turan1001 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-12 13:39:24

2014-يىلدىكى ئەڭ زور تەھدىت-ئېبولا ۋىرۇسى

2014-يىلدىكى زور تەھدىت-ئېبولا ۋىرۇسى


   دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئەڭ يېقىندا تارقاتقان سىتاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ئېبولا ۋىرۇسى بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 4000 دىن ئاشقان، يۇقۇملانغانلار 8000 دىن ئاشقان، غەربىي ئافرىقىدىكى دۆلەتلەرنىڭ كېسەللىك بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى ناھايىتى ئېغىرلاشقان. ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپا ئەللىرى ئارقا-ئارقىدىن ئېبۇلا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بېمارنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى جاكارلىدى. غەربىي ئافرىقىدا تارقالغان ئېبولا ۋىرىسىنىڭ شىددەت بىلەن تارقىلىشىغا ئەگىشىپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەللەر ئېبولا ۋىرۇسىغا قارىتا كۈچەيتىش تەدبىرىلىرىنى يولغا قويماقتا. ئېبولا ۋىرۇسىنىڭ غەربىي ئافرىقىدا تارقىلىش سۈرئىتى شىددەت بىلەن ئېشىۋاتقان بولۇپ، يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ %70 ئاساسەن دېگۈدەك داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي جېنىدىن ئايرىلماقتا.

ئەنگلىيە BBC ئاگىنتلىقىنىڭ 10-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋرىگە ئاساسلانغاندا، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى دۇنيانى ئاگاھلاندۇرۇپ. ئېبۇلا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى ئەڭ ئېغىر بولغان غەربىي ئافرىقىدىكى ئۈچ دۆلەت لېبىرىيە، گانا ۋە سېرالىئون قاتارلىقلار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە لېبىرىيەدىلا يۇقۇملىنىپ ئۆلگەنلەر 2316، يۇقۇملانغانلار 4076 گە يەتكەن. بۇ سان يەنىمۇ كۆپەيمەكتە. ئىبۇلا ۋىرۇسى يۇقۇمى بۇ يىل 2-ئايدا گىۋېنىيەدە پارتلىغاندىن بۇيان، ناھايىتى تېزلا تارقىلىپ لېبىرىيە، سېررالىئون ۋە نىگېرىيە قاتارلىق غەربىي ئافرىقا ئەللىرىگە تارقالدى. بۇ قېتىملىقى بولسا 1976-يىل بۇ ۋىرۇس كونگودا تۇنجى قېتىم پەيدا بولغاندىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر بىر قېتىملىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئېبولا ۋىرۇسى تۇنجى بولۇپ 1976-يىلى بايقالغان بولۇپ، «ئېبولا» دېگەن بۇ نام بولسا كونگو دېموكراتىك جومھۇرىيىتى (يەنى بۇرۇنقى زايىر) دىكى ئېبولا دەرياسىنىڭ ئىسمىدىن كەلگەن.

ئېبۇلا ۋىرۇسى يۇقۇم دائىرىسى 1-قېتىم غەربىي ئافرىقىنىڭ ئورمانلىقى ۋە كەنتلىرىدىن تېشىپ چىقىپ، چوڭ شەھەرلەردىكى نوپۇس زىچ ئولتۇراقلاشقان رايونلارغا قاراپ تارقىلىشقا باشلىغان.

ۋىرۇس يۇقۇمى ئېغىر بولغان بۇ جايلاردا قەرەللىك ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلار يەر شارىنىڭ ھەممە بۇلۇڭ ‏-پۇچقاقلىرىغا ئۇچۇپ تۇرىدۇ، شۇڭا بەزى مۇتەخەسسىسلەر بۇ خىل كېسەللىكنىڭ ئاللىقاچان ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن غەرب دۇنياسىغا تارقىلىپ بولغانلىقىدىن ئەندىشە قىلماقتا. بۇ خىل كېسەللىك بەلكىم دۇنيادىكى بەشتىن بىر قىسىم دۆلەتلەرگە يامراپ بولغان بولۇشى مۇمكىن.
ئۆتكەن ئاينىڭ 20-كۈنى لېبىرىيە ھۆكۈمىتى خىزمەتچىسى پاترىك ساۋيېر ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ نىگېرىيەگە يېتىپ بارغاندىن كېيىن مۇشۇ خىل ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىپ ئۆلۈپ كەتتى. بۇ دېلو كىشىلەرگە ئىبۇلا ۋىرۇسىنىڭ ياۋروپا ھەتتا پۈتكۈل يەر شارىغا تارقىلىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلدۇردى، نىگېرىيە سەھىيە تارماقلىرى ھازىر مۇشۇ خىل ۋىرۇسنى ئېلىپ يۈرۈش ئېھتىماللىقى بار بولغان 30 مىڭ كىشىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلماقتا. بۇرۇن كېنىيەگە ساياھەتكە چىققان بىر ئايال شياڭگاڭغا قايتىپ كەتكەندىن كېيىن، ئىبۇلا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن بولۇپ، ھازىر شياڭگاڭ ئېلىزابېت دوختۇرخانىسىدا ئايرىم داۋالىنىۋېتىپتۇ. 10-ئاي كىرگەندىن بۇيان، ئېبولا ۋىرۇسى بېمارلىرى ياۋرۇپا ۋە ئامېرىكا دۆلەتلىردىمۇ پەيدا بولغان.

ئىبۇلا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بىماردا دەسلەپتە زۇكام، قىزىش، بېشى قېيىش، ياندۇرۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. ئامېرىكا لانكاست ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى دېرېك گاسېرېر دوكتور مۇنداق دېدى، ئىبۇلا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بىر كىشى ئاز دېگەندە يەنە ئىككى كىشىنى يۇقۇملاندۇرىدىكەن. شۇ خىل بىمار بىلەن بىر ئايروپىلانغا چىققان كىشىلەر ئاسانلا يۇقۇملىنىپ قالىدىكەن، بۇ خىل ۋىرۇس تۈكۈرۈك، تەر، ياندۇرۇش، ئىچى سۈرۈش ۋە جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق تارقىلىدىكەن.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئېبۇلا ۋىرۇسىنىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك تارقىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدا ئېلان قىلغان جىددىي ئاگاھلاندۇرۇش باياناتىدا يەنە دۆلەتلەرنى ۋىرۇسقا قارشى جىددىي تەدبىر ئېلىپ ھەر قايسى چېگرا ئېغىزلىرىدا خەلقئارالىق ساياھەتچىلەرگە بىردەك ۋىرۇس تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىش، قىزىتمىغا ئوخشاش كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن ھامان جىددىي كارانتىن قىلىپ داۋالاش ئېلىپ بېرىش ۋە يۇقۇم ئەھۋالىغا ئائىت ئۇچۇرلارنى يوشۇرماسلىققا، ۋىرۇسنىڭ ئەڭ كىچىك دائىرىدە كونترول قىلىشقا ئاگاھلاندۇردى.

شۇنداقلا دۇنيا مىقياسىدا ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشى كونترول قىلىنغۇچە ئارىلىقتا چوڭ تىپتىكى خەلقئارالىق يىغىلىشلارنى، پۇتبول مۇسابىقىسىگە ئوخشاش ئاممىۋى پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈشنى ۋاقىتلىق توختىتىشقا چاقىردى. بۇ ئەيدىس كېسىلدىن كېيىنكى خەۋىپى ئەڭ زور، تارقىلىشى ئەيدىزدىنمۇ نەچچە ھەسسە يامان بولغان ۋىرۇس بولۇپ، ھازىر پۈتۈن دۇنيا زور كۈچ بىلەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىنى توساشقا تىرىشماقتا.

تۇران تەييارلىدى.

مەنبە: http://kitaphumar.com/?p=2247

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-10-12 15:59:46

مۇشۇ ۋىروس ئەڭ تارقالغان يەردە بىر نەچچە  ئۇيغۇرلار ئالماس سودىسىمۇ ئىشقىپ بىر سودا بىلەن چېپىپ يۈرۈيتى ، قايىتىپ كەلگەنمىدۇ ... ئاللاھ ئىگەم شۇ يىگىتلەرنى ئامان قىلسۇن ...

281151976ar يوللانغان ۋاقتى 2014-10-12 16:58:57

ئامرىكىنىڭ ئوينى بۇ  مۇردىلار شەھرى دىگەن كىنۇنى بىكارغا ئىشلىمىدى ، ئىنسانلارنىڭ  پىسخىكىسنى پىراكتىكا قىلىۋالدى ،  ئۇ ئىشلارنىمۇ يوق دىگىلى بولمايدۇ، يامان يىرى نۇرغۇن  ئادەملەر ئۆلۇپ كىتىدىغان بولدى،

Turker يوللانغان ۋاقتى 2014-10-12 18:36:13

ب د ت نىڭ يېغىنىدا ئوباما دۇنيادىكى ئۈچ زىيانداشنى سانىغاندا بىرىنچىسىگە ئېبولانى، ئىككىنچىسىگە روسىيەنى، ئۈچىنچىسىگە ئىراقتىكى ھېلقى ئىسلام دۆلىتى دېگەننى تىزغانتى

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-10-12 22:48:40

ئەڭ بىرىنچىسى خاتا بوپ قاپتۇ ئەمىسە.
بەت: [1]
: 2014-يىلدىكى ئەڭ زور تەھدىت-ئېبولا ۋىرۇسى