hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-15 13:43:41

ئاتا-ئانىمىزنىڭ نوپۇسىنى ئۈرۈمچىگە قانداق يۆتكەيمىز؟

پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسەتلىرى بەك كۆپ، ئەمما ئۇنى بىلىۋېلىش ۋە پايدىلىنىش يېتەرلىك ئەمەس ئوخشايدۇ، چۈنكى شەخسەن مەنمۇ بۇنداق ياخشى سىياسەتنىڭ بارلىقىنى يېقىندا بىلدىم ھەم ئاتا-ئانامنىڭ نوپۇسىنى 1 ئايغا يەتمىگەن ۋاقىتتا، ھېچقانداق چىقىم تارتماي ئۈرۈمچىگە يۆتكەپ بولدۇم. بۇنداق ياخشى سىياسەتلەردىن تېخىمۇ كۆپ ئادەم بەھرىمان بولسۇن دەپ بۇ تېمىنى يازدىم.

ماڭا ئوخشاش تۇغۇلغان يۇرتىدىن ئايرىلىپ، ئۈرۈمچىدە خىزمەت قىلىۋاتقانلار كۆپ، ئاتا-ئانىڭىز ياشىنىپ قالغان بولسا ھەمدە تۇغۇلغان يۇرتىڭىزدا داۋاملىق تۇرۇۋاتقان بولسا، ئۈرۈمچى نوپۇسىغا يۆتكەش ئۈچۈن مۇنداق قىلىدىكەنمىز.

(1) ئاتا-ئانىمىزنىڭ نوپۇسى تۇرۇشلۇق ساقچىخانىغا بېرىپ، ئاتا-ئانىڭىزنىڭ نوپۇسىنى ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق شەھەرگە يۆتكەپ كەتمەكچى بولغانلىقىنى ئېيتسىڭىز، ئۇلار سىزگە نوپۇس ئىسپاتى چىقىرىپ بېرىدۇ.

(2) ئۆزىڭىزنىڭ نوپۇسى تۇرۇشلۇق ساقچىخانىغا بېرىپ، نوپۇس دەپتىرىڭىز، كىملىكىڭىز، تۇرۇشلۇق ئۆيىڭىزنىڭ گۇۋاھنامىسى، ئاتا-ئانىڭىزنىڭ نوپۇس ئىسپاتى، توي خېتى ۋە ئاتا-بالىلىق مۇناسىۋەتنى ئىسپاتلايدىغان گۇۋاھلىق خېتىنى تاپشۇرسىڭىز، ئۇلار ئەسلىي نۇسخا بىلەن كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى تەكشۈرۈپ، كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى ۋە ئاتا-ئانىڭىزنىڭ توي خېتىدىن بىرسىنى ئېلىپ قالىدۇ. 60 خىزمەت كۈنىدە ئۇقتۇرۇش قىلىمىز دەپ يولغا سالىدۇ.

(3) ئارىدىن بىر-ئىككى ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن، ئاتا-ئانىڭىزنىڭ نوپۇسىنى ئۈرۈمچىگە يۆتكەشنى تەستىقلىغانلىق ھەققىدە ئىسپات چىقىرىپ بېرىدۇ. سىز بۇ ئىسپاتنى ئېلىپ، ئاتا-ئانىڭىز تۇرۇشلۇق ساقچىخانىغا بېرىپ، نوپۇسنى ئۈرۈمچگە يۆتكەشنى تەلەپ قىلىسىز، ئۇلار سىزگە سۆكۈپ بېرىدۇ. ئاتا-ئانىڭىزنىڭ كىملىكىنى ئېلىۋالىدۇ، سىزگە نوپۇسنى كۆچۈرۈش ھەققىدە ئىسپات چىقىرىپ بېرىدۇ.

(4) سىز بۇ ئىسپاتنى ئېلىپ، ئاتا-ئانىڭىزنىڭ 1 سۇڭلۇق رەسىمىدىن بىر پارچە ئېلىپ، ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق ساقچىخانىغا بارسىڭىز، بىرلا كۇنۇپكىنى بېسىپ، ئۈرۈمچى نوپۇسىغا يۆتكەيدۇ ھەم سىزگە يېڭىدىن نوپۇس قەغىزى چىقىرىپ بېرىدۇ.

(5) سىز بۇ نوپۇس قەغىزىنى ئېلىپ، يېڭىدىن 2-ئەۋلاد كىملىك ئىلتىماس قىلسىڭىز ئىش تامام.

بۇ جەرياندا گۇۋاھنامىلەرنى كۆپەيتىشكە 10 يۈەن ئەتراپىدا پۇل كەتكەندىن باشقا، ھېچقانداق چىقىم تارتمىدىم، ساقچىخانىدىكى نوپۇس ساقچىلىرىنىڭ مۇئامىلىسىمۇ بەك قىزغىن بولدى، ئۇلار تېخى ئاتا-ئاناڭ بىزگە قارىمىدى دەپ ئەرز قىلسا، ساڭا تەربىيە ئىشلەيمىز، گەپ ئاڭلىمىساڭ، بىرنەچچە كۈن سولاپ قويۇشىمىز مۇمكىن، چۈنكى ھازىر دۆلىتىمىزدە پەرزەنتلەرنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش قانۇنى بار، خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى قانۇن بويىچە جازالايمىز، سەن ئۆزۈڭ تەشەببۇس قىلىپ نوپۇسىنى يۆتكەيمىز دېسەڭ، بىز ئەلۋەتتە ئەڭ تېز سۈرئەتتە بېجىرىپ بېرىمىز دېدى.

ئىزاھات: ئاتا بالىلىق ئىسپاتنى چىقىرىشتا 10 يىل بۇرۇنقى جامائەت گۇۋاھلىقى ئىشلىمىدى، بۇنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن خىزمەت ئورنىمىزغا بېرىپ، كادىرلار بۆلۈمىدىن ئارخىپىمىزنى ئېلىپ، ئائىلە مۇناسىۋىتى دېگەن بەتنى كۆپەيتىپ، تامغا باستۇرساقلا بولىدىكەن.

مەنبە : http://yardam.com/?do=ask_view&mid=597

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-15 13:44:56

بۇ تېما مەن بىلەن مۇناسىۋەتىسىز شۇڭا سوالغان سۇئاللارغا جاۋاپ بىرەلمەيمەن ، تورداشلارغا ياردىمى تىگىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس ،دىگەن نىيەتتە يوللاپ قويدۇم ....

oyuncu يوللانغان ۋاقتى 2014-10-15 16:09:24

ئالىم ئەھەت بلوگىغا يازغان گەپلەر ئۆزپىتى ئىكەن ئەمما مەنبەسى ئۆزگىرەپ كېتىپتۇ

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-15 16:13:38

oyuncu يوللىغان ۋاقتى  2014-10-15 16:09 static/image/common/back.gif
ئالىم ئەھەت بلوگىغا يازغان گەپلەر ئۆزپىتى ئىكەن ئەمما  ...

ئابايام ئۇلىنىش كومغا كىرسەم تۇرۇپتىكەن ، ئىزدىنىشقا لايىق تېمىكەن دەپ  ئەكەپ قويغانتىم ....

oylan يوللانغان ۋاقتى 2014-10-15 16:50:51

مانا ئەسلى مەنبە  http://www.alimahat.com/?p=3903

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2014-10-15 18:35:46

ئۈرۈمچىدىن ئۆي ئىلىپ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن قوشۇلۇپ نوپۇسىنى يۆتكىمەكچى بولسا نوپۇس سانىغا چەكلىمە بارمىدۇ؟ دېمەكچى بولغىنىم ئۆتكەندە بىرسى ئۈۈمچىدىن 60 كىۋادىراتلىق ئۆي ئالسا تۆت نوپۇسنى يۆتكىيەلەيدىكەن دەيدۇ. تۆتتىن ئارتۇق ئادەم بولسا 60 كىۋادىرات مىتېردا قىستىلىشىپ قالىدۇ دەپ قاراپ ئاشۇنداق شەرتى بارمىدۇ دەپ ھەيران قالدىم. :lol

ismail يوللانغان ۋاقتى 2014-10-15 19:09:56

ئالىم ئەخخەتنىڭ تورىدا ئاشتاق گەپلەر بارما؟

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-10-15 21:35:20

ئۆزىنىڭ نامىدا ئۆيى بار ئەمما نوپۇسىنى يۆتكىمىگەن بولسا  ئاتا ئانىسىنىڭ نوپۇسىنى  ئۆيى بار ئورۇنغا يۆتكىگىلى بولامدۇ ؟
تىمىدا دىيىلگەندەك ئەھۋالدا قىرىنداشلىرىنىڭ نوپۇسىنىمۇ يۆتكىگىلى بولامدۇ ؟
نوپۇس ئىسلاھاتى قىلىندۇ دەۋاتاتتى ، شەھەرلەرگە نوپۇس يۆتكەش قاچان ئاسانلىشار

kosan يوللانغان ۋاقتى 2014-10-15 21:38:26

مۇشۇ نوپۇس  يۆتكەش توغرىلىق گەپ چىقىپ قاپتۇ. ئاڭلىشىمچە ئىككىنچى قول ئۆي سېتىۋېلىپلا نوپۇس يۆتكەيمەن دېسە يۆتكەش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بەرمەسمىش، مۇشۇ گەپنىڭ ئاساسى قانچىلىكتۇ؟ يۆتكەپ بەرمەسلىك سەۋەبى، ئۇنى ھەل قىلىش يولى ھەققىدە بىلىدىغانلار بولسا پاراڭ سېلىپ بەرسە:)

jaggiwar يوللانغان ۋاقتى 2014-10-15 21:57:16

ismail يوللىغان ۋاقتى  2014-10-15 19:09 static/image/common/back.gif
ئالىم ئەخخەتنىڭ تورىدا ئاشتاق گەپلەر بارما؟

ئالىم مۇئەللىم  ئاتا ئانىسىنىڭ نۇپۇسىنى  ئۈرۈمچىگە يوتكەپتىكەن ،شۇنى تىما قىلىپ يازدىم دەۋاتاتتى
ئالىم ئەخخەت ئەمەس ئالىم ئەھەت :)

Huqush يوللانغان ۋاقتى 2014-10-16 12:42:17

ئالىم مالىم يارايدۇ :lol:lol:lol:lol

Muzepper يوللانغان ۋاقتى 2014-10-16 23:41:01

ھەرخىل ئىش بىجىرىش جەريانىدىكى ئۆزىنىڭ ئەمىلىي تەجىربىلىرىنى تورداشلار بىلەن ئورتاقلاش ياخشىكەن. مۇشۇنداق تېمىنىڭ تېخىمۇ كۆپ يوللىنشىنى ئۈمۈد قىلىمىز.
بەت: [1]
: ئاتا-ئانىمىزنىڭ نوپۇسىنى ئۈرۈمچىگە قانداق يۆتكەيمىز؟