tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-10-14 17:52:58

مەزى بېزى ياللۇغىنىڭ مۇھىم دورىلىرى

تۆۋەندە مەزى بېزى ياللۇغىغا قارىتا ئىشلىتىدىغان مۇھىم دورا نۇسخىلىرى تونۇشتۇرۇلىدۇ.
1- چايان 20گرام، جەدۋار 12گرام، قىزىل چۆبىچىن، ئاق يەر يىلىنى، سەرسىبىل، يەرلىك شوخلا، ئەرەپ يىلىمى ، ئادراسمان ئۇرۇقى 10 گرامدىن ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ 0.3گرامدىن كۇمىلاچ قىلىپ، كۈنىگە ئىككى ۋاق بەش دانىدىن ئىستىمال قىلىدۇ.

2- يىلان 30گرام، كەرەپشە ئۇرۇقى، كاسىنە ئۇرۇقى، قۇغۇن ئۇرۇقى 15گرام، چايان 10گرام، مامىرانچىنى 5گرام، بۇلارنى يۇمشاق سوقۇپ 5گرامدىن ئۈچ ۋاق قايناقسۇ ياكى بەدىيان سۈيى بىلەن ئىستىمال قىلىدۇ.

3- ئوق يىلان ، زەنجىبىل،دارچىن 90گرام، پىلپىل، خولىنجان، كەپە يىلتىزى پوستى، قىزىل چۆبىچىن 45گرام، ۋاڭ ئۇرۇقى 22.5گرام ئېلىپ يۇمشاق سوقۇپ، مۇۋاپىق ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ بىر قۇشۇقتىن ئۈچ قېتىم ئىستىمال قىلىدۇ.

4- سۆئلەپ مىسرى، شاقاقۇل مىسرى، بادرەنجىبۇيا ئۇرۇقى 30گرام، كاۋاۋىچىن، قەلەمپۇر، ئۇدخام، ئاق بەھمەن، قىزىل بەھمەن، دارچىن، خولىنجان، زەنجىبىل، قارىمۇچ 20گرام، كەھرىۋا، پىلپىل، مەرۋايىت، جەدۋار 10گرام، زەپەر 5گرام، بۇلارنى يۇمشاق سوقۇپ 0.3گرامدىن كۇمىلاچ قىلىپ كۈنىگە ئىككى ۋاق 5دانىدىن ئىستىمال قىلىدۇ.

5- كاكىنەچ 51گرام، قۇندۇز قەھرى 36گرام، كۆيدۈرۈلگەن چايان 30گرام، قارىمۇچ 18گرام، جىنتىيانا 15گرام، زەنجىبىل 9گرام، بۇلارنى يۇمشاق سۇقۇپ ، مۇۋاپىق ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ بىر قۇشۇقتىن ئۈچ قېتىم ئىستىمال قىلىدۇ.

6- قىچا، قاقىلە 50گرام، شورا 25گرام، بۇلارنى يۇمشاق سوقۇپ ، 10گرامدىن ئۈچ قېتىم قايناق سۇ بىلەن ئىستىمال قىلىدۇ.

7-قىزىل چۆبىچىن ،سەرسىبىل،ئوغرىتىكەن ، كاكىنەچ 30گرام، يەرلىك شوخلا، بەدىيان، كەرەپشە ئۇرۇقى،قۇغۇن ئۇرۇقى، 21گرام، شورا، موزا، چايان، ئوق يىلان 12گرام، بۇلارنى يۇمشاق سۇقۇپ، 0.4 تىن كۇمىلاچ قىلىپ كۈنىگە 7 دانىدىن ئىككى ۋاق ئىستىمال قىلىدۇ.
تادۇبەگ ئۇيغۇر تېبابەت شىپاخانىسى
http://www.4tadu.com/?p=862

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-10-14 17:56:12

كاۋا ئۇرۇقى يەپ بەرسە پايدىلىق دىگەن گەپ راسىتمىدۇ...

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-10-14 18:11:25

راس، ئالتە ئاي يەپ بەرسە دەپتىكەن.

muhammatali يوللانغان ۋاقتى 2014-10-14 18:53:24

مەزى بېزى كىسىلىگە شىپاسى بۇلىدىغان قاپلىق دورىلار بولسا تەۋسىيە قىلساڭلار،

مەلۇم يەرگە كىرگۈزمەكچى ئىدۇق .






AAA يوللانغان ۋاقتى 2014-10-14 19:12:32

muhammatali يوللىغان ۋاقتى  2014-10-14 18:53 static/image/common/back.gif
مەزى بېزى كىسىلىگە شىپاسى بۇلىدىغان قاپلىق دورىلار بو ...

بار چۇقۇم ھالاللاپ خاتۇن ئېلىشى . ئانانىزىمدىن قول ئۈزۈشى كىرەك بولمىسا 3 يىلدا ئاختا بوپ قالىدۇ.

sipartak يوللانغان ۋاقتى 2014-10-14 19:15:52

سىزدىن بىر سۇئال سوراپ باقسام:
مۇشۇ كىسەلنى تۈپ يىلتىزىدىن ساقايتقىلى بولامدۇ...؟

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-14 19:19:04

     خوشنامنىڭ ئۆيىگە ھېيتلاپ چىقسام ، قول يۇيغىلى سوغۇقلا سۇ ئەكەپتۇ ، سۇ نىمانچە سوغاق ،دىسەم ، مەزى بىزى بارمىتى ، نىمە قوقىلا ، دەيدۇ ....  شۇ سوغۇق سۇ بىلەن بەك ئۆرلەشسە ئاسان مەزى بىزى بوپقالىدۇ دەپ ئاڭلىغان ، شۇڭا سەل قورقتۇم ،دىسەم ، پولۇنى يەپ بولغاندا ئىسسىق سۇ ئەكەپتۇ ...:lol:lol

sipartak يوللانغان ۋاقتى 2014-10-14 19:22:33

مەسلەن قانداق داۋالىنىمىز؟مىللى تىبابەتتىمۇ غەرىپ تىبابىتىدىمۇ؟قانچىلىك ۋاقىت داۋالىنىمىز؟
قەيەردە داۋالىنىمىز؟..........سىزنى ئاۋارە قىلدىم

muhammatali يوللانغان ۋاقتى 2014-10-14 19:44:43

AAA يوللىغان ۋاقتى  2014-10-14 19:12 static/image/common/back.gif
بار چۇقۇم ھالاللاپ خاتۇن ئېلىشى . ئانانىزىمدىن قول ئۈ ...

گىپىمنى چۈشەنمىگەن ئوخشايسىز  ئەگەر ئىمكانىيەت بولغان بولسا تادۇ بەگنىڭ دورىسىنىلا ئىلىپ ئىشلىتەتتۇق
بىمار كىرىپ چىقماق تەس بولغان يەردە بولغاچقا ۋە خالىغان دورىلارنى كىرگۈزۈشكە بولمىغاچقا قاپلىق ياخشى مەنپەت قىلىدىغان دورىغا ئىھتىياجلىق  شۇڭا ئەزىزلەرنىڭ بىلىدىغان دورىللىرى بولسا تەۋسىيە قىلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن

AAA يوللانغان ۋاقتى 2014-10-14 20:03:14

muhammatali يوللىغان ۋاقتى  2014-10-14 19:44 static/image/common/back.gif
گىپىمنى چۈشەنمىگەن ئوخشايسىز  ئەگەر ئىمكانىيەت بولغا ...

كىرىپ-چىقماق تەس يەرگە مەخسۇس دورا شىركەتلىرىنىڭ تەستىقتىن ئۆتكەن دورىلىرى بولمىسا تەس . سىلىگە قايتۇردىغان ئىنكاس تۈگىدى.
مۇشۇ كىسەل بىمارلىرىغا:
بۇكىسەلنىڭ سەۋەپچىسى پاھىشە ۋە قولدا لەززەتلىنىدىغان ناچار ئادەت . ئۈزىگە باسقۇنچىلىق قىلىشنى تاشلىمىسا ئابىھايات - ئىكسىرنايا بولسىمۇ يەنە قايتىلىنىدۇ.

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2014-10-14 20:21:09

تىما ئىسمىنى كۆرەپلا پەرەز قىلغان كىمنىڭ يوللىغىننى {:136:}

zuwansiz يوللانغان ۋاقتى 2014-10-14 21:07:40

بىگىمنىڭ دورىلىرىنى جىق ئەپ بەرسەك، ئاسپىرانىت يىگىتلەر مۇكاپاتى تەسىس قىلدىغان بولغان.{:92:}

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-10-14 21:14:22

ئۈچ ئا دەرىجىلىك يولداش،سىزگە رەھمەت،يول كۆرسەتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-10-14 21:15:02

ئەتە كومپيۇتىردىن چىققاندا جاۋاپ بىرەي مۇھەممەت ئەلى

azharbag يوللانغان ۋاقتى 2014-10-15 00:03:00

LUKMAN.   !??

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2014-10-15 08:59:05

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sahabe تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-15 09:05  

   بۇ كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل شۇكى: كۆزنى ۋە جىنسىي ئەزانى ھارامدىن ساقلاش. بىراق بۇ ھۆكۈمگە ئەمەل قىلالىغانلار ناھايتى ئاز بولغاچ، بۇ كېسەلنى چىللاپ كەلگەنلەر ناھايىتى كۆپ.  مەن گىرمانىيە جىنسىيەتشۇناس ئالىملىرىنىڭ مۇشۇ كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدە تەتقىيقات ئېلىپ بېرىپ يۇقۇرقىدەك نەتىجىگە ئېرىشكەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرنى قايسىدۇر بىر تور بەتتىن كۆرگەنتىم. مەيلى ئۇ خەۋەر راس ياكى يالغان بولسۇن ئۇنىڭدىن قەتئىينەزەر،  بىز ئىنسانلار  اللە تەرىپىدىن بىزگە كۆيۈنۈش يۈزسىدىن كەلگەن مۇقەددەس بۇيرۇققا خىلاپلىق قىلدۇقمۇ-بولدى بىزنى نەس باسقىلى باشلايدۇ. مەيلى ئېتىراپ قىلايلى ياكى قىلمايلى، كۆپۈنچە كىشىلەر «تەبىئەتنىڭ قانۇنى» دەپلا خاسلاشتۇرۇۋالغان ئەشۇ ئۆزگەرمەس قانۇنلار-ئەمەلىيەتتە بىز ئىنسانلار ئۈچۈن چۈشۈرۈلگەن ساماۋىي كىتاپلاردىكى ئجتىمائىي قانۇن بىلەن بىر مەنبەلىكتۇر.شۇنىڭ ئۈچۈن خۇددى يۇقىرى بېسىملىق توكقا ئىزولياتورسىز يېقىنلاشساق بىزنى ھالاك قىلىشى مۇقەررەر بولغىنىدەك، ئەنە شۇ مۇقەددەس قانۇندىكى ھاراملارغا يېقىنلىشىدىكەنمىز، ئۇھالدا بىز ئاستا خارەكتىرلىك ھالاكەتنى ئۆز قولىمىز بىلەن چىللاپ كەلگەن بولىمىز.

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-10-15 09:04:43

چايان، يىلان ، ئاق يەر يىلىنى دىگەندەك نەرسىلەرنى ئارىلاشتۇرۇشنىڭ ھۆكۈمى نىمە؟ بۇ «ھارام» ئارىلاشقان  دورىنى مۇسۇلمانلارغا  تەييارلاش دۇرۇسمۇ؟
دىنىي بىلىمى بارلار بىر ئايدىڭلارشتۇرۇۋەتسە بوپتىكەن . رەھمەت .

udun0903 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-15 17:18:21

tadubeg يوللىغان ۋاقتى  2014-10-14 21:15 static/image/common/back.gif
ئەتە كومپيۇتىردىن چىققاندا جاۋاپ بىرەي مۇھەممەت ئەلى

ھەكىمنىڭ كىيۇ كىيۇ سىنى قوشقىلى بولمايدىكەنغۇ؟ نەۋاخ قاچىلاۋاتقىلى، ئۇچۇر يوق.
يا بۈگۈن بۇ تىمىنىڭ بازىرى چىكىتىپ، دۇكان ئالدىراش بوپ كەتتىمۇ{:87:}{:90:}

barhan88 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-15 17:38:05

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! مۇشۇ تېمىنىڭ باھانىسىدا مەنمۇ بىر مەسلەھەت سورىۋالاي. بىر ئاي بۇرۇن ئىككى تال سۇدا پۇشۇرۇلغان باش قوناق يىگەن سەۋەپ بىلەن شۇ كۈنى كىچىدىلا قىززىپ،ئىچىم سۈرۈپ ،ئاشقازىنىم بىئارام بولۇپ تاماق يىسەم ياندۇرىدىغان ،كىندىكىمنىڭ ئوڭ تەرەپ (قورساق قىسىمى بىلەن بىقىنىمنىڭ   چىگرىسى ) ئاغرىيدىغان ، قورسۇقۇم  ئاچ ياكى توق بولسۇن كەچكىچە قۇرۇق كىكىرىك كىلىدىغان كىسەلگە قالدىم (قوناقنى بۇرۇنمۇ يەۋىرەتتىم زىيان قىلىپ باقمىغان.)دورا ئىلىپ ئىچكەندىن كېيىن ئاشقازىنىم بىئارام بولىدىغان ياندۇرىدىغان ئىش تولۇق تۈگىدى ،قۇرۇق كىكىردىغان   ئىچىم سۈرىدىغان ئىشلار سەل ياخشىلاندى لىكىن بىقىنىم تەرەپ ئاغرىيدىغان ئىشتا ھىچقانداق ئۆزگىرىش يوق.باشقىلار داڭلىغان دورىخانىلاردىن ئەھۋالىمنى دەپ دورىمۇ ئالدىم. ئۇلارنىڭ قويغان دىئاگنوزى ئاستا خارەكتىرلىك سوقۇر ئۈچەي،ئۈچەي ياللۇغى،ئاشقازان سوۋۇش،ئۆتنى ئىسسىق قاپلىۋىلىش،ياكى ئىچكى ئەزادىكى ئېغىر كىسەللىك  ياكى ئۈچەيدە جاراھەت بولىشى سەۋەبىدىن دەپ پەرەز قىلىندى. دوختۇرخانىغا كىرىپ ئەھۋالىمنى تەپسىلى  دەپ بىرىپ تەكشۈرتسەم ھىچقانداق كىسەل يوق بەدىنىڭ نورمالكەن دەيدۇ. گەرچە بەك قاتتىق ئاغرىمىسىمۇ كەچكىچە بىر نەچچە قېتىم ئاغرىپ قويىدۇ.ئەقلىمگە كەلگەندىن بىرى قاتتىقراق ئاغرىپ دوختۇرغا بارغىنىممۇ يوق سالامەتلىكىممۇ ياخشىتتى. لىكىن بۇ قېتىم دوختۇر دورىگەرلەرنىڭ ھەرخىل دىئاگنوزى ھەتتا بەزىلەرنىڭ ئىچكى قىسىمدىكى ئىغىر كىسەللىك سەۋەبىسىن،كېيىن ئوپىراتسىيە قىلغىلى سىلىشى مۇمكىن دەپ  ئادەمنى قورقۇنچقا سالىدىغان گەپلىرى سەۋەبىدىن سەل قالايمىقان خىياللار كاللامغا كىرىۋالدى. سىلەردىن سورايدىغىنىم يۇقارقى ئالامەتلەر زادى قايسى كىسەلنىڭ ئالامەتلىرى؟قايسى جەھەتتە تەكشۈرتسەم كىسەللىك ئىنىقلىنىپ ئۈنۈملىكرەك داۋالانغىلى بولىدۇ؟

zaga يوللانغان ۋاقتى 2014-10-15 18:11:01

muhammatali يوللىغان ۋاقتى  2014-10-14 18:53 static/image/common/back.gif
مەزى بېزى كىسىلىگە شىپاسى بۇلىدىغان قاپلىق دورىلار بو ...

خوتەن مىللى تىبا بەتنىنڭ مەخسۇس دۇرىسى با. ئوزىڭىز تۇرۇشلۇق جايدىن ئالالايسىز.تاپالمىسىڭىزمەن خوتەندىن ئەۋەتىپ بىرەي.ئۈنىىمىي سەل ئاستىراق.باھاسىمۇ مۇۋاپىق.تېلىفۇن09032024642
بەت: [1] 2
: مەزى بېزى ياللۇغىنىڭ مۇھىم دورىلىرى