sarwan يوللانغان ۋاقتى 2014-10-14 08:33:48

بىلكان شىركىتى بىر قىسىم يۇمشاق دېتاللىرىنىڭ ئەسلى كودىنى تارقا...

[ئوچۇق كود] بىلكان شىركىتى بىر قىسىم يۇمشاق دېتاللىرىنىڭ ئەسلى كودىنى تارقاتتىبىلكان شىركىتى بىر قىسىم يۇمشاق دېتاللىرىنى ئوچۇق كودلۇق قىلىپ، ئەسلى كودىنى ئېلان قىلدى. بۇ يۇمشاق دېتال لايىھەلەشنى ئۆگەنگۈچىلەر ئۈچۈن ياخشى ماتېرىيال بولۇپ قالغۇسى.
نۆۋەتتە ئېلان قىلىنغان ئوچۇق كودلار Android مەشغۇلات سىستېمىسى ئۈچۈن تۈزۈلگەن 17 دانە ئەپنىڭ ئەسلى كودى بولۇپ، بىلكان شىركىتىنىڭ بۇندىن كېيىن تېخى كۆپ ئوچۇق كودلۇق تۈرلەرنى ئېلان قىلىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز.
بۇ يۇمشاق دېتاللارنىڭ ئەسلى كودىنى github تورىدىن چۈشۈرۋالسىڭىز ياكى قوشۇق سالسىڭىز(Fork) بولىدۇ.

بۇ يۇمشاق دېتاللارنىڭ يانفونغا بىۋاستە قاچىلايدىغان ئەپلىرىنىبىلكان بازاردىن چۈشۈرگىلى بولىدۇ.



Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-10-14 11:09:28

بىلكاننىڭ لۇغىتىنىڭ يېڭى نەشرىدىكى خاتالىقنى ئوڭشىمامسىلەر، بەك جىق يانفوندا ئامبارنى يېشەلمىدى ئۇ بۇ دەپ تۇرىدۇ. سىناپ باقمىدىڭلىمۇ ئۆزۈڭلار.

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-15 00:14:40

SDكارتا چۇشمەيدىغان يانفۇنلادا ئاساسەن ئامبارنى تاپالمىدى دەيدىغان خاتالىق ئۇچۇرى چىقىدىكەن يىڭى نەشىردىكى لۇغەتتە…

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-10-15 08:48:36

سۆز ئامبىرىنى ئاپتۇماتىك ئىزدەپ تاپىدىغان قىلىپ قويساڭلار بولغۇدەك

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-10-15 13:05:18

ھەرقانداق تىلفۇندا نۇرمال ئەمەس ، كونا نەشىرىنى ئىشلىتىڭلار

begmurad يوللانغان ۋاقتى 2014-10-15 13:10:55

ئۇچۇق كودلارنى ئېلان قىلسا ئالدى رەھمەتنى دەپ قويمايلا سىلەر ئىشلىگەن لوغەت ئۇنداق-مۇنداقكەن دەپ كىتىپسىلەر. ‹‹ياخشى كۆڭلۈڭگە ئات تەپكىيدى›› دىگەندەك ئىشقىپسىلەر.......

jahanzat يوللانغان ۋاقتى 2014-10-16 21:57:07

خاتالىقىنى كۆرسىتىپ قويۇش يامان ئىش ئەمەسقۇ
ئۇچۇق كودلۇق بولسا ئاز بىر قىسىم پىروگىرامما ياسىغۇچىلار ئۈچۈن خوش خەۋەركەن، ئادەتتىكى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى بولسا باھاسى، ئىقتىدارى بولىدىكەن

jilwe يوللانغان ۋاقتى 2014-11-3 21:54:59

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، چۈشۈرۈش ئۇسۇلىنى بىلەلمىدىم، (download دەيدىغان يېرىمۇ يوقتەك) يول كۆرسىتىشىڭىزگە مۇھتاجمەن
بەت: [1]
: بىلكان شىركىتى بىر قىسىم يۇمشاق دېتاللىرىنىڭ ئەسلى كودىنى تارقا...