qin_dos يوللانغان ۋاقتى 2014-10-13 21:27:37

دەججال توغىرسىدا نىمە گەپلەر بار؟

توردا دەججالنى  يەھۇدى مەخپى تەشكىلاتلىرى بىلەن باغلاپ چۇشەندۇردىغان مەزمۇنلار بار ئىكەن تىل بىلمەسلىك سەۋەبى بىلەن مەزمۇنىنى بىلەلمىدىم، تىل بىلىدىغانلار بولسا ئاساسىي مەزمۇنىدىن خەۋەردار قىلغان بولساڭلار ياكى دەججال توغىرسىدا بىلىدىغىنىڭلارنى دەپ باققان بولساڭلار؟

مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر:

qin_dos يوللانغان ۋاقتى 2014-10-13 21:39:02

دەججال، ماسۇن تەشكىلاتى› ئەركىن تاشچىلار، روسچىلىت جەمەتى› پىرامىدا ۋە يالغۇز كۆز، ئىسرائىلىيە بايرىقىدىكى سىمۋوللۇق بەلگە، كابالا،  ... يەنە ئۇنىڭدىن باشقا بۇلار مۇناسىۋەتلىك بولغان ئاچقۇچلۇق سۆزلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا پىكىرلەشكەن بولساق.

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2014-10-13 21:45:46

سۈننىي ، شىئە .................. كۆتتۈمدە ئىشتان يوق ،ئىسمىم مارجان بۈۋى ،دىگەن سۆزلەرنىمۇ تەڭ چۈشىنىۋالساق ...................

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2014-10-13 22:40:32

كىچىكىمدە چوڭلار« جەددالنىڭ بىر ئېشىكى بارمىش، قىيامەتيېقىنلاشقاندا جەددال قوپۇپ  شۇ ئېشىكىنى ھەيدەپ كېلىدۇ، ئۇ ئېشەكنىڭ ھەربىر تال تۈكىدىن مىڭ ياڭزا نەغمە- ناۋا چىقىدۇ، شۇنىڭغا مەستخۇش بولۇپ يۈگرەپ چىققانلارنى جەددال تۇتۇپ ئېشىكىنىڭ قۇلىقىغا سالىدۇ،  تىرناقنى ئالغاندا ئۇنى بوسوغىنىڭ ئاستىغا كۆمسە شۇ چاغدا تىكەن بولۇپ جەددالغا ئەگەشكەنلەرنى توسۇدۇ» دەيتتى.
شۇ جەددال مۇشۇ دەججال بىرگەپ ئىكەندە؟

oguzhan يوللانغان ۋاقتى 2014-10-13 23:05:49

ۇئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. دەججال چىقىش ئالدىدا قانداق ئالامەتلەر كۆرىنىدۇ؟ ئەگەر ئۇ چىقسا قانداق قىلىپ پىتنىسىدىن ساقلىنىمىز؟ ئۇنى قانداق تونۇيمىز؟
جاۋاب:
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ:
بىسمىللەھىرراھمانىرراھيم
بارلىق ھەمدۇ-سانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن،شۇنداقلاپەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكىقىيامەتكىچەئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت-سالاملار بولسۇن.
دەججال دېگەن سۆز:يالغانچى، كاززاپ، كۆز بويامچى، ھەق بىلەن ناھەقنى ئارىلاشتۇرىۋەتكۈچى،قاپلىۋەتكۈچىدېگەن مەنىدە بولۇپ، ئۇنىڭ پىتنىسى پۈتۈن دۇنيانى قاپلايدىغان بولغاچقاشۇنداق دېيىلگەن. يەنەئۇ يەكچەشمە بولۇپ، ئوڭ كۆزىنىڭ ئورنى سۈرتۈلگەندەك تۈپتۈز بولغاچقا مەسىھ دەپ ئاتالغان.()
قۇرئان كەرىم دەججالنىڭ چىقىشىغا مۇنداق ئىشارەت قىلغان:
[يَوْمَ يَأْتِي بَعْضُ آَيَاتِ رَبِّكَ لَا يَنْفَعُ نَفْسًا إِيمَانُهَا لَمْ تَكُنْ آَمَنَتْ مِنْ قَبْلُ أَوْ كَسَبَتْ فِي إِيمَانِهَا خَيْرًا]
(رەببىڭنىڭ بەزى ئايەتلىرى كېلىدىغان كۈندە ئىلگىرى ئىمان ئېيتمىغان ياكى ئىمان ئېيتىپ ياخشى ئىش قىلمىغان كىشىگە ئۇ كۈندە ئېيتقان ئىمانى پايدىسىز بولىدۇ.)()
ئابدۇرراھمان ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «تاكى داۋاسى بىر بولغان ئىككى چوڭ مۇسۇلمانلار جامائىتى ئۆزئارا ئۇرۇشۇپ ئوتتۇرىسىدا چوڭ قىرغىنچىلىق بولمىغىچە قىيامەت قايىم بولمايدۇ، يەنە ھەر بىرى مەن ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى دەپ داۋا قىلىدىغان ئوتتۇزغا يېقىن كاززاپ دەججال ئوتتۇرىغا چىقمىغۇچە قىيامەت قايىم بولمايدۇ، يەنە ئىلىم كۆتۈرۈلۈپ، يەر تەۋرەش كۆپىيىپ، ۋاقىت قىسقىراپ، پىتنىلەر ئاۋۇپ، قىرغىنچىلىق كۆپ بولۇپ، مال-مۈلۈك كۆپىيىپ ئېشىپ تاشمىغۇچە قىيامەت قايىم بولمايدۇ، سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردا مال-دۇنيا كۆپىيىپ ئېشىپ-تېشىپ، مال-دۇنيا ئىگىسى سەدىقىسىنى قوبۇل قىلىدىغان ئادەم ئىزدەپ باش قاتۇرىدىغان، ئىزدەپ تېپىپ، ئۇنىڭغا سەدىقىسىنى تەڭلىسە، ئۇ ئادەم: بۇنىڭغا ھاجىتىم يوق، دېمىگىچە قىيامەت قايىم بولمايدۇ، يەنە كىشىلەر ئېگىز ئىمارەتلەرنى سېلىش بىلەن پەخىرلەنمىگىچە قىيامەت قايىم بولمايدۇ، يەنە بىر كىشى بىر كىشىنىڭ قەبرىسىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ (غەم-ئەندىشىسىنىڭ كۆپلىكىدىن): ئۇنىڭ ئورنىدا بولغان بولسامچۇ؟ دەپ قالمىغىچە قىيامەت قايىم بولمايدۇ، يەنە تاكى قۇياش كۈنپېتىشتىن چىقمىغۇچە قىيامەت قايىم بولمايدۇ، قۇياش چىقىپ خالايىق ئۇنى كۆرگەندە زېمىن ئۈستىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئىمان ئېيتىدۇ، مانا ئاشۇ چاغ (ئىلگىرى ئىمان ئېيتمىغان ياكى ئىمان ئېيتىپ ياخشى ئىش قىلمىغان كىشىگە ئۇ كۈندە ئېيتقان ئىمانى پايدىسىز بولىدۇ.)()دېگەن چاغدۇر. قىيامەت چوقۇم ئىككى كىشى رەختلىرىنى ئالدىلىرىغا يېيىپ تېخى سودىسىنى پۈتتۈرۈپ ياكى ئۇنى قاتلاپ يىغىپ بولغىچە قايىم بولۇپ كېتىدۇ. قىيامەت چوقۇم كىشى سۈتلۈك تۆگىسىنىڭ سۈتىنى سېغىپ قايتىپ تېخى ئۇنى ئىچىپ بولغىچە بولۇپ كېتىدۇ. قىيامەت چوقۇم ئۇ كىشىئوقۇرىغالاي سۇۋاۋېتىپ تېخى ئۇنىڭدا ئۇلىقىنى سۇغارماستىنلا قايىم بولۇپ كېتىدۇ. قىيامەت چوقۇم كىشى لوقمىسىنى ئاغزىغا ئاپىرىشىغا قايىم بولۇپ كېتىپ ئۇنى يېيەلمەي قالىدۇ».()
يەنە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئۈچ نەرسە باركى ئۇلار چىقسا (ئىلگىرى ئىمان ئېيتمىغان ياكى ئىمان ئېيتىپ ياخشى ئىش قىلمىغان كىشىگە ئۇ كۈندە ئېيتقان ئىمانى پايدىسىز بولىدۇ.) بىرى: كۈننىڭ مەغرىبتىن چىقىشى،يەنە بىرى: دەججالنىڭ چىقىشى ۋە زېمىن ئۇلىغىنىڭ()ئورتىغا چىقىشى».()
يۇقىرىقى ھەدىسلەردە دەججال چىقىش ئالدى-كەينىدە كۆرۈلىدىغان ئالامەتلەر بايان قىلىنغان بولۇپ، بۇ چاغقا قەدەر ئىمان ئېيتمىغانلارنىڭ ئېيمان ئېيتىشى كار قىلمايدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
دېمەك، ئايەتتە دەججال توغرىسىدا "رەببىڭنىڭ ئايەتلىرى" دەپ ئاشۇنداق بايان كەلگەن. بۇ ئايەتلەرنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەنە شۇنداق تەپسىر قىلغان. ئۇنداق بولىدىكەن دەججالنىڭ چىقىشى كېلەچەكتە بولىدىغان بىر غەيب، قىيامەتنىڭ بىر ئالامىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن قۇرئاندىمۇ، مۇتاۋاتىر ھەدىسلەردىمۇ كەلگەن بىر ھەقىقەتتۇر.
تۆۋەندە دەججال ھەققىدە كەلگەن سەھىھ ھەدىسلەردىن يەنە بىرقانچە مىسال ئېلىپ ئۆتەيلى، بۇنىڭ بىلەن دەججالنى ئىنكار قىلغان خاۋارىجلار، جەھمىييەلەر ۋە بەزى مۇئتەزىلىلەرگە، شۇنداقلا ئۆزىنى قۇرئانچىلار دەپ ئاتىۋالغان بۇزۇق تائىپىگىمۇ رەددىيە بەرگەن،ھەمدەئەھلى سۈننە مەزھىبىنى ئىسپاتلىغان بولىمىز.
فاتىمە بىنتى مۇنزىر رىۋايەت قىلىدۇكى، ئەبۇ بەكىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قىزى ئەسما رەزىياللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: كۈن تۇتۇلغاندا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئايالى ئائىشەنىڭ يېنىغا كەلسەم كىشىلەر ناماز ئوقۇۋاتقان ئىكەن. ئۇمۇ تۇرۇپ ناماز ئوقۇۋېتىپتۇ، مەن: "كىشىلەرگە نېمە بولدى؟" دېسەم، ئائىشە ئاسمانغا ئىشارەت قىلىپ: "سۇبھانەللاھ!" دېدى. مەن: "كۈننىڭ تۇتۇلۇش ئالامىتىمۇ؟" دېسەم ئائىشە بېشىنى لىڭشىتىپ: "ھەئە" دېدى. مەن دەرھال نامازغا تۇردۇم، ئاخىرى بېشىم قېيىپ، كۆزۈم قاراڭغۇلىشىپ كەتتى، مەن بېشىمغا سۇ قۇيغىلى تۇردۇم، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نامازدىن يېنىپ ئۇلۇغ ئاللاھقا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ ھەمدۇسانا ئېيتقاندىن كېيىن: «مەن ئىلگىرى كۆرۈپ باقمىغان شەيئىلەرنىڭ ھەممىسىنى، ھەتتا جەننەت بىلەن دوزاخنىمۇ مۇشۇ ئورنۇمدا كۆردۈم، ئاندىن ماڭا شۇنداق ۋەھىي قىلىندىكى: سىلەر قەبرەڭلاردا دەججالنىڭ پىتنىسىگە ئوخشايدىغان -ياكى يېقىن كېلىدىغان- (فاتىمە: ئەسمانىڭ بۇ ئىككى سۆزنىڭ قايسىنى دېگەنلىكى ئېسىمدە يوق دەيدۇ) پىتنە بىلەن سىنىلىسىلەر، بىرىڭلار كەلتۈرۈلۈپ ئۇنىڭدىن: "بۇ ئادەمگە قانداق قارايسەن؟" دەپ سورىلىدۇ. مۆمىن ئادەم -ياكى جەزمەن ئىشەنگۈچى- (فاتىمە: ئەسمانىڭ بۇ ئىككى سۆزنىڭ قايسىنى دېگەنلىكى ئېسىمدە يوق دەيدۇ) بولسا: "ئۇ بولسا بىزگە ئېنىق مۆجىزىلەر ۋە ھىدايەت بىلەن كەلگەن ئاللاھنىڭ ئەلچىسى مۇھەممەدتۇر، بىز ئۇنىڭ دەۋىتىگە ئاۋاز قوشتۇق ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشتۇق." دەيدۇ. ئۇ ئادەمگە: "سەن سالىھ بەندىلەردىن بولغان ھالىتىڭدا ئۇخلىغىن، سېنىڭ پەيغەمبەرگە ئىمان كەلتۈرىدىغانلىقىڭنى بىز بىلەتتۇق" دېيىلىدۇ. مۇناپىق-ياكى شەكلەنگۈچى- (فاتىمە: ئەسمانىڭ بۇ ئىككى سۆزنىڭ قايسىنى دېگەنلىكى ئېسىمدە يوق دەيدۇ) بولسا: "بىلمەيمەن، كىشىلەر نېمىدېگەن بولسا، ئاڭلاپ شۇنى دېدىم" دەيدۇ» دېدى.()
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم (نامازدا) مۇنداق دەپ دۇئا قىلاتتى: «ئى ئاللاھ! ھورۇنلۇقتىن، بەك قېرىپ كېتىشتىن، گۇناھتىن، قەرزدارلىقتىن، سىنىقىدىن،قەبرەئازابىدىن، دوزاختىكى سۇئال-سوراق سىنىقىدىن، دوزاخ ئازابىدىن، بايلىق سىنىقىنىڭ يامانلىقىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن سەندىن پاناھلىق تىلەيمەن، يەنە نامراتلىق سىنىقىنىڭ يامانلىقىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن سەندىن پاناھلىق تىلەيمەن، مەسىھ دەججال سىنىقىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن سەندىن پاناھلىق تىلەيمەن، ئى ئاللاھ! مەندىن گۇناھلىرىمنى قار، مۆلدۈر سۇلىرى بىلەن يۇيۇۋەتكەيسەن، دىلىمنى گۇناھلاردىن خۇددى ئاق كىيىمدىن كىرنى تازىلىۋەتكەندەك تازىلىۋەتكەيسەن، مەن بىلەن گۇناھلىرىمنىڭ ئارىسىنى خۇددى مەشرىق بىلەن مەغرىپ ئارىسىنى يىراق قىلغىنىڭدەك يىراق قىلىۋەتكەيسەن».()
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «بۇ كېچەچۈشۈمدەئۆزۈمنى كەئبىنىڭ يېنىدا كۆرۈپتىمەن.چۈشۈمدەبۇغداي ئۆڭ كىشىلەر ئىچىدە كۆرۈپ باققان ئەڭ چىرايلىق بۇغداي ئۆڭ بىر كىشىنى كۆردۈمكى، ئۇنىڭ سەن كۆرۈپ باققان چاچلار ئىچىدىكى ئەڭ چىرايلىق چاچتەك چېچى بار، ئۇنى يۇيۇپ-تارىۋالغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن سۇ تامچىپ تۇرىدۇ. ئىككى ئادەمگە-ياكى ئىككى ئادەمنىڭ مۈرىسىگە- تايىنىپ تۇرۇپ، بەيتۇللاھنى تاۋاپ قىلىۋېتىپتۇ. مەن ئۇنى كۆرۈپ: بۇ كىم؟ دەپ سورىسام: مەريەمنىڭ ئوغلى مەسىھ، دېيىلدى. ئاندىن كېيىن شۇنداق قارىسام كەينىدە چاچلىرىئەلتېرىدەك بۈدۈر، ئوڭ كۆزى كور، ئۇنىڭ بىر كۆزى خۇددى پولتىيىپ چىققانبىر تالئۈزۈمگە ئوخشايدۇ، مەن ئۇنى كۆرۈپ: بۇ كىم؟ دەپ سورىسام: مەسىھ دەججال، دېيىلدى».()
ئۇرۋە رىۋايەت قىلىدۇكى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ نامىزىدا دەججالنىڭ سىنىقىدىن پاناھ تىلىگەنلىكىنى ئاڭلىغان.()
ئەبۇ ئالىيە رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: بىزگە پەيغەمبىرىڭلارنىڭ تاغىسىنىڭ ئوغلى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى سۆزلەپ بەرگەن: «ئىسرا كېچىسى ئاسمانغا ئېلىپ چىقىلغىنىمدا مۇسانى كۆردۈم. ئۇ بۈدۈر چاچ، قارامتۇل، خۇددى شەنۇئەلىكلەردەك ئېگىز بوي ئىدى. يەنە ئەيسانى كۆردۈم، ئۇ ئارا بوي، ئاق پىشماق، قىزغۇچراق، چېچى سېلىنىپ تۇرىدىغان كىشى ئىدى. يەنە دوزاخقا مۇئەككەل پەرىشتە مالىكنىمۇ، دەججالنىمۇ كۆردۈم». شۇ قاتاردا ئاللاھ رەسۇلۇللاھقا يەنە بىر مۇنچە ئالامەتلەرنى كۆرسەتتى. شۇڭا رەسۇلۇللاھنىڭ مۇسانى كۆرگەنلىكىدىن شەكلەنمە.
ئەنەس ۋە ئەبۇ بەكرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان: «پەرىشتىلەر مەدىنىنى دەججالنىڭ كىرىشىدىن ساقلايدۇ».()
ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ ئوغلى زەيد ئاتىسى ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى، بىز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئارىمىزدىكى چاغدا ھەججەتۇل ۋىدا دەپ پاراڭلىشاتتۇق، ئەمما ھەججەتۇل ۋىدانىڭ نېمە ئۈچۈن شۇنداق ئاتالغانلىقىنى بىلمەيتتۇق. ئاشۇ ھەجدە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھاجىلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇپ ئاللاھقا لايىق رەۋىشتە سانا ئوقۇدى. ئاندىن مەسىھ دەججالنى تىلغا ئېلىپ ئۇزۇن توختۇلۇپ: «ئاللاھ ئەۋەتكەنلىكى پەيغەمبەر ئۆز قەۋمىنى دەججالدىن ئاگاھلاندۇرغان. نوھمۇ، ئۇنىڭدىن كېيىنكى پەيغەمبەرلەرمۇ ھەم ئۆز قەۋملىرىنى دەججالدىن ئاگاھلاندۇرغان. ئۇ سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا چىقىدۇ، ئۇنىڭ ئەھۋاللىرىنى بىلەلمەي قالغىنىڭلار بىلەن رەببىڭلارنى بىلمەي قالمايسىلەر، رەببىڭلار سىلەرگە ناتونۇش ئەمەستۇر،-بۇنى ئۈچ قېتىم تەكرارلىدى- رەببىڭلار يەكچەشمە ئەمەس، دەججال بولسا ئوڭ كۆزى كوردۇر، ئۇنىڭ بىر كۆزى خۇددى پولتىيىپ چىققانبىر تالئۈزۈمگە ئوخشايدۇ».()
ئۇبەي ئىبنى كەئب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھۇزۇرىدا دەججالنىڭ گېپى بولۇۋىدى، رەسۇلۇللاھ: «كۆزى شىشىدەك ياپ-يېشىل» دېگەن.()
قەتادە ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ھەرقانداق بىر پەيغەمبەر ئۆز ئۇممىتىنى يەكچەشمە، كاززاپتىن (دەججالدىن) ئاگاھلاندۇرغان، بىلىپ قويۇڭلاركى، ئۇ يەكچەشمىدۇر، رەببىڭلار بولسا يەكچەشمە ئەمەستۇر، دەججالنىڭقوشۇمىشىغا"كاپىر" دەپيېزىلغان». بۇ ھەقتە يەنە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمالار رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ھەدىس رىۋايەت قىلغاندۇر.()
يەنە بىر ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «دەججالنىڭ قوشۇمىشىغا "كاپىر" دەپيېزىلغان، ئۇنى ئۇنىڭ ئىشىنى يامان كۆرگەن ھەر بىر كىشى-ياكى مۆمىن- ئوقۇيدۇ». يەنە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «بىلىۋېلىڭلاركى، سىلەرنىڭ ھېچقايسىڭلار تاكى ئۆلگەنگە قەدەر رەببى ئەززە ۋە جەللەنى ھەرگىز كۆرمەيدۇ».()
يۇقىرىقى ھەدىسلەردىن دەججالنىڭ سۈپەتلىرى مەلۇم بولىدۇ. ئۇنىڭ چاچلىرىئەلتېرىدەك بۈدۈر، ئوڭ كۆزى كور، سول كۆزى ياپ-يېشىل بولۇپ خۇددى پولتىيىپ چىققان ئۈزۈمگە ئوخشايدۇ. قوشۇمىشىغا "كاپىر" دەپيېزىلغانبولۇپ، بۇنى ساۋاتلىق ياكى ساۋاتسىز ھەر بىر مۆمىن ئوقۇيالايدۇ.
يەنە يۇقىرىقى ھەدىسلەردىن دەججالنىڭ چىقىشىنىڭ قىيامەتنىڭ چوڭ ئالامەتلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ.
يەنە ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە دەججالنىڭ تۇغماس ئىكەنلىكى ۋە مەككە بىلەن مەدىنىگە كىرەلمەيدىغانلىقى بايانقىلىنغان.()
ئىسھاق رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى: ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ماڭا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى سۆزلەپ بەرگەن: «مەككە بىلەن مەدىنىدىن باشقا ھەرقانداق شەھەرگە پات ئارىدا دەججال دەسسىمەي قالمايدۇ. مەدىنىنىڭ ھەربىر كىرىش ئىغىزىدا سەپ-سەپ پەرىشتىلەر بولۇپ، ئۇلار مەدىنىنى قوغدايدۇ، ئاندىن مەدىينە پۈتۈن ئاھالىسى بىلەن ئۈچ قېتىم قاتتىق تەۋرىلىپ، (ئاخىرقىسىدا) ئاللاھ بارلىق كاپىر، مۇناپىقلارنى مەدىنىدىن چىقىرىۋېتىدۇ».()
ئۇبەيدۇللاھ ئىبنى ئابدۇللاھ رىۋايەت قىلىدۇكى، ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزگە دەججال توغرىلىق ئۇزۇن سۆز قىلىپ بەرگەن، بىزگە سۆزلەپ بەرگەنلىرىنىڭ بىر قىسمىدا مۇنداق دېگەن: «دەججال مەدىنىگە كىرىش ئۈچۈن، مەدىنىنىڭ شورلۇق بىر يېرىگە كېلىدۇ، ۋەھالەنكى دەججالغا مەدىينە كوچىلىرغا كىرىش ھارام قىلىنغان. ئاشۇ كۈنى دەججالنىڭ ئالدىغا كىشىلەرنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ياخشى بىر ئادەم چىقىپ: گۇۋاھلىق بېرىمەنكى، سەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزگە گېپىنى قىلىپ بەرگەن دەججالدۇرسەن، دەيدۇ. دەججال ئەگەشكۈچىلىرىگە: ئېيتىڭلارچۇ، مەن بۇ ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ، ئاندىن تىرىلدۈرسەم، بۇ ئىشتىن (ئىلاھلىقىمدىن) شەكلىنەمسىلەر؟ دېگەندە، ئۇلار: ياق، شەكلەنمەيمىز، دەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن دەججال ئۇ كىشىنى ئۆلتۈرۈپ، ئاندىن تىرىلدۈرىدۇ. ئۇنى تىرىلدۈرگەندە ئۇ كىشىيەنە: ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن دەججالنى بۈگۈنكىدەك ئوبدان تونۇپ باقمىغان، دەيدۇ. دەججال: مەن ئۇنى ئۆلتۈرىۋېتىمەن دېسەممۇ ئۆلتۈرەلمەيمەنغۇ؟ دەيدۇ».()
ھافىز ئىبنى ھەجەر مۇنداق دەيدۇ: "ئۆلتۈرۈپ، تىرىلدۈرۈش پەيغەمبەرلەرنىڭ كاتتا مۆجىزىلىرىدىن تۇرسا، ئىلاھلىق داۋاسى قىلىدىغان بىر كاززاپ ئۇنىڭغا قانداق ئېرىشىدۇ؟ جاۋاب: بۇ بەندىلەرنى سىناش ئۈچۈن بولىدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ قولىدا ئۇنىڭ قىلغان داۋاسىدا ھەقسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان، ئۇنىڭ يەكچەشمە ئىكەنلىكى، قوشۇمىشىغا "كاپىر" دەپيېزىقلىق ئىكەنلىكى، ئۇنى ھەر بىر مۇسۇلمان ئوقۇيالايدىغانلىقىدىن ئىبارەت پاكىتلار بار بولغاچقا، ئۇنىڭ داۋاسى كۇپۇرلۇق بەلگىسى، ئۆزىنىڭ ۋە قەدىر قىممىتىنىڭ كەمتۈكلۈكى بىلەن بىرلىكتە ئاقمايدۇ. شۇڭا ئىككىنچى قېتىم ئۆلتۈرەي دەپمۇ ئۆلتۈرەلمەيدۇ. ناۋادا ئۇ ئىلاھ بولغان بولسا، ئۇ خەتنى يۈزىدىن يوقىتىۋەتكەن بولاتتى. پەيغەمبەرلەرنىڭ مۆجىزىلىرى بولسا زىتلىقتىن خالىيدۇر".()
يەنە فاتىمە بىنتى قەيس رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلغان ئۇزۇن بىر ھەدىستە دەججالنىڭ ھايات ئىكەنلىكى، سولاپ قويۇلغان بولۇپ، كېيىن مەشرىق تەرەپتىن چىقىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.()
يەنە بىر ھەدىستە ئۇنىڭ خوراساندىن چىقىدىغانلىقى، ئىسفاھانلىق يەھۇدىيلاردىن يەتمىش مىڭى ئۇنىڭغا ئەگىشىدىغانلىقىنى بايان قىلىنغان.()
يەنە دەججالغا نۇرغۇن ئاياللار ئەگىشىدىغانلىقىمۇ بايان قىلىنغان.()
سەھىھۇ مۇسلىمدىكى بەزى ھەدىسلەردە دەججال مۇسۇلمانلار بىلەن رىملىقلار ئوتتۇرىدا يۈز بېرىدىغان چوڭ جەڭلەردىن كېيىن چىقىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. بۇ جەڭلەردە مۇسۇلمانلار ئولجا ئېلىپ غەنىيمەتلەرنى تەقسىم قىلىۋاتقاندا دەججال چىقتى دەپ خەۋەر كېلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.()
دەججال ئېلىپ كېلىدىغان پىتنىلەر ھەققىدە مۇنداق سەھىھ ھەدىسلەر بار:
رىبئىي ئىبنى ھىراش رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۇقبە ئىبنى ئەمرۇ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا: بىزگە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ئاڭلىغانلىرىڭنى ئېيتىپ بەرمەمسەن؟ دېۋىدى، ئۇ: مەن ئۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «دەججال چىققاندا ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئوت بىلەن سۇبولىدۇ. كىشىلەر ئوت دەپ قارىغىنى ئەمەلىيەتتە سوغۇق سۇدۇر. كىشىلەر سوغۇق سۇ دەپ قارىغىنى بولسا ئەمەلىيەتتە كۆيدۈرىدىغان ئوتتۇر. قايسىڭلار بۇ ئەھۋالغا يولۇقسا، ئوت دەپ قارىغاننى تاللىسۇن، چۈنكى ئۇ تاتلىق سوغۇق سۇدۇر».()
قەيس رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى: مۇغىيرە ئىبنى شۇئبە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ماڭا مۇنداق دېدى: ھېجكىم رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن دەججال ھەققىدە مەن سورىغاندەك كۆپ سوراپ باقمىغان، ئۇ مەندىن: «ئۇنىڭ ساڭا نېمە زىيىنى بار؟»دەپ سورىغانتى،مەن: كىشىلەر: ئۇنىڭ بىلەن بىللە تاغدەك نان، دەريادەك سۇ بار، دېيىشىۋاتىدۇ، دېسەم، رەسۇلۇللاھ: «ئۇ ئاللاھقا ئۇنچىلىك بولۇشتىنمۇ قەدىرسىزدۇر» دېدى.()
دەججالنىڭ پىتنىسىدىن تۆۋەندىكى ئىشلار بىلەن ساقلانغىلى بولىدۇ:
1. "كەھف" سۈرىسىنىڭ بېشىدىن ياكى ئاخىرىدىن ئون ئايەت يادلاش. ئەبۇ دەردائ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىمكى "كەھف" سۈرىسىىنىڭ بېشىدىن ئون ئايەت يادلىسا، دەججالدىن ساقلىنىپ قالىدۇ» يەنە بىر رىۋايەتتە: «كىمكى "كەھف" سۈرىسىىنىڭ ئاخىرىدىن ئون ئايەت يادلىسا، دەججالدىن ساقلىنىپ قالىدۇ» دېگەن.()
"بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئەسھابۇل كەھف ۋەقەلىكىدە نۇرغۇنلىغان ئاجايىب ئىشلار، مۆجىزىلەر بولغان. بۇلارنى ياخشى چۈشىنىپ ئاڭقىرىغان، مەزمۇنىنى ئۆزلەشتۈرگەن كىشى ئاگاھ بولۇپ، دەججال پىتنىسىدىن گاڭگىراپ قالماي، ئۇنىڭ پىتنىسىدىن ساقلىنالايدۇ."()
شۇڭا يەنە بىر ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «سىلەردىن كىمكى ئۇنىڭغا ئۇچراپ قالسا، ئۇنىڭغا كەھف سۈرىسىىنىڭ بېشىدىن ئون ئايەت ئوقۇسۇن» دېگەن.()
2. ئۇنىڭدىن نېرى تۇرۇش. ئۇممۇ شەرىيك رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىشىلەر دەججالدىن قېچىپ تاغلارغا كېتىشىدۇ» دېگەن. ئۇممۇ شەرىيك رەزىيەللاھۇ ئەنھا: ئۇنداق بولسا ئۇ كۈندە ئەرەبلەر قەيەردە؟ دەپ سورىغاندا رەسۇلۇللاھ: «ئۇلار بەك ئاز» دېگەن.()
3. مەككە بىلەن مەدىنىگە بېرىپ پاناھلىنىش. يۇقىرىدا دەججالنىڭ مەككە بىلەن مەدىنىگە كىرەلمەيدىغانلىقى ھەققىدىكى ھەدىسلەر بايان قىلىندى. يەنە مۇنداق كەلگەن:
ئەبۇ بەكرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «مەدىنىگە مەسىھ دەججالنىڭ قورقۇنچىسى كىرەلمەيدۇ، ئۇ كۈندە ئۇنىڭ يەتتە دەرۋازىسى بولىدۇ، ھەر بىر دەرۋازىدا ئىككى پەرىشتە قوغداپ تۇرىدۇ».()
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «مەدىنىنىڭ كىرىش ئېغىزلىرىدا مۇھاپىزەتچى پەرىشتىلەر بار، مەدىنىگە ۋابامۇ، دەججالمۇ كىرەلمەيدۇ».()
4. دەججالغا ئۇچرىغاندا ئۇنىڭغا: يالغان ئېيتتىڭ، رەببىم ئاللاھ! مەن ئۇنىڭغا تەۋەككۇل قىلدىم دېيىش. بۇنداق دېسە دەججال ئۇنىڭغا زىيان ئۇرالمايدۇ، ياكى پىتنە سالالمايدۇ. سەھىھ ھەدىستە شۇنداق كەلگەن.()
5. دەججال پىتنىسىدىن پاناھلىق تىلەپ تۇرۇش. يۇقىرىدا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ نامازدا: «مەسىھ دەججال سىنىقىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن سەندىن پاناھلىق تىلەيمەن» دەپ دۇئا قىلغانلىقى بايان قىلىندى.()
ئەلۋەتتە ئەقىلنىڭ ئىسلامدا ئالاھىدە ئورنى بار، بارلىق تەكلىپلەر ئەقىلگە باغلىق. لېكىن ئەقىل چەكلىك بولغاچقا غەيبىياتلارنى، شەرىئەت ئەھكاملىرىنىڭ تەپسىلاتلىرىنى ئەقىل ئۆزى يالغۇز بىلىپ بولالمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىپ كىتابلارنى نازىل قىلغان. ئۇنداق بولىدىكەن نۇرغۇن سەھىھ ھەدىسلەر بىلەن ئىسپاتلانغان دەججال ۋەقەلىكىنى ئىنكار قىلىش ياكى رەت قىلىش توغرا يولدىن چەتنەپ كەتكەنلىك بولىدۇ.
شەيخ مۇھەممەد ئەبدۇھ دەججالنى ئىنكار قىلغان.ئۇنىڭشاگىرتى رەشىدى رىزامۇ دەججال ھەققىدىكى بەزى ھەدىسلەردىنشەكلەنگەن.()ھەدىسنى ئىنكار قىلىدىغان قۇرئانچىلار تائىپىسىمۇ دەججال قۇرئاندا تىلغا ئېلىنمىغان دەپ رەت قىلغان.
ئەمەلىيەتتە دەججال ھەققىدە كەلگەن ھەدىسلەر مۇتاۋاتىر دەرىجىسىگە يېتىدۇ. يەتمەيدۇ دېگەن تەقدىردىمۇ سەھىھەيندىكى نۇرغۇن ھەدىسلەر بۇنىڭغا ئىشىنىشكە كۇپايە قىلىدۇ. بۇ ھەدىسلەر دەججالىنىڭ قانداق مەخلۇق ئىكەنلىكى، سۈپەتلىرى، چىقىش ئورنى ۋە ۋاقتى، قولىدىن كېلىدىغان ئاجايىب-غارايىپلار ھەققىدە بىر-بىرىگە زىت ئەمەس. شۇڭا ئەقىلگە زىت كېلىدۇ دەپ ياكى قۇرئاندا ئېنىق بايان قىلىنمىغان دەپ دەججال ۋەقەسىنى رەت قىلىشنادانلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
دەججالنىڭ ھالاكىتى توغرىسىدىكى ھەدىسلەر ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانى ئاخىردا چۈشىشى توغرىسىدىكى ھەدىسلەر بىلەن زىچ باغلانغان، چۈنكى دەججال ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قولىدا ئۆلتۈرۈلىدۇ.()
دېمەك، بۇ ئىككى مەسىلە ئەھلى سۈننە ئېتىقادى بويىچە ئىمان ئېيتىش كېرەك بولغان مەسىلىلەرنىڭ بىرىدۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە غەيبكە ئىشىنىش مۆمىنلەرنىڭ ئالاھىدە سۈپىتىدۇر.
ۋەللاھۇ ئەئلەم.
پەتىۋادا: دوكتور ئابدۇل ئەزىز رەھمەتۇللاھ.
___________________________________________
)لىسانۇل ئەرەب 13/543-544 شەرھى مۇسلىم-نەۋەۋىي 1/79 ئۇمدەتۇل قارىي 2/94.
()"ئەنئام" سۈرىسى 158-ئايەت.
()"ئەنئام" سۈرىسى 158-ئايەت.
()سەھىھۇل بۇخارىي 7121-ھەدىس.
()بۇ ئۇلاغ "نەمل" سۈرىسى 82-ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، ئىمام ئىبنى كەسىير  مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ئۇلاغ زامانى ئاخىردا ئىنسانلار بۇزۇلۇپ ئاللاھنىڭ ئەمرىنى تاشلىۋەتكەن، ھەق دىننى ئۆزگەرتىۋەتكەن چاغدا چىقىدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا  زېمىندىن بىر ئۇلاغ چىقىرىدۇ، ئۇلاغ ئۇلارغا سۆز قىلىدۇ". تەپسىرى ئىبنى كەسىير 3/375.
()سەھىھۇ مۇسلىم 158-ھەدىس.
()سەھىھۇل بۇخارىي 1053-ھەدىس.
()سەھىھەين: بۇخارىي 6368-ھەدىس. مۇسلىم 589-ھەدىس.
()سەھىھەين: بۇخارىي 6999-ھەدىس. مۇسلىم 169-ھەدىس.
()سەھىھەين: بۇخارىي 7129-ھەدىس. مۇسلىم 587-ھەدىس.
()سەھىھەين: بۇخارىي 3239-ھەدىس. مۇسلىم 165-ھەدىس.
()سەھىھەين: بۇخارىي 4402-ھەدىس. مۇسلىم 169-ھەدىس.
()مۇسنەدى ئەھمەد 21184-ھەدىس. ئالبانىي "سەھىھ" دېگەن. سىلسىلە سەھىھە 1863-ھەدىس.
()سەھىھەين: بۇخارىي 7131-ھەدىس. مۇسلىم 2933-ھەدىس.
()سەھىھۇ مۇسلىم 169-ھەدىس.
()سەھىھۇ مۇسلىم 2927.
()سەھىھۇل بۇخارىي 1881-ھەدىس.
()سەھىھۇل بۇخارىي 1882-ھەدىس.
()فەتھۇل بارىي 13/103.
()سەھىھۇ مۇسلىم 2942-ھەدىس.
()سەھىھۇ مۇسلىم 2944-ھەدىس.
()مۇسنەدى ئەھمەد 5353-ھەدىس.ئالبانىي: "ئىسنادى ھەسەن" دېگەن.
()سەھىھۇ مۇسلىم 2898-2899-2900-2920-ھەدىسلەرگە قارالسۇن.
()سەھىھۇل بۇخارىي 3450-3451-ھەدىس.
()سەھىھۇل بۇخارىي 7122-ھەدىس.
()سەھىھۇ مۇسلىم 809-ھەدىس.
()شەرھى سەھىھى مۇسلىم-نەۋەۋىي6/93.
()سەھىھۇ مۇسلىم 2937-ھەدىس.
()سەھىھۇ مۇسلىم 2945-ھەدىس.
()سەھىھۇل بۇخارىي 1879-ھەدىس.
()سەھىھەين: بۇخارىي 1880-ھەدىس. مۇسلىم 1379-ھەدىس.
()مۇسنەدى ئەھمەد 16304. ئالبانىي سىلسىلە سەھىھەدە "سەھىھ" دېگەن. 2808-ھەدىس.
()سەھىھەين: بۇخارىي 6368-ھەدىس. مۇسلىم 589-ھەدىس.
()تەپسىرى مەنار 3/317،9/408-416.
()سەھىھۇ مۇسلىم 2937-ھەدىسكە قارالسۇن

biotech0990 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-13 23:06:39

oguzhan يوللانغان ۋاقتى 2014-10-13 23:25:07

يۇقىردىكى رەسىمدىكىلەر بولسا نۇر تەشكىلاتىنىڭ»光明会«بەلگىسى بولۇپ ،ئۇلارنىڭ ئاساسلىق بەلگىسى بىر كۆز بىلەن ئۈچ بۇرجەك ، ئۇلار شەيتان دىنى،يەنى شەيتانىزىم دەپمۇ ئاتىلىدۇ، نۇر تەشكىلاتىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى دۇنيادىكى ھەممە دىننى يوق قىلىپ  ،كىشلەرنى پەقەت ئۆزىگىلا ئىتقاد قىلدۇرۇش ،ھازىر دۇنيادا مۇسۇلمانلارنىڭ سانى ئەڭ كۆپ ،شۇڭا ئىسلام دىنى بۇلارنىڭ  بىرىنجى نىشانى بۇلۇپ قالغان …
   مۇھەممەد سەللاھۇ ئەللەھى ۋەسسەللەم دەججالنىڭ بىر كۆزى بار دەپ بىشارەت بەرگەن ،قارساق بۇلارنىڭمۇ بەلگىسى بىر تال كۆز،لىكىن بۇ شۇ دەججالمۇ ئەمەسمۇ؟ بۇنى ئاللاھ بىلىدۇ.  بىز مۇسۇلمانلار ھەر ھالدا دىققەت قىلغىنىمىز تۈزۈك .

mustapa يوللانغان ۋاقتى 2014-10-14 00:02:23

   دەججال ئاشۇ بىر كۆزلۈك رەسىمدىكىلەر بولسا ئۇ چاغدا ئۇنى ھەممە ئادەم بىلىۋالغان بولىدۇ .

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-14 00:22:10

ئالىمىيەت مەزھىپىنىڭ بەلگىسىكەن

salam101 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-14 00:24:02

مەن بۇ تەشكىلاتنى دەججال دەپ چۈشىنىمەن ئاۋۇ يالغۇز كۆزنى بۇلار تەڭرىنىڭ كۆزى دەپ ئاتايدىكەن . تەڭرى يەكچەشمە بولمىسا يا [بۇنداق دىسەم باشقىچە ئويلاپ قالاڭلا ] ھوللىۋەتنىڭ يۈزدە 90% كىنوسىدا مۇشۇ كۆز بار بۇلار بىر ئىشنى بىشارەت قىلۋاتامدۇ بۇنى بىر ئاللاھ بىلگۈسى

sardar8 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-14 00:44:13

تىلفۇنمۇ يېقىن كىلىدىكەنغۇ  بىر كۆزلۈك  ھەرقانداق نەغمە ناۋا چىقىدۇ دۇنيانىڭ ھەرقانداق يىرىنى كۆرگىلى بۇلىدۇ

salam101 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-14 01:09:03

天使与魔鬼http://image.baidu.com/i?ct=503316480&z=&tn=baiduimagedetail&ipn=d&word=%E5%85%89%E6%98%8E%E4%BC%9A%E4%B8%8E%E7%94%B5%E5%BD%B1&step_word=&ie=utf-8&in=1961&cl=2&lm=-1&st=-1&cs=2003901610,3264744286&os=1748690978,861807301&pn=208&rn=1&di=211476136531&ln=1991&fr=&&fmq=1413226867281_R&ic=0&s=&se=1&sme=0&tab=&width=&height=&face=0&is=&istype=2&ist=&jit=&objurl=http%3A%2F%2Felle.com.tw%2Fvar%2Felletw%2Fstorage%2Fimages%2Fentertainment%2Fspecial_report2%2Fshowtime_weekly_angels_demons%2Fnode_704987%2F1942249-1-chi-TW%2F_1_dossier_image.jpg&adpicid=0#pn=208&spn=0&di=211476136531&adpicid=0&objurl=http%3A%2F%2Felle.com.tw%2Fvar%2Felletw%2Fstorage%2Fimages%2Fentertainment%2Fspecial_report2%2Fshowtime_weekly_angels_demons%2Fnode_704987%2F1942249-1-chi-TW%2F_1_dossier_image.jpg&fromurl=ippr_z2C%24qAzdH3FAzdH3Fjssj_z%26e3Bv54_z%26e3BpoAzdH3Fjgpj6pwtg4jgpAzdH3Fujwp76jfAzdH3Ffi5opt4j_ojjhsy_Ag2jsf_Dj45gf&W=250&H=333&S=28&TP=jpg

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-10-14 01:35:38

قىززىق پاراڭلار چىقىۋاتىدۇ....

aLKaMaL1 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-14 08:03:28

دەججال چىققاندا ئۇنىڭغا 70 مىڭ يەھۇدى ئەگىشىدۇ،
ئەيسا ئەلەيھىسالام ئاسماندىن مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ ئۈممىتى قاتارىدا چۈشۈپ دەججالنى ئۆلتۈردۇ، چوشقىلارنى ئۆلتۈردۇ.

alpbeg يوللانغان ۋاقتى 2014-10-14 09:26:22

sardar8 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-14 00:44 static/image/common/back.gif
تىلفۇنمۇ يېقىن كىلىدىكەنغۇ  بىر كۆزلۈك  ھەرقانداق نەغم ...

ئۇنداق دەپ كېسىپ ئېيتىۋەتمەڭ! سىز تېلېفوننىڭ ياخشى تەرەپلىرىدىن پايدىلىنالىسىڭىز بۇمۇ ياخشى بويۇم، پايدىلىناممىسڭىز بۇ ناھايتى ئەسكى بويۇم. گەپ كىمنىڭ قانداق پايدىلىنالىشىغا باغلىق.

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2014-10-14 09:31:00

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sahabe تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-14 10:02  

   ھازىرقى زامان ھۈجەيرە بىئولوگىيىسى تەتقىيقاتىدىكى ئەڭ كۆزگە كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان كىلون تەتقىيقاتىنىڭ مەخپىي ئېلىپ بېرلىۋاتقان قىسمىمۇ دەل ئادەم كىلونلاش بولۇپ،بۇنىڭ  مەخپىي قىلىنىشى غەرپتىكى دىنىي جەمىيەتلەر ئادەم كىلونلاشقا قارشى تۇرۇپ، پارلامىنتقا بېسىم ئىشلىتىپ مەخسۇس مۇشۇ ھەقتە قانۇن لاھىيىسى يولغا قويدۇرغانلىغى سەۋەبىدىن ئىكەنلىكىنى بىر ماتىريالدىن كۆرگىنىم ئېسىمدە. بەزى شۇنداق ئويلاپ قالىمەن، ئەگەر ئەشۇ مەخپىي تەتقىيقاتلار نەتىجىلىك بولۇپ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆلگەن ئادەمنىڭ بىرەر تال چېچى ياكى تىرنىقىنى كىلونلاپ يېڭى تۆرەلمە ھاسىل قىلىپ،بۇنى مەخسۇس سۈنئىي بالياتقۇ ئىچىدە تېز سۈرئەتتە يېتىلدۈرۈش ئەمەلگە ئېشىپ قالغىدەك بولسا، ھېلىقى تەتقىيقاتنىڭ ئەڭ يادرولۇق ئالىمى قوپۇپ «مانا مەن ئۆلۈكنى تىرىلدۈردۈم » دەپ جاكارلىسا، ئاندىن ھەددىدىن ئېشىپ ئۆز ئىمكانى يەتكەنلا تېخنىكىلىرىدىن پايدىلىنىپ دۇنيانى سوراش غەرىزىگە كەپ قالسا، دەل شۇ ئەبلەخ دەججال شۇ  بوپ قالارمۇ ...
     بۈگۈن قارايدىغان بولساق غول ھۈجەيرە تەتقىيقاتچىلىرى چاشقان تېنىدە ئادەم قۇلىقىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك يېتىشتۈردى،يەنە داۋاملىق ھالدا ئادەمنىڭ بارلىق ئورگانىزىملىرىنى سۈنئىي يېتىشتۈرۈشكە كۈچەۋاتىدۇ .ئەگەر بۇ نەتىجىلەر تىببىي داۋالاشتا قوللىنىلسىغۇ مەيلى، لىكىن راستىنلا ئادەم تېنىنى تولۇق كىلونلاپ چىقالىسا، كىشىلەرنىڭ كۆپۈنچىسى بۇ ئىشنى كۆرۈپ «پەن تېخنىكا تەرەققىي قىلسىلا ئىنسان قىلالمايدىغان ھەچ ئىش يوق ئىكەن» دەپ قېلىشى ئېنىقلا. بۇنىڭ بىلەن ھېلىقى تەتقىيقاتچىلارنىڭ بەزىسى تەكەببۇرلۇقتىن ھەددىدىن ئېشىپ ھەر نىمىلەرنى دىمەيدۇ دىگىلى بولمايدۇ.
    بىز تازا زەن سېلىپ كىلون تېخنىكىسىنىڭ ئەڭ نېگىزلىك يېرىنى كۈزىتىدىغان بولساق، ئەمەلىيەتتە كىلونلىغۇچى كىلونلانغان نەرسىنى ياسىغان بولماستىن بەلكى ئۇنىڭ يېتىلىش شەرت-شارائىتىنى باشقىچە يۇسۇندا ھازىرلاپ بەرگۈچىدۇر. مىسال ئالساق دىھقانلىرىمىز ئىچىدىمۇ «ئۆسۈملۈك كىلونلاپ» باققانلا نۇرغۇن، يەنى ئەلا سورتلۇق مىۋىلىك دەرەخ بىخى ياكى نۆتىسىنى ئۆز تۈرىدىكى ياكى باشقا يېقىنراق تۈردىكى دەرەخ تېنىگە كۆچۈرۈپ، ھېلىقى كىچىككىنە بىختىن چوڭ بىر مۇكەممەل دەرەخنى يېتىلدۈرىدىغان ئىشلار كۆپ. بۇ جەرياندا ئاۋۇ ئۇلاقچى دىھقان تېخنىك پەقەت بىخ بىلەن ئانا تەننىڭ بىر گەۋدىلىشىشىگە ئەڭ پايدىلىق بولغان ماددىي شارائىتنى ھازىرلاپ قويىدۇ-خالاس، ئەمما بىخ ھۈجەيرىسى ئىچىگە يوشۇرۇنغان ئىرسىيەت گىنلىرىنىڭ كونتىروللۇغى ئاستىدىكى ئېلىپ بېرىلىدىغان بىخنىڭ ھۈجەيرە بۆلۈنۈش، ئوزۇقلۇق سۈمۈرۈپ زورىيىش، دىففىرىنسىيىلىنىش(شاخ-يوپۇرماقلار چىقىش) جەريانىنى تېخنىك ئۆز قولى بىلەن ئېلىپ بېرىشقا ، ھىچقانداق ياردەم بېرىشكە قادىر بولالمايدۇ. يۇقارقى ئاجايىپ مۇرەككەپ جەريانلار گىن كونتىروللۇغىدا «ئاپتوماتىك» يۇسۇندا تاماملىنىدۇ، ئەگەر شۇ دىھقان تېخنىك ھېلىقى بىختىن يېتىلگەن يېڭى دەرەخ تېنىنى مەن ياساپ چىقتىم دەپ دەۋا قىلسا، خەلقى ئالەم ئالدىدا مەسخىرىگە قېلىشى ئېنىقلا گەپ.
    ھايۋان ياكى ئادەم تېنىدىكى ئەزالارنى كىلونلاش جەريانىمۇ پىرىنسىپ جەھەتتە يۇقارقىغا ئوخشاش، ئەمما ئۇنىڭ جەريانى ۋە ئۇنىڭغا كېتەرلىك شارائىتلار كۆپ مۇرەككەپ،  ئانا تەندىكى ئىممۇنىت ھۈجەيرىلىرىنىڭ كۆچۈرۈلگەن تەنچىنى يەكلەش قاتارلىق كۆپلىگەن قىيىن ئۆتكەللەر مەۋجۇت. مەيلى قانداقلا بولمىسۇن كىلون تەنچىسىنىڭ يېتىلىش جەريەنىدىكى ئېلىكتىرونلۇق مىكروسكوپ ئاستىدىلا كۆرگىلى بولىدىغان دەرىجىدىن تاشقىرى مۇرەككەپ جەريانلار ۋە بۇ جەريانلاردا ئېلىپ بېرىلىدىغان تۈمەنمىڭ خىل تەرتىپلىك بىئو-خىمىيىلىك ئۆزگىرىشلەرنىڭ  جەريانىغا ھېلىقى كىلونچى تېخنىكلار قاتنىشىشقا قادىر بولالمايدۇ ۋە شۇنداقلا بۇ جەرياننى ئۆز قولى بىلەن يۈرگۈزۈشكە ۋە ئۇنى كونتىرول قىلىشقا تېخىمۇ قادىر بولالمايدۇ . ئۇلارنىڭچە بۇ مۇرەككەپ يېتىلىش جەريانى «تەبىئەتنىڭ قانۇنى» بويىچە «ئۆزلۈگىدىن» تاماملىنىدۇ(ھەييي...نەدىمۇ شۇنداق مۇرەككەپ تەرتىپلىك جەريان ئىستىخىيلىك ھالدا ئۆزلۈگىدىن ئورۇنلانسۇن؟! ئەلۋەتتە پەردە ئارقىسىدا بۇنى مۇكەممەل قىلالىغۇچى بار!). ئۇلار بارچە تىرىشچانلىقىنى ئىشقا سېلىپ ھازىرلىغان بېرىكتۈرۈش ۋە يېتىلدۈرۈش شارائىتىدىن مۇشۇنداق يېڭى تەنچىنىڭ يېتىلگەنلىكىنى كۆرۈپ، بۇ مۇۋەپپىقىيىتى ئالدىدا كۆرەڭلەپ ،«پالانى جانلىقنى سۈنئىي يېتىلدۈردۈم»-دەپ قېلىشى ئېھتىمالى ناھايتى يېقىن ۋە ھالەنكى،بۇ يېتىلىش جەريانى ئەشۇ كۆچۈرۈلگەن تەنچە ھۈجەيرىسىدىكى گىننىڭ كونتىروللۇقىدا ئېلىپ بېرىلغان، ئۇنداقتا ئۇ مۇرەككەپ گىن پىروگراممىسىنى كىم تۈزۈپDNAئىچىگە قاچىلاپ قويغان؟ ئۇ بۇلارنى ئېتىبارغا ئېلىپ يۈرمەي بىلجىرلايدۇ.  .ئەمما يارقىن تەپەككۇر ئىگىلىرى بۇنداق ئىش ئالدىدا ھەرگىز ھېلىقى كىلونچىنىڭ «بۇنى مەن ياسىدىم» ياكى «بۇنى مەن تىرىلدۈردۈم» دىگەن گېپىگە ئىشىنىپ يۈرمەيدۇ، بەلكى يۈرەكلىك ھالدا :«سەۋەبىنى سەن قىلدىڭ، ئەمما يارىتىشنى بولسا سېنىڭ ۋە مېنىڭ رەببىم ئۆز قولى بىلەن قىلدى!» دەپ جاكارلىيالايدۇ.

gldingwash يوللانغان ۋاقتى 2014-10-14 09:37:55

دەججال چىققاندا ئۇنىڭغا 70 مىڭ يەھۇدى ئەگىشىدۇ،
ئەيسا ئەلەيھىسالام ئاسماندىن مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ ئۈممىتى قاتارىدا چۈشۈپ دەججالنى ئۆلتۈردۇ، چوشقىلارنى ئۆلتۈردۇ.
چوشقا ئۆلتۈرۈش ساۋاب ئىشمۇ؟ بىزمۇ ھازىر چوشقا ئۆلتۈرسەك بولامدۇ؟ گەرچە يېمىسەكمۇ ئۆلتۈرۈپ تاشلىۋەتسەك، ياكى يەيدىغانلارغا بەرسەك؟:lol

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2014-10-14 09:57:32

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sahabe تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-14 10:05  

gldingwash يوللىغان ۋاقتى  2014-10-14 09:37 static/image/common/back.gif
چوشقا ئۆلتۈرۈش ساۋاب ئىشمۇ؟ بىزمۇ ھازىر چوشقا ئۆلتۈرس ...

   ئۇنداق قىلسىڭىز خەقلەر سىزنى ناھايتى ئاسانلا «تېرورچى» قىپ قويىدۇ! :D شۇڭا ئەڭ ياخشىسى ماددىي چوشقىنى ئۆلتۈرۈشكە كۈچەپ يۈرمەي، چوشقىنى ھالال ساناشتەك «مەنىۋىي چوشقا»نى «ئۆلتۈرۈش»كە زېھنىڭىزنى سەرپ ئېتىڭ!

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-10-14 10:11:51

بېشىڭلارنى كۆتۈرۈپ قاراڭلار، مۇنبەرنىڭ پىشانىسىدىلا بىر كۆز تۇرىدۇ.:lol

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-10-14 10:23:35

salam101 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-14 00:24 static/image/common/back.gif
مەن بۇ تەشكىلاتنى دەججال دەپ چۈشىنىمەن ئاۋۇ يالغۇز كۆز ...

بىر چاغلاردا، بىر رەسىم كۆرگەن ئىدىم،   ئۇ بىر پىرامىدا شەكىللىك بىر رەسىم بولۇپ، ئەڭ ئۈستىدا مۇ قۇرۇقلىقى( مەدىنىيىتى)، ئاستىدىلا ئۇيغۇر دەپ يېزىقلىق ...
شۇ رەسىمگە قاراپ، بۇ تەشكىلاتنىڭ ناھايىتى سىرلىقلىقىنى، تارىخىنىڭ ئۇزۇنلىقىنى  ھىس قىلغان ئىدىم .
بەت: [1] 2 3 4 5 6 7 8 9 10
: دەججال توغىرسىدا نىمە گەپلەر بار؟