Hechkim يوللانغان ۋاقتى 2014-10-16 10:15:15

«ئۈجمە سايىسى 2.0» پارول نەشرى

«بەخت» ئولتۇراق رايونىنىڭ چوڭ دەرۋازا تۈۋىدە ئۈجمە دەرىخى بولۇپ، خېلى يەرگىچە سايە تاشلاپ تۇراتتى. ئەپچىلەم تومۇز ئىسسىققا چىدىماي سايىدا تۇراتتى، ئولتۇراق رايوندىن بىر پۇزۇر كىيىنگەن بايۋەچچە چىقىپ ئۇنىڭغا ۋارقىرىدى:
-ماڭ ماڭ، نېمە مېنىڭ دەرىخىمنىڭ سايىسىدا تۇرىسەن؟-دەپ قوغلىدى.

ئەپچىلەم: -بۇ…بۇ ھۆكۈمەتنىڭ دەرىخى تۇرسا، قانداق بولۇپ سىزنىڭ بولۇپ قالدى؟-دېدى ھەيران بولۇپ.
بايۋەتچە قاپاق تۈرۈپ: -ئاتا بوۋامدىن قالغان دەرەخ بۇ…ھۆكۈمەتنىڭ چىشى پاتمايدۇ، ماڭ يوقال، ھېلى باكا شەخسىي مۈلكۈمگە دەخلى قىلدى تۇتقۇزىۋەتمەي!
ئەپچىلەم خورلۇق ھېس قىلىپ قالدى، ئۇنىڭ كاللىسىغا نەچچە مىڭ يىللار بۇرۇن ياشىغان كۆكى بوۋىسىنىڭ ئىش ئىزلىرى كەلدى-دە، مۇشۇ بايۋەتچىنىمۇ بىر بابلاي دەپ، بايۋەتچىگە دىدى:
-ماۋۇ دەرەخىڭىزنىڭ سايىسىنى ساتامسىز؟
-نىمە؟
-دەرەخنىڭ سايىسىنى ساتامسىز دەيمەن…
پۇلنىڭ گىپىنى ئاڭلىغان بايۋەتچىنىڭ گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كەتتى.
-ھە ھە،ما گەپنى قىلە، ئالالامسەن؟
-ئامماي نىمىتى…
بايۋەتچە تېلىفوننى چىقىرىپ بىر يەرگە تېلىفون قىلدى،بىر ۋاستىچىسى بىردەمدە پەيدا بولدى، ئۇ ئەھۋالنى ئۇققاندىن كېيىن،ئەپچىلەمگە ئىللىق بېقىپ تۇرۇپ:
ۋاي ۋاي،ئېسىل ئىش قىپسىز، يىگىت، بۇ سايە شەھىرىمىزنىڭ ئاۋات يېرىگە چۈشكەن بولۇپ، ئەتراپىدا قايناق بازار بار، ئۈچ مەكتەپ، ئالتە مەسچىت بولۇپ، قويۇق مىللىي پۇراققا ئىگە، قاتناش قولايلىق بولۇپ، شەھرىمىزدىكى ئەڭ ئاۋات يېرى ھېساپلىنىدۇ!
-بولدى، بولدى، نەچچىگە ساتىسىلەر؟-ئەپچىلەم قولىنى مەيدە يانچۇقىغا قولىنى ئاپاردى…
ئالدىرماڭ يىگىت، بۇ سايىنىڭ كىۋادىراتى 8000 مىڭ يۈەن، بىراق يەر ھۆكۈمەتنىڭ بولغاچقا، سىز يەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقىنى سېتىۋالىسىز، شۇڭا 2090-يىلغىچە ئىشلىتىسىز.
-ئارانما؟
-ھەي، ئۇ چاققىچە ياشىيالمايسىز، ئاڭغىچە بۇ يەر تېخىمۇ ئاۋات بوپ كەتسە، باشقا بىرىگە ساتسىڭىز بولىدىغۇ؟
-ھە ماقۇلە، قېنى ھېساپلاڭە….
ۋاستىچى: ھازىر چىڭقى چۈش، سايىنىڭ دائىرىسى تار، بىز قۇياش يانتۇ بولغاندا، سايىنىڭ ئەڭ ئۇزۇن ئىمكانىيەت بىلەن چۈشكەن ئورنىنى ھېساپلاپ، ئاندىن باھاسىنى بىكىتىمىز…
ئەپچىلەم:- بۇ ئادىللىقما؟
ۋاستىچى: -مۈلۈك دىگەن ئاشۇنداق سېتىلىدۇ!
…..
ئۇلار چۈشتىن كېيىن بولغاندا، قۇياش نۇرى يانتۇ بولۇپ، دەرەخ سايىسى ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا سايىنى ھېساپلاپ بىر مىليون پۇلغا ھېساپلىدى. ئەپچىلەم چىشىنى چىشلەپ تۇرۇپ پۇل تۆلىدى، ئۇ بايۋەتچە بىلەن توختام تۈزۈشۈپ، كىم يېنىۋالسا قارشى تەرەپكە توختام بۇزۇش سوممىسى ئۈچۈن يۈزمىڭ يۈەن تۆلەشكە كېلىشتى…
ئەپچىلەم كاللىسدا ھەرخىل پىلان سوقاتتى،ئەلۋەتتە بايۋەتچىمۇ نۇرغۇن ئىشلارنى ئويلاپ قويدى……
سايىنى سېتىۋالغان ئەپچىلەم «ئەمدى بۇيەردىنغۇ ياخشى پايدىلىنىپ، جازانىخور بايۋەتچىنىڭ ئەدىپىنى بەرمىسەم» دىگەنلەرنى پىلانلاپ تۇراتتى، تېلىفون سايراپ قالدى…
-ئەسسالامۇئەلەيكۇم، كىم بولسىز؟
-مەن بەخت ئولتۇراق رايونىنىڭ غوجىلىق بۆلۈمىدىن.
-خوش، نىمە ئىش؟
-خاپا بولماي يېرىم يىللىق سۇ پۇلىنى تاپشۇرۋەتكەن بولسىڭىز…
-نىمە؟ سۇ پۇلى؟ سىز خاتالىشپسىزمۇ قانداق؟ مەن ئۇ مەھەللىدە بولمىسام؟!
-سىز مۇشۇ مەھەلىدىكى ئۈجمە دەرىخىنىڭ سايىسىنى سېتىۋالغان، شۇنداقمۇ؟
-ھەئە…
-دەرەخنى سۇغىرىشقا سۇ كىتەر؟
-ئەلۋەتتە…
-دەرەخ ئىگىز ئۆسسە سايىسى چوڭ بولار؟
-شۇنداق بولىدۇ دە…
-ئەمسە تاپشۇرۋىتەمسىز ياكى…
-دەرەخ بايۋەتچىنىڭ، دەرەخ ئۆسمىسە ماڭا نىم زىيان؟
-ئۇ سۇغارمايمەن دىدى، ئەگەر دەرەخ قۇرۇشۇپ كاۋاك بولۇپ ئۆرۈلۈپ كەتسە، سايىسىنى كاللىڭىزدا كۆتۈرۈپ يۈرەمسىز؟ياخشى ئويلىنىڭ…
-ئۇھ، ماقۇلە….
ئەپچىلەم ئامالسىز بېرىپ يېرىم يىللىق سۇ پۇلىنى تۆلىۋەتتى، ئۇ ئەمدى ئولتۇراق رايوندىن چىقىپ تۇرۇشىغا،مەھەللە ئالدىدا بىر شەھەر باشقۇرۇش خادىمى ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى:
-سىز ئەپچىلەم بولامسىز؟-ئۇ سەل قاتتىق ئاۋازدا گەپ قىلدى.
-ھەئە، مەن-ئەپچىلەم سەل ھەيران بولۇپ جاۋاپ بەردى.
-ئاڭلىسام ماۋۇ سايە سىزنىڭ ئىكەن، شۇنداقمۇ؟
-ھەئە، بىر مىليونغا سېتىۋالدىم…
ھىم،سىزنىڭ سايىڭىز پىيادىلەر يولىغا چۈشىۋاپتۇ، قانۇنغا ئاساسلانغاندا، شەخسىنىڭ ھەرقانداق مال مۈلكى قانۇنسىز ھالدا پىيادىلەر يولىنى ئىگەللىۋىلىشقا بولمايدۇ، شۇڭا سايىنى ئەكىتىڭ!
-ۋوي، بۇ قانداق گەپ، قۇياش چىقسا سايە چۈشىدىغان گەپ، بۇنى نەگە ئەكەتكىلى بولىدۇ؟
ئۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ كارىمىز يوق، بىنا ئۆيلەرنىڭ سايىسى شەخسىي مۈلۈك ئەمەس، شۇڭا ئۇلار بۇ يەردە تۇرسا قانۇنلۇق، بىراق پۈتۈن شەھەر بويىچە مۇشۇ سايىلا سىزنىڭكى، شۇڭا دەرھال ئەكىتىڭ، بولمىسا باشقۇرۇشقا قارشىلىق قىلدى دەپ سىزنى سولاپ قويىمىز!
-دەڭە،قانداق قىلىمەن ھە
-دەرەخنىڭ سايىسىنى مۇشۇ يەرگە چۈشۈشىنى توسىسىڭىزلار بولدى، قالغىنى بىلەن كارىمىز يوق!
ئەپچىلەم ئامالسىز يوغان تاختايدىن بىرنى ئەكىلىپ، دەرەخنىڭ يىنىغىراق يەرگە قويۇپ قويدى، بۇ چاغدا مەھەللە كومىتىتىنىڭ پەيدا بولدى:
-بۇ يەرگە خالىغانچە نەرسە قويۇشقا بولمايدۇ!
ۋاي، مەن ماۋۇ دەرەخنىڭ سايىسى پىيادىلەر يولىغا چۈشۈپ كەتمىسۇن دەپ، ئامالسىز شۇنداق قىلدىم، شۇڭا، بىر ياردەم قىلساڭلار…
ۋوي يىگىت، تۈزۈم دىگەن تۈزۈم، ئەگەر بۇ يوغان تاختاي ئۆرۈلۈپ كېتىپ، بىرەرسىنى بېسىۋالسىچۇ؟ سىز يەر تەۋرەش، سىلكىنىشقا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ماتىرىيال ئىشلەتتىڭىزمۇ؟
-ياق!
ئەمسە مۇنداق قىلايلى،سىز چوقۇم چىداملىق پىششىق ماتىرىيال ئېلىپ كېلىپ،مۇشۇ چىڭ ئورنىتىپ قويۇڭ،بىزمۇ يول قويايلى،سىزمۇ ماسلىشىڭ،ئىككىلا تەرەپ بىر قەدەم چىكىنىپ تۇرۇپ،پاراڭلىشايلى،تاختاي قويغان ئورۇننىڭ ئىجارە ھەققىنى تۆلەيسىز!
ئەپچىلەمنىڭ قورسىقى كۆپكەن بولسىمۇ،ئامالسىز قوشۇلدى،تاختاي ئىگىز قىلىنىپ تىكلەندى،ئىجارە ھەققى تۆلەندى……
بىراق ئەپچىلەمنى ئاۋارە قىلىدىغان ئىش تېخى تۈگىمىگەنىدى…
سۇ پۇلىنى،ئىجارە پۇلىنى تۆلىگەن ئەپچىلەم ئەمدى بىر ئاز ئۇھ دىگەندەك بولدى.بىراق ئۇ چۈشلۈكى ئۆزىنىڭ سېتىۋالغان سايىسىدا تۇراي دىدىيۇ،ھەيران بولۇپ تۇرۇپ قالدى،چۈنكى ئۇنىڭ ئۈجمە يوغان تاختاينىڭ ئارقىدا كىچىكلا ئورۇننى ئىگەللەپ قالغانىدى.
« ھەي،بوپتۇلا،باش ئاغرىقى بولمىسىلا » دەپ ئويلىغان ئەپچىلەم ،دەرەخ سايىسىنى توساپ تۇرغان تاختاينىڭ كەينىگە ئۆتۈپ،ئەمدى تېلىفونىنى قولىغا ئېلىپ قاراپ تۇرىۋىدى،ياندىكى دۇكاندىن بىرى چىقىپ،ئۇنىڭغا ۋارقىرىدى:
-ھەي،نىمە قىۋاتىسەن؟!
-ھە؟ مەنما،سايەمدە تۇردۇم ئارام ئېلىپ……
-راست گەپ قىل گۇينىڭ بالىسى!
-راست گەپ قىمماپتىمەنما،ماۋۇ سومكامدىكى تامغا ھۆججەتنى كۆرسىتەيما،ئوقۇپ بولالماي ھوشۇڭدىن كېتىسەن……
-مىنى بىلمەيدۇ دىمە!سەن بىزنىڭ دۇكاننىڭ ۋايباي (WiFi) غا سۈركەلگىلى كەلدىڭ،!
-نىمە باي؟ مۇشۇ ئۈجمە سايىسىنى ساتقان باينىڭ دەردى يىتەر،ئەمدى بايلىرىڭغا سۈركەلمەيمەن!
-باي ئەمەس،ۋايباي،سىمسىز تور،مانداق قىلە تېلىفونۇڭنى!
دۇكاندار ئۇنىڭ قولىدىكى تېلىفوننى ئېلىپ قاراپ بېقىپ،قايتۇرۇپ بەردى:
سىنى ئوبدان بىلىمەن،بىزنىڭ دۇكاننىڭ تورىغا چىققۇچى بولساڭ،ئۆزۈڭگە ھېزى بول،ھېلىمۇ سايەڭ دۇكانغا چۈشىۋىلىپ،ئاپتاپتىن مەھرۇم قىلىۋاتىدۇ بىزنى،ھوشۇڭنى تاپ تېزراق!!
دۇكاندار كىرىپ كەتتى،ئەپچىلەمنىڭ ئىچى ئاچچىق بولۇپ قالدى،بىراق سۆز يېرىپ بىر نىمە دىيەلمىدى،ئۇ سايە سېتىۋالغانغا پۇشايمانمۇ قىلىپ قالدى.
ئەتىسى ئولتۇراق رايوننىڭ ئۇنىڭغا تېلىفون قىلدى:
-ئەپچىلەم ئەپەندىمۇ،خاپا بولماي ئەخلەت پۇلىنى تاپشۇرسىڭىز؟
-نىمە ئەخلەت پۇلى؟
-سىزنىڭ سايىڭىز تۇرغان يەردىكى ئەخلەتلەرنى تازىلاۋاتىمىز،شۇنىڭ پۇلىچۇ؟
-بولدى تازىلىماڭلار،تۇرىۋەرسۇن!
-بۇنداق بولسا جەرىمانە يەپ قالارسىزمىكىن
-مەيلى……كارىڭلار بولمىسۇن!
ئەتىسى شەھەر مۇھىت ئاسراش ئىدارىسىنىڭ بىر خىزمەتچىسى كېلىپ،ئەپچىلەمگە جەرىمانە قويغانلىقىنى دىدى،ئەپچىلەم:
-بۇ نىمە ئىش؟
ھەممە يەر پاكىز،پەقەت سىزنىڭ سايىڭىز بەك مەينەت تۇرۇپتۇ،شەھەرنىڭ قىياپىتىگە تەسىر يەتكۈزدى،يا ھازىرلا بىر تەرەپ قىلىڭ،يا ئەخلەت پۇلىنى تۆلەپ،باشقىلارغا تازىلىغۇزۇڭ!
ئەپچىلەم غەزەپتە قولىدىكى ئىشنى تاشلاپ،قولىغا سۈپۈرگە ئېلىپ،ئۆزىنىڭ سېتىۋالغان سايىسىنىڭ يىنىغا بېرىپ تۇرۇپلا قالدى،ئۇ يەرگە ئەخلەتنى دۆۋىلەپ،تاغدەك قىلىۋەتكەن ئىدى،قاتتىق ئەلەمدە قالغان ئەپچىلەم ئامالسىز ئۆزى ئەخلەتلەرنى بىر تەرەپ قىلدى،ئي ئەمدى ئۇھ دەپ تۇراتتى،بىر چوڭ ئادەم كېلىپ ئۇنىڭغا گەپ قىلدى:
-بالام،مۇشۇ سايىنى سەن سېتىۋالدىڭما؟
-ھە!
-پۇلۇڭ بەك جىق ئوخشىمامدۇ؟
-ياق!بار بېساتىم مۇشۇنىڭغا كەتتى……
ساراڭمۇ سەن،كىم ھازىر سايە سېتىۋالىدۇ،پۇلۇڭ بولسا ئۆي ئالساڭ،ئاشقىنىنى بانكىغا قويساڭ بولماسمىدى،خوتۇن ئالساڭ بولماسمىدى،ھەي ئەخمەق،سايەڭنى پۇل قىلالىدىڭما؟ باينى بابلىيالىدىڭما؟ كۆزى كىچىكلىك قىلما،يىراقنى كۆر!
ئەپچىلەم بوۋاينىڭ گېپىنى ئاڭلاپ،بايۋەتچىگە توختامنى بۇزۇشنى ئېيتتى،بايۋەتچىمۇ بىر مۇنچە باھانە سەۋەپ كۆرسىتىپ،ئەپچىلەمدىن 500مىڭ توختام بۇزۇش سوممىسى ئالدى،ئامالسىز قالغان ئەپچىلەم ئۇنىڭغىمۇ ماقۇل بولدى.توختام بىكار قىلىندى.
ئەپچىلەم بەش يۈزمىڭ زىياندىن ئىچى ئۆرتۈپ،قاتتىق ئازاپلىنىپ تۇرغان ئاخشىمى،شەھەردىكى بىر رېستۇراننىڭ ئايرىمخانىسىدا ئولتۇراق رايوننىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش خادىمى،شەھەر باشقۇرۇش خادىمى،مەھەللە كومىتىتى خادىمى،دۇكاندار،مۇھىت ئاسراش خادىمى،ھېلىقى چوڭ ئادەم بايۋەتچىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ ئولتۇراتتى:
-رەھمەت سىلەرگە-دىدى بايۋەتچە-سىلەرنىڭ ياردىمىڭلاردە بۇ سولتەكنى تولىمۇ بابلىدىم،ئۇنىڭ كۆكى بوۋىسى نەچچىڭ مىڭ يىل بۇرۇن مىنىڭ كۆكى بوۋامنى ئەخمەق قىلىپ،بوزەك قىپتىكەن،مانا بۈگۈن ئەنتىمنى ئالدىم،ئۇ ھارىمى زاماننىڭ ئۆزگەرگىنىنى تېخىچە ھېس قىلمىدى،مەن بىلەن ئويناشقاننىڭ جاجىسى مۇشۇ،ئاۋۇ كونۋىرتتا ھەرقايسىڭلارغا قىلغان كىچىككىنە كۆڭلۈم،قېنى قۇبۇل قىلىڭلار!!……

( خاتىمە )
ئەمەلىيەتتە بۇنداق بوزەك بولىۋاتقانلار جەمئىيەتتە ئاز ئەمەس،ئەڭ رەزىل يېرى شۇكىن،كۆپ كىشىلەر پۇلنىڭ كەينىگە كىرىپ،ئاشۇ يۇۋاش ساددا،ئاقكۆڭۈل كىشىلەرنى بوزەك قىلىۋاتقانلىقىدۇر.ئەمەلىيەتتە ئۇلار ئۆزىنىڭمۇ شۇنداق بىچارە ھالەتتە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالمايدۇ.

garsin يوللانغان ۋاقتى 2014-10-16 11:16:08

بەرھەق ...بەرھەق...

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-10-16 11:28:18

:lol پىچەت چىقىپتۇ !!

bayram يوللانغان ۋاقتى 2014-10-16 11:32:26

مەن پارولنىڭ پىنتوزىسى !!
خەنزۇچىنى بىۋاستە تەرجىمە قىلسام مۇشۇنداق بولىدىكەنغۇ:lol

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-16 11:50:12

قالتىس چىقىپتۇ ....

newstar يوللانغان ۋاقتى 2014-10-16 12:21:12

ئۇزاق بوپتىكەن، پارولنىڭ قىزىق گەپلىرىنى ئوقۇمىغىلى... بەھر ئالغۇزغىنىڭىزغا رەھمەت....

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-10-16 13:02:33

مۇشۇ پارول دېگەن بالا ئىزدىنىشتا بارما؟ دەھشەت يۇمۇرلۇق نەرسىلەرنى يازىدۇ ۋە ئۆزگەرتىدۇ دېسە. :lol

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-10-16 13:07:17

پاناقنى كومپيۇتىردا تورغا چىقىشتىن چەكلەپ قۇيۇپتىكە، بومىسا ئىزدىنىشقا كىرتتى.

bayram يوللانغان ۋاقتى 2014-10-16 13:31:06

tadubeg يوللىغان ۋاقتى  2014-10-16 13:07 static/image/common/back.gif
پاناقنى كومپيۇتىردا تورغا چىقىشتىن چەكلەپ قۇيۇپتىكە،  ...

ئىزدىنىشتىن چەكلەپ قويۇپتۇمۇ ياكى ئايالى چەكلەپ قويغانمىكەن

yuwax0999 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-16 14:05:48

tadubeg يوللىغان ۋاقتى  2014-10-16 13:07 static/image/common/back.gif
پاناقنى كومپيۇتىردا تورغا چىقىشتىن چەكلەپ قۇيۇپتىكە،  ...

دوختۇرلار چەكلەپتىما ياكى ؟؟؟;P

uyghur7800 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-16 14:19:04

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-10-16 14:35:35

:lol:lol:lol:lol:lol

alip يوللانغان ۋاقتى 2014-10-16 14:50:36

پاناقنىڭ كومپىيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرغىدەك ۋاقتى يوق. ئۆيىگە كەلسە تاماق ئىتىش، كىر قات يويۇش، ئۆي تازىلاش قاتارلىق ئىشلار بىلەن ئالدىراش. خوتۇنى قىڭراق بىلەن قوغلاپ يۈرۈپ كۆندۈرۋەتكەن. ھاجەتخانىغا كىرگەندە، يولدا ماڭغاندا Note2 يانفونى ئارقىلىق ئۈندىدار ئويناپ تور خۇمارىنى باسىدۇ :lol
بۇلار پاناقنىڭ چەمبىرىكىدىن ھېس قىلغانلىرىم

MSM يوللانغان ۋاقتى 2014-10-16 16:02:44

ماۋۇ ئەسەرنى تورخۇماردا كۆرگەنتىم، ئەمدى بۇ يەردە يەنە بىر ئوقۇۋېتەي{:87:}

qaptikax يوللانغان ۋاقتى 2014-10-16 16:39:39

پارول زادى كىم؟
، ئۈندىدار ياكى چ چ نومۇرىنى كىم بىلىدۇ؟

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-10-16 18:18:25

qaptikax يوللىغان ۋاقتى  2014-10-16 16:39 static/image/common/back.gif
پارول زادى كىم؟
، ئۈندىدار ياكى چ چ نومۇرىنى كىم بىلىدۇ ...

parol629 ئۈندىدار نۇمىرى ...


مىنى دەپ بەدى دىمەڭلا ھە  

newyork يوللانغان ۋاقتى 2014-10-16 18:42:31

مۇشۇ ئۈندىداردىكى مۇشۇنداق مەزمۇنلارنى مۇنبەرگە قانداق ھەمبەھىرلەيمىز؟

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-10-16 20:15:53

ئۈندىدار ئىشلەتمەي پارولباينى ئۇنتۇپ قالغىلى تاس قاپتىمەن{:92:}

kosan يوللانغان ۋاقتى 2014-10-16 20:30:20

ياخشى چىقىپتۇ..... رېئاللىق چىن ئەكس ئەتكەن چىراي

matrix67 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-17 08:31:53

بۇنداق ئىشلار ماۋۇ جايدا ھەقىقەتەن كۆپقۇ. بۇنداق ئىشلارنى كۆرۈپ ئادەمنىڭ ئىچى سىقىلىدۇ.
بەت: [1] 2
: «ئۈجمە سايىسى 2.0» پارول نەشرى