ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-10-14 21:14:28

380V تىرانسفورماتورلۇق ئىئونلۇق كىسىش ماشنىسى

  مۇشۇ كۈنلەردە سەل ئالدىراش بولساممۇ بىر ئەمىلى قوللىنىشچان تېخنىكىنى يوللاپ قۇيۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈم. ھازىر جەمىيتىمىزدە كۈپىنچە ھاۋانى پىرىسلاپ شۇ ھاۋا ئىقىمىدىن پايدىلىنىپ مىتاللارنى كىسىدىغان ئەسۋاپلارنى ئۇچرىتىپ تۇرىمىز، بۇرۇن مەن ‹‹ئىلىكتىرىك كەپشەر ۋە ئىئونلۇق كىسىش ماشنىسى ›› دىگەن تىمىنى يوللىغان ئىدىم. ئۇ تىمىدىكىسى يۇقىرى چاستوتىلىق قوزغىتىلغان كىسىش ماشنىسى ئىدى. ئەتىگەن بىر ئىش بىلەن ئۇستامنىڭ ئۈيىگە بارغىنىمدا 380 ۋولىتلىق تۇراقسىز توكتا ئىشلەيدىغان ئادەتتىكى تىرانسىفورماتورلىق چوڭ قۇۋۋەتلىك كىسىش ماشنىسى  باركەن،  قاراپ باقسام ئىش پرىنسىپى بەك ئاددى ئىكەن.

بۇنىڭدا ئۈچ فازىلىق 380 ۋولىت بىسىمنى ئايرىغۇچى تىرانسىفورماتور ئارقىلىق 220 ۋولىتلىق چوڭ ئىقىملىق ئۈچ فازىلىق بىسىمغا ئايلاندۇرۇپ، ئالتە تال ئىككى قۇتۇپلۇق لامپىدا رەتلىگەندىن كىيىن ب 6 يۇقىرى چاستوتىلىق تىرانسىفورماتوردا(ئەمىليەتتە ب 2 تىرانسىفورماتور بىلەن ئىككىسى بىر) يۇقىرى چاستوتىلىق سىگنال بىلەن بىر قىسمىدا سۇقما يۇقىرى بىسىم ھاسىل قىلىپ شۇ ئارقىلىق كىسىش بىشى ئىچىدىكى بوشلۇقتا ئاجىز ئۇچقۇن ھاسىل قىلىدۇ، ئاندىن قىزىتىلغان ھاۋا 215 ۋولىتلىق تۇراقلىق توكنى ئۈتكۈزۈشكە باشلاپ تىخىمۇ قىزىپ نورمال ئۈتكۈزۈشچان ھالەتكە( چوڭلېرىدا تىمپىراتورىسى 8000 گىرادوسقا يىتىدۇ) ئۈتىدۇ. بۇ تەرپى مىنىڭ تۇراقلىق توكتا كۈن نۇرلۇق لامپا يورۇتۇش . دىگەن تىمامدىكىدەك، نىونلۇق لامپىنى يورۇتۇشقا ئۇخشاپ كىتىدىكەن. نىونلۇق لامپىدا نىون گازىنى قىزىتىپ ئاندىن سۇقما توكنىڭ پەيىتلىك يۇقىرى بىسىمىدا گازنى ئۈتكۈزۈشچان ھالەتكە كىرگۈزىدۇ. بۇنىڭدا بولسا يۇقىرى بىسىم بىلەن ئۈتىۋاتقان ھاۋانى ئۈتكۈزۈشچان ھالەتكە كىرگۈزىدۇ.

  يۇقارقى ئىككى تىمىدا تەۋرىنىش سىگنالىنى لامپا ۋە توپلاشتۇرغان توك يوللېرى ھاسىل قىلغان ئىدۇق، بۇنىڭدا بولسا باشقىچە، يەنى يۇقىىرى چاستوتىلىق تەۋرىنىشنى ھاسىل قىلىدىغىنى بولسا ئايرىم بىر 2500 ۋولىتلىق توك ھاسىل قىلىدىغان تىرانسىفور تەييارلىنىپ ،  (بىرىنچى رەسىمنىڭ ئاستىنقى قىسمى)  ئۇچقۇن ھاسىل قىلىش(مەلوم بىسىمغا يەتكەندە ئۇچقۇن ھاسىل بۇلۇش بىلەن بىرگە ھاسىل بولغان ئۇچقۇن تەسىرىدىن ئىككى مىتال ياپراقچە ئارسىدىكى ھاۋانىڭ ئۈتكۈزۈشچانلىقى ياخشىلىنىپ توك بىسىمىنى تۈۋەنلىتىۋىتىدۇ، ئاندىن بىسىم چۈشكەندە ئۈزۈلۈش ھالىتىگە كىرىدۇ. شۇنداق قايتىلاپ تەكرارلىنىشىغا بەك قىسقا ۋاقىت كەتكەچكە چاستوتىسى تەخمىنەن 25 كىلو گىرتىس ئەتراپىدا بۇلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ يەردىكى يۇقىرى چاستوتىلىق ئىلىكتىر دۇلقۇنى س12 كوندىساتوردىن ئۈتۈپ ب 2 ئىنچىكە سىملىق ئورامدىن ب 6 ئورامغا ئىندوكسىيلىنىپ ب6 ئورامدا پەيىتلىك يۇقىرى بىسىم ھاسىل قىلىدۇ. دىققەت قىلىشقا تىگىشلىكى شۇكى 2500 ۋولىت يۇقىرى بىسىم ئۇچقۇنلىنىدىغان ئىككى مىتال ياپراقچىنىڭ ئارلىقىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ، يىراقلاپ كەتسە ھاسىل بۇلىدىغان تەۋرىنىش چاستوتىسى تۈۋەنلەپ كىتىدۇ ۋە كىسىش بىشىدىكى 215 ۋولىت توكنىڭ كىسىش بىشى ئىچىدىكى ھاۋا ئىقىمىدىن ئۈتىشى تەسىرگە ئۇچرايدۇ. يىقىن بۇپ كەتسە 2500 ۋولىت توك ھاسىل قىلىدىغان تىرانسىفورماتورنىڭ يۈكى ئىشىپ كىتىپ كۈيۈپ كىتىدۇ.
  ئەمدى بۇ يەردە نىمە ئۈچۈن 215 ۋولىت توكنى رەتلەپ تۇراقلىق توكقا ئايلاندۇرىدىغانلىقىمىز ئۈستىدە تۇختالساق چۈشىنىشلىك بۇلىدۇ. ئەگەردە كىسىش بىشى ئىچىدىكى ھاۋانى ئۈتكۈزۈش ھالىتىگە كىرگۈزۈشتە تاينىدىغان يۇقىرى بىسىم ئۇچقۇن تەتۈر يىنىشتىن ساقلايدىغان ئىككى قۇتۇپلۇق لامپا بولمىغان ھالەتتە بىۋاستىلا 215 ۋولىت توك ھاسىل بۇلىدىغان ئورامدا قىسقا يول بۇلۇپ كىسىش بىشى ئىچىدە ئۇچقۇن ھاسىل قىلىش مەقسىدىمىزگە يىتەلمەيمىز. شۇڭا ئىككى قۇتۇپلۇق لامپا بىسىمى 2000ۋولىتتىن يۇقىرى تەتۈر بىسىمغا چىدىيالايدىغان بۇلىشى ھەم تىرانسىفورماتورغا ئورالغان 215 ۋولىتلىق ئوراممۇ تۈمۈر ئۈزەك چە باشقا توك ئۈتكۈزىدىغان دىتاللاردىن يۇقىرى دەرىجىدە ئىزۇلياتسىيلىنىشى كېرەك. مەنمۇ بۈگۈن مۇشۇ خىلدىكى كىسىش ماشنىسىنى كۆرگەندىن كىيىن بۇرۇن يازغان تىمىدىكى يۇقىرى چاستوتىلىق كىسىش ھالىتىدىمۇ ئەمىليەتتە توك يۇلى تاختىسىدىكى ئۇچقۇنلىتىش بولمىسا كىسىش بىشى ئىچىدە ئۇچقۇن ھاسىل بولمايدىغانلىقىنى بىلدىم.

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-10-15 06:42:18


udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-15 12:17:24

قىنى ، ئۇستاڭلىنىڭ ئۆيىدىكى تۈمۈر كىسىش، تۈمۈر يەملەيدىغان ماشىنىنىڭ سۈرىتى...............

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-10-15 12:41:11

udun007 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-15 12:17 static/image/common/back.gif
قىنى ، ئۇستاڭلىنىڭ ئۆيىدىكى تۈمۈر كىسىش، تۈمۈر يەملەي ...

等离子切割机380Vتوردىن ئىزدىسىڭىز چىقىدۇ.

تولۇقلىما مەزمۇن (2014-10-16 06:07):
بۇ پۈتۈنلەي كەسپى نۇقتىدىن يىزىلغان تىما، ئىلىكتىر كەسپى ئۈگىنىۋاتقانلار ۋە بىر قىسىم رىمونىتچىلارنىڭ پايدىلىنىشىنى كۆزدە تۇتۇپ يىزىلغان.
  يەنە ھازىر بۇنداق ئۈسكىنىلەر قىممەترەك، تېخنىكىسىنى ياخشى بىلگەندە بىرەسى مۇشۇ نەرسىنى توپ ئىشلەپ بازارغا سېپ قالسىمۇ پايدىسى كۆپ، كەسپى تىمىلارنى يىزىشتىن مەقسىدىممۇ -شۇ...

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2014-10-15 17:23:27

ئېسىل!

281151976ar يوللانغان ۋاقتى 2014-10-15 17:37:36

ئېىسل

fizika1 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-15 17:59:57

تەجرىبىخاندا ھەقسىز ئشلىسەممۇ رازى ئدىم، ياردەمچى بۇلۇپ ،فىزىكا تەجرىبىخانسى،بولسا تخى ياخشى ،دوسلار،ئادەم لازىم تەجرىبخانا،بولسا  ،مەن ھەقسىز  ئشلەپ بىرەتتىم،تەۋسىيە قىپ قۇيۇڭلار.ياكى ھەمكارلاشساق، تەتقىقات قىلىپ.ئالاقە نۇمۇرىم 13325524387،،،،QQنۇمۇرىم 123383837،

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-10-15 18:39:37

fizika1 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-15 17:59 static/image/common/back.gif
تەجرىبىخاندا ھەقسىز ئشلىسەممۇ رازى ئدىم، ياردەمچى بۇل ...

  سىز ھازىر قانچىلىك سەۋىيەگە ئىگە؟ ناۋادا نۆل بولسا نەچچە يىل رىمونىتخانىغا شاگىرت بولسىڭىز ئاندىن تەجىربىخانىلارغا كىرسىڭىز  ئىشلارغا يارايسىز...
  رايونىمىزدا ئەسلىھەسى تۇلۇق بولمىسىمۇ مىليونلۇق ئەسۋاپقا ئىگە تەجىربىخانا كۆپ بولسا 4-5 سىى باردۇ. شەخىسلەر تەجىربىخانا دەۋالغان رىمونىتخانىلارنى فىزىكا تەجىربىخانىسى دىگىلى بولمايدۇ...
بەت: [1]
: 380V تىرانسفورماتورلۇق ئىئونلۇق كىسىش ماشنىسى