ftp يوللانغان ۋاقتى 2014-10-13 20:52:59

ئىسرائىلىيە ئىراننىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان تەھدىتى ئاستىدا قالدى


«ۋاشىنگېتون پوچتا گېزىتى »نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىراننىڭ كۆپ مىقداردىكى ئامېرىكا نۇسخىسىدىكى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئىشلەپچىقارغانلىقى ئىسرائىلىيەنى ئەندىشىگە سېلىپ قويغان ،ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ مۇتەخەسىسلىرى :« ئىران ئۇچقۇچىسىز جەڭ ئايروپىلانى ياساش تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ ،بۇ ئايروپىلان ۋەھىمىلىك بىئوخىمىيە خەتىرى پەيدا قىلىشى مۇمكىن »دېيىشكەن .

بىئو خىمىيەلىك ھۇجۇمدىن ساقلىنىش تەس

ئىسرائىلىيەدە چىقىدىغان «خائارىز گېزىتى »نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ،ئىران دۆلەت مۇداپىيە مېنىستىرلىقىدىكى بىر خادىم يېقىندا مۇنداق دېگەن :«ئىران ھازىر ئۇچۇش مۇساپىسى 1000 كىلومېتىرغا يىتىدىغان يېڭى تىپتىكى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ياساۋاتىدۇ ،بۇ ئىراننىڭ ھەربىي سانائەتتە ئېرىشكەن بىر تۈرلۈك نەتىجىسى ھىسابلىنىدۇ ».ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بۇ ئۇچۇرغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىۋاتقان بولۇپ ،ئەگەر ئىران بۇ تىپتىكى ئايروپىلاننى رازۋىدكا ئايروپىلانى ئورنىدا ئىشلەتسە ،ئىراننىڭ ئىستىراتىگىيەلىك رازۋىدكا ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئاشىدىكەن .ھەممىدىن مۇھىم بولغىنى شۇكى ،ئۇ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانغا يەر شارى ئورۇن بەلگىلەش سېستىمىسى ئورنىتىلغان بولۇپ ،قۇرۇقلۇققا ھۇجۇم قىلىدىغان ئوق -دورا قاتارلىق تېخىمۇ كۆپ ۋە ئېغىر تىپتىكى قوراللارنى قاچىلىغىلى بولىدىكەن .ئەلۋەتتە بۇ ئىراننىڭ يىراقتىن زەربە بېرىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدىكەن .ئىسرائىلىيە مۇتەخەسىسلىرى مۇنداق دېدى :«ئەگەر ئىران بۇ خىل ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئارقىلىق بىئولوگىيەلىك ياكى خىمىيەلىك قوراللارنى ئىسرائىلىيەنىڭ ھاۋا دائىرىسىگە ئېلىپ كىرىپ تۇيۇقسىز ھۇجۇم قوزغىسا ،ئۇنىڭ ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس ».

بىئوخىمىيەلىك قورال ماتىرياللىرى تەييار بولدى

«ۋاشىنگېتون پوچتا گېزىتى »نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ،ئىسرائىلىيە ئىراننىڭ قىرغىنچىلىقى زور بىئوخىمىيەلىك قوراللارغا ئىگە ئىكەنلىكىگە شەكسىز ئىشىنىدىكەن.

ئىران ھۆكۈمىتى بىئوخىمىيەلىك قورال ئىشلىتىشكە ئاشكارە قارشى تۇرغان بولسىمۇ ،لېكىن دۆلەت مۇداپىيە ئېھتىياجىنى باھانە قىلىپ ،سېېي گازى ،مۇستارد گازى ،سىئانىدلار ۋە فوسگىن گازى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم خىمىيەلىك ماددىلارنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان .ئىران ھۆكۈمىتى نەچچە يىل ئىلگىرىدا مەخپىي ھالدا بىئوخىمىيەلىك قورال ياساشقا كىرىشكەن بولۇپ بىئو خىمىيەلىك قورال زاۋۇتلىرى ۋە ئالاقىدار تەتقىقات ئورۇنلىرىدا 11مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئىشلەيدىكەن .ئىران ھازىر كۆيدۈرگەن ،چېچەك كېسىلى ۋىروسى ۋە كېزىك كېسىلى ۋىروسى قاتارلىق بىئولوگىيەلىك قوراللارغا ئىگە .ئىسرائىلىيە ئەمەلدارلىرى مۇنداق دېدى :«تېخىمۇ قورقۇنۇچلىقى شۇكى ،ئىران بىئوخىمىيەلىك قورالنى ئېلىپ يۈرەلەيدىغان زەمبىرەك ئوقى ۋە باشقۇرۇلدىغان بومبا ياساپ چىققان ».

«خائارىز گېزىتى »نىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى :يېڭى تىپتىكى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى ئوڭۇشلۇق تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىش ئىراننىڭ بىئوخىمىيەلىك قورال تەتقىقاتىنى ھەدەپ كۈچەيىتتى .ئىسرائىلىيە پەخىرلىنىدىغان ھاۋا مۇداپىيە سېستىمىسى ۋاقتى كەلگەندە رولىنى جارى قىلدۇرالماسلىقى مۇمكىن .

قاچا چېقىلىپ كېتەرمىكىن دەپ ،چاشقانغا تېگەلمەسلىك

«ۋاشىنگېتون پوچتا گېزىتى »نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ،ئەگەر ئىراننىڭ ئۇچقۇچىسىز جەڭ ئايروپىلانى ئىسرائىلىيەنىڭ ھاۋا مۇداپىيە سېستىمىسىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ ،ئىسرائىلىيە ھاۋا بوشلۇقىغا كىرسە ئىسرائىلىيە «قاچا چېقىلىپ كېتەرمىكىن دەپ ،چاشقانغا تەگمەسلىك »تەك ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدىكەن .ئىسرائىلىيەنىڭ ھاۋا مۇداپىيە قوراللىرى گەرچە بۇ تىپتىكى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى ئېتىپ چۈشۈرۋېتەلەيدىغان بولسىمۇ ،مۇئەييەن دەرىجىدە خەۋىپكە ئۇچرايدىكەن .ئەگەر ئىراننىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرىغا بىئوخىمىيەلىك ئوق بېشى بار باشقۇرۇلدىغان بومبا ئورنىتىلغان بولسا ،ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى ئېتىپ چۈشۈرگەندە باشقۇرۇلدىغان بومبىغا تەسىر كۆرسىتەلمەسلىكى مۇمكىن .

ئەمما ئىران باشقۇرۇلدىغان بومبىغا قوزغىتىش قۇرۇلمىسى ئورنىتىپ ،ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ھاۋا مۇداپىيە قوراللىرى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى ئېتىپ چۈشۈرگەن ھامان بىئوخىمىيەلىك ئوق بېشىنى پارتىلتىۋېتىشى مۇمكىن .

خەۋەر قىلىنىشچە ،ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ھازىر تاقابىل تۇرۇش تەدبىرى ئۈستىدە ئىزدىنىۋېتىپتۇ ،قوللىنىشقا بولىدىغان لاھىيە شۇكى ،قارشى تەرەپنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنى ۋەيران قىلىۋەتمىگەن ئاساستا ئۇنى تىزگىنلەپ ،بىخەتەر قونۇشقا مەجبۇرلاش ،بىراق بۇنداق تېخنىكىنى كەشىپ قىلىش بىر قەدەر قىيىن بولۇپ ،قىسقا ۋاقىتتا قوللىنىش ۋە ئوموملاشتۇرۇش تەسكە توختايدىكەن .شۇڭا ئىسرائىلىيە ھەربىي مۇتەخەسىسلىرى «ئىسرائىلىيە ئىراننىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان تەھدىتى ئاستىدا قالدى »دەپ قارىماقتا.
مەنبە : http://intl.bagdax.cn/2014/1013/4854.html

kosan يوللانغان ۋاقتى 2014-10-13 22:08:19

بىرسى ئۇنى دەپ بىرسى بۇنى دەپ ئۆتمەكتە بۇ كۈنلەر...

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-10-13 22:16:00

ئانچە - مۇنچە

rock يوللانغان ۋاقتى 2014-10-13 22:33:07

ھەممىدىن مۇھىم بولغىنى شۇكى ،ئۇ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانغا يەر شارى ئورۇن بەلگىلەش سېستىمىسى ئورنىتىلغان بولۇپ ،قۇرۇقلۇققا ھۇجۇم قىلىدىغان ئوق -دورا قاتارلىق تېخىمۇ كۆپ ۋە ئېغىر تىپتىكى قوراللارنى قاچىلىغىلى بولىدىكەن .
ئەبەي پۇرايدىغان گەپكىنا ماۋۇ.

mustapa يوللانغان ۋاقتى 2014-10-13 23:58:59

    ئەرەپلەرنى قورقۇتۇپ جېنىنى ئالاي دەپتۇدە ئىسرائىل ....

aLKaMaL1 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-14 08:05:35

ئىشقىلىپ ئىسرائىلىيەگە بىر كۈچ بولسىمۇ تەھدىد پەيدا قىلغاچ تۇرسۇن

turkzad يوللانغان ۋاقتى 2014-10-14 09:06:50

قاچا چېقىلىپ كېتەرمىكىن دەپ ،چاشقانغا تەگمەسلىك...

بۇ ماقال-تەمسىلنىڭ مەنىسىنى نىمىدۇ؟

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-10-14 09:17:10

بۇ بەلكىم ھەقىقى ئەھۋال ئەمەس، ھەقىقى ئەھۋالمۇ مۇھىم ئەمەس.

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-10-14 09:32:21

ئوتتۇرا شەرق ئاتۇم بومبىسنىڭ تەھدىدە قالسا ھىچ گەپ يۇق؟ :lol
ئۆچكىنىڭ كۈندە  ئېچىلىپ تۇرسا ھىچ گەپ يوق،
قوينىڭ ئازراق ئېچىلىپ قالسا ھۇيت-ھۇيت ما ؟ {:90:}
ئىسرائىلىيىنىڭ ئاتۇم قۇرالىنى يوقۇتىمىز ( ياكى ئوتتۇرا شەرقنى يادرو قۇرالىدىن مۇستەسنا قىلىمىز )دەپ بىرەر دۆلەت زۇۋان سۈرۈپ قويمايدىكىنە؟

asalam يوللانغان ۋاقتى 2014-10-14 09:41:55

شۇنى دەيمەن ، ئىران بىلەن چاۋشەن بىلەنلا قالىدىكەن بۇ خەق ، ئىلگىرىمۇ ئېراقنى يادرونى باھانە قىلىپ يىغىشتۇردى . ئەجىبا ئامېرىكا ، روسىيە ، ئىسرائىل يەنە ياۋروپا دۆلەتلىرى يېقىن كەلمەمدىغاندۇ بۇ يادرو، ئاتوم دىگەن نىمىلەرگە ؟
يەرشارىنى ھامماچىسىنىڭ بىرنىمىسىدەك باشقۇرىمەن دېيىشلىرى بۇ خۇمسىلىنىڭ

esir يوللانغان ۋاقتى 2014-10-14 10:20:32

ئىسرائىلنىڭ يېڭى قورال تەتقىق قىلغۇسى ياكى كۈچ ئورۇنلاشتۇرغۇسى.. ئىشقىلىپ بىر نېمە قىلغۇسى كەپقالغان گەپمىكىن. بىر باھانە تېپىش كېرەك- تە:lol

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-10-14 11:11:14

ئۇ رايوندا ئىسائىللاردىن باشقىلېرى كۆسەيدىن تەرەققى قىلمىسۇن، بۇ زىمىنغا مەڭگۈلۈك غۇجا ئاكا بۇلاي دىگىنى ئىكەن...

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-14 20:12:56

كۈرۈلدى

ezimet7102 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-14 21:03:00

ئىسرائىلىيەنى ئەندىشىگە سالىدىغان يېرى، ئېراننىڭ ھەربى ئىقتىدارى ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ۋجۇدقا چىققان.

kurax007 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-14 21:23:43

بۇلار غەرىپنىڭ قانداق چىشىغا تىگىپ قويغاندۇ ، ئوباما بىلەن نىتانىياخۇ كىلسەلمەي قالدى ، ئەنگىليە پەلەستىننى  ئىتراپ قىلدى .

alip يوللانغان ۋاقتى 2014-10-14 21:26:28

rock يوللىغان ۋاقتى  2014-10-13 22:33 static/image/common/back.gif
ھەممىدىن مۇھىم بولغىنى شۇكى ،ئۇ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ...

شۇ ئەمەسمۇ، يەر شارى ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسى بولمىسا مىڭ كىلومېتىرغا ئۇچقۇچىسىز قانداق ئۇچىدۇ. 300 سوملۇق تاغتۇرا يانفوندىمۇ بار تۇرسا GPS دىگەن.

mustapa يوللانغان ۋاقتى 2014-10-14 21:40:36

   ئېراننىڭ يادرو تېخنىكىسىنى روسلار بەرگەن . روسلار رۇخسەت قىلمىغان ئەھۋالدا ئېران خالىغانچە ئىش قىلالمايدۇ .

281151976ar يوللانغان ۋاقتى 2014-10-15 17:41:11

ئەمدى نوۋەت ئىرانغا كەلمىگەندۇ؟

orkexjan يوللانغان ۋاقتى 2014-10-15 20:30:17

281151976ar يوللىغان ۋاقتى  2014-10-15 17:41 static/image/common/back.gif
ئەمدى نوۋەت ئىرانغا كەلمىگەندۇ؟

ئامېركا بىلەن ئىسرائىلىيە ئىراننى يۇقاتماسمىكىن .بولمىسا سۇننىي ئەرەپ دۆلەتلىرى ئامېركىنىڭ گىپىنى ئاڭلىمايدۇ ...:(

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-15 21:06:52

ئەڭ تۆۋەن چەكتىكى باھا بىلەن ئۇچقۇچىسىز ئايرۇپىلاننىڭ قۇرۇق جاھازىسىدىن 1 مىليۇن دانە ئىشلەپچىقىرىپ، بىرلا ۋاقىتتا ئىسرائىيلىگە قويۇپ بەرسە، ئىسرائىلىيە بۇ قۇرۇق ئۇچقۇچىسىز ئايرۇپىلانلارنى ئىتىپ چۈشۈرىمەن دەپ، بىر مىليۇن دانە باشقۇرلىدىغان سىنارەد قويۇپ بەرسە.....................ھا........ھا.........ھا.............:lol:lol:lol:lol:lol:lol:lol
بەت: [1] 2
: ئىسرائىلىيە ئىراننىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان تەھدىتى ئاستىدا قالدى