kosan يوللانغان ۋاقتى 2014-10-12 12:20:34

ئېكس ئېل ھۈججىتى توغرىسىدا جىددى ياردەم سواريمەن

تېلىفونۇمدا شىركەتنىڭ كىرىم-چىقىمىغا ئالاقىدار ھىساباتلارنى خاتىرىلەيدىغان بىر ئەپ بولۇپ، ئۈچ يىلدىن بۇيان شۇ ئەپ ئارقىلىق ھىساۋات خاتىرىلەپ كېلىۋاتاتتىم. پات -پات كومپيۇتېرىمغا زاپاسلاپ قويۇپلا قەغەزگە ئۇرۇپ چىقىرىپ باقمىغانىكەنمەن. بۈگۈن قەغەزگە بېسىپ چىقىرىش ئېھتىياجى تۇغۇلۇپ ئېكس ئېل ھۈججىتىنى ئېچىپ قارىسام ھۈججەتنىڭ رەت تەرتىۋى تەتۈر تۇرىدۇ. بېسىپ چىقارغاندا كۆرسەم ئەڭ ئاخىرقى بەتنىڭ ئاستىدىكى قۇردىن باشلاپ بېشىغا قاراپ كۆرۈپ ماڭسام بولغۇدەك، بىراق بۇنداق بولغاندا خۇددى ، كەيمەكچى بولغان ئىشتاننىڭ بېغىنى ئاستىغا، پۇشقىقىنى ئۈستىگە قارىتىپ تۇرۇپ كېيىمەن دىگەندەكلا بىر تەتۈر تۇيغۇ بېرىدىكەن ئادەمگە....
قانداق قىلغاندا ئاپتوماتىك ھالدا بۇ تەتۈرلۈكنى ئوڭشىغىلى بولار مەسلىھەت بەرسەڭلار!

paltahun يوللانغان ۋاقتى 2014-10-12 16:12:00

ئالدىغا بىر كاتەك قوشۇپ  نومۇر قويۇپ سورتلىسىڭىز بولارمىكىن.

jahanzat يوللانغان ۋاقتى 2014-10-12 18:07:34

paltahun يوللىغان ۋاقتى  2014-10-12 16:12 static/image/common/back.gif
ئالدىغا بىر كاتەك قوشۇپ  نومۇر قويۇپ سورتلىسىڭىز بولار ...

توغرا  مۇشۇ ئۇسولدا تېزلا بىر تەرەپ قىلغىلى بولىدۇ
ئالدىغا بىر رەت نۇمۇر قوشۇپ ئاندىن كېمىيىش تەرتىپى بويىچە تىزىۋەتسە بولىدىكەن .

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2014-10-12 21:47:27

A ئىستونغا ئوڭنى بېسىپ بىر ئىستون قوشۇڭ، شۇ ئىستونغا مۇنداق تولدۇرۇڭ
1
2
3
.
.
.
ئاندىن مەزمۇن بار كاتەكلەرنى تاللاپ « تەتۈر تەرتىپلەش- 降序 » قىلىڭ .
قىلالمىسىڭىز چ چ 358252912

kosan يوللانغان ۋاقتى 2014-10-12 23:11:34

بۇرادەرلەرگە رەھمەت.

此操作要求合并单元格都具有相同大小

ھەي........بىردىن باشلاپ 450كىچە ساناق ساناپ يۇقارقى ئۇسۇل بىلەن رەتلەپ تەتۈر تەرتىپلىسەم يۇقارقىدەك ئەسكەرتمە چىقىۋالدى. ئەمدى شۇنچە نەرسىنىڭ كاتەكچىلىرىنى قانداقمۇ ئوخشاش بىرلىككە كەلتۈرگىلى بولسۇن، بەزى قۇرلىرى قۇر ئاتلايدىغان تۇرسا....... باش قاتتى جۇما

قېنى دوستلار يەنە ئامال كۆرسىتىپ باقمامسىلەر{:112:}

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-13 10:48:49

قارىغاندا ھەر بىر بەتكە ئايرىم ماۋزۇ قۇيۇپ بۆلۈنگەن ، ياكى ئارلىقتا بىرلەشتۈرۋېتىلىپ ئالدىكى كاتەك شەكلىگە ئوخشىمايدىغان قىلىپ قويۇلغان ئايرىم جايلار بار ئوخشايدۇ ،  مەن تولا ئۇچرايمەن بۇ مەسىلىگە ، شۇنى تەپسىلى تەكشۈرۈپ كاتەكلەرنى باشتىن ئاخىر ئوخشاش قىلىپ ئاندىن باشتىكى باسقۇچنى تاماملىسىڭىز بولىدۇ .

kosan يوللانغان ۋاقتى 2014-10-13 22:01:28

بىر قانچە جايدا ئىزاھ مەزمۇنى پاتمىغاچقا قۇر ئاتلىتىۋەتكەن ئىدىم. شۇ سەۋەبتىن بولمىغان ئوخشايدۇ. بىراق، بۇنداق قىلمىسام تېخى بولمىسا ، ئۇنداق قىلمىسام تېخى بولمىسا.......
بۇ ئېكس ئېل نېمىشقا بۇنداق شەرت قويۇۋالىدىغاندۇ دەيمە:funk:
بەت: [1]
: ئېكس ئېل ھۈججىتى توغرىسىدا جىددى ياردەم سواريمەن