micheal يوللانغان ۋاقتى 2014-10-16 07:51:53

جىلغىدىكى قەدىمىي قەبرە (ۋەھىمىلك ئەسەر)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   micheal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-16 09:49  

ئەسسالام ئەلەيكۇم ئەزىز تورداشلار


      بۇ ئەسەر دۆلىتىمىزدە كۆرۈلۈش نىسپىتى ئەڭ يۇقىرى بولىۋاتقان ھەم مەنمۇ قىزىقىپ ئوقۇۋاتقان بولغاچقا تەرجىمە قىلىپ تورداشلار بىلەن بىللە بەھىرلىنىشنى ئويلاشقان ئىدىم.  ئۈچ كۈن تىرىشىش ئارقىلىق 1- بۆلەكنى مۇۋاپىقىيەتلىك تەرجىمە قىلىپ تاماملىدىم.  خەنزۇچىنى ئوقۇپ چۈشەنگىلى بولغان بىلەن تەرجىمە قىلىپ گىرامماتىكا لىرىنى ماسلاشتۇرماق سەل تەسكەن ، ھەم مەن تېخى ئوقۇۋاتقان بولغاچقا ھەپتىدە بىر بۆلەكتىن ئىنكاس ئارقىلىق يوللىنىلىدۇ .

     ئالاھىدە ئەسكەرتىش
      1- بۇ ئەسەرنى مىنىڭ روخسىتىمسىز باشقا مۇنبەر ، سالونلارغا يوللاشقا قەتئىي بولمايدۇ.  ئەمگىكگە ھۆرمەت قىلىڭ. سالونىڭىزغا يوللاپ ئەزا يىغىشنى ئويلاشقان بولسىڭىز ئاۋۋال مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ.  QQ: 2827882789
    2- بۇ ئەسەر چوڭ تىپتىكى ۋەھىمىلىك ئەسەر بولۇپ يۈرىكى ئاجىز ، كىچىك بالىلار كۆرمەڭ.   خىلاپلىق قىلىپ كىلىپ چىققان ئاقىۋەتكە مەن ئىگە ئەمەس  .
     3- ئەسەر داۋامى ئوقۇرمەنلەرنىڭ قىزغىنلىقىغا قاراپ ئىنكاس ئارقىلىق يوللىنىلىدۇ ، بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز نەزىرىڭىز ئەسەرنىڭ يېڭى ئىنكاسلىرىدا بولسۇن.  



مەنبە: ئىپتىخار مۇنبىرى  http://iptihar.net/bbs/forum.php


    جىلغىدىكى قەدىمىي قەبرە



1-بۆلەك  قەبرىدىكى ۋەھىمە



     10 يىل بۇرۇنقى مەلۇم بىر ئاخشىمى سەنچاگوۋ كەنىتىدىكى كىشلەر ئۇيقۇغا غەرق بولغانىدى .  زۇلمەت قاراڭغۇلۇق بىلەن قاپلانغان بۇ  تىمتاس كەنىتتە ئېتلارنىڭ قاۋىشى پات -پات ئاڭلىنىپ تۇراتتى  .بۇ ۋاقىتتا "قارا ئاتامان " ئۆينىڭ چىرىغى تۇيۇقسىز يورىدى ، ئىشىك شەپىسىز ئىچىلىپ بىرقانچە قارا كۆلەڭگە تىزلىك بىلەن ئۆيگە كىردى.
       ئۆينىڭ تۆرىدە ئولتۇرغان 'قارا ئاتامان' تاماكا چەككىنىچە گەپ باشلىدى :
  - " گوۋۋازى ، ھەممەيلەن كىلىپ بولدىمۇ ؟ "
      قارا ئاتامان پەقەت ئۇنىڭ بىر لەقىمى بولۇپ ، قارا ھەم بەسىتلىك ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ كەنىتتىكى ساناقلىق 'يامان ' لاردىن بولغاچقا يىقىن يىراقتىكى چوڭ كىچىكنىڭ ھەممىسى ئۇنى قارا ئاتامان دەپ چاقىراتتى.  
    - ھەممەيلەن  تولۇق  كىلىپ بولدى ئاتامان  ، ئۇلارنىڭ بىرقانچىسى مۇشۇ كەسىپنىڭ ئەھلى ئىكەن تىخى.  بۇ قىتىم ئۇلارنىڭ ياردىمى ۋە سىزنىڭ كۆرسەتمىڭىزلا بولىدىكەن ئۇ يەردىكى 'گۆھەر زىمىن' نى ئالالىشىمىزغا ئىشەنچىم كامىل' .  
    گوۋۋازى بۇ يىل يىگىرمە ياشلار چامىسىدا بولسىمۇ ، ئەمما ئۇنىڭ كۆزلىردىن خېلى كۆزگە كۆرۈنگەن ئىشقا ماھىرلىقى بىلىنىپ  تۇراتتى.
     ئاتامان تاماكا ئوتىنى ئۆچۈرگەچ ، قانداقتۇر بىر مەنە يوشۇرۇنغان سىرلىق كۆز نۇرى بىلەن ئۈستەلنى چۆرىدەپ ئولتۇرغان بەشەيلەنگە بىر  قۇر قاراپ چىققاندىن كىيىن .
     - مەن گەپنى ھازىر ئوچۇق قىلىپ قوياي ، بىردەمدىن كىيىن ھىلىقى يەرگە بارغاندا ھەممىڭلار مىنىڭ بۇيرۇقۇم بويىچە ئىش قىلىسىلەر ، بولمىسا  كەسىپ قائىدىسى بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىسىلەر ، سىلەرنىڭ باشقا پىكرىڭلار بارمۇ ؟  
      بەشەيلەن تەڭلا 'پىكرىمىز يوق'  دىگەن مەنىدە باش لىڭىشىتىشتى ، قارا ئاتامان بۇ كەسىپتە نام - ئابرويى يۇقىرى ھەم خېلى كۆزگە چىلىققان ، ئۇنىڭ بىلەن ئويناشقانلار شەك شۈبھىسىزكى ئۆزىنى نابۇت قىلغان بولاتتى .  
     قارا ئاتامان رازى بولغان ھالدا باش لىڭىشىتتى.  سۈرلۈك تەلەپپۇزدا :
      - ئۆزلە ئىلىشقا تىگىشلىك نەرسىلەرنىڭ ھەممىنى ئالغانسىلە ، ئەمىسە ئاتلىنايلى!
  دىدى دە ، چوڭ - چوڭ قەدەملەر بىلەن ئىشىكتىن چىقتى.  باشقا بىر نەچچىسىمۇ   خۇددى كۈندۈزدە يول يۈرگەندەكلا مەغرۇر قەدەملەر بىلەن ئاتاماننىڭ ئارقىسىدىن يۈرۈپ كەتتى  .
     ئاتامان يول باشلىغىنىچە بىر قويۇق ئورمانلىققا كىرىپ ئۇلارنى ئەگەشتۈرگىنىچە بىر نەچچە تاغنى ئارقىسىغا تاشلاپ مىڭ تەستە بىر تىك يارنىڭ ئالدىغا كىلىپ ، كەينىدىكىلەرگە ئىشارەت قىلدى دە  مەخسۇس تاققا ياماشقاندا ئىشلىتىدىغان قول چىراقنى يار ئۈستىگە قارىتىپ ياندۇرىدى . ئارقىدىكىلەرمۇ ئاتامانغا  ئەگىشىپ چىراغلىرىنى ياندۇرۇشتى.   ئاتاماننىڭ بوغۇق ھەم سۈرلۈك ئاۋازى ئاڭلاندى:
       - گۆھەر زىممىنىڭ كىرىش ئىغىزى بۇ تىك يارنىڭ ئۈستىدە ، بىردەمدىن كىيىن مىنىڭ بۇيرۇقۇم بويىچە پارتلاتقۇچنى ئورۇنلاشتۇرىسىلەر، بۇقىتىم بىز ئىشنىڭ چوڭىنى قىلىمىز  .
     بۇ تىك يار ئون نەچچە جاڭ ئىگىزلىكتە بولۇپ ئۈستىدە بىر قانچە دەرەخلەر بار ئىدى ، ئاتاماننىڭ يارغا يامىشىشىغا ئەگىشىپ باشقىلارمۇ تەڭلا ياماشتى . يار ئۈستىگە ئاز قالغان چاغدا قارا ئاتامان ئۇچلۇق چەنزە نى چىقىرىپ چوقچىيىپ چىققان بىر پارچە چوڭ تاشنى چوقۇشقا باشلىدى ، ئۇزۇن ئۆتمەي ئادەملەرنىڭ بەلگە سىلىپ قويغىنى بىلىنىپ تۇرىدىغان تاش كۆرۈندى.  بۇنى كۆرگەن ياندىكىلەرنىڭمۇ كۆزى ئىچىلىپلا كەتتى.  بۇ ئىنىقكى كونا بىر قەبرىنىڭ كىرىش ئغىزىنى توسۇپ تاش ئىدى .
     ئارقىدىنلا باشقىلارمۇ چەنزە نى چىقىرىپ ئاتامانغا ئەگشكەن ھالدا تاشنى چوقۇشقا باشلىدى ، ئالاھەزەل بىر ئاش پىشىم ۋاقىتتىن كىيىن تەخمىنەن بەش مىتىر ئىگىزلىكتىكى قالايمىقان تاشلار بىلەن ياسالغان تاش ئىشىك ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا پەيدا بولدى.  
     ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى سەل ئوقۇغان چىراي بىرسى ھاياجانلانغان ھالدا :
     - قەبرە يار ئۈستىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بۇ شۇ (蜀) دۆلىتىنىڭ ئۆرپ ئادىتى ، ئىشىكنىڭلام بۇنداق ھەيۋەت بولغىنىغا قارىغاندا بۇ قەبرىنىڭ ئىگىسى چوقۇم  ئالاھىدە تەبىقىدىن ،بۇ قىتىم بىزنىڭ بىيىپ كىتىشىمىزدە گەپ يوق .
      "ئۇنىسى ئىنىق ، ئويلاپ باقە ئاتامىىنىمىز تاپقان يەر ئادەتتىكى يەر بولامتى ئەمىسە؟! " دىدى بىر تەرەپتە تۇرغان گوۋۋازى مەغرۇر ھالەتتە. ئۇ گوۋۋازىنىڭ گىپىگە رەددىيە بىرىشكە تەمشلىشىگە ئاتامان ' پارتلاتقۇچ قويۇڭلار ' دەپ ئۇلارنى بىسىقتۇردى .   بۇ چەت تاغ - جەزىردە يىرىم كىچىدە پارتلاتقۇچ پارتىلاتسىمۇ ھېچكىمنىڭ كارى بولمايدۇ ، بازدىكى ساقچىخانىنىڭمۇ بۇنداق ئىشلارغا قاراشقا چولىسى تەگمەيدۇ ، ئۇلارمۇ بۇ ئىشنىڭ كەسىپ ئەھلى بولغاچقا ئاتاماننىڭ بۇ نىيىتىنى ئوبدان چۈشىنەتتى .  دەل مۇشۇ ۋاقىىتتا غايەت زور پارتىلاش ئاۋازى بىلەن تەڭ تاشلار تەرەپ تەرەپكە ئۇچۇپ ، يارنىڭ ئوتتۇردىن بىر ئوڭكۈرنىڭ كىرىش ئىغېزى ئىچىلدى .  ئۇلار قول چىراقنى يار تەرەپكە قارىتىۋىدى ئىچىدە بىر تاش ئىشىك كۆرۈندى ، ئۇلار بىرنەچچىسى بىرلىكتە ئىشىك ئەتراپتىكى تاش پارچىلىرىنى تازلاشقا باشلىدى . ئىشىك تەخمىنەن ئۈچ مىتىر ئىگىزلىكتە  قوش قاناتلىق لاھىلەنگە بولۇپ ھىم ئىتىگلىك ئىدى.  ئاتامان ئىشىك ئالدىدا زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ ھېچقانداق تەمتىرمەستىن كۆزىنى يۇمغىنىچە ئىشىكنى يەڭگىل چىكىشكە باشلىدى ، ئۇزۇن ئۆتمەي كۆزىنى ئىچىپلا يانچۇقىدىن قەلەمنى چىقىرىپ ئىشىك ئۈستىگە تۆت چاسا دائىرە سىزدى ، باشقىلارمۇ قوللىرىغا پولات سۈمبە نى ئىلىپ ئۇ دائىرنى ئۇرۇپ تولۇق چاقتى.  ئاتامان گوۋۋازىغا ئىشارەت قىلىۋىدى ، گوۋۋازى ياندىكى بازغاننى ئاتامانغا ئىلىپ بەردى.  ئاتامان چوڭقۇر بىرنى تىنىۋەتكەندىن كىيىن سىزغان دائىرىگە ئارقا ئارقىدىن بىر نەچچىنى كۈچەپ ئۇرىۋىدى دائىرە چىقىلىپ قاراڭغۇ بىر كامار ئىچىلىپ ئىچىدىن مۇدھىش پۇراق چىقتى.  
      ھەممەيلەن چۆچۈشتى ، بۇ سوغۇق مۇدھىش پۇراق قانداقتۇر بىر يامانلىقتىن  بىشارەت بىرىپ تۇراتتى ، ھەتتا ئاتامانمۇ ھاڭ - تاڭ قالدى.   بۇ كەسىپنى قىلغانلارنىڭ ھەممىسى قەبرىنىڭ بۇ مۇدھىش پۇرىقىنى ئۇقىدىغان بولۇپ بۇ پۇراق ياخشىلىقنىڭ بىشارىتى ئەمەس ئىدى.
    شۇنىڭ بىلەن قەبرە ئىشىكى ئوڭۇشلۇق ئىچىلدى ، قەبرە ئىچىدىن غۇر - غۇر سوغۇق شامال چىقىپ ئۇلارنىڭ يۈزلىرىگە ئۇرۇلدى . ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۆزىمۇ بىلمەستىن سوغۇق تەرگە چۆمۈلگەنىدى  .قارا ئاتامان تېخىچە تەمكىن ھالەتتە ئالدىن تەييارلاپ قويغان مومغا ئوت يىقىپ ئىچگە قارىتىپ ئاتتى ، لىكىن ئوت يەرگە تەگمەستىنلا ئۆچۈپ كەتتى.  قارا ئاتامان چۆچىكىنىدىن قوشىمىسىنى تۈرۈپ گوۋۋازىغا  چاسا شەكىللىك ياغاچ قاپنى ئەكەلدۈرۈپ ئىچىدىن بىر مىس چىراغنى چىقاردى . مىس چىراغ ئاللىبۇرۇن داتلىشىپ كەتكەن ، قارىماققا ئىنتايىن كونا كۆرۈنەتتى . باشقىلار چىراقنى كۆرۈپ كەسكىن قىياپەتتە چىراققا قارىدى. ئاتاماننىڭ بۇ چىرىقنى يىقىن يىراقتا بىلمەيدىغان ئادەم يوق بولۇپ، ئۇنىڭ نەدىن كەلگىنىمۇ بىر سىر ئىدى ، بەزىلەر ئاتامان ئۇنى قەدىمى قەبرىدىن ئوغىرلاپ چىققان دىسە بەزىلەر ئاتا - بوۋىسىدىن مىراس قالغان دەيىتتى.  ئەمىلىيەتتە بۇنداق چىراق بۇ كەنىتتە ئۆلگەن ئادەمنىڭ جەسەت ساندۇقىنىڭ ئالدىغا قويۇلىدىغان جىن چىراق بولۇپ ئۇلارئۆرپ ئادىتىدە روھىنى ئامان ، يولىنى يورۇق   قىلىدۇ دەپ بىلەتتى  . ئەگەردە چىراق ئۆچۈپ قالسا يامانلىقنىڭ بىشارىتى بولۇپ ئۆلگۈچىنىڭ كۆزىنىڭ يۇمۇلمىغانلىقىنى بىلدۈرەتتى  .
    تېخى قەبرىگە  كىرمەستىنلا ئاتاماننىڭ
چىراقنى چىقىرىشىدىن قەبرىنىڭ قانچىلىك مۇرەككەپ ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولاتتى.  ئاتامان چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرۈتتى دە ، پەس ھەم بوغۇق ئاۋازدا  :
    - قورقۇنۇچلۇقى ئالۋاستى ئەمەس بەلكى بىز ئۆزىمىز ، بەزى ۋاقىتلاردە ئىنسان قەلبى دۇنيادىكى ئەڭ قورقۇنۇچلۇق نەرسە.  
    ئاتاماننىڭ  بۇ گەپلىرىگە قانداقتۇر بىر چوڭقۇر مەنە يوشۇرۇنغان ئىدى ، ئارقىدىنلا گوۋۋازىغا ئارغامچىنى بىلىگە چىگىشىكە بۇيرۇق قىلدى.  قولىغا ياندۇرۇغلۇق مىس چىراقنى ئىلىپ ئالدىدا يول باشلاپ ئىچىگە كىردى ، ئارقىدىكىلەرمۇ قول چىراقنى يورۇتقىنىچە ئاتامانغا ئەگەشتى . قول چىراقنى تۆت ئەتراپقا تۇتىۋىدى قەبرىنىڭ  كېرىش ئىغىزىنىڭ بىر ئۆي چوڭلۇقتىكى تاش ئىشىك ئىكەنلىكىنى بايقىدى. قاياقلاردىن كەلگىنىنى بىلگىلى بولمايدىغان غۇر - غۇر سوغۇق شامال ئادەمنىڭ پۇت قوللىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ قوياتتى  .
    ئۇلارنىڭ ھەممىسى كەسىپ ئەھلى بولغاچقا ناھايتى تىزلا كەيپىياتى تۇراقلاشتۇرۇپ بولغان بولۇپ، ئاتامان قولىدا مىس چىراقنى كۆتۈرگىنىچە ئىنتايىن ئىھتىيات بىلەن مىڭىۋاتاتتى . ئۇلار چىراق نۇرىدا قەبرنىڭ ئوڭ تەرەپ تىمىدىكى تاشتىن ئويۇلغان رەسىملەرنى كۆردى. رەسىمدە ئىپادىلەنگىنى دەپنە مۇراسىمدىكى كۆرۈنۈش بولۇپ ئۇچىسىغا ھايۋانات تىرىسىدىن قوپال تىكىلگەن كىيىمنى كىيىۋالغان قەدىمكى شۇ (蜀)قەبىلىسى ئاھالىلىرى مىس يۈزلۈك بىر ھەيۋەت ھەيكەلنى چۆرىدىگىنىچە تەنتە قىلىۋاتقان ، ئۇلار ئەسىرگە چۈشكەنلەرنى باغلاپ بىشىنى كەسكەن ، ئاققان قان مىس ھەيكەلنىڭ يۈزىنى بويىغان بىر كۆرۈنۈش ئىدى.  
    نىمىشقىكىن ئۇلار مىس ھەيكەلنىڭ يۈزىنى قانداقتۇر غەلىتە ھىس قىلىشتى  ،  قارىماققا ئۆزلىرىگە قاراۋاتقاندەكلا كۆرۈنەتتى. قەبرىنىڭ قاپ ئوتتۇردا بىر دانە تاش ساندۇق قويۇغلۇق بولۇپ  ئەتراپى ئىسكىلىتنىڭ باشلىرى بىلەن توشقانىدى ، قارىماققا ھىلىقى ئەسىرلەرنىڭ بىشىدەك قىلاتتى . ئۇلار تاش ساندۇقنىڭ ئەتراپىغا كىلىپ ئاتاماننىڭ گەپ قىلىشىنى ساقلاپ سۈكۈتتە جىم تۇردى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يەردە ئاتاماننىڭلا گەپ قىلىشقا سالاھىتى توشاتتى.  
       ئاتامانمۇ جىم ھالدا تاش ساندۇققا قاراپ تۇرغاندىن كىيىن  گەپ باشلىدى:
    مىنىڭ پەرزىمچە  ھەقىقىي قەبرىنىڭ كىرىش ئىغىزى بۇ تاش ساندۇقنىڭ ئارقىسىدا  دىگىنىچە ساندۇقنى ئىشتىشقا تەمشەلدى ، لىكىن مىدىرلىتالمىدى.   ئارقىدىن يىنىدىن ئارغامچىنى ئىلىپ " قەبرىنىڭ ئىچىگە كىرىش ئۈچۈن پەقەت ۋە پەقەت مۇشۇ ساندۇقنى يۆتكەش كېرەك ، بىردەم تۇرۇپ مىنىڭ بۇيرۇقۇم بويىچە ئىش قىلىسىلەر ، بولمىسا ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ " دىگىنىچە مىس چىراقنى تاش ساندۇقنىڭ سول قىرغىقىغا قويۇپ ،  ئارغامچىنى تاش ساندۇقنىڭ بىر ئۇچىغا بىكىتىپ ئارقىسىدىنلا تەڭلا تارتىشتى.  " تاس " قىلغان ئاۋاز بىلەن ئارغامچا ئۈزۈلۈپ كەتتى ، بۇ ۋاقىتتا قاياقتىندۇر سۈرلۈك شامال چىقىپ تاش ساندۇقنىڭ  ئۈستىدىكى چىراغ ئۆچۈپ قالغىلى تاسلا تاس قالدى،ئوت يالقۇنى توختىماستىن پىلىلدايتتى.
"ئالۋاستى چىراقنى پۈۋلىدى، بۇيەردە مەينەت نەرسىلەر بار ئىكەن"دېدى ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرسى ۋە قوينىدىن بىر دانە مىستىن ياسالغان ئەينەكنى چىقىرىپ قولچىراقنىڭ يورۇقىغا ئۇدۇللاپ تاش ساندۇق تەرەپكە قاراتتى.  ئەينەكنىڭ نۇرى تاش ساندۇققا چۈشۈپ ، ئادەمنىڭ يۆتكىلىشىگە ئەگىشىپ ئەينەك يۈزىدە ئويلىمىغان يەردىن قارا سايە پەيدا بولدى . لىكىن ئىنتايىن تۇتۇق بولۇپ ، سىنچىلاپ قارىمىسا بىلگىلى بولمايتتى.
     نېمىلا دىگەن بىلەن ئۇلار بۇ كەسىپنىڭ ئەھلى بولغاچقىمۇئانچىمۇ قورقۇپ كەتمىگەن ئىدى.  ئارىدىن بىرسى يىنىدىكى سومكىسىدىن  قىزىل لاتىغا ئورالغان بىر دانە ئۇزۇن نەرسىنى ئالدى.  بۇ چوڭ بىر پىچاق بولۇپ ئاللىقاچان داتلىشىپ كەتكەن لىكىن ئۈستىدىكى قان داغلىرى ئىنتايىن ئىنىق ئىدى . ئۇنىڭ ئۈستىگە قويۇق قان ھىدى كەپ تۇراتتى.  ئىنىقكى بۇ پىچاق پەقەت چوشقا ئۆلتۈرمەستىنلا ئادەممۇ ئۆلتۈرۈپ باققان ئىدى ، يەنە كىلىپ بىر ئىككىلا ئەمەس.   خەلق ئارسىدا مۇنداق بىر جۈملە گەپ بولۇپ "ئالۋاستى رەزىل ئادەمدىن قورقىدۇ " دەپ ،  قانخورلارنى دىيىشقۇ ھاجەتسىز  .
    دەرۋەقە سۈرلۈك شامال توختىدى ، ئەينەكتىكى قارا سايىمۇ غايىپ بولدى .  بۇ ۋاقىتتا ئاتامانمۇ ئارغامچىنى ساندۇقنىڭ ھەممە يىرىگە مۇكەممەل قىلىپ ئورنىتىپ بولۇپ بوغۇق ئاۋازدا '" ئەمىسە يۆتكەشنى باشلايلى ! "  تاش ساندۇق نەچچە مىڭ جىڭ ئىغىرلىقتا بولۇپ ئۇلار خۇددى تاغنى يۆتكىگەندەك تەسلىكتە ئاران يۆتكىۋىدى بىر چاسا شەكىللىك قاراڭغۇ ئىغىز ئىچىلدى.  سۈرلۈك شامال يەنە قاياقلاردىندۇر پەيدا بولدى ، ئاتامان دەرھاللا يانچۇقىدىن سىرىق قەغەزنى چىقىرىپ ئىچىدە نىمىلەرنىدۇر ئوقۇپ ئىچىگە تاشلىۋىدى قەغەز ئۆزلۈگىدىن ئوت ئىلىپ بىردەمدىلا شامال توختىدى  .
ئاتامان قول چىراقنى ئاستىغا قارىتىپ بىر تاشتىن ياسالغان پەشتاقنى كۆردى  . پەشتاق ناھايىتى ئۇزۇن بولۇپ   ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ 100 مىتىرچە كىلەتتى .   " سىلەر ئۈستىدە ئارغامچىنى تارىپ تۇرۇڭلار ، مەن ئاۋۋال چۈشەي " دىدى ئاتامان  ۋە ئارقىدىنلا ئارغامچىنى  بىلىگە باغلاپ بىر قولىدا مىس چىراقنى ،يەنە بىر قولىدا قول چىراقنى  ئىلىپ ، يىنىك قەدەم بىلەن ئاستا چۈشۈشكە  باشلىدى ،ئەجەبلىنەرلىكى شۇكى ئۇ ماڭغان چاغدا ھىچقانداق تېۋىش ئاڭلانمايتتى .  
      ئالاھەزەل ئون مىنۇتتىن كىيىن ئاتامان قەدىمىنى توختۇتۇپ قولچىراغ بىلەن ئۈستىدىكىلەرگە " چۈشسەڭلار بولىدۇ " دىگەن مەنىدە بەلگە بەردى.  گوۋۋازى ئەڭ ئاخىرىدا چۈشكەن بولۇپ پاشتاقتا مىڭىۋاتقان چاغدا تۇيۇقسىزلا سۆڭەكتىن ئۆتكىدەك سوغۇق شامالنى ھىس قىلدى ، ئاستىدا بىرنەرسىنىڭ قاتتىق سوقۇشىشىغا ئوخشىشىپ كىتىدىغان ئاۋاز ئاڭلاندى ، ھەم قولچىراغ نۇرىمۇ تۇيۇقسىز غۇۋالىشىپ كەتتى. خۇددى بىرسى ئۇرۇشىۋاتقاندەك قىلاتتى.  
    ئاتامانغا ئەگەشكەن شۈنچە يىللىق تەجرىبىسىگە ئاساسلىنىپ گوۋۋازى كۆڭلىدە بىر شۇملۇقنى سەزدى . " ئەجىبا ئۇلار ئاستىدا بىرەرنەرسىگە ئۇچراپ قالغانمىدۇ ؟ "
    كۆپ ئويلاشقا ئۈلگۈرمەيلا گوۋۋازى تىز سۈرئەتتە ئاستىغا يۈگرەپ چۈشتى ، بۇ يەرنىڭ ئاستى غايەت زور ئوڭكۈر بولۇپ يەر يۈزىگە تاش خىش ياتقۇزۇلغان ئىدى ،غەلىتە يىرى گوۋۋازى ئاستىدا باشقىلارنىڭ  بىر تاش ھەيكەلنىڭ ئالدىدا چۆرىدىگىنىچە ئەس ھۇشىنى يوقىتىپ تۇرغىنىنى كۆردى ،  لىكىن ئاتاماننىڭ سايىسىمۇ كۆرۈنمەيتتى .  
     " چاتاق بولدى " گوۋۋازى كۆڭلىدە ھەممىنى چۈشەندى ، چوقۇم بىر ئىش يۈز بەردى  . ئاتامانغا شۈنچە يىل ئەگىشىپ بۇنداق قەبرە ئىچىدىكى غەلىتە ئىشلارنى كۆپ كۆرگەن ئىدى ، لىكىن ھازىر ئاتامان ھېچ يەردە كۆرۈنمەيىتتى .ئۇ بۇنداق پەيتتە ئاتاماننىڭ ئۆزىنى ھەرگىز تاشلاپ قويمايدىغانلىقىنى ئوبدان بىلەتتى  .
   لىكىن ھازىر ئەھۋال ئىنىق ئەمەس ، بۇ بىر نەچچە ئادەم ھەممىسى ئۆزى تىپىپ ئەكەلگەن ،ئىنتايىن ئېشەنچىلىك بولۇپ، ئۇلارنىڭ  تىگى تەكتىنى ئوبدان چۈشىنەتتى،  لىكىن ئاتامان نەگە  كەتكەندۇ ؟ ياكى يەنە بىر خىل پەرەزبولسىمۇ بۇ يەردە جىن بار ، ئويلاپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە قورقىقىنىدىن تېنىقلىرىمۇ قىيىنلىشىۋاتاتتى ، ئەھۋال ئىنتايىن خەتەرلىك ئىدى.
     گوۋۋازى مۇ شەپە چىقارماستىن تاش ھەيكەلنىڭ يىنىغا كەلدى ،ئۇلار ھەممىسى ھەيكەلگە قاراپ قىتىپ قالغانىدى.  گوۋۋازى ئۇلارغا قاراپ بىر نەرسىنى سەزگەندەك بولدى دە ، ئوڭكۈرنىڭ ئىچىگە قاراپ ماڭدى.  ئاياغ تىۋىشى ھەتتا ئۆز تىنىقىنىمۇ ئاڭلىغىلى بولاتتى ، گوۋۋازى نىڭ كۆڭلىدىكى شۇملۇق بارغانسېرى كۈچەيدى ، ھازىر چوقۇم ئاتاماننى تىپىشى كېرەك ئىدى.  
  ئۇ  مىڭىۋاتاتتى ، تۇيۇقسىز بىر جۈپ سۈرلۈك كۆزنىڭ ئۆزىگە قاراۋاتقانلىقىنى ھىس قىلدى.  گوۋۋازى قول چىراقنى سول تەرەپكە تۇتۇپ سىنچىلاپ قارىۋىدى ئۆزىدىن 10 مىتىر كەلمەيدىغان يەردە بىر قارا سايە تۇراتتى ، پۈتۈن بەدىنى قاپقارا بولۇپ ئىنىق شەكلىنى كۆرگىلى بولمايتتى. پەقەت بىر جۈپ كۆزى شۈنچىلىك سۈرلۈك ئىدى.  
      گوۋۋازى  قورققىنىدىن ئارقىغا بۇرۇلۇپ قاچتى . ئاتامانغا ئەگىشىپ قانچىلىغان قەبرىنى بىللە قازغان ، لىكىن بىرەر ئەھۋالغا يولۇققاندا ئاتامان ئۆزى تاقابىل تۇراتتى  . گەپنى ئوچۇق قىلغاندا ، ئۇ ئاتاماندىن ھېچنىمىگە ئۈگىنەلمىگەىنىدى.  
" پالاق " قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ گوۋۋازى يىقىلىپ چۈشتى ، لىكىن ئاغرىققا پايلىماي ئۆمىلەپ قوپۇپ داۋاملىق چاپتى.  تۇيۇقسىز ئالدىدىن تۆمۈر زەنجىرنىڭ سوقۇشقان ئاۋازى ئاڭلاندى.  گوۋۋازى قەدىمنى توختىتىپ قول چچىراقنى ئالدىغا تۇتىۋىدى ، ئالدىدا 20 مىتىرمۇ كەلمەيدىغان يەردە بىر ياغاچ ئۆتكۈزۈلگەن  زەنجىر كۆۋرۈك  كۆرۈندى. كۆۋرۈك توختىماي شاراقلايىتتى .

زەنجىر كۆۋرۈكنىڭ بۇ يەردە تۇرغىنىغا قانچىلىك بولغىنى ئىنىق ئەمەس ئىدى.  زەنجىر كۆۋرۈك داتلاشقان ئۇنىڭ ئۈستىگە ياغاچلىرى پورلۇشۇپ كەتكەن .ھەتتا بەزى يەرلىرى چۈشۈپ كەتكەن ئىدى. دەل بۇ ۋاقىتتا ئارقا تەرەپتىن ئاياق تىۋىشى ئاڭلاندى . خۇددى بىرسى ئەگىشىۋالغاندەك بىلەتتى.  گوۋۋازى تۈكۈرىكىنى ئاران تەستە يۈتۈپ ئارقىغا بۇرۇلۇپ قول چىراقنى تۇتىۋىدى لىكىن ئارقىدا ھېچ نەرسە كۆرۈنمىدى  .
     " ئەجىبا ھىلىقى جىن ئەگىشىۋالغانمىدۇ ؟ ياق ، بۇ يەر بەك غەلىتە ئىكەن. مەن بۇ يەردىن كەتمىسەم بولمىغۇدەك »  گوۋۋازى كۆڭلىدە شۇلارنى ئويلىغاچ چىقىش يولى ئىزدىدى.
    " مەن قانداق تاللىشىم كېرەك ، ئالدىمدا زەنجىر كۆۋرۈك ، ئۆتكىلى بولارمۇ ؟ چۈشۈپ كەتسەم ئۆلگىنىم شۇ.  ئۇلار بىرنەچچىسى قانداق بولغاندۇ  ؟ "  گوۋۋازى كۆڭلىدە ئويلىغاچ ، تۇيۇقسىز كۆۋرۈكنىڭ ئۇدۇل تەرپىدە بىر چىراغ نۇرىنى كۆردى  .
     " ئۇ جىنچىرەقمىدۇ ؟ ئەجىبا ئۇ ئاتامانمىدۇ ؟" گوۋۋازى خۇشال بولۇپ كۆڭلىدە سان پەيدا بولدى دە  كۆۋرۈككە قاراپ ئىتىلدى .
    كۆۋرۈككە يىقىنلاشقانسىرى گوۋۋازىنىڭ تىنى بارغانسېرى شۈركىنىشكە باشلىدى . كۆۋرۈكنىڭ ئاستىدىكى ياردىن كەلگەن سۈر بارغانسېرى كۈچەيدى.  سوغۇق جاندىن ئۆتەتتى ، گوۋۋازى ئامالنىڭ بارىچە ئۆزىنى تەمكىن تۇتۇپ بىر قولىدا تۆمۈر زەنجىرنى يەنە بىر قولىدا قول چىراقنى تۇتۇپ ، بىر قەدەم بىر قەدەمدىن ئالغا ئىلگىرلىمەكتە ئىدى.
     ئۇ ئاران تەستە كۆۋرۈكنىڭ ئوتتۇرغا كەلدى ، بۇ يەردىن كۆۋرۈكنىڭ ئۇدۇلىدىكى يەر يۈزىنى كۆرگىلى بولاتتى.  "چاراس"  قىلغان ئاۋاز چىقىشى بىلەن تەڭ گوۋۋازى قورققىنىدىن ھەتتا تىنىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمىدى . "بەلكىم ئىغىرلىغىم ئىشىپ كەتكەچكە شال كۆتۈرەلمىگەن بولسا كىرەك."دەپ ئويلىدى ئۇ ئىچىدە .
   ئۇ قەدىمىنى توختاتتى ، گوۋۋازىنىڭ جىنى چىكەتكىلى تاس قالدى .چۈنكى، قاراس قىلغان ئاۋاز ئىنىقكى ئۇنىڭ ئارقىسىدىن چىققان ئىدى ، دىمەك ئارقىسىدا بىرسى ئۆزىگە ئەگىشىۋاتقانىدى . مۇھىمى ئۇ يەردە ئۆزىدىن باشقا ھېچكىم يوق بولۇپ، قارا تەر ئاللىبۇرۇن گوۋۋازىنىڭ كىيىملىرىنى ھۆللەپ بولغان ئىدى.  ئۇ كۆڭلىدە توختىماي ئۆزىنى تەمكىن تۇتۇشقا ئۈندەيىتتى..........




             (داۋامى بار )

alip824 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-16 11:13:04

رھمەت ! ئوقۇيدىغانغا يەنە ئېسىل يازمىدىن بىرى بولغۇدەك

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-16 11:51:45

رەھمەت

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2014-10-16 18:00:46

بۇمۇ « جەنۇبپەرەس ئۈچىنچى تاغا » نىڭ يازمىسىمۇ يا ؟  

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-10-16 20:45:49

خەتكۈچ

jaggiwar يوللانغان ۋاقتى 2014-10-17 00:15:22

قېنى داۋاملىق ................................
بەت: [1]
: جىلغىدىكى قەدىمىي قەبرە (ۋەھىمىلك ئەسەر)