istikbal يوللانغان ۋاقتى 2014-10-14 10:13:17

شىنجاڭ ئاقسۇ شەھىرىدە 3.8 بال يەر تەۋرىدى


خەلق تورى ، بېيجىڭ ، 14-ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى : دۆلەتلىك يەر تەۋرەشنى ئۆلچەش ئىستانسىسى تورىنىڭ مىكروبىلوگ خەۋىرىگە قارىغاندا ، بۈگۈن (14-ئۆكتەبىر) سائەت 05:43 دە ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئاقىسۇ شەھىرى (شىمالىي كەڭلىك 40.8 گىرادۇس ، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 79.9 گىردۇس) دە 3.8 بال يەر تەۋرىگەن ، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى ئالتە كىلومېتىر كېلىدىكەن .
ئەسلى مەنبە:ئۇيغۇر خەۋەر تورى http://www.uynews.com
http://www.uynews.com/mazmun_5570.html

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-10-14 11:07:48

پۇفلا دەپ ئۆتۈپ كەتتىمۇ  بۇ يەر تەۋرەش. سەزمەپتىمەن دېسە، بولمىسا 5 دىن كېيىنلا تۇرۇپ كەتكەنتىم

abduzaher يوللانغان ۋاقتى 2014-10-14 11:36:29

Kulke يوللىغان ۋاقتى  2014-10-14 11:07:48 static/image/common/back.gif
پۇفلا دەپ ئۆتۈپ كەتتىمۇ  بۇ يەر تەۋرەش. سەزمەپتىمەن دېس
بىيجىڭ ۋاقتىدۇ ئاۋۇ، ئۇندا بولاپ قاسا تۆتمۇ بوممىغان ۋاقىت ،جىق ئادەم سەزمەيدۇ

gherip928 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-14 11:45:01

يەر تەۋرەش ۋاقتى 3 سىكۇنىت ئەتراپىدا داۋاملاشتى.. ئەتتىگەن سائەت 3:43 ئۆتكەندە تەۋرىدى

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-14 12:22:18

مەنغۇ ھىچنىمىنى سەزمەپتىمەن

asalam يوللانغان ۋاقتى 2014-10-14 12:25:58

ئاگاھلاندۇرۇش ...

Huqush يوللانغان ۋاقتى 2014-10-14 12:57:30

سەزمەپتىمەن

adl228 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-14 16:47:31

يۇقىرىدىكى ئىكاسلارغا قارىغاندا ، يەر تەۋرىگەندە بىزنى راۋرۇس سەزدۈرگۈدەك تەۋرىسە بۇلىدىغان ئوخشايدۇ. بولمىسا سېزەلمەيدىكەنمىز

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-14 19:23:00

    ئۇنداق دىگەنلىك ئەمەس ،
   گەرچە بىز يەر تەۋرەشنىڭ سىنىقىغا دۇچ كەلمىگەن بولساقمۇ ئاشۇ ئۆي -زىمىنلىرىدىن ئايرىلىپ ، بار- يوقى توپىغا مىلىنىپ كەتكەن ئاشۇ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئاھۇ -زارلىرى يۈرىكىمىزنى ئۆرتىگەنىدى ، ناۋادا ئۆز بېشىمىزغا كەپ قالسا بۇمۇ تەقدىر ، ئەمما بېشىمىزغا بۇ كۈنلەرنىڭ كەلمەسلىكىنى ئاللاھتىن تىلەيمىز ....

ismail يوللانغان ۋاقتى 2014-10-14 19:25:36

شىنجاڭ ئاقسۇ;P

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-14 19:51:47

شىنجاڭ ئاقسۇ {:112:}

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-10-15 09:14:48

abduzaher يوللىغان ۋاقتى  2014-10-14 11:36 static/image/common/back.gif
بىيجىڭ ۋاقتىدۇ ئاۋۇ، ئۇندا بولاپ قاسا تۆتمۇ بوممىغان  ...

شەھەر مەركىزىدە تەۋرەپتۇ. مەن شىنجاڭ ۋا قتى 3:40 دا قوپۇپ كېتىپ كېيىن 5 دىن كېيىن يەنە تۇرغان. سەزمەپتىمەن.
مېنىڭ ئۆيۈم شەھەر ئىچىدىن 2 كىلومىتېر نېرىدا چۇ شۇڭا بىلمەي قالغان ئوخشايمەن.

mrdon يوللانغان ۋاقتى 2014-10-15 10:50:24

ئامان ئىسەنچىلىك بولسا ئاللاھقا شۈكرى
بەت: [1]
: شىنجاڭ ئاقسۇ شەھىرىدە 3.8 بال يەر تەۋرىدى