Birzat يوللانغان ۋاقتى 2014-10-13 12:07:11

بىزدە ئائىلە مۇلازىمەت كەسىپلىرى قانچىلىك تەرەققىي قىلدى

بەزىدە شۇنداق ئويلاپ قالىمەن، ناۋادا ھازىر قىلىۋاتقان كەسىپ-تىجارىتىمنى قىلمىسام باشقا قانداق ئىشلارنى قىلىپ تىرىكچىلىك قىلىشىم مومكىن، نېمە ئىشلارنى قىلالايمەن، كىشىلەر ئىھتىياجلىق بولىۋاتقان زۆرۈر كەسىپلەر، دەمال ئائىلىنى باققىلى بولغىدەك پارچە-پۇرات ئىشلاردىن قانداق ئىشلار باردۇر دېگەندەك.
توكسىكىلتىمنىڭ كامىرنى يەملىتىش ئۈچۈن رېمۇنتچى چاقىرسام ئىشنى تۈگۈتۈپ بولۇپ 10 كوي تەلەپ قىلدى. سەل قىممەت كۆرگەن بولساممۇ ئىشىك ئالدىمغا كىلىپ ۋاقتىدا ھارۋامنى رېمۇنت قىلىپ بەرگەنلىكىگە خۇش بولدۇم؛ ئاشخانىنىڭ جۈمەك بۇزۇلۇپ كارىدۇر تامدىكى تەمرەتكە ئىلانلار ئىچىدىن تۇربا رېمۇنتچىنىڭ ئىلانىنى تاپتىم، تېلفۇن قىلسام بىر جۈمەك ئالماشتۇرساق 50 كوي دەيدۇ. سۇ ئېقىپ نەچچە كۈن بولغان خاتۇن قاقشاپ يۈرگىلى، ئۆزۈم ئالماشتۇراي دېسەم بىر يەرلىرى داتلىشىپ بەك چىڭىپ كېتىپتىكەن، كۇلۇچنى چىڭراق تولغاپ سۇندۇرۇپ قويماي دەپ يەنىلا كەسپىي ئادەملەرگە ھاۋالە قىلدىم. شۇنداق قىلىپ بۇ ئاداشمۇ 10 مىنۇتقا يەتمىگەن ۋاقىتتا 50 كوينى ئىلىپ بولدى. سەل قارنىم ئاغرىدى. كىر ئالغۇ بۇزۇلۇپ قاپتىكەن، بىرسىنى چاقىرتسام كىچىكلا بىر بالا كەلدى، 12 كويلۇق سايمەن سالىدىكەنمەن، ئىش ھەققىمگە 10 كوي بەرسىلە بولىدۇ دەيدۇ. 5-10 مىنۇتتا بىر چىرايلىق ئوڭشاپ بەرگەن ئىدى. بۇ بالىنىڭ ئىنسابىغا، چىۋەرلىكىگە مەستلىكىم كىلىپ قالدى. ئىشىك ئىتىلىپ ئاچقۇچ ئىچىدە سولىنىپ قالدى، قۇلۇپچى بىر تال سايمان بىلەن بىز ئادەتتە ئاچقۇچ سىلىپ ئىشىكنى ئاچقانچىلىك ۋاقىتتىلا 50 كوينى ئالدى. ئۇلارنىڭ ئىنسابسىزلىقىغا قاقشاپ تۇرۇپ يەنىلا ئىھتىياجلىق بولغىنىمىزدا چاقىرماي ئامالىمىز يوق ئىكەن.
ھاجەتخانىنىڭ ئاپتۇماتىك سۇ لىقلىغۇچى بۇزۇلۇپ قالغىلى خىلى بولغان، تۇربىغا ئۇلانغان يېرى داتلىشىپ چىرىپ ئۈزۈلۈپ كېتىپتىكەن. ما نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا تامدىكى ‹‹بەلباغ چىنە قىش›› تىن بىرسى بوشاپ چۈشۈپ كېتىپ تۇربىنىڭ بىر يەرلىرىنى ئورىۋېتىپ سۇ چىقىپ كەتتى. چىنى قىشچى ئۇستاملارنىڭ قىلغان ئىشلىرىغا ‹‹ئاپىرىن›› ئوقۇپ ئىچىمدە تىللىغاچ ‹‹ئەلمەدەت ھۈنەرۋەنلەر سالۇنىنىڭ›› قۇرغۇچىسى ئاسىمجانغا تېلفۇن قىلدىم. باللارنى ھازىرلا ئورۇنلاشتۇراي دېگەن جاۋابنى ئالغاندىن كىيىن ساقلاپ تۇرسام ئىككى ئۇستام كىلىپ 30 كويلۇق سايمان پۇلىسى، 40 كوي ئىش ھەققى ئىلىپ ھاجەتخانىنىڭ مەسىلىلىرىنى تېزلىكتە بىر تەرەپ قىلىپ بەردى. بۇ بالىلارنىڭ ئەستايىدىللىقى، ئىنساب بىلەن ھەق ئىلىشىدىن خۇش بولۇپ قالدىم. مانا مۇشۇنداق، قىلاي دېسە ئىش تولا ئىكەن. بولسا مۇشۇ ئائىلە مۇلازىمەتچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار بىرەر ماركا ئىشلىتىپ ، شۇ ماركا ئاساسىدا ئىناۋەت تىكلىسە يېقىن كەلگۈسىدە ئىستىقبالى ياخشى بولغۇدەك دەپ ئويلاپ قالدىم.
ئەمدى تۆۋەندە مەن مۇلازىمىتىدىن رازى بولغان ‹‹ئەلمەدەت ھۈنەرۋەنلەر سالۇنى›› نى تونۇشتۇرىمەن:

ئەسسالامۇ –ئەلەيكۇم ،دوستلار :
      ھەر قايسى كەسىپ ۋە ھەرقايسى ساھە زامانىۋىشىشقا يۈزلىنىۋاتقان مۇشۇنداق ئەۋزەل بىر شارائىتتا كۈندىلىك تۇرمۇشىڭىزدا ئۆيىڭىزدىن چىقماي تۇرۇپلا بىر تېلفۇن بىلەن قىلىدىغان ھۈنەر -كەسىپ ،ئىش –ئوقەت تېپىشىنى خالامسىز ؟ۋەياكى ئۆيىڭىزدە سۇ ،توك ۋە باشقا جەھەتلەردە ئۇچىرىغان ئاۋارىچىلىقلارنى  بىر تېلفۇن بىلەن قابىل ،ئىشەنچىلىك ،سەمىمىي ئۇستاملارنى تەكلىپ قىلىپ تىز سۈرئەت ،ئەرزان باھا ،ئەلا مۇلازىمەت ئارقىلىق ھەل قىلىشنى ئويلامسىز ؟
ئۇنداقتا بۇ ئارزۇيىڭىز خەلىقىمىزنىڭ كۈنسايىن ئىشىپ بىرىۋاتقان مۇلازىمەت ئىھتىياجىنى   ئاساس قىلىپ قۇرۇلغان «ئەلمەدەت» ھۈنەرۋەنلەر سالونىدا رۇياپقا چىققۇسى! سالونىمىز سىرتتا ئىشلەپ  ھۈنەر قىلىپ پۇل تىپىشنى ئاساس قىلغان ھۈنەرۋەن كاسىپلارغا ،تىجارەتچى ۋە باشقا كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار غا زامانىۋى ،ئىلمىي ،قۇلايلىق ۋە تىجەشلىك خىزمەت ئۇچۇرى تەمىنلەيدۇ،شۇنداقلا ھۈنەرۋەن ،كاسىپلار بىلەن ئىھتىياجلىقلار ئارسىدا كۆۋرۈكلۈك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ ،قانۇنلۇق ،ساغلام ،تىز ،زامانىۋى مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇپ چىقىدۇ.
پەقەت تېلفۇنىڭىزدا ئۈندىدار بولسىلا «ئەلمەدەت» ھۈنەرۋەنلەر سالونىغا قوشولۇش  ئارقىلق تىز سۈرئەتتە ھۈنەرۋەن كاسىپلار قوشۇنىغا  ئەزا بولالايسىز ھەم ئۆزىڭىزنى تەشۋىق قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولالايسىز ،شۇنداقلا كۈندىلىك تۇرمۇشتا يولوققان ھەر خىل قىيىنچىلىق ،كاشىللارنى بىر تەرەپ قىلىشتا بۇ سوروندىن ھەر ۋاقىت ھۈنەرۋەن ئۇستاملارنى تېپىپ غىمىڭىزدىن خالاس بولالايسىز .
سىزنىڭ ئارزۇيىڭىزدىكى ھەمكارلاشقۇچىڭىز ۋە يارىدەمچىڭىز بولۇش «ئەلمەدەت»نىڭ ئەڭ چوڭ نىشانى ،قىنى ھەرقايسى ھۈنەرۋەن -كاسىپ  ئۇستاملار قوشونىمىزغا قوشۇلۇپ ئۆزىڭىزنى نامايەن قىلىشنى ،تەشۋىق قىلىشنى ،مۇلازىمەت دائىرىڭىز ۋە تەسىرىڭىزنى ئاشۇرۇش خىيالىڭز بارمۇ ،بىز بىلەن ھەمكارلىشىڭ.
ئۈندىدار سالۇن نۇمۇرى: elmedet99
تېلفۇن : 18139575757

qasim يوللانغان ۋاقتى 2014-10-13 12:37:06

ھىيتنىڭ 3-كۈنى ئۆيىمىزنىڭ يۈندە يولى توسۇلۇپ قىلىپ مەھەللىدىكى تۇربىچى باللىنىڭ قىشىغا بارسام كوچىدىكى بىتوننى چاقمىساق بولمايدۇ ،دىۋىدى،بىشىمى قىتىپ تۇرسام بىر خوشنام يول كۆرسىتىپ بىر ئۇستامنىڭ تىلفۇن نۇمرىنى دەپ بىرىپتى ،ئۇ ئۇستام كىلىپ 15 مىنىتتىللا راۋانلاشتۇرۇپ بىرىپ 120 كوينى ئىلىپ رەھمەتلىرىمىزنى ئىلىپ ماڭدى.

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2014-10-13 12:46:47

ماۋۇ بەتتە ھازىرغىچە يېغىلغان ھۈنەرۋەنلەرنىڭ ئۇچۇرلىرى ئىكەن.
http://www.xsada.com/elmedet

ئەلمەدەت ھۈنەرۋەنلەر گورۇپپىسىغا قاتناشسىڭىز ھەقسىز ئىكەن. قېنى ھۈنەرۋەن، مۇلازىمەت تېپىدىكى ئىش قىلغۇچىلار ئۇچۇرلىرىڭلارنى قويساڭلار بولىدۇ.

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-10-13 13:29:41

مەن ئالى مەكتەپنى يىقىندا پۈتتۈرگەن ، ئۆز كەسپىمدىن خىزمەت تاپمىقىم تەس ، شۇڭا ھازىر  تۇرۇبا ، پار  ئىشلىرىنى ئۈگىنىۋاتىمەن ھەم ئاكىمنىڭ تىجارىتىمۇ مۇشۇ ساھەدە بولغاچ   بۇ ئىشلارنى ئۈگىنىپ قويسام كىيىن دۇككان ئاچساممۇ  پايدىسى بولىدۇ ،  خىلى پاكىز ھۆنەركەن بۇ ، ئىش بەك ئىغىر ئەمەس

putboljan يوللانغان ۋاقتى 2014-10-13 22:40:54

ئاللاھ بۇيرىسا قولۇمدىن بۇنداق ئىشلار كېلىدۇ.مۇشۇ كەمگىچە باشقىلارغا ھاۋالە قىلىپ باقمىدىم.

AAA يوللانغان ۋاقتى 2014-10-14 09:09:22

ilter يوللىغان ۋاقتى  2014-10-13 13:29 static/image/common/back.gif
مەن ئالى مەكتەپنى يىقىندا پۈتتۈرگەن ، ئۆز كەسپىمدىن خى ...

ئەمدى ئۆزكەسپىڭلىنى تېپىپسىلە.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-14 20:36:26

  بىرزات ھەكىم ئا كۈنىسى تەمرەتكە ئېلانلارنى پاكىز تازىلىدۇق دەۋاتاتتىلە ، بۈگۈن قۇپۇپ ئاشخانىنىڭ جۈمەك بۇزۇلۇپ كارىدۇر تامدىكى تەمرەتكە ئىلانلار ئىچىدىن تۇربا رېمۇنتچىنىڭ ئىلانىنى تاپتىم،  دەيدىلا ، زادى قايسىسى راست ؟
{:92:}

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-10-14 22:15:16

AAA يوللىغان ۋاقتى  2014-10-14 09:09 static/image/common/back.gif
ئەمدى ئۆزكەسپىڭلىنى تېپىپسىلە.

بۇ نىمە  دىگىنىڭىز

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2014-10-15 11:34:56

hiyalqi يوللىغان ۋاقتى  2014-10-14 20:36 static/image/common/back.gif
بىرزات ھەكىم ئا كۈنىسى تەمرەتكە ئېلانلارنى پاكىز تاز ...

ماۋۇسى ئاشۇ تەمرەتكە ئىلانلارنى تازىلاشتىن بۇرۇنقى گەپ ئىدى:dizzy:

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-15 12:20:35

Birzat يوللىغان ۋاقتى  2014-10-15 11:34 static/image/common/back.gif
ماۋۇسى ئاشۇ تەمرەتكە ئىلانلارنى تازىلاشتىن بۇرۇنقى گ ...

چاخچاق قىلىپ قويغانتىم ،تېمىلىرىنى بىرىلىپ ئۇقۇغاچقا ئىسىمدە قاپتىكەن ..:handshake

burkut327 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-15 13:18:47

  ئائىلە مۇلازىمەتچىلىك كەسپى كىيىنچە خىلى كۆپ خىرىدارى بار بولغان كەسىپ بولۇپ قالغۇسى. يېزىدىغۇ ئۆي، ئىغىل ، ئىشەك ھارۋىسى ...دېگەنلەرگە ئۆزىمىزمۇ بىر ئاماللارنى قىلىپ تۈزەپ ئولتۇرىدىكەنمىز، ماۋۇ شەھەردە چاتاقكەن، كىرەكسىز سۇ يوللىرى، تۇرۇبا يولى، گاز دېگەندەكلەرگە خام كىلىدىكەنمىز.سىمونت، تۆمۈر بىلەن ئىتىشاممايدىغان چىراي.   شۇ مۇلازىمەت ساھەسىدىكىلەر ئاسانلىق يارىتىدىكەن.
  ئىشەك ھارۋىسىنىڭ گېپىنى قىلىپ ، ئىچ كامىر تىشىلىپ كەتسە مەدەك بىلەن غىداقلاپ يەملايدىغان كۈنلەر يادىمغا كەلدى:lol

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2014-10-15 18:43:39

burkut327 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-15 13:18 static/image/common/back.gif
ئائىلە مۇلازىمەتچىلىك كەسپى كىيىنچە خىلى كۆپ خىرىدار ...

مەدەكتە دۈمبە قاشلىغاننى ئاڭلىغان لىكىن چوپسىنىڭ ئورنىدا كامىرغا سۈرگەننى ئاڭلىماپتىكەن:lol :P

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2014-10-15 18:46:15

hiyalqi يوللىغان ۋاقتى  2014-10-15 12:20 static/image/common/back.gif
چاخچاق قىلىپ قويغانتىم ،تېمىلىرىنى بىرىلىپ ئۇقۇغاچق ...

رەھمەت. لىكىن ھېيت ئىچىدە ئالدىراش بولاپ كېتىپ، بىكار بولغاندا بولسا، يازغۇم كەلگەندىكى ئىلھام-ھاياجانلىرىم ئۇزاپ كېتىپ چالا يېزىلىپ قالغانتى ئۇ تېما.

burkut327 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-17 18:23:22

Birzat يوللىغان ۋاقتى  2014-10-15 18:43 static/image/common/back.gif
مەدەكتە دۈمبە قاشلىغاننى ئاڭلىغان لىكىن چوپسىنىڭ ئور ...

      سۇ تۈگمىنىگە ئۇن تارتقىلى باراتتۇق، جاڭگالدىن ئۆتىدىغان يوللاردا جىگدە شوخىسى ھارۋىنىڭ ئىچ كامىرىغا ئارام بەرمەيتتى، يىنىمىزدا چوپسا ئىلىپ يۈرمىگەندىكىن  مەدەك تىپىپ سۈركەپ يۈرۈپ كامىر يامايتتۇق.  
      
بەت: [1]
: بىزدە ئائىلە مۇلازىمەت كەسىپلىرى قانچىلىك تەرەققىي قىلدى