xinjiangtour يوللانغان ۋاقتى 2014-10-17 03:03:30

چۈش تەبىرى (يېڭى)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xinjiangtour تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-17 03:11  

چۈش تەبىرى
بۇ چۈش تەبىرى داڭلىق بىر ئۆلمانىڭ چۈش كىتابىدىن تەرجىمە قىلىندى،كىتاپنىڭ ھەجىمى بىر قەدەر چوڭ بولغاچقا ، بىر قىسىمىنىلا تەرجىمە قىلىپ يوللىدۇم ،قالغان قىسىمىنى كېيىنچە كىتاپ قىلىپ چىقىرىش ئۈچۈن قالدۇردۇم.ئىشلىرىم ئالدىراش بولغاچقا ۋاقتىم يەتكەندە قالغان قىسىمىنى تەرجىمە قىلىمەن.
ئەسكەرتىش: تۆۋەندىكىلەر بازاردىكى چۈش تەبىرى دىگەن كىتاپقا قەتئىي ئوخشىمايدۇ ھەم ئۇ كىتاپتىن بىر قۇر گەپنىمۇ قوشمدىم.

چۈش كىشىلەرنىڭ كۈندۈزدىكى كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىنىڭ ئۇخلىغان ۋاقىتتىكى كۆرۈنىشى بولۇپ , ئەلمىساقتىن تارتىپ كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ھەم باشقىلارنىڭ كېچىدە كۆرگەن چۈشلىرىنى ياخشى تەرەپكە ئۆرۈپ , يامان چۈشلەرنىمۇ ئامال بار ياخشى تەرەپكە ئۆرۈپ كىشىلەرنىڭ پىسخىكا جەھەتتىكى ئاجىزلىقىنى تولدۇرۇپ , بەلگىلىك رىغبەتلەندۈرۈش , تەسەللىي بىرىش ۋە ئىلھام بىرىش ئارقىلىق كىشىلەرنى خاتىرجەملىككە ئىگە قىلماقتا . ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆزىگە خاس چۈش تەبىرى بولۇپ , بۇ تەبىرلەرگە شۇ مىللەتنىڭ ئۆرۈپ - ئادىتى , دىني ئېتىقادى , ۋە شۇ مىللەتنىڭ بەلگىلىك مەدىنىيەت خاراكتىلىرى سىڭىپ كەتكەن . بۇنىڭ شۇ مىللەتنىڭ ئىندىۋۇدال خاراكتىرىنى ۋە ئۆرۈپ-ئادەتلىرىنى تەتقىق قىلىشتا بەلگىلىك قىممىتى بار . شۇنى دەپ ئۆتۈش كېرەككى , بۈگۈنكى ئىلىم - پەن تەرەققىي قىلغان دەۋىردىمۇ , نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ كېچىدە كۆرگەن چۈشلىرىنى چۈشىنەلمەي , بۇنىڭدىكى سىرغا ھەيران قىلىپ يۈرمەكتە . بېشىدىن كۆپ ئىسسىق - سوغۇق ئۆتكەن پىشقەدەملىرىمىز ھەرخىل چۈشلەرگە بىرخىل بەلگىلىك رىغبەتلەندۈرۈش , تەسەللىي بىرىش ۋە ئىلھام بىرىشنى ئاساس قىلىپ , ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلىپ كەلمەكتە .

ھەر كىشى بىرەر چۈش كۆرسە چۈشىگە تەبىر بەرگۈچى ياخشىلىققا تەبىر بەرسۇن، يامانلىققا تەبىر بەرمىسۇن، چۈش دېگەن بىرر ئاللاھ تەرەپتىن، يەنە بىرى شەيتان تەرەپتىندۇر، ھەرقانداق چۈشكە خۇدايىم مۇرادىڭغا يەتكۈزسۇن، يۈسۈپ ئەلەيسىسسلام يار بولسۇن دەپ تەبىر بېرىش لازىم. ھەر كىشى ئۆزىنىڭ نىيەت ئەمەلىگە قاراپ چۈش كۆرىدۇ. چۈش كۆرگۈچىنىڭ قېنى، سەپراسى، سەۋداسى ياكى بەلغىمى غالىب بولغان بولسا، كۆرگەن چۈشنىڭ ئېتىبارى بولمايدۇ. ئۇنىڭغا تەبىر ئېيتىلمايدۇ. ئەگەر كىشىنىڭ ياتىدىغان چاغدا خىيالىغا كەلگەن نەرسىلەر چۈشىگە كىرسە، بۇ چۈشنىڭمۇ ئېتىبارى بولمايدۇ. يىل بېشىدىكى چۈش يىل ئاخىرىدىكى چۈشتىن، سەھەردىكى چۈش ئاۋۋالقى چۈشتىن ياخشى بولىدۇ.

ئۈژمە ياكى بۆلجۈرگەن
ئۈژمە ياكى بۆلجۈرگەن يەپ چۈش كۆرسە مال دۇنياسى كۆپىيەر،كۈچلۈك ئىتقاد ۋە سالامەتلىكى ياخشى بولۇر.
قارا ئۈژمە كۆرۈپ چۈش كۆرسە ئالتۇنغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.
ئۈژمە دەرىخى  كۆرۈپ چۈش كۆرسە باللىرى كۆپ باي كىشىگە ۋەكىللىك قىلدۇ.
ئۈژمە كۆرۈپ چۈش كۆرسە باشقا مەنىسى بۇ سىزنىڭ باشقىلاردىن پۇل ئارىيەتكە ئالىدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرىدۇ.
قارا ئۈژمە يەپ چۈش كۆرسە روناق تېپىش ۋە باياشاتلىقنى بىلدۈرىدۇ.
ئانار
ئانار ئۇرۇقى يەردە ،چۈش كۆرسە ئاسان پۇل تاپىدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرىدۇ.
ئانار كۆرۈپ چۈش كۆرسە كېرىم بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
ئەگەر ئانار پىشقان بولسا ھەمدە تەمى تاتلىق بولسا چىرايلىق بىر ئايالغا،شەھەرگە،ئوغول بالىغا،مىڭ كويغا ،يۈز كويغا ياكى ئون كويغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،سىزنىڭ كۆرگەن چۈشىڭىز ئەھۋالىڭىزغا باغلىق.
ئەگەر ئانارنى پىشماستىن يىيىلگەن بولسا ،گۇمانلىق ،قانۇنسىز پۇلغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.
ئەمەلدار ياكى بىرەر باشلىق چۈشىدە ئانار كۆرۈپ چۈش كۆرسە ئانار بىر شەھەرگە ۋەكىللىك قىلدۇ. ئەگەر ئۇ ئەمەلدار ئانارنى ئوتتۇرىدىن يارغان بولسا شۇ شەھەرگە باشلىق بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
ئانارنىڭ پوستى ،شۇ شەھەرنىڭ تاملىرىغا ،ئۇرۇقى خەلىقىگە ،شەربىتى سانائەت ۋە شۇ شەھەرنىڭ بايلىقىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.
ئەگەر كىسەلچان كىشى ئانارنىڭ پوستىنى يەپ چۈش كۆرسە كېسىلىدىن ساقىيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
ئانار كۆرۈپ چۈش كۆرسە مەبلەخ ئۇنىڭدىن باشقا ئەندىشە ياكى بىر يەرگە سەپەرگە چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
ئەگەر ئانارنىڭ ئۇرۇقى ئاق كۆرۈپ چۈش كۆرسە ئاز پۇلنى بىلدۈرىدۇ.
ئەگەر ئانارنىڭ ئۇرۇقى قىزىل بولسا ئۇ ھالدا كۆپ پايدىنى بىلدۈرىدۇ.
كۆرىنىشى بەك پاكىزە ئانارنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە ياش قىزنى بىلدۈرىدۇ.
ئوتتۇرىدىن ئاجىراپ كەتكەن ئانارنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە نۇمۇسىنى يوقاتقان قىزنى،ئاجىراشقان ئايالنى ياكى بىر تۇل ئايالنى بىلدۈرىدۇ.
سېسىق ئانارنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە ئىپپىتىنى يوقاتقان ئايالنى بىلدۈرىدۇ.
ئاچچىق ئانارنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە قانۇنسىز پۇل،ئەندىشە ،پاراكەندىچىلىكنى بىلدۈرىدۇ.
ئەگەر ئانار سېتىپ كۆرۈپ چۈش كۆرسە دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىكىنى بۇ دۇنيانىڭ ھوزۇر ھالاۋىتىگە سېتىۋىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
ئانار شەربىتى ئىچىپ چۈش كۆرسە تاپقان تەرگىنىنى خەجلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
ئانار دەرىخى كۆرۈپ چۈش كۆرسە تەقۋادار ،ھۆرمەتكە سازاۋەر،باي ئادەم بىلەن كۆرشىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ،ئەگەر بۇ چۈشنى كۆرگەن كىشى تىجارەتچى بولسا سودىسى نەچچە ھەسسە ياخىشىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
ئانار دەرخىنى تىكەنلىك ھالەتتە كۆرۈپ چۈش كۆرسە مەلۇم بىر پۇتلىكاشاڭنىڭ شۇ كىشىنى خاتا يولغا مېڭىشىغا سەۋەپ بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
ئانار دەرخىنى كېسىپ چۈش كۆرسە قانداشلىق مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش ۋە ئائىلىسىگە بولغان ئۆزى ئۈستىدىكى مەجبۇرىيەتكە سەل قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
ئەندىشە (قورقۇش)
كىمكى چۈشىدە ئەندىشە قىلىپ بىرنەرسىدىن قورقۇپ چۈش كۆرسە تەتۈرىگە ماڭىدۇ ئەمىليەتتە قورقۇپ،ئەندىشە قىلىپ چۈش كۆرسە تىنچ ئامانلىق،خۇشاللىق، ئاسايىشلىقنى بىلدۈرىدۇ،يەنە باشقا مەنىسى قورقۇش بىرەر جىنايى قىلمىش ،خاتا ئىش قىلىپ قويغانلىقتىن ئازاپلىنىپ كۆرگەن چۈشتۇر .
ئەگەر كىمكى ئۆزىنى قورقۇپ بىر نەرسىدىن قېچىپ چۈش كۆرسە مەلۇم ئىشتا غەلبە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
ئەگەر كىمكى ئۆزىنى قورقۇپ ھەمدە غايىپتىن بىر ئاۋاز"قورقما،ئۆلمەيسەن. بەرداشلىق بەر "دەپ چۈش كۆرسە ئۇ ئادەم قارىغۇ بولۇپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
ئەگەر كىمكى ئۆزىنى خۇدادىن قورقۇدىغان مۆئمىن ھالدا كۆرسە ئۇ ھالدا ئۇنىڭ دۇنيالىق قورقۇنۇچلىرى ئازىيدۇ،ياراتقۇچىغا يېقىنلىشىدۇ.
بىرەر كىشى ياكى نەرسە قورقۇشقا سەۋەپچى بولسا خېيىم-خەتەر ھەمدە يامانلىق كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
ئەگەر بىرەر كىشى چۈشىدە قورقۇپ كېتىپ ئۆلۈپ چۈش كۆرسە ئۇ كىشىنىڭ كىشلەرگە ياخشى مۇئامىلە قىلمايدىغان ،كىشلەرنىڭ ھەققى ھوقوقىنى دەپسەندە قىلىدىغان ھەمدە يامان ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
دادا(قاش)
كىمكى چۈشىدە ئۆزىنىڭ دادىسىنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە ،مەلۇم مەقسەت نىشانىغا يېتەر.
كىمكى چۈشىدە ،ئۇرۇق تۇغقان ،ئاتا-ئانا،چوڭ دادىلىرىنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە پايدا مەنپەئەت بولۇر،ئەگەر كىسەل كىشى بۇ چۈشنى كۆرسە كىسىلدىن خالاس بولۇر.
كىمكى يېرىم ئويغاق ھالەتتە دادىسىدىن ياردەم تەلەپ قىلىپ چۈش كۆرسە ئۇ كىشى ئويلاپ باقمىغان يەردىن ياردەم كېلىدۇ.
ئەگەر ئەمەلىي تۇرمۇشتا كىمكى بىرسىنىڭ سەپەردىن كېلىشىنى كۈتىۋاتقان بولسا كۈتكەن كىشىسى پات يېقىندا كىلەر.
ئەگەر ئۇ كىشى چۈشىدە دادىسى ئۇنىڭغا قاشا توساقلىق زىمىنلىق ئۆي بېرىپ كۆرسە ،دادىسىنىڭ بۇ دۇنيادا قىلىپ تۈگىتەلمىگەن خىزمىتىگە ۋارىسلىق قىلۇر.
ئېگىزدىن چۈشۈپ كېتىش
ئېگىزدىن يېقىلىپ كېتىپ چۈش كۆرسە ئۆمۈتسىزلىكنى ياكى ئورنىنى تولدۇرغىلى بولمايدىغان بىرەر خاتالىق سادىر بولدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. يەنە باشقا مەنىسى ياخشىلىق يامانلىققا ،ئەر-خوتۇن كىلىشەلمەسلىك،كەسپىنى ئۆزگەرتىش،ۋەتىنىدىن باشقا دۆلەتكە كۆچۈپ كىتىش،دىنىنى ئالماشتۇرۇش.
ئەگەر بىرەر نەرسىنىڭ ئۈستىگە يېقىلىپ چۈش كۆرسە ياخشىلىققا يۈزلىنىدۇ،يەنى ئېگىزدىن ئوت-چۆپ ئۈستىگە يېقىلىپ چۈش كۆرسە ياكى بىر توپ كىشىلەر ئۈستىگە چۈشۈپ چۈش كۆرسە بۇ ياخشىلىقتىن بېشارەت.
ئەگەر بىرەر قارا نىيەتنىڭ قولغا، بىرەر ۋەھشى مەخلۇققا تۇتۇلۇپ قېلىپ چۈش كۆرسە يامانلىقتىن بېشارەت.
ئەگەر بىرەر كىشى چۈشىدە ئۆز ئۆيىنىڭ ئۆگىزىسىدىن يېقىلىپ چۈشۈپ قولى ياكى پۇتى سۇنۇپ كېتىپ چۈش كۆرسە بۇنىڭ كۆپ مەنىسى بار: روھىي ئازاب،ئىقتىزادى قېيىنچىلىق،دوسلۇق مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش،يەرلىك ھۆكىمەت ئورۇنلىرىدىن پاراكەندىچىلىككە ئۇچىراش .
غاز
غاز: گۈزەل ئاياللارغا،كېلىشكەن ئەرلەرگە،پۇللارغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.يەنە باشقا مەنىسى :سۇدىن كىلىدىغان خەتەردىن ياكى زىمىندا شۇ كىشىگە كىلىدىغان خەتەردىن قۇتۇلۇپ قېلىشنى بىلدۈرىدۇ.
غاقىلداۋاتقان غازلار: ئۆلۈمگە،سۇدا تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپ كىتىش،يىغا-زار،ئاياللارنىڭ مۇسىبەتتە يېغلارشلىرىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.
غازلار توپى: باشلىق بولۇشنى،خەلىققە باشلىق بولۇشنى ،خەلىقنىڭ ھۆرمىتىگە ئىگە بولۇپ باي بولۇشنى بىلدۇرىدۇ.
يېگانە غاز كۆرۈپ چۈش كۆرسە غەم ئەندىشىدە قالغان بىرەر ئەر كىشىنى بىلدۈرىدۇ.
ياۋا غازلار: سەپەر،سودا،بايلىق،يېڭى مەھەلىگە كۆچۈشلەرنى بىلدۈرىدۇ.
غاز تۇخۇمى :بايلىققا ۋەكىللىك قىلىدۇ.
گۈزەللىك
بىرەر كىشى چۈشىدە ئۆزىنى بەك چىرايلىق بولۇپ باشقىلارنىڭ ئۇنىڭ قاراۋاتقان ھالدا چۈش كۆرسە ياخشى مۇئامىلىگە ئۇچىراش،كىيىم كىچەك كېيىش،بىرەر كىشىنىڭ دۈشمەنلىكىدىن قۇتۇلۇشنى بىلدۈرىدۇ.
تۇل ئايال
ئەگەر ئېرى يوق ئايال كىشى ئۆزىنى تاج تاقاپ،كىيىم كېيىپ چۈش كۆرسە باشقا دۆلەتتىن بىرەر باي كىشى بىلەن توي قىلۇر.ئەگەر تاج ئالتۇندىن بولسا ،بىرەر باي قېرى كىشى بىلەن توي قىلىپ بايلىقىغا ئىگە بولۇر.
ئايالى(ئۆزىڭىزنىڭ)
بىرەر كىشى ئايالىنى چۈشىدە كۆرۈپ چۈش كۆرسە دۈشمىنى،ئادالەتسىز باشلىق،رىقابەتچىسى،باياشات تۇرمۇش،قاتناش قۇرالى،نۇرغۇن بايلىق،ھوزۇر-ھالاۋەت،جاپالىق ئىشلەش مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ،ياكى باشقا مەنىسى ئايالى ياخشى پەزىلەتلىك ئايال بولسا : ئىززەت- ئىكرام نى بىلدۈرىدۇ.
ئايال كىشى :(نانلار،گۈللۈكلەر،ئەينەكلەر،قوۋۇرغىلار،مەرۋايىتلار،دۇنيا،كۆمۈش)
چىرايلىق ئايال كۆرۈپ چۈش كۆرسە بىر يىللىق راھەت پاراغەتكە ۋەكىللىك قىلىدۇ.
بىر ئايالنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە بىخەتەرئىشكاپقا،ئامبارغا ياكى ئۇنىڭ يوشۇرىنىدىغان جايغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.
يەنە تۇپىراققا،دۇنياغا،قەبىرىستانلىققا ،تۈرمىگە،مەخىپى ئىشقا،دەرەخكە،قۇدۇققا،سىياھدانغا ،ئۆيگە ياكى يولدىشى بىلەن مال دۇنيا ۋە خۇشاللىقنى يولدىشى بىلەن تەڭ بەھىرلىنىدىغان ھەمراھقا ۋەكىللىك قىلىدۇ.
چىرايلىق بىر ئايالنىڭ بىرسىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ كېتىۋاتقىننى كۆرۈپ چۈش كۆرسە ؛خۇشال-خۇراملىق
تۈگىمەس بايلىق ياكى مەلۇم بىرسىنىڭ سىزگە بولغان قوپال مۇئامىلىسىنىڭ دوستانىلىققا ئۆزگىردىغانلىقىنىڭ بىشارىتى.
سېمىز ئايال :باياشاتلىق يىلنى كۆرسىتىدۇ.


تولۇقلىما مەزمۇن (2014-10-28 08:25):
چۈشىدە ياش ئايالنى كۆرسە دۈشمەنگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.
قېرى ئايالنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە، دۇنياغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.
ئەگەر ئەر كىشى ئۆزىنىڭ ئايالىنى ئەر كىشىگە ئوخشىتىپ چۈش كۆرسە،ئۇ چوڭ دادىسىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ ياكى ئۇ ئاشۇ ئائىلىنىڭ گۈللىنىدىغانلىقىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.
ئەگەر بىرسى ئۆزىنى ئايالىنىڭ كۆتۈرۋالغانلىقىنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە ،ئۇنىڭ كېسەل بولىدىغانلىقىنى ،ياكى باي بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
تونىمايدىغان ئايال زاتىنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە ،پۇلىنى يوقۇتۇپ قويدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
ئەگەر بىرى ئۆزىنىڭ ئايالىنى باشقا بىرى بىلەن توي قىلىپ چۈش كۆرسە،ئۆزىنىڭ ئاللا يولىدىن چەتنەپ ئاندىن گۇناھىغا تۆۋە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
ئەگەر ئايال كىشى ئۆزىنىڭ تاجىنى باشقىلار ئوغۇرلىۋېلىپ چۈش كۆرسە،ئېرىنىڭ ئۆلىمىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.
ئەگەر ئايال كىشى ئۆزىنىڭ بېشى چۈشۈرلۈپ چۈش كۆرسە،ئاجىرشىپ كېتىدىغانلىقىنى ياكى ئېرىنىڭ ئۆلىمىنى بىلدۈرىدۇ.

ئايال كىشى ،دۇنياغا ،لەززەتكە،خۇشاللىققا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئەگەر بىرى ئايال كىشىنىڭ ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىۋاتقانلىقىنى چۈشىدە كۆرسە،دۇنيادىكى غەلبىسىنى بىلدۈرىدۇ.ئەگەر ئۇلار ئۇنىڭدىن نېرى كەتسە ،ئۇنىڭ دۇنيادىكى كەمبىغەللىكىنى بىلدۈرىدۇ.
ئادەم ئۆلتۈرۈش( قاتىللىق ،ئۆزىنى ئۆلتۈرۋېلىش)
چۈشىدە ئادەم ئۆلتۈرۈش چوڭ گۇناھقا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئەگەر بىرى ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىپ ياكى ئۆزىنىڭ قىلىپ قويغان گۇناھىي سەۋەپلىك ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىپ چۈش كۆرسە ،مەنىسى قىلغان گۇناھىغا ھەقىقىي تۆۋە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
بىرەر ئىنساننى ئۆلتۈرۈپ چۈش كۆرۈشنىڭ مەنىسى ئەڭ يامان ،قەبىھ گۇناھ قىلىشنى بىلدۈرىدۇ.
يەنە بىر مەنىسى : بىرەر كىشىنى ئۆلتۈرۈپ چۈش كۆرسە ،غەم-ئەندىشە،ئازاپ-ئوقىبەت،قايغۇدىن خالاس بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
يەنە بىر مەنىسى : ئەگەر بىرى باشقا بىرىنى بوغۇزلىماي ئۆلتۈرگەن بولسا ،زىيانكەشلىككە ئۇچىرىغۇچى زىيانكەشلىك قىلغۇچىدىن زور مەنپەئەتكە ئېرىشىدۇ.
چۈشىدە بىرەرسىنى بوغۇزلاپ ئۆلتۈرۈش ئادالەتسىزلىك بولىدۇ.
ئەگەر باشقىلار تەرپىدىن ئۆلتۈرۈلۈپ چۈش كۆرسە ،ئۆمۈرنىڭ ئۇزۇن بولىدىغانلىقى ۋە چۈشىدە ئۆزىنى
ئۆلتۈرگەن كىشىدىن نۇرغۇن بايلىققا ئېگە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.


تولۇقلىما مەزمۇن (2014-10-29 20:16):
1. قەبىرىستانلىق:
قەبىرە ياكى قەبىرىستانلىقنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە،قورقۇپ كەتكەن كىشىگە تەسەللى بېرىشنى بىلدۈرىدۇ.قەبىرىستانلىق قۇرقۇنۇچقا ،ئۆمۈتكە ۋە بىراۋنىڭ بىپەرۋالىقتىن توغرا يولغا يېتەكلىنىشنى بىلدۈرىدۇ.
ئەگەر تەن سالامەتلىكى ياخشى كىشى دەپنە مۇراسىمىغا قاتنىشىپ مىيىتقا ،يىغلاپ ياكى دۇئا قىلىپ چۈش كۆرسە گۇناھىدىن خالاس بولغاي،دېنى بىلىم ساھەسىگە قاتناشىپ بىلىملىكلەرگە خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
ئەگەر بىرى دەپنە مۇراسىمىدا مىيىتنىڭ كەينىدىن مېڭىپ ھۆرمەتسىزلىك قىلسا ،كۈلۈپ ۋە چاقچاق قىلىپ چۈش كۆرسە ،قەبىھ گۇناھلار بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار بىلەن دوست بولىدىغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىغا شېرىك بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
ئەگەر بىرى ئۆزىنى تەركى دۇنيالىق ئۈچۈن مازارلارنى زىيارەت قىلىپ ئاندىن ئەقىل پاراسەت،ھەقىقەت ئىزلەپ چۈش كۆرسە،ئۇ ئىككى كىشى ئارسىدىكى دەۋاغا ھۆكۈم چىقىرىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىنىدۇ،ۋە ئۇ كىشلەر ئارىسىدا ئادىللىق بىلەن خىزمەت قىلىدىغان ھۆكۈمدار بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
ئەگەر بىرى قەبىرىستانلىققا كىرىپ ئەزان توۋلاپ چۈش كۆرسە،كىشلەرنى ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسۇپ ،يامانلارنى ئاگاھلاندۇردىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
ئەگەر بىرى قەبىرىگە كىرىپ ئۆلۈكلەرنىڭ چېچىلىپ ياتقان سۆڭەكلىرى ئۈستىدە مېڭىپ چۈش كۆرسە ،شۇ كىشىنىڭ ئۆلىدىغانلىقى ۋە شۇ يەرگە دەپنە قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
2. مەسجىت ،جامە
مەسجىت ئالىمغا ،دەرۋازىلىرى بىلىم ئېگىلىرىگە ۋە شۇ مەسجىتنىڭ قوغدىغۇچىلىرىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-17 08:51:36

مەن ئېھتىياجلىق تەبىرلەر يوقكەن.:(

UFO114 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-17 09:11:01

ساقلىۋالاي   كىيىن لازىم  بوپ  قالا

udun0903 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-17 09:27:28

بىرسى تىلىفۇن قىلىپ چۈش كۆرۈپ، ئويغىنىپ تۇرسا، دەل شۇ ئەدەمدىن تىلىفۇن كەلسە، بۇنىڭ تەبىرىچۇ؟:lol
كىچىدىن شۇنداق بولدى، نىمىشتۇ دەپ ئەتتىگەن مۇنبەرگە كىرسەم. چۈش تەبىرى دەپ تۇرىدۇ.
لىكىن مۇناسىۋەتلىك تەبىر يوق. {:87:}

xinjiangtour يوللانغان ۋاقتى 2014-10-17 10:15:55

udun0903 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-17 09:27 static/image/common/back.gif
بىرسى تىلىفۇن قىلىپ چۈش كۆرۈپ، ئويغىنىپ تۇرسا، دەل شۇ  ...

مەن چۈش ئۆرىگۈچى ئەمەس ، سىز تېمىنى تازا ياخشى ئوقىمىغان ئوخشايسىز . شۇنداقتىمۇ كۆڭلىڭىز يەردە قالمىسۇن .
كۆرگەن چۈشىڭىزنىڭ ۋاقتى ،ئورنى ،سىزنىڭ كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇنقى كەيپىياتىڭىزغا باغلىق ،ئەگەر سىز چۈش كۆرگەن ۋاقىت نامازغا ئەرزان توۋلاشتىن بۇرۇن بولسا بۇنداق چۈش بەك ئېنىق بولىدۇ.نامازدىن كېيىن يەنى تاڭ ئېتىپ كۈن پېشىن بولغىچە ئارلىقتا كۆرگەن چۈش شەيتاندىندۇر.
چۈشىڭىزنىڭ تەبىرى شۇكى تېلېفون دېگەن بىر ئالاقە قۇرالى ،چۈشىڭىزدە ئالاقە قۇرالى ئارقىلىق باشقىلار بىلەن پاراڭلىشىپ چۈش كۆرگەن بولسىڭىز ،مەلۇم بىر كىشى بىلەن كۆرشىدىكەنسىز.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-17 10:49:41

چۈشنىڭ ئەڭ ياخشى تەبىرى :
http://bbs.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=60247#lastpost

Typography يوللانغان ۋاقتى 2014-10-17 11:08:05

ئەمدى بۇ چۈش تەبىرلىرى بىر مەزگىل ئۈندىدار سۇپىلىرىدا ئېقىپ يۈرۈيدىغان بولدىدە ئەڭ يېڭى چۈش تەبىرى بىزنىڭ سالونىمزدا جاپا تارتىپ يوللىدۇق دەپ :lol:lol

newstar يوللانغان ۋاقتى 2014-10-17 12:01:50

ئىتالىيە تەييار چۆپى يەپ چۈش كۆرسىڭىز، ئىشتىنىڭىزنىڭ شوينىسىنى يوقىتىپ قويىسىز.
بىرسى بىلەن مۇشتلىشىپ چۈش كۆرسىڭىز، يېنىڭىزدا ياتقان ئادەمنى ئۇرۇپ سالىسىز.
ماۋۇ تەبىرلەر توغرىدۇ ھە...

Nanqipi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-17 13:16:06

ماڭا ئ‍وخشاش ئ‍ىدارىدە باشلىقى بىلەن ئ‍ۇرۇشۇپ قېلىپ كىچىچە ئ‍ىدارە باشلىقىنىڭ ئ‍ايالى بىلەن جىنسى مۇناسىۋەت قىپ چۈش كۆرۈپ باققانلار بارمۇ؟
بولسا مۇشۇ خاسىيەتلىك چۈشۈمگە بىر تەبىر بېرىپ باققان بوساڭلار!

xinjiangtour يوللانغان ۋاقتى 2014-10-17 13:48:10

Nanqipi يوللىغان ۋاقتى  2014-10-17 13:16 static/image/common/back.gif
ماڭا ئ‍وخشاش ئ‍ىدارىدە باشلىقى بىلەن ئ‍ۇرۇشۇپ قېلىپ ك ...

بۇ چۈشىڭىز ھەققىدە مەزمۇنلار بار ئېدى بىراق ئۇنى يوللىمىدىم. بۇنداق چۈشنى يامان دەپ كەتكىلى بولمايدۇ بىراق شەيتان ئاتلاپ قالغان بولسىڭىز ،بوي تەرەت ئېلىۋىتىڭ.

newstar يوللانغان ۋاقتى 2014-10-17 16:49:58

Nanqipi يوللىغان ۋاقتى  2014-10-17 13:16 static/image/common/back.gif
ماڭا ئ‍وخشاش ئ‍ىدارىدە باشلىقى بىلەن ئ‍ۇرۇشۇپ قېلىپ ك ...

چۈشنى كۆرۈپ بولۇپ ئىدارىدە باشلىقىڭىزغا دېگەنمۇ يا؟
ئەمدى دەيمە، مۇشۇ تەرتىپنى خاتا دەپ سالغان بولسىڭىز دەيمىنە....

Uyghuri يوللانغان ۋاقتى 2014-10-17 16:58:18

قايسى داڭلىق ئۆلىما  ؟

Nanqipi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-17 17:06:46

يوقسۇ…
مەن بىر ئ‍ىش قىسام رەت تەرتىۋى بويىچە قىلىمە، ئ‍ەزەلدىن رەت تەرتىۋىنى ئ‍الماشتۇرۇپ  قويمايمە

xinjiangtour يوللانغان ۋاقتى 2014-10-17 17:11:31

Uyghuri يوللىغان ۋاقتى  2014-10-17 16:58 static/image/common/back.gif
قايسى داڭلىق ئۆلىما  ؟

ئېبنى سېرىن رەھمەتۇللا ئەلەي

Nanqipi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-17 17:12:45

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Nanqipi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-17 18:27  

بۇ  مەزمۇن يۇشۇرۇلغان،  پەقەت ۋى ئ‍اي پى ئ‍ەزالارلا كۆرەلەيدۇ.
باشقا ئ‍ەزالار ياكى ئ‍ەزا ئ‍ەمەسلەر ئ‍استا كەينىچىلەپ چىقىپ كېتىڭ.
ماسلاشقېنىڭىزلارغا رەھمەت!

Uyghuri يوللانغان ۋاقتى 2014-10-18 06:56:04

xinjiangtour يوللىغان ۋاقتى  2014-10-17 17:11 static/image/common/back.gif
ئېبنى سېرىن رەھمەتۇللا ئەلەي

ئىبنى سىيرىننىڭ  بۇ توغرىسىدا  كىتاب  يازغانقىغا ئىلمى  مەلۇمات يوق  ،  ئادەتتە  كىتابخانىلارغا كىرسىڭىز  تعبير الاحلام دەپ  كىتاب  بار ئاپتۇرىغا قارسىڭىز  ئىبنى سىيرىن دەپ  بار ، ئەمما  بۇ توغرىسىدا  يېتەرلىك  ئىسپات يوق،
يۈسۈف  ئەلەيھىسسالام زامانىدا  كالا  باشقا  بىر  نەرسىگە  سىموۋۇل  قىلىنغان  بولسا ،  پەيغەمبىرىمىز زامانىدا  يەنە  باشقا  بىر  ئىشقا سىموۋۇل قىلىنغان ، پەيغەمبىرىمىزنىڭ  كالا  قۇربانلىق  قىلىپ  چۈش  كۆرۈپ ، كىيىن  قانداق  ئەھۋال يۈز  بەرگىنى  ھەممەيلەنگە ئېنىق .
شۇڭلاشقا ئەرەپلەردە  بىر  نەرسە  بىر نەرسىگە  سىموۋۇل  قىلىنغان  بولسا  ،  بەلكىم  ئۇيغۇرلاردا  ئۇنىڭغا سىموۋۇل  قىلىنماسلىقى  مومكىن  ،  بۇنىڭ  ئىسپاتى  يۇقىردا  دىيىلگەندەك ،

sherqi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-19 17:32:39

چۈشىدە ئادەم ئۆلتەرگەنگە قانداق تەبىر بېرىلدىغاندۇ قېرىنداشلار ؟

xinjiangtour يوللانغان ۋاقتى 2014-10-28 07:53:07

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xinjiangtour تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-28 07:54  

sherqi يوللىغان ۋاقتى  2014-10-19 17:32 static/image/common/back.gif
چۈشىدە ئادەم ئۆلتەرگەنگە قانداق تەبىر بېرىلدىغاندۇ قې ...

چۈشىڭىزنىڭ تەبىرى مانا :
ئادەم ئۆلتۈرۈش( قاتىللىق ،ئۆزىنى ئۆلتۈرۋېلىش)
چۈشىدە ئادەم ئۆلتۈرۈش چوڭ گۇناھقا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئەگەر بىرى ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىپ ياكى ئۆزىنىڭ قىلىپ قويغان گۇناھىي سەۋەپلىك ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىپ چۈش كۆرسە ،مەنىسى قىلغان گۇناھىغا ھەقىقىي تۆۋە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
بىرەر ئىنساننى ئۆلتۈرۈپ چۈش كۆرۈشنىڭ مەنىسى ئەڭ يامان ،قەبىھ گۇناھ قىلىشنى بىلدۈرىدۇ.
يەنە بىر مەنىسى : بىرەر كىشىنى ئۆلتۈرۈپ چۈش كۆرسە ،غەم-ئەندىشە،ئازاپ-ئوقىبەت،قايغۇدىن خالاس بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
يەنە بىر مەنىسى : ئەگەر بىرى باشقا بىرىنى بوغۇزلىماي ئۆلتۈرگەن بولسا ،زىيانكەشلىككە ئۇچىرىغۇچى زىيانكەشلىك قىلغۇچىدىن زور مەنپەئەتكە ئېرىشىدۇ.
چۈشىدە بىرەرسىنى بوغۇزلاپ ئۆلتۈرۈش ئادالەتسىزلىك بولىدۇ.
ئەگەر باشقىلار تەرپىدىن ئۆلتۈرۈلۈپ چۈش كۆرسە ،ئۆمۈرنىڭ ئۇزۇن بولىدىغانلىقى ۋە چۈشىدە ئۆزىنى ئۆلتۈرگەن كىشىدىن نۇرغۇن بايلىققا ئېگە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

qoldikibulah يوللانغان ۋاقتى 2014-10-28 08:09:46

Nanqipi يوللىغان ۋاقتى  2014-10-17 13:16 static/image/common/back.gif
ماڭا ئ‍وخشاش ئ‍ىدارىدە باشلىقى بىلەن ئ‍ۇرۇشۇپ قېلىپ ك ...

باشلىقىڭىزنىڭ خوتۇنىغا ئاشىق بولۇپ قالغان ئوخشايسىز.{:181:} {:181:} {:181:}

sherqi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-31 14:35:56

xinjiangtour يوللىغان ۋاقتى  2014-10-28 07:53 static/image/common/back.gif
چۈشىڭىزنىڭ تەبىرى مانا :
ئادەم ئۆلتۈرۈش( قاتىللىق ،ئۆ ...

كۆپ رەھمەت قېرىندىشىم .
بەت: [1]
: چۈش تەبىرى (يېڭى)