mariya يوللانغان ۋاقتى 2014-10-13 17:37:14

تۇرمۇشىڭىزدا رمانتىكلىق كەم بولمىسۇن !

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا    mariya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-13 17:41  

                                                 تۇرمۇشىڭىزدا رومانتىكلىق كەم بولمىسۇن !         
ئايالىمغا بولغان قەرزىم دۇنيادىكى ھەرقانداق كىشىگە بولغان قەرزىمدىن كۆپ . چۈنكى ، ئۇ ماڭا بارلىقىنى بىغىشلىدى ، ھايات يۇلۇمدا ماڭا ھەمسەپەر بولدى . ئىككىمىز توي قىلغاندىن كېيىن ، ئۇ ھەر بىر تىيىن پۇلنىمۇ ئىقتىساد قىلىپ ، مەن ئۈچۈن نۇرغۇن بايلىق توپلاپ بەردى . ماڭا گۈزەل ئائىلە بەخىش ئەتتى ، شۇڭا بۈگۈنكى كۈندە مېنى ئۇتۇق قازاندى ، دېيىشكە توغرا كەلسە ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ،ئۇنىڭغا مەنسۇپ ، دەپ قارايمەن.                                             - ئاديې بوت

                                                         قىشتا كەنىتلەرنىڭ نۆۋەت ئالماشتۇرۇپ سايلام خىزمىىتى يۈرگۈزلۈپ ناھايىتى ئالدىراش بولۇپ كەتتۇق . بۇ جەرياندا ناھيە بازىرىدىن قاتناپ ئىشلەيدىغان ئەر خىزمەتتاشلىرىمىز نەچچە كۈن ئۆيلىرىگىمۇ قايتالمىدى .ھاۋا سوغوق ، لەپىلدەپ قار يېغىۋاتقان بىر كۈنى ئوننەچچىمىز  بازىرمىزغا ئەڭ يىراق چارىۋچىلىق كەنىتىگە سايلام خىزمىتىگە چۈشتۈق . قايتىشقا تەييارلىق قىلۋاتقاندا ھەممىمىزگە ئۆيىمىزدىن تېلىفون كېلىشكە باشلىدى . شۇ كەنىتتە ۋاقىتلىق شۇجى بولۇپ ئىشلەۋاتقان  خىزمەتتىشىمگە  ئايالدىن تىلفون كەلدى .
- بۈگۈنمۇ قونۇپ قالىدىغان ئوخشايمەن ئاپىسى ، نىمە ئېتىمەن دەمسەن ، ئاسانراق بىر نىمە ئەتكىن جېنىڭنى قىينىماي ، ئىشتىن ھېرىپ – ئېچىپ كەلگەندە كىر يۇيىمەن دىمەي بالدۇرراق ئارام ئال ، سايلام تۈگىسە 4 كۈنلۈك تۇلۇقلىما دەمىلىشىمنى ئېلىپ ھەممە ئىشنى ئۆزۈم قىلمەن . ئەگەر جېنىم سەن  بولمىغان بولساڭ ،ئۇ بىزگە قاراپ كۆزىنى قىسىپ قويۇپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى ، ماڭا شۇجىلىق نەدە تۇرۇپتۇ دېۋىدى ، تۇرۇپكىدىن ئۇنىڭ ئايالنىڭ بىزدىن  ئەنسىرمەي ئىشلىرىڭىزنى قىلۋىرىڭ ،ھاۋا سوغوق ، دىققەت قىلارسىز ھە ! دېگەن يىقىملىق ئاۋازى ئاڭلاندى .   
ئەرلەر ئۈچۈن كەسىپ ۋە ئائىلە ئوخشاشلا مۇھىم ،كەسىپ ئەرلەرنىڭ ئىككىنچى ھاياتى . ئائىلىدىن خاتىرجەم بولالمىغان ئەرلەرنىڭ كەسىپتىن نەتىيجە قازىنىشى مۈمكىن ئەمەس .  «ئەرلەرنىڭ خىزمەتكە بولغان ئىشتياقىنىڭ يېرىمى خىزمەتنىڭ ئۆزىدىن، يېرىمى ئايالدىن كېلىدۇ »دېگەنىدى پاۋل لېكت . شۇڭا مۇەپەقيەت قازانغان ئەرنىڭ كەينىدە ئۇنىڭ مۇەپەقيەت قازىنىشىغا ھەمدەم بولغان شۇنداقلا ئائىلىنىڭ يۈكىنى ئۈن – تۈنسسىز ئۈستىگە ئالغان مۈنەۋۋەر ئايال  قەھىرمان بولغان بولىدۇ . ناۋادا خىزمەتتىشىم ئايالىغا «بېشىمنى ئاغىرتىپ تىلفون قىلىۋەردىڭغۇ ؟نىمە ئەتسەڭ ئەتمەمسەن ، بارىمەنغۇ ئەتىگىچە »دەپ گۆكىرىگەن بولسا ،گەپ يوق ئايالنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەرگەن بولاتتى . بەزىلەر نىكاھ مۇھەببەتنىڭ قەبرىسى دېيىشىدۇ، بۇنىڭمۇ مۇئەييەن ئاساسى بار. نىكاھلىق تۇرمۇشتا چۆمۈچنى قازانغا تەگمەيدۇ دېيەلمەيمىز، مۇشۇنداق ئۇششاق-چۈششەك جېدەللەر ئەر-خوتۇن ئارىسىدىكى مېھرى -مۇھەببەتنى خورىتىدۇ، نەتىجىدە نىكاھ راستىنلا مۇھەببەتنىڭ قەبرىسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. نىكاھ – جىلۋىلنىپ تۇرغان چىرايلىق بىر گۈل ، سوغوق مۇئامىلە ئۇنى خازان  قىلۋىتەلەيدۇ . ياخشى ئەر بولاي دېسىڭىز، بۇنىڭدىن ساقلىنىشىڭىز زۆرۈر، ئەمەلىيەتتە بۇ ئانچە قىيىنمۇ ئەمەس، پەقەت ئايالىڭىزدىن  چىن يۈرىكىڭىزدىن چىققان مۇھەببەتلىك شىرىن  گەپلىرىڭىزنى  ئايمىسىڭىزلا شۇ كۇپايە .تامىقىڭ بەك ئوخشاپتۇ ،قولۇڭ گۈل جۇمۇ دىگەن بىر  ئېغىز سۆزىڭىز بىلەن ئايالىڭىزنىڭ تاماق ئېتىش جەريانىدىكى ھاردۇقى چىقىپ تاماقنى تېخىمۇ تۈجۈپلەپ ئېتىشى،بۇ كىيمىڭ بەك يارشىپتۇ دىگەن ماختاش سۆزىدىن ياشىرىپ قالغاندەك شادلىنىشى ،سەن بەك چىچەن ، جاپادا قويدۇم ، رەھمەت ساڭا ، ھەممىسى سىنىڭ تۆھپەڭ دىگەندەك
سۆزلىرىڭىزدىن  ئۇ تىخىمۇ تىرىشچان ، ئىقتىساتچان ، ئۆزگە ئىشىنىدىغان ، ھەرقانداق قىيىنچىلىققا باش ئەگمەيدىغان قەيسسەر  ئايالغا ئۆزگىرىپ قېلىشىمۇ مۈمكىن ! گۈلگە ئامىراق بىر ئايال خىزمەتتىشىم «توۋا، ئويلاپ باقسام توي قىلغان 10 نەچچە يىلدىن بېرى يولدىشىم بىر قېتىممۇ گۈل سوغا قىلىپ باقماپتۇ ، ئۇنىڭ بىر دەستە گۈل كۆتىرىپ ئۆيگە كىرگىنىنى كۆرسەم خوشلىقتىن يۈرىگىم يېرلىپ كېتەرمۇ ؟  دىگەن ئىدى  مەيۈسلىنىپ تۇرۇپ . ئەتىراپىمىزدا تويدىن ئىلگىرى ئايالىنىڭ پېيىدىن چىقمايدىغان ، تويدىن كېيىن ھېچ ئىش بىلەن كارى بولمايدىغان ئەرلىرىمزمۇ ئاز ئەمەس . ئائىلە خوشاللىقى بارلىق ئىنتىلىشلەرنىڭ ئاخىرقى نىشانى ، بارلىق كەسىپ مېھنەتلەرنىڭ ئاخىرقى پەللىسى . ئەقىللىق ئەر ئەھميەتلىك خاتىرە كۈنلەرنى ، ئەنئەنۋى بايراملارنى ، بىرەر ۋاق سىرىتتا غىزالىنىشنى،  بىر دەستە گۈل ، كىنو ياكى ئويۇن بېلىتى سوغا قىلىشنى ...... ئايالىنى ماختاشنى ، ئىتىراپ قىلىشنى ئۇنۇتمايدۇ  . ئائىلىڭىزدىن بەخىت كۈلكىسى ئۈزىلمىسۇن دېسىڭىز ئايالىڭىزغا ئىزچىل دىل ھەم تىلىڭىزدىن كۆيۈندىغان ئەرلەردىن  بولۇڭ . ئېسىڭىزدە ھەم شۇ بولسۇنكى تۇرمۇشىڭىزدا رومانتىكلىقمۇ كەم بولمىسۇن !
  

chataxchi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-13 19:16:27

ئاتا ئانامغا بولغان قەرزىم دۇنيادىكى ھەرقانداق ئادەمگە بولغان قەرزىمدىن كۆپ
-chataxchi

ftp يوللانغان ۋاقتى 2014-10-13 20:29:23

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ftp تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-13 20:34  

ئىككى يات جىنىس ئىسىل قورۇمىلار بىلەن شامپان ھازىرلانغان شىرەدە، بىر - بىرىگە ئۇدۇل ئولتۇرۇپ، توكنى ئۆچۈرۋىتىپ، شام يورۇقىدا،  لىرىك مۇزىكا ساداسى ئاستىدا تاماق يەيدىكەن. ئۇنىڭ ئاخىرىدىكى رومانتىكىلىقنى دىمەيلا قوياي بولدى...
شۇنىڭدىن قارىغاندا رومانتىكىلىق دېگەن نەرسە بار ئادەمدە بولىدىغان ئوخشايدۇ جۇما...

Abdulhamid يوللانغان ۋاقتى 2014-10-13 20:39:46

خىجىل بۇلۋاتىمەن !

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-10-13 20:45:16

بىزنىڭ رومانتىكلىقىمىز يەتمەيۋاتامدا :funk:

چېكىدىن ئاشقان رومانتىكلىق ئەخلاق تۇيغۇسىنىڭ يوقاتقۇچىسى دەپ يازغانمەن ھېكمـــــــــــــــــــــەت خاتىرەمگە

Erkbeg يوللانغان ۋاقتى 2014-10-13 21:00:58

مېنىڭچە تۇرمۇش دەۋەتمەي ،ئەر-خوتۇن ئوتتۇرسىدا دېسىڭىز بوپتىكەن.

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-10-13 21:39:49

ئاتالمىش رومانتىكىلىقنى زورلاپ يېتىلدۈرمىسەكمۇ. ئەر-خوتۇن بىر-بىرىگە ھالال بولسىلا، مېھىر -مۇھەببەت ئۈنسىز، شەكىلسىز، رىياسىز رەۋىشتە داۋام ئېتىدۇ.

putboljan يوللانغان ۋاقتى 2014-10-13 22:34:10

يۇقىرىدا ئىنكاس يازغان بۇرادەرلەر تېمىنىڭ مەزمۇنىنى تازا ئېنىق چۈشەنمىگەن چىراي.:o

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2014-10-15 11:32:18

خوتۇن خەق دىگەن قارىماققا رومانتىزىمچىدەك كۆرۈنسىمۇ ئەمەلىيەتتە ۋەھشى رىئالىزىمچى.

serwan يوللانغان ۋاقتى 2014-10-16 19:53:28

ئالامەت
بەت: [1]
: تۇرمۇشىڭىزدا رمانتىكلىق كەم بولمىسۇن !