dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-10-16 14:08:38

كۈنلەرنىڭ بىرىدە ( فىليەتون)


كۈنلەرنىڭ بىرىدە


كۈنلەرنىڭ بىرىدە كاتىپ شياۋۋاڭ مەست قايتىپ كەلگەندىن كېيىن خوتۇنىغا شۇنداق دىدى: « ئىشخانىدىكى لى مۇدىردىن ئەمدى ئەنسىرىمەيدىغان بولدۇم، ئۇ مەككار ئاخىرى قۇيرۇقىنى كۆرسىتىپ قويدى مەن ئۇنى مەھكەم تۇتىۋالدىم، ئۇنىڭ ئەمدى يۇۋاشلاپ كەتمىگىنىنى بىر كۆرەي!؟»
لى مۇدىر شىياۋۋاڭنى پەقەتلا كۆزگە ئىلمايتى، پۇرسەت تاپسىلا دەككىسىنى بىرەتتى، مانا ئەمدى شىياۋۋاڭ خاترىجەم بولۇپ قالدى.
كۈنلەرنىڭ بىرىدە لى مۇدىر مەست قايتىپ كەلگەندىن كېيىن خوتۇنىغا شۇنداق دىدى:« جاڭ مۇئارىن ئىدارە باشلىقىدىن ئەمدى ھەرگىز ئەنسىرىمەيدىغان بولدۇم، ئۇ مەككار ئاخىرى قۇيرۇقىنى كۆرسىتىپ قويدى مەن ئۇنى مەھكەم تۇتىۋالدىم، ئۇنىڭ ئەمدى يۇۋاشلاپ كەتمىگىنىنى بىر كۆرەي!؟»
لى مۇدىر دائىملا جاڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقىنىڭ كۆزىگە سىغمايتى، جاڭ ئۇنى ھەدىسىلا يەكلەيتى، مانا ئەمدى لى مۇدىر خاتىرىجەم بولۇپ قالدى.
كۈنلەرنىڭ بىرىدە، جاڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى مەست قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ، خوتۇنىغا شۇنداق دىدى: « مەن ئەمدى جاۋ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقىدىن قىلچىمۇ ئەنسىرىمەيدىغان بولدۇم، ئۇ مەككارنىڭ قۇيرۇقىنى تۇتۇۋالدىم. قىنى ئەمدى ئۇنىڭ يۇۋاشلاپ كەتمىگىنىنى بىر كۆرەي!».
جاڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى بىلەن جاۋ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى پەقەتلا چىقىشمايتى، جاۋنىڭ ئارقا تىرىكى كۈچلۈك بولغاچقا ،جاڭنى سىقىپ چىقىرىش كويىدىلا يۈرەتتى. مانا ئەمدى جاڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى خاتىرىجەم بولۇپ قالدى.
كۈنلەرنىڭ بىرىدە، جاۋ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى مەست قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، خوتۇنىغا شۇنداق دىدى : « مەن ئەمدى خۇ ئىدارە باشلىقى دېگەن بىر نېمىدىن قىلچە ئەنسىرىمەيدىغان بولدۇم، بۇ مەككار ئوغرى ئاخىرى قۇيرۇقىنى تۇتقۇزۇپ قويدى، ھاھاھا…ئۇنىڭ ئەمدى يۇۋاشلاپ كەتمىگىنىنى بىر كۆرەي!»
خۇ ئىدارە باشلىقى ئۇزۇن ۋاقىتلاردىن بىرى جاۋغا ھەيۋە كۆرستىپلا كىلىۋاتقان ئىدى، خۇ ئىدارە باشلىقى ھە دىسىلا جاۋ مۇئاۋېن ئىدارە باشلىقىنىڭ «كۆتىگە تىپىش» كويىدىلا ئىدى، مانا ئەمدى جاۋ مۇئاۋىن خىلىلا خاتىرىجەم بولۇپ قالدى.
كۈنلەرنىڭ بىرىدە، خۇ ئىدارە باشلىقى مەست قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ، خوتۇنىغا شۇنداق دىدى: « مەن ئەمدى ئىدارىدە بىرەرسىنىڭ ئورنۇمنى تارتىۋىلىشىدىن قىلچە ئەنسىرىمەيدىغان بولدۇم،ھېلىقى بىر نەچچىسى چۆچۆرىسىنى خام ساناپ تۇرسۇن! شىياۋۋاڭ ماڭا ئۇزۇن يىل كاتىپلىق قىلىپ، ئاخىرى ماڭا قۇيرۇقىنى تۇتقۇزۇپ قويدى! بۇ شىياۋۋاڭ دېگەنگە سەل قارىما، بۇنىڭ قىيىن ئاكىسى بىرىنچى قول مۇئاۋىن ھاكىم، ئۇنىڭ ئىشى ئاشكارىلىنىو كەتسە قىيىن ئاكىسىنىڭ ئىشىمۇ ئوڭغا تارتمايدۇ! شىياۋۋاڭ مىنى قوغداش ئۈچۈن قېيىن ئاكسىىغا كۆپرەك گىپىمى قىلىپ قويىدىغان بولدى، بۇ ئەبلەخلەرنىڭ ئەمدى جىمىقمىغىنىنى بىر كۆرەي!»



كۈنلەرنىڭ بىرىدە، خۇ ئىدارە باشلىقى ۋە ئىككى مۇئاۋىنى، لى مۇدىر يەنە شىياۋۋاڭلار بىرگە ھاراق ھاراق ئىچىشتى، ئۇلار غەرق مەست بولغاندىن كېيىن، خۇ ئىدارە باشلىقى كۆپچىلىككە بىر ھېكايە ئېيتىپ بەردى: « بىرقانچە تۈلكە بىر بولۇپ، يەنە بىر قانچە تۈلكىنى باشقۇرىدىكەن. ئۇلار بىر ئېگىز جايدا بىرگە تۇرىدىغان بولۇپ، بىر-بىرىگە پەقەتلا قايىل بولمايدىكەن، ئەتىدىن –كەچكىچە بىر-بىرىنى تۆۋەنگە ئىتتىرىۋىتىش كويىدا پۇچۇلىنىدىكەن. بۇ كۈنلەردە قۇيرۇق ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئاجىزلىقى بولۇپ قاپتۇ، كىمىكى قۇيرۇقىغا ياخشى ئىگە بولالمىسا شۇنىڭ تۈگىشدىغىنى تۇرغانلا گەپكەن، شۇڭا بۇ بىرقانچە تۈلكە ئامالىنىڭ بارىچە قۇيرۇقىنى يوشۇرۇشقان ئۇرۇنىدىكەن، ئەمما بىركۈنى ئارىسىدىكى مەلۇ م بىرى قۇيرۇقىنى يەنە بىرىگە تۇتقۇزۇپ قويۇپتۇ. بۇ تۈلكە چۈشۈپ كېتىدىغان بولدۇم دېگەن ئەندىشىدە قاتتىق چۆچۈپ كېتىپ، ئۆزىمۇ بىلمەيلا باشقا بىر تۈلكىنىڭ قۇيرۇقىغا چىڭ ئېسىلىۋاپتۇ، شۇنداق قىلىپ بۇ بىر توپ تۈلكە بىر –بىرىگە قۇيرۇق تۇتقۇزۇپ قويۇپتۇ. نەتىجىدە ھېچكىم –ھېچكىمنى تۆۋەنگە ئىتتىرەلمەيدىغان ھالغا چۈشۈپ قاپتۇ، چۈنكى بۇنداق بولغاندا ھەممىسنىڭلا چۈشۈپ كېتىش خەۋىپى زور بولىدۇ-دە!
شۇ پەيتتە ئارىدىن بىر تۈلكە شۇنداق تەكلىپ بېرىپتۇ : «بىر- بىرىمىزنىڭ قۇيرۇقىنى مۇشۇنداق تۇتۇپ تۇرغىنىمىز بەك ياخشى ئىش، كۆپچىلىك بىرگەۋدىگە ئايلىنالايمىز، بۇ ئىگىزلىكتە تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاشقا پايدىلىق، ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇيرۇقلارنىڭ ھەمىمىسى بىزنىڭ قولىمىزدا بولغاندىن كېيىن، تۆەندىكى ئاۋۇ تۈلكىلەر قول سالالمايدۇ دېگەن گەپ! مانا بۇ بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوقۇشتۇر!» شۇنىڭ بىلەن بۇ تۈلكىلەربۇ ئىگىز جايدا خاتىرىجەم ياشاشقا باشلاپتۇ.
ھېكايىنى ئاڭلىغان كۆپچىلىك كۈلۈپ كېتىشتى ۋە خۇ ئىدارە باشلىقىنىڭ بۇ ھېكايسىنى ياخشىكەن دەپ ماختىشىپ كېتىشتى. سورۇن تارقىلىدىغان ۋاقىتتا بولسا، بۇ بىرقانچەيلەن ئۆز-ئارا يۆلىشىۋالغان بولۇپ، جان-جىگەر دوستلاردەك كۆرىنەتتى.



ئاپتۇرى: باۋ لىمىن

خەنزۇچە «فىليەتونلاردىن تاللانمىلار» تورژورنىلىدىن تەرجىمە قىلىندى

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-10-16 16:45:31

ۋاي ۋۇي نېمە جىق جاڭ خۇ ۋۇلار بۇ. كاللام ئېلىشىپ كەتتى ئوقىمىساممۇ بولغان:lol

Yaruq يوللانغان ۋاقتى 2014-10-16 19:23:27

خەنزۇچە «فىليەتونلاردىن تاللانمىلار» تورژورنىلىدىن تەرجىمە قىلىندى.
======================================================
ئاشۇ تور ئادرېسىنى بىر يوللىۋەتمەملا.

Tuwatur يوللانغان ۋاقتى 2014-10-16 19:32:10

Kulke يوللىغان ۋاقتى  2014-10-16 16:45 static/image/common/back.gif
ۋاي ۋۇي نېمە جىق جاڭ خۇ ۋۇلار بۇ. كاللام ئېلىشىپ كەتتى ئ ...

خەنزۇلار بالىسى توغۇلسا تۇۋاقنى تاشلىق يەردە دومىلىتارمىش ھەم تۇۋاقتىن قانداق ئاۋاز چىقسا شۇنى بالىسغا ئات قىلىپ قويارمىش، جاڭ جۇڭ، تاڭ تۇڭ، جىڭ چىڭ........
تۈركىيەدە مۇشۇنداق گەپ بارمىش دەپ تارقىلىپ يۈرەتتى بىر چاغلاردا ۋېيشىندا.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-16 19:35:11

قىزىقكەن ، بىرەرسىنىڭ قۇيرۇقىنى تۇتىۋالسا جىق يۇۋاشلاپ كىتىدۇ ...

kosan يوللانغان ۋاقتى 2014-10-16 20:28:20

جۇڭگۇچە قۇيرۇق تۇتۇشكەنغۇ:lol

qasim يوللانغان ۋاقتى 2014-10-16 20:38:13

قىززىقكەن،بەلكىم ئەمەل سورىنى شۇنداق بولسا كىرەك

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-10-17 08:22:04

Yaruq يوللىغان ۋاقتى  2014-10-16 19:23 static/image/common/back.gif
خەنزۇچە «فىليەتونلاردىن تاللانمىلار» تورژورنىلىدىن ت ...

http://www.qikan.com.cn/MastMagazineArchive/1672-5832.html

albAX يوللانغان ۋاقتى 2014-10-17 09:05:58

  ئۇيغۇرلار بىر - بىرىنىڭ قۇڭىنى كولاشقا ئامراق دىگەن سەپسەتىنى بازارغا سېلىپ يۈرىدىغانلار كاللاڭلارنى سىلكىۋىتىڭلار ............................

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-17 10:30:24

albAX يوللىغان ۋاقتى  2014-10-17 09:05 static/image/common/back.gif
ئۇيغۇرلار بىر - بىرىنىڭ قۇڭىنى كولاشقا ئامراق دىگەن س ...

گەپنى مۇشۇنداقراق قىلساق بولغۇدەك ؟

albAX يوللانغان ۋاقتى 2014-10-17 11:06:54

hiyalqi يوللىغان ۋاقتى  2014-10-17 10:30 static/image/common/back.gif
گەپنى مۇشۇنداقراق قىلساق بولغۇدەك ؟

ئەينەنلىكنى ساقلاش ئۈچۈن ئېغىز تىلىدىراق سۆزلەپ قويدۇم ، كەچۈرۈڭلار ھە ؟
خىيالچى بۇرادەر ، ئۆزرۈلۈكمەن ..............!
  

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-17 15:20:44

albAX يوللىغان ۋاقتى  2014-10-17 11:06 static/image/common/back.gif
ئەينەنلىكنى ساقلاش ئۈچۈن ئېغىز تىلىدىراق سۆزلەپ قوي ...

    دىمەكچى بولغۇنۇم ئۇ ئەمەس ، پالانى مۇنداق مۇنداق قىلىدىكەن ، دىمەي ، خەقلەر پالانىنى مۇنداق مۇنداق قىلدى دەيدۇ ، دەپ دىسە دىمەكچى .....
     قايسى بىر تېمىدا سوتسىيالىزىمدا قوڭ بۇلىدۇ ، دەۋاتاتتى ، دىمەك ، ئىزدىنىشتا بولسا خاتا ئەمەسقۇ !!!!
     ھە ، تاپتىم ، بوزقىر ئەپەندى تەرجىمە قىلغان ، شەھەر باشلىقىنىڭ خانىمىنىڭ قوڭى نىمانداق ئەتىۋارلىق قوڭدۇ ، دىگەن تېما !!!!

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-10-17 19:06:25

hiyalqi يوللىغان ۋاقتى  2014-10-17 15:20 static/image/common/back.gif
دىمەكچى بولغۇنۇم ئۇ ئەمەس ، پالانى مۇنداق مۇنداق قى ...

يىشو

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-17 19:07:51

:lol

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2014-10-17 19:09:54

تەرجىمە راۋان ياخشى چىقىپتۇ.{:112:}
بەت: [1]
: كۈنلەرنىڭ بىرىدە ( فىليەتون)