dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-10-14 13:35:31

يوشۇرۇن كۈچنى ئېچىشتىكى 9 مەسىلە

سىزنىڭ ئاخىرقى چىكىڭىز قەيەردە؟ – يوشۇرۇن كۈچنى ئېچىشتىكى 9 مەسىلە



سىز بەزىدە ۋۇجۇدىڭىزدە چوڭ-چوڭ ئىشلارنى تەۋرەتكۈدەك يوشۇرۇن كۈچنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلسىىزيۇ، ئەمما ، بۇ يوشۇرۇن كۈچنى قانداق ئېچىشنى نەدىن باشلاشنى بىلمەيسىز شۇنداقمۇ؟ مەن بۇخىل ھېسىياتنى ناھايىتى ياخشى بىلىمەن، مەن خىلى كۆپ ۋاقىت سەرىپ قىلىپ ئاندىن زادى قانداق ئىشنىڭ ئۆز كۆڭلۈمنى خۇش قىلالايدىغانلىقىنى ۋە قانائەت تاپتۇرالايدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتكەن. مەن بۇ ماقالىنىڭ سىزگە بۇ ھەقتە بىر توغرا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بېرىشىنى بەكمۇ ئۈمىد قىلىمەن. قىنى ئۇنداقتا سىز تۆۋەندىكى مەسىلىلەرگە جاۋاب بەرگەچ، ئۆزىڭىزدىكى ئەشۇ يوشۇرۇن كۈچلەرنى ئازاد قىلىڭ.

1. ناۋادا ئۆلۈپ كېتىشتىن ئاۋال پەقەت بىرلا ئىشنى تاماملاش ئىمكانىيىتىم بولسا، مەن زادى قايسى ئىشنى قىلىمەن؟

ئىككى ، ئۈچ ياكى تۆت تۈرلۈك ئىش ئەمەس؛ باشقا ئىشلارغا سىلۇشتۇرغاندا، سىزئۇ ئىشنىڭ نەتىجىسىنى رېئاللىققائايلاندۇرۇشنى ئەڭ زۆرۈر دەپ قارايسىز، سىز شۇنداق ئىشتىن بىرەرنى ئورۇنداپ بولدىڭىزمۇ ياكى تەجرىبىگە ئىېرىشتىڭىزمۇ؟
ئەگەر بۇ سوئال بىلەن تەڭ تۇيۇقسىزلا تېخى ئۇنداق بىر مەسىلە ئۈستىدە ئويلىنىپ باقمىغىنىڭىزنى ئەسكە ئالغان بولسىڭىز، پۈتۈن كۈچىڭىز بىلەن ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاتلىنىڭ، چۈنكى ھايات ئىنتايىن قىممەتلىك، كىچىككىنە پۇشايماننىڭ ئورنىنى تولۇقلاشقا پۇرسەت تاپماقمۇ بەسى مۇشكۈل.

2. قايسى ئۈچ خىل ئىش مىنى خۇشال قىلىدۇ ياكى قانائەتلەندۈرىدۇ؟

بەلكىم، ئىلىم تەھسىل قىلىش، يىتەكلەش ياكى باشقىلارنى تەربىيىلەش، يېزىقچىلىق، پەرزەنت تەربىيىلەش، سۆيگەن كىشىلەرگە ھەمراھ بولۇش، تەبىئەتتىن ھورۇز ئېلىش، ساياھەت قىلىش…ئەيتاۋۇر سىز ئۆزىڭىزنى خۇشال قىلالايدىغان، قانائەتلەندۈرەلەيدىغان ئىشتىن ئۈچىگە ئېنىق ھۆكۈم قىلىپ بېكىتىڭ، ئاندىن ئۇلارنى چۆرەدىگەن ھالدا تۇرمۇش رېتىمى تۈزۈڭ، پائالىيەت لايىھىلەڭ، بۇ سىزگە خۇشاللىق ئېلىپ كېلىدۇ.

3. قايسى ئۈچ خىل ئىش مېنىڭ تۇرمۇشتىن بەھىر ئېلىشىمغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ؟
سىزنى بىزار قىلىدىغان ئىشنىڭ كىچىكرەكى ئورۇنسىز تېلېفۇن ياكى ئۇچۇر بولسا، تېلېفۇننى ئېتىۋىتىڭ، چوڭراقى باش-كۆتىڭىزنى تاپالماس ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويغان، بېسىمى زور خىزمەت بولسا، باشقا بىر ئىش قىلىپ بېقىڭ…
ئىشقىلىپ، داۋاملىق پاسسىپ ئىدىيىنىڭ ئاسارىتىدە يۈرسىڭىز، مەغلۇبىيەتچىلىك تۇيغۇڭىز شۇنچە ئېشىپ بارىدۇ، شۇڭا ئۆزىڭىزنىڭ تۇرمۇشتىن بەھىرلىنىشڭىزنى توسوپ تۇرىۋاتقان ئىشتىن ئۈچنى تىپىڭدە . ئۇنىڭدىن ۋاختىدا قۇتۇلۇڭ.

4. مەن ئۆزۇمنىڭ ئىدىيىسىنى ئۆزگەرتەلەمدىم؟

ناۋادا سىزنىڭ ئىدىيڭىز مەنپىي، پاسسىپ بولسا، ئۇنداقتا سىز تۇرمۇشىڭىزنىڭ ئاكتىپ يۆنىلىشنى تېپىشقا ئامالسىز قالسىزدە،ئۆزىڭىزىمۇ-ئۆزگىلەرنىمۇ خۇشال قىلالمايدىغان بىر ئادەم بولۇپ قالسىىز. رېئاللىق ئىنتايىن جەلبكار، ئەمما بىز ھەممىمىز ئۆزىمىزنىڭ رېئاللىقىدا ياشايمىز، رېئاللىقىمىز مەلۇم ئىدىيە ۋە ئادەتلەرنىڭ تەسىر دائىرىسىدە بولىدۇ.
ناۋادا سىز ئۆزىڭىزنى ناقابىل دەپ ئويلاپ كەلگەن بولسىڭىز، سىزگە خۇشاللىق ياراشمايدۇ، مۇۋاپىقىيەت قازىنشىڭىزدىن تېخىمۇ سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ.
دىمەك سىز ئىدىيىڭىزنى كونتىرول قىلىۋالغان مەخلۇقنى يېڭىپ، ئۆزىڭىز كونترول قىلىشڭىز كېرەك.





5. مەن -يېمەك ئىچمەك قارارىمنى كونترول قىلالامدىم؟

خۇددى يۇقۇرىدا ئېيتقاندەك، سىزنىڭ ئىدىيىڭىز سىزنىڭ رېئاللىقىڭىزغا تەسىر كۆرسەتكىنىگە ئوخشاشلا، سىزنىڭ يېمەك-ئىچمەك قارارىڭىز )نەپسىڭىز( مۇ سىزنىڭ كەيپىياتىڭىز ۋە ئېنېرگىيىڭىزگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. كۆتۈرەڭگۈ، ساغلام كىشىلەر ئاڭلىق ھالدا ئۆزىنىڭ زېھنىگە، كەيپىياتىغا، جىسمىگە پايدىلىق يېمەك-ئېچمەك ئادىتى يېتىلدۈرىدۇ. شۇنىڭ ئەكسىچە، ئاۋارە، چۈشكۈن كىشىلەرنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئادىتىمۇ ئۆزىنىڭ شۇ ھالىتىگە بېقىپ يامان بىر ھالەتتە بولىدۇ.
سىزدە يەپ -ئىچىش ھەققىدىمۇ ساغلام بىر قارار بولۇشى كېرەك.

6.ھاياتىمدىكى ئۈچ ئارزۇيۇمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا، قايسى ئەۋزەللىكلىرىمدىن پايدىلىنىمەن؟

ئالدى بىلەن ھاياتىڭىزدا ئېرىشىپ بولغان ئۈچ چوڭ نەتىجە ئۈستىدە ئويلىنىپ بېقىڭ؛ ئالى مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈش، خىزمەتكە ئېرىشش، ئەسەر ئېلان قىلىش، كۆڭۈلدىكىدەك جۆرە تېپىش….
ۋاھاكازالار. شۇ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشتە، سىزدىكى قايسى ئەۋزەللىكلەر رول ئوينىغان؟ بۇنىڭغا جاۋاب تاپالىسىڭىز، يەنە نۇرغۇن نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيسىز.

7.ئۇنداقتا بۇ ئەۋزەللىكلىرىمنى قانداق جارى قىلدۇرىمەن؟

گەرچە بەزىدە بىرقىسىم كەمچىللىكلەر سىزنىڭ ئىپادىڭىزگە ھەقىقەتەنمۇ چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ، بۇ كەمچىللىكلەرنى ئۆزگەرتىش سىز ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا ھالقىلىق مەسىلە، بىراق ئارتۇقچىلىنى جارى قىلدۇرۇپ، كەمچىلىكتىن ساقلانماقتىن ئىبارەت بۇ چارە ئېيتماققا ئاسان، لېكىن قانداق قانداق قىلىمىز؟
بۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ ئاددى يول، يۇقۇرىقى سوئالغا جاۋاب بەرگەندە يەكۈنلىگەن ئارتۇقچىلىقلىرىڭىزنى دائىم يادىڭىزدا چىڭ تۇتۇپ، دائىم : مەن بۈگۈن بۇ ئارتۇقچىلىقلىرىمنى جارى قىلدۇرالىدىممۇ يوق؟ دېگەن سوئالنى سوراپ تۇرۇڭ.

8. مەن نېمە ئۈچۈن دائىم باشقىلارنىڭ ماڭا قانداق قارايدىغانلىقىغا ئىتىبار بىرىپ كېتىمەن؟

ئەگەر سىز بىرمۇنچە ۋاقىتنى سەرپ قىلىپ، باشقىلارنىڭ سىزگە قانداق قارايدىغانلىقى ئۈستىدە زىغىرلىسىڭىز، ئۇنداقتا ئارتۇقچە بېسىم، ئىچ پۇشۇقى تىپىۋالسىىز، ھەتتا ئۆز تۇرمۇشىڭىزنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ھېچقانداق ھەرىكەتمۇ قىلالمايسىز.
دوستلۇق چەمبىرىكىڭىزنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى مۇھىم ئەمەس، ئىشەنچىلىك دەرىجىسى مۇھىم. ئېسىڭىزدە بولسۇن، 10 سوم پۇلىڭىزنى 10 تىيىنلىقتىن 100 دانە قىلىۋالغۇچە، 5 سوملۇقتىن ئىككىلا قىلىۋالغىنىڭىز ياخشىراق.

9. مەن قانداق مەۋجۈت بولۇپ تۇرىمەن؟

مەنمۇ بۇ مەسىلە ئۈستىدە ناھايىتى ئۇزاق ئويلانغان، شۇڭىمۇ بۇنى ئەڭ ئاخىرىغا تېزىپ قويدۇم. سىز بۇ مەسىلە ئۈستىدە ئويلىنىشڭىز كېرەك. سىز مۇنداق ئويلاپ بېقىڭ: سىز ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن باشقىلار سىزنىڭ ھاياتىڭىز ھەققىدە سۆز قىلىشدۇ، ئۇنداقتا سىز ئۇلارنىڭ نېمىلەرنى ئېيتىشىنى ئارزۇ قىلىسىز؟ ياكى بىراۋلار ھاياتىڭىزنى يازماقچى بولسا سىز ئۇلارنىڭ نېمىلەرنى يېزىشىنى ئۈمىد قىلىسىز؟

- سىنا تورىنىڭ ئېنگىلىزتىلى ئۆگىنىش قانىلىدىن تەرجىمە قىلىندى.

281151976ar يوللانغان ۋاقتى 2014-10-14 15:56:22

:)

windows100 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-14 16:42:14

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   windows100 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-14 16:45  

ياخشى تېما يوللاپسىز.

يوشۇرۇن ئىقتىدارغا مۇناسىۋەتلىك، تېمىغا مۇناسىۋەتسىز بىر گەپ ئېسىمگە كەپ قالدى.بەزىلەر ئادەم ئۆز مېڭە ھۈجەيرىلىرنىڭ پەقەت 2-3% دىنلا پايدىلىنالايدۇ،قالغان قىسمى تېخى ئېچىلمىغان رايۇن بولۇپ  ئادەم ئۆزىنىڭ بارلىق مېڭە ھۈجەيرىلدىن تولۇق پايدىلىنالسىا ياكى ئۇنى تولۇق ئاچالىسا ئادەملەر كارامەت ئىشلارنى قىلالايدۇ دەپ قارايدىكەن.مېنڭچە بۇ سېپى ئۆزىدىنلا بىر سەپسەتە،چۈنكى ماشىنىنى مىسالغا ئالساق ماشىنا ماڭغان ۋاقىتتا ئۇنىڭ بىز پەرق ئېتەلەيدىغان ھەرىكەت قىلىدىغان قىسىمى ئۇنىڭ چاقى بىلەن ماتور قىسىمى،ماتور قىسىمى دىگەندىمۇ ماتورنىڭ ھەركەتلىندىغان يېرى ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئېغىرلىقى ماشىنا ئېغىرلىقىنىڭ 2-3% چىلىك كېلىدىغان قىسىمى،ئادەم مېڭىسىدىن ئۇنداق ئۈمىت كۈتۈش بىلەن ماشىنىنىڭ ھەممە يېرى ماتور بولستى دەپ قاراش مەنچە بىر ئىش.
ئادەم پەقەت ئۆزى قىلالايدىغان ئىشلارنىلا قىلالايدۇ.بۇ ھۆكۈمنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلاشقا ئادەمنىڭ ئۆمرى يەتمەيدۇ.

alip يوللانغان ۋاقتى 2014-10-14 16:46:54

windows100 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-14 16:42 static/image/common/back.gif
ياخشى تېما يوللاپسىز.

يوشۇرۇن ئىقتىدارغا مۇناسىۋەتلى ...

بۇ يىلقى يېڭى فانتازىيەلىك كىنو Lucy نى مۇشۇ نەزەرىيە بويچە ئىشلەپتۇ. باش قەھرىمان مېڭە ئىقتىدارىنى ئاخىردا %99.99 ئىشلىتىدىكەن.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2014-10-14 20:21:01

مېڭە ھۈجەيرىلىرىمىزنىڭ ھەممىسىنى ئىشلىتەلمەسلىك مەسىلىسىدە، ئەڭ چوڭ نۇقتا، مېڭىنى ئىشلىتىش ۋاقتىنى زىچ ئورۇنلاشتۇرالماسلىق، يەنى، بېكار قىلىش. ئىككىنچى چوڭ نۇقتا، ئاددىي ئىشلارغا ئىسراپ قىلىش.. كىيىم يۇيۇشنى ئاپتوماتىك كىرئالغۇ قىلسا بولىدۇ، مېڭە لاتىنى سۇغا چىلاپ- مۇجۇيدىغان مېخانىك ھەركەتكە تۆت سائەت ۋاقىت سەرپ قىلسىمۇ ئىسراپچىلىق، ماشىنا ھەيدەشكە مېڭە ئىشلىتىشمۇ ئىسراپچىلىق، ماشىنا ئۆزىنى- ئۆزى ھەيدىشى، بىز ماشىنا ئىچىدە ئىشخانا قۇرۇشىمىز كېرەك.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-14 20:29:45

ما تېما ئادەمنىڭ كاللىسىنى ئاچىدىكەن ...

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-14 20:31:28

يۈكنى تاشلىۋېتىپ يېڭى ھاياتقا ئېنتىلمەك كېرەك ...
ۋۇجۇدىمىزدىكى ئاكتىپ ئامىللارنى قېزىپ ، پاسسىپلىققا خاتىمە بىرىشىمىز كېرەك ...
مەن يارايمەن دىگەننى چىقىش قىلىپ ، دادىل قەدەم ئېلىشىمىز كېرەك ...

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-10-15 06:20:25

alip يوللىغان ۋاقتى  2014-10-14 16:46 static/image/common/back.gif
بۇ يىلقى يېڭى فانتازىيەلىك كىنو Lucy نى مۇشۇ نەزەرىيە ب ...

ئۇ كىنونى كۆردۈم،  ھېس قىلغىنىم : 1~2% ئېچىلغان مېڭە بىلەن 99.99%ئېچىلغان مېڭىنى تەسەۋۋۇر قىلىش مەغلۇب بولۇپتۇ، تاللىۋىلىنغان ۋەقەلىكمۇ بەك ئاددى.

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-10-15 06:22:07

windows100 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-14 16:42 static/image/common/back.gif
ياخشى تېما يوللاپسىز.

يوشۇرۇن ئىقتىدارغا مۇناسىۋەتلى ...

قوشۇلىمەن
بەت: [1]
: يوشۇرۇن كۈچنى ئېچىشتىكى 9 مەسىلە