waskitbol يوللانغان ۋاقتى 2014-10-16 18:14:42

‹‹ئۇچار يولۋاس›› يىڭى قىياپەت بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىدۇ

  ‹‹ئۇچار يولۋاس›› كوماندىسى يېڭى مۇسابىقە پەسلىدە يېپيېڭى قىياپەت بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىدۇ

     

   نىجات ئىمىن خەۋەر قىلىدۇ: 2014 –، 2015 – يىللىق جۇڭگو ئەرلەر كەسپىي ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى (CBA) 1 – نويابىر باشلىنىدۇ. 10 – ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭ گۇاڭخۇي ‹‹ئۇچار يولۋاس›› ۋاسكېتبول كۇلۇبى ئۈرۈمچىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، ئۆزلىرىنىڭ يېڭى مۇسابىقە پەسلىدىكى كونكرېت تەييارلىقلىرىدىن ھەر قايسى تاراتقۇلارنى خەۋەرلەندۈردى.
   شىنجاڭ گۇاڭخۇي ‹‹ئۇچار يولۋاس›› ۋاسكېتبول كۇلۇبى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى بىلەن شىنجاڭ گۇاڭخۇي كەسپىي مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى بىرلىكتە قۇرغان كەسپىي ۋاسكېتبول كۇلۇبى بولۇپ، كۇلۇب قۇرۇلغان 15 يىلدىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ يېقىندىن قوللاپ قۇۋۋەتلىشى ئارقىسىدا، مەملىكەتلىك ۋە خەلقئارالىق مۇسابىقىلەردە زەپەر قۇچۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئۈچۈن زور شان – شەرەپلەرنى قولغا كەلتۈردى.
   ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا شىنجاڭ گۇاڭخۇي ‹‹ئۇچار يولۋاس›› ۋاسكېتبول كۇلۇبىنىڭ باش لېدىرى گو جيەن ‹‹ئۇچار يولۋاس›› كوماندىسىنىڭ يېڭى پەسىللىك مۇسابىقىگە بولغان تەييارلىقلىرىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يېڭى پەسىللىك (CBA) مۇسابىقىسى باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا، يېڭى مۇسابىقە پەسلىدە ‹‹ئۇچار يولۋاس››نىڭ يېپيېڭى قىياپەتتە مەيدانغا چىقىپ تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى ئۈچۈن، بىز كوماندىنىڭ تىرېنېر ۋە تەنھەرىكەتچىلىرىنى مۇۋاپىق تەڭشىدۇق. باش تىرېنېرلىق ئورنىغا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان (CBA) ياشلار بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە شىنجاڭ گۇاڭخۇي ياشلار كوماندىسىنى يېتەكلەپ ئۇدا ئىككى نۆۋەت چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن تىرېنېر خاۋ شۇمىننى تەكلىپ قىلدۇق. ئۇنىڭدىن باشقا گىرېتسىيەلىك تېخنىكا مەشقاۋۇلى مايكلىس، ئامېرىكىلىق كۈچ مەشقاۋۇلى مايكول كوكىس شۇنداقلا ئەسلىدىكى كوماندا يېتەكچىسى دىڭ ۋېي قاتارلىقلارنى تەكلىپ قىلىپ تۆت كىشىلىك تىرېنېرلار گۇرۇپپىسى تەشكىللىدۇق. تەنھەرىكەتچىلەردىن كۆپچىلىككە تونۇش بولغان شىرئەلىجان مۇختەر، قىرانبېك ماقان، سۇ ۋېي، تاڭ جېندۇڭ قاتارلىقلاردىن باشقا، دۆلەت ئىچىدە زور شۆھرەت قازانغان بېك ليۇ ۋېي، يېڭى يۇلتۇز ساۋ فېي، ‹‹كىچىك ياۋمىڭ›› دەپ تەرىپلىنىۋاتقان جۇ چى قاتارلىق مۇنەۋۋەر تەنھەرىكەتچىلەر بىلەن توختاملاشتۇق. شۇنىڭ بىلەن بىللە كۆپچىلىك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان چەت ئەللىك ماھىر كىرگۈزۈش خىزمىتىنىمۇ زور مەبلەغ سەرپ قىلىپ ئوڭۇشلۇق تاماملىدۇق. بۇ قېتىم تەكلىپ قىلغان چەت ئەللىك ماھىرلىرىمىز NBA (ئامېرىكا ئەرلەر كەسپى ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى)دىن تەكلىپ قىلىنغان 28 ياشلىق ئاندىرى بىراچ بىلەن 26 ياشلىق جوردان كىراۋفورد بولۇپ، بۇ ئىككى ماھىر نۆۋەتتە (CBA) بىرلەشمىسىدىكى تەكلىپ قىلىنغان چەت ئەللىك ماھىرلار ئىچىدىكى ياش قۇرۇلمىسى، تېخنىكا ئالاھىدىلىكى، چىدامچانلىقى ۋە تەشكىللەش ئىقتىدارى ئەڭ يۇقىرى ماھىرلار ھېسابلىنىدۇ. ئىشىنىمەنكى، يېپيېڭى قىياپەتتە ئوتتۇرىغا چىقىدىغان ‹‹ئۇچار يولۋاس›› يېڭى مۇسابىقە پەسلىدە شىنجاڭدىكى ۋاسكېتبول مەستانىلىرىغا تېخىمۇ زور خۇشاللىقلارنى ئاتا قىلىدۇ.

adl228 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-17 08:15:53

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   adl228 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-17 08:23  

قارىغاندا ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ كوماندىسى بۇ يىلمۇ ئۇزغۇن بولالمىغىدەك . مېنىڭچە بولغاندا ئەسلىدە  ئوتتۇر ھۇجۇمچى تاڭ جىڭدۇڭنىڭ ئورنىغا بىېيجىڭ جىنيۈ كوماندىسىدىكى مولىسىدەك  تېخنىكىسى ياخشىراق چەت ئەللىك ماھىردىن بىرەنى ئالغان بولسا ياخشى بولاتتى. بۇلتۇرقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە بېيجىڭ كوماندىسىغا ئۇتتۇرۋىتىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب، تاڭ جىڭدۇڭنىڭ مولىسنى باقالمىغانلىقى بولدى، شۇنىڭ بىلەن كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئىپادىسى ئەڭ ياخشى بۇلدىغان ئەزا ماربولى بۇلىدۇ دەپ ئويلىغان بولسىمۇ ، تاڭ جىڭدۇڭ مولىسىنىڭ ھۇجۇمىنى ئۈنۈملۈك چەكلىيەلمىگەنلىكى تۈپەيلى مۇلىسىغا 30نۇمۇر ئالدۇرۇپ قۇيۇپ مولىسىنى ئىپادىسى ئەڭ ياخشى ئەزا بۇلۇشىغا، شۇنداقلا ئاپتۇنۇم رايۇن كوماندىمىزنىڭ ئۇتتۇرۇپ قۇيۇشىغا سەۋەب بولغان، بۇدېگەنلىك ھەرگىزمۇ بارلىق سەۋەنلىك تاڭ جىڭدۇڭدا دېگەنلىك ئەمەس، چۈنكى مەيدانغا 5ئادەم چۈشىدۇ ئەمەسمۇ

adl228 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-17 08:25:48

شۇنداق بولسىمۇ،مەن يەنىلا سىلەرنىڭ ئۇزغۇن بۇلۇشۇڭلىغا چىن كۆڭلۈمدىن تىلەكداشمەن، غەيرەت قىلغايسىلەر

ErkinQush يوللانغان ۋاقتى 2014-10-17 10:32:31

ئا رەسىمگە قارىسام مېيىپلار ئۆمەكنىڭكىدەك قىلىدۇ بۇلار :lol

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

dolkun531 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-17 18:23:51

تومور يول پارتزانلىرى دىگەن كنونىڭ يىڭسىمىكىن دەپتىمەن.

jaggiwar يوللانغان ۋاقتى 2014-10-17 23:31:56

:lol

nurqi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-19 12:07:47

سادىغاڭكىتەيلەر ئۇزغۇن دىگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى دەپ بەرسەڭلار .

UFO114 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-19 12:17:12

nurqi يوللىغان ۋاقتى  2014-10-19 12:07 static/image/common/back.gif
سادىغاڭكىتەيلەر ئۇزغۇن دىگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى دەپ بەرس ...

چىمپيون  دىگەن  گەپ

nurqi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-21 01:25:15

UFO114 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-19 12:17 static/image/common/back.gif
چىمپيون  دىگەن  گەپ

رەھمەت .

olive يوللانغان ۋاقتى 2014-10-21 06:28:40

بىر يىل ئۇنى قىپ بۇنى قىپ ئاخىرىدا ئىككىنچى بولىدىغان كوماندىنىڭ پارىڭىمۇ بۇ:lol
بەت: [1]
: ‹‹ئۇچار يولۋاس›› يىڭى قىياپەت بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىدۇ