بىلگەجان بىلەن ( bilgejan) قەشقەردە كۆرۈشتۇق
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yolyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-11 22:44ئىلاۋە؛ دوكتۇر تۇرسۇنجان نۇرمەمەت بىلگە ،ئۇيغۇر،1985-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ يەكەندە مەرىپەتپەرۋەر ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ تەربىيىسىنى يەكەندە ئۇيغۇر تىلىدا تاماملاپ 2001-يىلى 16 يېشىدا شىنجاڭ ئۇنىۋىرستىتى بىئولوگىيە فاكۇلتىتىغا ئوقۇشقا كىرگەن. 2006-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋىرستىتى ھايۋاناتشۇناسلىق كەسپى ماگىستىر ئاسپىرانىتلىقىغا ئېمتىھانسىز قوبۇل قىلىنغان. 2009-يىلى 6-ئايدا ماگىستىرلىقنى پۈتتۈرۈپ، شۇ يىلى 9-ئايدا ئامرىكا ۋايومىڭ ئۇنىۋىرستىتىنىڭ مولىكۇلا ۋە ھۆجەيرە بىئولوگىيسى كەسپىىگە تولۇق ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن دوكتۇر ئاسپىرانىتلىققا قوبۇل قىلىنغان. ئامرىكىدا دوكتۇرلۇقتا ئوقۇۋاتقان 4 يىل جەريانىدا ئۇ كۆپ قېتىم خەلىقئارالىق ئىلمىي يىغىنلاردا دوكلات سۆزلىگەن ۋە 10 پارچىدىن كۆپ يىغىن ئابىستراكتلىرى ۋە ئۆز ساھەسىدىكى نوپۇزلۇق ئامرىكا ئىلمىي ژورناللىرىدا 5 پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغان. بۇ يىل 5-ئايدا دوكتۇرلۇق دېسىسىرتاتسىيىسىنى غەلبىلىك ياقىلاپ ئامرىكا تەبئىي پەن دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ئۇ ھازىر تېكساس ساغلاملىق پەنلىرى ئۇنىۋىرسىتىتىنىڭ خىزمەت تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ شۇ مەكتەپتە دوكتۇر ئاشتى تەتقىقاتچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.
- مارشالنىڭ «ھاياتلىق ئىلمى پەنلىرى دوكتۇرى بىلگەجان بىلەن سۆھبەت» تىن
~~~~~~~~~~~~~
دوكتۇر ئىنىمىز تۇرسۇنجان نۇرمەمەت بىلگە بۇ قېتىم يۇرتىغا قايتىپ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن جەم بولغاندىن كېيىن 2014- يىلى ئوغۇزنىڭ 8 - كۈنى ( قۇربان ھېيتنىڭ 4- كۈنى) قايتىش يولىدا قەشقەردىكى مەن، ئالپ، ساھران، بىلگە، بىخلان (پروگراممېر) ، ئەكس سادا ( xsada) قاتارلىق توققۇزىمىز بىلەن قەشقەر‹‹چەۋەندازلار سارىيى›› نىڭ ئالدىدا قۇچاقلىشىپ دىدارلىشىپ بىز بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولدى، ئىنىمىز تۇرسۇنجان نۇرمەمەت بىلگە( bilgejan) نىڭ كىچىك پېئىل، ئوچۇق- يورۇقلۇقى بىزنى بىردەمدىلا كونا دوستلاردەك تۇيغۇغا كەلتۈردى، بىزمۇ قىزغىن كەيپىياتتا ئۆزىمىز قىزىقىدىغان سوئاللىرىمىزنى سورىدۇق، بىلگەجانمۇ خۇددى تور ماقالىلىرىدا تەپسىلىي بايان قىلغاندەك ئەستايىدىل جاۋاپ بەردى يەنە ئالىمىمىز شۆھرەت مۇتەللىپ ھەققىدە يېڭى ئۇچۇرلارنى يەتكۈزۈپ بىزنى خۇشھال قىلدى.
ئەسلىدە بىر سائەتچە مۆلچەرلەنگەن مۇلاقەتنىڭ ئىككى سائەتكە سوزۇلۇپ كەتكەنلىكىنى تۇيمايلا قاپتۇق، ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش ۋاقتى يېقىنلاپ قالغاچقا بىر- بىرىمىزگە قىيمىغان ھالدا كېلەر قېتىم تۈزۈكرەك مۇلاقەتتە بولۇش ئىستىكىدە بىر- بىرىمىزگە سالامەتلىك تىلىشىپ خوشلاشتۇق.
- ئىنتىل سەيناسىدىن ئالىم بىلەن ھەمسۆھبەت بولماق ھەممىگە نىسىپ بولىۋەرمەيدۇ.
بىر چاغلار ئالىم شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ كەلگەنلىكىنى ئاغا- ئىنىلەردىن ئاڭلاپ كۆرۈشەلمىگەنلىكىمگە ئۆكۈنگەن ئىدىم.
ئالىملىرىمىز ئۈچۈن ھەر چاغ قولىمىز كۆكسىمىزدە! ئىزدىنىشتىن ئالىپكاملا بار ئوخشىمامدۇ قىممەتلىك مىنۇتلار ھەممىمىزگە نەسىب بولسۇن! ئۇنتۇلغۇسز ئۇچرۇشۇش بولۇپتۇ. يەكەن، بۇرۇنقى مەدىنىيەت مەركىزى. تەتقىقاتلېرىنى تاماملاپ بولغان ئۇخشىمامدۇ يۇرتقا كەلگىلى ۋاقىت ئاجرىتالىغىنىدىن؟!... مەن بلگەجان تىلفۇن نۇمۇرىنى ئىزدەيمەن بىلگەجان بېرىپ بوپتىمۇ ؟ ماۋۇ تارىخى كىتاپلاردا دېيىلگەن ياركەنت مۇشۇ يەكەن شۇمۇ ياكى ئۇ ئورتا ئاسىيادىكى باشقا ياركەنتمۇ ئالىملار بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولۇشنىڭ ئۆزىمۇ بىر خىل تىل بىلەن تەسۋىرلىگىلى بولمايدىغان ھاياجانلىنىش ھىسياتى... بىلگىجان يەكەنلىك ئىكەندە.. مېنىڭچە بىلگەجان ئامىرىكىغا قايتىپ بولدىغۇ-دەيمەن.بەلكىم بۇ تېمىنى كۆرسە ئىنكاس يازار. ilter يوللىغان ۋاقتى 2014-10-12 00:45 static/image/common/back.gif
ئىزدىنىشتىن ئالىپكاملا بار ئوخشىمامدۇ
ئۇندا ئەمەسمىكى، تېمىدا ئالپ دەپتۇ. ئامېرىكىغا راسىتلا كېتىپ بوپتۇما ؟ ئەستا .......مەن تېخى بىلگىجاننى چاڭچۈنگە تەكلىپ قىلاي دەپتىكەنمەن بەك كۈرۈشكۈم بار ئىدى تاشپۇلات ئاكىمىزمۇ ، بىلگەجان ئاكىمىزمۇ كىتىپتۇ ، نىمىشقا ئۇلار كىلىشتىن ئاۋال ھايىت دەپ قويمايدۇ ، تىمىدا سانالغانلار مىسرانىم مۇنبىرىنىڭ ئەزالىرىمۇ ؟ تاشپۇلات ئاكىمىزمۇ ، بىلگەجان ئاكىمىزمۇ كىتىپتۇ ، نىمىشقا ئۇلار كىلىشتىن ئاۋال ھايىت دەپ قويمايدۇ ، تىمىدا سانالغانلار مىسرانىم مۇنبىرىنىڭ ئەزالىرىمۇ ؟ تۇنۇش بىلىشلەرگە دەيدۇ،ھەممىنى جار سېلىشى كېرەكمۇ؟ قۇتلۇق ئىش بۇپتۇ
بىلگەجان بىلەن ( bilgejan) قەشقەردە كۆرۈشتۇق
ilter يوللىغان ۋاقتى 2014-10-12 00:45 static/image/common/back.gifئىزدىنىشتىن ئالىپكاملا بار ئوخشىمامدۇ
ياق، « ئۇيغۇرچە قوشۇلغان، ئەلالاشتۇرۇلغان ghostxp » نى تۇنجى قېتىم ياساپ بىلىك كۇلۇبىدا تارقاتقان ئالپ ئەپەندىم.