sujup يوللانغان ۋاقتى 2014-10-13 17:31:22

ئىشچىلىق سالاھىيىتىنى كادىرلىققا ئۆزگەرتكىلى بۇلامدۇ ؟

بىر دوستۇم سەنئەت مەكتەپتە ئوقۇغان بۇلۇپ ئىمتىھانسىز كىرگەن بولغاچقا پەقەت مەكتەپتە ئوقۇغانلىق ئىسپاتى بىلەن خىزمەتكە چىققاندىن كىين ئىشچىلىق سالاھىتى بىلەن 22 يىل ئىشلىگەن . ھازىر مەلۇم بىر ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمەكتە . لىكىن ئۈرۈمچىدە بىر تونۇشى ئۇنىڭغا تېلېفۇن قىلىپ سىنىڭ ئىشتاتىڭنى تۆت ساقچى بىلەن قوشۇپ ھەل قىلاي دەپ قالدىم ، ماڭا 30 مىڭ پۇل سىلىپ بەر دەپتۇ . ئۇ بۇ گەپنى ماڭا دىگەن ئىدى مەن ئىشەنمىدىم . مۇشۇ ھەقتە بىلىدىغانلار بولسا بىر ئۇچۇر قىلساڭلار پۇل بىكاردىن قۇدۇققا چۈشۈپ كىتىدىغان ئىش بۇلامدۇ قانداق ؟

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-10-13 17:39:15

  يۈزدە %200 قۇدۇققا چۈشىدۇ. تۈۋەندىكى ئادەمنىڭ شىتاتىنى ئۈرۈمچىدە قانداق ئۆزگەرتىدۇ؟...
  ئۆزگەرتىشكە تۇغرا كەلسە يەرلىكتىن ھىچكىم قاۋاپ قويماي تۇرۇپ يۇقىرىدىن ئۆزگەرتىدىغان ئىش يوق...

Huqush يوللانغان ۋاقتى 2014-10-13 17:50:31

جۇڭگوچىلىقتا قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوق ، پۇللا بولسا :lol

milikazat يوللانغان ۋاقتى 2014-10-13 18:25:28

مىنىڭچە بۇ ئىشنى قىلغىلى بولمايدۇ ........

juxkun يوللانغان ۋاقتى 2014-10-13 19:00:19

ئىشچى بولسا نىمە بوپتۇ ؟ نىمە قىلىدۇ ئۇ كادىرلىق سالاھىيتىگە ئىگە بولۇپ؟

dawanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-13 19:01:07

بۇلىدۇ،پۇل ئالغۇچى ئىشەنچىلىك بولسا قىلغىلى بۇلىدۇ،لىكىن 22يىل ئىشچىلىق سالاھىيەتتە ئىشلەپ بولغاندىكىن ئەمدى سالاھىيتىنى كادىرلىققا ئۆزگرتكەننىڭ ئۇنچىۋالا چوڭ پايدىسىمۇ يوق،كىيىنكى پايدىسى شۇ خەققە بەرگەن30مىڭ غا ئاران چىقىش قىلىدۇ،شۇڭا تەكلىپ-مەسلىھەت شۇكى قوڭنى قىسسۇن!

Ozuyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-10-13 19:58:02

ئىشچىلىقتىن كادىرلىققا ئۆزگەرتىش سىياسىتى  2000- يىلدىن بۇرۇنلا  توختىتىلغان، كېيىنكىلەر كادىر بولماقچى بولسا خادىم قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ ، كادىر بولغاندىن كېيىن بۇرۇنقى خىزمەت تارىخىنى ئۇلاتسا بولىدۇ. ئەمما 22 يىل ئىشلىگەن ئادەمنىڭ يېشى تەلەپتىن ئۆتۈپ كېتىدۇ.  پۇل خەجلەپ ھەل قىلىش ئىشى بەلكىم قاپ يۈرەكلىك بىلەن سىياسەتتىن يوچۇق ئېچىش يولى بىلەن پۈتەرمىكىن. تەۋەككۈل سودا ئىكەن. ياخشىسى ئىشچىلىقتىن يۇقۇرى دەرىجە ئېلىپ پىنسىيىگە چىقىۋالغىنى تۈزۈك.

ftp يوللانغان ۋاقتى 2014-10-13 20:36:51

شۇڭا, تەكلىپ-مەسلىھەت شۇكى :  قوڭنى قىسسۇن!

ما تەكلىپنىڭ جىنى بادەك قىلىدۇ

Abdulhamid يوللانغان ۋاقتى 2014-10-13 20:41:26

قانۇن بىلەن ئويناشماڭلار !

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-13 20:46:25

ئىشچىلىقتىن-كادىرلىققا شىتاتىنى ئۆزگەرتىش ئۆرۈمچىدىن  يىقىنلىرى بولسا بىجىرەلەيدۇ.

ناھىيە-ۋىلايەتتە بىجىرەلمەسلىكى مۇمكىن.

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-10-13 21:08:44

ئىشچى بولغاندىكىن چىداپ 2 يىل ئىشلىۋىتىپ، ئاخىرقى بىر يىلنى لەيلەپ يۈرۈپ تۈگىتىۋەتسىلا پىنسىيەگە چىقالايدىغان ئىشكەنغۇ، بىكاردىن ئاران تاپقان 30مىڭنى خەققە ئۈستەك بەرگىچە. ئېقىشىدىن ئاقماسلىقى ئېنىقراق ئىشكەن بۇ.

ھە راست، ئايرىم تېما ئېچىپ مۇنبەرنى ئاۋارە قىلىپ يۈرمەي مۇشۇ يەردىلا دەي. مۇنداق ئىشتى:
    بىر ئوقۇتقۇچى تونۇشۇم بار ئىدى. خىزمەتكە چىققىلى 12—13 يىلدەك بوپقالدىغۇ دەيمەن. يىقىندىن بېرى پىنسىيەگە چىقىۋىلىش ئويى پەيدا بولۇپ قاپتۇ... مۇشۇنىڭ قانداق ئېپى باردۇ ؟ دەپ سورايدۇ.. بۇ ئاي— بۇ كۈنلەردە بۇنداق خىيالدىكىلەر بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقاندەك... سىلەرچە بۇنداق ئىشلارنىڭ تەرتىپى قانداق بولار؟

turan83 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-13 21:09:21

دۆلىتمىزدىكىى كادىر شىتاتى ھازىر ئىشچى شىتات ، كەسپىي شىتات ۋە مەمۇرى  شىتات قاتارلىق ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ، كادىر شىتاتى دەپ شىتات بولمايدۇ.  ئشىچى شىتات ئادەتتە  مەمۇرى ئىشىچى شىتات ۋە كەسپىي ئىشىچى شىتات دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ.يەنى بىرقسىم ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا مەمۇرى شىتاتلىق كادىر يېتىشمىگەن ئەھۋال ئاسىتىدا ئورگاندىكى بىر قىسىم كەسپىي شىتات ۋە ئىشىچى شىتاتلارنى مەمۇرى خادىم قاتارىدا ئىشلىتىدۇ ۋە مەمۇرى شىتات بەھرىمان بولدىغان تەمناتتىن بەھرىمان بولىدۇ. مانا بۇ خادىملار مەمۇرى ئىشىچى شىتات دىېيىلدۇ. ئىشىچى شىتاتمۇ ئوخشاشلا دۆلەت كادىرى ھېساپلىندۇ ئۇنىڭ كەسپىي شىتات ۋە مەمۇرى شىتاتتىن ھېچقانداق پەرقى يوق.پەقەت شۇ 津贴، مەمۇرى شىتاتتىن يۈز يۈەن ئۆپچۆرىسدە  تۆۋەن چىقىدىغۇ دەيمەن، پەقەت ئۇ دوستىڭىز ھەققىي شىتاتلىق ئىشچى بولىسلا ،ئۇنىڭغا يەنە پۇل خەجلەپ كەسپىي شىتاتقا ئۆزگەرتىشنىڭ بىرمۇچەنلىك ئەھمىيتى ۋە پايدىسى يوق. ئىككى خىل شىتاتنىڭ تەمىناتى ئوپمۇ ئوخشاش دىيەرلىك بولىدۇ.( ئىشىچى شىتاتلارنىڭ مەمۇرى شىتاتقا كىرەلىشى مۇمكىن ئەمەس، پەقەت مەمۇرلۇق ئىنتىھاندىن ئۆتسىلا ئاندىن كىرەلەيدۇ). ئۇ دوستىڭزغا دەپ قۇيۇڭ يەنە 8يىىل ئىشلسە پىنسيەگە چىقدىكەن .ئەمدى بىھۇدە پۇل خەجلەپ يۈرمىسۇن.

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-10-13 21:49:58

ئىشچى شىتاتتىكىلەر 25 يىل ئىشلىسە ئازادلىققا چىقا؟

windows100 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-13 21:52:55

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   windows100 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-13 21:54  

ئادەتتە مەمۇرى ئىدارىلەردە 7-8 خىل ‹‹كادىر›› بولىدۇ،بۇلار مەمۇر،مەمۇرلارغا تەدبىقلىندىغان كەسپى شىتاتتىكىلەر،كەسپى شىتاتتىكىلەر،ئىشچى شىتاتىدىكىلەر،پاراۋانلىق ئىش ئورنىدىكىلەر،توختام تۈزۈمىدىكىلەر،ئۇچكە ياردەم بېرىپ بىرنى يۆلەيدىغانلار،يەنە پىنسىيەگە چىققاندىن كىيىن قايتا تەكىلىپ قىلىنغانلار قاتارلىقلار.
كەسپى ئورۇنلاردا بۇلارنىڭ ھەممسى تېپىلىمسىمۇ كۆپ قىسىمى تېپىلىدۇ.لېكىن غەلىتە يېرى ھازىرغا قەدەر كەسپى ئورۇنلاردىكى خادىملار ئۈچۈن چىقىرىلغان بىرەر قانۇن يوق.
مەن كۆرگەن كادىرلىقنىڭ يۇقۇرى پەللسى ئوقۇمايلا كادىر بولۇش،تېخىمۇ يۇقۇرى پەللسى بىر كۈنمۇ خىزمەت قىلماي پىنسىيەگە چىقىش،ئەڭ يۈكسەك پەللسى بولسا قوڭ قىسىش.:lol

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-10-13 21:56:40

:lol:lol:lol

asman يوللانغان ۋاقتى 2014-10-14 09:33:23

قوڭنى قىسقان بىر ھۈنەر،
قىسقان قوڭدىن گۈل ئۈنەر!
:lol

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-14 12:43:07

     ھازىر چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى كۈچەپ تەكىتلەۋاتىدۇ ، ئۇلار ئاسانلىقچە پارا ئالمايدۇ ، بۇلۇپمۇ 30 مىڭنى ، ئامانلىق ژورنىلىدىكى دىلولارنى كۈرۈپ قۇيۇڭلار ، ھازىر 30 مىڭغا قانچىلىك ئىشنى بىجىرگىلى بۇلىدىكەن ، سىزدىن 30 مىڭنى ئېلىۋالغان كۈنى ، ئاز قالدى ، پۈتەي دەپ قالدى دەپ ، يەنە نەچچە تۈمەننى يۇلىۋالىدۇ ، ئالدىدا بەرگەن پۇلنىڭ خاپىچىلىقىدا يەنە پۇل سېلىشقا مەجبۇر بۇلىسىز .....

    بىكارغا قىپ بەرسە ، ياكى ئىش پۈتكەندە بىرىدىغانغا ئۇنىسا قىلىپ بېقىڭ ....


   ھەممسى نەزەرىيىۋى قوقاقلار ... كادىر بۇلالمىسىڭىز بۇ ئىنكاستىن كۆرمەڭ ....
بەت: [1]
: ئىشچىلىق سالاھىيىتىنى كادىرلىققا ئۆزگەرتكىلى بۇلامدۇ ؟