ozhal يوللانغان ۋاقتى 2014-10-15 09:41:02

(ئۆزھال) كۈز خازانلىرى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ozhal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-16 03:20  

قۇربان ھىيتتىكى غىرىپلىق

‏راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال

‏بىر ئەلەم ئۆرتەيدۇ جانۇ تىنىمنى ،
‏شورپىدا قاينىغان گۆش ئەمەس يۈرەك ،
‏زەرداپلار تومۇردا ئۇسسار قان ئېچىپ ،
‏قۇربان ھىيىت باغرىدا ئاچتى دەرىت چىچەك .

‏ئويلاندىم ئوتتۇز يىل ئەر بولغىنىمنى ،
‏غەمكىنلىك تۇرقۇمغا سالغاندا ئىزنا ،
‏يىغاڭغا دەسمايە ئەرزىمەس ئۆمرۈم .
يىنىڭدا ‏بۇلالماي قاخشىدىم ئانا .

‏پەلەكنىڭ ھۆكىمى رەھىمسىزلىكتىن ،
‏باشقىنى بەرمىدى مەن ھەم كۈتمىدىم ،
‏ئۆرتىنىش ئىچىدە قۇربانلىق قىلىپ ،
ئاخىرى ئۈزۈمنىڭ گۆشىنى يىدىم .

‏كۈلكىگە زورلانغان نۇرسىز كۆزلىرىم ،
‏ئاھۇدەك تىكىلدى چەكسىز ئىتىزغا ،
‏غىرىپلىق يۈكىنى يىپىنچا قىلدى ،
‏قاغجىراش لىۋىمدە قۇرىدى دەريا .

‏قىرانلىق دەۋرىدە ھۆركىرەپ يۈرگەن ،
‏قامىتىم ئۆمچەيدى ئىنسانلىغىمدا ،
‏بىلمەيمەن ئىزدەيدۇ نىمىنى كۆڭۈل ،
‏يىتىممەن مىڭلىغان ئادەملەر ئارا .

‏ئوغلۇم يوق يىنىمدا ئەركىلەيدىغان ،
‏ئانام يوق ئائىلەم غىمىم يەيدىغان ،
‏دوستۇم يوق دوسلىرىم تونۇش دۈشمىنىم ،
‏قەدەمدە گۈشۈمنى شۇلۇپ يەيدىغان .

‏ھىچكىمنى سېغىنىپ پەرياد چەككۈم يوق ،
سۆيىمەن سۆيۈملۈك ئەيىپلىرىمنى ،
‏نەپرەتلىك ھاياتقا باقتىم قايرىلىپ
‏ئېسىمگە ئالمىدىم ئۈرۈمچى سىنى .

‏جىمجىتلىق ئىلكىدە ئويلاندىم ئۇزاق ،
‏ھويلىدا قاۋايدۇ رەقىپسىز قانجۇق ،
‏بىر ئۈمۈر ھىچكىمگە ياخشى بۇلالماي ،
يالغاندىن كۈلۈشۈپ بولدۇق ياسانچۇق .

‏سالامنى ئايىغان ئادەملەر ئارا ،
‏بېقىشىپ ياشاشقا مەجبۇر بىز ھامان ،
‏كۈلكىدىن ئازاپنى راھەت دەپ بىلگەن  
‏چاناقتا دەريا  بار تۆكۈلمەيدىغان .

‏ئاقسۇ ئاۋات ناھىيسى يىڭى يىزا پاۋانلا كەنتى
‏5-10-2014- قۇربان ھىيىت كۈنى يىزىلدى

سەھرا ۋە ‏شەھەر

‏بىز شۆھرەت ھاجەتخانىسىغا دۇم چۈشكەن قۇرۇت ،
‏كاللىمىزنى ئىگەللىۋالغان شۆھرەت تاماسى ،
‏توختىماي تىزلىكتە پۇل تېپىشىمىز كىرەك ،
‏دوسلىرىمىزغا كۆز كۆز قىلىش ئۈچۈن ،
‏ئىگىز بىنادىن ئۆي ئىلىشىمىز كىرەك ،
‏ئۈزىمىزنىڭ دۈشمەن بۇلۇشقا ئەرزىمەيدىغانلىغىمىزنى چاندۇرماي دۈشمەنلەر ئۈچۈن
‏يۈز مىڭلاپ پۇل خەجلەپ بىزىشىمىز كىرەك ،

‏ئابرۇي تىپىش ئۈچۈن تۆلەيمىز بەدەل
‏سىخى ۋە مەرىتلىكنىڭ قالپىغىنى كىيىش ئۈچۈن
‏خوتۇن بىلەن جىدەل قىلىپ مىھمان كۈتىمىز
‏پىخسىق -گىرىلىگىمىزنى يوشۇرۇش ئۈچۈن
‏قانغىدەك ئىچىپ مەس بۇلىشىمىز كىرەك ،
‏شەھەردە تىلەمچىلەر بىزگە پۇلنىڭ يۈز ياشتىمۇ كىرەك بۇلىدىغانلىغىنى بىزگە ئەسكەرتىدۇ ،
‏پۇلىنىڭ كۆپلىگىدىن پاقىراپ يۈرگەنلەر بىزگە چەكسىز بېسىم بۇلىدۇ ،

‏خەقنىڭ بىزنى كۆزگە ئىلىشى ئۈچۈن
‏ئاجىزلارنىڭ بىزدىن تىلىشى ئۈچۈن
‏دوسلارنىڭ بىزنى بىلىشى ئۈچۈن
‏ئادىملىكنى قايرىپ بىر چەتكە
‏پۇل پۇل پۇل دەپ ياشىشىمىز كىرەك .

‏ماشىنا ئىلىش كىرەك
‏تۈركىيگە ساياھەتكە چىقىش كىرەك ،
‏شۇڭا جاننى تىكىپ پۇل تېپىشىمىز كىرەك
‏ھالاۋىتىمىزنى باشقىلارغا كۆرسىتىش ئۈچۈن
‏كۈندە بىر چىنە زەھەردەك غەمنى ئېچىشىمىز كىرەك

‏ياتقىدەك ئۈيى يوق دىھقان تالادا قالمايدۇ
‏بىلمەيدۇ رىستۇرانلارنىڭ ئىشىگى قاياققا قارايدۇ
‏بىلمەيدۇ پۇل دىگەن نەرسە ئادىمىلىك بازىرىدا نىمىگە يارايدۇ

‏ئۇلار كىسەك ئۈچۈن ھەسرەت چەكمەيدۇ
‏بىر زەمبىل لاي ئۈچۈن غەم قىلمايدۇ
‏ماشىنا دەپ خەق بىلەن بەسلەشمەيدۇ
‏ئابرۇي دەپ ئۆي سالمايدۇ
‏شۆھرەت ئۈچۈن ھىچ نەرسسىنى ساتمايدۇ
‏شۇنداق تۇرۇپ ھىچكىم ئۈلۈپ كەتمەيدۇ

‏تاماق - ئۆچەي توشقۇزدىغان نەرسە
‏ئۇنىڭ ئۈچۈن غەم قىلىش بىھاجەت
‏ئۇلار خەق ئۈچۈن ياشىمايدۇ
‏خەقنىڭ باھاسىغا مۇھتاج ئەمەس

‏نوركا پەلتۇ
‏ئەرەپ ئىتى
‏ئىتالىينىڭ قىزىل ئالتۇنى
‏دۇبەينىڭ قەھۋەسى
‏يەنە بىر تالاي ھەۋەس ۋە ئارمان
‏سىرىتماق كەبى
‏سىقار شەھەرلىكنىڭ گىلىنى

‏جان ھەلقۇمدا
‏جان يوق تېقىمدا
‏ئاغرىق بىقىندا
‏يىراق يىقىندا
‏بىزنى كۆزىتىۋاتقانلار دەپ ئويلايدۇ
‏بىچارە جانلار

‏تۆت يەردە دۇكان
‏ئىككى ئۆي خوتۇن
‏بارچە ئارزنىڭ يۇقۇرى پەللىسى
‏ئوسمان قاق شۇنداق دەيدىلەركى
‏بىر ۋاخ تاماقنى ئابرۇي دەپ قاراپ
‏نەزىرنى رىستۇراندا قىلىدىغان ئاەملەر ئۈچۈن
‏رىستۇراننى چوڭ سىلىپ پۇل تاپ
‏ھورۇن خوتۇننى ئىشچان قىلىشنىڭ ئامالى
‏ئىشىك ئالدىغا ئاشخانا ئېچىش

‏كەتتىم

‏راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال

‏كەتتىم ھەسرىتىمنى ئارقامغا تاشلاپ ،
زاغىردىن قىيالماس قىلدەك سۇغۇرلۈپ . ‏
‏قاقاچ تىنىمنى سۆرەپ ،
‏قاسراق تاشلىغان يىلاندەك
‏ئۈرۈمچى قالدى كونا بىر پىتى
‏پۇرۇقلاپ قايناپ تۇرغان داشقازاندەك .

‏سۆيگەن يارنى كۈندە كۆرۇش بەخىت بولغىنىدەك
نۇرغۇن ئادەملەرنى كۆرمەسلىك بەخىت
‏كەتتىم ئاشۇلارغا كۆرۈنمەي
‏ھىچكىمگىمۇ خوش دىمەي

‏ئىگىز بىنالار قالدى گىدىيىپ ،
‏تىنىمگە ۋەھىمە سالىدىغان گۈلساي ‏قەبىرستانلىغى
‏سۇ ئامبىرىدىكى قۇمۇش پۈپۈكلىرى
‏قالغاچلىقتىكى قويۇق ئورمانلىق
‏سۈكۈت ئىچىدە ئۇزاتتى مىنى .

‏روھىنى چۈشكۈنلۈك قاپلىغان ،
‏تىنىنى زەئىپلىك ئورىغان
‏ئادەملەر قالدى ئالدىراشلىقتا
‏مەن ئۇلارغا بەردىم دۇنيانىڭ
‏قىلسا تۈگىمەس مۇشاقىتىنى
‏شان شۆھرىتىنى
‏گۈزەللىگىنى
‏ھەشەمىتىنى
‏ھارغىنلىغىنى
‏تاپسا تۈگىمەس ھەم ئەرزىمەس
‏ئابرۇي بىلەن ئىناۋىتىنى .

‏ھىچكىشىگە تىلىمەي شۇملۇق
‏كەتتىم ئۈزۈم كۈزۈم ئارقىدا
‏يوق ھىچنىمە مەن قانمايدىغان
‏ھەممە نەرسىگە تويغۇزدى خۇدا .
مىڭ شۈكىرى
‏ھاجىتىم يوق خىجالىتىم يوق
‏رىسقىمنى پۈتۈن قىلغانلىرىڭغا .

‏ئادەملەرگە بەردىم ھەممىنى ،
‏پۇشايمان ئىچىدە ئۆتۈندۇم
‏ئىسە قىلغاندا ئەخمەقلىقلىرىم ،
‏يۈز ئۈچۈن بەرگەن قۇربانلىقلىرىم
‏دوس ئۈچۈن پىداكارلىق كۆرسەتكەنلىرىم
‏ئەرزىمەيدۇ ئۆزھال ھىچنىمە
‏ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنما ئەمدى
‏قانداق ئادەم ئىكەنلىكىڭنى
‏دىگەن سادا چوقان سالغاندا
‏كەتتىم ئۈزۈمدىن يىراقلاپ
‏كەتتىم ھەقىقى ئۈزۈم تامانغا

‏يىڭى ئىرىق پاۋانلار ، 2014-10-6-كۈنى


يىغلار ئىدىم

‏راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال

‏ياشىدىم ياخشى يامان ئىلغار ئىدىم ،
‏بەختىمە ئىزدەپ پەرىشان خار ئىدىم ،
‏ئىزگۈلۈكنى كۆيلىگەن دۇتار ئىدىم .
‏قايغۇدىن قاچقان زەئىپ بىمار ئىدىم .

‏مىھنىتىمدە ئاچمىدى بىر تال چىچەك ،
‏خام خىيالدىن ئۆسمىدى بىر تال پىلەك ،
‏قىردا ياتتىم خەمەك پىتى قالدى خەمەك ،
‏ئەجىرسىز چۈشتە كۈمۈش قىزار ئىدىم .  

‏بولدى قاچان قەلبىم تاماغا مۇپتىلا ،  
‏شۇندىن بىرى بولدۇم خۇشاللىقتىن جۇدا ،
‏كۈتتۈم ھامان ياتتىن پاراغەت ھەم ۋاپا ،
شۇ سەۋەپ مەن ئۇيقۇدىن بىدار ئىدىم .

‏باي دىسە چاچتىم پۇراغى گۈل تولۇپ ،  
‏دوس بۇلۇشنى ئىزدىدىم مەن قۇل بۇلۇپ ،
‏يەلكەمدە ئۇ ئۆي سالسا بەردىم ئۇل بۇلۇپ ،
‏بىقۇۋۇللۇق دەشتىدە خاك -زار ئىدىم .

‏ئىيتتى غۇرۇر ئەجىردە ئاق تەردەك دىدى ،   
‏ئىيتتى رەببىم بەر ھوسول يەردەك دىدى ،
‏ئۆل لىكىن ياشا چوقۇم ئەردەك دىدى ،
‏ئۆتكەن كۈنۈمگە خارلىنىپ يىغلار ئىدىم .

‏سەل بۇلۇپ ئاقسام يولۇمدا بەھۇزۇر ،
‏ئىتقا ئايلاندى ياران دوستى غۇرۇر ،
‏ھەر قەدەمدە ھەرە كەبى نەشتەر ئۇرۇر ،
ئىتىكاپتا ئۇلار ئۈچۈن يىغلار ئىدىم ،

‏قىل ئەپۇ گۇناھلىرىم قادىر خۇدا ،
‏سەن ئۈچۈن قىلغايمەن جانىمنى پىدا ،
‏سال ئۈزوڭ ئازغاننى ھەقنىڭ يولىغا ،
‏ياشلىرىم دەريا تىلەك تىلەر ئىدىم .

‏2014-10-8 كۈنى پاۋانلار كەنتى


‏ھاياتنىڭ يولى

‏راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال

‏ئۇچرىغانغا ياخشىلىق قىل ياخشىلىق كۈتمە ،
‏گۈلدىن پۈتسۇن ئىزلىرىڭ تىكەنلەر تىكمە ،
‏ساڭا سۈيقەسىت قىلغانلارنى تاپشۇر ئاللاغا ،
‏چاڭقاپ ئۆلگىن نامەرىت تۇتقان شەربەتنى ئىچمە .

‏مىننەت بىلەن تولغان ئىرۇر نامەرىتنىڭ ئىشى ،
‏غاجاش ئۈچۈن يارالغاندۇر نامەرىتنىڭ چىشى ،
‏يىرىلغۇسى ئۆزى قىلغان غەيۋەتتىن بىشى ،
‏قەددىڭنى تىك تۇتقىن يالغان كۈلكىگە ئەگمە .

‏ئوغا بىلەن تولغان قەلبى دۇنياسى ئۇنىڭ ،
‏ھەسەت بىلەن زەھەر ئاققان دەرياسى ئۇنىڭ ،
‏غەيۋەت بىلەن گۈلدۇر مەۋجۇت غەۋغاسى ئۇنىڭ ،
‏ھەرە ئۇۋىسى زۇۋانىدۇر ئۇنىڭغا تەگمە .

‏ئىتتەك قاۋاپ يوللىرىڭنى تورايدۇ بەزەن ،
‏سۇڭەك تاشلاپ سەپىرىڭنى داۋام قىل لىۋەن ،
‏باشقا ئىشى يوق ئۆزگىدىن تاپىدۇ ئىۋەن ،
‏پەرۋا قىلما ھايات دەپ ھەم نەزەرگە ئالما .

‏2014-10-8-ئاي ، پاۋانلار كەنتى


‏كۆز خازانلىرى

‏راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال

‏ئۆمۈر ئارغامچىسى قىسقىراپ بارار ،
‏ئىزتىراپ ئىلكىدە جىلمىيار قوياش ،
‏سوغ شامال دەستىدىن كائىنات يىغلار ،
يىللارنىڭ بەھرىدە يوق قىلچە ئاياش .

‏ئاتىلار بەستىدىن كۆچۈپ كىتەر كۈچ ،
‏ئانىلار تومۇرىدىن ئۈزۈلەر ماجال ،  
‏بالىلار چوڭ بولسا كەتمەنگە بەندە ،
ھاياتنى قورشايدۇ بىمەزگىل زاۋال .

‏بولبۇللار ناۋاسى ئۆچەر باغلاردىن ،
كۆكسىدىن بالقىيدۇ ماتەم ساداسى ،
‏ھىلال ئاي چىھرىدە مۇزلار يالتىرار ،
‏مۇزلىغان كۆلچەكتۇر ھايات دالاسى .

‏باھارنىڭ بەرگىنى قۇرۇق خام خىيال ،
‏ئايازنىڭ شۆھرىتى ئايلاندى چۈشكە ،  
‏گۈللەرنىڭ ھىدىدىن ئۆمىت قالمىدى ،
‏ئۆچكەندەك كىلىننىڭ يۈزىدىن كۈلكە .

‏8-10-2014 ئاۋات يىڭى ئېرىق پاۋانلا كەنتى

‏سەھرا دىئالوگلىرى

‏راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال

‏شاماللار تىرەككە سۆزلەيدۇ قىسسە ،
‏يۆگىمەچ قوناققا ياتار چىرمىشىپ ،
‏توزانلار يوللارنى قىلىدۇ سەيلى ،
‏ئاي ئۇخلار تۇپراققا باغرىنى يىقىپ .

‏يالتىراپ دانچە قۇم ياتار يەر قۇچۇپ ،
‏يۇلتۇزلار ھۆسنىنى قىلغاچ تاماشا ،  
‏قۇراللىق ئەسكەردەك كۆرۈنگەن ئورمان ،
‏ۋەزمىن بىر ئاھاڭدا ئىيتىدۇ ناخشا .

‏ئوغلاقلار قىرلاردە سەكىرىشىپ يۈرەر ،
‏ئەرگىشەر ئۇنىڭغا غەمسىز قوزىلار ،
‏گىلەمدە شاھلاردەك ئۇخلايدۇ كۈچۈك ،
‏ھەيرانمەن بۇ يەردە ھەممە بەختىيار .

‏پايانسىز زىمىن بۇ بەركەت يىلتىزى ،
‏نەپ بىرەر ئىنسانغا يەرنىڭ دۆڭ تۈزى ،
‏يوقسۇزلۇق پىچاقتەك پاتسىمۇ جانغا ،
‏سۆيىدۇ بار ئىنسان ئۆز تۇپرىغىنى .

‏كىۋەزگە تەلمۇرەر دىھقاننىڭ كۆزى ،
‏قوناقتا پەسكۇيغا چۈشىدۇ غىمى ،
‏ئالدىراپ قوش سالار قۇمۇلجان يەرگە  
‏ئوسىسى تەڭشىلىپ كەتكىچە نىمى .

‏بۆشۈكتىن قەبىرىگە تۇتاشقان يولدا ،
‏سەۋىر ۋە قانائەت ئىمكان ياشايدۇ ،
‏باھاردا گالغىچە بۇغۇلغان قەرىز ،
‏كۈزگىچە مىھنەتتە مىھمان ياشايدۇ .

‏ساددا دەپ ئۆلگۈردۇق دىھقاننى كۆرسەك
‏بەزىدە ئاپەتتۇر يامغۇرلۇق ئاسمان .
‏مۇشاقەت جەۋرىگە چىداپ تىك تۇرۇپ ،
‏باغرى قان لىۋى قان ياشايدۇ دىھقان .

دىھقاننىڭ ئەجىرىدە كۈلىدۇ شەھەر ،
‏دىھقان دەپ ئويغىنار كائىنات سەھەر ،
‏ئاش تۇز ھەم قان تەرنىڭ مىھنەتلىرىدە
‏نۇمۇستىن قىزىرىپ ئېچىلار گۈللەر .

‏ئاۋات ناھىيە يىڭى ئىرىق يىزا پاۋانلا كەنتى
‏2014-10-8-كۈنى


‏خەيرىلىك سەھەر

‏راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال

‏خەيرىلىك سەھەر مەن سۆيگەن سابا ،
‏قەلبىدە مۇھەببەت چوقان سالغانلار ،
‏مىھىرلىك كۈڭۈلدە ھاياتقا قانماي
‏ئۆزى -ئۆزلىرىگە كۈيۈپ قالغانلار .

‏خەيرىلىك سەھەر مىھنەتكەش دىھقان ،
‏مەڭزىدە باھار پاختىكار قىزلار ،
مۇنبەردە تۇرۇپ يالقۇنلاپ يىنىپ ،
‏ئەۋلات دىلىغا ئىلىم سالغانلار .  

‏سالام سىلەرگە كارخانا كاندىن ،
‏تومۇردا ئۆركەش ياسىغان قاندىن ،
‏مىھنىتى ئۈچۈن مۇزدەك شامالدا ،
‏ئۆستەڭ بويىدا تۈنەپ چىققاندىن .

‏سالام سىلەرگە توڭلىغان زىمىن ،
‏ۋۇجۇدى يالقۇن ئاتەشتىن سالام ،
‏سالام سىلەرگە دىلرابا قىزلار ،
‏بەرنا يىگىتتىن كۈنلەشتىن سالام .

‏قايغۇرۇپ ئۆتكەن كۈنلىرى ئۈچۈن ،
‏ھەسرەتلىك ئۆتمۇش ئاھىدىن سالام ،
‏چۈشلەرنى بۇزۇپ غەليان ئەيلىگەن ،
‏ئاھۇ پەيكەرلەر چاھىدىن سالام .

ھايات مەرغۇلى ئىلە تەڭ قەدەم ،
‏ھەۋەستە ئوتتەك يانغاندىن سالام .
‏مۇھەببەت كۈيى قەلبىدە ياڭراق ،
ۋەسلى مۇرادقا قانغاندىن سالام .

‏سالام ئەي ۋەتەن مۇقەددەس تۇپراق ،
‏باغرىڭدا زامان قىسىلغان تىلەك ،
‏سالام يارەنلەر سالام بۇرادەر .
‏ئۆزىگە پاتماس ئارمانلىق يۈرەك .

‏سالام كۆز پەسلىم ئىتىز قىرلىرىم ،
‏گۈل ھۆسنىدە جىم ئۇخلىغان شەبنەم ،
‏سالام سىلەرگە ئاشىق نەپەسلەر ،
‏ئۆمىت سىلەرگە يار بولسۇن ھەر دەم .

‏قەرىز يىغىش

‏راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال

‏بانكىدىن كىلىدۇ ئۆسۈم قىنى دەپ ،
‏سۇ ھەققى بەر دەيدۇ كادىرلار تىترەپ ،
‏ھەمكارلىق داۋالاش ھەققىگە قىستار .
‏سۈت چىقماس كالىدىن بەرمىسە ھەلەپ .

‏ئۇرۇقنىڭ پۇلىغا قويىنى ساتار ،
‏سۈ ئۈچۈن ياشلىرى دەريادەك ئاقار .
‏يول ياساش ھەققى دەپ كىلىدۇ بىرى
قان ساتاي دىسىمۇ يوقتۇر جاي ئالار .

‏ئوچاقنىڭ ئالدىدا تىترەيدۇ موماي ،
‏ھۆل شاخنى پۈۋلەيدۇ كۆزلىرىدە ياش ،
‏ھىيىت بىلەن قىيامەت قىستىلىپ كىلەر ،
‏قازاندا قاينىغان گۆش ئەمەس ئوتياش .

‏نۇپۇسقا كىلىدۇ بەزى ھۆددە قەرىز ،
‏بەزىدە يەر بىشى دەپلا ئالىدۇ ،
‏غەزىنە يوقسۇزنىڭ يىرتىق يانچۇغى ،
‏دۇنيا بانكىسنىڭ كۆزى تالىدۇ .  

‏بۇغداي تىرىغانغا سامىنى قالار ،
‏تىرىغان قوناقنىڭ پايدىسى شادا .
‏غوزەكنى چۇۋۇيدۇ ھويلىدا ھارغىن
‏يىشى سەكسەندىن ئاشقان بىر ئانا .

‏پاۋانلا كەنتى 2014-10-11 كۈنى

‏سۆزلىگەي

‏راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال

‏خوش تەبەسسۇم ئەيلىدىم ھارغىن ھاقارەت دەرىت ساڭا .
‏كۆندۈزۈمدە جىن شاياتۇن يەجۇجى ھەيران سۆزلىگەي .
‏دۇنيا يىغىشنى كۆزلىگەن ئەركانى دەۋلەت مەرھابا ،
‏ھىچ ئىشىم يوق شان بىلەن قەلبمدە ھىجران سۆزلىگەي .

‏ھىسلىرىم سەرسان ئىرۇر مىسلى توزاندۇر بۇ ئۆمۈر ،
‏مەن ئاقاي دەريا ئارا دۈشمەن پەرىشان سۆزلىگەي ،
‏پەشىتىغى مەر -مەر ئىمىش غۇرۇرنى ساتقان يارئۈچۈن ،
‏غىرىبان چۆللەر ئارا ياققاندا گۈلخان سۆزلىگەي .

‏خوش دىدىم يالغان جاھاننىڭ رەڭلىرىگە بۇ زامان ،
‏ئەسلى ھالەتتە سىدام ھايات قارارىم سۆزلىگەي ،
‏شۆھىرىتىدىن كۈلپىتى كۆپتۈر سەپەردە ھەر نەپەس
‏شائىرا قويغىن مىسرالىرىم ئەنبەر ئىپارىم سۆزلىگەي .

‏مەي بىلەن ئەقلى ھۇشۇم چاقتى قەپەزنى بىر نۆۋەت ،
‏ساختىلىق ئەركانىدا قاندەك ھەقىقەت سۆزلىگەي ،
‏سۆزلىسە ئاسمان ئارا نالە قىلغاي بارچە جان ،
‏قىممىتى ۋەزنى ئىغىر ۋىجدانى ھىكمەت سۆزلىگەي .

‏پاۋانلار : 2014-10-11


‏پەرىدە قاسىم

‏راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال

‏ئاۋازى بوغولغان نەيدەك مۇڭلىنىپ ،
‏بىر كارۋان كىلىدۇ ھەسرىتى دەريا ،
‏ئۆزىنى كاچاتلاپ يىغلايدۇ تەقدىر ،
‏بەختى سۇلغۇن ئايال ئالدىدا .

چۆلدە ئۆسكەن ئەتىرگۈل ئىدى ،
‏دۇنيانى مەس قىلاتتى ھىدى ،
‏سۆيگۈسىنى يۈدۈپ بىر ئۆمۈر ،
‏بەختى ئۈچۈن جاھان قىدىردى .

‏تاپالمىدى دۇنيادىن ئەركەك ،
‏يۈلەنگەندە يۆلەك بولغىدەك .
‏كۈيلىرىدىن يىغلىدى دۇنيا ،
‏ناخشىسىدا كۆكلىدى تىلەك .

‏گۈزەللىگى ئۈزىگە دۈشمەن ،
‏بۇلۇپ كەلدى چارچىدى تالدى ،
‏رەستىلەردە ئات مىنىپ يۈرۈپ
‏چۆلدە تەنھا پىيادە قالدى .

‏مىيۇنخىن ھەم ئالماتا ئارا ،
‏قەدەملىرى بولغاندا سەرسان ،
‏سۆيگۈ ئۆلگەن ئىپلاس دۇنيادا ،
‏پەقەت كۆز ياش تۆكەتتى پىنھان .

‏قاشتىشىدەك گۈزەل ۋۇجۇدى ،
‏بولغىنىدا بۇ دۇنياغا يۈك ،
‏يەنە ئۆمىت بىلەن ياشىدى ،
‏ناخشا ئىيتتى ئاۋازى پۈتۈك .

‏ئاھ كەم قالغان رەقىپ قەستىدە ،
‏قارلىق يولدا جان تەسلىم قىلىش .
‏بۇ ئىشنىمۇ بىجىردى تەقدىر ،
‏ئاياقلاشتى ھەسرەتلىك تېنىش .

‏بىر كۈي ئىدى توختىمايدىغان ،
‏يامغۇر كەبى تامچىلاپ سىم -سىم ،
‏ھەسرەت بىلەن كىلىپ دۇنياغا
‏يىغلاپ كەتكەن پەرىدە قاسىم .
‏مەن شائىر ئەمەس

‏راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال

‏مىنى نىمىشقا شائىر دەيسىلەر ؟
‏مەن پەقەت دىلىم جاراھىتىنى تاتلىغۇچى ،
‏دەرىدسىزلىك ھەققىدە شىكايەت قىلغۇچى
‏يوقىلاڭ بىر ئىشلارنى باھانە قىلىپ
‏سۈكۈتتە ساراڭدەك داۋراڭ سالغۇچى .

‏مەن ئەسلىدىن ئاجىز تۇغۇلغان
‏ھاياتنىڭ راھىتىنى ئىنكار قىلىش مىنىڭ بارلىغىم ،
‏مەن بىر يالغانچى
‏ئاياللار گىرىم ئەينكىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ
‏ھاياتىنىڭ ئەھمىيىتىنى ئويلىغاندا
‏مەن ھەرىپ بىناكارلىغىغا ئىشقا چۈشكۈچى .

‏مىنى نىمىشقا شائىر دەيسىلەر ؟
‏ئالدىڭلاردا گۇناھىم نىمە
‏مەن تەسەۋۋۇرۇمدىكى بەخىت دىڭىزغا قاراپ سەپەرگە چىققۇچى .

‏مەن ھەممە نەرسەمنى ئۇتتۇرىۋەتكەن قىمارۋاز .
‏خىيال دىڭىزدا بېلىق تۇتقۇچى
‏رىئاللىقتىن زىرىكىپ بەزگەن
‏ئۆزگىلەرنى ئەخمەق قىلغۇچى .

‏مەن ئەپسانە بىلەن رىئاللىق ئوتتۇرسىدا تىتما تالاڭ بولغاندا
‏ئۆتمۇش بىلەن كەلگۈسى ئوتتۇرسىدا كۈيۈپ تۇرغاندا
‏سىلەر بارمىدىڭلار ؟
مەن ئەنە شۇنداق بارسا كەلمەس يولغا ماڭغاندا
‏بىلىپ تۇرۇپ قۇتقۇزمىدىڭلار

‏مىنى نىمىشقا شائىر دەيسىلەر ؟
‏مەن خىيال توقۇغۇچى
‏شېئىرلىرى ئارقىلىق ئۆزىنى ئوقۇغۇچى
‏مەن شېئىر يىزىپ باقمىدىم
‏ھەرىپ تىزىمەن
‏ھەرىپلەرنىڭ ئوتتۇرسىدىكى يۇمشاق ئاۋازدىن ئۈزۈمنى سېزىمەن
‏ئۈزۈمنى سىزىمەن

zemindar يوللانغان ۋاقتى 2014-10-15 10:15:43

«پەرىدە قاسىم»نى ياقتۇردۇم!

ozhal يوللانغان ۋاقتى 2014-10-15 10:35:40

سەھرا دىئالوگلىرىنى ئايرىم بىر تىما سۈپىتىدە يوللىدۇم

Mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-15 10:53:35

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Mahir512 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-15 12:59  

ھالاۋىتىمىزنى باشقىلارغا كۆرسىتىش ئۈچۈن،
كۈدە بىر چىنە زەھەردەك غەمنى ئىچىشىمىز كىرەك.
--------------------------------------------------
مىششەلىرى پەچەتكەن{:112:}

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-15 13:05:34

ئۈن دىداردا كۈرۈپ تۇرغانىدىم ، تۇلىمۇ ئاچچىق تىللار بىلەن يېزىلغاندەك بىلىندى ماڭا ...

ozhal يوللانغان ۋاقتى 2014-10-15 13:39:04

‏سەن مۇھتاج بولغاندا

‏راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال

‏سەن مۇھتاج بولغاندا ئەگەر يورۇققا ،
‏قوياشمۇ ئۆزىنى ئالار دالدىغا ،
‏بىر تامچە سۇغا زار بولغاندا لىۋىڭ ،
‏ئايانماي قۇرۇيدۇ ئۆركەشلىك دەريا ،

‏ئۇلۇغلاپ تىۋىنغان پايانسىز زىمىن ،
‏بەرمەيدۇ ۋە بەلكىم بىر مىتىر گۈرلۈك ،
‏پاناھسىز قويغۇسى كەلسە تەقدىرنىڭ ،
‏جان ئالار سەندىكى پۇل بىلەن مۈلۈك .

ئاپتاپقا تەلمۇرسەڭ يامغۇر ياغىدۇ ،
‏سايىغا زار بولساڭ قاچىدۇ دەرەخ ،
‏شان شۆھرەت بايلىقتىن كىرىلگەنلەرگە،  
‏تىپىلماس ئۆلگەندە ئىككى مىتىر رەخ .

‏گىلەمدىن ئىھتىيات ئەيلىگەن پۇتۇڭ ،
‏دوس بۇلار چوغ كەبى يانغان تۈمۈرگە ،
‏قاچىدۇ ھەتتاكى ئاستىڭدىن يوللار ،
‏تەتۇر بىر قىسمەتتە يار سەن ئۆمۈرگە ،

‏ساماغا دار كەبى ئېسىلار بىشىڭ ،
‏كۆرىسەن تاغلارنىڭ قېچىشلىرىنى ،  
‏جان ساقلار سەن دوس دەپ بىلگەن ئەزىزلەر ،
‏كۆزۇڭنى چوقۇپ يەر- ئىچىپ يىشىڭنى ،

‏ئالغىنە بۇ جاننى دەيسەن ناھايەت ،
مىڭ تويۇپ ھاياتتىن چىكىسەن پىغان ،  
‏ئۈلۈمگە ھاجىتىڭ چۈشسە ئەگەردە ،
‏سىزىسەن ئۇ يىراق مىڭ يىللىق داۋان .

‏ھۆكىرەپ ياشىساڭ پەرۋاسىز ھەممە
‏سەن بىزدەك ئىنساننى كۆپ كۆرگەن جاھان ،  
مۇھتاجلىق ئەگكەندە ۋىجدان قەددىنى ،
توڭدۇرار تومۇزدا يىقىلغان گۈلخان .

‏سەۋرىنىڭ چىكى

‏راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال

‏ئەتىرگۈل كۆكسىنى ئەيلىگەن ماكان ،
‏شەبنەمنىڭ چىھرىدە كائىنات كۈلەر ،
‏سەۋرى ئۇ ئۇزۇندۇر ئۆمۈردىن ئۇزۇن ،
‏مۇھەببەت ۋەسلىدىن يىقىندۇر ئەجەل .

‏گۈللەرنىڭ ھىدىغا جاننى تىگىشكەن ،
‏ئاشىقنىڭ نىداسى قۇچار پەلەكنى ،
‏ئازاپقا قۇل كەبى سىتىلغان تۇيغۇ ،
‏ھىس قىلار تەندىكى ئوتلۇق يۈرەكنى .

‏دىللاردا تەلپۇنۇش سۈرىدۇ دەۋران ،
‏ئەي ئاشىق ئۈزۈڭگە دار ياسايسەن دار ،
ئۈلۈمنىڭ قەھرىدە سۆيگۈ قىساسى ،
‏ھاياتنى ئۆلگۈچە كۈيلەيدۇ دۇتار .

‏ئۆزھالمەن ھاياتنىڭ ئۆزىنى تونۇپ .
‏بەھرىگە بىر قىتىم قىنىپ باقمىغان ،
‏ئالغۇچى مەن ئۈزۈم دىل ھۇزۇرىنى ،
‏ئىنسانغا بىر قىتىم سىتىپ باقمىغان .
‏‏غىرىپسىنىش

‏راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال

‏ئىمكانسىز ھاياتتا قالمىدى مەنا ،
‏كەيىپتىن ئىشرەتتىن چارچىدىم تالدىم ،
‏يۈرەك تاش ،ئادەم تاش ، تەقدىرىممۇ تاش ،
‏يۇلقۇنار تىنىمدىن زىرىككەن جىنىم ،

‏گۆش ،قىمىز، تاغلارنىڭ  پەيزىنى سۈرۈش ،
‏بىرەلمەس قىستالغان جانغا زوق -ھۇزۇر ،
‏بىر جىنىم ئارتۇقچە تۆرەلگەن كەبى -
‏قاتمۇ -قات تارچۇقتا قىسىلار غۇرۇر .

‏ھوقۇشمۇ ھوۋلىماس بىغىمدا ئەجەپ ،
‏غەمكىن مەن چىكى يوق غەمگە بوغۇلغان ،
‏سەزمەس مەن ھاياتنىڭ ھالاۋىتىنى ،
‏ئەرمىدىم ئەسلىدىن دەرىتكە تۇغۇلغان .

‏مەھبۇستەك قارايمەن تۇت ئەتراپ تۇتۇق ،
‏كىملەر ئۇ ۋىجدانغا قەرىزدار بولغان ،
‏كۆن ئۆتەر بىر خىلدا رەڭسىز ھاياتىم .
‏كىتاپمەن ھەر بىتىم خاتا ئوقۇلغان .

‏ئۆزگىنىڭ دەردىنى سورىغىنىم يوق ،
‏تىلەيمەن ئۈزۈمگە ھەر كۈنى بەرداش ،
‏ئالدىمغا قارىسام قۇيۇلار كۈزۈم .
‏يوق ئۆزگە مەن بىلەن بىرەر تەقدىرداش .
‏ئەتلەس

ئەتلەسنىڭ تاجىدا جىلۋىگەر تاغلار ،
باغرىدا ياپ يىشىل چىمەن چايقىلار ،
يەتتە رەڭ كۇكسۇڭدە ھەسەن ھۇسەندۇر ،
ئاستىدا ئوتلايدۇ توپ توپ يىلقىلار ،

باغىرىڭدا ئۆتمۇشنىڭ ئىزلىرى چولپان ،
شەلپەرنىڭ چىھرىدە يالتىرار گۇلخان ،
چىچىلسا ئالەمگە رەڭدار لىنتىلار
چاراقلاپ جىسمىڭدا پاكلىق نامايان

نەچچە مىڭ يىل ئاۋال سۆيگەن پەرىشتەم
ھۆسنىدە ئالەمچە پاكلىق مۇجەسسەم
مىھنەتتە تاۋلانغان سۇيگۇم مۇقەددەس ،
سەن بىلەن جەننەتتۇر كەلگۇسۇم ئەرتەم ،






دىھقانىم

دىھقانىم سىنى دەپ كەتمەن چاپمىدىم ،
ئاچلىقتىن سەن بىلەن ھۇزۇر ئالمىدىم ،
سىنى دەپ شەھەردە تىرىمىدىم گۈل ،
سەن ئۇچۇن بىر پارچە شېئىر يازمىدىم ،

ئۈستىلەپ كۆپەيسە ئالۋاڭ ياساقلار ،
ھەقنى دەپ كۇكسۇمنى قالقان قىلمىدىم ،
داۋاسىز يىرىلدى مىھرلىك ئالقان
چاك كەتكەن تاپانغا مەلھەم بولمىدىم ،

سەن بىلەن خاماندا ياتمىدىم بىللە ،
سۇ تۇتۇپ بىر قىتىم باغلاق باقمىدىم ،
نان تۇزۇڭ ئەر قىلدى بىلىمەن ئەمما ،
سىنى دەپ ئوچاققا ئوتلار ياقمىدىم ،

ھوسۇلۇڭ بىشىدا تاغىرىم تەييار ،
تومۇزدا تۇتمىدىم بىر چىنە شەربەت ،
ئەجىرنى تاماسىز ياشاش دەپ بىلىپ ،
ھاياتقا بىر قىتىم قىلمىدىڭ مىننەت

‏ۋەتىنىم

‏راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال

‏ئۆمىت باقسام ساماغا ،
‏يىزىلمىغان داستان كۆرىنەر ،
‏مىسكىنلىكتە باقسام تاغلارغا ،
‏باغرىدا گۈل رەيھان كۆرىنەر ،
‏ئىچىمگە باق ئەي باغرى قانلار ،
‏يۈرىگىمدە ۋەتەن كۆرىنەر .

‏قىلىچىنى كۆزىگە سۈرگەن ،  
ۋىجدان بىلەن يىڭىنى تۈرگەن
‏تۇپراق تۇغماس ئەركەك دىگەننى،
‏ۋەتەن ئەردىن ئەركەك تىلىگەن ،
ۋەتەن ۋەسلى دىگەن ئارماننىڭ
‏تاغدەك قەددى قۇلدەك ئىگىلگەن

‏نەمخۇش باغرى تاشتىنمۇ قاتتىق ،
‏كۈيۈكىدە كۆيدى مىڭلاپ ئەر ،
‏قىنى بىلەن دەريا ياسىسا
‏ۋەتىنىگە قاچتى ئىسكەندەر
‏جەڭچىسىگە جاسارەت بىرىپ  
‏نامەرىتلەردىن بىر جەسەت كۈتەر

‏مەن ياشايمەن ئانا تۇپراقتا .
‏كىچەلمىگەن مىھىرىم قانايدۇ ،
‏قەرزدارمەن باھارغا باغقا
‏كۈندە بىر خىل سۇئال سورايدۇ ،
‏ئىچىدە ياشايمەن ۋەتەن ئىچىمدە
ئاھ ۋەتەننىڭ ئارزۇ ئارمىنى
ھەر نەپەستە يولۇم تورايدۇ .

‏يولدىن ئۆتكۈچى

‏راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال

‏قوقاسقا ئايلانغان شەھەر كۆكسىدە ،
‏بىر قاداق سوزۇلۇپ مەغرۇر ياتىدۇ ،
‏ئۈچەيگە لىق تولغان ئىسنى كۆتۈرۈپ
‏بىر بوۋاي تىتىرىگەنچە ئاپتۇز كۈتىدۇ
‏كەلگىنى توختايدۇ كەتكىنى كىلەر
‏كۈنلىرى بىكەتتە شۇنداق ئۆتىدۇ

‏ھاياتلىق دەرىخى ئىگىلەر ھەر كۈن ،
‏يىلتىزنى باغاشلاپ ياتقان تۇپراققا ،
‏كۈتۈشلەر ھەر دىلدا ئۆزگىچە سىياق
‏مەڭگۈلۈك ئەركىنلىك ئوخشار قاماققا ،
‏نەپسىگە قۇل قىلىپ يارالغان ئىنسان
‏ساتىدۇ ئۈزىنى بىر ۋاخ تاماققا

‏غۇنچىلار چار ساقال بۇلاركۈتۈشتە ،
‏مۇقەددەس ئارزۇلار قىرىتار ئۇنى ،
‏لاي پاتقاق ئارىسىدا ياشاپ ئۆمىلەپ ،
‏سازاڭدەك ئۆتكۈزەر تۇغۇلغان كۈننى ،
‏ئۆمىتلەر تومۇرى ئۈزۈلگەن جايدا ،
‏قالىدۇ بىر ئۇلاق كۆڭۈل تۈگىنى ،

‏ھەممىز ئۆمىتتە يولدىن ئۆتكۈچى
‏ئوت پۈركۈپ ئەرزائىل كىلەر بەزىدە ،
‏جاھاننىڭ غەۋغاسى زۇلۇملىرىدىن
قۇتۇلۇش ‏نۆۋىتى كىلەر كىملەرگە
‏ياراتقان ئەمەستۇر ئىنسان ئۈزىنى
‏ھاياتنىڭ ھىممىتى سىردۇر ئىنسانغا
‏سۇئاللار تۇغۇلسا ئىلتىجا قىلغىن
‏ناھاتكى بۇ سىرنى ھەق ئىگەم بىلەر
مەن تۇغۇلغان ئۆي

راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال

مىھنەتنىڭ مىھىرنىڭ قۇچىغى سەندە
باراۋەر ھاياتنىڭ خوشلىغى سەندە
ئاش بىلەن نان - تۇزنىڭ  ئوچىغى سەندە
مەغرۇرمەن سەن بىلەن مەن تۇغۇلغان ئۆي

بارالمايمەن سىغىنسام ھىيتتا ئايەمدە
سىغىنىمەن سىنى پەقەت مىسكىن نالەمدە
ئورۇن يوق باغرىڭدا دەرىتكە ئەلەمگە
سىغىنىش ئۆرتەيدۇ مەن تۇغۇلغان ئۆي

جەننەتتە باغىرىڭدا غۇرۇغا تولدۇم
ھىمايەڭدە غەمسىز ئەركە ئوغۇلدۇم
چوڭ بولدۇم خانەڭگە مىھمانىڭ بولدۇم
سىغىنىش ئارمانىم مەن تۇغۇلغان ئۆي

سەندە ئاتا ئانام مىھىرى تۇغۇلغان
مىھنەتتىن پۇتۇلگەن ئارمان تۇغۇلغان
بىر قۇشمەن ئۇۋسى ئۇچۇن قايغۇرغان
قەلبىمگە كۇچ بىرەر مەن تۇغۇلغان ئۆي
تەكچىدە زاغىراڭ قىزىرىپ پىشقان
ھالال تەم چىھرىڭگە مەھكەم يىپىشقان
سەن بىلەن تۆت پمەن تۇغۇلغان
‏دۇتتارچى ئايال

‏راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال

‏تاش ھىدى ئەتراپقا تارايدۇ بالقىپ ،
‏ئاياللىق سۆلكىتى غالىپ تاغلاردا ،
‏مۇشاقەت كەلكۈنى بىرىپ قۇيۇلار ،
‏ھاياتنى سۆيگۈچى ئايال باغرىغا .

‏بىر ئوتنى قۇچاقلاپ ياشىغان ئايال ،
‏لىۋىدە مىڭ شەيتان سىھرى قىترايدۇ ،
‏ئاۋازى لەھزىدە كاككۇكلار غىرىپ ،
‏گۈلى يوق باھاردا بۇلبۇل ئۇخلايدۇ .

‏بىر سادا تارقىلار يىراق -يىراقتىن ،
‏چىراقلار ئۆچكەندە كۆتىرەر ئىسيان ،
‏خىنىلىق بارماقتا نالە قىلغان تار ،
‏مەڭگۈلۈك بىر كۈينى قىلار ئارمىغان .

‏كۈيلەرنىڭ ئەۋجىدە مۇقەددەس ئازاپ ،
‏يۈرەكتىن ئىتىلغان ھەسرەت كۈي ئەمەس ،
‏ۋىسالسىز ئاشىقنىڭ ناللىرىنى ،
‏كىچىنى يورۇتقان تۇيغۇ بىلسە بەس .

‏بىر ناخشا ئاڭلىنار ئۇزاق -ئۇزاقتىن ،  
‏ئوتلۇق بىر سادادىن ئىرىيدۇ دۇنيا ،
‏قەلىبكە كۈمۈلگەن ئوتلۇق ناخشىلار .
‏ئىزدەيدۇ دەردىدىن بولماقنى جۇدا

alip824 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-15 14:03:14

ئۆزھال نىڭ شئىرلىرىدىن ئەلەم ۋە مۇڭ چىقىپ تۇردۇ دە!

alip824 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-15 18:38:06

مەسنۇر ئەللاجىنىڭ نىداسىدەكلا ئاڭلىنىدىكەن

Ayqut1 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-15 20:57:10

كۈزدىكى تۇيغۇلىرىڭىز مول بوپتۇ. شئېرلاردىن زوق ئالدىم ...

ozhal يوللانغان ۋاقتى 2014-10-16 03:24:28

مەن تۇرۇپ

‏راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال

‏تاغلار بىلەن ئېشىم يوق ،
‏باللار ئىگىز ئۆسەر مەن تۇرۇپ ،
‏دەريا بىلەن قېشىم يوق ،
‏قىزلار يىغلار ئەر ئىزدەپ ،
‏ياشلار ئاقار مەن تۇرۇپ .
‏شاھلارغا ھىچ قىلمايمەن ھەۋەس
‏ئاستىدا تەخىت بىر ئەركەك ،
‏تاجلار تاقار مەندەك ئەر تۇرۇپ .

‏چۆللەر مىڭ يىل ئاۋالقى چۆل
‏گۈللەر ئەۋەلقى شۇ گۈل ،
‏قورسىغىنى دومبايتىپ يۈرەر ،
‏ئېسىلىپ ياقامغا تىگىپ چىشىمغا ،
‏ھەسەتتىن سەۋدا سىلىپ بېشىمغا
‏زەھەر سىلىپ ئىچكەن ئىشىمغا ،
‏چىرايلىق قىزلار
‏مەن چۈللەردە يۈرەرمەن
‏ئۇلار گۈللەرنى تىرەر ،
‏ئەرلىك تەخنىڭ سۇلتانى بۇلۇپ
تىجمەللەر ھۇزۇر سۈرەر مەن تۇرۇپ .

‏ھىيىت كىلىۋاتىدۇ
‏شىردەك يىگىتلەر ھىيتكاھتا ساما سالىدۇ ،
چىلتەنلىرىمدىكى ئاشىقلار
‏ئۇقۇرەك سۈڭەكلىرىنى تەشكەن ساپايى
‏ئاشىق بۇلۇپ يىگانىلىققا
‏جەررە ساما سالىدۇ كىچە
‏غىرىپلىغى ئەمەس بىر دەملىك
‏ھەممە نەرسەمنى تارتىۋىلىپ
‏ھەسرەت چىكەر مەن تۇرۇپ .

‏تارىم پۈتۈن شائىر تالاپ تۈگەتكەن ئەسكى جەندە
‏تەكلىماكان بارچە ئىتلار غاجاپ تۈگەتكەن سۈڭەك
‏تەڭرىغى تىغى تەڭرىدەك تەنھا
‏ئىنسانلار نىمىشقا غەمكىن
‏غەمگە تۇغۇلغان مەن تۇرۇپ

‏مەن تەلىيى كەلمىگەن ئوۋچى
‏خۇدا ئۇرغان قاقباش
‏گىپى ئاقمىغان ئەلچى
‏ياشاشنى قاملاشتۇرالمىغان شور پىشانە
‏كۆزلىرى كور قۇلىغى گاس
‏ئادەملەر پىس -پاس نىمىشقا
‏پىس-پاس يارالغان مەن تۇرۇپ

‏رەسىدە بولغان قىزلار
‏ھاياجانلىق كۆز ياشلىرىنى تۆكۈپ بىرەر ،
‏باشقا ئەركەككە
‏ياتاقلىرىدا لەغمەن ئىتىپ بىرەر ،
‏قىتىق ئۇيۇتۇپ بىرەر ،
‏پىياز سىلىپ رەڭلىك تۇخۇم پۇشۇرۇپ بىرەر
‏قولياغلىق توقۇپ بىرەر
‏باشقا بىر ئەرگە مەن تۇرۇپ

‏شان شەرەپ چوقىلىرىدا كۈلگەن ئامەت گۈللىرىدە
‏مىنىڭ نېسىۋەم يوق
‏ئىنسانىيەتنىڭ تۆھپىلىرىدە مىنىڭ ئىزىم يوق ،
‏كەشپىياتلاردا مىنىڭ قولۇم يوق
‏كىم دەيدۇ مىنى كۆڭلى يوق غۇرۇرى يوق .
‏ھەممە ئىنسان بەختىيار مەن تۇرۇپ

‏ھەسىرىتىم مۇشاقىتىم يالغاندىن ئىڭراش
‏شادلىقلىرىم ئۇ يۈزۈمنى بوياش
‏تايىنلىق مىنىڭ شادلىق غەملىرىم .
‏بىپەرۋا ماڭا چىقىدۇ قوياش .
‏مەن تۇرۇپ مەن ھايات تۇرۇپ

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-10-16 09:32:21

تۇرشاۋۇللۇقنىڭ تۇنجى مۇزدەك سەھىرىدە بىر چىنە يوبدان ئىچكەندەك بولدۇم. باھارغىچە بولغان غېرىلبىق باشلاندى، بۇ كۈنلەرنى قانداق ئۆتكۈزۈش كېرەك؟ كىتاب ئوقۇي دەپ ئوقۇيالمىدىم،  كىنو كۆرەي دەپ كۆرەلمىدىم، خىيال سۈرەي دەپ سۈرەلمىدىم. شىئىر يېزىشقۇ قولۇمدىن كەلمەيدۇ...:(

newstar يوللانغان ۋاقتى 2014-10-16 12:29:40

غېرىبلىقتا يۈرگەندە ئەجەپ تېتىدى ئادەمگە....قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن. ئىجادىيەتلىرىڭىز تېخىمۇ گۈللەنسۇن.

newstar يوللانغان ۋاقتى 2014-10-16 12:29:45

غېرىبلىقتا يۈرگەندە ئەجەپ تېتىدى ئادەمگە....قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن. ئىجادىيەتلىرىڭىز تېخىمۇ گۈللەنسۇن.

newyork يوللانغان ۋاقتى 2014-10-16 18:21:23

ozhalئەپەندى
ئىسلى شىېئىرلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن.
سىزنىچە شائىرلىق ئىلھامنى قانداق تېپىش كېرەك؟شېئىردىكى پىكىر،ۋەزىنلەرنى ئۇرۇنلاشتۇرۇش
سۆزتەكرارلىقىدىن قانداق ساقلىنىش كېرەك؟

newyork يوللانغان ۋاقتى 2014-10-16 18:24:25

سىزنىڭ ئادەتتە ئەسەر يېزىش ۋە كىتاپ ئوقۇش ئادىتىڭىز قانداق؟
مەن ئەسەرلىرڭىزدىن ۋە ئىنكاسلىرىڭىزدىن بىرخىل «بىرەر ئىزىمغا»ئەگەشمەيدىغان «ئوتتۇرھال»يول تۇتقان
پىكىرلىرىڭىزدىن سۆيىنىمەن،بولسا مۇشۇ «ئوتتۇرھال»پۇزىتسىيە مەسلىسى توغرۇسىدا ،ھايات،مۇپەپپىقىيەت
...توغرۇسىدىكى ئۆزگىچە پىكىرلىرىڭىزنى ئاڭلاپ باقساق دەيمەن.

ozhal يوللانغان ۋاقتى 2014-10-17 00:43:06

سىزنىڭ ئادەتتە ئەسەر يېزىش ۋە كىتاپ ئوقۇش ئادىتىڭىز قانداق؟
مەن ئەسەرلىرڭىزدىن ۋە ئىنكاسلىرىڭىزدىن بىرخىل «بىرەر ئىزىمغا»ئەگەشمەيدىغان «ئوتتۇرھال»يول تۇتقان
پىكىرلىرىڭىزدىن سۆيىنىمەن،بولسا مۇشۇ «ئوتتۇرھال»پۇزىتسىيە مەسلىسى توغرۇسىدا ،ھايات،مۇپەپپىقىيەت
...توغرۇسىدىكى ئۆزگىچە پىكىرلىرىڭىزنى ئاڭلاپ

،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،

سالام سىزگە ، مەن شېئىرىيەتنى  ۋە شائىرنى زىيادە كۆككە كۆتۇرۇشكە قارشى . ئەمما شئىرىيەت ۋە شائىرنى ئادەتتىكى بىر نىمە دەپ قاراشقا ھەم قارشى . چۈنكى ئاللاھ ۋە تائالاھ ئىنساننى ئەڭ ئەزىز ياراتتى . كۆرۇش ئۈچۈن كۆزنى . ئاڭلاش ئۈچۈن قۇلاقنى ھىس قىلىش ئۈچۈن قەلبىنى بەردى . بىز پەقەت ئۆزىمىزنىڭ كۆرگەن ھەر بىر مەۋجۇتلۇقنىڭ  ۋاستىلىك ھالدا قەلبىمىزدە ئىز قالدۇرىۋاتقان چىغىدا بىز ئۇنى خاتىرلەپ قويشىمىزنىڭ ئۆزى بىر شېئىر . مەن مەيلى شېئرىيەتتە بولسۇن مەيلى موزىكا ئىجادىيتىدە بولسۇن بەك يۈكسەك ھەم مەن قۇبۇل قىلىشقا ئاجىزلىق كىلىدىغانلار نەرسىلەر ۋە ھىس تۇيغۇلاردىن قېچىپ كەلدىم . مەن شېئىر ئارقىلىق شۇئار توۋلاشنى ياقتۇرمايمەن . شېئىر ئارقىلىق تەلىم تەربىيە بىرىشنى ياقتۇرمايمەن . شېئىر ئارقىلىق ساختا ھىسياتنى ئىپادىلەشنى ياقتۇرمايمەن . شېئىردە چەتتىن كىرگەن سۆزلەرنى لوغىتىنى ئالدىغا قويۇپ ئولتۇرۇپ ئوقمىسا چۈشەنگلى بولمايدىغان شارئىرلارنىڭ قەستەن ئۇيغۇر تىلىنى بىيتىشنى مەخسەت قىلىدىغان شېئىرلىرىنى ئوقۇشنى ھەم ئۇنداق ئىجادچىلاردىن بۇلۇپ قىلىشنى ھەم ياقتۇرمايمەن .   مەن سەممىللىككە يۈزلىنىش دەپ ئويلىغنىم بىر تۈرلۈك ساۋاتسىزلىقتۇر . مىنىڭ شېئىر ھەققىدىكى قاراشلىرىم ياكى ئەسەرلىرىم ماڭىلا تەئەللۇق شۇنداق بولغان ئىكەن مەن ئۈچۈن بىراۋنىڭ ياقتۇرىشى بىلەن تىللىشى ياكى ھاقارەت قىلىشى مەن ئۈچۈن بەرىبىر . بۇرۇن ئۈزۈمنى كەمسېتىپ كۆپرەك ئادەملەرنىڭ ئالدىدا ئۈزۈمنى ئىپادىلەش ئۈچۈن تىرىشقان بولسام ئەمدى ئىپادىلەشنىڭ يولىنى بىر خىل سۈكۈت دەپ بىلدىم . ھاياتىمىدا بۇ يىلدىكىدەك كۆپ شېىر يىزىپ باقماپتىكەنمەن . رەھمەتلىك مۆمىن شائىر مامۇت زاھىت كۆپلىگەن تىمىلار ئۈستىدە ئىزدىنىپ شېئىر يازسا ئۇنىڭغا ھەسەت قىلىدىغان بىر تۈركۈم ئادەم ئۇنى مامۇت زاۋۇت دەپ تەرىپلەش ئارقىلىق سىېستىپ ياشاپتىكەن . بۇ يىلقى ئەھۋالنى نەزەرگە ئالسام مۇشۇ يازغان شېئىرلىرىم بىلەن مىنى چوڭ تىپتىكى ئىنىرگىيىسى خۇراپ كەتمەيدىغان كارخانا خوجايىنى دىسە لايىق بولغىدەك دەپ ئۈزۈمگە باھا بىرىپ باقتىم . 20 يىلدا 380 پارچە شېئىر يىزىپ بىر يىل ئىچىدە 230 پارچە شېئىر يىزىش مەن ئويلاپ باقمىغان نەتىجە بىلەن داۋام ئېتىۋاتىدۇ . بۇ يىلىم مىنىڭ شېئرىيەت يىلىم بولدى . شېئىرنى كۆپ يىزىشىم ھەرگىزمۇ مىنى باشقىلارنىڭ مۇئەييەنلەشتۇرىشى ئۈچۈن ئەمەس بۇنى مەن پەقەت ئىلاھى ئېشىق بولسا كىرەك دەپ ئشىنىمەن . مەن ئەخمەتجان ئوسماننىڭ مىسرالىرىنى يۈكسەك ھاياجان ۋە سەمىمى تۇيغۇ بىلەن ئوقۇپ ھۇزۇر ئالىمەن . تاھىر ھامۇتتتىن ئەيىپ تاپالمايمەن . پەرھات تۇرسۇننىڭ سىمنۇتتەك جۇمللىرى قەلبىمنى ھەر قاچان لەرزىگە سالىدۇ . لىكىن مىنىڭ مۇھەممەتجان راشىىن بولغۇم يوق . روزى سايىت بولغۇم يوق ، ئەخمەتجان ئوسمان ياكى تاھىر ھامۇت بولغۇم يوق . مەن پەقەت ئۈزۈمنىڭ بىر تالاي كەمچىلىكلىرى ۋە ئەدەبىيات نەزىريىسىدىكى شېئرىيەت قانداق بۇلىش كىرەك دىگەندەك تەھلىل قىلىپلىرىنىڭ تەسىىرىگە ئۇچىىرغۇم يوق . ئاز ساز يىزىش ئارقىلىق ياكى كۆپلەپ يىزىش ئارقىلىق مەلۇم مەخسەتكە يەتكۇم ھەم يوق پەقەت مەن يىزىۋاتىمەن . ئۇزۇم يازايچۇ دىگەن قاراشنىڭ تۈرىتكىسىدە ئەمەس يازغۇم كەلگەنلىگى ئۈچۈن يىزىۋاتىمەن . مەن كۆپلىگەن كىتاپلارنى ئوقۇدۇم ئوقۋاتىمەن ھايات بولسام ئوقۇيمەن . (ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدىن باشقا، ياخشى كۆرىدىغنىم چەتئەل يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرى ) بىزنىڭ ئىزدىنىش تورىدىكى خىللولايىف ئۈرۈمچىگە كىلىپ مەتۇ . ميىۇزىكفان قاتارلىق دوسلار بىلەن تاماق يەۋىىتپ مىنىڭ ئوتتۇرا ھال يول تۇتىۋاتقانلىغىمىنى ئىجادى ھالدا مۇئەييەنلەشتۇرگەن بولدى . ئەمما مىنىڭ شېئىرىيەت نەزىرىيلىرىدىن بەكرەك ئىشىنىىدىغىنىم مىنى قولۇمغا قەلەم ئىلىشقا قىستاۋاتقان نادانلارچە ھىسيات ، ئۈزۈمنىڭ ياخشى كۆرىدىغىنىممۇ ھەم شۇ . شۇڭا بۇ ھەقتە باش قاتۇرۇپ ئويلىنىپ باققىنىم يوق . مەن شېئىىرىيەتنى موزىكىنىڭ بىر قېسىمى دەپ چۈشنىمەن . شېئىر يازسام ھىسياتىمغا تاجاۋۇز قىلىدىغان بىر خىل موزىكىلىق ھىسيات بار . ھەر قانداق بىر شېئىرنى چوقۇم ناخشا قىلىپ ئىيتىش مۈمكىن دىگەن ساددا تۇيغۇ مىنى ئالداپ كەلدى مەن بىلىپ تۇرۇپ ئالدىنىپ كەلدىم . چىن گەپنى قىلسام ماڭا شائىرلىق شۆھرىتى كىرەك ئەمەس . مىنى خەلىق شائىر دەپ ئىتىراپ قىلسا ئىكەن دەپ ئۆمىتمۇ كۆتكىنىم يوق . ئەمما ھاياتىم يازغان شېئىرىلىرىمدەك مەنىگە ئىگە ئەمەس . مەن ئىجاد ئارقىلىق (يازغانلىرىم گەرچە ئەخلەت بولسىمۇ ) ئۈزۈمنىڭ ئەھميەتسىز ھاياتىمدىن مەنىلىك دەپ قارايمەن . چۈنكى ئىنساننىڭ يەپ ئىچكىنى چۈش . ئويناپ كۈلگىنى چۈش ئەمما ھايات ئىزلرى ئەرزىمەس ئەسەرلار ئارقلىق ئەسلىنىدۇ . ياد ئېتىلىدۇ . مەن تىڭىرقاش كوچىسىدىكى بىر سەيياھ . ھىچكىمدىن ھىچنىمىنى كۈتمەيدىغان لىكىن داۋاملىق ئۈزىنى ئىپادىلەشنى بىر خىل زۇرۇرۇىيەت دەپ قارايدىغان زىددىيەتلىك ھىسياتقا مەھكۇم بولغانلىغىم مىنىڭ بارلىغىم بۇلىشىمۇ مۆمكىن . بىر كۈنلەردە باشقىلار ئويلنىۋاتقان . ئويلىنىش ئچىىدە تۇرغان ئەمما قانداق ئىپادە قىلىشنى بىلمەلمەيۋاتقان ياكى كېچىكىپ ھىس قىلغان بىر خىل تۇيغۇللارنى مەن ئىپادە  قىلىشقا كۈچۈم يەتمىسىمۇ ئەمما شۇنىڭغا تىرىشىۋاتقان بىر ئىسەنكىرەشنى ھىس قىلىپ ئەخلەتنى ئۈزۈمگە قايتۇرۇپ بىرىپ ئۈزىگە كىرەك تەرەپلىرىدىن ئاز تول ھاياجانغا چۈمسە ياكى بىر پەس بولسىمۇ ئويلىنىش ئىچىدە خىيالغا پاتسا بەلكىم مىنىڭ ئىزدەيغىنىم ھەم ئۆمىت قىلدىغىنىم مۇشۇ بۇلىشىمۇ مۈمكىن .      

ozhal يوللانغان ۋاقتى 2014-11-14 22:10:48


‏كۈيلىرىم

‏راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال

‏چۆللەرنىڭ كۆكسىگە قادالغان گۈلدۇر ،
نامەرىتنىڭ باغرىنى قوچىغان پىچاق ،
ھەقىقەت ئەھلىگە يىڭى چاقىرىق ،
خۇمىسىغا مىھىردىن ئاچمىغان قۇچاق .

سۆيگۈنى كۆيلەيدۇ ياڭراق ئاۋازدا ،
غۇرۇرغا يول باشلاپ تىكىلگەن بايراق ،
جاھالەت دۈشمىنى ئۆرتىنەر دائىم .
مىسكىنگە تەسەللى بۇلىدۇ ھەر ۋاق ،

مال دۇنيا ئىگەلمەس ئۇنىڭ قەددىنى ،
مەڭگۈلۈك رەقىبى يالغانچى ئاسمان ،
ھىس قىلمىسا بىر تال چىكىت ئۇ ،
مەرىتلىك ئۈچۈن يىزىلغان داستان ،

ئاۋات ناھىيە يىڭى يىزا پاۋانلا كەنتىدە يىزىلدى
2014ـ10ـ20ـ كۈنى

ozhal يوللانغان ۋاقتى 2014-11-14 22:11:20


‏كۈيلىرىم (2)

‏راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال

‏ھەسەتتىن چىدالماي ئولتۇرار چوغدا ،
‏ئىچىنى ئۆرتەيدۇ ئوتلۇق ناخشىلار ،
‏قەدىرلەپ ئىنسانى قەدىر قىممەتنى .
‏تارتىدۇ خائىننى ۋىجدان سوتىغا .

‏ئەسلەيدۇ ئەل ئۈچۈن كەتكەن شېھىتنى ،
‏ئاسرايدۇ باغرىدا شىردەك تىرىكنى ،
‏تىللايدۇ قارا يۈز كەتكەن مىيىتنى
‏قەلبدىن ئۇخچۇغان ئوتلۇق ناۋالار .

‏تاش ئىرىپ سۇلارغا قوشۇلۇپ ئاقار ،
‏مەجنۇنغا جۈر بۇلۇپ چۈللەردە ياتار ،
‏نامەرىتنى لەنەتكار بازاردا ساتار ،
‏ھەقىقەت ئەلچىسى كۈيلەردە باھار .

‏ئاياغىم ئاستىدا تۇپراق تۇتىيا ،
‏توغراقلار مەڭگۇلۇڭ سۇنماس بىر سادا ،
ئەجدادىم ئارمىنى چىمدىم توپاڭدا ،
مۇناپىق خائىنغا سالىدۇ جاپا .

ozhal يوللانغان ۋاقتى 2014-11-14 22:11:41


‏كۈيلىرىم (2)

‏راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال

‏ھەسەتتىن چىدالماي ئولتۇرار چوغدا ،
‏ئىچىنى ئۆرتەيدۇ ئوتلۇق ناخشىلار ،
‏قەدىرلەپ ئىنسانى قەدىر قىممەتنى .
‏تارتىدۇ خائىننى ۋىجدان سوتىغا .

‏ئەسلەيدۇ ئەل ئۈچۈن كەتكەن شېھىتنى ،
‏ئاسرايدۇ باغرىدا شىردەك تىرىكنى ،
‏تىللايدۇ قارا يۈز كەتكەن مىيىتنى
‏قەلبدىن ئۇخچۇغان ئوتلۇق ناۋالار .

‏تاش ئىرىپ سۇلارغا قوشۇلۇپ ئاقار ،
‏مەجنۇنغا جۈر بۇلۇپ چۈللەردە ياتار ،
‏نامەرىتنى لەنەتكار بازاردا ساتار ،
‏ھەقىقەت ئەلچىسى كۈيلەردە باھار .

‏ئاياغىم ئاستىدا تۇپراق تۇتىيا ،
‏توغراقلار مەڭگۇلۇڭ سۇنماس بىر سادا ،
ئەجدادىم ئارمىنى چىمدىم توپاڭدا ،
مۇناپىق خائىنغا سالىدۇ جاپا .

ozhal يوللانغان ۋاقتى 2014-11-14 22:13:46


‏كۈيلەر كۆزى

‏راخمانجان ئاۇۇت ئۆزھال

‏يۈرەكتە دولقۇنلۇق دەريا بولمىسا ،
بېلىقتەك بەرىق ئۇرۇپ ئۈزەمدۇ ناخشا ،
ئۇنىڭدا ھەسرەتلىك چۆللەر بولمىسا ،
يالقۇنلۇق چوغلىنىپ كۈيەمدۇ ناخشا .

‏زىمىننى كۆيدۈرەر ئاتەش نەپەسلەر ،
بولماقچى بۇلىدۇ ئازاپتىن ئازات ،
ئەگەردە شىرىننىڭ ۋەسلى بولمىسا ،
ئاقامتى سۆيگۈنىڭ سۈيىدە پەرھات ،

مەشرەپنىڭ ئىزىدىن دەم بېسىپ كەلگەن ،
‏مەجنۇنمەن سەنئىتىم لەيلىدۇر گويا ،
‏ھەمرامەن ھاياتنىڭ سۈيۈكلىرىگە ،
‏چاقىرار ئىلھامىم ئاي يۈز ھۆرلىقا .

‏سۈكۈتتە دەپ بىلمە تۇپراقنى ئىنسان ،
ھاياتنىڭ مۇڭلىرى تاغدا چۆللەردە ،
‏بۇلبۇل پەريات چەككىنى بىلەن ،
‏مۇقەددەس ئەقىدە پەقەت گۈللەردە .

‏توغراقتەك بوي تارتار ناخشا كۈيلىرىم ،
‏سۇ ئىچىپ خەلقىمنىڭ ئارمانلىرىدىن ،
‏مۇزلىغان كۆكسىنى قاقلاپ ئاپتاپقا .
‏رەڭ ئالار لاۋالىق گۈلخانلىرىدىن .
بەت: [1] 2
: (ئۆزھال) كۈز خازانلىرى