1414 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-15 22:35:34

14: بىز يىراقلىشىۋاتقان

بىز يىراقلىشىۋاتقان
14



قارا، ئەقىل مېۋىسىمۇ سارغايغان
جاناننىڭ قەدىمى تەئەججۈپ بىلەن
مۇزلىغان لەۋلەردىن قاراڭغۇ ئۆتتۇق
ئۈزۈلۈپ چۈشكەندە ئىزىمدا ۋەتەن


ئەي ئورمان، ئېسىلىپ تۇرغان چۈش ئەمەس
ناتونۇش مەنىدا باقىدۇ پەسىل
بىز ئورۇق تېرىغان بىغۇبار كېچە
ئاھ، ئۈنۈپ چىققاندا نە بىخ، نە ئەقىل


سۆزلە، مەنا زادى نەگە نەزەربەند
ئۇنىڭ شەربەتلىرى تامار بىخەتەر
بىز بىر- بىر تەخسىگە تىزدۇق بىر قاتار
ئۇ بۈگۈن ھاياتقا قىزغىن نەقەدەر.

2014\09\31
بەت: [1]
: 14: بىز يىراقلىشىۋاتقان