xinjiangtour يوللانغان ۋاقتى 2014-10-12 14:13:58

قانداق ئايالغا ئۆيلىنىش كېرەكلىكى ھەققىدە (قۇتادغۇ بىلىك)

قانداق ئايالغا ئۆيلىنىش كېرەكلىكى ھەققىدە

ئەگەر سەن خوتۇن ئېلىشنى خالىساڭ، ئەڭ سەرخىلىنى ئىزدە، كۆزۈڭنى بەك ئىتتىك تۇت.
تېگى ياخشى ،ئۇرۇق-زاتى پاك بولسۇن،ئۇياتلىق،تەقۋادار،پاكىز بولىشىنى تىلە. قول تەگمىگەن ،ئوبدان ئۆي قىزىنى ئال، سەندىن باشقا ئەرنىڭ يۈزىنى كۆرمىگەن بولسۇن.
بۇنداقلار پەقەت سېنىلا سۆيىدۇ،سەندىن باشقىسىنى بىلمەيدۇ،يارىماس ،ياكى نامۇۋاپىق قىلىقلارنى قىلمايدۇ.
خوتۇن ئالساڭ ،ئۆزۈڭدىن تۆۋەننى ئال،يۇقىرى تەبىقىگە يېقىنلاشما،تۇتقۇن بولۇپ قالىسەن.
تەجىربىلىك كىشى نېمە دەيدۇ،ئاڭلا ، تەجىربىلىك كىشىنىڭ ئىشى پىششىق بولىدۇ:
"خوتۇن ئالساڭ،ئۆزۈڭدىن تۆۋەن، خۇلقى توغىرىسىنى ئال،شۇ چاغدا كۈنلىرىڭ شاتلىق ئىچىدە ئۆتىدۇ.
چىرايىنىڭ كۆركەملىكىنى ئىزدىمە،قىلىقىنىڭ ياخشىلىقىنى ئىزدە،خۇي پەيلى ياخشى بولسا،سېنى روناق تاپقۇزىدۇ."
خوتۇن ئالما،ئالساڭ ئۆزۈڭگە مۇناسىپ بولغىنىنى ئال،تەقۋادارنى ئال،ئەي ئەرلەرنىڭ مەردى.
چىرايىنىڭ كۆركەملىكىنى ئىزدىمە،قىلىقىنىڭ ياخشىلىقىنى ئىزدە،قىلىقلىرى ياخشى بولسا،توشقان ئايال بولىدۇ.
ئەي كۆركەملىكنى ئىزدىگۈچى،بۇنى ئىزدىمە،قىزىل مەڭزىڭنى سارغايىتمىغىن.
كىم ئۆيلەنمەكچى بولسا،مۇنۇ تۆت خىلدىن باشقىغا ئۆيلەنمەيدۇ،ئەي ئەلبېشى:
بەزىلەر،باي ئايالغا ئۆيلىنىشكە زوقلىنىدۇ،بەزىلەر چىرايلىقلارغا كۆز تىكىدۇ،ئۇنى خالايدۇ.
يەنە بەزىلەر تېگى ئېسىل،ئۇرۇقى پاك بولۇشىنى خالايدۇ،بۇ ئۇلۇغلۇق نامى بىلەن پەخىرلەنگۈسى كېلىدۇ.
يەنە بەزىلەر نازۇك،تەقۋادارلارنى ئىزدەيدۇ،ئۇنداقلارغا ئېرىشسە ،دەرھال ئۆزىنى بېغىشلايدۇ.
بۇلاردىن ئەڭ ئەۋزىلىنى ساڭا دەپ بېرەي،خوتۇن ئېلىش توغرا كەلسە،بۇنى قۇلىقىڭدا تۇت:
ئەي خوتۇن ئېلىشتا باينى خالىغۇچى،سەن ئۇنىڭغا قۇل بولۇپ قالمىغىن،ئەي بىلىملىك ئىنسان.
كۆڭلى بايلىققا مەپتۇن بولۇپ،تىلىنى ئۇزارتىدۇ،ئۇنىڭ خالىغان نەرسىسىنى ئېلىپ بېرىشكە توغرا كېلىدۇ.
ئەي چىرايلىقىنى خالىغۇچى ياخشى كىشى،خوتۇننىڭ چىرايلىقىنى ئىزدىمە،خەلىققە مەسخىرە بولىسەن.
ئايالنىڭ چىرايلىقىنى ھەممە ئادەم ياخشى كۆرىدۇ،ئۇنى خۇدانىڭ پەزىلىتىلا قوغداپ قالالايدۇ.
ئەي نەسلى ئۇلۇغ خوتۇننى ئىزدىگۈچى،ئۇلۇغ نەسىل ئارسىدا ئۆزۈڭنى خار قىلما.
ئەسلى نەسىبى ئۇلۇغلارنىڭ ،تىلى ئۇزۇنراق بولىدۇ،بۇنداق خوتۇنغا قۇل بولۇپ قالما!
ئەي،نازۇك،تەقۋادار خوتۇننى ئىزدىگۈچى بەگزادە،بۇنداقلارغا ئېرىشسەڭ ئاشۇ تۆت نەرسىگە پۈتۈنلەي ئېرىشكەن بولىسەن.
ئەگەر ياخشى ،تەقۋادار خوتۇنغا ئېرىشسەڭ،پەيىتنى قولدىن بەرمەي ئۇنى ئال،ئەي ياخشى كىشى.
باي بولۇشنى خالىساڭ،ئۇ مال دۇنيانى يىغىپ بېرىدۇ،سېنى بېيتىدۇ،يۈزۈڭنى يورۇق قىلىدۇ.
قىلىقلىرى توغرا بولسا گۈزەل كۆرۈنىدۇ،ئايالنىڭ گۈزەللىكى ئۇنىڭ قىلىقلىرىدۇر،بۇنى بىلگەنلەر بىلىدۇ.
ئايال تەقۋادار،پاك بولسا،ئېسىل بولىدۇ،ھېلىقى ئۈچ نەرسىمۇ ئۇنىڭدا جەم بولغان بولىدۇ،ئەي قۇدىرەتلىك.
ئەي دانا،سەن تەقۋادار ئايالنى ئىزدە،تەقۋادار بولسا،تۆت نەرسە ئۇنىڭدا جەم بولىدۇ.
سەن ئاشۇنداق خوتۇنغا ئېرىشىش ئۈچۈن غەيرەت قىل،پۇرسەتنى بىكار ئۆتكۈزمە،ئەي مەرد يىگىت.
مەنبە: بۈيۈك ئەسەر قۇتادغۇ بىلىك تىن ئېلىندى.

ئېنگىلىزچە تەرجىمىسى :
How to choose a wife
“If you desire to marry, seek a good woman, and keep your eyes sharp. She should be of good stock in both family lines, also modest, devout, and chaste. Marry a virgin if you can, one who is untouched and who has seen no man’s face but yours. Then she will love you, having known no one but yourself, and she will not bring with her any unbecoming habits. If you are going to marry, choose a wife below yourself in status. Do not marry a woman of nobler stock or you will end up her captive. A man of broad experience and ripe judgment coined the following in this connection:
Choose one below yourself,
Nor seek beauty in a wife;
Find one who has virtue:
She will brighten your life.
“O pious man of men! Do not marry; but if you do, choose a wife of equal standing to yourself. And do not look for beauty of face or form, but good character. If her character is good, she will be perfect. But if you choose on the basis of looks alone, your ruddy countenance will turn sallow.
“When a man decides to marry, O chief of men, he must base his choice on one of four things. The first chooses a rich wife, following his greedy soul. The second desires a beautiful one, following his carnal eye. The third seeks one of noble stock, following his pride and desire for high status. The fourth desires a woman who is God-fearing and devout, and as soon as he finds such a one, he marries her. Give ear now, and I will tell you which of these is best. You who chose a wife for wealth: do not become her captive; for when her heart is set on something, she will lengthen her tongue and not let you rest until you get it for her. You who chose a wife for beauty: do not become a laughing stock; for every man loves beauty in his wife, but only God can be the guardian of a woman who possesses it. You who chose a wife for nobility and status: do not cheapen yourself by mixing with highborn stock; for their tongues are very long, and you will be a woman’s slave. But you, prince of men, who chose a wife for her piety: if you found such a woman, then you have found all four of these together!
So if you find a good and God-fearing woman, do not hesitate to marry her, my good man. Then if riches are your desire, she will save your money, make you wealthy, and redden your cheeks. As long as hex character is upright, her beauty will show through; for the wise man knows that a woman’s true beauty resides in her character. And if she is devout and chaste, then she is highborn. All three of those are gathered in this one point, O noble one. So if you are wise, you will choose a God-fearing wife, for then you will have all four of these qualities together. When you find a woman of this sort, O manly one, do not waste the opportunity, but go ahead and marry her.”

ئېنگىلىزچە تەرجىمىسى قۇتادغۇ بىلىكنىڭ ئېنگىلىزچە تەرجىمىسىدىن ئېلىندى.ئېنگىلىزچە تەرجىمىسى بەك تەپسىلى تەرجىمە قىلىنىپتۇ ،پايدىلانغۇچىلارغا سۇنۇلدى.

terjiman يوللانغان ۋاقتى 2014-10-12 17:30:25

ئىنگىلىزچە تەرجىمىسىنى توردىن تېپىپ چۈشۈرۈۋالغىلى بولارمۇ؟

SATAN يوللانغان ۋاقتى 2014-10-12 18:45:46

‏شاھ نامە ، شاھلار دەستۇرى ، جاھان نامە ،   ،،

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2014-10-12 19:36:36

نوبىل تىنىچلىق مۇكاپاتىنىڭ تىمىسى ئۆچۈرۈلدىما ؟

ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندىمۇ ئەقەللى مائارىپ ھوقۇقى توغرىسىدا مۇنازىرلىشىپ ئولتۇرساق ... دۇنيا شۇ ھوقۇقى ئۈچۈن كۆرەش قىلغان بىر قىزغا مۇكاپات بېرىپ يۈرسە... ئىنسانلار نىمانداق بىچارە ھالەتكە چۈشۈپ قالدى. تالىبلار دۇنيانى گۆرۈگە ئېلىۋاپتۇ.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-10-12 20:02:26

بەك ئېسىل نەسىھەتلەر بۇ

bugday يوللانغان ۋاقتى 2014-10-12 20:36:14

ياش ۋاختىدىغۇ ئادەمنىڭ چېچى قۇپقارا بوياقلىق، قانداقلا كىيىم كەيسە يارىشىدىغان، تەن ساق، كاللا ئۆتكۈر بولىدىكەن.
ماڭا ئوخشاش قېرىپ قالغاندا خوتۇنى قازا قىلىپ كەتسە ماۋۇ تېمىدا دىيىلگەندەك خاتۇننى قەيەردىن تېپىپ ئالىمىز؟

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2014-10-12 21:16:43

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sahabe تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-12 21:24  

bugday يوللىغان ۋاقتى  2014-10-12 20:36 static/image/common/back.gif
ياش ۋاختىدىغۇ ئادەمنىڭ چېچى قۇپقارا بوياقلىق، قانداقل ...

   دىيانەتلىك تەقۋادار ئايالغا ئۆيلۈنۈش ھەققىدە 14ئەسىر ئىلگىرىلا جانىجان پەيغەمبىرىمىز بىزگە مۇقەددەس كۆرسەتمە بەرگەندۇر. ئالىمىمىز يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئەپەندى دەل شۇ پەيغەمبىرىمىز كۆرسەتمىسىنى تەكىتلەپتۇ.
   ئەمدى سىزنىڭ لايىق تېپىش قىيىنچىلىقىڭىزغا كەلسەك، سىز قېرىپ قالغىنىڭىز بىلەن سىزنىڭ ۋە بىزنىڭ رەببىمىز ھەرگىز «قېرىپ» قالمايدۇ! ئۇ سىزنىڭ تولۇپ تاشقان ئىيمان ۋە ئىخلاسىڭىز بىلەن دۇئا قىلغىنىڭىزنى كۆرسە جەزمەن سىزنى قۇرۇق قول قايتۇرمايدۇ، ھەرگىز ئۈمىتسىز بولماڭ جۇمۇ!  ئۆز ۋاقتىدا پەيغەمبىرىمىز ئەللىك نەچچە ياشلاردا بولسىمۇ ئۇنىڭغا مەسۇم، سەبىي قىزىنى پەخىرلىنىش ئىلكىدە نىكاھلاپ بەرگەن ھەزىرىتى ئەبۇ بەكرىدەك زاتلارنى چىقارغان ئەشۇ ئىگىمىز ھازىرمۇ شۇنداقلارنىڭ ئوخشىشىنى مەيدانغا كەلتۈرمەيدۇ دىيەلەمسىز؟ قېنى سىزدە ئەشۇ سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىزدەك ئۈستۈن ئېسىل ئەخلاقىي پەزىيلەتلەر بىلەن زىننەتلىنىشكە ئىرادە تىكلىنىپ، ئۇ زاتنىڭ ھاياتىي پائالىيەتلىرىنى ئۈلگە قىلىش ئەمەلىيىتى كۆرۈلسۇنچۇ-سىزگە ئۆزىنىڭ ئەينەك شىشە ئىچىدە ساقلىغاندەك پاك تەقۋادار قىزلىرىنى نىكاھلاپ بېرىدىغان كىشىلىرىمىز چوقۇم چىقىدۇ ،ھەرگىز بوشىشىپ قالماڭ!:)

BUHARA يوللانغان ۋاقتى 2014-10-12 21:24:40

ياخشى نەسىھەتلەر ئىكەن ! لىكىن يۇقۇردىكى سۇپەتلەرگە ماس كىلدىغان قىزلار بەك ئاز جۇمۇ ھازىر .

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2014-10-12 21:36:18

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sahabe تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-12 21:45  

   نەسىھەتتە دىيىلگەندەك قىزلارنى تەربىيلەپ چىقىش ھەقىيقەتەن بەك مۈشكۈل، ھە دىسىلا رىئال جەمىيەت بىلەن قەدەمدە بىر توقۇنۇش چىقىپلا تۇرىدىغان گەپ. ئەمما قىزلارنى مۇشۇنداق بىلىملىك،تەقۋادار تەربىيلىگۈچىلەرگە بېرلىدىغان ئەجىرلەر بەك ئالاھىدە بولۇپ، باشقىلار ئاسانلىقچە ئېرىشەلمەيدىغان ئاجايىپ كاتتا مۇكاپاتلار ئاخىرەتتە تەييارلاقلىقتۇر، قانچىلىك بەدەل تۆلەنسە ئەلۋەتتە ئەرزىيدۇ-دە! بەدەلسىز بەخىتكە  ئېرىشىدىغان ئىش نەدە تۇرۇپتۇ؟

BUHARA يوللانغان ۋاقتى 2014-10-12 21:57:31

راس دەيسىز ساھابە ، مەن مۇشۇ يېقىندا بىر قانچەيلەننىڭ ئىتىقادى ياخشىراق قىزلار بولسا ئۆيلىندىغانلىقى توغۇرسىدا گەپ ئاڭلىدىم . شۇنىڭغا قارىغاندا ھازىرقى جەمىيەتتە قىزلار كوپ بولغان بىلەن توي قىلىشقا ايىق كىلدىغانلىرى ئاز ئوخشايدۇ . بىزغۇ بۇرۇن توي قىلىپ نەچچە بالدنىڭ دادىسى بۇلۇپ بولغاندا بۇ ئىشلارغا بەك دىققەت قىلمەيدىكەنمىز !!!

UyghurBalisi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-13 01:14:05

كەمىنىمۇ ئاشۇنداق نازۇك تەقۋادار قىزنى ئىزدەپ مۇساپىرچىلىقتا ماگىستىرلىقنىىڭمۇ يېرىمىغا كەپ قالدىم مانا...كىمنىڭ شۇنداق نازۇك تەقۋادار قىز بىلەن توي قىلغۇسى يوق؟ «شەرم -ھايالىق ئەدەپلىك قىزلار پەرى، ئاي مەسەل. دىيانەتلىك ئىپپەتلىك قىز بىباھا بەك گۈزەل » دەپ مىسرالارنىمۇ يازغان مەن ئىچكىرىدىكى ۋاقتىمدا.:)

nazakat88 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-13 10:05:50

جەمىيىتىمىزدە ھېلىھەم شۇنداق قىزلار بار ،پەقەت ئەقىل كۆزىڭىزنى ئىشلەتسىڭىزلا .

xinjiangtour يوللانغان ۋاقتى 2014-10-13 11:57:48

بۇ بۈيۈك ئەسەردىكىدەك خوتۇن ئىزدەيمەن دىگۈچىلەر خۇددى مېنىڭ بىر دوستۇمدەك قېرىپ كېتىشى مۇمكىن. بىردىن بىر چارە نۇمۇسچان ئايال تېپىش كېرەك ،نۇمۇسچان ئايالنى يىتەكلەپ كەتكىلى بولىدۇ. نۇمۇسسىز ئايال خۇددى بىر بەزگە ئوخشايدۇكى ئۇنى ھېچنىمە قىلغىلى بولمايدۇ. ئۇلارنى قاتتىق سەۋىرچان بىلىم ئېگىسى ئالسا تۈزىلىشى مۇمكىن. مۇۋاپىق ئايال ئىزدىسىڭىز ،ئايال كىشىنى قىش قۇيغاندەك قىلىپتا قۇيغىلى بولمايدۇ. شۇنىڭغىمۇ ئەجىر قىلمىسىڭىز بەز بەز پېتى قېلىۋىرىدۇ.

garsin يوللانغان ۋاقتى 2014-10-15 14:54:27

ئۆتكەن يىلى  بىر تەقۋا كىشىنىڭ خوتۇن ئېلىش توغرىلىق ماڭا قىلغان 4 نەسىھىتى ئېسىمدىن چىقمايدۇ.
1.ئاللادىن قورقىدىغان تەقۋا قىزنى تاللاش كېرەك.
2.ئائىلە نەسەبىگە قاراش كېرەك،يەنى نەسەبى ئۆزىدىن بەك يۇقىرى ياكى نەسەبى ئىچىدە بۇزۇقچىلىق،جازانىخورلۇق قاتارلىق دىنغا يات ئىشلارنى قىلغان ھەم قىلىۋاتقان بولسا ھەزەر ئەيلەش كېرەك.
3.چىرايى بىلەن خۇلقىغا قاراش كېرەك،ئۆزى بېجىرىم كەلگەن،خۇلقى مۇلايىم چىرايلىق ئاياللارنى تاللاش كېرەك.
4.ئەخلاقىغا قەتئىي درققەت قىلىش كېرىك،ئائىلە ئەخلاقى ۋە دىنىي ئەخلاقى بار قىزلارنى ئېلىش كېرەك.
   ئۇ 60ياشتىن ئاشقان نامازخان كىشى ئىدى،بۇ گەپلىرى بەك تەسىر قىلغانىدى.بۇ تېمىدا دېيىلگىنى بىلەن ئاساسەن ئوخشايدىكەن.ئۈچىنجىسى سەل پەرقلىنەمدۇ نىمە قارىسام.....

azizim يوللانغان ۋاقتى 2014-10-15 16:04:46

ماڭىغۇ قىلىقى قانداق بولسا ئۆزى شۇنداق كۆرىنىدۇ، چىرايلىق بولامدۇ سەت بولامدۇ

garsin يوللانغان ۋاقتى 2014-10-15 17:41:05

azizim يوللىغان ۋاقتى  2014-10-15 16:04 static/image/common/back.gif
ماڭىغۇ قىلىقى قانداق بولسا ئۆزى شۇنداق كۆرىنىدۇ، چىرا ...

توغرا دەيسىز...
بەت: [1]
: قانداق ئايالغا ئۆيلىنىش كېرەكلىكى ھەققىدە (قۇتادغۇ بىلىك)