jeSat يوللانغان ۋاقتى 2014-10-12 10:11:21

جەسەت: باشقا بىر ئادەمنىڭ خوتۇنىغا بېغىشلايمەن

باشقا بىر ئادەمنىڭ خوتۇنىغا بېغىشلايمەن!


مەن ئەمدى سېنى مەدھىيلىمەيمەن،
باشقىلارغا خوتۇن بولغاندىكى ھالىتىڭدە مەن يوق.
بەلكىم چوپ-چوڭلا بىر ئايال بۇلۇپ كەتكەنسەن،
بەلكىم ھەممىنى ئۇنتۇپ كەتكەنسەن ئۆزۈڭ كەبى.

يىراقلارغا كەتتىم جىمجىت كەچلىرى پىيادە يۈرۈپ،
سەنچۇ؟ باتۇرلۇق بىلەن توي قىلدىڭ كۆزلىرىڭنى ئوينۇتۇپ تۇرۇپ.
ئەمدى شېئىر يازمەيمەن، ئەمدى تىرىك ئادەملەردەك يۈرمەيمەن،
ئەمدى بۇ دۇنيادا مېنى ئاۋۇندۇرىدىغان ھېچنەرسە قالمىدى..


ئەمدى ھەسرەت يوق،
ئەمدى مەمەت ئۆمەر يوق!

باشقىلار-
خەلق ئۈچۈن شېئىر يازسا،
خەلق ئۈچۈن يىغلىسا،
خەلق ئۈچۈن ئۆلسە..!
مەمەت ئۆمەر خەتەر-
ئۇنىڭ ئۈچۈن بۇ دۇنياغا تۇغۇلۇپ،
ئۇنىڭ ئۈچۈن نەپەس ئېلىپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان گۆشلەرنى يەپ

ئۇنىڭ ئۈچۈن پاكىز كىينىپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن دۇئا قىلىپ،
ئۇنىڭ ئۈچۈن نۇرغۇلىغان كىتابلارنى ئوقۇپ،
ئۇنىڭ ئۈچۈن جىق پۇل تاپىمەن دەپ چاچلىرى چۈشۈپ.
ۋادارىخا...!.
ئەمدى مەمەت ئۆمەر يوق!!!!!

مەمەت ئۆمەر يىغلىمىدى،
ياكى قار ياغقان مۇزدەك سوغۇق بىر كەچلىكى ئۆلگۈدەك ھاراق ئچىمىدى.
پىژ-پىژ كۆيۈۋاتقان جانسىز يۈرىكىگە بىر دوزاخ ئوتنى قۇشۇپ قۇيۇپ،
ئادەمسىز بىر چەت يېزىدا يالغۇز ئولتۇردى.

ئۇ ئىنسان قېلىدىن چىققان سەت گەپلەر بىلەن ئادەملەرنى  ۋە دۇنيانى ھاقارەتلىمىدى.
ياكى غەزەپ ۋە نەپرەتتىن كۆزلىرى پولتىيىپ ئالدىدىكى تامغا ئۈسۈۋالمىدى.
قوينىدا ساقلاپ يۈرگەن پىچىقى بىلەن ئۇلارنى بوغۇزلىۋېتىمەن دېمىدى.
پىشقان، تەجرىبىلىك، ھاياتنىڭ قۇلى بولغان بىر توپ ئادەملەردەك،
يىراق بىر يېزدىكى قاپاق تېرەك تۈۋىدە جىمجىت ئولتۇردى.

شۇنداق..
ئۇنىڭ تويى بولدى.
مەن ئۆمرۈمدە قولىنىڭ ئۇچچىنىمۇ تۇتۇشقا مۇيەسسەر بولالمىغان ئاجايىپ بىر گۈزەل قىزنى،
بىرسى ئاستىنىغا چىڭ بېسىپ، بار كۈچى بىلەن سۆيدى ۋە  رەھىمسىزلىك بىلەن ئۇنىڭ بارلىق كىيىملىرىنى سالدۇرۇپ سەت ھىجايدى:
-        بۇ مېنىڭ خوتۇنۇم، مەن بۇنى قانداق قىلىسام ئۆزۈمنىڭ ئىشى!

شۇنداق قىلىپ ئۇ ئىپلاس ۋە رەزىل بىر تەننىڭ ئاستىدا،
قوداڭشىپ كەتكەن مادىدەك بارلىق تەشنالىقلىرى ئارام تېىپىپ،
تاران-تاراج قىلىندى.


ئەگەر مەمەت ئۆمەر مۇشۇنداق بولارىنى بىلگەن بولسا،
ئۇنى بوغۇزلىۋەتمەسمىدى.
ئۇنىڭ كىيىملىرىنى سالدۇرۇپ ئۇنىڭغا باسقۇنچىلىق قىلماسمىدى.
ئۇنى دەسسەپ، چەيلەپ..ئۇنىڭ ئۈستىگە چىقىپ،
ئۇنى...
ئۇندەك، قۇمدەك، تۈزدەك ئېزىۋەتمەسمىدى.

ئەگەر مەمەت ئۆمەر مۇشۇنداق بولارىنى بىلگەن بولسا-
ئۇنىڭ باشقىلارغا تەۋە بولىدىغان بارلىق مەۋجۇتلىقىنى خۇدادىدىن بىر سوراق ۋەيران ئەتمەسمىدى...
ئۇنى پارتلىتىپ، ئۇنى كۇكۇم-تالقان قىلىپ ئۇنى ئىككى دۇنيادىن يوق قىلىۋەتمەسمىدى.
ئۇ ئۇنىڭغا تەۋە بولمىغاچقىلا...!

شۇنى ھېس قىلىپ يەتتىم:

بىز ئۆمۈر بويى كۈيلىگەن، مەدھىيلىگەن، تەلپۈنگەن قىزلار،
دۇنيادىكى ئەڭ پەشكەش، ئىپلاس تەنلەرنىڭ ئاستىدا ياتىدىكەن.
بىز بىر ئۆمۈر بىر جالاپ ئۈچۈن ئالەمچە قايغۇ چېكىپ، ئالەمچە مۇھەببەت بىلەن ئۇنى مەدھىيلەيدىكەنمىز، بىز..بىز…




tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-10-12 17:16:59

پەيزى يېزىپسەن

biotech0990 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-12 17:43:32

00000 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-12 19:01:11

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   00000 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-12 19:04  

باشقىلار نىمە دىسەڭلار دەڭلار، مىنىڭچە ھەقىقەتەن پەيزى يىزىپتۇ...
پەقەت بىر مىسراسىنى قاتمىغاندا.

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-12 19:10:22

:lol:lol

apla يوللانغان ۋاقتى 2014-10-12 19:17:55

بىلمىدىم شېئىرمۇ ، نەسىرمۇ بۇ ، دەسلەپتە رەنجىمىدىم، ھاقارەتلىمىدىم دەپ ، ئاخىرقى مىسرادا تازا تىللاپتۇ خەقنىڭ خوتۇنىنى

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-10-12 19:35:07

ساپ نەسىللىك شېئىر ، قانداقتۇر ئىزىم ،ئېقىملار بىلەن چاڭلىشىپ، بەك تەستە تولغاق يەپ تەۋەللۇت بولغان شالغۇت ئىڭراشلارغا، ياكى ئۆزىنى ئۆزى شېئىر دەۋالىدىغان قوشاقلارغا ئوخشىمايدۇ.  يازە جەسەت، مانا مەن ئوقۇيمەن!

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2014-10-12 19:46:11

باشقا بىر ئادەمنى ئۆزىنىڭ مۈلكى دەپ قاراپ جاپا تارتىپ، ئازاپلىنىپ. ھازىر دىگەن ئۆزى ئۈچۈن ياشايدىغان زامان:lol بىچارە جەسەت، سەۋدايى بولۇپ قاپتۇ.{:87:}

BlackHand يوللانغان ۋاقتى 2014-10-12 20:35:49

يىڭىچە ئ‍ۇسلۇبتىكى شىئ‍ىرما بۇ؟ دەپ سورىغۇم كىلىۋاتىدۇ مەمەت ئ‍ۆمەردىن.:-X

uyghur7800 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-12 21:25:55

BUHARA يوللانغان ۋاقتى 2014-10-12 21:40:57

بۇ بىر گەپكەنغۇ
ئوتتۇرغا يېزىلغان
ئوتتۇرغا يېزىپ قويسىلا
شىئىر بۇلۇپ قالاركەن
گەپمۇ !
توۋا خۇدايىم
بەزىلەرنىڭ ئەقلىگە
باشقىلارغا ياتلىق بۇلۇپ
كىتىشنى بىلگەن بولسا
كىيىمنى سالدۇرۇپ
باسقۇنچۇلۇق قىلۋىتەمىش
بىرسىگە قىز چوڭ قىلىشىپ بەرگەندەك !
ئاچىسى يوقمىدۇ
سىڭلىسى يوقمىدۇ
ھىچ بولمىغاندا
توكتىن چىقمىغاندۇ ؟

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-12 21:42:57

شىئىردەكلا شىئىر بولاپتۇ ماۋۇ،

00000 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-12 21:52:45

بەزىلەنىڭ ئىنكاسىغا سەت كۈلىۋەتتىم.:lol

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-10-12 21:54:49

باشتىكى مىسرالاردا ھېسسىيات ۋە پەرياد ئاز ، رېتىم ۋە مىلودىيە ئاجىز..
كېيىنكى مىسرالاردا ئىنساندا بولىدىغان ئىپتىدائىي ھېسسىيات ، پەرياد شۇ قەدەر ساپ ،شۇ قەدەر كۈچلۈك ،ئەمما ھۆكۈملەنگەن پىكىر خام ۋە ھېسسىياتقا تەن بەرگەن...

baytekin يوللانغان ۋاقتى 2014-10-12 22:13:57

ماڭا يارىدى……

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-10-12 22:18:46

ئەرگە بېرىپ بېقىش تارىخى بارلارغا ياراپ كەتتىدە بۇ نەسىرىي قوشاق...:lol لېكىن ماڭىمۇ يارىدى.:P

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

turken يوللانغان ۋاقتى 2014-10-12 22:34:34

مەت ئەمەر ھەي مەت ئەمەر
سىنىڭ ئىتىڭغا مەمەت ئوشوق
ئۆمەر يىقىنمۇ كەلمەس
ئۆمەر ئوغلى سەن كەبى بولسا
ئاتاڭغا ئۇۋال ئەمەسمۇ
ئىسمىڭنى قويغىلى ئەزان تەكبىردىن كىيىن
مەمەت بولسۇن دىگەندە
تاھارىتىنىڭ يوقلىقىنى ئەسلەپ پۇشايمان قىلغاندا
سىنىڭ بۇ شىئىرنى يىزىشىڭنى سۆزلىرىڭدىن ئىزىشىڭنى  بىلمەيتتى شۇ كىشى ھەتتاكى بىلمەيتتى سىنىڭ باشقىلارنىڭ خوتۇنىنى كۈنلەپ شىئىر توقۇشۇڭنى ،ھەممە ئۆز خوتۇنىنى كۈنلىسە
ئويلاپ قالدىم شۇنداق بىر كۈنلەر كىلىپ ئاچاڭنى ئالسام ،ئۇ بولمىسا سىڭلىڭنى ئالسام ،ئالسام ھەتتاكى قىزىڭنى ،مەندىنمۇ كۈنلەرسەنمۇ شىئىر قوشاقلىرىڭ بىلەن

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2014-10-12 22:42:29

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sahabe تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-12 22:47  

ئىزدىنىش ئەھلى ئىچىدىكى بەزىلەرنىڭ يۇقارقى شىئىر نامىدىكى لۈكچەكلەرچە بىلجىرلاشلارغا ئىجابىي ئىنكاسلارنى بېرىپ كەتكىنىگە ھەيران قېلىۋاتىمەن. خۇددى «قول يەتمىگەن شاپتۇل ئاچچىق» دىگەندەك، جەسەت ئەپەندى «شىئىر»ىنىڭ ئاخىرىدا ياۋايى تەلۋىنىڭ خىيالىنى قىلىپ، باشقىلارنىڭ ئېرىشكەن خۇشاللىقىغا ۋەھشىي قارا قولىنى سۇنالماي قالغىنىغا ئۆكۈنۈپتۇ.
    بۇخارانىڭ مۇنۇ سۆزى بەك توغرا ئېيتىلىپتۇ:توۋا خۇدايىم
بەزىلەرنىڭ ئەقلىگە
باشقىلارغا ياتلىق بۇلۇپ
كىتىشنى بىلگەن بولسا
كىيىمنى سالدۇرۇپ
باسقۇنچۇلۇق قىلۋىتەمىش
بىرسىگە قىز چوڭ قىلىشىپ بەرگەندەك !
ئاچىسى يوقمىدۇ
سىڭلىسى يوقمىدۇ
ھىچ بولمىغاندا
توكتىن چىقمىغاندۇ ؟

ibm يوللانغان ۋاقتى 2014-10-12 22:51:50

ھەي.شېئىر توغرىسىدىكى ھۆكۈمنى بىلمەي تۇرۇپ بىلجىرلىماڭلا.قۇرئاندا ئېنىق دىيىلىپ بولغان ئىشلاردا خاتالاشساڭلا ھەقىقەتەن ئازغۇن بولىسىلە.ھېسسىياتقا قاراپ باھا بەرمىگۈلۈك.
بەت: [1] 2 3 4 5 6 7 8
: جەسەت: باشقا بىر ئادەمنىڭ خوتۇنىغا بېغىشلايمەن