قۇربان بايرىمى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا toethogul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-16 20:40قۇربان بايرىمى
يۇنۇس زۇننۇن
ئاسمىنىڭدىن تامچە سۈزدۈم
بىر ئەسلىمىگە تىرىلىش ئۈچۈن؛
تامچاممىدىم ئەي! گۇناھلىرىم ئۈستىگە
خائىنلىقىغا، ئاجىزلىقىغا، قورقۇنچاقلىقىغا...
بىر بايرام كەلمەس ئەمدى،
چۈنكى قۇربانلىقى بولدى ئەسلىمە...
چاك كەتكەن ئاۋازلارنى بوغۇزلىدىم
كاشكى سۈزۈلسىكەن ئاشۇ ئاسمانلار...
ئىبراھىملاردىن تېخى خەۋەر يوق،
ئىسمائىللار بولدى كىملەرگە قۇربان؟!
سورىسام قۇربانلىقىمىزنى ئاسمان توزارمۇ،
ئاھ، گۈل بوينىدىن تامچە تېزەرمۇ؟!
ئەي مېنى تاشلاپ كەتكەن ئەزىزلەر!
ئاسمىنىمىزغا باقساڭلار ئەگەر،
يار ۋەسلىگە يېتەردۇق بەلكى،
قۇربان قىلساق بارلىقىمىزنى بىر بولۇپ
تامچىپ كەتسەك ھەقدادىغا بىرلىكتە
ئۆچكەن قۇياش ياناردى، يىتكەن ئارمانلار كېلەردى
بولۇپ بىر قۇربان بايرىمى...
05.10.2014
قۇربان ھېيتنى دىمەكچىمۇ ياكى قۇربان بايرىمى دەپ بايرام بارمۇ ؟ ئەسلى قۇربان ھېيتلىق يېزىپتىكەن، بەختكە يارىشا بۈگۈن تەستىقلىنىپتۇ ... توھىت ئوغۇلنىڭ (كۆك ئوغۇل)دىمەكچى بولغىنى تۇركچىلا دەپتۇ قۇربان ھېيتنى دىمەكچى مىڭكاۋاخەن ئوشايتتۇ بۇ. تۈركزۇۋان يازغان شېئىردەكلا قىلىدۇ
بەت:
[1]