شوپۇرسىز ماشىنىنىڭ كەلگۈسى زادى قانداق؟
Google شىركىتى ئامىرېكىنىڭ كالفورنىيە شىتاتىدا تۆت يىلدىن بۇيان تەتقىقاتىنىڭ مىۋىسى بولغان يېڭى شوپۇرسىز ماشىنىسىنى جامائەتچىلىككە نامايەن قىلدى،بۇ ماشىنا تەتقىقاتنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا بۇلۇپ ئۇنى مۇكەممەللەشتۇرۇشكە يەنە ۋاقىت كېتىدىكەن، شۇنداق بولسىمۇ بۇ قېتىمقى جامائەتچىلىك بىلەن يۈش كۆرۈشكەن شوپۇرسىز ماشىنا بولسا ئىجادىيلىققا تولغان يېڭى بىر مەھسۇلات دىسەك بۇلىدۇ.ماشىنىنىڭ ئىخچام بۇلىشىقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن گوگول ماشىنىنىڭ كەينى ئورۇندىن، ئارقا زاپاس ساندۇق، ياڭراتقۇ قاتارلىقلاردىن ۋازكەچكەن، ماشىنىنى يول يۈرۈشكە ۋە يول يۈرۈشتىن توختاتماقچى بولسىڭىز پەقەت ئاددىي بولغان مەشغۇلات كۇنۇپكىسى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرالايسىز، يول يۈرىشىگە بولسا مەخسۇس بىر ئادەمنىڭ مەشغۇلات قىلىشى ھاجەتسىز رول، تۇرمۇزلاش كىلاپانى، ماي بىرىش قاتارلىق زاپچاسلارنى شوپۇرسىز ماشىنىدا كۆرگىلى بولمايدۇ، ئۇنداقتا بىز ماشىنىنى قانداق تۇرمۇزلايمىز؟ دىيىشىڭىز مۇمكىن، گوگول سىززور ۋە يۇمشاق دىتالارنى بۇ زاپچاسلارنى ئورنىغا سەپلىگەن،ئەلۋەتتە سىز ماشىنىنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرمىسىڭىزمۇ بۇلىدۇ، شوپۇرسىز ماشىنىنىڭ يۇمشاق دېتال سېستىمىسى لېكساسنىڭ SUV ماشىنىسىغا، تويوتانىڭ پۇرېس ماشىنىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ ئۇزاق يىللاردىن بۇيان سىناقتىن ئۆتكەن بىخەتەر سېستىما، بۇ سېستىما بەش يىلدىن بۇيان يۇقۇرى سۈئەتلىك يولدا ۋە شەھەر يوللىرىدا سىناق قىلىنغان،گوگۇلنىڭ شوپۇرسىز ماشىنىسىنىڭ ئەڭ چوڭ بۆشۈش بولسا ئاپتوماتىك يول ئەھۋالىنى ئىگەللەپ ئانالىز قىلىش بۇلۇپ قاتناش قىستاڭ يول بۆلەكلىرىدە سىزنى راۋان بولغان يول بۆلىكىگە باشلايدۇ، يول ئەھۋالىنى بولسا ماشىنغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان تېلكامىرا، سېنزورلۇق رادار، لازىرنۇر، ماشىنىدىكى سانلىق مەلۇماتلارغا تايىنىپ ئىگەللەيدۇ، شوپۇرسىز ماشىنىنىڭ ئەڭ يۇقۇرى سۈرئىتى 40كىلومىتىر ھەر سائەت بۇلۇپ بۇ سۈرئەت ھازىرقى ماشىنىلارغا سېلىشتۇرغاندا يۇقۇرى بولمىسىمۇ كەلگۈسىدە ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشىغا تېخىمۇ زور قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلگۈسى.http://player.youku.com/player.php/sid/XNzE4Mjc3NzE2/v.swf كەينىدىن بىرەر ماشىنىنىڭ سوقوۋىتىشكە قارىشى تۇرالامدىغاندۇ؟
يامغۇر، قار ياغقان كۈنلىرى ھاۋارايىغا ماسلىشالامدىغاندۇ؟ بۇلىدىغان نەرسىكەن . بۇ يىڭىلىقتىن خەۋەرلەندۈرگەن قېرىندىشىمىزغا رەھمەت. ئۇنداقتا ئۇخلاپ ماڭساقمۇ بولغۇدەك ،،،، ئۇنداق ئاستا ماڭسا، راست كەينىدىن سوقۇۋەتكۈدەك. 128 خانىلىق بىر تەرەپ قىلغۇچ ئىشلەتسە ئاندىن تېز ماڭسىمۇ ئوچۇق كۆرەلىشى مۇمكىن.. شوپۇرسىز ماشىنا تېخنىكىسىنىڭ نوچىلىقىغا گەپ يوق ، ئەمما لېكىن بىراق چاتاق يىرى نېمىلا بولمىسۇن ئۇ دېگەن ماشىنا تاساددىپىي قاتناش ۋەقەسى بوپ قالسا مەسئۇليەتنى كىم ئۈستىگە ئالىدۇ دېگەن مەسىلە ھەممەيلەننىڭ كاللىسىنى قاتۇردى. شوپۇرسىز ماشىنا ھەققىدە قاتناش قانۇنىدا بىر نەرسە يوق، شۇڭلاشقا ئەگەر قاتناش ۋەقەسى بوپ قالسا مەسئۇليەتنى ماشىنىدا ئولتۇرغان ئادەم ئۈستىگە ئېلىشى كېرەكمۇ ياكى ماشىنا ياسىغان شىركەتمۇ ۋەياكى يۇمشاق دېتال بىلەن تەمىنلىگەن شىركەتمۇ ياكى خەرىتە بىلەن تەمىنلىگەن شىركەتمۇ ؟
ئىشقىلىپ بۇنىڭغىمۇ ھامان بىر ئامال چىقىدۇ ، قانۇن باشقۇرىدۇ . ماشىنا ئۆز يولىدا مېڭىۋىرىدۇ تەننەرخىدە ئادەملىكتىن ئەرزان بولسىمۇ بىخەتەرلىك ۋە ئالاھىدە ئەھۋاللارنى بىر تەرەپ قىلىش نۇقتىسىدىن ئالغاندا ئادەملىككە يەتمەيدۇ. imirghazi يوللىغان ۋاقتى 2014-10-15 18:00 static/image/common/back.gif
شوپۇرسىز ماشىنا تېخنىكىسىنىڭ نوچىلىقىغا گەپ يوق ، ئەم ...
يۇقىرى تەننەرختە سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇپ تۆلەمنى سۇغۇرتا شىركىتى تۆلىسە ، مۇناسىۋەتلىك جىنايى جاۋاپكارلىقنى يۇمشاق دىتال ۋە قاتتىق دىتال شىركەتلىرى ئۈسىتىگە ئالسا ، بۇنىڭ دەرىجىسىنى بىكىتىش قاتارلىق ئىشلاردا نۇرغۇن ئىش ئورنى پەيدا بۇلىدۇ ، بۇمۇ بۇلىدىغان تەرەققىيات ئوخشايدۇ ....
بىر شوپۇر بىكار بۇلىدۇ ، ئەمما نۇرغۇن ئىش ئورنى تەبىئى شەكىللىنىدۇ ... hiyalqi يوللىغان ۋاقتى 2014-10-15 19:28 static/image/common/back.gif
يۇقىرى تەننەرختە سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇپ تۆلەمنى سۇ ...
:lol:lol ئەسلى بۇنداق بولماسلىقى كېرەك ، قاتناش ۋەقەسى سادىر بولمىسا ھەممە ئادەم خاتىرجەم يۈرسە توغرا بولاتتى ماشىنا دىگەن مەنزىلگە يەتكۈزىدىغان قورال، ھامىنى ماشىنىغا ئولتۇردىغان بولغاندىكىن ئۆزى ھەيدىگەنگە يەتمەيدىغۇ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Baqka تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-18 08:58
كاپىتانسىز ئۆزى ھەيدەيدىغان چوڭ پاراخوت يولغا چىقىپ بولدىغۇ دەيمەن.
پروگرامما مۇكەممەل بولسا، بىر دائىرىدىكى ماشىنىلار ئۆز- ئارا ھالەت ئۇقتۇرۇپ ماڭسا، تۈزۈم ئېنىق بولسا، ئۇنداقتا قاتناش ۋەقەسى زور ئازىيىدۇ. قوش كامېرا يولنى 3D لىق كۆرۈپ ماڭىدۇ.
سەزگۈچ بۇزۇلۇش، چاق يېرىلىش، ئوق ئۈزۈلۈش، تورمۇز بۇزۇلۇش قاتارلىقلاردىن ۋەقە چىقسا، تۈزۈم ۋە سۇغۇرتا لايىھىسى بولۇشى كېرەك. ئەتراپتىكى باشقا ماشىنىلار، ئارىلىق، سۈرئەت، ئېنېرتىسىيە، ئېغىرلىق مەركىزى ۋە سۈركىلىش كۈچىگە ئاساسەن، زىياندىن كوللىكتىپ ھالدا ئەڭ زور دەرىجىدە ساقلىنالايدۇ، ھېچ بولمىسا، ئادەمدىن 0.3~3 سىكونت تېز ئىنكاس قايتۇرىدۇ، كەينىدىكى ماشىنىلارنىڭ كوللىكتىپ سوقۇلىشىدىن ساقلىنىش مۇمكىن. تۇمانلىق كۈندىمۇ تېز ماڭغىلى بولىدۇ.
بەت:
[1]