسىڭىز تېخىمۇ توغرا بولىدۇ . مەنىسى ( ئاللاھقا سېغىنىپ قوغلاندى شەيتاننىڭ شەررىدىن پاناھ تىلەيمەن...)

3.
----
ئالىي مەكتەپتە ئۆتۈلگەن دەرسلەر ئىچىدە فىق (ئىسلام قانۇنلىرى)، ھەدىس ۋە ئەقىدە قاتارلىق پەنلەر ھەققىدىكى دەرسلەر بار.  
----
فىق ئەمەس ،فىقىھ ...


تولۇقلىما مەزمۇن (2014-10-18 08:03):
ئۇئۇزىبىللاھى دەپ يېزىلىپ كېتىپتۇ...توغرىسى ئەئۇزۇبىللاھى

rock يوللانغان ۋاقتى 2014-10-17 15:36:10

مەن ئالدىراپ چۈش كۆرۈپ كەتمەيمەن، ئاندا ماندا قار بېسىپ قالىدۇ. خوتۇنغا دېسەم، «ۋاي دۆت، چۈش كۆمەيدىغان ئىش بولامدا، دۆت بوغاچقا ئۇنتۇپ قالىدىكەنسەن » دەيدۇ. راست دۆتمىكىن دېسەم مەكتەپتە ئۆگىنىش باشلىقىتىم بولمىسا.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-17 15:41:56

ئائىشە ئانىمىزغا سۆزلەپ بەرگەن بولسا رىۋايەت قىلغاندۇ ...

semerqent يوللانغان ۋاقتى 2014-10-17 15:56:58

xahla91 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-17 10:40 static/image/common/back.gif
شەيتان مېنى ئەخمەق قېلىپ ئويناۋىتىپتۇ.

:lol

Muzepper يوللانغان ۋاقتى 2014-10-17 16:07:21

ئىستىخارە سالغاندىن كېيىن كۆرگەن چۈشنى قانداق چۈشىنىمىز؟
ئىستىخارە سالغاندا چۈش كۆرۈش شەرت ئەمەس دەپ كۆرگەنتىم، بۇ يەردە دېگىنى ئىستىخارە سالغاندىن كېيىنكى ئىشنى چۈشتە كۆرۈشمۇ مۇمكىن، كۆرمەي باشقا ئىشتا كۆرۈلىشىمۇ مۇمكىن، دېگەنلىكمۇ ياكى چۈش كۆرۈش دەيدىغان گەپ زادىلا يوق، دېگەن گەپمۇ؟

sardar8 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-17 16:16:06

86………قىززىق گەپ

Uyghuri يوللانغان ۋاقتى 2014-10-17 16:45:38

ئەسلى مۇنداقكەندە ! مەن خوتەندە ئىبنى سىيرىن يازغان چۈش تەبىرنىڭ ئەرەپچىسىنى كۆرۈپ ، ئىبنى سىيرىندەك تەقۋا كاتتا ئالىم چۈش تەبىرى توغرىسىدە كىتاب يازغان بولغىيمىتى دەپ ، پەقەت كاللامدىن ئۆتمەي ئالمىغان ئىدىم
ئىبنى سىيرىننىڭ نامىنى سېتىپ چىقارغان كىتابكەن ئەسلى ،
چۈش تەبىرى توغرىسىدىكى چۈشەنچىمىز ئوخشاشكەن ياسىر قازى بىلەن ...

Uyghuri يوللانغان ۋاقتى 2014-10-17 16:49:01

terjiman يوللىغان ۋاقتى  2014-10-17 10:17 static/image/common/back.gif
بىزنىڭ يۇرتتا بىر ئادەم كۆرگەن چۈشىنى سۆزلەپ بەرسە، سۆ ...

يۇقۇردا جاۋابى بېرلىپتىغۇ ئەينا ، مۇشۇ توغرىسىدا بىر ھەدىس باردەك ئېسىمدە ، « ئەگەر بىرى ساڭا چۈشۈنى سۆزلەپ بەرسە ياخشى چۈش كۆرۈپسىز ، ياكى ئاللاھ چۈشىڭىزنى ياخشى قىلىپ بەرسۇن دەپ قويغىن دىگەن مەزمۇندا بىر ھەدىس باردەك »

salam101 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-17 17:15:52

مەن بىر قېتىم چۈشۈمدە قۇياشنى كۆرگەن چوڭلاردىن سورىسام ئاللاھنىڭ جامالىنى كۆرۈپسىز دىگەن

Faith يوللانغان ۋاقتى 2014-10-17 17:43:54

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Faith تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-17 18:02  

مەن چۈش توغرىسىدا خېلە ئېنىق مەلۇماتقا ئىگە بولدۇم. مەن بەزىدە يامان چۈش كۆرسەم ئەنسىرەپ كېتىپتىكەنمەن. ئەسلى شەيتاننىڭ ۋەسۋەسسىكەندە. شەيتاننىڭ ۋەسۋەسسىدىن ئەمدى قورقمايمەن.






بەت: [1] 2 3
: بىلىمخۇمار: چۈش ۋە چۈش ئۆرۈش ھەققىدە